ئەقىللىق بالا
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ ئاتارمەن - چاپارمەنلىرى بىلەن ھېيتكاردىن قايتقان شاھ يول ئۈستىدە لاي بىلەن سېپىل ۋە شەھەرچە ياساپ بىر تۇپ بالىلارنىڭ ئۈستىگە دۇچ كېلىپ قاپتۇ. چوڭ ھەيۋەت بىلەن كېلىۋاتقان شاھنى ۋا ئۇنىڭ نۆكەرلىرىنى كۆرگەن بالىلار ئالدىراپ قېچىپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇسرەت دېگەن بىر بالا دوستلىرىغا قاراپ:
_ بالىلار، ئىشىڭلارنى قىلىۋىرىڭلار. شاھ بىلەن ئۆزۈم سۆزلىشىمەن، - دەپ بالىلارنىڭ كېتىشىگە يول قويماپتۇ . دەل شۇ چاغدا شاھنىڭ ياساۋۇللىرىدىن بىرى كېلىپ:
_ يولنى بىكار قىلىش! شاھنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشمەي تۇرۇشامسەن؟ يوقال! - دەپ ۋارقىراپتۇ.
ياساۋۇلنىڭ ۋارقىرىشىدىن قورققان بالىلار سەكرەپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ قاچماقچى بولۇپ تۇرغاندا ، نۇسرەت ياساۋۇلنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_ ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، دۇنيادا ئۆتكەن شاھلارنىڭ قانچىلىك سەلتەنەتلىك ۋە قۇدرەتلىك بولۇشىغا قارىماي، شەھەرنىڭ سېپىلىنى ئايلىنىپ ئۆتكەن، تارىختا شەھەر سېپىلىنى بۇزۇپ ماڭغان شاھ ئۆتكىنى يوق، بىزنىڭ شاھىمىزمۇ مالال كۆرمەي شەھىرىمىزنىڭ سېپىلىنى ئايلىنىپ ئۆتۈشى كېرەك! دەپتۇ.
_ تولا گەپدانلىق قىلماي يوقال! - دەپ تېخىمۇ قاتتىقراق كاركىراپتۇ ھېلىقى ياساۋۇل.
بۇ چاغدا شاھ ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ،نېمە ۋەقە ئېكەنلىكىنى سوراپتۇ. ياساۋۇل بولغان گەپ - سۆزلەرنى شاھقا مەلۇم قىپتۇ. شاھ بالىنىڭ سۆزىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇۋە بالىنىڭ ئەقىللىق ۋە جۈرئەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىچىدە ئاپىرىن ئوقۇپ، ئۇنى ئالدىغا چاقىرىپ ئىسمىنى سوراپتۇ.
_ ئىسمىم نۇسرەت، ئىسلام باپكار دېگەن كېلىشنىڭ يالغۇز ئوغلىمەن، شاھ ئالىيلىرى شەھەرچىمىزنى بۇزۇپ ماڭسىلىرى مەن بۇنىڭغا يول قويمايمەن! . . . - دەپ تېخىمۇ دادىلراق جاۋاب بېرىپتۇ نۇسرەت.
شاھ نۇسرەتنىڭ جاۋابىغا كۈلۈپ قويوپتۇ -دە، بالىلار ياسىغان شەھەرچىنى ئايلىنىپ ئۆتۈشكە بۇيرۇق بېرىپتۇ.
ئارىدىن ئاي ئۆرۈپ، يىل ئۆتۈپ، نۇسرەت 15 - 16 ياشلارغا كېرىپ قاپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ئۆز دوستىلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىپ، شەھەرنىڭ چېتىدىن قۇلايلىق بوش بىر ئورۇننى تاللاپ، شەھەر سالماقچى بولۇپتۇ.ئۇلار كېسەك قويۇپ، ياغاچ تۇشۇپ، چوڭ بىر ئىمارەت ياساپ چىقىپتۇ.
ئىمارەت پۈتكەندىن كېيىن نۇسرەت دوستلىرىغا قاراپ:
_ ئاغىنىلەت ، بىزنىڭ دەسلەپكى ئىشىمىز ئوڭۇشلۇق تۈگىدى. ئەمدى بىز ئۆزىمىزگە بىر پادىشاھ سايلاپ چىقايلى، باشقا ئىشلارنى شاھىمىز ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يولغا سالار، - دەپتۇ.
بالىلار نۇسرەتنى شاھلىققا بەلگىلەپتۇ، نۇسرەت شاھ بولۇپ بەلگىلەنگەندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا ھەرخىل قائىدە - تۈزۈم، ئەمىر - پەرمانلارنى ئېلىن قىلىپ، ئىش بىجىرگۈچىلەرنى تەيىنلەپتۇ ۋە:
_ ئۇنداق بولسا، بىز ئۆز ئىشىمىزنى ئادالەت ۋە سائادەتتىن باشلايمىز. خەلىققە ئادىل خىزمەت قىلىمىز . . . ياساۋۇللارئەتىدىن باشلاپ شەھەرگە چىقىڭلار، خەلقنىڭ گەپ - سۆزلىرىگە، دەرد - ھەسرىتىگە قۇلاق سېلىڭلار. ئۇلانىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى بولسا مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، - دەپتۇ.
ئەتىسىدىن باشلاپ بالا پادىشاھنىڭ «ياساۋۇللىرى» شەھەر كوچىسىغا چىقىپ، خەلىقنىڭ ئەرز - شىكايەتلىرىنى ئاڭلاشقا باشلاپتۇ. ئۇلار شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرسە،ئىككى ئادەم جاڭجاللىشىپ، بىر - بىرىگە : «سېنىڭ ئەمەس، مېنىڭ » دېيىشىپ بىر تۆگە بوتىلىقىنى ئۇيان تارتىپ، بۇيان تارتىپ يۈرگۈدەك.
بالا ياساۋۇللار نېمە گەپ ئىكەنلىكىنى سورىغانىكەن، ھېلىقى كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان ۋەقەنى مەلۇم قىپتۇ:
_ بۇ بوتىلاق مېنىڭ تۆگەمنىڭ بالىسى ئىدى، مۇنۇ ئادەم مېنىڭ بوتىلىقىم، - دەپ تارىۋالماقچى بولىۋاتىدۇ، - دەپتۇ. بۇ ئادەمنىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا، يەنە بىر كىشى بوتىلاققا ئېسىلىپ تۇرۇپ:
_ ياق . . . ياق . . . بۇ مېنىڭ بوتىلىقىم ئىدى. بۇ ئادەم مۇتھەملىك قىلىپ،«مېنىڭ» دەپ ئېسىلىۋالدى، - دەپتۇ - دە، بوتىلاقنى سۆرەپتۇ.
_ توختاڭلار! . . . - دەپتۇ كىچىك ياساۋۇللار، - سىلەر شەھەر پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارمىدىڭلارمۇ؟
_ باردۇق. «مۇشۇ ئىشقىمۇ بىسەرەمجان قىلامسىلەر ؟ چىقىڭلار، ئوردىنى قالايمىقان قىلماڭلار، بوتىلاقنى سويۇپ ، ئىككىڭلار تەڭ بۆلۈشىۋېلىڭلار» دەپ چىقىرىۋەتتى، - دەپتۇ ھېلىقى كىشىلەردىن بىرى.
_ ئۇنداق بولسا يۈرۈڭلار، بالا پادىشامىزنىڭ ئالدىغا بارايلى. ئۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ قويسۇن، - دەپتۇ - دە، ئۇلارنى نۇسرەتنىڭ ئالدىغا باشلاپ بېرىپتۇ. نۇسرەت مەھلىھەتچىلىرى ، ساراي ئەمەلدارلىرى بىلەن «شاھلىق ئوردىسى»دا ئولتۇرغانىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىغا بوتىلاق ھەققىدە ئەرز قىلىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ:
_ ھەر ئىككڭلارنىڭ تۆگىسى بارمۇ؟ ئۇنداق بولسا، تۆگەڭلارنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ بوتىلاقنى بولۇشىغا ساۋاڭلار، - دەپ بۇيرۇق بېرىپتۇ ياساۋۇللارغا قاراپ.
نۇسرەت ئۆز ئەمەلدارلىرىنى ۋە ھېلىقى دەۋاگەرلەرنى نەق مەيدانغا باشلاپ چىقىپ كۆزىتىپ تۇرۇپتۇ.
