خاسىيەتلىك ئالما
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا سۇلتان غوجام دېگەن بىر پادىشاھ بولۇپ، ئۇنىڭ مال - دۇنياسى ھېسابسىز كۆپ ئىكەن. ئۇنىڭ چار بېغىدا ئالاھىدە ئۆستۈرۈلگەن ئۈچ تۈپ ئالمىسى بولۇپ، ئۇ ئالمىلار ھەر يىلى بىر تالدىن ئالما بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن بىرنى يېگەن كىشىنىڭ ئۆمرى ئون يىل ئۇزىرايدىكەن. بۇ سىرنى پەقەت پادىشاھنىڭ ئۆزىلا بىلىدىكەن. بۇ ئالمىنى قىش - ياز، كېچە - كۈندۈز قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىدىكەن. بۇ پادىشاھنىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، چوڭىنىڭ ئىسمى باقىش، ئوتتۇرانچىسىنىڭ ئىسمى دانىش، كىچىكىنىڭ ئىسمى ئەخمەتجان ئىكەن. بۇلارنىڭ مىجەز - خۇلقى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىكەن. باقىش بىلەن دانىش قارا نىيەت، ھەسەتخور، قورقۇنچاق ئىكەن. ئەخمەتجان تىرىشچان، كەڭ قورساق ئىكەن. نەيزىۋازلىق، قېلىچۋازلىقنى ياخشى كۆرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىر كېچىسى خاسىيەتلىك ئالمىنى قوغداش نۆۋىتى باقىشقا كەپتۇ. باقىش تولۇق قوراللىنىپ ئالمىنى قوغداپتۇ. تاڭ سەھەردە يەر تەۋرەپ، چاقماقلار چېقىپ، قاپقارا بوران چىقىپ، قاراس - قۇرۇس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر تۈپ ئالما يىلتىز - پىلتىزلىرى بىلەن قومۇرۇلۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. باقىش قورقۇنچلىقتا نېمە قىلارىنى بىلمەي قاپتۇ.
تاڭ ئاتقاندا ئەھۋالنى شاھقا مەلۇم قىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ:
- جاللات، چاپ بۇ ئەبلەخنى! - دېگەنىكەن، تۆت جاللات قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ كىرىپ كەپتۇ. ئوتتۇرانچى ئوغۇل دانىش ئوتتۇرىغا چۈشۈپ:
- دادا، بۈگۈن ئاخشام مەن بېقىپ باقاي، ئاكام دېگەندەك ئەھۋال يۈز بەرسە ئاكامنىڭ قېنىدىن كېچىڭ. مۇنداق ئەھۋال يۈز بەرمىسە دەرھال كاللىسىنى ئېلىڭ، - دەپتۇ.
- خوپ، - دەپتۇ پادىشاھ. ئىككىنچى كېچىسى دانىش كۈزەتتە تۇرۇپتۇ. تۈن تەڭ بولغاندا بوران چىقىپ، ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماقلار چېقىلىپ، قاراس - قۇرۇس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يەنە بىر تۈپ ئالىمىمۇ يىلتىز - پىلتىزلىرى بىلەن قۇمۇرۇلۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، بوران بىلەن غايىب بوپتۇ. دانىش دەرھال ئەھۋالنى پادىشاھقا مەلۇم قىلىپ:
- دادا، ئاكامنى ئۆلتۈرگەن بولسىڭىز ئۇۋال بولار ئىكەن. بۈگۈن كېچە بوران چىقىپ يەنە بىر تۈپ ئالمىنى ئېلىپ كەتتى، - دەپتۇ.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پادىشاھ تېخىمۇ دەرغەزەپ بولۇپ:
- سەن ئاكا - ئۇكا ئىككىڭنىڭ گېپى بىر ئىكەن. سەنلەر مەندىن يوشۇرۇپ، ئالمىنى سېتىپ خەجلەپ، مېنىڭ ھاياتىمغا قەست قىلماقچى. جاللات، چاپ بۇ ئىككى ئەبلەخنى! - دەپتۇ. تۆت جاللات قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ كىرىپتۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا ئەخمەتجان ئوتتۇرىغا چۈشۈپ:
- دادا، ئىككى ئاكامنىڭ قېنىدىن كەچسىڭىز. بۈگۈن كېچە باغنى مەن كۆزەت قىلسام، يەنە ئاكىلىرىم دېگەندەك ئىش يۈز بەرسە گۇناھىمدىن كەچسىڭىز، - دەپتۇ.
- ئاكىلىرىڭ چوڭ تۇرۇپ ئالمىلارنى قوغدىيالماي ئوغرىغا بەرگەن يەردە سەن نېمە قىلالايتىڭ؟ - دەپتۇ پادىشاھ.
- دادا، ئەقىل «ياشتا ئەمەس، باشتا» دېگەن گەپ بار. مەن بىر كۆرۈپ باقسام، - دەپتۇ ئەخمەتجان. پادىشاھ بۇ ئوغلىغا بەكمۇ ئامراق بولغانلىقى ئۈچۈن «خوپ» دەپتۇ.
