UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقگول ئادەم

گول ئادەم

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى زاماننىڭ زامانىسىدا، ئالتە تاغنىڭ ئارقىسىدا، چوڭ دەريانىڭ ياقىسىدا ھېيىت ئىسىملىك بىر نوچى يىگىت - مال باقىدىغان قويچى يىگىت ئۆتۈپتىكەن. ئۇ بىر كاتتا باينىڭ مېلىنى باقىدىكەن. ئەمما ھەر قانچە ئىشلىگىنى بىلەنمۇ پىخسىق باينىڭ بەرگىنىگە قورسىقى تويمايدىكەن، ئۈستىبېشى زادى پۈتۈن بولمايدىكەن، ئۇ قويلاردىن ئايرىلالمىغاچقا، قىش - ياز جاڭگالدىن كىرمەيدىكەن، شۇڭا جاھاندا قانداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ھېيىت باققان قويلارغا بۆرە تېگپتۇ - دە، ھەش - پەش دېگۈچە بىر تالاي قوينى نابۇت قىلىپ تاشلاپتۇ. ھېيىت قويچى نېمە قىلارىنى بىلمەي بېشىنى قاشلاپتۇ. باينىڭ غەزىپىدىن، دەككە - دەشنىمىدىن قورقۇپ، تېنىدە جېنى، كۆڭلىدە ئارامى قالماپتۇ. قاچاي دېسە ئالەمنىڭ قوي باقىدىغان جاڭگىلىدىن باشقا ئېتىكىنىڭ بار - يوقلۇقىنى ئۇقالماپتۇ. قاچماي دېسە باينىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇش ئامالىنى تاپالماپتۇ. ئۇيان ئۇيلا، بۇيان ئۇيلا، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈۋېلىش قارارىغا كەپتۇ - دە، ئېگىز دۆڭنىڭ ئۈستىدىكى يالغۇز توغراقنىڭ پۇتىقىغا قىل ئارغامچىنى ھالقا قىلىپ تاشلاپ بوينىنى تىقىپتۇ. ئەمما ئارغامچا پاراسلاپ، توغراقنىڭ پۇتىقى قاراسلاپ كېتىپتۇ. ئارغامچا ھېيىت قويچىنى - كۆتۈرەلمەي ئۈزۈلەي دېگەندە توغراقنىڭ پۇتىقى قاپ بېلىدىن سۇنۇپتۇ. سۇنغان پۇتاقنىڭ ئىچىدىن ئالامەت يوغان بىر كىيىك يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئارغامچىغا چىرمىشىپ يىقىلپتۇ. >خۇدايىم بەرگەن ئولجا، - دەپ پىچىرلاپتۇ ھېيىت قويچى، - بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى ئۆمرۈمدە كىيىك گۆشىگە تويىدىغان بولدۇم.ئۆلۈۋېلىش بىر يەرگە قاچمايدۇ. ئاۋۋال ماۋۇ كىيىكنىڭ كۆشىدە كاۋاپ قىلاي، ئاندىن بوينۇمغا ئارغامچا سالاي....< ئۇ ئورنىدىنمۇ قوپماي تۇرۇپ، ئارغامچىغا چىرمىشىپ ياتقان كىيىكنىڭ بوغۇزىغا پىچاق سۈرۈپتۇ. ئاندىن سىرتماقنى بوينىدىن چىقىرىپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ھېيىت قويچى كېيىكنى ئۆلتۈرۈپ تېرىسىنى سويۇپ ئىچ - قارنىنى ئادالاشقا باشلاپتۇ: گۆشنى ئۇيانغا، ئىچ - قارنىنى بۇيانغا تاشلاپتۇ. ئۇ مەززىلىك كىيىك كاۋىپىغا تۇيۇش خۇشاللىقىدا قىزىق ئىش قىلىۋاتقاندا كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بېرىپتۇ: كىيىك قېرىنىنىڭ ئىچىدىن چۆجە تۇخۇمىچىلىك بىر نەرسە چىقىپتۇ. ھېيىت قويچى ئۇنى قولىغا ئېلىپ پاكىز سۈرتكەنىكەن، ئۇ پارقىراپ، نۇرلىرى ھېيىت قويچىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپتۇ. بۇ ئەسلى گۆھەر ئىكەن. ھېيىت ئۆمرىدە بۇنداق نەرسىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا >بۇ بىر مۆجىزە ئىكەن دەپتۇ - دە، پوتىسىغا تۈگۈپ قويۇپتۇ. كەچتە گەمىنىڭ تەكچىسىگە قويۇپتىكەن، گەمە ئىچى يورۇپ كېتىپتۇ. ئەتىسى باي قويلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەپتۇ. باي ھېرىپ كەتكەچكە زۇۋان سۈرمەي، ئالدىن تەييارلانغان چىدىر ئىچىگە كىرىپ قېلىن كۆرپە ئۈستىگە يانپاشلاپتۇ. ھېيىت چېدىر ئىچىگە كىرىپ تىزلىنىپتۇ. - نېمە گەپ؟ - دەپتۇ باي. - غوجام بۇ ئۆزى نېمىكى! - دەپتۇ ھېيىت ئىززەت - ئىكرام بىلەن ۋە ھېلىقى تۇخۇمچەكنى بايغا كۆرسىتىپتۇ. - بۇ، - دەپتۇ باي دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ۋە خۇشاللىقتىن يۈرىكى يېرىلىپ كەتكۈدەك بولسىمۇ، ئۆزىنى تۇتۇۋاپتۇ، - يۇمىلاق ئاق تاشمىكىنە؟ - تەقسىر، - دەپتۇ ھېيىت، - مەنمۇ باشتا ئۆزلىرىدەك ئويدا بولغانتىم، لېكىن كېچە تەكچىدە قويۇۋېدىم، گەمەم يورۇپ كەتتى. - نېمە؟ نېمە دېدىڭ؟ لاپ ئۇرمىساڭچۇ ھېيىت، - دەپتۇ باي تېخىمۇ ئىشەنمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ. - تەقسىر، سەل تەخىر قىلسىلا، قاراڭغۇ چۈشسۇنچۇ، شۇ چاغدا خۇدانىڭ بۇ ھېكىمىتىنى كۆرۈپ باقارلا، - دەپتۇ ھېيىت قويچى. قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن چېدىر ئىچى راستىن يورۇپ كېتىپتۇ. باي بىرگە ئېلىپ كەلگەن كىشىلەرمۇ ھەيران - ھەس بولۇپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ. باي باشقىلارنى چىقىرىۋېتىپ ھېيىتقا: - ھېيىت ئۇكا! - دەپتۇ مۇلايىم ئاۋازدا. - لەببەي غوجام، - دەپتۇ ھېيىت. - بۇنىڭ نېمىلىكىنى بىر خۇدا بىلىدۇ، بەلكىم بۇ يۇمىلاق نەرسە ئەتە ئاق تاش بولۇپ چىقىشى مۇمكىن، - مەيلى نېمىلا بولسۇن، ئەگەر سەن ماقۇل دېسەڭ، تەۋەككۈل، سەن نابۇت قىلىۋەتكەن يەتتە قوينىمۇ سۈرۈشتە قىلماي، يەنە ساڭا بىر ئېشەك، بىرتاغار قوناق، بىرقوي، بىر ئۆچكە بېرەي، خالىساڭ مۇشۇ يەردە قېلىپ تىرىكچىلىكىڭنى قىلىۋەر، مەنمۇ قاراپ تۇرمايمەن. ئەگەر ئۆيۈمگە كېتىمەن دېسەڭ ئىختىيارىڭ. ھېيىت ئۆزىنىڭ بالا - قازادىن ساق قالغانلىقىنى چوڭ ئامەت بىلىپ، نەرسە - كېرەكلىرىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. بىراق >بارنى قاراقچى ئالدى، قالغىنىنى رەمبال< دېگەندەك، بەگ كىلىپ >ئاناڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئالۋاڭ سەيسىنى بەرمىدى< دەپ قوينى ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. كۆك بېشى >سۇ ھەققى< دەپ ئۆچكىنى يېتىلەپ چىقىپ كېتىپتۇ، ئاخۇنۇم كېلىپ>ئۆشرە - زاكات< دەپ قوناقتىن ئېلىپ كېتىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئاكىسى كېلىپ:>سەن يوق چاغدا ئانام تۇيۇقسىز كېسەل بۇلۇپ قېلىپ داۋالاتقانىدىم. ئەمدى قەرز سۈيلەپ ئولتۇرغىلى قويمايۋاتىدۇ. شۇڭا ئېشەكنى سېتىپ قەرزنى قايتۇرمىسام بولمايدۇ< دەپ ئېشەكنى مىنىپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئېسىل گۆھەر قولدىن كېتىپتۇ. غۇربەتچىلىك يەنە بېسىپتۇ. ھېيىت بىر دەم ئۇنىڭ ئىشىكىدە، بىردەم بۇنىڭ ئىشىكىدە ئىشلەپ يۈرۈپتۇ. تۇزلۇق سايدىن تۇز كولاپ بازارغا ئەكىرىپ سېتىپتۇ. يازنىڭ پىژقىرىم ئىسسىق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ھېيىت ئۇسسۇزلۇق ھەم ئاچلىقتىن يىقىلار ھالەتە تۇز كولاۋاتسا، بىر دۆڭنىڭ كەينىدىن جاڭگالدا ئۆزى ئۆلتۈرگەن ھېلىقى كىيىككە ئوخشاش بىركىيىك چىقىپ ھېيتقا قاراپتۇ. ھېيىت ھەيران بولۇپ كىيىكنى ماراپتۇ. كىيىكمۇ بىر ھېيىتقا، بىر ئەتراپقا سەپسېلىپ تۇرۇۋېرىپتۇ. ھېيىت قولىدا سالما قىلغۇچىلىك ئاغامچىنىڭ يۇقلۇقىغا بەكمۇ پۇشايمان قىپتۇ. ئەمما ئىختىيارسىز ھالدا بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ كىيىككە يېقىنلىشىپتۇ. كىيىكمۇ بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ كەينىگە يېنىپتۇ - دە، بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ. ھېيىت قولىغا بىر تاشنى ئېلىپ دۆڭگە يىقىنلاشقانىكەن، كىيىك بىر سەكرەپ دۆڭدىن چۈشۈپ ئالتۇن كولانغان بىر غارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. ھېيىت غارنىڭ ئىچىگە كىرسە كىيىكتىن ئەسەر يوقمىش، ئۇھەيران بولۇپ، كەينىگە شۇنداق يېنىشىغا غارنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بىر نەرسە >ۋاللىدە< قىپتۇ. ھېيىت ئۇنى دەرھال كولاپ ئاپتۇ. بۇ ئەسلىدە ئالماس ئىكەن. بىراق ئۇنىڭ ئالماس ئىكەنلىكىنى ھېيىت قويچى بىلمەيدىكەن. ھېيىت تېپىۋالغان ئالمىسىنى مەھەللىسىدىكىلەرگىمۇ كۆرسەتمەپتۇ. >>ئاناڭمۇ بازار، داداڭمۇ بازار< دەپتىكەن. شۇڭا بازارغىلا ئېلىپ بېرىپ، كۆرسىتىپ باقاي< دەپ ئويلاپتۇ - دە، خۇرجۇنىنىڭ بىر كۆزىگە لىق تۇز قاچىلاپ، بىر كۆزىگە ئالماسنى