يۈز شېھىت
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئەرەب ئەللىرىنىڭ بىرىدە ناھايىتى سەلتەنەتلىك بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. بۇ پادىشاھ يۇرتنى ناھايىتى ئادىللىق بىلەن سورايدىكەن. شۇڭا خەلقلەر تېچ ۋە خوشال - خورام ياشايدىكەن.
پادىشاھ بىر كېچىسى چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە ئاجايىپ ساھىپجامال بىر ئايال پادىشاھقا قاراپ كۈلۈۋاتقۇدەك. پادىشاھ ئايالىنىڭ قولىنى تۇتاي دەپ قولىنى ئۇزاتقان ئىكەن، ئايال پادىشاھقا قاراپ تېخىمۇ قاتتىق كۈلۈپتۇ - دە، پادىشاھ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. ئۇ چۈشىدە كۆرگەن ئايالنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئاشىق بىقارار بولۇپ قاپتۇ. ئىشىق دەردىدە ھۇشىدىن كېتىپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ پادىشاھنىڭ چىرايى ساماندەك سارغىيىپ گېلىدىن تاماق ئۆتمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. پادىشاھتىكى بۇ ھالەتنى كۆرگەن ئوردا ئەھلى بىر يەرگە يىغىلىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپتۇ. پادىشاھنىڭ ئەقىللىق بىر ۋەزىرى بار ئىكەن، ئوردا ئەھلى شۇ ۋەزىرنى پادىشاھنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ. ۋەزىر پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ سالام بىجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، نىمىشقا مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى سوراپتۇ. پادىشاھ ئەھۋالىنى ۋەزىرگە بايان قىلىپتۇ. ۋەزىر پادىشاھقا تەسەللى بېرىپ:
- ئادەم ئەۋەتىپ سىلە چۈشلىرىدە كۆرگەن ئايالنى تاپقۇزۇپ كېلەيلى، - دەپتۇ. پادىشاھ بۇ گەپنى ماقۇل كۆرمەي، ئۆزى شەھەرمۇ - شەھەر كېزىپ يۈرۈپ تاپىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇ مەسلىھەتكە ۋەزىر بازلىق ئوردا ئەھلى ماقۇل بولۇپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ پادىشاھ تاجۇ - تەختىنى ۋەزىرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، شاھانە لىباسلىرىنى سېلىپ تاشلاپ، چۈشىدە كۆرگەن ئايالنى ئىزلەپ يولغا راۋان بولۇپتۇ. پادىشاھ يول يۈرۈپتۇ. يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ. ئۇ بىر قانچە شەھەرنى كېزىپ ئاخىرى ناھايىتى ھەشەمەتلىك بىر شەھەرگە كېلىپ چۈشۈپتۇ. بىر قانچە كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن شەھەر كوچىلىرىنى ئارىلاپ. چۈشىدە كۆرگەن ساھىپجامالنى ئىزلەپتۇ. ئۇيان مېڭىپ، بۇيان مېڭىپ، ئاخىر بىر ساماۋەرخانىغا كىرىپتۇ. ساماۋەرخانىدا بىر قانچە ئادەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئىكەن. پادىشاھ ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق ساپتۇ. ئۇلارنىڭ سۆزىدىن بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى، ناھايىتى ئادىللىق بىلەن شەھەر سورايدىغانلىقى، باشقا جايلاردىن كەلگەن كىشىلەرنى قانداق كىشى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋاپتۇ. پادىشاھ ساماۋەرخانىدىن چىقىپ ئۇدۇل سارايغا قايتىپ كەپتۇ. سارايۋەنگە ئايال پادىشاھنى كۆرۈش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، سارايۋەننىڭ ئوردىغا ئۆزى بىلەن بىللە بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىپتۇ. سارايۋەن ماقۇل بولۇپتۇ.