كىچىك ياساۋۇللار بوتىلاقنى باغلاپ شۇنداق ئۇرۇپتۇكى، بوتىلاقنىڭ نالىسىگە چىدىمىغان ئورۇق بىر تۆگە ھۆركىرەپ كېتىپتۇ. تۆگىنىڭ ھۆركىرەپ كەتكەنلىكىنى كۆگەن نۇسرەت:
_ بۇ تۆگە قايسىڭلارنىڭ بولسا، بوتىلاق شۇنىڭ! - دەپ ھۆكۈم چىقىرىپتۇ.
بۇنداق ئادالەت بىلەن چىقىرىلغان بوتىلاقنىڭ ئىگىسىلا ئەمەس، ھەتتا نۇسرەتنىڭ ئۆز دوستلىرىمۇ قايىل قىلىشىپتۇ. مانا شۇنىڭدىن كېيىن نۇسرەتنىڭ داڭقى پۈتۈن شەھەرگە تارقىلىشقا باشلاپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا ھەرخىل ئەرز - شىكايەتلەر بىلەن كەلگۈچىلەرمۇ كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىشكە باشلاپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىچىك ياساۋۇللار شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرسە، بىر ئادەم ئىككى بالىنى يېتىلىۋېلىپ «ئەستا! ئەستاغپۇرۇللا، بۇ قانداق بولغىنى» دەپ ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆزلىشىپ كېتىۋاتقۇدەك. بۇ ئادەمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قالغان كىچىك ياساۋۇللاردىن بىرى:
_ ھەي تاغا، نېمە بولدىلا، نېمىگە شۇنچە قايغۇرۇپ كېتىلا؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ ھەي ئوغلۇم، نېمىسىنى سورايسەن؟ مېنىڭ بىر ئوغلۇم بار ئىدى. ئۇنى سىركە ئېلىپ كىلىشكە بازارغا ئەۋەتسەم«سىركە يوق ئىكەن» دەپ قايتىپ كەلدى. ئارقىدىن مېنىڭ بالامغا ئوخشايدىغان يەنە بىر بالا:«مانا، دادا،سىركە!»دەپلا ئۆيگە كىردى. مەن بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسى ئۆز ئوغلۇم ئىكەنلىكىنى پەرق قىلالمىدىم. بىر بالىنى باقالمايۋاتقاندا، ئىككى بالىنى بېقىش ئۆزى بىر گەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئىزلەپ كېلىپ: «بالا ئوغرىسى »دېگەن تۆھمەت بىلەن شەرىئەتكە بارسا، قازى - كالاننىڭ دەررۇ - پالاقلىرى ئاسىتىدا ئۆلەرمەنمۇ؟دېگەن چېكى يوق بىر غەمدە قالدىم، - دەپتۇ ھېلىقى كىشى.
- شەھەر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بارمىدىڭىزمۇ؟
_ باردىم. شاھ: «ھەي ئەخمەق، بىر بالىدىن ئىككى بالا ياخشى ئەمەسمۇ؟ ھەر ئىككىسىنى ئۆز بالام دەپ بېقىۋەر، ماڭ، چىق، ئوردىنى قالايمىقان قىلما» دەپ چىقىرىۋەتتى ، - دەپتۇ.
- يۈرۈڭ ، ئۇنداق بولسا، بىز بالا پادىشاھىمىزنىڭ ئالدىغا بارايلى، سىزنى بۇ باش قېتىقچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قويسۇن ،- دەپ ھېلىقى ئادەمنى ئىككى بالا بىلەن نۇسرەتنىڭ ئالدىغا باشلاپ كەپتۇ. بۇ ئادەم نۇسرەتكە بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
_ قايسىڭلار بۇ كىشىنىڭ ئوغلى؟ - دەپ سوراپتۇ نۇسرەت ئەھۋالنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بالىلارغا قاراپ.
_ مەن! . . .
مەن! . . .