سېلىپ، ئاغزىنى پۇختا ئىزمىلاپ، داتلىشىپ كەتكەن كونا بىر قۇلۇپنى ساپتۇ - دە، خۇرجۇننى ئۆشنىسىگە سېلىپ شەھەرگە راۋان بوپتۇ. ئىكى ئوغرى ھېيىتنىڭ يۈدۈۋالغان خۇرجۇنىنى كۆرۈپ، دەرھال بىر - بىرىگە قارىشىپتۇ. ۋە >بۇ خۇرجۇننىڭ ئالدىنقى كۆزىدە بىر سىرى ئەسۋاب بار< دېيىشىپ ھېيتنىڭ كەينىگە چۈشۈپتۇ. ئەپلىك بىر يەرگە يارغاندا بۇلار >تۇز ئالىمىز< دەپ خېلى ئۇزۇنغىچە ھېيىت بىلەن سودىلىشىپتۇ. تۇزلارنى خۇرجۇندىن ئېلىپ بىر - بىرلەپ كۆرۈپتۇ - يۇ، لېكىن ئالماي ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ. ھېيىت يەنە خۇرجۇننى يۈدۈپ، يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ سەرراپ دۇكىنىنى ئىزدەپ مېڭىپتۇ. بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن خۇرجۇننىڭ ئالدى كۆزىنىڭ ئاستى تەرىپىنىڭ ئۆتكۈر بىر نەرسە بىلەن كېسىلگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. ھېيىتنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ، پۇت - قولىدا دەرمان قالماپتۇ. تۇزلىرىغا خىدىردار بولغان ئوغرىلاردىن گۇمانلىنىپ ئۇلارنى ئىزدەپتۇ. لېكىن تاپالماپتۇ. ئۇ شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، بىر دۇكاننىڭ ئالدىدا توپلىشىپ تۇرغان بىر توپ كىشىنى كۆرۈپتۇ. قارىسا بۇ يەردە كىشىلەر ئۆزى يوقىتىپ قويغان نەرسىگە قىزىقىپ قاراپ تۇرغانىكەن. - غوجام! - دەپتۇ ھېيىت تىترەك ئاۋاز بىلەن دۇدۇقلاپ، - بۇ مېنىڭ ئىدى.... - سەن كىمسەن؟ - دەپتۇ سەرراپ ئالدىراپ. - مەن بىر تۇزچى، غوجام، - دەپتۇ ھېيىت يىغلامسىراپ ۋە ۋەقەنى بايان قىپتۇ، كېسىلگەن خۇرجۇننى كۆرسىتىپتۇ. كىشىلەر ھېيتنىڭ ئەھۋالىغا بەكمۇ ئېچىنىپتۇ. لېكىن سەرراپ ساقاللىرىنى تىترىتىپ، غەزەپ بىلەن : - ماڭ نېرى! مەن بازار ئاقساقىلىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن بۇنى يۈز تىللاغا سېتىۋالدىم، مانا تىلخەت. مەن سەندە جۆندەكنى تونۇمايمەن! - دەپتۇ. ھېيىت يۈز تىللا دېگەن گەپتىن، ھەممە خەقنىڭ شۇنچە قىزىقىپ قاراشلىرىدىن ئكزى تېپىۋالغان نەرسىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تىللا دېگەن نەرسىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمىگەچكە يەنە گاڭگىراپ قاپتۇ. ھېيىت يەنە تۇزچىلىق قىلىشقا باشلاپتۇ. قاتتىق سوغۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇز كولاۋاتسا توساتتىن ساينىڭ ئىچىدە كۈچلۈك بىر قۇيۇن پەيدا بوپتۇ. قۇيۇن ھېيىتنىڭ ئالدىغا كېلىپ چىپپىدە تۇختاپتۇ، - دە