UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپادىشاھ بىلەن باققال

پادىشاھ بىلەن باققال

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر شەھەردە ساۋۇت دېگەن كەمبەغەل بىر باققال بارىكەن. ئۇ ھەركۈنى ناۋات ياساپ، غالتەك بىلەن بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. خوتۇنى ئايخان ئەمگەكچى، چىرايلىق بىر ئايال بولۇپ، ئۇلار بەك كەمبەغەللىكتە تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ، لېكىن ئەر خوتۇن ئىككىسى ناھايىتى ئىناق تۇرىدىكەن. بىر كۈنى ئايخان سۇ ئەكەلگىلى كوچىغا چىققاندا، بەختكە قارشى كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر مەككار ۋەزىر بىلەن دوقۇرۇشۇپ قاپتۇ. ۋەزىر بۇ چىرايلىق خوتۇننى كۆرۈپ قېلىپ، ئارقىسىدىن قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۆيىنى بىلىۋاپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ زالىم بىر پادىشاھى بولۇپ، ئۇنىڭ 41 خوتۇنى بارىكەن. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ، بىرەر چىرايلىق قىز ياكى خوتۇننىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ قالسىلا، زورلۇق بىلەن بىر قانچە ياساۋۇللارنى ئەۋەتىپ، زورلۇق بىلەن ئايخاننى ئۆز ئوردىسىغا ئالدۇرۇپتۇ. ئايخان ئوردىدا ياخشى تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ، ھامان ئېرىنى ئەسلەيدىكەن، كۈن بويى قاپىقى ئېچىلماي، پادىشاھقا بەكمۇ غەزەپلىنىدىكەن. پادىشاھ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپ چارىلەرنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن مەقسىتىگە يېتەلمەپتۇ. ئايخاننى زورلۇق بىلەن تارتىپ ئەكەتكەندىن كېيىن، ساۋۇت ئۆيىدە يالغۇز قېلىپ بەكمۇ ھەسرەت چېكىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ، ئايخان بىلەن كۆرۈشۈشكە پۇرسەت تېپىش ئۈچۈن، يەنە ناۋات ياساپ غالتەك بىلەن ئوردا تەرەپكە بېرىپتۇ. ئايخان ئوردىنىڭ تېشىدا ئېرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ دېرىزە تۈۋىگە كەپتۇ - دە، ئېرىنى كۆرۈش بىلەن خۇشاللىقى ئىچ - ئىچىگە سىغماي كېتىپتۇ. ئايخاننىڭ خىزمىتىگە قويۇلغان كېنىزەك بۇنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈۋېلىپ پادىشاھقا: _ ئايخان ناۋاتچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىكەن، - دەپ خەۋەر قىپتۇ. پادىشاھ دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ ناۋاتچىنى ئوردىغا ئالدۇرۇپ كەپتۇ. ساۋۇت بۇنىڭ سىرىنى ئۇقالماي بەك قورقۇپتۇ. ئۇ ئوردىغا كېرىپ، پادىشاھنىڭ جازالاش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ، بىر ئاز خاتىرجەن بوپتۇ. پادىشاھ ساۋۇتنى ئوردىسىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى ئۆزى كىيىپتۇ، غالتەكنى ھەيدىگەن ھالدا ناۋاتچىدەك توۋلاپ، ئايخان تۇرغان ئۆيگە مېڭىپتۇ. ئەقىللىق ۋە جەسۇر ئايال ئايخان پادىشاھنىڭ بۇ ھەركىتىنى كۆرۈپ دەرھال بىر پىكىرگە كەپتۇ - دە، شۇ ئاندىلا ياساۋۇللارنى قىچقىرىپ: _ نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىگانە كىشىنى ئۆيۈمگە يېقىن كەلتۈرىسىلەر؟! ئەگەر پادىشاھ بېلىپ قالىدىغان بولسا، بىرىڭلارمۇ ساق قالمايسىلەر! بۇ كىشىنى دەرھال ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! - دەپ توۋلاپتۇ. ياساۋۇللار پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئايخان ئۆزىنىڭ ئېرىنى تېپىۋاپتۇ. ساۋۇت شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ قاپتۇ. ئوردىدىكىلەرنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوق ئىكەن، كىشىلەر پەقەت ئايخاننى پادىشاھقا بولغان مۇئامىلىسىنى ئۆرگەرتىپتۇ، دېيىشىپتۇ. پادىشاھمۇ شەپقەتلىك بولۇپ قالغاندەك كۆرۈنۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
پادىشاھ بىلەن باققال | UyghurWiki | UyghurWiki