پىخسىق باي
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماننىڭ ئاۋۋىلىدە، كېيىنكى زاماننىڭ بېشىدا يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ قېشىدا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ تېشىدا خېلى ئاۋات بىر جاي بار ئىكەن. بۇ جايدا ناھايىتى پىخسىق بىر باي ئۆتكەنىكەن. باي شۇنچىلىك پىخسىق ئىكەنكى، ئۆزىنىڭ يېگەن ئاش نېنىغا ئۆزى چىدىمايدىكەن. خوتۇن -- بالىلىرىنىڭ يەپ - ئىچكىنىگە تېخىمۇ پايلىمايدىكەن. مىڭلاپ قوي، كالىسى بولسىمۇ، قازىنىغا ئۇ ئايدىن - بۇ ئايغا بىرەر قېتىم گۆش سالمايدىكەن. ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، نەچچە قازناقتا ئېشى، نەچچە كات - ساندۇقتا گۈلە - قاق، يېمىشى بار ئىكەنۇ، ئۆزىدىن تارتىپ بالىلىرىغىچە، يىللىقچىلىرىدىن تارتىپ مالايلىرىغىچە بىرەر قېتىم بولسىمۇ تويۇپ تاماق يېيەلمەيدىكەن بايلىقنىڭ راھىتىنى كۆرەلمەيدىكەن. شۇڭا يۇرت - مەھەللە ئۇنى >ئاپا ناندىن قىل سۇغۇرىدىغان، ئۆلۈكتىن دۇئا تاما قىلىدىغان پىخسىق باي< دەپ مەسخىرە قىلىشىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە پىخسىق باينىڭ ئوغلى بىلەن قىزى ئانىسىنى دالدىغا چاقىرتىپ:
- ئانا، قۇربان ھېيتتا زۇكامداپ قېلىپ گۆش يېيەلمىدۇق، مانا ئەمدى زۇكامدىن يېشىلىپتىمىز. بىراق، يەيلى دېسەك قۇرۇق زاغرىدىن باشقىسى يوق، گېپىمىزنى دادامغا دېيەلمىدۇق، كۆڭلىمىز گۆش تارتىپ تۇرىدۇ. دادامغا دېسەك، بىرەر پاقلان ئۆلتۈرۈپ يېسەك؟ - دەپتۇ. بالىلىرىنىڭ زارىغا چىدىمىغان ئانا:
- بالىلىرىم، بۇ ئىلتىماسىڭلارنى داداڭغا دەي، ماقۇلغا كېپ قالسا ئەجەب ئەمەس، - دەپ پىخسىق باينىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. بالىلىرىنىڭ ئىلتىماسىنى ئاڭلىغان باي، بىر ھازا تىلىنى چايناپتۇ، چىچاڭشىپ - قايناپتۇ. >ماقۇل< دەي دېسە بىر پاقلانغا كۆزى قىيماپتۇ. >ياق< دەي دېسە تېخى بولماپتۇ. ئاخىرى قاسساپ بازىرىغا بېرىپتۇ. بارغاندىمۇ گۆش ئەمەس، كاللا - پاقالچاق ئالىدىغان بولۇپتۇ.
پىخسىق باي قاسساپ بازىرىغا بارغاندىن كېيىن ھەممە دۇكانلارغا قاراپتۇ. نەدە ئەرزان كاللا بار ئىكەن دەپ ماراپتۇ. بىرقاسساپنىڭ كونا داستىخانغا يۆگەپ قويغان كاللا - پاقالچاقلىرىنى كۆرۈپتۇ. ئەمما باھاسىدا كېلىشەلمەي ئالماپتۇ. قاسساپ: >ئەرزان كاللا - پاقالچاق لازىم بولسا پالانى يۇرتقا بارسىلا< دەپ چاقچاق قىپتۇ. بۇ گەپنى راست دەپ ئويلاپ قالغان پىخسىق باي يولنىڭ يېقىن - يىراقلىقىغا قارىماي، قاسساپ دېگەن يۇرتقا قاراپ يولغا چىقىپتۇ.
