UyghurWiki
UyghurWikiچوچاققارا نىيەتلىك قېرىنداش

قارا نىيەتلىك قېرىنداش

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى زامانلارنىڭ زامانىسىدا مەلۇم بىر شەھەر پادىشاھىنىڭ ئىككى خوتۇنى بار ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھنىڭ كىچىك خوتۇنى بىر قىز تۇغۇپتۇ. ئۇ ئوغۇلنىڭ ئىسمىنى ئابدۇرۇسۇل قويۇپتۇ. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ خانىش يەنە ھامىلدار بولۇپتۇ. كۈنى يېقىنلاشقاندا پادىشاھ خانىشنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ. پادىشاھنىڭ كىچىك خوتۇنى ئاز كۈن ئۆتمەيلا شۇ شەھەرنىڭ ياقىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر كىشىگە ياتلىق بولۇپتۇ. كۈنى توشۇپ بىر قىز تۇغۇپتۇ. بۇ قىزغا پەرىزات دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. پەرىزات شۇنداق چىرايلىق چوڭ بولۇپ ئون يەتتە - ئون سەككىزلەرگە كىرىپتۇ. ئانا شۇڭغىچە پەرىزاتنى ھىچيەرگە چىقارماپتۇ. ئانا بىر كۈنى پەرىزاتنى شەھەر ئايلاندۇرماقچى بولۇپ ئىشەككە مىندۈرۈپ شەھەرگە ئېلىپ كىرىپتۇ. بۇلار ئايلىنىپ ئوردىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا پادىشاھ پەرىزاتنى كۆرۈپتۇ - دە، >ئاھ!< دەپ ھۇشىنى يوقىتىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ قارىسا قىز يوق. پادىشاھ دەرھال ئادەم چاقىرتىپ قىزنىڭ ئۆيىنى ئۇقۇپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ. چاپارمەنلەرنىڭ تىڭلاپ يۈرۈپ، قىزنىڭ شەھەرنىڭ چەت ياقىسىدىكى بىر كەمبەغەلنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، دەرھاللا پادىشاھقا خەۋەر يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ ئىنتايىن خوشال بولۇپتۇ. قىزنى ئۆز ئەمرىگە ئالماقچى بولۇپ، قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. پەرىزات پادىشاھنىڭ مال - دۇنياسىغا قىزىققان بولسا كېرەك، ئەلچىلەرگە رازىلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن قىرىق كېچە - كۈندۈز توي بولۇپتۇ. قىرىق بىرىنچى كۈنى نىكا ئوقۇلىدىكەن. پادىشاھنىڭ ئوغلى ئابدۇرۇسۇل بىر موللىنى نىكاھ قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپتۇ. ئەمما موللا ئۇنىماپتۇ. ئابدۇرۇسۇل موللىدىن: - نېمە ئۈچۈن ئۇنىمايسىز؟ - دەپ سوراپتۇ. - بالام مەن ئۈچۈن نىكاھ قىلىش قىيىن ئەمەس. بىراق ساڭا ئېيتماي بولمايدۇ. بۇ قىز سېنىڭ سىڭلىك بولىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئاتاڭ ئاناڭنى مۇشۇ قىز قورسىقىدا چاغدا ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. ئاناڭ كۈن ئېلىش ئۈچۈن بۇ كەمبەغەل كىشى بىلەن ئۆي - ئوچاقلىق بولغان، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ موللا. ئابدۇرۇسۇل بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىنتايىن قايغۇرۇپتۇ - دە، دادىسىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان پادىشاھ شۇنداق غەزەپكە كېلىپتۇ - دە، دەرھال >جاللات< دەپ ۋارقىرىغان ئىكەن، شۇ ھامانلا توقماق، نەيزىلەرنى كۆتۈرگەن جاللاتلار تەييار بولۇپتۇ. جاللاتلار پادىشاھنىڭ بۇيرۇغى بىلەن ئابدۇرۇسۇلنىڭ پۇت - قولىنى يەرگە تەگكۈزمەي دار ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. گۇناھسىز ئوغۇلغا ۋەزلەرنىڭ ئىچى ئاغرىپتۇ - دە، پادىاشاھقا >ئىھ پادىشاھى ئالەم، ئوغۇللىرى تېخى ياش، بۇنى ئۆلتۈرمەي، يىراق جايغا پالايلى< دەپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ئابدۇرۇسۇلنى پەرىزات بىلەن بىللە شەھەردىن ئالتە ئاي يىراقلىقتىكى بىر چۆلگە پالاپتۇ. بۇلار چۆل - جەزىرىلەردە ئۇسسۇزلىق ۋە ئاچلىق دەردىدىن ھالىدىن كېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. ئابدۇرۇسۇل چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە ئاپپاق ساقال بىر بوۋاينى كۆرۈپتۇ. بوۋاي: - ھەي بالام، بۇ يەردە يېتىۋەرمەڭلار. ئاچلىقتىن ئۆلۈسىلەر، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ سول تەرەپكە ماڭساڭلار بىر دەريا بار. بۇ دەريانىڭ قېشىدا بىر بۇلاق بار. بۇلاقنىڭ قېشىدا بىر توپ سۆگەر بار. بۇ بۇلاقتىن ھەر جۈمە كۈنى بىر ئەڭگۈشتەر چىقىدۇ. بۇ ئەڭگۈشتەرنى ئېلىۋالساڭلار نېمە دىسەڭلار شۇ پەيدا بولىدۇ. بېشىڭلارغا كۈن چۈشمەيدۇ، - دەپتۇ. ئابدۇرۇسۇل كۆزىنى ئېچىپ قارىسا چۈش ئىكەن. ئۇ شۇ ھامان سىڭلىسى بىلەن سول تەرەپكە قاراپ مېڭىپ بىر دەريانىڭ بويىغا كەپتۇ. راست دىگەندەك دەريا بويىدا بىر بۇلاق، بۇلاق بېشىدا بىر تۈپ سۆگەت بار ئىكەن. بۇلار ئىنتايىن خۇرسەن بولۇشۇپتۇ. ئاخىر جۈمە كۈنى بولۇپتۇ. بوۋاينىڭ دىگىنى بويىچە ئۇلار كۈتۈپتۇ. بىر چاغدا بۇلاقتىن بىر ئەڭگۈشتەر چىقىپتۇ. ئابدۇرۇسۇل: - خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر راۋاق سېلىنسۇن، راۋاققا بىر ئاسما كۆۋرۈك قويۇلسۇن. بۇ كۆۋرۈكتە مەندىن باشقا ئادەم ماڭمىسۇن، چىقسام تەڭ چىقسۇن. چۈشسەم تەڭ چۈشسۇن، - دەپ ئىلتىجا قىلىپتۇ. شۇ ھامانلا دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر راۋاق ۋە بىر يىغما كۆۋرۈك پەيدا بوپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئابدۇرۇسۇل بىلەن سىڭلىسى ئىنتايىن خوشال بولۇپ راۋاققا چىقىپتۇ ۋە بۇلار بۇ جايدا كۈن ئۆتكۈزۈشكە كىرىشىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئابدۇرۇسۇل گۆش