UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقھۈنەرۋەن بالا

ھۈنەرۋەن بالا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھنىڭ ئەقلى - ھوشى جايىدا، تەقى - تۇرقى كېلىشكەن ھۆسنىدار بىر قىزى بار ئىكەن. پادىشاھ ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. ۋاقىت ئۆتۈپ، بۇ قىز بويىغا يېتىپتۇ. بىراق، پادىشاھ بىخىرامان يۈرۈۋېرىپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ ھەمسۆھبەتلىرى پادىشاھقا قىزىنىڭ بالاغەتكە يېتىپ قالغانلىقىدىن بىشارەت بېرىپتۇ. پادىشاھ ئۇقۇپ، قىزىغا تەختى راۋان ياسىتىپ، قىزىنى ئۇنىڭغا ئولتۇرغۇزۇپتۇ، ئاندىن يۇرت ئەھلىگە: «كىم قىزىمنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرەلىسە، قىزىم شۇنىڭ ئەمرىدە بولىدۇ» دەپ جاكارلاپتۇ. پادىشاھنىڭ جاكاسى شۇ كۈنىلا يۇرتقا تاراپ كېتىپتۇ. ھەر كۈنى نۇرغۇن ئادەم راۋاق ئالدىغا كېلىپ، قىزنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدىكەن. لېكىن مەن - مەن دېگەن گەپتان يىگىتلەرمۇ قىزنىڭ سوئالىغا توغرا جاۋاب بېرەلمەپتۇ. ھەممىسى خۇش كېلىپ، بوش قايتىپتۇ. پادىشاھنىڭ جاكاسى بارغانسېرى كۆپ يۇرتلارغا تارقاپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر تۇل خوتۇننىڭ ھۈنەرۋەن ئوغلىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا «يۈگۈرگەن قالار، بويرۇغان ئالار» دەپتىكەن، مەنمۇ بېرىپ جاۋاب بېرىپ باقاي، دەپتۇ - دە، ئانىسىدىن ئىجازەت ئېلىپ، قوينىغا بىر نەچچە زاغرىنى سېلىپ، يولغا چىقىپتۇ. ئانىسى بالىسىغا ئاق يول تىلەپ قاپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا تاغ ئېشىپ، جاپا چېكىپ، دەريا كېچىپ، ھېرىپ - ئېچىپ، ئاخىرى پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا يېتىپ بېرىپتۇ. ئوردا ئالدىدا تۇرغان نوۋكەرلەر بالىنىڭ تۇرقىغا قاراپ: - ھە، نېمە ئەرزىڭ بار؟ - دەپتۇ. - پادىشاھ قىزنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگىلى كەلدىم، - دەپتۇ ھۈنەرۋەن بالا. نوۋكەرلەر ئەھۋالنى پادىشاھقا يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ بالىنى ئېلىپ كىرىشنى بۇيرۇپتۇ. كىبىرى ئۈستۈن پادىشاھ شۇمشەرەپ تۇغان بالىنى كۆرۈپلا، جۇدۇنى ئۆرلەپ، سېنىڭ كەشىڭنى ئۆزەملا توغرىلاي، دېگەن ئويغا كېلىپ: - دەريانىڭ ئۇ قېتىغا تېرىق تېرىپ، بۇ قېتىدا تۇرۇپ ئورۇۋالدىم؟ - دەپتۇ. - دەريا ئەمەس، ئېرىق ئىكەن، - دەپتۇ بالا. - قاتتىق تاشنى دەسسىۋىدىم، تېيىلىپ كەتتىم؟ - قاتتىق ئەمەس سىلىق ئىكەن، - دەپتۇ بالا. پادىشاھ ئارقا - ئارقىدىن سوئال تاشلاپتۇ. بالا ھەق جاۋاب بېرىپتۇ. پادىشاھ بالىنىڭ زىرەكلىكىنى بايقاپ، نائىلاج قىزىنى تەختى - راۋاققا چىقىرىپ، بالىنى كۆرۈشتۈرۈپتۇ. بالىنى قىز كۆرۈپلا نېزىقاپ، بۇ نېمىدى، نى - نى يىگىتلەرنىڭ ئېغىزىنى ئاچۇرمىغانمەن، دەپ ئويلاپ كىنىزەكلىرىگە: - بۇنىڭغا تويغىچە قېتىق ئىچكۈزۈپ، ئۆيدىن - ئۆيگە قوغلاڭلار، - دەپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا: - قېتىقىڭنى ئىچەرمەن، مۇرادىمغا يېتەرمەن، - دەپتۇ. قىز: - ھەي كىنىزەكلەر، كىنىزەكلەر، بۇنى سىلەر كۆرۈڭلار! سانا بېرىپ بىر چىمدىم، قىردىن - قىرغا سۈرۈڭلار، - دەپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا: - سانا بەرسەڭ ئىچەرمەن، قىمىرلىشىپ يۈرەرمەن، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان قىزنىڭ تېنى جۇغغىدە قىلىپ قاپتۇ، ئۇ ئەتراپىغا تەكشى بىر قاراپ يەنە سوئال سوراپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا بارلىق سوئاللارغا توغرا جاۋاب بېرىپ، قىزنىڭ ئاغزىنى ئاچۇرمايلا قويۇپتۇ. قىز يېڭىلىپ قالغانلىقىنى ئاتىسىغا مەلۇم قىپتۇ. ئەمما پادىشاھ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماپتۇ. ھۈنەرۋەن بالىنى قىزىنىڭ خىلى كۆرمەي، يوق يەردىن تۈك ئۈندۈرۈپ: - ئۆزەڭنىڭ ئۆيىدىن مېنىڭ ئۆيۈمگىچە بولغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىنى بوستانلىققا ئايلاندۇرىسەن، - دەپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا قوينىدىكى يېرىم زاغرىنى يەپ، ئوردىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. ھۈنەرۋەن بالىنىڭ بېشى تازا قېتىپتۇ. ئۇ پادىشاھنىڭ سېلىقىنى قانداق بىجا كەلتۈرۈش ئۈستىدە ئويلاپ كېلىۋاتسا، ئاپپاق ساقال بىر سالاپەتلىك ئادەم يولۇقۇپتۇ. ئۇ، بۇ ئادەمگە سالام بېرىپ ھال سوراپتۇ. بوۋاي ھۈنەرۋەن بالىنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقىدىن خۇش بولغانلىقىدىنمۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ: - ھە بالام، نېمانچە غەم - غۇسسىگە چۆمۈپ كەتتىڭ؟ - دەپتۇ. بالا بوۋاينىڭ مېھرىبانلىقىدىن تەسىرلىنىپ، بېشىدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بوۋاي بالىغا قاراپ: - بېشىڭنى قاتۇرما، بۇنىڭ ئىشى بەك ئاسان، قۇم دۆڭىگە بارىسەن، يان تەرىپىدىن ئىككى يانچۇقىڭنى تولدۇرۇپ قۇم ئالىسەن، ئاشۇ قۇمنى ئۆز ئىشىكىڭدىن تارتىپ پادىشاھنىڭ ئىشىكىگە بارغىچە يولنىڭ ئىككى چېتىگە تەكشى چېچىپ بارىسەن، ئاندىن تېز بۇرۇلۇپ ئارقاڭغا قارىساڭ، پادىشاھ دېگەن بوستانلىق پەيدا بولىدۇ، - دەپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا بۇنىڭغا ئىشىنىپمۇ كەتمەپتۇ. ئىشەنمەيمۇ تۇرماپتۇ: «سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ» دەپتىكەن، قېنى بۇنىمۇ قىلىپ كۆرەي دەپ ئويلاپ، ھېلىقى بوۋاي دېگەندەك قىپتۇ. بوۋاي ئېيتقاندەك چېچىلغان قۇملار چىچەكلەپ، ئاجايىپ دەرەخلەر بوي تارتىپ، پادىشاھ دېگەندىنمۇ گۈزەل بوستانلىق ھاسىل بوپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا بۇنىڭدىن خوشال بولۇپ، ئوردىغا كىرىپ، پادىشاھقا خەۋەر قىپتۇ: - پادىشاھىم، دېگەنلىرىنى بىجا كەلتۈردۈم، چىقىپ كۆرۈپ باقسىلا، - دەپتۇ. پادىشاھ ھۈنەرۋەن بالىنىڭ گېپىگە ئىشەنمەي تالاغا چىقىپتۇ. قارىسا، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۆزى دېگەندىنمۇ گۈزەل بوستانلىق پەيدا بولغان، بىراق، پادىشاھ بوستانلىقىنى كۆرمەسلىككە سېلىپ، يەنە لەۋزىدىن يېنىۋاپتۇ، بالىغا: - سەن ئادىمىزات بىلمەيدىغان بىر ھۈنەر ئۆگىنىپ كەل، ئاندىن قىزىم سېنىڭ ئەمرىڭدە بولىدۇ، -دەپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا خاپىلىقىنى باسالماي: - «بەرمەس قىزنىڭ سېلىقى ئېغىر» دېگەن شۇ ئىكەندە، دەپ ئوردىدىن چىقىپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا نېمە قىلارىنى بىلمەي يولدا كېتىۋاتسا، ھېلىقى بوۋاي يەنە يولۇقۇپتۇ. بوۋاي بالىدىن ئەھۋال سوراپتۇ. بالا بۇلغان ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بوۋاي بالىغا ئەقىل كۆرسىتىپ: - يىراق يۇرتتا بىر ئاشپەز بار، ئۇنىڭمۇ بىر قىزى بار، ئۆزىنىڭ 40 ، قىزىنىڭ 41 ھۈنىرى بار، بۇنى پادىشاھ بىلمەيدۇ، سەن شۇلارنى تېپىپ ئۆگەن، ساڭا ئەڭ لازىمى قىزنىڭ 41 - ھۈنىرى، - دەپتۇ. بالا بۇ گەپكە ئىشەنچ باغلاپ، ئاشپەزنىڭ يۇرتىغا قاراپ يول ئاپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا تاغ - دەريالار، بىپايان چول - جەزىرىلەردىن ئۆتۈپ، قانچىلغان خېيىم - خەتەرلەرنى يېڭىپ، ئاخىرى ئاشپەزنىڭ يۇرتىغا يېتىپ كەپتۇ. بالا ئۇ كوچىغا، بۇ كوچىغا كىرىپ، ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن سوراپ يۈرۈپ ئاشپەزنىڭ ئۆيىنى تېپىتۇ. بالا ئاشپەز بىلەن بىر كېچە مۇڭدىشىپ، بالا دېگەن ھۈنەرنى ئاشپەز ئۆگىتىدىغان، بالا ئاشپەزنىڭ سۈيىنى توشۇپ، ئوتۇنىنى يېرىپ، ئوتىنى قالاپ بېرىدىغان بولۇپ كېلىشىپتۇ. ھەپتە ئۆتۈپتۇ،ئايمۇ ئۆتۈپتۇ، ھۈنەرۋەن بالا ھە دەپ ئىشلەۋېرىپتۇ. ئەمما ئاشپەز ھۈنەرنىڭ بۇرجىگىنىمۇ كۆرسەتمەپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا قاتتىق ئىشلەپ كۈندىن - كۈنگە ھالسىراپ كېتىپتۇ. بالىنىڭ ئاشپەزدىن ئاڭلىمىغان تىلى، يىمىگەن تايىقى قالماپتۇ. دادىسىنىڭ زالىملىقىنى كۆرگەن قىزنىڭ ھۈنەرۋەن بالىغا ئىچى ئاغرىپ، بىر كۈنى دادىسىنىڭ يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ ئوتۇن يېرىۋاتقان بالىنىڭ يېنىغا كېلىپ: - سەن ئادىمى - ئىنسان چەكمىگەن جاپانى چەكتىڭ، سەن بۇ يەردىن كەت، - دەپتۇ -دە، ئوڭ قولى بىلەن ھۈنەرۋەن بالىنىڭ ئوڭ مەڭزىنى سىلاپ قويۇپتۇ. ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ. قىزنىڭ بالىنىڭ مەڭزىنى سىلىشى ھەممە ھۈنىرىنى بالىغا تەقدىم قىلغانلىقىدىن بىشارەت ئىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن بالا ئۆزىنى ئاجايىپ يېنىك سېزىپتۇ - دە، قېچىپتۇ. ھۈنەرۋەن بالىنىڭ قاچقانلىقىدىن خەۋەردار بولغان ئاشپەز بالىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. ئاشپەز ئىز بېسىپ كەلگەندە، بالا بىر دومىلاپ، قۇرغۇي بولۇپ ئۇچۇپتۇ، ئاشپەز قارچۇغا بولۇپ قوغلاپتۇ، يېتىپ كەلگەندە پەم بىلەن بىر موللاق ئېتىپ غايىپ بولۇپ، قارچۇغىنى ئاداشتۇرۇۋېتىپتۇ. ئاندىن كۆڭلى ئەمىن تېپىپ، ئۆز ئۆيىگە ساق - سالامەت كەپتۇ. ئانىسى ئىشقى ئوتىدا قۇرۇق ئۇستىخان بولۇپ قالغان بالىسىنى باغرىغا بېسىپ يىغلاپتۇ. لېكىن، بالا ئانىسىغا: - ئانا ياش تۆكمەڭ، بىزنىڭمۇ كۆكىمىز كۆرپە بولۇپ، ئۇچىمىز ئۇزىرايدىغان كۈنلەر كېلىدۇ، - دەپ تەسەللى بېرىپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ھۈنەرۋەن بالا ئۈستىدە تۇخۇم توختىغىدەك ئاتا بوپتۇ. ئانىسى يېتەكلەپ بازارغا ئاپىرىپ سېتىپتۇ ۋە ئاتنىڭ توختىسىنى ئېلىپ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئانىسى ئۆيىگە كېلىپ قارىسا، بالىسى ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆيىگە كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئانا خېلىلا پۇللۇق بولۇپ قاپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا ئانىسىڭ خۇشاللىقىدىن خۇرسىنىپ: - ئانا، ئەتا مەن بىر تۆگە بولاي، ئاپىرىپ سېتىڭ، ھەرگىز نوختىنى بېرىپ قويماڭ، - دەپتۇ. ئۇ ئەتىسى دېگەندەك بىر سېمىز تۆگە بوپتۇ؛ ئانىسى ساتقىلى بازارغا ئېلىپ چىقىپتۇ. ئانا بازاردا تۆگىنى تۇتۇپ تۇرغاندا، ھېلىقى ياۋۇز ئاشپەز كۆرۈپ تونۇپ قاپتۇ. بۇنى ئانا بىلمەيدىكەن. ئاشپەزنىڭ قەستى تۆگىدىن كۆرە نوختىغا چۈشۈپتۇ. ئۇ، توگىنى نوختىسى بىلەن قوشۇپ سۆزلىشىپ، ئانىنىڭ دېگەن پۇلىنى بېرىپ سېتىۋاپتۇ. ئانا تۈنۈگۈنكىدىن كۆپ پۇل تېپىپ ئۆيىگە كەلسە، ئوغلى كەلمەپتۇ. ئانا سىقىمدىكى پۇلىنى چېچىۋېتىپ، تۆگىنى ئالغان ئادەمنى ئزلەپتۇ. بىراق تاپالماپتۇ. ئاشپەز تۆگىنى ئۆيىگە ئاپارغاندىن كېيىن، ھويلىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا چوكتۈرۈپ قويۇپ قىزىنى چاقىرىپتۇ: - قىزىم ئايپالتىنى ئېلىپ چىقىڭ. دادىسىنىڭ خۇي - پەيلىنى تۇيغان قىز ئۆيىگە كىرىپ، ئايپالتىنى