UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقنۇرلۇق مەرمەر

نۇرلۇق مەرمەر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قەدىمكى زاماندا بىر ئوۋچى بوۋاي ئۆتكەنىكەن. ئۇلار ئەر - خوتۇن ئىككىلا جان ئىكەن. ئوۋچى ئاتمىش ياشقا كىرگىچە پەرزەنت يۈزى كۆرمەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئايال ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ. بەختكە قارشى بالا تېخى دۇنياغا كەلمەستىن بۇرۇن بوۋاي قازا تېپىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ، ئايالىنىڭ كۆزى يورۇپتۇ. بالا چوڭىيىپ يىگىتلىك يېشىغا يېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ كۈنى ناھايىتى ئېغىر ئىكەن. بىر كۈنى بالا ئانىسىغا: - دادامدىن قالغان مىراسنى ماڭا تېپىپ بېرىڭ، - دەپتۇ. بۇ تاسادىبىي ئىشتىن ئانا ھاڭۋېقىپ قاپتۇ - دە، بالىسىغا: - مەن ئۆيدىكى بار ۋەجنى سېتىپ پۇل قىلىپ سېنى بېقىپ چوڭ قىلدىم. ئۆيدە ھېچقانداق نەرسىمىز قالمىدى، - دەپتۇ. بالا ئانىسىغا: - چوقۇم دادامدىن قالغان بىرەر نەرسە بولۇشى مۇمكىن، ئىككىمىز بىرلىكتە ئىزدەيلى، - دەپتۇ. ئۇلار ھەممە يەرنى ئىزدەپ، ئۆينىڭ تۆردىن كۆمۈپ قويۇلغان ئوۋ مىلتىقىنى قېزىپ چىقىرىپتۇ. بالا مىلتىقنى قولىغا ئېلىپ خۇشال بولۇپ، ئانىسىدىن ئوۋغا چىقىشقا رۇخسەت بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. ئانا ئاۋۋال «سەن تېخى كىچىك، تاغ يوللىرى قىيىن» دەپ ئۇنىماپتۇ. بالا چىڭ تۇرۇۋالغانلىقتىن نائىلاج ماقۇل بوپتۇ. بالا بارلىق تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ، ئوۋچى كەمەرنى باغلاپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇ خېلى كۈنلەر تاغلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ ھېچ نەرسە ئۇچراتماپتۇ. بىر كۈنى بىر تاغ مۈشۈكىگە ئۇچراپ قاپتۇ. تاغ مۈشۈكى ناھايىتى چىرايلىق، گۈلدار ئىكەن. بالا ئۇنى كۆرۈپ بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن، تاغ مۈشۈكىنى ئېتىپ، پادىشاھقا ئاپىرىپ سوۋغا قىلىپ، ئىنئام ئېلىشنى ئويلاپتۇ. ئۇ ياۋا مۈشۈكنى ئېتىپ تېرىسىنى تولۇمچە سويۇپ، ئۆيگىمۇ كەلمەي، ئۇدۇل پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا بېرىپ، ئۇنى پادىشاھقا سوۋغا قىپتۇ. پادىشاھ بۇ گۈلدار، چىرايلىق مۈشۈك تېرىسىنى ئالغاندىن كېيىن، بالىغا ناھايىتى كۆپ ئالتۇن - كۈمۈش ھەدىيە قىپتۇ. پادىشاھنىڭ بۇنى كۆرگەن ئوڭ قول ۋەزىرى ناھايىتى نارازى بولۇپتۇ. ئۇ: «مەن پادىشاھنىڭ دادىسىدىن تارتىپ بۈگۈنگە كەلگىچە ۋەزىر بولۇپ كەلدىم. ماڭا ھېچقانداق ئىنئام بەرمەي، بۇ نەرسىگە شۇنچە كۆپ ئالتۇن - كۈمۈشنى ئىنئام قىلىپ بەردى. مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ماڭا نەپ تەگمەيدىغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپتۇ - دە، ئوۋچى بالىنى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇپتۇ. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپتۇ. ياش بالا بىر كۈنى يەنە ئوۋغا ئاتلىنىپتۇ. لېكىن تاغنى ئىس - تۈتەك قاپلاپ، يولنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىكەن. ئۇ تەۋەككۈلىسىگە مېڭىپ ئاخشىمى بىر جاڭگالغا كېلىپ قاپتۇ. تاڭ ئاتقاندا ئۇ بۇ جاڭگالغا كۆز يۈگۈرتكۈدەك بولسا، بىر تاشنىڭ ئۈستىدە چىرايلىق بىر گۈل كۆرۈنۈپتۇ. ياش يىگىت بۇ گۈلنىڭ چىرايلىقلىقىغا ھەيران بولۇپ قېتىپلا قاپتۇ. بىر دەم ئۆتكەندە قارىسا گۈل يوقىلىپ، ئۇ يەردىن ئىس چىقىپتۇ. يىگىت بىر دەسسەپ، ئىككى دەسسەپ تاشنىڭ يېنىغا كەپتۇ. قارىسا تاشنىڭ يېنىدا بىر بۇلاق تۇرغۇدەك، يىگىت بۇلاق سۈيىدىن ئىچىۋېتىپ، تاشقا قاراپ سۇ پۈركىگەنىكەن، ئىس چىققان يەردىن بىر مەلىكە پەيدا بوپتۇ. يىگىت بۇ ساھىبجامال قىزنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن بۇ يەرگە قانداق كەلگەنلىكىنى ۋە قانداق قىلىپ گۈلگە ئايلانغانلىقىنى سو راپتۇ. قىز يىگىتكە: - مەن بۇ يۇرتتا ئەڭ چىرايلىق قىز ئىدىم، مېنى دىۋە ئېلىپ قېچىپ مۇشۇ يەرگە تاشلىدى. مەن يىغلاپ كۆز يېشى قىلدىم. يېشىمدىن مۇشۇ تاش ھاسىل بولدى. مەن كېچىسى گۈلگە ئايلىنىمەن. تاڭ يورىغاندا ئادەم قىياپىتىگە كىرىمەن، - دەپتۇ ھەمدە يىگىتكە ھازىر دىۋىنىڭ قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇ يەردىن تېزراق كېتىش لازىملىقىنى، ئەگەر دىۋە كېلىپ قالسا، ھەر ئىككىسىنى ھايات قويمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. قىز بىلەن يىگىت يولغا راۋان بوپتۇ. ئۇلار خېلى ماڭغاندىن كېيىن، ئوتقاشتەك يېنىپ تۇرغان بىر تاش ئۇچراپتۇ. يىگىت تاشنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتمەكچى بولغاندا، قىز ئۇنىڭغا: - بۇ تاشنى ئېلىپ كەتمەڭ، بۇ سىزگە ئىش تېپىپ بېرىپ قالمىسۇن، - دەپتۇ. لېكىن يىگىت قىزنىڭ گېپىگە كىرمەي، تاشنى ئېلىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپتىكەن، ئۇ تاش ئۆينى كۈندەك يورۇتۇۋېتىپتۇ. بۇ ئەسلى نۇرلۇق مەرمەر ئىكەن. شۇ كۈنى پادىشاھ دادىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن شەھەر بويىچە چىراغ ياندۇرماسلىق ھەققىدە پەرمان چۈشۈرگەنىكەن. پادىشاھنىڭ لاۋى - لەشكەرلىرى يۇرتلارنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ يۈرۈپ، ئوۋچى يىگىتنىڭ ئۆيىدىكى نۇرلۇق مەرمەرنىڭ سىرتقا نۇر بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، پادىشاھقا مەلۇم قىپتۇ. پادىشاھ يىگىتنىڭ پۇت - قولىنى يەرگە تەگكۈزمەي دەرھال تۇتۇپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ. ۋەزىر