ئەتىسى تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئىككىسى نامىزىنى ئوقۇپ، تامىغىنى يەپ بولۇپلا ئوردىغا قاراپ يول ئاپتۇ. ئۇلار ئوردا ئالدىغا كېلىپ دەرۋازىۋەنگە:
بىز باشقا شەھەرلىك، پادىشاھىڭلارنىڭ نامىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ كېلىشىمىز، - دەپتۇ.
دەرۋازىۋەن ئايال پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ:
- ئىككى مۇساپىر كەپتۇ، سىلى بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەن، - دەپ خەۋەر قىلىپتۇ.
- باشلاپ كىر، دەپتۇ ئايال پادىشاھ.
دەرۋازىۋەن بۇ ئىككىيلەننى ئايال پادىشاھنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپتۇ. ئاشىق پادىشاھ تەختتە ئولتۇرغان ئايال پادىشاھقا قاراپتۇ، قاراپتۇ - يۇ، شۇئان بىھۇش بولۇپ يىقىلىپتۇ. چۈنكى ئۇ چۈشىدە كۆرۈپ ئاشىق بولغان ئايال دەل شۇ ئىكەن. ئاشىق پادىشاھ بىر ئازدىن كېيىن ھۇشىغا كېلىپ ئورنىدىن ئىتتىك تۇرۇپ، ئايال پادىشاھقا سالام بىجا كەلتۈرۈپتۇ. ئەكەلگەن سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپتۇ. ئايال پادىشاھ بۇلارنى ئىززەتلەپ كاتتا زىياپەت بېرىپتۇ. زىياپەتنى تۈگىتىپ ئاشىق پادىشاھ سارايۋەن بىلەن سارايغا قايتىپتۇ. سارايۋەنگە كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، ئايال پادىشاھقا ئەلچى بولۇپ بېرىشنى، خىزمىتى ئۈچۈن ئوبدان رازى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. سارايۋەن ماقۇل بولۇپتۇ. ئەتىسى ئايال پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ ھەممە ئەھۋالنى يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە بايان قىلىپتۇ.
ئايال پادىشاھ:
- سىزگە مەلۇمكى، شەھىرىمىزنىڭ قىبلى تەرىپىدىن ھەر جۈمە كېچىسى دەھشەتلىك بىر ئاۋاز كېلىدۇ. شۇ ئاۋازنىڭ نېمە سەۋەبتىن كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ كەلگەن كىشىگە بارلىق چىقىمىنى ئۆزەم قىلىپ ياتلىق بولىمەن، - دەپتۇ. ئەلچى قايتىپ كېلىپ ئايال پادىشاھنىڭ جاۋابىنى ئاشىق پادىشاھقا ئېيتىپتۇ.
ئاشىق پادىشاھ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تاڭ ئېتىشىغىلا يولغا چىقىشنى پىلانلاپ بالدۇرراق يېتىپ ئۇخلاپتۇ. بۇ دەل جۈمە كېچىسى ئىكەن. يېرىم كېچە بولغاندا پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا ئاجايىپ دەھشەتلىك بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. پادىشاھ شۇ ھامان ئورنىدىن تۇرۇپ ئاللاغا ئىبادەت قىلىپتۇ. پادىشاھ شۇ ھامان ئورنىدىن تۇرۇپ ئاللاغا ئىبادەت قىلىپتۇ. سارايۋەن بىلەن بىللە ئوردىغا بېرىپ ئايال پادىشاھنى ئۆزىنىڭ يولغا چىققانلىقىدىن خەۋەرلەندۈرۈپتۇ.
ئاشىق پادىشاھ يەتتە كېچە - كۈندۈز يول مڭېىپ بىر قۇملۇق چۆلگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇ مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، ئەمما چۆلنىڭ چېتى كۆرۈنمەپتۇ. ئوزۇقلىرى تۈگەپ، مىنگەن ئېتىمۇ ئۆلۈپتۇ. ئاخىز ئۇسسىزلىق ۋە ئاچلىقتىن ھۇشسىزلىنىپ يىقىلىپتۇ ...
