ھېكمەتلىك ساندۇق
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىركىشى ياشىغانىكەن. ئۇنىڭ چۇتۇچى قاقۋاش بىر خوتۇنى بارىكەن. بۇ ئادەم بۇرۇندىن تارتىپ ئوتۇنچىلىق قىلىدىكەن. ئۇتۇنچىنىڭ دۇنيالىقتا ئىككى قىزى بولۇپ، بىرى خوتۇنىغا ئۆگەي ئىكەن. ئوتۇنچىنىڭ خوتۇنى ئۆز قىزىنى ئالقىنىدا پۈۋلەپ - پەپىلەپ باقىدىكە، ئەمما ئۆگەي قىزىنى كۈندە نەچچە ۋاخ تىللاپ ، ئۇرۇپ، چاچلىرنى يۇلۇپ ئازار بېرىدىكەن. ئۆزى ئىشمۇ قىلماي ھەركۈنى بىكار يېتىپ ئۇخلايدىكەن، ئۆز قىزى بىلەن بېشىنى بىر يەرگە قىلىۋېلىپ، خەقلەرنىڭ غەيۋەت - شىكايىتىنى قىلىپ ئولتۇرىشىدىكەن. ئۆگەي قىزى ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق، ئەمگەكچان قىز بولۇپ، ئۆينىڭ پۈتۈن ئېغىر - يىنىك ئىشلىرىنى دائىم ئاشۇ قىز قىلىدىكەن. ئۆگەي ئانىسى ناننىڭ بەرمىسىمۇپەقەت گەپ قىلمايدىكەن. بۇ قىز ئەنە شۇنداق ياۋاش، ساددا ئىكەن. شۇنداق بولىسىمۇ ئۆگەي ئانا ھەركۈنى ئېرى كەچتە ئوتۇن سېتىپ، ھېرىپ - ئېچىپ ئۆيگە كەلسە، بىكاردىن - بىكار:
_ قىزىڭ ماڭا يوغانلىق قىلدى، مېنىڭ قېزىمنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بەرمىدى، مەن بىلەن تاكاللاشتى. يا بۇ ئۆيدە قىزىڭ بىلەن قال، مەن كېتىمەن. يا بولمىسا، بىر يەرگە يوقات، ئاندىن مەن تۇرىمەن. . . . . بولمىسا گېپىڭنى ئېيت! - دەپ ياقىسىغا ئېسىلىدىكەن. ئاخىر ئېرى بۇ جىدەل - غەۋغادىن تويۇپ، خوتۇنىدىن سوراپتۇ:
_ ئەمىسە سېنىڭچە بۇ قىزنى قانداق قىلىش كېرەك؟
_ قانداق قىلاتتىڭ، قىزىڭنى جاڭگالغا ئېلىپ بېرىپ تاشلىۋېتىپ كېلىسەن، - دەپتۇ خوتۇنى. بىچارە ئوتۇنچى«خەيىر، بوپتۇ، ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىدا بار دەپتىكەن، قىزىم جاڭگالدا ياۋا ئالما تېرىپ كۈنىنى ئۆتكۈزەر» دەپتۇ ئىچىدە. شۇنىڭ بىلەن قىزىنى يىتىلەپ جاڭگالغا قاراپ مېڭىپتۇ. قويۇق جاڭگاللىقنىڭ ئارىسغا يېتىپمۇ كەپتۇ. بۇ يەردە ياۋا ئالما دەرەخلىرى ئىنايىن كۆپ ئىكەن.