ئۇ بىر كۈن يول مېڭىپ يۇرتقا بېرىپتۇ. بارغۇچە قورسىقى ئېچىپتۇ، ماغدۇرى قېچىپتۇ. ئۆزى بولدى دېگۈچە ھېرىپتۇ. قاسساپ بازىرىنى ئىزدەپ - سوراپ تېپىپتۇ -دە، ئۇدۇل كەلگەن بىر دۇكاننىڭ ئالدىغا بېرىپ سودىلىشىپتۇ. ئەمما بۇ يۇرتتىمۇ باھا ئوخشاش ئىكەن. ئىككى - ئۈچ داچەننى ئوشۇق خەجلەشكە كۆزى قىيمىغان باي بۆلەك بىر يۇرتنىڭ قاسساپ بازىرىنى مەنزىل قىلىپ قەدەم تاشلاپتۇ. ئىككى كۈن دېگەندە كۆزلىگەن يېرىگە يېتىپ بېرىپتۇ. ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت بولۇپ چىقىپتۇ. ھەممە يۇرتنىڭ قاسساپلىرى دېيىشىۋالغاندەكلا، كاللا - پاقالچاققا ئوخشاش باھا قويۇپ تۇرۇۋاپتۇ.
ھېلى داچەن پۇلنىڭ كۆزىگە، ھېلى قاسساپنىڭ كۆزىگە تەلمۈرۈپ ھالىدىن كەتكەن پىخسىق باينىڭ ئاچلىقتىن ئۈچەيلىرى تارتىشىپ ماڭغىدەك ھالى قالماپتۇ. ئەمما پۇلنىڭ مېھرىدىن كېچەلمەي، بىرەر قاچا ئىسسىققىنا تاماق ئېلىپ ئىچەلمەي چۆگىلەپ يۈرۈپتۇ - دە، بىر ئاشپۇزۇلنىڭ ئالدىغا بېرىپ قاپتۇ. خىلمۇ -
خىل مەززىلىك تاماقلارنىڭ پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلۇپ، كۆڭۈلنى ئايلاندۇرۇپتۇ. شۇڭا بۇ يەردىن كېتەلمەي خېلى ئۇزاق تۇرۇپتۇ. ئاشپەز ئۇستام پىخسىق باينىڭ توپا - چاڭ باسقان تەلەتىگە قاراپ مۇساپىر ئوخشايدۇ، دەپ خۇدا يولىدا بىر قاچا تاماقنى بىكارغا بەرمەكچى بولۇپ دۇكانغا چاقىرىپتۇ. پىخسىق باينىڭ كۆزى قاچىدىكى ئاشقا چۈشۈپ ئاشقازىنى كولدۇرلاپتۇ، غولدۇرلاپتۇ. ئەمما پۇلنى ئويلاپ چىرايى ئاقىرىپ، كەينىگە نەچچە قەدەم چېكىنىپتۇ.
بۇ ئاشپۇزۇلنىڭ خوجايىنى پىخسىق باينىڭ تاماققا قاراپ مۆلدۈرلىگەن كۆزىنى، ئاچلىقتىن دىرىلدەۋاتقان تىزىنى، بېلىدىكى قاپچۇقنى چىڭ چاڭگاللىۋالغان ئەلپازىنى، ئۆزىنىڭ قورسىقىغا تاماق ئېلىپ يېيىشكىمۇ چىدىماي بېسەرەمجان بولغان ھالىتىنى يىراقتىن كۆرۈپ قاپتۇ - دە، بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولۇپ كۈلۈمسىرەپتۇ، ئاندىن ئولتۇرغان يېرىدىن قوپۇپ، دۇكاننىڭ ئالدىغا چىقىپ پىخسىق باينى ئىچكىرىگە سۆرىگەندەك ئېلىپ كىرىپتۇ. بىر نەچچە قاچا ئاش - تاماق ئەكىلىپ بېرىپتۇ. پىخسىق باي >يەيمۇ - يېمەيمۇ؟< دېگەندەك ھالەتتە، تاماقلار سوۋۇپ كەتكەنگە قەدەر ئىككى خىيال بولۇپ ئولتۇرۇپتۇ. كېيىن يېمەسلىك قارارىغا كېلىپ، بەلبېغىغا چېگىۋالغان قاتتىق زاغرىنى ئېلىپ ھېجىرغا چىلاپتۇ - دە، ئۈستىگە ئاش سۈيى ئۇسسۇپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. ئاشپۇزۇلنىڭ خوجايىنى پىخسىق باينىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپ بېرىپتۇ.