ئېيتىشلارغا قارىغاندا ھاتەم ئىسىملىك بىر پالۋان بولۇپ، ئۇنىڭغا ھىچ كىشى تەڭ كېلەلمەيدىكەن. ئۇ غېرىپ، مۇساپىرلارغا داۋاملىق ياخشىلىق قىلىدىكەن. دەل شۇ كۈنى ھاتەم قۇملۇقتا كېتىۋېتىپ يىقىلىپ ياتقان بىر ئادەمنى كۆرۈپتۇ. يېقىن بېرىپ قارىسا يۈرىگى تېخى سوقۇشتىن توختىمىغان ئىكەن. ھاتەم ئۇ ئادەمنى يۆلەپ چىرايىغا بىر قاراپلا ئۆزىنىڭ پادىشاھ دوستىنى تونۇپتۇ - دە، ئۇنىڭ ئاغزىغا سۇ تېمىتىپتۇ. ھاتەم پادىشاھتىن نىمە ئۈچۈن بۇ يەردە يىقىلىپ ياتقانلىقىنى سوراپتۇ. پادىشاھ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن بارلىق ئىشلارنى ۋە بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىدىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ھاتەم ئۆزى سىرنى بىلىپ پادىشاھنى مۇرات - مەقسىدىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئاشىق پادىشاھ ئەسلىدىكى سارايغا قايتىپ ھاتەمنىڭ ئىشىنى ئورۇنلاپ كېلىشىنى كۈتۈپتۇ.
ھاتەم ئاشىق پادىشاھنى يولغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن بىر كۈنلۈك يولنى بىر سائەتتە بېسىپ، ئۈچ كېچە - كۈندۈزدىن كېيىن يول بويىدىكى بىر تۈپ ئۈژمە دەرىخى تۈۋىگە چۈشۈپ ئارام ئېلىشقا ئولتۇرۇپتۇ. بىر چاغدا غەلىتە بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. شۇنداق قارىغۇدەك بولسا ئالدى تەرەپتىن ئاجايىپ بىر مەخلۇق خىرس قىلىپ كېلىۋاتقۇدەك. ھاتەم بۇ مەخلۇق بىلەن بىر ھازا ئېلىشىپ ئۈژمە دەرىخىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ. ھېلىقى مەخلۇق ئاغزىدىن تاش - قۇم ياغدۇرۇپتۇ، ھاتەم قالقان بىلەن مۇداپىئەلىنىپتۇ. ھېلىقى مەخلۇق بۇ ھىيلىسى كار قىلمىغاندىن كېيىن ئاغزىدىن ئوت چېچىپتۇ. ھاتەمگە ئاللادىن ياردەم كەپتۇ، شۇ ھامان يامغۇر يېغىپ ئوتنى ئۆچۈرۈپتۇ. ھاتە ئۆژمىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، ھېلىقى مەخلۇقنى قىلىچ بىلەن ئىككى پارچە قىلىپ تاشلاپتۇ. بۇ مەخلۇق دۈپ - دۈگلەك بولغىنى ئۈچۈن ئىچىدىن تۈگمەن تېشى شەكىللىك بىر پارچە ئالتۇن چىقىپتۇ. ھاتەم ئالتۇننى ئۈژمە دەرىخنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويۇپتۇ. شۇندىن باشلاپ ئادەملەر بو يولدىن بىخىرامان ئۆتىدىغان بوپتۇ.