ئىككى بالا تەڭلا ۋارقىراپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئۇلار شۇنچىلىك ئوخشىشىپ كېتىدۇكەنكى، ئۇلارنى پەرق قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەسكەن. ئۇلارنىڭ بوي - تۇرقى، رەڭگى - رويىلا ئەمەس، ھەتتا بىر چېچىمۇ پەرقلەنمەيدىكەن.
نۇسرەت بۇ مەسىلىنى شەھەر پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە شەھەر مۆتىۋەرلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ھەل قىلىشقا كېرىشىپتۇ.
_ بۇ مەسىلىگە ھەر بىرلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى قانداقكىن؟ - دەپ سوراپتۇ يىغىلغانلاردىن. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ھېچكىم ئېغىز ئاچالماپتۇ. يەنە نۇسرەتنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قاپتۇ.
_ سەن سىركىنى قايسى دوكاندىن ئالدىڭ ؟ - دەپ سوراپتۇ نۇسرەت مەسىلىنى ھەل قىلىشقا كىرىشىپ.
تۆت كوچىدىكى سىركىچى ئايالدىن ، - دەپتۇ بالىلارنىڭ بىرى.
_ سەن قايسى دوكانغا بارغان ئىدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ نۇسرەت قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەن بالىدىن.
_ تۆت كوچىغا بارسام سىركە يوق ئىكەن، قايتىپ كەلدىم، - دەپتۇ سىركە ئېلىپ كېلەلمىگەن بالا.
نۇسرەت بىر نەرسىنى سەل پەملەپ قاپتۇ - دە، سىركە بار بوتۇلكا بىلەن قۇرۇق بوتۇلكىنى يەرگە قويۇپ تۇرۇپ:
_ قېنى قايسىڭلار بۇ ئادەمنىڭ بالىسى بولساڭلار، مۇشۇ قۇرۇق بوتۇلكىنىڭ ئىچىگە كىرىڭلار! - دەپ بۇيرۇق قىپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان بالىلارنىڭ بىرى ھودۇقۇپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قاپتۇ. يەنە بىرى ئالمان - تالمان يەڭلىرىنى شىمايلاپ، بىرلا شۇڭغۇپ بوتولكىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ.
بوتولكىغا ھېلىقى بالا كىرىپ بولغاندىن كېيىن:
بوتولكىنىڭ ئاغزىنى ئېتىڭلار، - دەپتۇ ياساۋۇللارغا نۇسرەت، - مانا بۇ سىركە ئېلىپ كەلگەن بالا ئۆزىڭىزنىڭ بالىسى، بۇ بوتولكىنىڭ ئىچىگە كىرگەن مەخلۇق بولسا، جىن - شەيتان! ئەمدى بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىنى ئاچماي، دەرياغا تاشلىۋېتىپ، ئۆز بالىڭىز بىلەن تۇرمۇشىڭىزنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈڭ! - دەپتۇ. بۇ مەيدانغا يىغىلغان كۆپچىلىك : «بارىكاللا! نۇسرەت شاھنىڭ ئەقىللىكلىكىگە ئاپىرىن! نېمە دېگەن دانالىق بۇ!؟» دېيىشىپ، نۇسرەتنىڭ تەدبىرىگە ھەيران قېلىشىپتۇ.
مانا شۇنىڭدىن بۇيان نۇسرەتنىڭ داڭقى پۈتۈن شەھەرگە تارقاپتۇ. نۇسرەتمۇ ھەرقانداق ئادەمنىڭ دەردى ھالىغا يېتىپتۇ.
شەھەر پادىشاھى نۇسرەتنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنى بىر سىناپ كۆرمەكچى بولۇپ:
_ نۇسرەت دېگەن بىر يالاڭتۆش ، شاھلىق سەلتەنىتىمىزگە نۇقسان يەتكۈزۈپ، ئۆز ئالدىغا قانۇن تۈزۈپ چىقىرىپ، ئوردا تەشكىل قىلىپ، خەلىقنىڭ ئەرز - شىكايەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ يۈرۈپتۇ. . . بۇ ئەبلەخ دەرھال مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كەلتۈرۈلسۇن! ئىشكىتىن كىرسىمۇ، كىرمىسىمۇ كاللىسىنى ئالىمەن، بىر سۇئالىمىغا ئىككى ئېغىز جاۋاب بەرسىمۇ، بەرمىسىمۇ كاللىسىنى ئالىمەن، - دەپ جار سېلىپ، نۇسرەتكە ئادەم ئەۋەتىپتۇ.
نۇسرەت شاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ دوست - ئاغىنىلىرىنى باشلاپ، شاھنىڭ ئالدىغا كەپتۇ - دە، ئوردا ئىشكىنىڭ بوسۇغىسىدىن بىر پۇتىنى كىرگۈزۈپ، بىر پۇتىنى كىرگۈزمەي، پادىشاھقا ئالىدىنىمۇ ئالدىنىمۇ قىلماي، كەينىنىمۇ قىلماي، يانتۇ ھالەتتە تۇرۇپ سالام بېرىپتۇ.
_ ھەي بى ھۈرمەت، شاھ ھۇزۇرىغا بۇنداق ئەدەبسىزلىك بىلەن كىرىشنى ساڭا كىم ئۆگەتتى!؟ - ۋارقىراپتۇ شەھەر پادىشاھسى.
_ ھۆكۈملىرى . . . ، - بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا جاۋاپ بېرىپتۇ نۇسرەت دادىللىق بىلەن.
شاھ ئۆز ھۆكۈمىنىڭ خاتالىقىنى سېزىۋاپتۇ ۋە:
_ مەن سەندىن سوئال سوراپ كۆرەي، شاھ تاجۇ - تەختىنىڭ راۋاجلىنىشى نېمىدى؟ - دەپ سوراپتۇ شاھ.
_ ئادالەتتىن . . . ، - بىر سۆز بىلەنلا جاۋاپ بېرىپتۇ نۇسرەت.
شەھەر شاھى ئىچىدە «بارىكاللا!» دەپ قويۇپتۇ.
_ يەنە بىر سوئال، زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشنىڭ مەنبەئى نېمە؟
_ زۇلۇم ۋە جاھالەت.
_ بايان قىل! يەنە تەلەپ قىپتۇشاھ نۇسرەتنىڭ جاۋابىدىن تېخىمۇ قانائەتلىنىپ.
_ ھۆكۈم بار، - دەپتۇنۇسرەت شاھنىڭ ھۆكۈمىنى يادىغا سېلىپ.
شاھ ھۆكۈمىنى بىكار قىلىشا مەجبۇر بوپتۇ.
_ شاھلىق سەلتەنەتنىڭ راۋاج تېپىشى، گۈللەپ - ياشنىشى - خەلىققە بەخت - سائادەت كەلتۈرۈپ، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم بىجىرىشتە، ھەرقانداق بىر شاھ قانچىلىك سەلتەنەتلىك ۋە قۇدرەتلىك بولمىسۇن، ئۆز ھۆكمىنى خەلىققە زۇلۇم قىلىش بىلەن باشلاپ، جاھالەت پاتقىقىغا پاتسا، شۇ شاھنىڭ زاۋال تېپىش ۋاقتى تىز بولىدۇ، - دەپ بايان قىلىپتۇ نۇسرەت.
شەھەر شاھى شاھلىق تەختىدىن چۈشۈپ، نۇسرەتنىڭ ئالدىغا كەپتۇ - دە، ئۇنىڭ پىشانىسىدىن سۆيۈپ:
_ بارىكاللا ئوغلۇم، ئەقىل - پاراستتە كامالەتكە يېتىپسەن. سەن ياش بولساڭمۇ ئەل - يۇرتنىڭ بەخىت سائادىتىگە ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىشقا كۆزۈم يەتتى. سەن مېنىڭ ئورنۇمدا ئەلگە ئادالەت ۋە سائادەت يولىنى ئاچقىن، - دەپتۇ - دە، نۇسرەتنى ئۆز قولى بىلەن شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭغا تاج كىيدۈرۈپ قويۇپتۇ.
ئەتراپتىكى ھەممەيلەن نۇسرەتنىڭ تەختكە چىقىشىنى تەلەپ قىلىۋالغانلىقتىن، نۇسرەت شاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇشقا ماقۇل بوپتۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، نۇسرەت شاھ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە خەلققە بەخت - سائادەت يەتكۈزۈش يولىدا ئادىللىق بىلەن يۇرت سورىغانىكەن . . .