ئەخمەتجان قىلىچ، نەيزە، ئوقيالىرىنى بەللەپ، يېرىم كېچىنى ئۆتكۈزۈپتۇ. بىر ۋاقىتتا تويۇقسىزلا جاھاننى قىزىللىق بېسىپ كېتىپتۇ. كۆزنى ئاچقىلى بولماپتۇ. چاقماقلار چېقىلىپ، شېغىل تاشلار ئۇچۇپ كۆزگە ئاجايىپ - غارايىب سەت بىر نەرسىلەر كۆرۈنۈشكە باشلاپتۇ. بىر ۋاقىتتا قاراس - قۇرۇس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئاخىرقى بىر تۈپ ئالما يىلتىز - پىلتىزلىرى بىلەن قۇمۇرۇلۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا ئەخمەتجان قىزىل بوراننىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا قارىتىپ ئوقيادىن بىر ئوق ئاتقانىكەن، گۈپ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئاسماندىن ئېشەكنىڭ كاللىسىدەك بىر نەرسە چۈشۈپتۇ. ئەخمەتجان بۇ نەرسىنى ئېلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ۋەقەنى بايان قىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ، شاھ تېخىمۇ غەزەپلىنىپ:
- ياق، ئۈچىلىڭنىڭ گېپى بىر ئىكەن. سەنلەر مېنىڭ خاسىيەتلىك ئۈچ تۈپ ئالمامنى يوقاتتىڭ. بۇ كۆتۈرۈپ كىرگەن نەرسەڭ ئاتنىڭ كاللىسىمۇ، ئېشەكنىڭ كاللىسىمۇ؟ جاللات، چاپ بۇ ئۈچ ئەبلەخنى! - دەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوردا ئەربابلىرى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ «پۈتۈن خەلقنى يىغىپ بۇ نەرسىنى خەلققە كۆرسىتىپ باقايلى. ئېھتىمال بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم چىقىپ قالسا ئەجەب ئەمەس» دەپتۇ. ئەخمەتجان بولسا:
- سەۋرى قىلىڭ دادا، مەن بۇنىڭ سىرىنى چوقۇم تاپىمەن. ماڭا ئىككى يىللىق رۇخسەت بېرىڭ، - دەپتۇ.
پادىشاھ بۇ ۋاقىتتا راست گەپنى - ئالمىنىڭ سىرىنى ئېيتىپتۇ. ئۈچ ئوغۇل:
- ئالمىنىڭ خاسىيىتىنى ئەمدى بىلدۇق، بىز ئالمىنى تاپمىغۇچە قايتىپ كەلمەيمىز، بىزگە رۇخسەت بېرىڭ، - دەپتۇ. پادىشاھ رۇخسەت بېرىپ:
- ئاۋۋال ئاسماندىن چۈشكەن نەرسىنى خالايىق كۆرۈپ باقسۇن، - دەپتۇ. شۇ ھامان پۈتۈن يۇرت ئەھلىنى يىغىپ ئۇ نەرسىنى كۆرسىتىپتۇ. بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەپتۇ. ئاخىرى يۇرتتا يىراقتىن كېلىپ قالغان بىر دىۋانە بولۇپ، ئۇنىمۇ چاقىرىپ كېلىپ ئۇنىڭغىمۇ كۆرسىتىپتۇ. دىۋانە كۆرۈپ، ئۇيان ئۆرۈپ، بۇيان ئۆرۈپ، ئاخىرى پادىشاھقا:
- ئى پادىشاھى ئالەم، بۇ دىۋىنىڭ بىر دانە تىرنىقىدۇر، - دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان ئوغۇللار:
- بىزگە رۇخسەت بېرىڭ، دىۋىلەرنى يوقىتىپ، ئالمىلارنى قايتۇرۇپ كېلىمىز! - دەپتۇ. پادىشاھ باقىش بىلەن دانىشقا رۇخسەت بېرىپتۇ. ئەخمەتجان:
- مەنمۇ ئاكىلىرىم بىلەن بىرگە بارىمەن، - دەپتۇ. پادىشاھ:
- بالام، سەن كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە يول خەتەرلىك، دىۋىلەرنىڭ ماكانى قەيەردە، ئۇنى بىلىدىغان ئىنسان يوق. سەن بارما، - دەپتۇ. ئەخمەتجان يىغلاپ تۇرۇۋېلىپ ئاخىرى رۇخسەت ئاپتۇ. بۇ ئۈچ ئوغۇل تولۇق تەييارلىنىپ، ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. بۇلار يولنى ئالتە ئاي داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئاخىرى بۇ تۈگىمەس يولدىن زېرىككەن باقىش:
- قايتىپ كېتەيلى، ئالتە ئايدىن بېرى ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمىدۇق، دىۋىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ كەلدۇق دەپ دادىمىزنى خۇش قىلمامدۇق، - دەپتۇ. دانىش:
- مەنمۇ شۇنداق ئويلىغانىدىم، كەتكەن يول ئۆزىمىزنىڭ قايتايلى، - دەپتۇ. ئىككى ئاكىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئەخمەتجان:
- ئاكىلار بەرداشلىق بېرەيلى، دادىمىزنى يالغان سۆزلەپ ئالدىساق بولماس. دىۋىنى ئىزدەپ تاپايلى ياكى دىۋىلەرنىڭ قولىدا ئۆلەيلى ياكى دىۋىلەرنى يوقىتىپ بالايى - ئاپەتتىن قۇتۇلايلى، - دەپتۇ. ئاكىلىرى بۇ تەكلىپكە ئۇنىماپتۇ. ئەخمەتجان:
سىلەر ھېچ قانداق ئىش قىلماڭلار، پەقەت ماڭا ھەمراھ بولۇڭلار، مەن يولدىن قايتمايمەن، مېنى تاشلاپ كەتسەڭلار بولماس، - دەپتۇ. ئەخمەتجانننىڭ ئاكىلىرى يەنە ئۈچ كۈنگىچە دىۋىنى ئىزدەشكە تەستە ماقۇل بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئاكا ئۇخلاپتۇ. ئەخمەتجان دىۋىنى نەدىن قانداق تېپىشنى ئويلىنىۋاتقاندا، ئاسماندىن چۈشكەندەك بىر نۇرانە، ئاپئاق ساقال بوۋاي ئالدىدا پەيدا بوپتۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بوۋا.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بالام. يول بولسۇن، سەپەر قاياققا؟ - دەپتۇ بوۋاي. ئەخمەتجان سەپەرگە چىقىشتىكى مەقسىتىنى بىر - بىرلەپ بايان قىپتۇ. بوۋاي ئاڭلىغاندىن كېيىن:
بالىلىرىم، يولۇڭلار خەتەرلىك. يەنە ئۈچ كۈن مەغرىپ تەرەپكە ماڭساڭلار بىر قىزىل گۈمبەزگە بارىسىلەر، ئۇ گۈمبەزنىڭ ئالدىدا چوڭقۇر بىر كۆل بار، دائىم شۇ كۆلدىن سۇ ئىچىدىغان بىر ئەجدىھا بار. سىلەر گۈمبەزگە كىرىپ ئەجدىھا كەلگەندە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى ئۈچ مىڭ غۇلاچ تاسما تىلىڭلار. يەنە بىر كۈن يول ماڭغاندىن كېيىن كۈيىقاپنىڭ ئاغزىغا بارىسىلەر. ھېلىقى تاسما شۇ ۋاقتىدا لازىم بولىدۇ. ئەجدىھانى ئۆلتۈرسەڭلار دىۋىنىڭ ماكانىغا بارالايسىلەر، بولمىسا بارالمايسىلەر. شۇ ئەجدىھا دىۋە كىرىدىغان تۆشۈكنى قوغدىغۇچىدۇر. يولۇڭلارغ ئاق يول تىلەيمەن. ئاللا سىلەرگە مەدەت بەرسۇن. ئامىن ئاللاھۇئەكبەر، - دەپلا كۆزدىن غايىب بوپتۇ.