قېتىپ كەتكەن زاغرا ھېچ يۇمشايدىغاندەك ئەمەسكەن، تاشتەك زاغرىنى چايناپ يۇتماق بەكمۇ تەسكەن، بىراق، پىخسىق باي بىر ئاماللارنى قىلىپ، چىداپ تۇرۇپ يۇتۇشقا باشلاپتۇ. بىر چاغدا بىر پارچە قاتتىق زاغرا پىخسىق باينىڭ گېلىغا كەپلىشىپ قېلىپ ھېقىلداشقا باشلاپتۇ. ئاشپۇزۇلنىڭ خوجايىنى پىخسىق باينىڭ دۈمبىسىگە خېلى ئۇزاق مۇشتلاپ تۇرۇپ مىڭ بىر بالادا كەپلىشىپ قالغان ناننى ياندۇرۇپتۇ.
جېنى قىينالسىمۇ پۇلى چىقىم بولماي قورسىقى تويغىنىغا رازى بولغان پىخسىق باي ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ قاچا ئاش سۈيى ئىچىپ راسا بىرنى كېكىرىپتۇ - دە، ئىسسىق باسقانلىقتىن ئېزىلىپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ.
ئاشپۇزۇلنىڭ خوجايىنى پىخسىق باينىڭ بۇ ئىشلىرىغا ئىچىدە كۈلسىمۇ سىرتقا چىقارماپتۇ. ئۇ پىخسىق باينىڭ تومپىيىپ تۇرغان قاپچۇقىغا قاراپ:>بۇ ئادەم مۇساپىردەك قىلمايدۇ. قولىنى قاپچۇقتىن ئالمايدۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا پۇلىنى خەجلىگىلى كۆزى قىيمايدىغان، ئىمكانىيىتى تۇرۇپ جېنىنى قىينايدىغان، مال - دۇنياغا كۆزى تويمايدىغان پىخسىقتىن ئوخشايدۇ. توختا مەن بۇنى ھېلىقى ئىشىمغا سېلىپ ئازراق تەربىيىگە ئىگە قىلىپ قويايچۇ< دەپ ئويلاپتۇ.
ئەسلىدە ئاشپۇزۇلنىڭ خوجايىنىنىڭ بىر ئاكىسى بولۇپ، خەقنى تالاپ، سىقىپ - يالاپ نۇرغۇن پۇل - پۈچەك، كىيىم - كېچەك، مال - دۇنياغا ئىگە بولغانىكەن. ئەمما ئېسيادى بىرنى ئىككى، ئوننى يىگىرمە، مىڭنى ئون مىڭ... قىلىشنىڭ غېمىدە بولغاچقا، ئۆزىمۇ يېمەي، بالا - چاقىلىرىغىمۇ بەرمەي كۈن ئۆتكۈزىدىكەن. >كۈلسەم بالا - چاقىلىرىم پۇل دەيدىكەن< دەپ كۈلمەيدىكەن. يىغىدىكەن - يىغىدىكەن، نەچچە ساندۇق تىللا، تەڭگىسى بارلىقىنى بىلمەيدىكەن. قىسقىسى پىخسىقلىقتا ئۇنىڭ قولىغا ھېچكىم سۇ قويۇپ بېرەلمەيدىكەن.