_ جېنىم قىزىم، سەن مۇشۇ يەردە ئالما تېرىپ تۇرغىن، مەن ئاۋۇ يەردىن ئوتۇن كېسىپ كېلەي، - دەپ قىزىنى ئورمانلىققا قويۇپ ئۆزى كۈنچىقىش تەرەپكە قاراپ كېتىپتۇ. قىز بۇ يەردە نۇرغۇن ياۋا ئالما، ئۆرۈكلەرنى تېرىپتۇ. يەنە بىكار ئولتۇرۇشنى خالىماي - ئىككى - ئۈچ يەرگە ئوتۇن، چاۋار دۆۋىلەپتۇ، لېكىن دادىسى كەلمەپتۇ. كۈن ئولتۇراي دەپ قاپتۇ قىز قۇلاق سالسا ئۇيان - بۇياندىن يىغىلىپ كېچىلىرى مۇشۇ ئورماندا تۈنەيدىغان جان - جانىۋار : بۇلبۇل،كاككۇك، شاتۇتى، قارا قۇشقاچ، تۇرۇلغا. . . ئوخشاش ئۇچار قۇشلارنىڭ كەچكى بەزمىسى باشلىنىپتۇ. قىز بۇ تاماشىغا قىزىقىپ ئۆز جايىدا ئولتۇرۇۋېرىپتۇ. ئاڭغۇچە كۈنمۇ كەچ بوپتۇ. دادىسى يەنىلا كۆرۈنمەپتۇ. بىردەمدىن كېيىن بۆرە، يولۋاسقا ئوخشاش يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۆركىرەشلىرى ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ. قىزنى قورقۇنچ بېسىشقا باشلاپتۇ. بىراق يولنى بىلمىگەچكە، ئۇقاياققا قاراپ مېڭىشنى بىلەلمەپتۇ. تۆت ئەتىراپىغا قارىسا، يىراقتىن غىل - پىل قىلىپ بىر چىراغ يۇرۇقى كۆرۈنۈپتۇ. قىز يورۇق كۆرۈنگەن تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ، بارسا، ئالدىدا بىر كونا ئۆي تۇرغۇدەك. قىز ئۆيىگە كىرىپ قارىسا، ئوچاق ئالدىدا بىر موماي داڭقانغا ئوت قالاپ ئولتۇرغانىكەن. قىز ؛
_ ئەسسالام موما،- دەپتۇ. موماي:
_ كەل قىزىم، - دەپ ئوچۇق چېراي قارشى ئاپتۇ ھەم قانداق قىلىپ بۇ يەرلەرگە كېلىپ قالغانلىقىنى سوراپتۇ. قىز بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. موماي؛
_ بوپتۇ قىزىم، خاپا بولما. مەنمۇ يالغۇز، سەن ماڭا بالا بول، - دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، قىز موماينىڭ يېنىدا قاپتۇ.
قىز ھەركۈنى ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ ئۆيلەرنى سۈپۈرىدىكەن،سۇ ئەكىرىدىكەن. چاي قاينىتىدىكەن. ئارىلاپ موماينىڭ چاچلىرىنى تاراپ قويىدىكەن.
كۈنلەردىن بىركۈنى موماي بۇ قىزنى ئۆگزىدىن ئوتۇن ئېلىپ چۈشۈشكە بۇيرۇپتۇ. قىز ئۆگىزىگە چىقىپ ئەتراپنى كۆرۈپ كۆڭلى خېلى ئېچىلىپ قاپتۇ. كۈنچىقىش تەرەپكە قاراپتىكەن، ئۆز ئۆيى كۆرۈنۈپتۇ. قىز ئۆيىنى كۆرۈپ دادىسىنى ئەسلەپتۇ - دە، كۆزلىرىگە ياش كەپتۇ. قىز ئوتۇننى ئېلىپ قايتىپ چۈشكەندە، موماي قىزنىڭ كۆزىدە ياش يۇقىنى كۆرۈپ:
_ نېمە بولدۇڭ قىزىم، يىغلىغان ئوخشىمامسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. قىز :
_ ئۆيۈمنى كۆرۈپ ، دادامنى سېغىنىپ يىغلىدىم، - دەپتۇ.
_ ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ موماي، - ئۆگىزىدە بىر قىزىل ساندۇق بار،شۇنى ئېلىپ چۈش.
قىز ساندۇقنى ئېلىپ چۈشۈپتۇ.
_ مانا مۇنۇ ئاچقۇچىنى مەھكەم تۇت. ساندۇقنى يولدا ھەرگىز ئاچما. ئۆيۈڭگە بارغاندا ئاچ! - دەپتۇ ۋە قىزنى ئوبدان ياساپ - جابدۇپ، بىر ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆيىگە ئوزىتىپ قويۇپتۇ. قىزمۇ خوش بولۇپ ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. دادىسى قىزىنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولۇپ، ئاتىلىق باغرىغا بېسىپ، ئۆيىگە باشلاپ كىرىپتۇ، لېكىن خوتۇنى يەنە ئاۋۋالىقىدەكلا «چىك - چىك» كېسىلىگە قاپتۇ. بۇ چاغدا قىز ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېلىقى قىزىل ساندۇقنى ئاچقانىكەن، ساندۇق ئىچىدىن چىنە - چىنىدە ھەسەل، مۇراببا، سۈت - قايماق، شىرنە - شەربەت . . . داستىخان - داسىتىخاندا كاكچا، تومنان، گىردە - شىرمان؛ لىگەن - لىگەندە بەتتە - پولۇ، مانتا - يۇتازا، ساڭزا - سامبۇسا چىقىپتۇ. ئارقىدىن توپ - توپى بىلەن شايى - ئەتلەس، تاۋار - دۇردۇن، دۇخاۋا - مەخمەل، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوشلاپ زىلچە - گېلەم، تەڭلىمات، نوقۇت چۇچىلىق كېگىزلەر؛ ئاخىرىدا چەينەك - چۆگۈن، چىنە - چۆچەك، تارغاق - سۈزگە، تاش ئەينەك قاتارلىق ئېسىل ماللار چىقىپ ئۆينى تولدۇرىۋېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئۆگەي ئانا ئولتۇرالماي قاپتۇ. ئاخرىدا ئېرىگە ئۆز قىزىنىمۇ جاڭگالغا ئاپىرىپ تېنىتىپ قويۇپ كېلىشنى ئېيتىپتۇ.