بىر قانچە ئون لەشكەرنى باشلاپ يىگىتنى تۇتۇپ پادىشاھ ئوردىسىغا ئەپكەپتۇ. پادىشاھ يىگىتتىن نېمە ئۈچۈن چىراقنى ئۆچۈرمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، يىگىت سۆزىنىڭ بېشىدىلا: ئى پادىشاھى ئالەم، مېنىڭ بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچسىڭىز، ھەممىنى دەپ بېرىمەن، - دەپ تىلەپتۇ. پادىشاھ ماقۇل بوپتۇ. يىگىت سۆزنى باشلاپ: - سىز پەرمان چۈشۈرگەن بۇ كېچىدە مەن چىراغ ياندۇرغان ئەمەس، لېكىن، ئۆتكەندە ئوۋغا بارغىنىمدا بىر تاش تېپىۋالغانىدىم، شۇ تاش كېچە - كۈندۈز يېنىپ تۇرىدىغان خىسلەتكە ئىگە ئىكەن. كېچىدە چىراغ نۇرىدەك پارقىراپ تۇرغان نەرسە ئەنە شۇ، - دەپتۇ. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ، ئادەم بۇيرۇپ تاشنى ئەكەلدۈرۈپتۇ. قارىسا ھەقىقەتەن شۇنداق خىسلەتكە ئىگە تاش ئىكەن. پادىشاھ تاشنى ئۆزىگە ئېلىپ قېلىپ، يىگىتكە يەنە نۇرغۇن ئالتۇن - كۈمۈش ئىنئام قىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ۋەزىرنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كەپتۇ - دە، پادىشاھقا: - نۇرلۇق مەرمەر بىرلا بولماسلىقى ئېھتىمال، شۇڭا بىز ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئەكەلدۈرۈپ، ئوردىنى مەرمەردىن ياساتساق تېخىمۇ سەلتەنەتلىك بولىدۇ. بۇنىڭغا يەتكۈدەك مەرمەر ئەكىلەلمىسە، يىگىتنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلايلى، - دەپتۇ. پادىشاھ ئوردىنى مەرمەردىن ياساشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خۇشال بولۇپ، شۇنداق قىلىشقا رازى بوپتۇ - دە، يىگىتنى ئوردىغا چاقىرتىپ: - سەن ئورۇندايدىغان يەنە بىر ئىش بار. سەن ئەكەلگەن مەرمەر بىرلا بولماي كۆپ بولۇشى مۇمكىن. سەن ھازىر ئوردىنى ياساشقا يەتكۈدەك مەرمەر تاپىسەن. ئېلىپ كەلسەڭ ساڭا ئىنئام ئاتا قىلىمەن. ئەگەر ئېلىپ كېلەلمىسەڭ بېشىڭنى تېنىڭدىن جۇدا قىلىمەن، - دەپتۇ. يىگىت بېشىغا چۈشكەن بۇ مۈشكۈلاتتىن چوڭقۇر غەمگە چۆكۈپ، نامازشام دېگەندە ئۆيگە كەپتۇ - دە، ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇرۇپ قاپتۇ. مەلىكە ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ، تالاغا چىقىپ قارىسا، يىگىت بىر تاشنىڭ ئۈستىدە بېشىنى تۇتۇپ ئولتۇرغۇدەك، مەلىكە: - سىزگە نېمە بولدى؟ - دەپ سوراپتۇ. يىگىت ئوردىدا بولغان گەپ - سۆزلەرنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ، مەلىكە ئىشنىڭ جەريانىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن: - سىزگە تاشنى ئالماڭ، ئۇ سىزگە ئاۋارىگەرچىلىك كەلتۈرۈپ بېرىدۇ، دېسەم، سىز گېپىمگە كىرمىدىڭىز، ئەمدى ئۆزىڭىزگىمۇ، ماڭىمۇ قىلدىڭىز. ئۇ تاش - تېپىلمايدىغان تاش، ئۇ مېنىڭ كۆز يېشىمدىن بىنا بولغان. ئەمدى بېشىڭىزغا