بۇلار سەپەرنى يەنە ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئاخىرى ناھايىتى ھەيۋەتلىك بىر قىزىل گۈمبەز كۆرۈنۈپتۇ. ئەخمەتجان ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ. بىراق دانىش بىلەن باقىش قورقۇپ:
- قايتىپ كېتەيلى، ئەجدىھا يەپ كەتسە نام - نىشانىمىزمۇ قالمايدۇ، دەپ ئۇنىماپتۇ.
ئەخمەتجان گۈمبەزنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. راست دېگەندەك، گۈمبەزنىڭ ئالدىدا بىر چوڭ كۆل بار ئىكەن. ئەخمەتجان قورسىقىنى تويدۇرۇپ، گۈمبەزنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئەجدىھانىڭ كېلىشىنى كۈتۈپتۇ. خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن كۆلنىڭ سۈيى داۋالغۇشقا باشلاپتۇ. ناھايىتى ئېگىز، بەھەيۋەت بىر مەخلۇق كۆلدىن سۇ ئىچىۋاتقۇدەك. ئەخمەتجان قىلىچىنى بېشىدىن ئېگىز تۇتۇپ قىلىچنىڭ بىسىنى ئەجدىھانىڭ ئاغزىغا توغرىلاپ تۇرۇپتۇ. ئەجدىھا دەم تارتىپتۇ. ئەخمەتجان شۇ ھامان «ياخېلىلىللا» دەپ ئەجدىھانىڭ ئاغزىغا قارىتىپ ئۆزىنى قويۇپ بەرگەنىكەن، ئەجدىھانىڭ ئاغىزىدىن كىرىپ، قۇيرۇقىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. ئەجدىھا شۇ ھامان ئىككى پارچە بولۇپ ئۆلۈپتۇ.
ئەخمەتجان ئەجدىھانىڭ تېرىسىدىن ئۈچ مىڭ غۇلاچ تاسما تىلىپ، ئاكىلىرىنى باشلاپ دىۋىلەر ماكانى كۈيىقاپنىڭ ئاغزىغا بېرىپتۇ. تونۇرنىڭ ئاغزىدەك كىچىك بىر كامار، ئىچى قاپقاراڭغۇ تۇرغۇدەك. بۇنى كۆرگەن باقىش بىلەن س=دانىش قورقۇپ كېتىپ:
- يائاللا، بۇنىڭ ئىچىگە كىرگەن ئادەم ساق چىقمايدۇ، بىز كېتىمىز، - دەپ چۈشكىلى ئۇنىماپتۇ.
- ئاكىلار مەن چۈشەي، سىلەر مېنىڭ بېلىمگە تاسمىنى باغلاپ كامارغا سېلىڭلار، ئۈچ كۈنگىچە كېلىپ، مۇشۇ تاسمىنى مىدىرلاتسام مېنى بار ئىكەن دەپ تارتىڭلار، ئۈچ كۈندىن كېيىن قالسام ئۆلدى دەپ قايتىپ كېتىڭلار، - دەپ ئاكىلىرى بىلەن خوشلىشىپ، دىۋىلەر ماكانىغا چۈشۈپتۇ، ئۇنىڭ ئاكىلىرى كامارنىڭ ئاغزىدا تاسمىنىڭ مىدرىلىشىنى كۈتۈپ ساقلاپ يېتىپتۇ. ئەخمەتجان يەر ئاستىغا چۈشۈپ بېلىدىن تاسمىنى يېشىپ ئەتراپقا قاراپ سۈزۈك سۇلار شارقىراپ ئېقىۋاتقان، ھەرخىل گۈللەر رەڭگارەڭ ئېچىلىپ كەتكەن، بۇلبۇللار سايراپ كەتكەن بىر گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈپتۇ. بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ باغقا كىرىپتۇ. تاماشا قىلىپ يۈرۈپ خاسىيەتلىك ئالمىنى ئىزدەپتۇ. لېكىن تاپالماپتۇ. بىر ۋاقىتتىن كېيىن يېقىنلا بىر جايدىن ئاۋاز كەپتۇ:
- ھەي يىگىت جېنىڭىزدىن تويدىڭىزمۇ؟ بۇ جايغا قانداق كەلدىڭىز؟
ئەخمەتجان چۆچۈپ شۇنداق قارىغانىكەن، ئۈچ تۆمۈر قەپەسنىڭ ئىچىدە ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس، پەرىزاتتەك چىرايلىق بىر قىز تۇرغۇدەك. ئەخمەتجان سالام مەلىكىلەر، - دەپتۇ.
باتۇر يىگىت، سىز قانداق قىلىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالدىڭىز؟ - دەپتۇ قىز. ئەخمەتجان ئەھۋالنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن:
- مەن دىۋىنى ئۆلتۈرۈپ، خاسىيەتلىك ئالمىنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن كەلدىم، - دەپتۇ.