بىر قېتىم ئاشپۇزۇل خوجايىنى ئاكىسى قازناقتىكى ساندۇقلىرىغا قانچىلىك پۇل يىغىلغىنىنى بىلىپ باققۇسى كېلىپ ، ئىشىكنى ئېچىپ قازناققا كىرىپتۇ. ساندۇقلىرىغا قارىسا بىرمۇ تەڭگە يوقمىش! ئۇ شۇ ھامان >ئاللا - كاللا< دەپ ئۆينى بېشىغا كېيىپتۇ. كۆزلىرى تارتىشىپ، بېشى قېتىپتۇ. ئۇنىڭ نالە - پەريادىنى ئاڭلىغان بالا - چاقىلىرى قازناققا كىرگەندە پىخسىق باينىڭ قولى مەيدىسىدە، كۆزى گەجگىسىدە بىھۇش بولۇپ ياتقانىكەن. يۈز - كۆزلىرىگە سۇ سېپىپ، نەچچە ئون كۈن داۋالاپ بېقىپ، ئاران دېگەندە ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ.
باشقىلار نېمە بولغىنىنى سورىسا دېمەپتۇ. دورا بەرسە يېمەپتۇ. پەقەت >يېمىگەننىڭ چىشىغا تاش... يېمىگەننىڭ چىشىغا تاش...< دەپ پىچىرلاشتىن باشقىنى بىلمەپتۇ. ئارىدىن بىرەر ئاي ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى ئاشپۇزۇل خوجايىنىنىڭ ھەرەمخانا ئۆيىنىڭ تېمى يىقىلىپ چۈشۈپتۇ: تام ئاستىدىكى تۆشۈكتىن تىللا، تەڭگىلەر تورۇكلاپ چۈشۈپتۇ. بۇ ئەھۋالدىن ئاشپۇزۇل خوجايىنى ھەيران ھەس بولۇپتۇ. تەڭگە - تىللالارنى يىغىۋېلىش تەس بولۇپتۇ. چاشقان تۆشۈكىدىن چىققان تەڭگە - تىللا بىلەن ئون ساندۇق لىقمۇ لىق تولۇپتۇ.
ئاشپۇزۇل خوجايىنى يىقىلىپ چۈشكەن تامدىكى چاشقان تۆشۈكىنى بويلاپ قىزىپ ماڭغۇدەك بولسا، بۇ تۆشۈك ئۇدۇل ئاكىسىنىڭ قازنىقىغا ئىچىگە كىرىپ توختاپتۇ. دېمەك، چاشقانلار پىخسىق باينىڭ ساندۇقىنى تېشىپ ھەممە تەكگە، تىللانى ئۆزىنىڭ ئۇۋىسىغا توشۇپ كەنكەنىكەن.
ئاپشۇزۇل خوجايىنى ئاغرىق ئاكىسىنىڭ قېشىغا كەپتۇ. بولغان ئەھۋالنى چالا قويماي دەپتۇ. شۇ چاغدىلا كېسەل ياتقان باي ئورنىدىن قىمىرلاپ قويماچى، نەچچە يىللاپ يىققان پۇللىرىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپتۇ. لېكىن ماغدۇرى يەتمەپتۇ. تاكى نەپەستىن قالغۇچە ئاغزىدىن >يېمىگەننىڭ چىشىغا تاش... < دېگەن گەپ كەتمەپتۇ. ئاشپۇزۇل خوجايىنى پىخسىق ئاكىسىنى يەرلىكىدە قويۇپ بولغاندىن كېيىن، قازىخانىغا بېرىپ بولغان ئەھۋالنى بايان قىپتۇ. بۇنچە دۇنيانى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەيۋاتقانلىقىنى ئاياق قىپتۇ. نۇرغۇن تالاش - تارتىشلاردىن كېيىن ئۇ پۇللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىختىيارى پىخسىق باينىڭ بالا - چاقىلىرىغا تاپشۇرۇلۇپتۇ. باينىڭ ئايالى:
- بۇ مال - دۇنيالارنى ئەل - جامائەتنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرساق، مەرھۇم ئېرىم ھايات ۋاقتىدا بۇ پۇللار بىزگە ئەسقاتمىغان. ئېرىمنىڭ تەسەۋۋۇپ قىلىشىغىمۇ قۇتاتمىغان، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ. شەھەر قازىسى:
- يۇرتىمىزدا مۇساپىرخانىلار، دەڭ - سارايلار، مەدرىسە - مەكتەپلەر يېتىپ ئاشىدۇ. كۆۋرۈك، يول دېگەنلەرمۇ ئۆز جايىدا تولۇق. شۇڭا بۇ پۇللارنى مۇۋاپىق بىر خىل ئۇسۇل بىلەن ئىشلەتكەن ياخشى، - دەپتۇ. مۇشۇ تالاش - تارتىشنىڭ ئۈستىگە 80 ياشتىن ئاشقان بىر مۇيىسپىت يېتىپ كېلىپ ئوبدان مەسلىھەتتىن بىرنى بېرىپ مۇنداق دەپتۇ:
- مېنىڭچە بىر ئاشخانا ئاچايلى، تاماقنى ھەقسىز بولسۇن، مەيلى مۇساپىر، مەيلى بەختسىز بولسۇن، بۇ ئاشخانىغا كەلسە قورسىقىنى تويغۇزۇپ مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا قىلسۇن...