ھېلىقى كىيىك يەنە غىل - پال كۆرۈنگۈندەك بوپتۇ. ھېيىت ھەيران بولۇپ كۆزىنى ئۇۋۇلاپ قارىسا، ئالدىدا بىر مۇنچە تەڭگىلەر پارقىراپ تۇرغۇدەك. ھېيىت >بۇ ساپ مىستىن قۇيۇلغان تەڭگىدەك قىلىدۇ< دەپ ئويلاپتۇ ۋە تەڭگىلەرنى تېرىپ نان خالتىسىغا ساپتۇ. ھېيىت ئۆيىگە يېنىشىدا بىرلەڭگەردىن ئۆتىدىكەن. بۇ يەردە بىر نەچچە ھۆپىگەر دۇكان ئاچىدىكەن. ئۇ لەڭگەرگە كېلىپ ھېلىقى تەڭگىدىن بىرنى ئېلىپ، ناۋاينىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ - دە: - ئۇستام مۇشۇ مىس تەڭگەمگە نان بەرسىلە - دەپتۇ. ناۋاي ھېيتنىڭ قولىدىكى تەڭگىنى كۆرگەن ھامان: - ماقۇل غوجام يىگىت! - دەپتۇ ئوپۇل - توپۇل ئورنىدىن تۇرۇپ، - نەچچە نان ئالىلىكىن؟ - ئۆزلىرى نەچچىنى بېرىلىكىن؟ - دەپتۇ ھېيىت ھۆرمەت بىلەن. ناۋاي ھېيىتنىڭ قولىدىكى تەڭگىنى قولىغا ئېلىپ ئۆرۈپ - چۆرۈپ بېقىپ: - بۇنىڭغا گۆش گىردىدىن ئونى كېلىدۇ، دامان ئالسىڭىز 20 سى كېلىدۇ، - دەپتۇ. ھېيىت ئۈچ تەڭگىگە ئون گۆش گىردە، قىرىق دامان ئاپتۇ، كېتەر چېغىدا ناۋاي: - توختا ئۇكا! بۇ مىس تەڭگىلەر پات ئارىدا ئۆتمەس بولۇپ قالارمىش، خان ھەزرەتلىرى يېڭى تەڭگىلەرنى تارقىتىش ھەققىدە پەرمان بېرىپتۇدەك. خالىساڭ تەڭگىلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئامانەت قويۇپ كەت. مەن تىل خەت بېرەي، ئەتە بولمىسا، ئۆگۈنلۈككە يېڭى تەڭگە تارقىتىشى مۇمكىن. مەن كونا تەڭگىلىرىڭنى يېڭى تەڭگىگە ئالماشتۇرۇپ قوياي، ئاڭغىچە ئۇيان - بۇيان ئۆتكەندە نان ئېلىپ تۇرغىن! - دەپتۇ. - رەھمەت ئاكا! - دەپتۇ ھېيىت بەكمۇ خۇرسەن بولۇپ، - خۇدا ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلغاي، مېنىڭ بۇ ئالەمنىڭ >كەلدى - باردى< سىدىن خەۋىرىم يوق، بىر يۇۋاش مۆمىن بەندىمەن، بۇ مىس تەڭگىلىرىمنى سىزگىلا ئامانەت قويۇپ كېتەي! شۇنداق قىلىپ 120 تىللارنى ناۋايغا بېرىپتۇ. ناۋاي >ھەر بىرى يىگىرمە پۇللۇق 120 مىس تەڭگىنى ساقلاپ بېرىش ئۈچۈن ئۈچۈن ھېيىت تۇزچىدىن ئالدىم، ئىگىسىگە قاچان لازىم بولسا تەخىر قىلماي، ۋاقتىدا دېگىنى بويىچە قايتۇرىمەن< دەپ تىلخەت بېرىپتۇ. ئايلار ئۆتۈپتۇ. ناۋايدىكى ئامانەت تەڭگىلەرمۇ بىر - بىرلەپ يىيىلىپ تۈگەپتۇ. ناۋاي بولسا ئامەتكە ئېرىشىپ، بەگلىك مەنسىپىدە يۇرت سوراپتۇ. ھېيىتنىڭ ھال - كۈنى يەنە بۇرۇنقىدەك نېنى پۈتۈن بولمايدىغان، ئۇچىسى ئىسسىق كىيىم كۆرمەيدىغان ئەھۋالغا قاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئاچ قورساق تۇز كولاۋاتسا ھېلىقى كىيىك يەنە پەيدا