- ھەي، سىز تېخى كىچىككەنسىز، دىۋە بىلەن ئويناشقىلى بولمايدۇ، يولىڭىزغا قايتىڭ، - دەپتۇ قىز.
- ياق، «يولۋاس ئىزىدىن قايتماس، يىگىت سۆزىدىن» دېگەن گەپ بار. مەن مۇشۇ مەقسەت بىلەن ئالتە ئاي يول يۈردۈم. دىۋىنى يوقاتماي ھەرگىز قايتمايمەن، - دەپتۇ ئەخمەتجان.
- سىزگە ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ. تېز قايتىڭ، دىۋىنى يوقىتالمايسىز، - دەپتۇ ئارىدىكى بىر قىز.
- مەن دىۋىنى يوقاتسام قانداق قىلىسىز؟
سىز دىۋىنى يوقاتسىڭىز، مەن ئۆزۈمنى سىزگە تەقدىم قىلىمەن.
- سىلەر قانداق قىلىپ بۇ تۆمۈر قەپەزگە سولىنىپ قالدىڭلار؟ قىزلار زار - ازر يىغلاپ:
دىۋىنىڭ ئۆزلىرىنى مۇشۇ قەپەزنىڭ ئىچىگە سولاپ قويغىنىغا ئىككى يىل بولغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى پادىشاھلارنىڭ قىزلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
ئەخمەتجان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قىزلارغا ناھايىتى ئىچى ئاغرىپ:
- خاتىرجەم بولۇڭلار، مەن دىۋىنى ئۆلتۈرۈپ، چوقۇم سىلەرنى قۇتۇلدۇرۇپ ئىنسان بار جايغا ئېلىپ چىقىمەن، - دەپتۇ.
- رەھمەت سىزگە. ئەگەر سىز راست دىۋە بىلەن ئېلىشماقچى بولسىڭىز مۇشۇ يەردىن بىر ئاش پىشىمغىچە يول ماڭغاندىن كېيىن بىر دەريانىڭ كۆۋرۈكىگە بارىسىز، سىز شۇ دەريانىڭ كۆۋرۈكى تېگىگە يوشۇرۇنۇپ ياتسىڭىز، دىۋە كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ، سىزنىڭ پۇرىقىڭىزنى بىلىپ توختايدۇ. سىز شۇ ۋاقتىدا چىقىپ ئېلىشسىڭىز بولىدۇ. بولمىسا ئۇنىڭغا يۈزلەنگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ سېھرى جادۇسى ناھايىتى جىق، سىز قورقمىسىڭىز يېڭەلەيسىز، خەير، سىزگە ئاق يول تىلەيمىز، - دەپ ئۇزىتىپ قويۇپتۇ قىزلار.
ئەخمەتجان كۆۋرۈكنىڭ تېگىگە كىرىپ يوشۇرۇنۇپ يېتىپتۇ.
ئاز ۋاقىتتىن كېيىن جاھاننى قاراڭغۇلۇق بېسىپ، ھەيۋەتلىك دىۋە كېلىپ كۆۋرۈك ئۈستىدە تاق توختاپتۇ.
- ھەي، ئادەمزات ھىدى كېلىدىغۇ، سەن قانداق جان؟ - دەپ ۋاقىراپتۇ. دەل شۇ ۋاقتىدا ئەخمەتجان كۆۋرۈك ئاستىدىن سەكرەپ چىقىپ:
- مەن سەن بىلەن ئېلىشىدىغان جان! - دەپتۇ.
- سەن كىچىك بالا ئىكەنسەن، ھېلى چايناپ چاينىڭ شامىسىدەك پۈركۈۋېتىمەن، يوقال كۆزۈمدىن! - دەپتۇ دىۋە.
ئەخمەتجان جەڭگە ئاتلىنىپتۇ. ئىككىسى شۇنداق جەڭ قىلىپتۇكى، ھەي - ھەي، قىلىچ - قالقانلارنىڭ ئاۋازىدىن جاھان لەرزىگە كەپتۇ. ئاخىرى تەڭ كېلەلمىگەن دىۋە سېھىر قىلىپ بىر قانچە ئەجدىھا پەيدا قىلىپتۇ. ئەخمەتجان بىر - بىرلەپ ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ. ئاخىرى دىۋىنىڭ غەزەپ ئاتەشلىرى ئۆرلەپ، ئەخمەتجاننى ئاسمانغا بىر ئاتقانىكەن، ھاۋانىڭ قەرىگە چىقىپ كېتىپتۇ. خۇدانىڭ تەقدىرى بىلەن قايتىپ چۈشۈشىدە دەل دىۋىنىڭ كاللىسىغا دەسسەپ چۈشۈپتۇ - دە، دىۋىنىڭ كاللىسىنى كېسىپ قىزلارنىڭ ئالدىغا كەپتۇ.
- مانا، مەلىكەم، دىۋىنىڭ كاللىسى، - دەپ مەلىكە تولۇنئاينىڭ ئالدىغا كېلىپ ئەمدى ئۆزىڭىزنى ماڭا تەقدىم قىلغايسىز، - دەپتۇ.
- ئەلۋەتتە ۋەدەمدىن يانمايمەن، - دەپتۇ قىز.
بىز ھازىرلا يولغا چىقايلى، ئازراقمۇ كېچىكىپ قېلىشقا بولمايدۇ، - دەپ قىزغا ۋەقەنى چۈشەندۈرۈپتۇ ئەخمەتجان. قىزلار ماقۇل بوپتۇ. ئۇلار باغلارنى ئايلىنىپ ھېلىقى خاسىيەتلىك ئالمىلارنى تېپىپتۇ. ئەخمەتجان ئالمىنى ئۈزۈپ قوينىغا سېلىپ، ئۈچ قىزلارنى ئەگەشتۈرۈپ كەچ بولغاندا قويىقاپنىڭ ئاغزىغا كەپتۇ. تاسمىنى مىدىرلىتىپ ئاكىلىرىغا خەۋەر بېرىپتۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا ئاكىلىرى كەتمەكچى بولۇپ تۇرغانىكەن. بىرىنچى قەپەزدىكى تۇرسۇنئاينى چىقىرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئاكىلىرى ھەيران قاپتۇ. قىز ئۇلارغا سالام بېرىپتۇ ۋە:
- مېنىڭ ئارقامدا چىقىدىغان ئۈچ كىشى بار. تانىنى سالايلى، - دەپتۇ. تاسمىنى ساپتۇ. ئىككىنچى قەپەزدىكى كۈمۈشئاينى چىقىرىپتۇ. ئۈچىنچى قېتىمدا ئالتۇنئاينى چىقارماقچى بولغانىكەن، قىز ئەخمەتجانغا قاراپ:
- سىز ئالدىمدا چىقىڭ، - دەپتۇ.