تېپىپ كېلىش ئۈچۈن ئوۋغا كېتىپتۇ. پەرىزات راۋاققا چىقىپتۇ. بىر چاغدا بىر قويچى دەريا بويىغا قوي باققىلى كەپتۇ. قويچى دەريا بويىدا ئولتۇرۇپ بىر گۈزەل قىزنىڭ شولىسىنى كۆرۈپتۇ. دەرھال ئەتراپقا قارىسا ھېچكىم كۆرۈنمىگۈدەك. يەنە دەرياغا قارىسا گۈزەل بىر قىزنىڭ شولىسى تورغىدەك. مالچى ھەيران بولۇپ دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا قارىسا بىر راۋاق تۇرغۇدەك. راۋاق ئۈستىدە دەل سۇدا شولىسىنى كۆرگەن قىز مالچىغا قاراپ كۈلۈپ تۇرغۇدەك. قويچى قىزنى كۆرۈش بىلەن ئاشىقى بىقارار بولۇپ: - ئەي ئايجامال قىز، مۇمكىن بولسا بۇ يەرگە بىر چۈشسەڭ - دەپتۇ. قىزنىڭمۇ قويچى بىلەن كۆرۈشكۈسى كەپتۇ - دە، قويچىغا: - ئەي قويچى، مەن چۈشەلمەيمەن، سەن چىقساڭ بولىدۇ، - دەپتۇ.قويچى قىزدىن: - مەن قانداق چىقىمەن؟ - دەپ سوراپتۇ. - ئاكام ھەر كۈنى بۇ راۋاقتن چۈشۈپ چىقىدۇ. سىز ئاكام چىققاندا ئارقىسىدىن چىقىڭ، - دەپتۇ. قىزنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان قويچى ئابدۇرۇسۇلنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپتۇ. ئابدۇرۇسۇل ئوۋدىن قايتىپ كەپتۇ. قويچى خوشاللىغىدا قويلىرىنى تاشلاپ، ئابدۇرۇسۇلنىڭ كەينىدىن راۋاققا چىقىپتۇ ۋە ئابدۇرۇسۇلنىڭ يەنە ئوۋغا چىقىشىنى كۈتۈپ مۆكۈپ يېتىپتۇ. ئەتىسى ئابدۇرۇسۇل ئوۋغا چىقىپ كېتىپتۇ. قويچى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ قىزنىڭ قېشىغا كىرىپ مۇڭدىشىپتۇ. بارا - بارا بۇ ئىككىسىنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپتۇ. ئابدۇرۇسۇلدىن ئەڭگۈشتەرنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپتۇ. پەرىزات كۆپ ئويلاپ، ئاخىرى: - ئاكام مېنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ. نېمە دىسەم شۇنى قىلىپ بېرىدۇ. شۇڭا مەن ئاغرىپ قالدىم دەي، ئەگەر مېنى >نېمە يەيسەن؟ كۆڭلۈك نېمە تارتىدۇ؟ < دىسە، >كۆڭلۈم يولۋاس سۈتىنى تارتىدۇ< دەيمەن، شۇنىڭ بىلەن ئاكام ماڭا يولۋاس سۈتى ئەكىلىپ بېرىمەن، دەپ يولۋاسقا يەم بولىدۇ، - دەپتۇ. ئابدۇرۇسۇل ئوۋدىن قايتىپ كېلىپ قارىسا، پەرىزات >ۋايجان - ۋايەي< دەپ ياتقۇدەك، ئابدۇرۇسۇل بۇ ھالنى كۆرۈپ قورقۇپ نېمە قىلىشىنى بىلمەي قاپتۇ ۋە سىڭلىسىدىن: كۆڭلۈك نېمىنى خالايدۇ؟ - دەپ سوراپتۇئ - يولۋاس سۈتى، - دەپتۇ قىز. سىڭلىسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان ئابدۇرۇسۇل دەرھاللا يولۋاس تۇتۇش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ. ئابدۇرۇسۇل ئۇزۇن يول يۈرۈپ ئاخىرى بىر شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. >بۇ يەردە بىر دەم ئالاي< دەپ، ئېتىنى دەرەخكە باغلاپ قويۇپ ئولتۇرۇپتۇ. دەل شۇ چاغدا بۇ شەھەر پادىشاھىنىڭ ئىككى قىزى راۋاقتا ئويناۋېتىپ دەرەخ تۈۋىدە ئولتۇرغان ئابدۇرۇسۇلنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، شۇ ئان ئادەم ئەۋەتىپ چاقىرتىپتۇ ۋە نەدىن نىمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى سوراپتۇ. ئابدۇرۇسۇل ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى بايان ئەيلەپتۇ. قىزلار ئۇنىڭ يولۋاس تۇتۇپ سۈتىنى ئالماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ باتۇرلۇقىغا ئاپىرىن ئوقۇشۇپتۇ. ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىپ: - سىز ئاشۇ كۆرۈنگەن تاغنىڭ كەينىگە ئۆتسىڭىز بىر چىشى يولۋاس بار، ئۇ يولۋاسنىڭ پۇتىغا قومۇش كىرىپ كېتىپ يىرىڭداپ ياتىدۇ. سىز يولۋاسنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ قومۇشنى چىقىرىپ، يىرىڭلارنى تازىلىۋەتسىڭىز ساقىيىدۇ - دە، سىزنىڭ قىلغان ياخشىلىقىڭنىزنى ئۇنۇتماي سۈتىنى بېرىدۇ، دەپتۇ. ئابدۇرۇسۇل مېڭىپتۇ. ئاخىرى قىزلار كۆرسەتكەن تاققا يېتىپ كەپتۇ. تاغنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ قارىسا، راست دىگەندەك بىر يولۋاس ياتقۇدەك. بۇنى كۆرگەن ئابدۇرۇسۇل دەرھاللا قىزلارنىڭ دىگىنى بويىچە ئىش قىلىپتۇ. يولۋاس ھۇشىغا كېلىپ ئابدۇرۇسۇلغا رەھمەتلەر ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى سوراپتۇ. ئابدۇرۇسۇل: - مەن سىزنىڭ كېسىلىڭىزنى ساقايتقىلى كەلدىم، - دەپتۇ. يولۋاس: - يەنە باشقا ئىشلىرىڭىز باردۇر؟ - دەپ سوراپتۇ - دە، بىرلا ۋارقىراپ ئابدۇرۇسۇلنى بېسىۋاپتۇ. ھايت - ھۇيت دېگۈچىلا ئەركەك يولۋاس بىلەن ئۇنىڭ بالىلىرى يېتىپ كېلىپ: - ئادىمىزاتنىڭ پۇرىغى بارغۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. چىشى يولۋاس بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ ئابدۇرۇسۇلنى چىقىرىپتۇ. ئەركەك يولۋاس ئۇنىڭدىن: - ئەي ئادىمىزات ساڭا نېمە كېرەك؟ - دەپ سوراپتۇ. ئابدۇرۇسۇل مەقسىدىنى ئېيتىپتۇ. يولۋاسلار دەرھال سۈت ھازىرلاپ بېرىپتۇ. >ئەگەر بېشىڭغا كۈن چۈشسە بۇنى كۆيدۈرسەڭ بىز پەيدا بولىمىز< دەپ بىر تال تۈكىنى بېرىپتۇ. ئابدۇرۇسۇل خوشال بولۇپ يولغان راۋان بولۇپتۇ. قايتىپ كېلىۋېتىپ پادىشاھنىڭ ھېلىقى قىزىغا يەنە يۇلۇقۇپتۇ. قىزلار ئۇنى مۇشۇ جايدا قېلىشقا تەكلىپ قىلىپتۇ. ئابدۇرۇسۇل ئۆزىنىڭ سىڭلىسىنى ئويلاپ ئۇنىماپتۇ. قىزلار >بىز سۈتنى تېگىشىۋالساق يەنە كېلىدۇ< دەپ ئويلاپ. يولۋاس سۈتىنى كالا سۈتىگە ئالماشتۇرۇۋاپتۇ. ئابدۇرۇسۇل بۇنى ئۇقماي مىڭ بىر جاپا بىلەن سىڭلىسىنىڭ قېشىغا كەلسە >ياخشى بولۇپ قالدىم< دەپ ئىچكىلى ئۇنىماپتۇ. ئابدۇرۇسۇل سىڭلىسىنىڭ ياخشى بولۇپ قالغانلىقىدىن خوشال بولۇپتۇ. ئەتىسى ئوۋغا چىقىپتۇ. ئابدۇرۇسۇلنىڭ تىرىك قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ قويچى پەرىزاتقا: - ئاكىڭىز باتۇر ئىكەن. يولۋاسنىڭ سۈتىنى ئەكەلدى. ئەمدى نىمە قىلىشنى بىلمەيۋاتىمەن، - دەپ قورقۇپتۇ. پەرىزات بولسا ھىچبىر ئىككىلەنمەي: - ئاكام مېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. مەن كارۋاتقا ئولتۇرۇپ >مەن بەك زېرىكىپ كەتتىم، مېنى سەگىنچەك سېلىپ ئوينىتىپ قويۇڭ< دەيمەن. سەن كارۋات ئاستىغا كىرىپ تۇرىسەن. مەن ئوينىغان بولۇپ ئاكامنى باغلايمەن، ئاكامنى شۇنداق قىلىپ ئۆلتۈرىمىز، - دەپتۇ. پەرىزات ئاكىسىغا ئۆزىنىڭ تەلىۋىنى ئېيتىپتۇ. ئاكىسى سەگىنچەك سېلىپ بېرىپتۇ. پەرىزات ئارغامچىنى ئونىغان بولۇپ بىر ئۇچىنى ئاكىسىنڭ بوينىغا سېلىپ، يەنە بىر ئۇچىنى كارۋاتقا باغلاپتۇ. قويچى ئارغامچىنى تارتىپ ئابدۇرۇسۇلنى يىقىتىپتۇ. پەرىزات ئاكىسىنى قىلىچ بىلەن بۇغۇزلىماقچى بولغاندا، ئابدۇرۇسۇل: - ھەي سىڭلىم، مېنىڭ ساڭا بىر تەلىۋىم بار، مېنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن گۆشۈمنى توغراپ ئاتنىڭ ئىگىرىگە ئېسىپ، ئىگەرنى ئاتقا توقۇپ ئاتنى قويۇۋېتىپ. - دەپ ئىلتىماس قىپتۇ. ئەمما، پەرىزات ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ دەرياغا تاشلىماقچى بولۇپتۇ، بۇ چاغدا قويچى بىر ئاز ئويلىنىپ: - ئاكاڭ ساڭا كۆپ ياخشىلىق قىلغان، شۇڭا دىگىنىنى قىلايلى، - دەپتۇ. ئۇلار ئابدۇرۇسۇلنى ئۆلتۈرۈپ گۆشنى ئاتنىڭ ئىگىرىگە ئېسىپ، ئاتنى قويۇپ بېرىپتۇ. ئات ئابدۇرۇسۇل يولۋاس سۈتى ئەكەلگەن تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. ئات يول ئۈستىدە ھېلىقى پادىشاھنىڭ قىزلىرىغا يولۇقۇپ قاپتۇ. قىزلار بۇ ئاتنىڭ ئابدۇرۇسۇلنىڭ ئېتى ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ راۋاقتىن چۈشۈپ ئاتنىڭ ئالدىغا كېلىپ قارىسا، ئات ئۈستىدە پارە - پارە قىلىنغان ئابدۇرۇسۇل تۇرغۇدەك. قىزلار ئۇنى ئېلىپ ئۆيىگە كىرىپتۇ. ھازا ئېچىشىپتۇ. ھەمدە >بىز بۇنى كۆممەي كۆيدۈرۈپ مەڭگۈ ئەسلەش ئۈچۈن ساقلايلى< دىيىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇرۇسۇلنى كۆيدۈرۈشكە باشلاپتۇ. شۇ ھامان ئىككى يولۋاس يېتىپ كېلىپ: - ئابدۇرۇسۇلنى ئوتتىن چىقىرىڭلار، - دەپ ۋارقىراپتۇ. قىزلار قورقۇپ كېتىپ ئابدۇرۇسۇلنى ئوتتىن تارتىپتۇ. يولۋاسلار ئابدۇرۇسۇلنىڭ گۆشىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، >يا خۇدانىڭ ئەمرى، يا پىرىمنىڭ ئەمرى< دەپ بىر ھۈرگەن ئىكەن، ئابدۇرۇسۇل تىرىلىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قىزلار ھەيران بولۇپ قارىشىپ قاپتۇ. ئەسلىدە