UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئەقىللىق بالا

ئەقىللىق بالا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ ئاتارمەن - چاپارمەنلىرى بىلەن ھېيىتكاردىن قايتقان شاھ يول ئۈستىدە لاي بىلەن سېپىل ۋە شەھەر چاق ياساپ ئويناۋاتقان بىر توپ بالىلارنىڭ ئۈستىگە دۇچ كېلىپ قاپتۇ. چوڭ ھەيۋەت بىلەن كېلىۋاتقان شاھنى ۋە ئۇنىڭ نۆكەرلىرىنى كۆرگەن بالىلار ئالدىراپ قېچىپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇسرەت دېگەن بىر بالا دوستلىرىغا قاراپ: - بالىلار، ئىشىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار. شاھ بىلەن ئۆزۈم سۆزلىشىمەن، - دەپ بالىلارنىڭ كېتىشىگە يول قويماپتۇ. دەل شۇ چاغدا شاھنىڭ ياساۋۇللىرىدىن بىرى كېلىپ: - يولنى بىكار قىلىش! شاھنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشمەي تۇرۇشامسەن؟ يوقال! - دەپ ۋارقىراپتۇ. ياساۋۇلنىڭ ۋارقىرىشىدىن قورققان بالىلار سەكرەپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ قاچماقچى بولۇپ تۇرغاندا، نۇسرەت ياساۋۇلنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، دۇنيادا ئۆتكەن شاھلار قانچىلىك سەلتەنەتلىك ۋە قۇدرەتلىك بولۇشىغا قارىماي، شەھەرنىڭ سېپىلىنى ئايلىنىپ ئۆتكەن، تارىختا شەھەر سېپىلىنى بۇزۇپ ماڭغان شاھ ئۆتكىنى يوق، بىزنىڭ شاھىمىزمۇ مالال كۆرمەي شەھىرىمىزنىڭ سېپىلىنى ئايلىنىپ ئۆتۈشى كېرەك! - دەپتۇ. - تولا گەپدانلىق قىلماي يوقال! - دەپ تېخىمۇ قاتتىقراق كاكىراپتۇ ھېلىقى ياساۋۇل. بۇ چاغدا شاھ ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، نېمە ۋە ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ. ياساۋۇل بولغان گەپ - سۆزلەرنى شاھقا مەلۇم قىلىپتۇ، شاھ بالىنىڭ سۆزىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ ۋە بالىنىڭ ئەقىللىق ۋە جۈرئەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىچىدە ئاپىرىن ئوقۇپ، ئۇنى ئالدىغا چاقىرىپ ئىسمىنى سوراپتۇ. - ئىسمىم نۇسرەت، ئىسلام باپكار دېگەن كىشىنىڭ يالغۇز ئوغلىمەن، شاھ ئالىيلىرى شەھەرچىمىزنى بۇزۇپ ماڭسىلىرى مەن بۇنىڭغا يول قويمايمەن!... - دەپ تېخىمۇ دادىلراق جاۋاب بېرىپتۇ نۇسرەت. شاھ نۇسرەتنىڭ جاۋابىغا كۈلۈپ قويۇپتۇ - دە، بالىلار ياسىغان شەھەرچىنى ئايلىنىپ ئۆتۈشكە بۇيرۇق بېرىپتۇ. ئارىدىن ئاي ئۆتۈپ، يىل ئۆتۈپ، نۇسرەت ئون بەش - ئون ئالتە ياشلارغا كىرىپ قاپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ئۆز دوستلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىپ، شەھەرنىڭ چېتىدىن قولايلىق بوش بىر ئورۇننى تاللاپ، شەھەر سالماقچى بولۇپتۇ. ئۇلار كېسەك قۇيۇپ، ياغاچ توشۇپ، چوڭ بىر ئىمارەت ياساپ چىقىپتۇ. - ئاغىينىلەر، بىزنىڭ دەسلەپكى ئىشىمىز ئوڭۇشلۇق تۈگىدى. ئەمدى بىز ئۆزىمىزگە بىر پادىشاھ سايلاپ چىقايلى، باشقا ئىشلارنى شاھىمىز ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ يولغا سالار، - دەپتۇ. بالىلار نۇسرەتنى شاھلىققا بەلگىلەپتۇ، نۇسرەت شاھ بولۇپ بەلگىلەنگەندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ھەر خىل قائىدە - تۈزۈم، ئەمىر - پەرمانلارنى ئېلان قىلىپ، ئىش بېجىرگۈچىلەرنى تەيىنلەپتۇ ۋە: - ئۇنداق بولسا بىز ئۆز ئىشىمىزنى ئادالەت ۋە سائادەتتىن باشلايمىز. خەلققە ئادىل خىزمەت قىلىمىز... ياساۋۇللار ئەتىدىن باشلاپ شەھەرگە چىقىڭلار، خەلقنىڭ گەپ - سۆزلىرىگە، دەرد - ھەسرىتىگە قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى بولسا مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، - دەپتۇ. ئەتىسىدىن باشلاپ بالا پادىشاھنىڭ >ياساۋۇللىرى< شەھەر كوچىسىغا چىقىپ، خەلقنىڭ ئەرز - شىكايەتلىرىنى ئاڭلاشقا باشلاپتۇ. ئۇلار شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرسە، ئىككى ئادەم جاڭجاللىشىپ، بىر - بىرىگە >سېنىڭ ئەمەس، مېنىڭ!< دېيىشىپ بىر تۆگە بوتىلىقىنى ئۇيان تارتىپ، بۇيان تارتىپ يۈرگۈدەك. بالا ياساۋۇللار نېمە گەپ ئىكەنلىكىنى سورىغانىكەن، ھېلىقى كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان ۋەقەنى مەلۇم قىلىپتۇ: - بۇ بوتىلاق مېنىڭ تۆگەمنىڭ بالىسى ئىدى. مۇنۇ ئادەم مېنىڭ بوتىلىقىم، - دەپ تارتىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ، - دەپتۇ. بۇ ئادەمنىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا، يەنە بىر كىشى بوتىلاققا ئېسىلىپ تۇرۇپ: - ياق... ياق... بۇ مېنىڭ بوتىلىقىم ئىدى. بۇ ئادەم مۇتىھەملىك قىلىپ >مېنىڭ< دەپ ئېسىلىۋالدى، - دەپتۇ - دە، بوتىلاقنى سۆرەپتۇ. - توختاڭلار!... دەپتۇ كىچىك ياساۋۇللار، - سىلەر شەھەر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بارمىدىڭلارمۇ؟ - باردۇق. شاھ >مۇشۇ ئىشقىمۇ مېنى بىسەرەمجان قىلامسىلەر؟ چىقىڭلار، ئوردىنى قالايمىقان قىلماڭلار، بوتىلاقنى سويۇپ، ئىككىڭلار تەڭ بۆلۈشۈۋېلىڭلار< دەپ چىقىرىۋەتتى، - دەپتۇ ھېلىقى كىشىلەرنىڭ بىرى. - ئۇنداق بولسا يۈرۈڭلار، بالا پادىشاھىمىزنىڭ ئالدىغا بارايلى. ئۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ قويسۇن، - دەپتۇ - دە، ئۇلارنى نۇسرەتنىڭ ئالدىغا باشلاپ بېرىپتۇ. نۇسرەت مەسلىھەتچىلىرى، ساراي ئەمەلدارلىرى بىلەن >شاھلىق ئوردىسى< دا ئولتۇرغانىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىغا بوتلاق ھەققىدە ئەرز قىلىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ: - ھەر ئىككىڭلارنىڭ تۆگىسى بارمۇ؟ ئۇنداق بولسا تۆگەڭلەرنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ، بوتىلاقنى بولۇشىغا ساۋاڭلار، - دەپ بۇيرۇق بېرىپتۇ ياساۋۇللارغا قاراپ: - نۇسرەت ئۆز ئەمەلدارلىرىنى ۋە ھېلىقى دەۋاگەرلەرنى نەق مەيدانغا باشلاپ چىقىپ كۆزىتىپ تۇرۇپتۇ. كىچىك ياساۋۇللار بوتىلاقنى باغلاپ شۇنداق ئۇرۇپتۇكى، بوتىلاقنىڭ نالىسىگە چىدىيالمىغان ئورۇق بىر تۆگە ھۆركىرەپ كېتىپتۇ. تۆگىنىڭ ھۆركىرەپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن نۇسرەت: - بۇ تۆگە قايسىڭلارنىڭ بولسا بوتىلاق شۇنىڭ! - دەپ ھۆكۈم چىقىرىپتۇ. بۇنداق ئادالەت بىلەن چىقىرىلغان ھۆكۈمگە بوتىلاقنىڭ ئىگىسىلا ئەمەس، ھەتتا نۇسرەتنىڭ دوستلىرىمۇ قايىل بولۇشۇپتۇ. مانا شۇنىڭدىن كېيىن نۇسرەتنىڭ داڭقى پۈتۈن شەھەرگە تارقىلىشقا باشلاپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا ھەر خىل ئەرز - شىكايەتلەر بىلەن كەلگۈچىلەرمۇ كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىشكە باشلاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە كچىىك ياساۋۇللار شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرسە، بىر ئادەم ئىككى بالىنى يېتىلىۋېلىپ >ئەستا! ئەستاغپۇرۇللا، بۇ قانداق بولغىنى؟< دەپ ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆزلىشىپ كېتىۋاتقۇدەك. بۇ ئادەمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قالغان كىچىك ياساۋۇللاردىن بىرى: - ھەي تاغا، نېمە بولدىلا، نېمىگە شۇنچە قايغۇرۇپ كېتىلا؟ - دەپ سوراپتۇ. - ھەي ئوغلۇم، نېمىسىنى سورايسەن؟ مېنىڭ بىر ئوغلۇم بار ئىدى. ئۇنى سىركە ئېلىپ كېلىشكە بازارغا ئەۋەتسەم >سىركە يوق ئىكەن< دەپ قايتىپ كەلدى. ئارقىدىنلا مېنىڭ بالامغا بەكمۇ ئوخشىشىدىغان يەنە بىر بالا >مانا دادا، سىزگە!< دەپلا ئۆيگە كىردى. مەن بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسى ئۆز ئوغلۇم ئىكەنلىكىنى پەرق قىلالمىدىم. بىر بالىنى باقالمايۋاتقاندا، ئىككى بالىنى بېقىش ئۆزى بىر گەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئىزلەپ كېلىپ >بالا ئوغرىسى< دېگەن تۆھمەت بىلەن شەرىئەتكە بارسا، قازى - كالاننىڭ دەررە - پالاقلىرى ئاستىدا ئۆلەرمەنمۇ؟ دېگەن چېكى يوق بىر غەمد قالدىم، - دەپتۇ ھېلىقى كىشى. - شەھەر پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارمىدىڭىزمۇ؟ - باردىم، شاھ >ھەي ئەخمەق، بىر بالىدىن ئىككى بالا ياخشى ئەمەسمۇ؟ ھەر ئىككىسىنى ئۆز بالام دەپ بېقىۋەر. ماڭ، چىق، ئوردىنى قالايمىقان قىلما< دەپ چىقىرىۋەتتى، - دەپتۇ. - يۈرۈڭ، ئۇنداق بولسا بىز بالا پادىشاھىمىزنىڭ ئالدىغا بارايلى، سىزنى بۇ باش قېتىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قويسۇن، - دەپ ھېلىقى ئادەمنى ئىككى بالا بىلەن نۇسرەتنىڭ ئالدىغا باشلاپ كەپتۇ. بۇ ئادەم نۇسرەتكە بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. - قايسىڭلار بۇ كىشىنىڭ ئوغلى؟ - دەپ سوراپتۇ نۇسرەت ئەھۋالنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بالىلارغا قاراپ. - مەن!... - مەن!... ئىككى بالا تەڭلا ۋارقىراپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئۇلار شۇنچىلىك ئوخشىشىپ كېتىدۇكەنكى، ئۇلارنى پەرق قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەسكەن. ئۇلارنىڭ بوي - تۇرقى، رەڭگى - روھىلا ئەمەس، ھەتتا بىر تال چېچىمۇ پەرقلەنمەيدىكەن. نۇسرەت بۇ مەسىلىنى شەھەر پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە شەھەر مۆتىۋەرلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ھەل قىلىشقا كىرىشىپتۇ. بۇ مەسىلىگە ھەر بىرلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى قانداقكىن؟ - دەپ سوراپتۇ يىغىلغانلاردىن. لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ھېچكىم ئېغىز ئاچالماپتۇ. يەنە نۇسرەتنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قاپتۇ. - سەن سىركىنى قايسى دۇكاندىن ئالدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ نۇسرەت مەسىلىنى ھەل قىلىشقا كىرىشىپ. تۆت كوچىدىكى سىركىچى ئايالدىن، - دپتۇ بالىلارنىڭ بىرى. - سەن قايسى دۇكانغا بارغان ئىدىڭ؟ - يەنە سوراپتۇ نۇسرەت قۇرۇق قايتىپ كەلگەن بالىدىن. - تۆت كوچىدىكى دۇكانغا بارسام سىركە يوق ئىكەن، قايتىپ كەلدىم، - دەپتۇ سىركە ئېلىپ كېلەلمىگەن بالا. نۇسرەت بىر نەرسىنى سەل پەملەپ قاپتۇ - دە، سىركە بار بوتۇلكا بىلەن قۇرۇق بوتۇلكىنى يەرگە قويۇپ تۇرۇپ: - قېنى، قايسىڭلار بۇ ئادەمنىڭ بالىسى بولساڭلار، مۇشۇ قۇرۇق بوتۇلكىنىڭ ئىچىگە كىرىڭلار! - دەپ بۇيرۇق قىلىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان بالىلارنىڭ بىرى ھودۇقۇپ نېمە قىلارنى بىلەلمەي قاپتۇ. يەنە بىرى ئالمان - تالمان يەڭلىرىنى شىمايلاپ، بىرلا شۇڭغۇپ بوتۇلكىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. - بوتۇلكىغا ھېلىقى بالا كىرىپ بولغاندىن كېيىن" - بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ئېتىڭلار، - دەپتۇ ياساۋۇللارغا نۇسرەت، - مانا بۇ سىركە ئېلىپ كەلگەن بالا ئۆزىڭىزنىڭ بالىسى، بۇ بوتۇلكىنىڭ ئىچىگە كىرگەن مەخلۇق بولسا جىن - شەيتان! ئەمدى بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىنى ئاچماي، دەرياغا تاشلىۋېتىپ، ئۆز بالىڭىز بىلەن تۇرمۇشىڭىزنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈڭ! - دەپتۇ. بۇ مەيدانغا يىغىلغان كۆپچىلىك >بارىكاللا! نۇسرەت شاھنىڭ ئەقىللىكلىكىگە ئاپىرىن! نېمە دېگەن دانالىق بۇ!؟< دېيىشىپ، نۇسرەتنىڭ تەدبىرىگە ھەيران قېلىشىپتۇ. مانا شۇنىڭدىن بۇيان نۇسرەتنىڭ داڭقى پۈتۈن شەھەرگە تارقاپتۇ. نۇسرەتمۇ ھەر قانداق ئادەمنىڭ دەردى - ھالىغا يېتىپتۇ. شەھەر پادىشاھى نۇسرەتنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنى بىر سىناپ كۆرمەكچى بولۇپ: - نۇسرەت دېگەن بىر يالاڭتۆش، شاھلىق سەلتەنەتىمىزگە نۇقسان يەتكۈزۈپ، ئۆز ئالدىغا قانۇن تۈزۈپ چىقىرىپ، ئوردا تەشكىل قىلىپ، خەلقنىڭ ئەرز - شىكايەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ يۈرۈپتۇ ... بۇ ئەبلەخ دەرھال مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كەلتۈرۈلسۇن! ئىشىكتىن كىرسىمۇ، كىرمىسىمۇ كاللىسىنى ئالىمەن، ئالدى بىلەن كىرسىمۇ، كەينى بىلەن كىرسىمۇ كاللىسىنى ئالىمەن، بىر سۇئالىمغا ئىككى ئېغىز جاۋاب بەرسىمۇ، بەرمىسىمۇ كاللىسىنى ئالىمەن، - دەپ جار سېلىپ، نۇسرەتكە ئادەم ئەۋەتىپتۇ. نۇسرەت شاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ دوست - ئاغىنىلىرىنى باشلاپ، شاھنىڭ ئالدىغا كەپتۇ - دە، ئوردا ئىشىكىنىڭ بوسۇغۇسىدىن بىر پۇتىنى كىرگۈزۈپ، بىر پۇتىنى كىرگۈزمەي، پادىشاھقا ئالدىنىمۇ قىلماي، كەينىنىمۇ قىلماي، يانتۇ ھالەتتە تۇرۇپ سالام بېرىپتۇ. - ھەي بى ھۆرمەت، شاھ ھۇزۇرىغا بۇنداق ئەدەبسىزلىك بىلەن كىرىشنى ساڭا كىم ئۆگەتتى!؟ - دەپ ۋارقىراپ سوراپتۇ شەھەر پادىشاھى. - ھۆكۈملىرى...، دەپ بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا جاۋاب بېرىپتۇ نۇسرەت دادىللىق بىلەن. شاھ ئۆز ھۆكىمىنىڭ خاتالىقىنى دەرھال سېزىۋاپتۇ ۋە: - مەن سەندىن بىر سوئال سوراپ كۆرەي، شاھ تاجۇ - تەختىنىڭ راۋاجلىنىشى نېمىدىن؟ - دەپ سوراپتۇ شاھ. - ئادالەتتىن...، - بىر سۆز بىلەنلا جاۋاب بېرىپتۇ نۇسرەت. شەھەر شاھى ئىچىدە >بارىكاللا!< دەپ قويۇپتۇ. - يەنە بىر سوئال، زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشنىڭ مەنبەئى نېمە؟ - زۇلۇم ۋە جاھالەت. - بايان قىل! يەنە تەلەپ قىلىپتۇ شاھ نۇسرەتنىڭ جاۋابىدىن تېخىمۇ قانائەتلىنىپ. - ھۆكۈم بار، - دەپتۇ نۇسرەت شاھنىڭ ھۆكۈمىنى يادىغا سېلىپ. شاھ ھۆكۈمىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. - شاھلىق سەلتەنەتىنىڭ راۋاج تېپىشى، گۈللەپ - ياشنىشى خەلققە بەخت - سائادەت كەلتۈرۈپ، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم بېجىرىشتە. ھەر قانداق بىر شاھ قانچىلىك سەلتەنەتلىك ۋە قۇدرەتلىك بولسۇن، ئۆز ھۆكمىنى خەلققە زۇلۇم قىلىش بىلەن باشلاپ، جاھالەت پاتقىقىغا پاتسا، شۇ شاھنىڭ زاۋال تېپىش ۋاقتى تېز بولىدۇ، - دەپ بايان قىلىپتۇ نۇسرەت. شەھەر شاھى شاھلىق تەختىدىن چۈشۈپ، نۇسرەتنىڭ ئالدىغا كەپتۇ - دە، ئۇنىڭ پېشانىسىدىن سۆيۈپ: - بارىكاللا ئوغلۇم، ئەقىل - پاراسەتتە كامالەتكە يېتىپسەن. سەن ياش بولساڭمۇ ئەل - يۇرتنىڭ بەخت - سائادىتىگە ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىشىڭغا كۆزۈم يەتتى. سەن مېنىڭ ئورنۇمدا ئەلگە ئادالەت ۋە سائادەت يولىنى ئاچقىن، - دەپتۇ - دە، نۇسرەتنى ئۆز قولى بىلەن شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭغا تاج كىيگۈزۈپ قويۇپتۇ. ئەتراپتىكى ھەممەيلەنمۇ نۇسرەتنىڭ تەختكە چىقىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغانلىقتىن، نۇسرەت شاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇشقا ماقۇل بولۇپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، نۇسرەت شاھ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە خەلققە بەخت - سائادەت كەلتۈرۈش يولىدا ئادىللىق بىلەن يۇرت سورىغانىكە…
← بارلىق تېمىلار چوچاق