- ياق مەلىكەم، مەن سىزنى بۇ يەردە تاشلاپ ئالدىڭىزدا چىقىپ كېتەلمەيمەن، - دەپتۇ ئەخمەتجان.
- خەير، ماڭىمۇ قىلدىڭىز، ئۆزىڭىزگىمۇ قىلدىڭىز. ناۋادا پەلەك تەتۈر كېلىپ قالسا مېنى كۆرگەن كۆزىڭىزدە كۆرەرەسىز، - دەپ ئىككى دانە بىلەيزۇكنى چىقىرىپ يىگىتكە بېرىپتۇ ئالتۇنئاي. ئەخمەتجان قىزنى تاسمىغا باغلاپ يۇقىرىغا چىقىرىپتۇ.
ئالتۇنئاينى كۆرگەن باقىش بىلەن دانىش ئەقلى ھوشىدىن ئېزىپتۇ. باقىش:
- بىز قايسى يۈزىمىز بىلەن دادىمىزنىڭ ئالدىغا بارىمىز؟ ناۋادا ئىنىمىز: «ئاكىلىرىم كېرەككە كەلمىدى، ئۈچ دىۋىنى ئۆزۈم يالغۇز ئۆلتۈرۈپ، خاسىيەتلىك ئۈچ ئالمىنى ئۆزۈم تاپتىم» دېسە، شەنىمىزگە سەت ئەمەسمۇ، - دەپتۇ دانىش:
- ئەلۋەتتە شۇنداق، بۇنىڭ ئىلاجىسىنى قىلىش كېرەك، - دەپتۇ.
قانداق قىلىمىز؟ - دەپتۇ باقىش.
- ئۇنىڭ چارىسى ئاسان. تاشلاپ كېتەيلى، - دەپتۇ دانىش. ئۇلار ئىنىسى ئەخمەتجاننى يەر ئاستىدا قالدۇرۇپ، ئۈچ قىز بىلەن ئۈچ تال ئالمىنى ئېلىپ ئۆز يوللىرىغا راۋان بوپتۇ.
شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن يول يۈرۈپ، باقىش بىلەن دانىش ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ. ئۇلارنى ئوردا خادىملىرى قارشى ئاپتۇ. قارايدىغان بولسا ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەخمەتجان يوق. پادىشاھ يىغلاپ تۇرۇپ سوراپتۇ:
- مېنىڭ ئەخمەت جېنىم قېنى؟
باقىش بىلەن دانىش كۆرەڭلەپ:
- ئەخمەتجان كىچىك بولغىنى ئۈچۈن دېۋە يەپ كەتتى. ئۇنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمىدى، - دەپ قاۋاب بېرىپتۇ. پادىشاھ زار - زار يىغلاپتۇ. ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، تۇرسۇنئاي بىلەن كۈمۈشئاينى باقىش بىلەن دانىشقا نىكاھلاپ بېرىپتۇ.
ئالتۇنئاي تولا يىغلاپ دەردىنى بىر كىشىگە ئېيتماستىن، ئاچچىق يۇتۇپ، ئاجىزلىشىشقا باشلاپتۇ. ئاخىرى كېسەل بولۇپتۇ. پادىشاھ بىر كۈنى ئۇنى چاقىرتىپ ياتلىق قىلىپ قويۇشنى ئېيتىپتۇ. مەلىكە رازىلىق بەرمەپتۇ. راست گېپىنى پادىشاھقا ئېيتالماي، زار - زار يىغلاپ ئاخىرى ئەخمەتجان بەرگەن ئۈچ دانە خاسىيەتلىك ئالمىنى پادىشاھقا بېرىپتۇ. پادىشاھ ناھايىتى خۇشال بوپتۇ. ئىنچىكىلەپ قاراپ ئۆزىنىڭ خاسىيەتلىك ئالمىسىغا ئوخشايدىغانلىقىغا ھەيران بوپتۇ. ئۇنىڭدىن بىرنى قىزغا يېگۈزگەنىكەن، شۇ ھامان مەلىكىنىڭ كېسىلى ساقىيىپ كېتىپتۇ. قالغان ئىككىسىنى پادىشاھ ئۆزى يەپتۇ. شۇ ھامان تېتىكلىشىپ، ياشىرىپ قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۆزىنىڭ خاسىيەتلىك ئالمىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. ئۆمرىنى يىگىرمە يىل ئۇزارتىپتۇ.