بۇ مەسلىھەت ھەممىگە يېقىپتۇ. باينىڭ خوتۇنى مۇنداق بىر تەكلىپنى قوشۇمچە قىپتۇ:
- ئېرىم رەھمىتى پىخسىق كىشى ئىدى. ئۆزىمۇ يېمەيتتى، بىزگىمۇ يېگۈزمەيتتى. پۇل - مال بار ئۆيگە بىزنى كىرگۈزمەيتتى. سىقىپ - يالاپ يىققان دۇنياسىنى چاشقان توشۇپ كەتتى. شۇ پۇلنىڭ دەردىدە ئۆمرى ئاخىرىغا يەتتى. سەكراتتا>يېمىگەنىڭ چىشىغا تاش< دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىدى<. شۇنچە كۆپ بايلىق تۇرۇغلۇق يا ئۆزىنى، يا بىزنى بەختكە باشلىيالمىدى. شۇڭا كېيىكىلەرگە ساۋاق قىلىش ئۈچۈن ئېرىم جان ئۈزگەن قازناققا بىر گۈمبەز سېلىنسا، گۈمبەزنىڭ ماڭلىيىغا:>يېمىگەننىڭ چىشىغا تاش< دېگەن لەۋھە ئېسىلسا، دۇنيا غېمىدە ئاۋام تاپمايدىغانلار، پىخسىقلىق قىلىپ بالا - چاقىسىنى باقمايدىغانلار بۇ يەرنى زىيارەت قىلىپ ھوشىنى تاپسا، پىخسىقلىقنىڭ يولىدىن ئازراق چاپسا.
بۇ تەكلىپ چوڭ - كىچىك، توڭ - پىششىق ھەممەيلەنگە ياراپتۇ. كىشىلەر شۇ خۇلاسىگە كېلپ قازىخانىدىن تارپتۇ، كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. مۇساپىرلارغا ھەقسىز تاماق بېرىدىغان ئاشپۇزۇلمۇ، بېخىللارغا ئىبرەت قىلىدىغان گۈمبەزمۇ پۈتۈپتۇ.
بۇ گەپ شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن. ئەمدى گەپنى ئاشپۇزۇلدىن ئاڭلايلى.