بولۇپتۇ. - ئەي ئادەمزات! - دەپتۇ ئۇ زۇۋانغا كېلىپ، - مەن چىن ماچىن پادىشاھىنىڭ قىزى بولىمەن. سەن جاڭگالدا ئېسىلىپ ئۆلگىلى قوپقاندا سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ مۇبارەك نەپەسلىرى بىلەن كىيىك سۈرىتىدە كېلىپ سېنى قۇتۇلدۇرغانتىم. مەن ساڭا ئۈچ نۆۋەت شەپقەت قىلدىم، لېكىن سەن قولۇڭغا كىرگەن بەختنىمۇ تۇتالمىدىڭ. سەن گەرچە ئاق كۆڭۈل بەندە بولساڭمۇ ئەمما پاراسەتسىز گول ئادەم ئىكەنسەن. خۇدا ئەسلىدە سېنىڭ گالۋاڭلىق ھالىڭغا يارىشا كۈن ئاتا قىلغانىكەن. ساڭا ئالەمنىڭ ھۇزۇر - ھالاۋىتى ئەمەس، بەلكى جاپا - مۇشەققىتى مۇناسىپكەن. ۋاي ئېسىت، ساڭاق قىلغان ئەقىدىلىرىمگە . كىيىك >ۋاي ئېسىت< دېگەن زامان ئاغزىدىن ئىس بىلەن بىرگە ئوت ئۆرلەپتۇ. ئارقىدىن ئۇ ئاجايىپ گۈزەل بىر پەرىزاتقا ئايلىنىپتۇ، چاقناپ تۇرغان قارا كۆزلىرىدىن ياش ئېقىپ، قىزىل ئالمىدەك يۈزلىرىگە يامرىغان زامان ئاسماندىن يامغۇر يېغىشقا باشلاپتۇ. نازۇك قوللىرى بىلەن يۈزىنى بىر توسقانىكەن ئاسماننىمۇ، زېمىننىمۇ قارا زۇلمەت بېسىپتۇ. ھېيىت تۇز كولىغان ئورەككە مۈككىدە چۈشۈپ بېشىنى ئىچىگە تىقىپ يېتىپتۇ. ھېچ قانداق ئاۋاز ئاڭلانمىغاندىن كېيىن، ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا ئالەم يورۇق، ئەتراپ جىمجىت، پەرىزاتنىڭ چىرايلىقلىقىدىن ھېيتنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىغا ئىشىق ئوتى يامراپ كەتكەن بولسىمۇ، كۆڭلىگە >بۇ جىن بولسا، ماڭا بالا - قازا كەلتۈرەرمىكىن< دېگەن ئەندىشىلىك گۇمان كەپتۇ - دە، دەرھال پايپاسلاپ يۈرۈپ كېتىپتۇ.... مۇئەللىپ بۇ يەردە شۇنى قەيت قىلىدۇكى؛ دۇنيا - ئوقەت ئالدى بىلەن بوشلۇقتىن كېلىدۇ. ۋەھالەنكى بوشاڭلىقنىڭ تېگى گوللۇق. ئېچىپ ئېيتقاندا، گالۋاڭلىقتۇر. شۇڭا كىمكى بەخت - سائادەتكە ھېرىسمەن بولسا، ئالدى بىلەن گالۋاڭلىقنى ئۆزلىرىدىن ساقىت قىلىشقا تىرىشقاي، كىمكى بۇ جاھاننىڭ ھوزۇر - ھالاۋىتىگە ئامراق بولسا گالۋاڭ بولماي، زېرەك بولغاي. كىمكى ئۆز ئەۋلادىنىڭ ئىستىقبالىغا كۆيۈنسە ئالدى بىلەن ئەقىل - ئىدراك نۇرى بىلەن ئۇنىڭ قەلبىنى يورۇتقاي. بولمىسا، سەن ئۆز پەرزەنتىڭگە ھەزرىتى سۇلايماننىڭ پۈتۈن تاجى - دۆلىتىنى مىراس قالدۇرغىنىڭ بىلەنمۇ، بالاڭنىڭ ياتىدىغان يېرى ئالتۇن تەخت بولماي، ناۋاينىڭ تونۇرى بولغاي! سەن ياندۇرغان چىراغمۇ ياغسىز قېلىپ ئاخىرى ئۆچۈپ پۈتكەي، ھايات سەھنىسىدىكى ئىزلىرىكنىمۇ قۇم بېسىپ كەتكەي! .... )>يېڭى قاشتېشى< ژورنىلىدىن ئېلىندى(.
← بارلىق تېمىلار چوچاق