ئەمدى گەپنى ئەخمەتجاندىن ئاڭلايلى. ئۇ بىر ھەپتىگىچە يەر ئاستىدا يېتىپتۇ، لېكىن تاسما قايتىپ كەلمەپتۇ. ئاخىرى جاندىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ زار - زار يىغلاپ كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ئۇنىڭ چۈشىگە ھېلىقى خىزىر كىرىپتۇ. خىزىر باش كۆزىنى سىيلاپ: «ئوغلۇم يىغلىما، ئىنشائاللا يەر ئاستىدىن سالامەت قايتىپ چىقىسەن. مۇشۇ يەردىن كۈنچىقىش تەرەپكە قاراپ يەتتە كۈن يول ماڭساڭ بىر ئېگىز تاغقا يېتىپ بارىسەن. تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قاراڭغۇ تۆشۈك بار، بۇ تۆشۈك بارغانچە يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ. ئۇ يەر ئۈستىگە چىقىدىغان تۆشۈك. تۆشۈكنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر ئات باغلاقلىق، ئۇ ئاتنىڭ سول كۆزى كور. ئوڭ كۆزى ساق. ئەگەر سەن ئاتنىڭ كۆر كۆزى تەرەپتىن ماڭساڭ يەر ئۈستىگە چىقىپ كېتەلەيسەن. ساق كۆزى تەرەپتىن ماڭساڭ، ئات مەيدەڭگە بىرنى تېپىدۇ. يەتتە قات يەرنىڭ تېگىگە چۈشۈپ كېتىسەن. ئىلاھە ئامىن، خۇدا سېنى مۇرادىڭغا يەتكۈزگەي، ئاللاھۇئەكبەر» دەپتۇ. ئەخمەتجان ئويغىنىپ قارىسا ھېچكىم يوق. كۆرگەن چۈشىنى ئەسلەپ: «يېتىپ ئۆلگۈچە ئېتىپ ئۆل دېگەن گەپ بار. ھاياتلىق يولىنى ئىزدەپ باقاي» دەپ، كۈنچىقىش تەرەپكە راۋان بوپتۇ. ئاخىرى ئات باغلاقلىق يەرگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇ خۇشاللىقتا سول تەرەپتىن ماڭدىم دەپ ئوڭ تەرەپتىن مېڭىپ ساپتۇ. ئات مەيدىسىگە بىرنى تەپكەنىكەن يەتتە قات يەر ئاسىتغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ھوشىغا كېلىپ قارايدىغان بولسا، بۇ يەر بۈك - باراقسانلىق، ناھايىتى گۈزەل جاي ئىكەن. ئۇ بېشى تايغان پۇتى قايغان تەرەپكە قاراپ، نىشانسىز مېڭىپتۇ. مېڭىپ - مېڭىپ، ئاخىرى باشقا بىر پادىشاھلىققا بېرىپ قاپتۇ. بۇ يەردە نەگە بارسا يىغا ئاۋازى ئىمىش. بۇنىڭدىن ھەيران قالغان ئەخمەتجان بىر كىشىدىن سوراپتۇ:
- بۈگۈن بىرلا ۋاقىتتا بۇ يەردە شۇنچە كۆپ ئادەم ئۆلدىمۇ؟ بۇ نېمە دېگەن تولا يىغا ئاۋازى؟
- سەن بۇ يەرلىك ئەمەس ئوخشايسەن. بىزنىڭ يۇرتىمىزغا بىر ئەجدىھا پەيدا بولۇپ قالدى، ھەر كۈنى ناشتىلىق ئۈچۈن ئون ئادەم، چۈشلۈك ئون ئادەم،كەچلىك ئۈچۈن ئون ئادەم يەيدۇ. بۇنىڭغا پادىشاھمۇ ئامالسىز قالدى. شۇنىڭ كاساپىتىدىن يۇرتىمىزدا ئادەملەر شالاڭلاپ كەتتى. بۈگۈنكى كۆپ يىغىنى ئۇقماقچى بولساڭ، ئەجدىھاغا يەم بولغۇچىلارنىڭ يىغىسى، ماتىمى. بۈگۈن پادىشاھنىڭ ئەڭ ئارزۇلۇق قىزىمۇ ئەجدىھاغا يەم بولماقچى، - دەپ ۋەقەنى چۈشەندۈرۈپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئەخمەتجاننىڭ يۈرەكلىرى ئېزىلىپ، بۇ بىچارىلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەپتۇ.
- پادىشاھى ئالەم، ئەجدىھانى يوقىتىپ غەمدىن خالاس قىلسام خۇش بولامسىز؟ - دەپتۇ.
- ئى جاسارەتلىك يىگىت، پادىشاھلىقىمدا پۇقرالىرىم ئاز قالدى، ئەجدىھانى يوق قىلىشقا مېنىڭ قۇدرىتىم يەتمىدى. مېنىڭ بىردىنبىر ئارزۇلۇق قىزىممۇ بۈگۈن ئەجدىھاغا يەم بولماقچى، ئەگەر سەن ئەجدىھانى يوقىتىپ قىزىمنى قۇتۇلدۇرساڭ، قىزىمنى ساڭا نىكاھلاپ بېرىشتىن تاشقىرى پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى ساڭا بېرىمەن، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ ئەخمەتجان:
- ماڭا پادىشاھلىقنىڭ كېرىكى يوق. مېنىڭ بىرلا تەلىپىم بار، - دەپ يەر ئۈستىگە چىقىرىپ قويۇشنى تەلەپ قىپتۇ.
- ئاۋۋال ئەجدىھانى يوقاتقىن، سېنىڭ تەلىپىڭنىڭ ئامالىنى كېيىن قىلايلى، - دەپتۇ پادىشاھ. ئەخمەتجان تەييارلىقىنى پۇختا قىلىپ، قاڭقىر قاقشاپ تۇرغان بىچارىلەرنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇپ، ئەجدىھاغا قارشى يولغا چىقىپتۇ. قورسىقى ئېچىپ نەپسى تاقىلداپ كەتكەن ئەجدىھا ئەخمەتجاننى كۆرۈپ دەم تارتىپتۇ. ئەخمەتجان چەبدەسلىك بىلەن ئەجدىھانى چېپىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. پادىشاھ ۋە خەلق ئۇنىڭغا بارىكاللا ئېيتىپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭ شەرىپىگە كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن مۇنەججىم كىشىلەرنى يىغىپ بۇ يىگىتنى يەر ئۈستىگە چىقىرىشنىڭ ئامالىنى قىپتۇ. نەتىجىدە بىر قېرى مۇنەججىم:
- كۈن ئولتۇرۇش تەرەپتىكى ئېگىز تاغدا نەسلى كۆپەيمىگەن بىر سىرما قۇش بار. ئۇنىڭ بالىلىرىنى ھەر يىلى بىر ئەجدىھا يەپ كېتىدۇ. كىمدە - كىم شۇ ئەجدىھانى ئۆلتۈرۈپ قۇشنى بالايىئاپەتتىن خالاس قىلالىسا، قۇش شۇ كىشىنىڭ قانداق تەلىپى بولسا ھەل قىلىشى مۇمكىن، - دەپتۇ. ئەخمەتجان پادىشاھ بىلەن خوشلىشىپ سىرما قۇش ماكانى تەرەپكە راۋان بوپتۇ. بىر ھەپتە مېڭىپ قۇشنىڭ ماكانىغا يېتىپ بېرىپتۇ. قۇشنىڭ بالىلىرىنىڭ يىغا - نالىسىدىن تاغلار لەرزىگە كەپتۇ. ئەخمەتجان قارىسا، بىر ئەجدىھا تاغقا يامىشىپ قۇشنىڭ بالىلىرىنى يېيىش ئۈچۈن چىقىپ كېتىپ بارغانىكەن. ئەخمەتجان يانداپ ئۆتۈپ، ئەجدىھانى چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ گۆشىدە قۇشنىڭ بالىلىرىنى بېقىپتۇ. ئانا قۇش ئوۋغا چىقىپ كەتكەنىكەن. قۇشنىڭ بالىلىرى ناھايىتى خۇش بوپتۇ.