ئاشپۇزۇل خوجايىنى پىخسىق باينى ئىززەت - ئىكراملار بىلەن ئۆيگە تەكلىپ قىپتۇ. پىخسىق باي خوشال بولۇپ، ئۇنىڭ تەكلىپىنى ئىلىك ئېلىپتۇ. ئۆيگە بارغاندىن كېيىن چاي - مەززە تارتىپتۇ. ھەش - پەش دېگۈچە كەچ كىرىپتۇ. ئاشپۇزۇلنىڭ خوجايىنى پىخسىق بايغا:
- ئۆزلىرى بۇ يۇرتقا مۇساپىر ئوخشايلا، ھاجەتمەن ئىكەنلىكلىرىنى بىلگەنتىم بايىلا. شۇڭا ئۆزلىرىگە بىر ئىش تاپىلاي، مانا ماۋۇ ساراي، ئەنە ئاۋۇ گۈمبەز گۈمبەزنى ئاچىلا. قەبرىنى كالتەك بىلەن چاقىلا. ئەمما شەرت شۇكى، ھەر كالتەك ئۇرغاندا >يېمىگەننىڭ چىشىغا تاش< دېگەن سۆزنى بىر قېتىم ئېيتىلا، ئىش ھەققىلىرىگە بەش كۈمۈش تەڭگە بېرىمەن. قانداق، گەپكە ئۇناملا، بۇ خىزمەتكە رازى بولاملا؟- دەپتۇ. پىخسىق باي دەسلەپتە ھەيران بولۇپتۇ. كېيىن بەش تەڭگىنىڭ خەۋىرىنى ئاتلاپ كۈچ - غەيرەتكە تولۇپتۇ.
بىر كېچە ئۆتۈپتۇ. تاپشۇرۇلغان خىزمەت پۈتۈپتۇ. ئەتىسى تاڭمۇ ئېتىپتۇ. پىخسىق باي بەش كۈمۈش تەڭگىنىڭ خۇشاللىقىدا تۇمىقىنى ئاسمانغا ئېتىپتۇ. ئاشپۇزۇلنىڭ خوجايىنى پىخسىق باينىڭ قولىغا بەش تەڭگىنى تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:
- قەبرىنى چېقىپلا، قىلغان ئىشلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپتۇ. ئەمدى مالال كەلمىسە، بىزنىڭ ئۆيدە يەنە بىر كۈن تۇرۇپ بەرسىلە. قەبرىنى بۇرۇنقىدەك ياساپ بەرسىلە. ئىش ھەققىلىرىگە ئون تەڭگە ئالسىلا، ئاندىن ئۆيلىرىگە يانسىلا؟
- ئاۋۋالقىدىن بەك ھەيران بولغان پىخسىق باي:
- ۋاي، ۋۇي، ھەرگىز مالال كەلمەيدۇ. خىزمەتلىرىنى ئاخىرىغا يەتكۈزمەي تۇرۇپ كەتسەم، ئۆيلىرىدە يېگەن تۇز - تائاملىرى ئەسلا ھالال بولمايدۇ، دېگەنلىرىچە بولسۇن، - دەپتۇ.
شۇنداق قىلىپ كېچىدىن ئۆزى توقماقلىغان قەبرىنى ئۆزى ياساشقا كىرىشىپتۇ. قەبرە پۈتۈپتۇ. پىخسىق باي يەنە ئون كۈمۈش تەڭگىگە ئېرىشىپتۇ.
>نېمىشقا چاقتۇرىدىغاندۇ؟ نېمىشقا ياساتقۇزىدىغاندۇ؟< دېگەن خىيال كاللىسىنى چىرمىۋالغان پىخسىق باي كەچلىك غىزا ۋاقتىدا ئاشپۇزۇل خوجايىنىدىن ئەھۋالنىڭ تېگىنى سوراپتۇ. خوجايىن دەپتۇكى:
- ئۆزلىرىنى ھەيرانلىقنىڭ يىپى چىرماپتۇ، ئوراپتۇ. بوپتۇ مەن بۇنىڭ ئۈچۈر - بۈجىرىنى دەپ بېرەي....
خوجايىن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە، كونىسىدىن - يېڭىسىغىچە سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۇ تەپسىلاتلارنى ئاڭلاپ پىخسىق باينىڭ بېشى پىررىدە قىيىپتۇ.