ھاتەم يەنە ئۆز يولىغا راۋان بولۇپتۇ. بىر قانچە كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن بىر شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. شەھەردە بىرمۇ ئادەم يوق ئىكەن. بىراق دۇكانلار ئوچۇق بولۇپ، ئاشپۇزۇللاردا ھەر خىل تاماقلار پىشىپ تۇرغۇدەك، ھاتەم ھەيران بولۇپ، ئۇياق - بۇياققا مېڭىپتۇ. بىر دوقمۇشقا كەلسە بىر موماي چاق ئىگىرىپ ئولتۇرغان ئىكەن. ھاتەم مومايدىن شەھەردىكى ئادەملەرنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى سوراپتۇ. موماي:
- بىزنىڭ شەھىرىمىزگە بىر ئاجايىپ مەخلۇق پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇ ھەر كۈنى ئون سەككىز ياشقا كىرگەن ئوغۇل بالىدىن بىرنى يەيدۇ. بۇ قېتىم نۆۋەت پادىشاھنىڭ ئوغلىغا كەلدى. پادىشاھ باشلىق شەھەر خەلقىنىڭ ھەممىسى ماتەم تۇتۇپ، شەھەر سىرتىدىكى مەيدانغا يىغىلدى. شۇڭا شەھەردە مەندىن باشقا ئادەم قالمىدى، - دەپتۇ. ھاتەم بۇنى ئاڭلاپ، موماي بىلەن خوشلىشىپ شەھەر سىرتىدىكى مەيدانغا قاراپ مېڭىپتۇ. مەيدانغا بارسا ھەممە ئادەم قارا كىيىم كىيگەن ئىكەن. پادىشاھ قىزىل دۇخاۋىدىن كىيىم كىيگەن بىر ئوغۇل بالىنى يېنىغا ئېلىپ تەخت ئۈستىدە ئولتۇرغان ئىكەن. ھاتەم ئۇدۇل پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ تازىم بىجا كەلتۈرۈپتۇ. پادىشاھ ھاتەمگە ئۆز يېنىدىن ئورۇن بېرىپتۇ ۋە بۇ شەھەرگە كەلگەن بالا - قازانى ھاتەمگە سۆزلەپ بېرىپتۇ.
ئاجايىپ مەخلۇق بۇ شەھەرنىڭ قىبلى تەرىپىدىكى شەھەرگە كىرىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان تاغ ئىچىدە بولۇپ، ئۇ تەييارلانغان ئادەمنى شۇ يولنىڭ ئاغزىدىن ئېلىپ كېتىدىكەن. ئۇنى ھېچكىم كۆرمەيدىكەن. ئەگەر ئون سەككىز ياشلىق ئوغۇل ھازىر بولمىسا ئۇ پۈتۈن شەھەر خەلقىنى ئامان قالدۇرمايدىكەن. ھاتەم بۇ ئەھۋاللارنى تەپسىلىي بىلگەندىن كېيىن، پادىشاھقا پۈتۈن شەھەردىكى ئەينەكچىلەرنى يىغىپ ئەينەك ياساتسا ئاجايىپ مەخلۇقنى يوقىتىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. پادىشاھ بۇ تەكلىپنى ماقۇل كۆرۈپ، شۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈن شەھەردىكى ئەينەكچىلەرنىڭ ئوردىغا كېلىشىنى ئېيتىپتۇ. ھاتەم بىر قانچە كىشى بىلەن ھېلىقى تاغ ئارىلىقىدىكى يولغا بېرىپ، ئۇنىڭ كەڭلىكى، تاغنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچەپ كەپتۇ ۋە ئەينەكچىلەرگە ئىگىزلىكى سەكسەن مېتىر، كەڭلىكى قىرىق مېتىر، قېلىنلىقى بىر مېتىر كېلىدىغان ئەينەك ياساپ، بىر تەرىپىنى سىرلاشنى بۇيرۇپتۇ. قاۋۇل، كۈچلۈك ئادەمدىن بىر بۆلۈم ئاجرىتىپ تاغ ئاغزىدىكى يولنى چوڭقۇرلۇقى قىرىق مېتىر، كەڭلىگى ئىككى مېتىر كولاشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئوتتۇز سەككىز كۈن بولغاندا ئەينەك پۈتۈپتۇ. كولايدىغان يەرمۇ كولىنىپ بوپتۇ. ھاتەم ئەينەكنىڭ كۆرىدىغان تەرىپىنى ئاجايىپ مەخلۇقنىڭ كېلىدىغان تەرىپىگە قارىتىپ ھېلىقى كولىغان يەرگە ناھايىتى پۇختا كۆمۈپتۇ. ھەممە تەييارلىق پۈتۈپتۇ. ھاتەم كىشىلەرگە:
- ئاجايىپ مەخلۇقنى كۆرىدىغىنىڭلار ئاتمىش مېتىر يىراقلىقتىكى جايدىن كۆرۈڭلار، - دەپ تاپىلاپتۇ. قىرىقىنچى كۈنى پېشىن ۋاقتى بىلەن ئاجايىپ مەخلۇق يولىنىڭ ئاغزىغا يېتىپ كەپتۇ. بۇ ئاجايىپ مەخلۇق ھاتەم ئۆلتۈرگەن مەخلۇقنىڭ جۈپتى ئىكەن. ئاجايىپ مەخلۇق يول ئاغزىغا يېقىن كېلىپ ئادەمنى ئەكىلىپ قويدىمىكىن دېگەن تامادا بېشىنى كۆتىرىپ قاراپتۇ - دە، چۆچۈپ كېتىپتۇ. ئۇ يول ئېغىزىدا ئۆزىگە ئوخشاش بىر مەخلۇقنىڭ تۇرغانلىقىنى )ئەينەكتىن ئۆز ئەكسىنى( كۆرۈپ >مەن يەيدىغان ئادەمنى بۇ ھارامزادە يەپ بوپتۇ< دەپ قاتتىق غەزەبلىنىپتۇ، ئۆز رەقىبىنى يەۋەتمەكچى بولۇپ بىرلا ھام قىلغان ئىكەن، ئون مېتىر يىراقلىقتىكى، ئون مېتىر ئېگىزلىكتىكى، ئون مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قارنىغا كىرىپ كېتىپتۇ. ئۇ بېشىنى كۆتىرىپ قارىسا، ئۆز رەقىبىنى چايناپ پۈركۈۋېتىش ئۈچۈن يەنە دەم تارتىپتۇ. ئۇ بۇ قېتىم بېشىنى كۆتۈرمەي ئىككى قېتىم دەم تارتىپتۇ. قارىسا رەقىبى يەنە قاراپ تۇرغۇدەك. تۆتىنچى قېتىم ناھايىتى كۈچەپ بىر دەم تارتقان ئىكەن. گۈلدۈرلىگەن بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ ئەينەك قومىرىلىپ كېلىپ ئاجايىپ مەخلۇقنىڭ ئىچىدىنمۇ تۈگمەن تېشىدەك بىر پارچە قىلىپ تاشلاپتۇ. بۇ مەخلۇقنىڭ ئىچىدىنمۇ تۈگمەن تېشىدەك بىر پارچە ئالتۇن چىقىپتۇ. شەھەر خەلىقى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قۇتۇلالمىغان