تۇران باتۇر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا ئۆتكەن بىر سودىگەرنىڭ قۇتلۇق دېگەن يالغۇز ئوغلى بار ئىكەن. سودىگەر قۇتلۇقنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلەپتۇ. داڭلىق مەكتەپلەردە، مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ قولىدا ئوقۇتۇپتۇ. قۇتلۇق 18 ياشقا كىرگىچە نۇرغۇنلىغان بىلىملەرنى ئىگىلەپتۇ.
بىر كۈنى سودىگەر قۇتلۇقنى ئالدىغا چاقىرىپ، كەڭ - كۇشادە سۆزلىشىپتۇ، ئوغلىنىڭ ئىلىم - ئەخلاق ھەققىدىكى قاراشلىرى ۋە خۇلقى - مىجەزىدىكى پەزىلىتىدىن رازى بولغان سودىگەر مۇنداق دەپتۇ:
- ئەي ئوغلۇم، ئالەمدىكى مۆجىزىلەرنىڭ بارىنى كىتاب ئارقىلىق چۈشەنگەن بولساڭمۇ، لېكىن سەن ئۇلارنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرمىدىڭ، ئېتىزدىكى كۆكلەپ تۇرغان زىرائەتنى تەييار ئاش دېگىلى بولمايدۇ، شۇڭا سەن بىلىمىڭنى تۇلۇقلىشىڭ كېرەك. مەن سېنى قىرىق بىر خېچىر مال بىلەن سودىگەرلەرگە قوشۇپ قوياي، سەن ھەم تىجارەت ھەم زىيارەت قىلىپ ئالەمنىڭ سىرلىرى بىلەن كۆپرەك تونۇشقىن، - سودىگەر سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئوغلىغا يەنە مۇنداق ئۈچ ئىشنى جىكىلەپتۇ، - مەن قېرىپ قالغىنىم ئۈچۈن ساڭا ھەمراھ بولالمايمەن. بىرىنچى، سەپەرگە چىققان كۈنى قاتتىق يول يۈرۈپ ئات ئۇلاقلار چارچىغاندا بىر ئاچالغا بارىسىلەر، باشقىلار ئۇ يەردە قونسىمۇ سەن قونما؛ ئىككىنچى، ئەتىسى يالغۇز بىر تۈپ دەرەخ تۈۋىگە يېتىپ بارىسىلەر، سەن ئۇ يەردىمۇ قونما؛ ئۈچىنچى، شەھەرگە يېقىن قالغاندا، بىر سېپىل تۈۋىگە بارىسىلەر، ئۇ يەردىمۇ قونمىغىن.
- ئەي ئاتا ھەمراھلاردىن ئايرىلىپ، ئۇ يەردە ياتماسلىقىمنىڭ سەۋەبى نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ قۇتلۇق. سودىگەر:
- بۇ ئۈچ جاي خەتەرلىك، ئۇنىڭ سىرى تېخى نامەلۇم. سەن ئۆزۈڭگە پەخەس بولغىن، - دەپتۇ.
قۇتلۇق سودىگەرلەر بىلەن يولغا چىقىپتۇ، ئۇلار ھېرىپ چارچاپ ئاران دېگەندە ھېلىقى ئاچالغا يېتىپ كەپتۇ - دە، شۇ يەردە قونماقچى بولۇشۇپتۇ. بۇ چاغدا كەچ كىرىپ قالغان ئكەن. قۇتلۇق: >بۇ يەردىكى خەتەرنىڭ سىرىنى بىلىشم كېرەك< دەپ ئويلاپ، باشقىلار ئۇيقۇغا كەتكەندە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، چەترەك بىر يەرگە بېرىپ ئەتراپنى كۆزىتىشكە باشلاپتۇ. ھارغان يولۇچىلار ئۇيقۇغا غەرق بولغاندا، قۇتلۇقنىڭ قۇلىقىغا يەر تېگىدىن كېلىۋاتقان ئات تۇيىقىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. قۇتلۇق بۇتاۋۇشىنىڭ سودىگەرلەر ئۇخلاۋاتقان يەرگە يېقىنلاپ كېلىپ توختىغانلىقىنى بايقاپتۇ ۋە بۇ ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس، دەپ ئويلاپ، ئۇخلاۋاتقان ھەمراھلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ - دە، يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋاپتۇ. بىر چاغدا قولىغا قىلىچ تۇتقان بىر ئادەم پەيدا بولۇپ، ئۇخلاۋاتقانلارغا سەپسېلىپ قاراپ چىققاندىن كېيىن، قۇتلۇقنىڭ يېنىدا يېتىپلا ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. قۇتلۇق بۇ كېچىنى ئۇيقۇسىز تاڭغا ئۇلاپتۇ. ئەتىگەنلىكى ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇ ناتۇنۇش يىگىتىنى كۆرۈپ ھەيران بۇلۇشۇپتۇ. ئۇ سودىگەرلەرگە سالام بېرىپ، ئۆزىنىڭ كېچىدە يالغۇز قالغانلىقىنى، بۇ يەردە ئۇلارنى ئۇچراتقاندىن كېيىن خاتىرجەم بولۇپ ياتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. قۇتلۇق ئۇنىڭ قىلىچ كۆتۈرۈپ، سودىگەرلەرگە بىرمۇ - بىر سەپسېلىپ چىققانلىقىنى كۆرگەن بولسىمۇ گەپ قىلماپتۇ. سودىگەرلەر نامازلىرىنى ئوقۇشۇپ، قورساقلىرىنى تويغۇزۇشۇپ يولغا چىقىپتۇ. ھېلىقى ناتۇنۇش يىگىت قۇتلۇقتىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي مۇڭدىشىپ مېڭىپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئىسمى تۇران باتۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئۇلار خېلى يول مېڭىپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە بىر تۈپ قارا ياغاچنىڭ يېنىغا يېتىپ كەپتۇ. قۇتلۇق دادىسىنىڭ گېپىنى تۇرانغا ئېيتىپ، ئۇنى سىناپ كۆرۈش مەقسىتىدە