- رەھمەت بۇرادەر، - دەپتۇ پىخسىق باي! - مېنى ئوبدان ساۋاققا ئىگە قىلىدىڭىز، دېمىسىمۇ يېمىگەننىڭ چىشىغا تاش، ھالىغا ۋاي. مەنمۇ خۇددى سىزنىڭ ئاكىڭىزدەك ئادەملەرنىڭ بىرسى ئىدىم. كۆڭلۈم دۇنيانىڭ غېمىدە ئۆمرۈم بىرنى ئىككى قىلىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئۆتكەنىدى. بالا - چاقامغا بىر پاقلان ئۆلتۈرۈپ بېرىشتىن قېچىپ نەچچە كۈنلۈك يولنى پىيادە بېسىپ بۇ يەرگە بىر كاللا سېتىۋېلىشقا كەلگەنتىم. ئەمدى قانداق قىلىشنى بىلىۋالدىم. ئۆزۈمنىڭ ئۆتمۈشىگە مەسخىرىلىك كۈلۈۋالدىم.
پىخسىق باي شۇ گەپنى دەپ بولۇپ قەبرە چاققان ۋە ياسىغان ئىش ھەققىغە ئالغان 15 تەڭگە پۇلنى ئاشپۇزۇل خوجايىنىغا قايتۇرۇپتۇ. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ توسقۇنغىمۇ باقماي، قااڭغۇدىنمۇ قورقماي ئۆز ئۆيىگە بالا - چاقىلىرىنىڭ قېشىغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ.
پىخسىق باي يۇرتىغا چىڭ چۈشتە يېتىپ كەپتۇ. بۇ چاغدا بازار راسا قىزىغانىكەن. ئۇ قاسساپ بازىرىغا بېرىپتۇ. بىر سېمىز قوينىڭ گۆشىنى پۈتۈن ئاپتۇ. ئۆيگە كەلسە بالىلىرى دادىسىنى ئويلاپ، قاتتىق زاغرىنى چايناپ زەردىسى قايناپ ھەسرىتىگە پايلاپ ئولتۇرۇشقىدەك.
دادىسىنىڭ پۈتۈن بىر قوينىڭ گۆشىنى كۆتۈرۈپ ئىشىكتىن كىرگىنىنى كۆرگەن بالىلارنىڭ تىلى ھەيرانلىقتىن گەپكە قولاشماپتۇ. تىنچ ئامانلىق سورىشىپتۇ. گۆشنى پارچىلاپ پىشۇرۇپتۇ. تاماق يېيىشىۋېتىپ پىخسىق باي كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى چالا قويماي دەپ بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى سەپەر پىخسىق باينىڭ سىقىپ يالايدىغان كېسىلىگە >نەپ< بېرىپتۇ. ئۇ ئەتىسى ئۆزىنىڭ بۇ چاققىچە قىلغان - ئەتكەنلىرىدىن، سەۋەن كەتكەنلىكلىرىدىن ئەپۇ سوراپ خىزمەتكارلىرىغان، خوتۇن - بالىلىرىغا كۆڭۈل قويۇپتۇ. قۇل - چاكارلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى تولۇقى بىلەن بېرىپ، رازى قىپ، ئازادلىق جاكا قىپتۇ. يۇرتقا ئاش تارتىپ، زۇلۇم - سىتەمدىن، پىخسىقلىقتىن باش تارتىپ قەرز - جازانە ھۈججەتلىرىنى بىكار قىپتۇ. شۇندىن باشلاپ ئۇنى ھېچكىم >ئارپا نېنىدىن قىل سۇغۇرىدىغان، ئۆلگەندىن دۇئا تەلەپ قىلىدىغان پىخسىق باي< دېمەيدىغان، بالىلىرىمۇ بار تۇرۇپ قىسىلمايدىغان. بايمۇ سىقىپ - يالاپ يېمەيدىغان بولۇپتۇ.
بالىلارنىڭ مەڭزىگە قان يۈگۈرۈپتۇ، چوڭىيىپتۇ. ئېتىز - ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى قولىغا ئېلىشىپتۇ. ھالاللىقتىن كەلگەن بايلىقنى جايىدا تەسەررۇپ قىلىپ، ياخشى - يەپ، ياخشى كىيىپ، خاتىرجەم، بەختىيار ياشاپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: قارىقاشتىن ئوغۇلنىيازخان