بالا - قازادىن قۇتۇلۇپتۇ. ھاتەم ئادەم ئەۋەتىپ يولدا كۆمۈپ قويغان ئالتۇننى ئەكەلدۈرۈپ، ئىككى پارچە ئالتۇننى پادىشاھقا تەقدىم قىلىپتۇ. ئاندىن پادىشاھ ۋە شەھەر خەلقى بىلەن خوشلىشىپ جۈمە كۈنى كېچىسى چىقىدىغان ئاۋازنىڭ سىرىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن يولىغا راۋان بوپتۇ. ئۈچ كېچە - كۈندۈز يول ماڭغاندىن كېيىن بىر قەبرىستانلىق قېشىغا يېتىپ كەپتۇ. كەچ بولۇپ قالغاچقا بۇ يەردە ئۇيقىغا كېتىپتۇ. يېرىم كېچە بولغاندا ئويغىنىپ قەبرىستانلىققا سەپسېلىپ قاراپتۇ. ئاپپاق ئايدىڭ بولۇپ، ھاتەم قەبرىلەرنى ساناپتۇ. قەبرە جەمى بىر يۈز چىقىپتۇ. بۇ قەبرىلەرنىڭ بىرسى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، قالغان توقسان توققۇزى كىچىك ئىكەن. ھەممە قەبرىنىڭ ئۈستىدە چىراق يېنىۋاتقان بولۇپ، توقسان توققۇز قەبرىنىڭ ئۈستىدىكى چىراق نۇرسىز ئىكەن. بىر چاغدا ئون نەچچە ھۆر قىز پەيدا بولۇپ، يەرگە گىلەملەرنى ساپتۇ. ھېلىقى كىچىك توقسان قەۋرىدىن ئادەملەر چىقىپ كەپتۇ. ھۆرقىزلار بۇ ئادەملەرنى ناھايىتى ھۆرمەتلەپ، گىلەم ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپتۇ. قولىغا ئالتۇن ئاپتۇۋىدا سۇ بېرىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا سېمىز گۆش بېسىلغان پولو ئەكىلىشكە باشلاپتۇ. چوڭ قەبرىدىن پۇت - قوللىرىغا كويزا - كىشەن سېلىنغان بىر ئادەم چىقىپتۇ. ئۇنى سىم قامچا بىلەن ئۇرۇپ ھەيدەپ كېلىپ داق يەردە ئولتۇرغۇزۇپتۇ ۋە قولىغا ئوتتىن ياسالغان ئاپتوۋىدا سۇ بېرىپتۇ، ئۇنىڭ ئالدىغىمۇ ئوتتىن ياسالغان لىگەندە ئاش ئەكىلىپ قويۇپتۇ. ئۇ ئادەم قولىنى ئاشقا ھەر بىر سۇنغاندا يېنىدىكى ئىككى ئادەم قامچا بىلەن ئۇرىدىكەن. قامچا ئاۋازىدا ھېلىقى ئادەم >تىرىكلىگىمدە قىلمىدىڭ ياد، ئۆلگىنىمدە چەكمە پەرياد< دەپ توۋلايدىكەن. ھەر جۈمە كۈنى كېچىسى ئاڭلىنىدىغان پەرياد ئاۋازى مانا شۇ ئىكەن.
بۇنى كۆرگەن ھاتەم ئورنىدىن تۇرۇپ ھېلىقى شېھىتلەرنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ ۋە پەريات چەككەن ئادەمدىن نىمىشقا مۇشۇنداق ئەھۋالغا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى سوراپتۇ. پەرياد چەككەن ئادەم ئۆز ھىكايىسىنى باشلاپتۇ.
ئۆزەم دەمەشىقلىق چوڭ سودىگەر بولىمەن. مۇنۇ توقسان توققۇز ئادەم مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولىدۇ. مېنىڭ مال - مۈلكۈم ھەددى - ھېساپسىز ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ مەن سەدىقە ئۆشرە - زاكات بەرمەيتتىم. چاكارلىرىمنىڭ يىپ چاغلىق نەرسىسىنى باشقىلارغا بەرگەنلىكىنى ئاڭلىسام ياكى كۆرۈپ قالسام ئۇلارنى تازا ئۇراتتىم. بۇلارنىڭمۇ سەدىقە، زاكات بېرىشىگە قارشى ئىدىم. بىر كۈنى مەن پۈتۈن يول تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ خىچىرلارغا مال ئارتىپ توقسان توققۇز چاكىرىمنى ئېلىپ سودىگەرچىلىك قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتىم. بىز كۆپ مەنزىللەرنى بېسىپ چۆل - جەزىرىلەردىن ئۆتتۇق. بىر قانچە كۈن يول ماڭغاندىن كېيىن مۇشۇ جايغا يېتىپ كەلدۇق، بۇ جاي ناھايىتى گۈزەل، دەرەخلىق بولۇپ، بىر چەتتە سۇپا، ئۇنىڭ يېىدا بىر بۇلاق بار ئىكەن. كەچ كىرىپ قالغان ئىدى. مەن:
- مۇشۇ جايدا قونايلى، - دىدىم. بۇلار:
- باي ئاكا، بولمايدۇ، بۇ جاي قاراقچىلار ماكانى بولسا كېرەك، يۈرۈپ كېتەيلى، - دېيىشتى. مەن بۇ گەپلەرگە ئىشەنمىدىم. خېچىردىكى موللارنى چۈشۈرۈپ، تاماقلىرىمنى يەپ بولۇپ، ھەممىمىز ئۇيقۇغا كەتتۇق. يېرىم كېچە بولغاندا >قىرچاق< دېگەن چۇقان كۆتىرىلدى. كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام قاراقچىلار ئىكەن. قاراقچىلار ھەممىمىزنى ئۆلتۈرۈپ ماللىرىمنى ئېلىپ كەتتى. بۇ ئىشقا يەتمىش يىل بولدى. شۇنىڭدىن بېرى مەن مۇشۇنداق ئازاب چېكىۋاتىمەن، نالە - پەرياد قىلىپ توۋلايمەن. مېنىڭ ئىككى ئوغلۇم بار، چوڭى سەكسەن ياش، كىچىگى يەتمىش ياش، ئولار مەندىن قالغان مالۇ - دۇنيانى ئەيشى - ئىشرەت، كەيپى - ساپا بىلەن تۈگەتتى. خەيرى - ساخاۋەت قىلمىدى. شۇ سەۋەبتىن مەن مۇشۇنداق ئازابلارنى چېكىۋاتىمەن. ھازىر ئۇ بالىلىرىم ئاشخانا ۋە زاسۈيخانىلارنڭ ئوچىقىغا ئوت قالاۋاتىدۇ. ئەگەر سىز ئېغىر كۆرمىسىڭىز دەمەشىق شەھىرىگە بېرىپ، ئوغۇللىرىمنى تېپىپ يامان يولدىن قايتۇرۇپ ئۆي - ئوچاقلىق قىلسىڭىز، شۇ شەھەرنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدە بالىلىرىم سېتىۋەتكەن بىر ھويلام بار. ھازىر شۇ ھويلىنى ساتىدۇ. سىز ھويلىنى سېتىۋېلىپ، بالىلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرسىڭىز، ئات ئېغىلىنىڭ ئىچىدە - ئوقۇرنىڭ ئارقىسىدا بىر ئىشىك بار. ئۇنىڭغا قۇلۇپ سېلىنغان بولۇپ، ئاچقۇچ ئىشىكنىڭ ئوڭ تەرىپىدە يەرگە كۆمۈكلۈك، ئاچقۇچنى تېپىپ ئىشىكنى ئاچسىڭىز ئۈچ ئۆيدە ئالتۇن - كۈمۈش بار. ئىككى ئۆيدىكى ئالتۇن - كۈمۈشنى سەدىقە قىلىۋېتىپ، بىر ئۆيدىكىنى بالىلىرىمغا بەرسىڭىز، ئۇلارنى داۋاملىق نەزىر - چىراق بېرىپ تۇرۇشقا، يامان يولغا ماڭماسلىققا دەۋەت قىلىپ ياخشى يولغا باشلىغان بولسىڭىز، شۇنىڭدىن باشلاپ ئازاب - ئوقۇبەتتىن قۇتۇلغان بولاتتىم...