ئەتىسى دادىسى بۇ قىزىنى يېتىلەپ خۇددى شۇ ئورمانغا ئاپىرىپ تېنىتىپ قويۇپ ئۆزى قايتىپ كەپتۇ.
موماي بۇ قىزنىمۇ ئوچۇق چىراي قارشى ئاپتۇ. ئەمما بۇ قىز مومايغا سالاممۇ قىلماپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ موماي ئۇ قىزنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ قاپتۇ. ئەمما بۇ قىز دائىم بۇتناپ، يىغلاپلا ئولتۇرىدىكەن. موماينىڭ ئۆيىنىمۇ سۈپۈرمەيدىكەن، ئېشىنىمۇ ئېتىپ بەرمەيدىكەن، چېچىنىمۇ تاراپ قويمايدىكەن. موماي ئىشقا بۇيرۇسا:
_ مەن خەقنىڭ دېدىكى ئەمەس، ئۆزلىرى ئېلىپ چۈشسىلە، - دەپ ئولتۇرىۋالىدىكەن.
بىر كۈنى موماي قىزنى ئۆگزىدىن ئوتۇن ئېلىپ چۈشۈشكە بۇيرۇپتۇ. قىز مىڭ تەسلىكتە غودۇڭشىپ يۈرۈپ ئۆگزىگە چىقىپتۇ. ئۇمۇ تۆت ئەتراپقا قاراپ ئۆزىنىڭ ئۆيىنى كۆرۈپتۇ - دە، ئوتۇنمۇ ئالماي قايتىپ چۈشۈپ:
_ ئۆيۈمنى سېغىندىم، كېتىمەن، - دەپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. موماي:
_ ئۇنداق بولسا، ئۆگزىدە بىر ئاق ساندۇق بار، شۇنى ئېلىپ چۈش، - دەپتۇ. قىز ئېلىپ چۈشۈپتۇ. موماي ئۇنىڭغىمۇ ئاچقۇچنى تۇتقۇزۇپ، ئۆيدە ئېچىشنى تاپىلاپ. ساندۇقنى ئۆزىگە كۆتۈرتىپ يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. قىز ئۆيىگە ناھايىتى خوش بولۇپ قايتىپ كەپتۇ. قىزنىڭ يوغان بىر ئاق ساندۇقنى كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئانىسىنىڭ خۇشاللىقى ئىچىگە پاتماي قاپتۇ. ئاندىن قىزىغا مۇنداق دەپتۇ:
_ ۋاي قىزىم، چىڭ تۇت، بۇ ساندۇقنى داداڭ، ئۆگەي ئاچاڭ باريەردە ئاچمايلى، نېمىكى دۇنيا چىقسا ئۆزىمىزنىڭ بولسۇن، ئۇلارغا كۆرسەتمەيلى، ھېچنېمە بەرمەيلى، - دەپ يەتتە قات قازناققا يۇشۇرۇپ قويۇپتۇ. ئاخشىمى ھەممەيلەن ئۇخلىشىپ قاپتۇ. تازا يېرىم كېچە بولغاندا ئانابىلەن قىز ئاستا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ قازناققا كېرىشىپ، ھېلىقى ساندۇقنى شۇنداق ئاچقانىكەن، يەتتە باشلىق بىر ئەجدىھا چاچراپ چىقىپ، قىز بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىنى بىرلا دەم تارتىپ يۇتۇۋېتىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئوتۇنچى قىزى بىلەن بەخت - دۆلەتلىك بولۇپ، قىزىنى ئۆزىگە ئوخشاش ساددا بىر ئىشلەمچى يىگىتكە توي قىلىپ بېرىپ، خاتىرجەم ۋە خۇشال - خۇرام كۈن كەچۈرۈشكەنىكەن.