ۋاپادار قۇش
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن ئۆتكەن بىر پادىشاھنىڭ تولىمۇ ئەتىۋارلاپ باققان بىر ۋاپادار قۇشى بار ئىكەن. شاھنىڭ دوستلىرى كەلسە وستۇڭ كەلدى» دەپ سايراپ، ئوڭ قانىتىنى قاقىدىكەن؛ دۈشمىنى كەلسە «دۈشمىنىڭ كەلدى» دەپ سول قانىتىنى قاقىدىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ ئوڭ قولىدا قۇشلايدىكەن. پادىشاھمۇ ئۇنى يەرگە چۈشۈرمەي كۆتۈرۈپ يۈرىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ شۇ ۋاپادار قۇشىنى ئېلىپ ئوۋغا چىقىپتۇ. بىر نەچچە كۈن ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپ، ئاخىرى بىر پايانسىز چۆلنىڭ ئىچىگە كىرىپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ سۇلىرى تۈگەپ تەشنالىقتىن ئۆلەر ھالەتكە يېتىپتۇ. پادىشاھ ۋەزىر - ۋۇزۇرالىرىغا: «بولمىدى، ئەتراپلارغا قاراڭلار، سۇ تېپىڭلار» دەپ ئەمىر قىپتۇ. ۋەزىر ھەم نۆۋكەرلەر ئەتراپتىن سۇ ئىزلەشكە كىرىشىپتۇ. خېلى يەرلەرگىچە سۇ ئىزلەپ بېرىشىپتۇ، تاپالماپتۇ. ئىككى نۆۋكەر ئېگىز تاغنىڭ چوققىسىدىن بىر خىل سۈزۈك سۇنىڭ تامچىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ. «ۋاي سۇ تاپتۇق» دەپ خۇشال بولۇپ، بۆكىنى ئاسمانغا ئېتىشىپتۇ. ئۆزلىرىنىڭ بۇ خۇشاللىقىنى پادىشاھقا يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ: «ئاشۇ سۇدىن باشقىڭلار ئىچمەي تۇرۇپ، ئالدى بىلەن ماڭا بىر قاچا ئەكېلىپ بېرىڭلار» دەپتۇ. ۋەزىرلەر «خوپ» دېيىشىپ، تامچىپ تۇرغان سۇغا قاچا تۇتۇپ تولدۇرۇپ، بىر قاچا سۇنى ئەكەپتۇ. پادىشاھ قاچىنى قولىغا ئېلىپ، سۇنى ئىچەي دېيىشىگە، ھېلىقى قۇش سول قانىتىنى قېقىپ، قاچىنى ئۆرۈۋېتىپتۇ. سۇ تۆكۈلۈپ كېتىپتۇ. پادىشاھ قولىدىكى قۇشقا ھومىيىپ قويۇپ، ۋەزىرلەرگە يەنە بىر قاچا ئەكېلىشنى تاپشۇرۇپتۇ. ۋەزىرلەر يەنە مىڭ تەستە تولدۇرۇپ بىر قاچا سۇ ئەكېلىپ بېرىپتۇ. پادىشاھ قاچىنى ئاغزىغا ئېلىپ بېرىشىغا قۇش سول قانىتى بىلەن بىرنى قويۇپ سۇنى تۆكۈۋېتىپتۇ. پادىشاھنىڭ ئاچچىقى كەپتۇ. لېكىن يەنە «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر» دېگەن ماقالىنى ئەسلەپتۇ - دە، ئۆزىنى تۇتۇۋاپتۇ. ۋەزىرلەرنى ئۈچىنچى قېتىم سۇغا بۇيرۇپتۇ. ۋەزىرلەر سۇنى ئەكىلىپ بېرىپتۇ. بۇ قېتىممۇ قۇش يەنە قانىتى بىلەن ئۇرۇپ سۇنى تۆكۈۋېتىپتۇ. پادىشاھنىڭ قولىدىكى قاچىسى ئىگەرنىڭ بېشىغا تاراڭڭىدە تېگىپ، چۇل - چۇل بولۇپ كېتىپتۇ، پادىشاھ ئەمدى ئاچچىقىنى زادىلا باسالماي قۇشنى ئىگەرنىڭ بېشىغا بىر ئۇرغان ئىكەن، قۇش تىن تارتالمايلا ئۆلۈپ قاپتۇ. «ئاچچىق ئالدىدا يۈرىدۇ، ئەقىل كەينىدە» دېگەندەك، پادىشاھ قۇشنى ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن سەل ئويلىنىپ قاپتۇ ۋە ۋەزىر، نۆۋكەرلەرگە قاراپ:
_ قۇشنىڭ سۇنى تۆكۈۋېتىشىدە بىر سەۋەب باردەك قىلىدۇ. سىلەر بېرىپ مۇشۇ سۇنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ كېلىڭلار، _ دەپتۇ.
_ خوپ! _ دەپتۇ پادىشاھنىڭ ۋەزىرلىرى. نۆۋكەرلەر تىك تاققا يامىشىپ چىقىپ ئاخىرى سۇ چىقىۋاتقان مەنبەگە يېتىپتۇ. مەنبەنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىپتۇ. قارىسا تاش ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە بىر ئەجدىھا يېتىپتۇ، ئەجدىھانىڭ ئاغزىدىن شۆلگىيى تامچىلاپ ئېقىپ تۇرۇپتۇ. چۈشۈۋاتقىنى سۇ ئەمەس، بەلكى ئوغا ئىكەن. ئۇلار دەرھال تاغدىن يېنىپ چۈشۈپ، ئەھۋالنى پادىشاھقا ئېيتىپتۇ:
_ ۋاي پادىشاھ ئالەم، تاغدىن تامچىپ چۈشكىنى سۇ ئەمەسكەن، ئەجدىھانىڭ جاۋغىيىدىن تامغان زەھەر ئىكەن، _ دېيىشىپتۇ.
پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىپتۇ. ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ يېتىپتۇ _ دە:
_ قۇش ماڭا كۆيۈنۈپ ياخشىلىق قىپتىكەن، مەن ئۇنىڭغا يامانلىق قىپتىمەن. ۋاي ئىست، ۋاپادار قۇشۇم، _ دەپ قۇشنىڭ ئۆلۈكىنى قولىغا ئېلىپ، ھۆكۈرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ھەسرىتى زېمىننى بېسىپتۇ. پادىشاھ ئۆمۈر بويى پۇشايمان يەپ ئۆتۈپتۇ.
«ۋاپاغا جاپا» دېگەن سۆز ئەنە شۇندىن قالغان ئىكەن.