يولۋسلارنىڭ بەرگەن تۈكى ئابدۇرۇسۇلنىڭ گۆشىگە چاپلىشىپ قالغان ئىكەن. يولۋاسلار ئابدۇرۇسۇلغا يەنە ئىككى تۈركىنى بېرىپ ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ. پادىشاھنىڭ قىزلىرى ئابدۇرۇسۇلنى كەتمەسلىككە ئۈندەپتۇ. لېكىن ئابدۇرۇسۇل: - مەن سىڭلىم بىلەن دىدارلىشىپ كېلىپ ئاندىن بۇ يەردە تۇراي، - دەپتۇ قىزلار: - بىر ئەرنى دەپ ئۆز ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەن ۋاپاسىزنىڭ قېشىغا نىمىشقا بارىسىز؟ - دەپتۇ. ئابدۇرۇسۇل ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئۇنىماي سىڭلىسىنىڭ قېشغا مېڭىشقا تەييارلىنىپ بولۇپ: - سىلەر ماڭا تاغاق - سۈزگۈچ، بىر سەرەڭگە، يىلىم ۋە بىر ئەپكەش تەييارلاپ بەرسەڭلار،م - دەپتۇ. قىزلار بۇ نەرسىلەرنى تەييار قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ئابدۇرۇسۇل ئەپكەشنى كۆتىرىپ >تاققاڭ - تۇققۇڭ، ئەلەڭگە - بەلەڭگە، مەندە بارى بىر قاپ سەرەڭگە< دەپ يولغا راۋان بوپتۇ. ئاز ئۆتمەستىن سىڭلىسىنىڭ قېشىغا يېتىپ كەپتۇ ۋە >ئەلەڭگە - بەلەڭگە، مەندە بىرقاپ سەرەڭگە، يىلىم، تاغاق - سۈزگۈچ ساتىمەن< دەپ ۋارقىراپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پەرىزات قويچىغا: - ئاۋۇ سودىگەرنى ئۆيگە باشلاپ كىرەي، - دەپتۇ. قىز ئۇنىماي، تۇرۇۋاپتۇ. قويچى قىزنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي سودىگەرنى ئۆيگە باشلاپ كىرىپتۇ. قىز ئالىدىغان نەرسىلەرنى تاللاشقا كىرىشىپتۇ. ئابدۇرۇسۇل سەپ - سېلىپ قارىغۇدەك بولسا ئۆزىنىڭ كىيىملىرى، مىلتىق، قىلىچلىرى توپا بېسىپ تۇرغۇدەك، ئابدۇرۇسۇل گەپ باشلاش ئۈچۈن پەرىزاتتىن: - بۇ مىلتىقلارنى توپا بېسىپ كېتىپتۇ، ئىشلەتمەمسىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ. قويچى يىگىت: - مەن بۇنى ئېتىشى بىلمەيمەن، شۇڭا توپا بېسىپ تۇرىدۇ. - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئابدۇرۇسۇل: - مەن مىلتىق ئېتىشىنى ياخشى بىلىمەن. سىزگە ئۈگىتىپ قوياي، دەپتۇ ۋە مىلتىقنى ئېلىپ بىر پاي ئوق ئېتىپتۇ. يەنە >مۇنداق ئاتىدۇ< دەپ قويچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. پەرىزات بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپتۇ ۋە قويچىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاپتۇ. ئابدۇرۇسۇل ئەڭگۈشتەرنى ئىشقا سېلىپ راۋاقنى بۇزۇپتۇ، پەرىزاتنىڭ كۆزىنى قويۇۋېتىپ، بىر چۆلگە تاشلاپ قايتىپ كېتىپتۇ. ھېلىقى پادىشاھنىڭ شەھىرىگە بېرىپ پادىشاھنىڭ كىچىك قىزى بىلەن قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ناھىيە ياقا گۇڭشېسىدىن ئوسمان ئىبراھىم.
← بارلىق تېمىلار چوچاق