UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپەرىزات

پەرىزات

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر سودىگەر ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئايالى ۋە ئەنۋەر ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ سودىگەر باشقا بىر يۇرتتا سودىگەرچىلىك قىلغىلى كېتىپتۇ. سودىگەرنىڭ ئايالى ئىستىل جەھەتتە بۇزۇق ئايال بولۇپ، كۈندە دىگۈدەك بۇزۇق ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىكەن. بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمىغان ئەنۋەر >مەن ئۆمرۈم بويى خوتۇن ئالمايمەن< دەپ قەسەم ئىچىپتۇ ۋە ئانىسىنى تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئۇزۇن يول مېڭىپ بىر شەھەرگە بېرىپتۇ. شەھەرگە كىرىپ قارىغۇدەك بولسا، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن غەمكىن ھالەتتە يۈرگۈدەك. ئەنۋەر ئەھۋالنى ئۇقۇپ كۆرسە، بۇ شەھەرنىڭ سىرتىدا بىر ئەجدىھار بولۇپ، ھەر يىلى كۈزدە شۇ شەھەرنىڭ ئەڭ چىرايلىق قىزلىرىنى يەيدىكەن. پادىشاھنىڭ بىر بىرىدىن چىرايلىق ئۈچ قىزى بولۇپ، ھازىر نۆۋەت پادىشاھنىڭ چوڭ قىزىغا كەلگەن ئىكەن. شۇڭا كىشىلەر بۇ چىرايلىق قىزدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي، غەم ئىچىدە پەرىشان يۈرگەن ئىكەن. بۇنى ئۇققان ئەنۋەر ئىشەنچ بىلەن پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئەجدىھانى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇ پادىشاھنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، ئەجدىھار بار يەرگە بېرىپتۇ. ئەجدىھا ئۇنى كۆرۈپ سوراپتۇ: - مېنىڭ بۇ قېتىم يەيدىغىنىم قىز تۇرسا، نىمە ئۈچۈن سەن كەلدىڭ؟ ئەنۋەر قىلچە قورقماستىن مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ: - مەن بۇ يەرگە ساڭا يەم بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، سېنى پارە - پارە قىلىپ تاشلىغىلى كەلدىم. بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرغەزەپكە كەلگەن ئەجدىھا بىر نەرە تارتىپتىكەن، ئەنۋەر قىلىچىنى توغرا تۇتقان پېتى ئەجدىھانىڭ ئاغزىدىن كىرىپ، قورسىقىنى بېرىپ ئاياقتىن چىقىپتۇ. ئەجدىھا ئۆلۈپتۇ. ئەنۋەر ئەجدىھانىڭ ئۆلۈكىنى پادىشاھقا كۆرسىتىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ چەكسىز خوشال بولۇپ كەتكەن پادىشاھ قىزىنى ئەنۋەرگە بەرمەكچى بولۇپتۇ، لېكىن ئەنۋەرنىڭ >خوتۇن ئالمايمەن< دىگەن ۋەدىسى بولغاچقا، بۇنىڭغا كۆنمەپتۇ. پادىشاھنىڭ ئەنۋەرنىڭ ئۇنىمىغانلىقىغا قارىماي قىزىنى ئۇنىڭغا توي قىلىپ، ئۆز قوروسىدىن ئۆي تۇتۇپ بېرىپتۇ ۋە خەلقى - ئالەمگە >مېنىڭ كۈيئوغلۇم شەھىرىمىدىكى ئاشخانا، ماگىزىنلارغا كىرسە ۋە باشقا شەھەرلەرگە بارسا پۇل ئېلىنمىسۇن!< دەپ جاكارلاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەنۋەر بىر يەردىن ئۆتۈپ كېتىپ بارسا، ساھىپجامال بىر قىز كالا تىزىگىنى لاي ئېتىپ تامغا چاپلاپ ئويناۋاتقۇدەك. بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولغان ئەنۋەر قىزدىن: - ھەي قىز، نىمە بولدىڭىز؟ ساراڭمۇ سىز؟ - دەپ سوراپتۇ. قىز: - بۇنى مەندىن سورىماڭ! - دەپ ئەنۋەرگە قارپتۇ. ئاي دىسە ئاي دىگۈدەك، كۈن دىسە كۈن دىگۈدەك بۇ گۈزەل قىزنىڭ جامالىنى كۆرگەن ئەنۋەر شۇئان بۇ قىزغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. بىراق قىز ئەنۋەرنىڭ تەلىپىگە قوشۇلماپتۇل ئەنۋەر ئوردىغا قايتىپ بېرىپ پادىشاھقا ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ قىزغا ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. قىز ئامالسىز قېلىپ ئاخىرى ماقۇل بولۇپتۇ ۋە ئەنۋەرگە مۇنداق ئۈچ شەرتنى قويۇپتۇ: - بىرىنچى شەرت، مەن كېچىسى سىز بىلەن بىرگە بولۇپ كۈندۈزى بولالمايمەن. سىز >نەگە باردىڭ< دەپ سورىماڭ. ئىككىنچى شەرت، تامىقىڭىزنى ئەتمەيمەن، كىر - قاتلىرىڭىزنى يۇيمايمەن. بۇ ئىشلارنى قىلمىدڭ دىمەيسىز. ئۈچىنچى شەرت، مەن ئۆيگە كەلگەندە نەدە ئولتۇرغان بولسىڭىز، شۇ زامانلا ئورنىڭىزدىن تۇرىسىز، مەن سىزنىڭ مەيدىڭىزگە ئۇرۇمەن. ئەنۋەر بۇ شەرتنى ئاڭلاپ قاتتىق كۆيۈكتە بولغاچ قىزنىڭ ھەممە شەرتلىرىگە كۆنۈپتۇ ۋە قىزنى ئەمرىگە ئاپتۇ، دىگەندەك قىز ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، ئاخشىمى قايتىپ كېلىدىكەن. تاماق ئەتمەيدىكەن، كىر يۇمايدىكەن، يىگىتنىڭ مەيدىسىگە كۈندە ئۇرۇدىكەن. بۇ ئىشى خېلى ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن يىگىتنىڭ مەيدىسى ئىششىپ كۆكىرىپ كېتىپتۇ. ئاخىر ئۇ مەيدە ئاغرىقىغا مۇپتىلا بولۇپ قاپتۇ. بۇ ئەھۋالنى سەزگەن پادىشاھ، سىرنى بىلىش ئۈچۈن تىۋىپ چاقىرتىپتۇ. تىۋىپ ئەنۋەرنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرگەندىن كېيىن: - بۇ قىز ئەمەس، بىر پەرىزات ئىكەن، پەرىزات كۈندە ئەتىگەندە ماڭغاندا سىز ئۇنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ نەگە بارىدىغانلىقىنى ئېنىقلاڭ، - دەپتۇ. ئەتىسى يىگىت دادىسىدىن قالغان ئەنگۈشتەرنى ئېلىپ دەررۇ بىر چىۋىنگە ئايلىنىپ قىزنىڭ چېچىغا قونۇۋاپتۇ. قىز بىر تاغ ئۆڭكۈرىگە كىرىپتۇ. ئۆڭكۈرنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىسىدە بىر ئۆي بار ئىكەن. بۇ ئۆيدە قىرىق دىۋە قىز بولۇپ، پەرىزات ئەسلىدە شۇ دىۋە قىزلارغا دەرس ئۆتىدىكەن. پەرىزات ئۆيگە كىرگەندە دىۋە قىزلار كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ. پەرىزات ئۇلارنىڭ نىمىگە كۈلۈشىدىغانلىقىنى بىلەلمەپتۇ. دىۋە قىزلار پەرىزاتنىڭ چىچىدىكى چىۋىننىڭ ئۇنىڭ ئېرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغان ئىكەن. پەرىزات دەرسنى تۈگىتىپ، يېرىم يولغا كەلگەندە ئانىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ كېلىش ئۈچۈن مېڭىپتۇ. ئەنۋەر ئالدىن ئۇچۇپ بېرىپ ئۆز ئۆيىدە پەرىزاتنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ. قىز بۇئىشنى قىلچە سېزەلمەپتۇ. بۇ ئىش ئۈچ كۈن داۋاملىشىپتۇ. ھېلىقى قىرىق دىۋە قىز پەرىزاتنىڭ ئۆز ئېرىنى بۇ ئۆيگە بىرگە ئېلىپ كىرىۋاتقانلىقىنى پادىشاھى شەدداتقا دەپ قويۇپتۇ. شەددات بۇنى ئاڭلاپ پەرىزاتنى قىچقارتىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا: - سىز ئادىمىزاتنى بىرگە ئېلىپ كېلىپ دەرس ئۆتۈپسىز. ئەتىدىن باشلاپ بۇ يەرگە كەلمەڭ. ئورنىڭىزغا باشقىلار كېلىپ دەرس ئۆتسۈن! - دەپتۇ. پەرىزات بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق قايغۇرۇپتۇ. بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەنۋەر ئاڭلاپ تۇرۇپتۇ. پەرىزات غەمكىن ھالدا ئۆيگە كىرسە ئەنۋەر ئورنىدىن تۇرماپتۇ. پەرىزات ھەيران بولۇپ: - نىمە ئۈچۈن ئورنىڭىزدىن تۇرمايسىز؟ - دەپ سورىغان ئىكەن، يىگىت: - ئەي پەرىزات! سىزمۇ ۋەدىڭىزدە تۇرماپسىز، شەددات ئەتىدىن باشلاپ كەلمە دىدىغۇ... - دەپتۇ. ئەجەپلەنگەن پەرىزات: - ھەئە شۇنداق! - دەپتۇ يىگىت: - شۇڭا، مەن بۈگۈندىن باشلاپ ئورنۇمدىن تۇرمايمەن. ئەي سۈيۈملۈكۈم، سىز بولسىڭىز پەرىزات. مەن بولسام ئادىمىزات. شاگىرتلىرىڭىز بولسا دىۋە قىزلار ئىكەن. مەن ھەممە ئىشلارنىڭ تېگىگە يەتتىم. شۇڭا سىز بۇندىن كېيىن ئۇ يەرگە بارماڭ. ئەمدى نىمە ئۈچۈن >ئەرگە تەگمەيمەن< دىگەن گېپىڭىزنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بەرسىڭىزكەن، - دەپ ئۆتۈنۈپتۇ. پەرىزات يىگىتنى باغقا باشلاپ كىرىپ، بىر تامدىكى رەسىملەرنى كۆرسىتىپتۇ. رەسىمدە جەرەن بار ئىكەن. بۇنىڭ بەشى چىشى، بىرى ئەركەك بولۇپ، بەش چىشى جەرەن توزاققا چۈشۈپ قالغان. ھېلىقى بىر ئەركەك جەرەن بولسا ئۇلارغا قاراپمۇ قويماي قېچىپ كېتىۋاتقان ئىكەن. قىز دەپتۇكى: - ئەي يىگىت، مانا ماۋۇ بەش چىشى جەرەن توزاقققا چۈشۈپ قالسا، ئەركەك جەرەن ئۇلارنى قۇتقۇزماي قېچىپ كېتىپ بارىدۇ. دۇنيادا ئەر كىشىنىڭ ئايال كىشىگە ۋاپا قىلمايدىغانلىقنى شۇنىڭدىن بىلگەنلىكىم ئۈچۈن، مەن ئەرگە تەگمەسلىككە نىيەت قىلغان ئىدىم... ئەنۋەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ باغنىڭ ئىچىگە ھېلىقى تامغا ئوخشايدىغان قىلىپ بىر تام قوپارتقۇزۇپتۇ ھەم ئۇنىڭغا بىر رەسىم سىزدۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ سىزدۇرغان رەسىمى ھېلىقى تامدىكىنىڭ ئەكسىچە ئىكەن. ئەتىسى ئەنۋەر پەرىزاتنى باشلاپ كىرىپ رەسىمى كۆرسىتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قىز: - ئەي يىگىت، سېنىڭمۇ بېشىڭغا نۇرغۇن كۈلپەتلەر چۈشۈپتۇ. ئىككىمىزنىڭ تەقدىرى ئوخشاش ئىكەن. مۇندىن كېيىن مەن ساڭا پۈتۈنلەي مەنسۇپ! - دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئىككىسى ئۆمۈرلۈك ئىناق ئۆتۈپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: ئابدۇغېنى يۈسۈپ
← بارلىق تېمىلار چوچاق