ئانىسى قايتىپ كەلگەندە قۇش بالىلىرى:
- ئانا ئېيتىڭە، ۋاپاغا جاپا بارمۇ؟ - دەپتۇ قۇش بالىلىرى.
- ياق بالىلىرىم، ئەلۋەتتە، ۋاپاغا - ۋاپا، جاپاغا - جاپا، - دەپتۇ ئانىسى. دەل شۇ ۋاقىتتا بىر قۇش بالىسى:
- مانا بۇ ئادەم بىزگە ۋاپا قىلدى. بۇ كىشىگە سىزمۇ ۋاپا قىلىڭ، - دەپتۇ - دە، قانىتىنىڭ ئاستىدىن ئەخمەتجاننى چىقىرىپتۇ، ئەخمەتجان قۇشقا ئېگىلىپ سالام قىپتۇ. قۇشنىڭ بالىلىرى ئانىسىغا ئەھۋالنى بايان قىپتۇ. قۇش ئەھۋالنى تولۇق بايان قىپتۇ. قۇش ۋاپا يۈزىسىدىن ئەخمەتجاننى ئۈستىگە مىندۈرۈپ يەر ئۈستىگە چىقىرىپ قويۇشنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپتۇ. گۆش بىلەن سۇنى تەييارلاپ ئۈستىگە مىندۈرۈپ «كۆزۈڭنى يۇم» دەپتۇ. ئاسمانغا قاراپ ئۇچۇپتۇ... ئۇچۇپتۇ... «گۆش، سۇ» دەپتۇ. گۆش بېرىپتۇ، سۇ بېرىپتۇ، يەنە ئۇچۇپتۇ..... ئۇچۇپتۇ.... «گۆش، سۇ» دەپتۇ، بۇ چاغدا گۆش بىلەن سۇ تۈگەپ قالغانىكەن. ئەخمەتجان ئۆز يوتىسىنى كېسىپ بېرىپتۇ. سۇ ئورنىغا، ئاللانى سېغىنىپ بىر يىغلىغانىكەن، بىر پىيالە ياش چىقىپتۇ، يېشىنى بېرىپتۇ. ئاخىرى يەر ئۈستىگە سالامەت ئۇچۇپ چىقىپتۇ. ئايرىلىش ۋاقتىدا قۇش:
- بىر سۇ بەردىڭ ناھايىتى ئاچچىق، بىر گۆش بەردىڭ ناھايىتى تاتلىق. بۇنداق تاتلىق گۆشنى تا ھازىرغىچە يېمىگەنىدىم. بۇنداق ئاچچىق سۇنى ھەم ئىچمىگەن، بۇنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بەرگىن، - دەپتۇ.
- گۆشىڭىز تۈگىدى، گۆش ئورنىغا سېمىز يوتامنى كېسىپ بەردىم. سۇ ئورنىغا يېشىمنى بەردىم، - دەپ سۆڭەكلىرى كۆرۈنۈپ قالغان يوتىسىنى كۆرسىتىپتۇ ئەخمەتجان. قۇش ناھايىتى خىجىل بولۇپ ھەم تەسىرلىنىپ قانىتى بىلەن بىر سىپىغانىكەن، ئەخمەتجاننىڭ پۇتى سەللىمازا ساقىيىپ كېتىپتۇ. قۇش خوشلىشىشتىن بۇرۇن ئۈچ تال پېيىنى يۇلۇپ بېرىپ:
- بۇنى يۈزۈڭگە سۈرسەڭ تاز بولۇسەن، مانى سۈرسەڭ سەكسەن ياشلىق قېرىغا ئۆزگىرىسەن، بۇنى سۈرسەڭ ئەسلىڭگە كېلىسەن، - دەپ ئەخمەتجان بىلەن خوشلىشىپ، ئۆز ماكانىغا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئەخمەتجان چۈشكەن جايلار سۇلتان خوجامنىڭ تەۋەلىكى بولۇپ، بۇ يەردە پادىشاھنىڭ چارۋىلىرى ئوتلايدىكەن. ئەخمەتجاننىڭ كۆزى پادىچى تازغا چۈشۈپتۇ. ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ:
- ھەي تاز تېزىڭنى ساقايتىپ قويسام نېمە بېرىسەن؟ - دەپتۇ.
- سۇلتان غوجام بەرگەن بىر ئېتىم بار. شۇنى بېرىمەن، - دەپتۇ تاز. ئەخمەتجان ئۆزىنىڭ پادىچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھېلىقى قۇشنىڭ پېيىنى بىر سۇۋاپ قويغانىكەن، شۇ ھامان تازنىڭ بېشى ساقىيىپ كېتىپتۇ. ئەخمەتجان پادىچىدىن ئاتىسىنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ئاكىلىرىنى بىر - بىرلەپ سوراپتۇ، پادىچى:
- پادىشاھنىڭ كۆزى ئەخمەتجان دېگەن بالىسىغا تولا يىغلاپ قارىغۇ بولۇپ قالدى، - دەپتۇ.