تىقىۋېتىپ تاپالمىغان بولۇپ چىقىپتۇ. ئاشپەز قىزىغا تۆگىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، پالتا ئىزلەپ ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ. قىز تۆگىگە زەڭ سېلىپ، ئۇنىڭ ھېلىقى بالا ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۇنىڭ بىگۇناھ قىيما - چىيما بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ: - سەن قەھرى - زەھىرىڭ بىلەن «ھاپ» دەپ بىر ۋارقىرا، مەن «ئا..پا..» دەپلا يىقىلاي، سەن غايىپ بول، - دەپتۇ. تۆگە پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ «ھاپ» دەپ بىر ۋاقىراپ، ئېغىزىنى بىر غېرىچ ئېچىپ قاتتىق پۇرقىغان ئىكەن، ھويلىنىڭ ئىچى توپا - چاڭغا تولۇپ، ھېچنېمىنى پەرق ئەتكۈسىز بولۇپ كېتىپتۇ. ئاشپەز ئالاقىزادە بولۇپ ھويلىغا چىققىچىلىىك تۆگە غايىپ بوپتۇ: قىز ھۇشسىز بولۇپ ياتقان، ئاشپەز قىزى بىلەن ئاۋارە بولۇپ قاپتۇ. پادىشاھ ھۈنەرۋەن بالىنى «ئادىمىزات بىلمەيدىغان ھۈنەرنى ئۆگىنىپ كەل» دەپ قايتۇرغاندىن كېيىن، يەنە بىر پادىشاھنىڭ ئوغلىغا قىزىنى بەرمەكچى بولۇپ تويىنى باشلىغىنىغا 40 كۈن بولۇپ، قىزنى يۆتكەپ كېتىشكە بىرلا كۈن قالغان ئىكەن. بۇ كۈنى پادىشاھ ئادىتى بويىچە يەنە مېھمانلارنىڭ ئالدىغا كىرىپ «ئېكىڭلار - بېقىڭلار» دەپ يۈرگەندە، ئۆينىڭ تورۇسىدىن چاقناپ تۇرغان بىر تال قىزىل گۈل چۈشۈپ، پادىشاھنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا قىسىلىپتۇ. ئۆينىڭ ئىچى گۈپپىدە گۈل پۇرىقىغا تولۇپتۇ. پادىشاھمۇ، جامائەتمۇ بۇ ئىشقا ھەيران بوپتۇ؛ بەزىلەر: «قىزىڭىزنىڭ بەختى - ئامىتى» دەپتۇ؛ يەنە بەزىلەر: «توينىڭ شاراپىتى» دەپتۇ. باشقىلارمۇ ئۆز تەبىرلىرىنى بېرىپتۇ. پادىشاھ بۇ گۈلنى خاسىيەتلىك گۈل دەپ ئارزۇلاپ، قولىغا ئېلىپ پۇراپ ئولتۇرۇپتۇ. بىراق ئۇ، ھۈنەرۋەن بالىنى توي سېلىقى بىلەن قايتۇرغانلىقىنى ئېسىگىمۇ كەلتۈرمەپتۇ. گۈلنىڭ تەرىپى تۈگىمەيلا، ھېلىقى ئاشپەز ئون بارمىغىدا ئون ياڭزا مۇڭ چىقىرىدىغان سازەندىلەرنى باشلاپ پادىشاھنىڭ تويىغا كەپتۇ. پادىشاھ ئۇلارغىمۇ توي داستىخىنى ساپتۇ. داستىخان يىغىلىپ بولغاندا: - پادىشاھىم، بۇ تويغا داخىل بولۇشنى ئويلاپ ئەلنەغمىچلىرىمنى باشلاپ كېلىۋىدىم، رۇخسەت قىلسىلا ئۇلار بىردەم نەغمە - ناۋا قىلىپ، توي شاتلىقىغا شاتلىق قوشسا، - دەپتۇ. ئاشپەز. پادىشاھ رۇخسەت قىپتۇ. ئۇلار شۇنداق چاپتۇكى، سورۇندىكىلەرنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ قاپتۇ؛ سازچىلارنىڭ ماھارىتىگە پادىشاھمۇ ھەيران بولۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ: - سىلەر ئۇزۇن يول بېسىپ، قىزىمنىڭ مەرىكىسىگە كېلىپ، تەنتەنىنى ئاشۇردۇڭلار! مەندىن نېمە تىلەيسىلەر، - دەپتۇ. قانداق قىلغاندا گۈلنى قولغا چۈشۈرۇشنى ئويلاپ تۇرغان ئاشپەز: - بىز كوڭۈل ئىزلەپ كېلىۋىدۇق، رەھىمەت، - دەپتۇ. ئاشپەزنىڭ قەستىنى سەزمىگەن پادىشاھ، ئۇلارنى قۇرۇق قول قايتۇرۇشنى قىيماي چىڭ تۇرۇپتۇ. ئاشپەز بىر ئاجايىپ قىياپەتكە كىرىپ: - ئىلتىپاتلىرىغا رەھمەت، گۈلنى كوڭۈلنىڭ تىلى دەيدىكەن، قولىڭىزدىكى گۈلنى... - دەپتۇ. پادىشاھ ئاشپەزنىڭ گېپىنى مەنسىتمىگەنلىك دەپ خاپا بولۇپ، قولىدىكى گۈلنى ئاشپەزگىمۇ بەرمەي، يەرگە بىر ئۇرغان ئىكەن. گۈل يەرگە چۈشۈپلا پۇررىدە توزۇپ، تېرىق بولۇپ ئۆي ئىچىگە پىتىراپ كېتىپتۇ. بۇنى پايلاپ تۇرغان ئاشپەز بىر قانات يېيىپلا چوجىلىك توخۇ بولۇپ تېرىقنى تېرىشكە باشلاپتۇ. بۇ ئاجايىپ - غارايىپ ۋەقە ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. توخۇ، چوجىلەرنىڭ پوكىنى توشقاندىن كېيىن، بىر نەچچە كورپە ۋە گىلەم ئاستىغا كىرىپ كەتكەن بىر تال تېرىق كوتىرلىپ چىقىپ، بىر دومىلاپ مۇشۈككە ئايلىنىپ «مىياۋ، مىياۋ، مىياۋ» دەپتىكەن، توخۇ چوجىلىرى بىلەن ئالاقىزادە بولۇشۇپ، پەي بولۇپ توزۇپ كېتىپتۇ. پادىشاھ پەي توزاڭلىرى ئىچىدە داڭقېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ. مۈشۈك يەنە بىر دوملاپ ئاجايىپ سۇمباتىق بىر يىگىت قىياپىىگە كىرىپ، سورۇندىكىلەرگە سالام بېرىپتۇ. ۋە پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئادىمىزاتلار مۇشۇنداق ھۈنەرنى بىلەمدىكەن؟ - دەپتۇ. شۇ چاغدا پادىشاھ ئادىمىزات بىلمەيدىغان ھۈنەرنى ئۆگىنىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن بالىنى يادىغا ئاپتۇ. بايىقى ئالامەتنى كۆرگەن پادىشاھ ئەۋەتكەن بالىنى يادىغا ئاپتۇ. بايىقى ئالامەتنى كۆرگەن پادىشاھ ئۆزىنىڭمۇ توخۇ، چوجىلەرگە ئوخشاش پەي بولۇپ توزۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، بۇرنقىدەك ۋەدىسىدىن يېنىۋالالماپتۇ، بولۇۋاتقان توينى بۇزۇپ،قىزىنى ھۈنەرۋەن بالىغا بېرىشكە ماقۇل بولۇپتۇ. پادىشاھ قايتىدىن 41 كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ، يالغۇز قىزىنى تۇل خوتۇننىڭ ھۈنەرۋەن ئوغلىغا بېرىپتۇ. توي ئاخىرلىشىپ يەنە 40 كۈن ئۆتمەيلا، ھۈنەرۋەن بالا پادىشاھلىقنىمۇ قولىغا ئاپتۇ؛ شۇنىڭدىن كېيىن ئۆز ئاتىسىنى يېنىغا ئالدۇرۇپ، پادىشاھ غەزىنىسىدىكى دۇنيانى يېتىم - يېسىرلارغا، نامرات - گادايلارغا تارقىتىپ بېرىپ، قول ئاستىدىكى خەلقنى رازى قىپتۇ. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا: «بىر يىگىتكە 70 خىل ھۈنەر ئاز» دېگەن تەمسىل ئەنە شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق