ھېكمەتلىك سۆز
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا ناھايىتى باي بىر سودىگەر بولغانىكەن. ئۇنىڭ بىرلا ئوغلى بولۇپ، ئۇ ئوغلىنىڭ سودا ئىشلىرىدا ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىكەن. شۇڭا ئۇ ئوغلىنىڭ ئىقتىدارىنى سىناپ كۆرمەكچى بولۇپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغلىغا مىڭ تەڭگىلىك مال بېرىپ:
- سەن مۇشۇ ماللارنى سۇ قىلالىساڭ، ئۇنىڭغا قوشۇپ قەدىر ئەھۋال پايدا تاپالىساڭ بۇنىڭدىن كېيىن سېنىمۇ سودا ئىشلىرىغا سالىمەن، - دەپتۇ.
ئوغلى دادىسىنىڭ شەرتلىرىنى ماقۇل كۆرۈپتۇ. ئۇ ئەتىسى تاڭ سەھەردە مالنى قاچىلاپ، يېقىن ئەتراپتىكى شەھەر - بازارلارغا بېرىپ سېتىقچىلىق قىپتۇ. ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا ئېلىپ چىققان ماللىرىنى سېتىپ، سۇ قىلىپ بولۇپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەڭمۇ - تەڭ پايدا ئاپتۇ.
ئۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ ۋە دادىسىنىڭ ماختاشلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتىپ كېتىشنىڭ تەرەددۇتىنى قىپتۇ. ئەمما يانچۇقىدا ئىككى مىڭ تەڭگە بولغاچقا بىرەر - يېرىم كۈن ۋاقىت چىقىرىپ، خۇماردىن چىققۇدەك ئوينىۋالغۇسى كېلىپ قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن چوڭ بىر چايخانىدا ناشتا قىلىۋېتىپ، كوچىلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ.
كۈن چۈشتىن قايرىلغاندا ئۇ چوڭ بازارغا بېرىپتۇ. بۇ يەردىكى توپلىنىپ ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىشىۋاتقان كىشىلەر ئۇنى جەلپ قىلىۋاپتۇ. ئۇ قىزىقىپ، كىشىلەر توپىغا قىستاپ كىرىپتۇ - دە، چىرايلىق، پاكىز قېرىغان بىر بوۋاينىڭ «بىر كەلىمە ھېكمەتلىك سۆزنى مىڭ تەڭگىگە ساتىمەن» دەپ بورىدا يۈكىنىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
بىر كەلىمە ھېكمەتلىك سۆزگە مىڭ تەڭگە ئالاملا؟ - دەپتۇ ياش يىگىت گۇمان بىلەن،- بىر كەلىمە سۆز نېمىگە يارايدۇ؟
- ئۇنى بىر نەرسە دېيىش قىيىن، - دەپتۇ بوۋاي، - تۇرمۇش دېگەندە ئادەمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن ھەر خىل ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. ۋاقتانى - ۋاق كەلگەندە بىر كەلىمە ھېكمەتلىك سۆز ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى مۇمكىن.
بۇ گەپ ياش يىگىتكە قاتتىق تەسىر قىپتۇ. ئۇ بىر چەتكە ئۆتۈپ، بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن بىر كەلىمە ھېكمەتلىك سۆز سېتىۋېلىش نىيىتىگە كەپتۇ. ئۇ يانچۇقىدىن مىڭ تەڭگە چىقىرىپ بوۋايغا بېرىپتۇ - دە، بوۋايدىن بىر كەلىمە ھېكمەتلىك سۆز سوراپتۇ.
بوۋاي ئۇنىڭغا خېلى بىر ھازاغىچە ئىسەڭكىرەپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن:
- شوخلۇق قىلىدىغاندەك تۇرسىمۇ، سېنى سۆيىدىغان يارىڭنى دىلىڭدا چىڭ ساقلا، - دەپتۇ.
ياش يىگىت بۇ سۆزنىڭ ئۆز تۇرمۇشىدا زادى نېمىگە ئەس قاتىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەي قاپتۇ.
- سىلىنىڭ ماڭا سېتىپ بېرىدىغان ھېكمەتلىك سۆزلىرى مۇشۇمۇ؟ - دەپ سواپتۇ ئۇ، - «سۆيۈش» «يار» دېگەن سۆزنىڭ مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ ماڭا ھېچ بولمىغاندا تۇرمۇشۇمدا يولۇقۇش ئېھتىمالى بولغان توسالغۇ ۋە قىيىنچلىقلارنى يېڭىشىمگە ياردىمى تېگىدىغان بىرەر سۆز سېتىپ بەرسىلە بولاتتى.
- ئەگەر سېنىڭ كۆڭلۈڭدە «سۆيۈش» ۋە «يار» دېگەن نەرسە بولسا تۇرمۇشۇڭدا يولۇققان ھەرقانداق توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يولى بىر ياقلىق قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئازايتالايسەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
شۇنداقتىمۇ ياش يىگىتنى قانائەت قىلدۇرالماپتۇ، ئۇ شۇنچىلا كۆپ پۇلغا ئاشۇنداق بىر كەلىمە سۆزنى يېنىكلىك بىلەنلا سېتىۋالغىنىغا بەكمۇ پۇشايمان قىپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا: «سودا - سېتىقتا بىر قېتىم زىيان بولسا ھولۇقۇپ كەتمەي، چارە - ئامال ئويلاپ يەنە بىر قېتىملىق سودىدا تولدۇرۇۋېلىش كېرەك» دېگەنىكەن. يىگىت دادىسىنىڭ بۇ سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ، «يەنە مىڭ تەڭگە سەرپ قىلىپ تەلەي - پېشانەمنى سىناپ كۆرەي، ئۇنىڭ بىلەن باياتىن تارتقان زىياننى تولدۇرۇۋالسام ئەجەپ ئەمەس» دېگەننى خىيالىدىن كەچۈرۈپتۇ - دە، بوۋايدىن يەنە بىر كەلىمە ھېكمەتلىك سۆز سېتىپ بېرىشنى سوراپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭغا يەنە خېلى بىر ھازا قاراپ تۇرۇپتۇ. ئاندىن:
- سەن ۋەدىسىگە ۋاپاسىزلىق قىلىدىغان ئادەم بولساڭمۇ، ساڭا ئىشەنچ قىلغان ئادەمگە ۋاپاسىزلىق قىلما! - دەپتۇ. ياش يىگىت بۇ قېتىممۇ ئۇ ھېكمەتلىك سۆزدىن قانداق ياخشىلىق - پايدا تاپالايدىغانلىقىنى زادىلا چۈشىنەلمەپتۇ.
ئۇ روھسىزلىنىپ، قولى قۇرۇق، كۆڭلى سۇنۇق پېتى قايتىپ، دادىسى بىلەن كۆرۈشكە رايى بارماپتۇ - دە، شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا قېلىپ بىرەر ئىش قىلماقچى بوپتۇ.
قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قاپتۇ. شۇڭا ئۇ قاراڭغۇ چۈشكىچە ئارىلىقتا ياتىدىغانغا بىرەر جاي - ماكان تېپىۋېلىشقا ئالدىراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كوچىمۇ كوچا، ئۆيمۇ ئۆي ئارىلاپ يۈرۈپ، ئىش بولسا قىلىشىپ بېرىپ بىر كېچە قونۇۋېلىشنى سوراپتۇ، ئەمما ھېچكىم ماقۇل كەلمەپتۇ.
ئاخىرى ئۇ بىر تۈگمەنگە كېلىپ قاپتۇ. تۈگمەنچى كېسەلچان بىر بوۋاي بولۇپ، تۈگمەننىڭ ئېغىر - يېنىك ئىشلىرىغا قاراشقىلى بىرەر ياش يىگىتكە مۇھتاج بولۇپ تۇرغانىكەن. تۈگمەنچى ئۇ بالىنى تاڭ ئاتقاندا ئىشقا سېلىش ئۈچۈن بىر كېچە قوندۇرۇپ قېلىشقا ماقۇل بوپتۇ.
ئەمما تۈگمەنچىنىڭ خىيالىدىن: «ئەتىلىككە بۇ يىگىت ھايات قالارمۇ؟» دېگەن ئوي كېچىپتۇ. چۈنكى تا شۇ كۈنگىچە ئۇ ياللاپ ئىشقا سېلىپ كەلگەن ھەربىر ياش يىگىت ئۇنىڭ تۈگمىنىدە قونۇپ قالىدىكەن، لېكىن ئەتىسى ئەتىگەندە ئۆلۈپ قالىدىكەن. ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەب بىلەن ئۆلۈپ قالغانلىقىنىڭ سىرىنى شۇ چاققىچە بىلمەي كەلگەنىكەن. تۆگمەنچى تولىمۇ دەرگۇماندا بولۇپتۇ.