پادىشاھنىڭ ئىككى ئوغلى دىۋىلەرنى ئۆلتۈرۈپ يەنە ئۈچ قىزنى ئولجا ئېلىپ كەپتۇ، ئىككىسى بىردىن ئېلىپ مۇرادىغا يەتتى.
- يەنە بىر قىزچۇ؟
- ئۇ چىرايلىق قىز ھېچكىمگە تەگكىلى ئۇنىمىدى.
- ئۇ قىز نېمىشقا ئەرگە تەگمەيدىكەن؟
- ئۇنىڭ بىر باتۇر مۇھەببەتدىشى بولۇپ ئۇنىڭدىن ئايرىلغىنىغا يىغلار ئىمىش.
ئەخمەتجان پۈتۈن ئەھۋالنى چۈشىنىپ، ناھايىتى بىئارام بوپتۇ. پادىچى بىلەن خوشلىشىپ يولىغا راۋان بوپتۇ.
شۇ كۈنلەردە ئالتۇنئاي زار - زار يىغلاپ ئاشىقى ئەخمەتجاننى تېپىش مەقسىتىدە پادىشاھقا مۇنداق تەلەپ قويۇپتۇ:
- پادىشاھى ئالەم، چوڭ مەيدانغا مىڭ گەز خادا ئورناتسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر داچەن پۇل بېكىتتۈرسىڭىز. كىمدە - كىم شۇ داچەن تۆشۈكىدىن ئوقيا ئوقىنى ئۆتكۈزەلىسە شۇ كىشىگە مېنى بەرسىڭىز.
قىزنىڭ قارىشىچە، مۇنداق ماھارەت پەقەت ئەخمەتجاندىلا بار ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا كىشىنىڭ قولىدىن كەلمەيدىكەن. قىز بۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدىكەن. پادىشاھ بۇ تەلەپكە قوشۇلۇپتۇ. خادا تىكلىنىپتۇ. قىز دېگەندەك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ جاي - جايلارغا: «كىمدە - كىم بولسۇن، شاھ بولسۇن، گاداي بولسۇن، مۇشۇ خادىنىڭ ئۇچىدىكى داچەننىڭ تۆشۈكىدىن ئوقيا ئوقىنى ئۆتكۈزگەن كىشىگە قىرىق كېچە - كۈندۈز توي - تاماشا قىلىپ ئالتۇنئاينى نىكاھلاپ بېرىمەن» دېگەن جاكا چىقىرىلىپتۇ.
شۇ كۈندىن باشلاپ جاي - جايلاردىن مەرگەنلەر كېلىشكە باشلاپتۇ. پۈتۈن تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن مەلىكە ئېگىز راۋاقنىڭ ئۈستىگە چىقىپ مەرگەنلەر ئاتقان ئوقنى كۆزىتىپ تۇرۇپتۇ. كىشىلەر ئوق ئۈزۈشكە باشلاپتۇ، مىڭلىغان كىشىلەر ئوقياسىدىن ئوق ئۈزۈپتۇ. ھېچقايسىسى ئۆتكۈزەلمەپتۇ. ئەڭ ئاخىرىسىدا سەكسەن ياشلىق بىر بوۋاي كېلىپ مەلىكىگە قاراپ:
- مەلىكەم ئاشۇ داچەن پۇلنىڭ تۆشۈكىدىن ئوقيا ئوقىنى ئۆتكۈزسەم، مېنى قېرى كۆرمەي، ئۆزلىرىنى قوبۇل قىلالىمۇ؟ - دەپتۇ.
- ئەلۋەتتە، - دەپتۇ مەلىكە.
- بوۋاي ئوقياسىنى ئانچە قارىلاپ تۇرمايلا ئاتقانىكەن، ئوق داچەن پۇلنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ، مەلىكە خۇشاللىقىدا:
- ئەخمەتجاننى تاپتىم، - دەپ راۋاقتىن يۈگۈرۈپ چۈشۈپ بوۋايغا ئېسىلىپتۇ، بۇنىڭدىن خالايىق ھەيران قاپتۇ. ئەخمەتجان دەرھال بىر تال پەينى يۈزىگە سۈرتۈپ ئۆز ئەسلىگە كەپتۇ. پۈتۈن شەھەر خۇشاللىققا چۆمۈپتۇ. ئەخمەتجاننى ئىززەت - ئېكرام بىلەن ئوردىغا باشلاپ كىرىپتۇ. كۆزىدىن ئايرىلغان پادىشاھ بالىسىنى باغرىغا بېسىپ يىغلاپتۇ. ئەخمەتجان قۇشنىڭ پېيىنى دادىسىنىڭ كۆزىگە سۈرگەنىكەن، پادىشاھنىڭ كۆزى ۋاللىدە ئېچىلىپ كېتىپتۇ. باقىش بىلەن دانىش غەمگە پېتىپتۇ. ئەخمەتجان ئاكىلىرىغا ئاداۋەت تۇتماپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ ئەخمەتجان بىلەن مۇڭدىشىپتۇ. ئەخمەتجان بېشىدىن ئۆتكەن بارلىق سەرگۈزەشتىلىرىنى بىر - بىرلەپ بايان قىپتۇ. ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇققان پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ، باقىش بىلەن دانىشنى توسۇن ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپ سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. ئىككىسىنىڭ ئۆلۈكى دەشت - چۆلدە قاپتۇ. جەسىتىنى قاغا - قۇزغۇن يەپتۇ. پادىشاھ ئەخمەتجاننى ئۆز ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ ئالتۇنئاينى نىكاھلاپ قىرىق كېچە - كۈندۈز توي - تاماشا قىلىپ بېرىپتۇ. ئەخمەتجان پادىشاھ بولغاندىن كېيىن يۇرتنى ئادىللىق بىلەن سوراپتۇ. مۇراد - مەقسىتىگە يېتىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈپتۇ.