UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقراستچىل يىگىت

راستچىل يىگىت

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا زادىلا يالغان سۆزلەشنى بىلمەيدىغان، ئاق كۆڭۈل، ئىشچان بىر يىگىت ئۆتكەنىكەن. ئۇ بىر پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا قارا ئىشلارنى قىلىدىكەن. نېمە ئىشنى تاپشۇرسا بىجاندىل، كۆيۈنۈپ ھالال ئىشلەيدىكەن. ناۋادا بىرەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسىمۇ پەقەت يوشۇرماي راست گەپنى قىلىدىكەن. يىگىتنىڭ بۇ ئېسىل پەزىلىتى پادىشاھقا ياراپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ ئۇنى باشقا ئىشلارغا سالماي، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ جەڭگە ۋە ئوۋغا چىققاندىلا مىنىدىغان داڭلىق بىر جۈپ ئېتىنى تاپشۇرۇپتۇ - دە: - يىگىت، مەن ئىشىنىپ، بۈگۈندىن باشلاپ ساڭا مۇشۇ بىر جۈپ ئاتنى تاپشۇردۇم. مەن بۇ ئاتلارنى جېنىمدىن ئەزىز كۆرىمەن. ئوبدان بېقىپ، مېنى رازى قىلغىن، - دەپتۇ. -خوپ، - دەپتۇ يىگىت ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ كېچە - كۈندۈز ئاتنىڭ ئايىغىدا يۈرۈپ، ئۆز ئىشىنى پادىشاھنىڭ كۈتكىنىدىنمۇ ئوبدان ئىشلەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاتلار ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇلماقتەك سەمرىپ، تۈكلىرى پارقىراق، ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ. يىگىتنىڭ راستچىل، سەمىمىي، ھالال ئىش قىلىدىغانلىقىدىن بەك رازى بولۇپ كەتكەن پادىشاھ ئۇنى ئوردىدىكى توي - تۆكۈن سورۇنلارغا ئۇنتۇپ قالماي تەكلىپ قىلىپ تۇرىدىغان بوپتۇ. بۇنى ئاز دەپ مۇشۇنداق سورۇنلاردا ئۇنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ماختايدىغان، ھەتتا ۋەزىر - ۋۇزرا، ئەمەلدارلىرىنى بۇ يىگىتتىن ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىدىغان بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئوردا ئىچىدە بۇ يىگىتنىڭ ئابرۇيى كۈندىن - كۈنگە ئېشىشقا باشلاپتۇ. پادىشاھنىڭ ئادەتتىكى بىر كەمبەغەل ئات باقارنى مۇنچىۋالا ئىززەتلەپ، ماختاپ كېتىشلىرى قىتىغۇر ۋەزىرلەرنىڭ كۆڭلىگە زادىلا ياقماپتۇ. كۈنلەردىن بىرى كۈنى پادىشاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى سول قول ۋەزىرىگە مۇنداق دەپتۇ: - تەقسىر، ئەزەلدىن كېلىۋاتقان قائىدە - يوسۇنلار دەپسەندە قىلىنىپ، ئوردىدا زادىلا ئەقىلغا سىغمايدىغان غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. پادىشاھىمىز ئەقلىدىن ئېزىپ، نەدىكى بىر يالاڭتۆش ئات باقارنى يۈزىمىزدىن يۈزىمىزگە ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈۋاتىدۇ. ناۋادا ئىش بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدىغان بولسا، ئۇزۇنغا بارماي بۇ ئەبگاھ يالاڭتۆش سىلى - بىزنىڭ بېشىمىزغا چىقىۋېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا ئۆز ۋاقتىدا چەك قويماي بولمايدۇ، قانداق دەيلا؟ - شۇنداق، شۇنداق، - دەپتو سول قول ۋەزىرمۇ بېشىنى گىلدىڭلىتىپ ئۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ، - مەن ئويلايمەن، بۇ يالاڭتۆشنىڭ ئوردىمىزدا مۇنچىۋالا يۈز - ئابرۇي تېپىپ كېتىشىگە ئۇنىڭ يالغان سۆزلىمەيدىغانلىقى سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. بىز ئۇنى بىرئامال قىلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا يالغان سۆزلىتىپ رەسۋا قىلىۋەتكەن بولساق ناھايىتى بەلەن ئىش بولاتتى. سىلىنىڭچە نېمە ئامال بولار؟ ئىككى ۋەزىر شۇ تەرىقىدە ئۇزاق مۇلاھىزە قىلىشىپتۇ. لېكىن ھېچبىر ئەپلىك چارە تېپىلماپتۇ. ئاخىرى ھىيلىگەر ئوڭ قول ۋەزىر مۇنداق دەپتۇ: - مېنىڭچە بۇ يالاڭتۆشنىڭ ئۆيلىنىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا ئەڭ چىرايلىق كەنجى قىزىمنى توي قىلىپ بېرەي، باشقا تويلۇق سالماي، >پادىشاھنىڭ سەن بېقىۋاتقان ئاتلىرىدىن بىرىنى سويغىن، ناۋادا پادىشاھ سۈرۈشتۈرۈپ قالسا، بىر ئاتنى ئوغرى ئالدى دېگىن. بۇنىڭغا مەنمۇ گۇۋاھلىقتىن ئۆتىمەن< دەي. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئالدىدا يالغان سۆزلەيدۇ. شۇ مەيداندىلا بىز ئەينى ئەھۋالنى پاش قىلىپ، ئۇنى رەسۋا قىلىۋېتەيى، مۇشۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق. مەن مۇشۇ قارارغا كەلدىم. - بەللى، بەللى، ئەقىل دېگەنمۇ بار يەردە بار - دە! بۇ ناھايىتى بەلەن گەپ بولدى، - دەپتۇ سول قول ۋەزىر كۈلۈپ كېتىپ، - بۇ قەلەندەر بىر گۈزەل قىز بىلەن توي قىلىدىغان بولدۇم دەپ چوقۇم ئاتتىن بىرنى سويىدۇ - دە، پادىشاھنىڭ ئالدىدا يالغان سۆزلەيدۇ! شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ۋەزىر ئۆزلىرىنىڭ ئەقىللىقلىقىدىن مەمنۇن بولۇشۇپ، مۇشۇ پىلان بويىچە ئىشقا كىرىشىپتۇ. بىر كۈنى ھېيلىگەر ئوڭ قول ۋەزىر يىگىتنى ئالدىغا چاقىرىپتۇ - دە، ئۇنىڭغا ئامراقلىقىنى، ئۆزىگە كۈيئوغۇل قىلۋالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، توينى بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا قىلىشنى ئېيتىپتۇ ۋە يىگىتتىن قانداق قارايدىغانلىقىنى سوراپتۇ. يىگىت بىر پەس ئولتۇرۇپ كېتىپ: - جانابىي ۋەزىر ئالىيلىرى، ئۆزلىرى ئېسىلزادىلەر تەبىقىسىدىن تۇرسىلا، مەن بىر ئات باقار تۇرسام، بۇ ئىش قانداقمۇ مۇمكىن بولار؟ - دەپتۇ. - ئۇ تەرىپىگە بېشىڭنى قاتۇرما ئوغلۇم، - دەپتۇ ۋەزىر ۋە سۆزىنى داۋام قىپتۇ، - بۇ ئىشنى مەن نەچچە قېتىم ئويلانغاندىن كېيىن ئېغىز ئېچىۋاتىمەن. سېنىڭدەك ئاق كۆڭۈل، پەزىلەتلىك يىگىت ئېسىلزادىلەر ئىچىدىمۇ يوق، مەن سېنى يارىتىپ قالدىم. باشقا خىياللارنى قويۇپ ماقۇللۇق بىلدۈرگىن. - ئۇنداق بولسا، ئۆزلىرىگە مىڭ مەرتىۋە رەھمەت ئېيتىمەن، لېكىن قىزلىرىنىڭ لايىقىدا تويلۇق ئالالمايمەن. بۇنىڭغا قانداق قىلىمەن؟ - دەپتۇ يىگىتن. - خاتىرجەم بول، - دەپتۇ ۋەزىر، - ماڭا باشقا تويلۇقنىڭ كېرىكى يوق. ھەممە نەرسە ئېشىپ - تېشىپ تۇرۇپتۇ. پەقەت رەسىمىيەت ئۈچۈن ئاش سۈيىگە بىرلا ئات تاپساڭ، شۇنى سويساقلا بولىدۇ. - مەندە ئاتمۇ يوق، - دەپتۇ يىگىت. شۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىر ئاللىقاچان كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان پىلان بويىچە ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ: - بۇ ئوڭاي، ئۆزۈڭ بېقىۋاتقان ئاتتىن بىرنى سويىسەن، پادىشاھ سۈرۈشتۈرسە >ئوغرى ئالدى< دەيسەن، قالغان گەپنى ئۆزۈم توغرىلايمەن. يىگىت بۇ يەردە ھىيلە - مىكرنىڭ بارلىقىنى سېزىپتۇ - يۇ، لېكىن >ئاۋۋال توينى قىلىۋالاي، كېيىن بىر گەپ بۇلار< دەپ ئويلاپتۇ - دە، ماقۇل بوپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي يىگىت توي قىلىپ قىزنى ئەمرىگە ئاپتۇ. كۈنلەردىن كۈنلەر ئۆتۈپ، بىر كۈنى پادىشاھ ئوردىدىكى بىر سورۇندا يىگىتتىن ئۇشتۇمتۇت: - ئوغلۇم، بۈگۈن ئېغىلغا كىرسەم ئاتتىن بىرى يوق تۇرىدىغۇ، نەدە بېقىۋاتىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. يىگىت ئورنىدىن دەس تۇرۇپ قوشاق توقۇپ مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ: راست گەپنى بايان ئەيلەي، ئەل - جامائەت ئالدىدا، باش كەتسىمۇ ئالمايمەن، مەن ئۆزۈمنى دالدىغا. پادىشاھنىڭ شۇئېتى، ۋەزىر داشىدا قاينىدى. ۋەزىرنىڭ پەرى قىزى پەقىر قولىدا يايرىدى. ئويلىمىغان يەردىن چىققان بۇ جاۋابتىن ۋەزىرلەرنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ئىشنىڭ تېگىگە يېتىپتۇ - دە: - راست گەپ قىلغىنىڭ ئۈچۈن گۇناھىڭدىن كەچتىم. ھەممە گۇناھ مېنىڭ ۋەزىرلىرىمدە ئىكەن! - دەپتۇ ۋە ئىككى ۋەزىرىنى شۇ ھامان زىندانغا تاشلاپ راستچىل يىگىتنى ئۆزىگە ۋەزىر قىپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا خانىقىتاملىق بىلال. رەتلىگۈچى: ئەخەت ھاشىم.
← بارلىق تېمىلار چوچاق