نېمە بولسا بولسۇن دەپ، تۈگمەنچى ھېلىقى ياش يىگىتنى تۈگمەنگە باشلاپ كىرىپتۇ - يۇ، ئىلگىرى كەلگەن كىشىلەرنىڭ تەقدىر - قىسمەتلىرى ھەققىدە ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچماپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭغا بىر نان بېرىپتۇ. بىر قانچە ئۇن خالتىسىنى قېقىپ قۇرۇقداپ ئاستىغا سېلىپ ئۇخلاشقا بېرىپتۇ - دە، ئاندىن ئۆزى تۈگمەننىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلاپ كېتىپ قاپتۇ.
يىگىت ناننى يەپ بولۇپ قۇرۇق خالتىلارنىڭ خالتىلارنىڭ ئۈستىدە پۇت - قوللىرىنى سوزۇپ يېتىپ خېلى چاغلارغىچە زادى ئۇخلىيالماپتۇ. يېرىم كېچە بولاي دېگەندە قانداقتۇ بوش بىر ئاۋازنى ئاڭلاپتۇ - دە، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۇنى تەكشۈرۈپ بېقىپتۇ. ئۇشتۇمتۇتلا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا غايەت زور بىر قارا يىلان پەيدا بولۇپتۇ. ئۇ يىلان ھەربىر قولىدا بىردىن ياش ئايالنى تۇتۇپ تۇرغۇدەك. ئۇ ئاياللاردىن بىرىنىڭ رەڭگى ئاق، تەقى - تۇرقى كېلىشكەن، يېگەن - ئىچكەندەك ئىكەن. يەنە بىرى كۆمۈردەك قارا، ھازازۇلدەك، سەت تۇرغىدەك.
- ئەي ياش يىگىت، - دەپتۇ يىلان توغرىدىن - توغرىلا، - ماۋۇ ئىككى ئايال مېنىڭ خوتۇنۇم بولىدۇ، سېنىڭچە مەن بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى ھەممىدىن بەك سۆيۈشۈم كېرەك؟
ياش يىگىت نېمە دېيىشىنى بىلمەي قاپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە: «ئەگەر مەن ئاق ئايالنى چىرايلىقكەن دەپ قويسام يىلان ھېلىقى قارا خوتۇننى كۆزگە ئىلمىغانلىقىمدىن خاپا بولۇپ ئاچچىقى كېلىپ قالار. ئەگەر قارا خوتۇننى سەت ئىكەن، دەپ قويسام ئۇ مېنى ئاياللارنى كۆزىتىپ باھا بېرىش ئىقتىدارى يوق ئىكەن دەپ قالار. قانداق قىلىش كېرەك؟» دەپ ئويلاپتۇ. بىردىنلا ئۇنىڭ مېڭىسىدە كۈندۈزى بىرىنچى قېتىم سېتىۋالغان «شوخلۇق قىلىدىغاندەك تۇرسىمۇ، سېنى سۆيىدىغان يارىڭنى دىلىڭدا چىڭ ساقلا» ھېكمەتلىك سۆز ئايان بوپتۇ - دە، يىگىت شۇ سۆزنى يىلانغا ئۈنلۈك ئېيتىپتۇ.
- ياخشى ئېيتتىڭ، - دەپتۇ يىلان، - مۇشۇ سۆزۈڭ سېنىڭ ھاياتىڭنى قۇتقۇزۇپ قالدى. ئەگەر سەن «ئاۋۇ چىرايلىقكەن» ياكى «ماۋۇ سەتكەن» دېگەن بولساڭ سېنىمۇ نادانلىق خاتالىقىنى ئۆتكۈزگەن كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆلتۈرۋەتتىم.
يىلان شۇ گەپنى قىلىپتۇ - يۇ، شۇئانلا غايىب بوپتۇ. ئەتىسى تاڭ سەھەردە تۈگمەنچى بوۋاي تۈگمەنگە كىرىپتۇ - دە، ياش يىگىتنىڭ ھايات تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران بولۇپتۇ ۋە خۇشال بولۇپتۇ.
تۈگمەنچى چېچەنلىك بىلەن ئۇ يىگىتتىن:
- ياخشى ئۇخلىدىڭىزمۇ؟ بىرەر نەرسىنى كۆزىڭىزگە چېلىقتۇردىڭىزمۇ؟ ياكى بىرەر نەرسىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ كېچىدە بىرەر بەختسىز ھادىسە بولمىغاندۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. بەزى چۈشىنىكسىز سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يىگىت يىلاننىڭ كۆزىگە ئايان بولغانلىقىنى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدا يۈر بەرگەن ۋەقەنى بوۋايغا ئېيتماپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوبدان ئۇخلىغانلىقىنى، ھېچ نەرسىنى كۆرمىگەن - ئاڭلىغانلىقىنى، كېچىدە ھېچقانداق بەختسىزلىك ھادىسىلىرى بولمىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
تۈگمەنچى ناھايىتى تەسىرلىنىپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى گۇمانى يەنىلا يېشىلمەپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا ياردەملەشكۈچى جىددىي لازىم بولغاچقا، ئۇ ياش يىگىت داۋاملىق ئىشلەشنى خالىسىلا ئۆز خىزمىتىگە سالماقچى بوپتۇ.
ياش يىگىت تارتقان زىيانلىرىنى ئۆز سانى بويىچە تۆلىۋالمىغۇچە ئۆيگە قايتماسلىققا نىيەت قىپتۇ - دە، تۈگمەنچى بوۋاينىڭ تەكلىپىنى ماقۇل كۆرۈپتۇ، كېيىنكى كۈنلەردە ياش يىگىت ئىشنى تېخىمۇ غەيرەت بىلەن ئىشلەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تۈگمەنچىنىڭ بارغانسېرى زور ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپتۇ. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۈگمەنچى بوۋاي ئۇنى تۈگمەنگە تولۇق ئىگىدارلىق قىلىشقا قويۇپتۇ ھەمدە ئۇنىڭ يېتىپ - قوپۇشىنى ئۆز ئۆيىدە قىپتۇ. تۈگمەنچىنىڭ پەرزەنتى بولمىغاچقا يىگىتنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپتۇ. يىللار، ئايلار ئۆتۈۋېرىپتۇ. ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولۇۋېرىپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈگمەنچى ھەج قىلىشقا بارماقچى بوپتۇ ھەمدە خوتۇنىنىمۇ بىللە ئېلىپ بارماقچى بولۇپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ خوتۇنى يول ئازابىنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭ پىكرىنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ەرت قىپتۇ. تۈگمەنچى خوتۇنىنىڭ پىكرىنى ئورۇنلۇق چاغلاپ، ئۇنى قالدۇرۇپ كەتمەكچى بوپتۇ. بوۋاي ھېلىقى يىگىتكە خوتۇنىغا ياخشى قاراپ قويۇشنى تاپىلاپ، ئۆزى سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ.
تۈگمەنچىنىڭ خوتۇنى تەقى - تۇرقى كېلىشكەن، چىرايلىق خوتۇن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۆز ئېرى بىلەن ھەجگە بارماسلىقىدىكى سەۋەب يول ئازابىنىڭ ئېغىر كېلىشىدىن بولماي، يوشۇرۇنچە ئىچ - پەش تارتىپ يۈرگەن يىگىتنى ئىندەككە كەلتۈرۈۋالماقچى بولغانلىقىدىن ئىكەن. بۇ ئايال ئېرى ئۆيدىن چىقىپ بولغىچە ئۆزىنى ئوينىتىپ، يىگىتكە ناز - خۇلۇق قىلىشقا باشلاپتۇ. ئەمما ئۇ ياش يىگىت ئۆز خوجايىنىنىڭ خوتۇنىغا يامان نىيەتتە بولماپتۇ. ئۇ ناھايىتى ئەدەب - ئەخلاق بىلەن ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىپتۇ. ئەمما ھېلىقى ئايالنىڭ نىيىتى تېخىمۇ بۇزۇلۇپ، شەھۋانىيلىقى بەك قوزغىلىپ كېتىپتۇ. ئۇ جىمىكى چارە - ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ يىگىتنى ئۆزىگە تارتىۋېرىپتۇ. بىراق ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى كارغا يارىماپتۇ.
ئۇ ئايال ئاخىرى بولالماي، بىر كۈنى كېچىدە ئۆزىنى ئوينىتىپ ئۇشتۇمتۇتلا ھېلىقى ياش يىگىتنىڭ ياتاقخانىسىدا پەيدا بولۇپتۇ - دە، بىرگە بولۇشنى تەلەپ قىلىپ يىگىتكە يېلىنىپ تۇرۇۋاپتۇ.