ھاتەم بۇنىڭغا ماقۇل بوپتۇ. تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ھېلىقى سودىگەر شېھىتنىڭ تەلىپىنى ئىجاۋەت قىلىش ئۈچۈن دەمەشىققە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇ شەھەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن كىشىلەردىن سوراپ يۈرۈپ سودىگەرنىڭ ئىككى ئوغلىنى تېپىپتۇ. ئۇلارنى ھاممامغا ئەكىرىپ يۇيۇندۇرۇپ ياخشى كىيىملەرنى كىيگۈزۈپتۇ. ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ھېلىقى ئۆينى سېتىۋاپتۇ، سودىگەرنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆيلەندۈرۈپتۇ. قالغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سودىگەرنىڭ دىگىنى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا بىردىن دۇكان ئېچىپ بېرىپتۇ. ئەيشى - ئىشرەتكە بېرىلمەسلىكنى، داۋاملىق خەيرى - ساخاۋەت قىلىشنى تاپىلاپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ئىككىيلەنمۇ ئۆزىنى يامان يولدىن تارتىپتۇ. ئاتا - ئانىسىنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر - چىراق، خەيرى - ساخاۋەت قىلىپ، ئۆشرە - زاكات بېرىپ تۇرۇپتۇ.
ھاتەم ھەممە ئىشلارنى ئۆز جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ، ئاشىق پادىشاھنىڭ يېنىغا تېزراق بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ. بىر قانچە كۈن يول يۈرۈپ ھېلىقى قەۋرە بار يەرگە كەپتۇ. كەچ بولۇپ، بۇ يەردە قۇنۇپتۇ. يېرىم كېچە بولغاندا ھاتەم ئويغىنىپ كېتىپتۇ. بۇ دەل جۈمە كۈنى كېچىسى بولۇپ ئەتراپ ناھايىتى يورۇق ئىكەن. ھاتەم قارىسا بۇ چوڭ قەبرە ئۈستىدىكى چىراقنىڭ نۇرى قالغان توقسان توققۇز قەبرىنىڭ ئۈستىدىكى چىراقنىڭ نۇرىدىن روشەن يانغۇدەك. بىر چاغدا ئون نەچچە ھۆر قىز چىقىپ يەرگە زىلچا - گىلەم ساپتۇ. ئۈستىگە يەتتە قەۋەت كۆرپە سېلىپ، سودىگەرنى ناھايىتى ئىززەت - ئىكرام بىلەن ئولتۇرغۇزۇپتۇ. قالغان توقسان توققۇز ئادەممۇ سودىگەرنى ناھايىتى ھۆرمەتلەپتۇ. ئالدىغا ناھايىتى يوغان ئالتۇن لىگەندە ئاش تارتىپتۇ. ھاتەم بۇنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال ئونىدىن تۇرۇپ سودىگەرنىڭ يېنىغا كەپتۇ. سودىگەر ھاتەمنى كۆرۈپ كۆپ رەھمەتلەر ئېيتىپتۇ.
- سىز مېنىڭ بالىلىرىمنى ياخشى يولغا باشلاپ ئوبدان قىلدىڭىز. مەن شۇندىن كېيىن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدۇم، سىزگە كۆپ رەھمەت! - دەپتۇ.
ھاتەم شېھىتلەر بىلەن خوشلىشىپ، ئاشىق پادىشاھنىڭ قېشىغا ئالدىراپتۇ. ئايال پادىشاھنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئايال پادىشاھ ۋە ئاشىق پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، جۈمە كۈنى كېچىسى چىقىدىغان ئاۋازنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. بۇ سىرنى ئاڭلىغان ئاشىق پادىشاھ بىلەن ئايال پادىشاھ توي تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈپ توي قىلىپتۇ. ئايال پادىشاھ ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى ئېرىگە ئۆتۈنۈپ بېرىپتۇ. ئاشىق پادىشاھ ئىككى شەھەرگە پادىشاھ بولۇپ شەھەرنى ناھايىتى ئادىل سوراپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ياقا گۇڭشېدىن: ھەمراخان.