ئازدۇرۇش كۈچى بەكمۇ زور بوپتۇ. ئەرلەرنىڭ ھېچبىرى ئاسماندىن چۈشكەن پەرىشتە ئەمەستە. يەنە كېلىپ، ئاشۇنداق ئەھۋالدا، پەردە ئارقىسىدا ئىشنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقان ئىبلىسمۇ ئادەمنى ئازدۇرۇشقا ئۇستىلىق ئىشلىتىپتۇ. ئۇنىڭ ياغلىما سۆزلىرى يىگىتنىڭ قۇلىقى تۈۋىدە يېقىملىق ئاڭلىنىپتۇ: «چاپسان بول. ئۇنىڭ بىلەن ھايات پەيزىنى سۈر... ئەخمەق بولما. ئۇنىڭ ئېرى دېگەن ھازىر ئاللىقانداق بىر يەردە.. ئەبەدىلئەبەد بىلمەيدۇ. ... ئۇ ساڭا بەك ئىشىنىدۇ ئەمەسمۇ؟....»
شۇ ئەسنادا ئۇ سېتىۋالغان: «سەن ۋەدىسىگە ۋاپاسىزلىق قىلىدىغان ئادەم بولساڭمۇ، ساڭا ئىشەنچ قىلغان ئادەمگە ۋاپاسىزلىق قىلما!» دېگەن ھېلىقى ئىككىنچى ھېكمەتلىك سۆز ئۇنىڭ مېڭىسىدە ئايان بوپتۇ.
ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا تۈشەكتىن دەس تۇرۇپتۇ - دە، ئۇ ئايالنى كۆتۈرۈپلا ئۆيدىن چىقىرىۋېتىپتۇ. شۇندىن ئېتىبارەن، ئاشۇنداق ئىشنىڭ ئىككىنچى بولۇپ قالماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ياتىدىغان ياتىقىنىڭ ئىشىك - دېرىزىلىرىنى كېچە - كۈندۈز مەھكەم ئېتىپ قويىدىغان بوپتۇ.
بۇنداق ئىزا - ئاھانەتكە قالغان ئايال ئۇ يىگىتنى كەچۈرگىسى كەلمەي، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشقا قەسەم قىپتۇ. ئېرى قايتىپ كەلگەندە يىگىتنى ئېرىگە چېقىپتۇ ۋە ئۇنى تۈگمەندىن ھەيدىۋېتىشنى تەلەپ قىپتۇ.
تۈگمەنچى بۇلارنى ئاڭلاپ بەك ئېچىنىپتۇ. چۈنكى ئۇ ھېلىقى ياش يىگىتكە مۇتلەق ئىشىنىدىكەن. بىراق ئۆز خوتۇنىنىڭ قاتتىق شىكايەتلىرى ئالدىدا تۈگمەنچىنىڭ ھېلىقى ياش يىگىتنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىشتىن باشقا ھېچبىر ئامالى قالماپتۇ. بۇنى ياش يىگىتكە ئەينەن ئېيتىپتۇ.
ياش يىگىتمۇ تۈگمەنچى بوۋايغا بەك ئىشىنىدىكەن، ئۇنى ئۆزىنىڭ دادىسىدەك كۆرگەنىكەن، شۇڭا ئۇ قار يۈز بولغان ھالدا تۈگمەنچىدىن ئايرىلىپ كېتىشكە كۆڭلى چىدىماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ ۋەقەنىڭ جىمى جەريانىنى تۈگمەنچىگە سۆزلەپ بېرىپتۇ.
تۈگمەنچى ياش يىگىتنىڭ ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ بېشىغا چۈشكەندەك تەقدىر - قىسمەتتىن ئامان - ئېسەن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ يۈرگەنىكەن. بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەممە ئەھۋالنىڭ تېگى - تەكتىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ تۈگمەنچى ياش يىگىتنى ئۆز يېنىدا قالدۇرۇپ، ئۇنى تۈگمەنگە پۈتۈنلەي ئىگىدارلىق قىلىشقا قويۇپتۇ. خوتۇنىنى بولسا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتۇرۇۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ئېرى ۋاز كەچكەن، ئۇچىغا چىققان رەسۋا، يۈزسىز نامى بىلەن پۇر كېتىپتۇ.