مۇشۇ كۈن كەپتۇ. مېنى قىرىق قامچا ئۇرۇڭ، قاتتىق ئۇرۇڭ! مېنىڭ كۆزۈمدىن جەزمەن ياش ئاقماپتۇ. مەلىكە ئۆزىنى قاتتىق - قاتتىق ئۇرۇشنى قايتا - قايتا دەپتۇ. يىگىتنىڭ مەلىكىنى قاتتىق ئۇرۇشقا كۆڭلى ئۇنىمىسىمۇ، جېنىدىن جۇدا بولۇشتىن قورقۇپ، ئاخىرى كۆزىنى يۇمۇپ قاتتىق ئۇرۇۋېرىپتۇ. ئاخىرى مەلىكىنىڭ كۆزدىن تارام - تارام ياش ئېقىپتۇ. كۆزىدىن ئاققان ياش يىگىتنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق چىنە - قاچىلارنى توشقۇزۇپتۇ. مەلىكە چىنە قاچىلاردىكى ياشنى ئېلىپ تولۇملارغا قاچىلاپ، يىگىتكە: - ئەمدى سىز تۇلۇمدىكى ياشنى ئېلىپ ئىشىك ئالدىن ئۆتىدىغان ئۆستەڭنى بويلاپ توققۇز كۈن يول يۈرۈڭ، بىر كەڭرى ساي ئۇچرايدۇ. ئۇ يەردىن ئۆتكەندە بىر تاش ئۆستەڭ بار. تولۇمدىكى ياشنى شۇ ئۆستەڭنىڭ يەتكەن يېرىگىچە سېپىپ بولۇپ قايتىپ كېلىڭ، - دەپ تاپىلاپتۇ. يىگىت مەلىكىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىشنى بەجا كەلتۈرۈپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. ھەقىقەتەن ئۆستەڭنىڭ ئىچى مەرمەر تاش بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. مەلىكە يىگىتكە: - ئىش ئورۇنلاندى، ئۇنى توشۇش مۇمكىن ئەمەس. سىز پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا بېرىپ، مەرمەرنى مەن تېپىپ بېرەي، لېكىن، توشۇپ ئەكىلىشنى ئۈزۈڭلار ئۈستۈڭلەرگە ئېلىڭلار دەڭ. بۇنىڭغا پادىشاھ ماقۇل بولمىسا، ئىلاج يوق، - دەپتۇ. يىگىت مەلىكىنىڭ دېگىنى بويىچە پادىشاھنىڭ دەرگاھىغا بېرىپ: - مەرمەرنى تاپتىم، لېكىن، توشۇپ ئەكىلىشنى ئۆزۈڭلار ئۈستۈڭلارغا ئېلىڭلار. ئەگەر مەن ئۇنى بىر - بىرلەپ توشۇسام، سىز ئالەمدىن ئۆتۈپ كەتكىچىمۇ توشۇپ بولالمايمەن، - دەپتۇ. پادىشاھ لاۋى - لەشكەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، مەرمەرنى توشۇشقا ماقۇل بوپتۇ. شاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى ئوردىدىكى بارلىق لەشكەرلەرنى باشلاپ مەرمەر بار ئورۇنغا يېتىپ بېرىپتۇ. ھەمدە ئۆستەڭدىكى ھەددى - ھېسابى يوق، كۆزنى چاقنىتىدىغان مەرمەرنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران بولۇپ، بىرىنى قويماي ئۆستەڭدىن تېپىپ ئېلىپ كېلىپ پادىشاھ ئوردىسى ۋە راۋاقلارنى مەرمەر بىلەن چاقنىتىۋېتىپتۇ. پادىشاھ خۇشال بولۇپ ۋەزىرگە قاراپ: - يىگىتكە خەزىنىنى ئېچىپ بەر كۈچى يەتكۈدەك ئالتۇن - كۈمۈش ئېلىۋالسۇن، - دەپتۇ. يىگىتمۇ كۈچى يەتكۈچە ئاپتۇ. بۇنىڭدىن ۋەزىر تېخىمۇ نارازى بولۇپ ئىچىدە غۇم ساقلاپ تېخىمۇ غەزەپلىنىپ، يىگىتكە يەنە قەست قىلماقچى بولۇپ، بىر ھىيلە - مىكىر ئويلاپ چىقىرىپتۇ - دە، پادىشاھنىڭ يېنىغا كىرىپ: - ئى پادىشاھى ئالەم، دادىڭىز رەھمىتى ناھايىتى ئابرۇيلۇق پادىشاھ ئىدى. ئۇ ۋاقىتسىز دۇنيادىن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن سىز ئوردا بىلەن راۋاقلارنى مەرمەردىن ياساپ چىقتىڭىز، بۇنىڭدىن ئۇ رەھمىتى پادىشاھىمىز رازىمىدۇ - قانداق، مەسلىھەتىنى ئېلىش لازىم ئىدى، - دەپتۇ. پادىشاھ: - ئۆلگەن ئادەمدىن قانداق رازىلىق ئالغىلى بولىدۇ؟ - دەپ سو راپتۇ. ۋەزىر: - جاھاندا تېپىلمايدىغان مەرمەرنى ئېلىپ كېلەلىگەن ئادەم، ئۇ دۇنياغا بېرىپ رەھمىتى پادىشاھىمىز بىلەن كۆرۈشەلمەسمۇ؟ مېنىڭچە، شۇ يىگىتنى قىيامەتكە ئەۋەتسەك، پادىشاھىمىزدىن بىر نامە ئېلىپ كەلسە دەيمەن، - دەپتۇ. شاھ ۋەزىرنىڭ گېپىگە ماقۇل بوپتۇ. يىگىتنى ئوردىغا چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىپتۇ ۋە بۇ ئىشنى ئورۇندىيالمىسا جېنىنى تېنىدىن جۇدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. يىگىت يەنە غەم بىلەن ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ ھەم بولغان ئەھۋالنى مەلىكىگە تەپسىلىي بايان قىپتۇ. مەلىكە: - ئۇنداق بولسا سىز پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ «ئۇ يەرگە پىيادە بېرىشقا بولمايدۇ. پەقەت سىزنىڭ قاناتلىق ئېتىڭىز بىلەنلا بارغىلى بولىدۇ» دەپ ئېيتىڭ، - دەپتۇ. يىگىت شاھنىڭ يېنىغا بېرىپ بۇ گەپنى ئېيتىپ قاناتلىق ئېتىنى ئېلىپ، مەلىكىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەپتۇ. مەلىكە يىگىتكە ئۈچ نان، ئاتقا ئۈچ باغ بېدە بېرىپتۇ - دە، يىگىتنى توققۇز كۈنلۈك يىراقلىقتىكى چىغلىققا باشلاپ بېرىپتۇ. ئۇ يەردە بىر ئېغىز ئۆينىڭ ئورنىدەك يەرنىڭ چىغىنى كولاپ، يىگىت بىلەن ئاتنى شۇ ئورۇنغا كۆمۈپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىغ يېپىپتۇ ۋە: - سىز مۇشۇ يەردە قىرىق كۈن تۇرىسىز، ئۆلۈپ كەتسىڭىز ئىلاج يوق. ئەگەر ھايات قالسىڭىز ئىشنى جەزمەن ئورۇندىغىلى بولىدۇ - دەپتۇ. ئارىدىن قىرىق كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، مەلىكە كېلىپ يىگىتنى ۋە ئاتنى كۆمگەن يەرنى ئېچىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا ئۇلار بىر تېرە، بىر سۆڭەكلا بولۇپ قالغان. مەلىكە ئۇلارنى چىقىرىپ يىگىتكە بىر يۇتۇم سۇ ئىچكۈزۈپ ئاتقا مىندۈرۈپ ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ ۋە پادىشاھقا مۇنداق بىر نامە يېزىپتۇ: «قەدىرلىك ئوغلۇم، سىز ئەۋەتكەن يىگىت ئارقىلىق مەن سىزنىڭ ئىشىڭىزدىن خەۋەر تاپتىم. قەسىرنى مەرمەر تاش بىلەن ياساپ زىننەتلىگەنلىكىڭىزنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. سىزنىڭ تاجۇ - تەختىڭىز زەردىن بولسۇن. مەن ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئوڭ قول ۋەزىرىم قالغانىدى. ئاڭلىسام يەنىلا ھازىر سىزگە ئوڭ قول ۋەزىر ئىكەن. مەن ئۇنى ناھايىتى سېغىندىم. سىز پەرزەنتلىك بۇرچىڭىزنى ئادا قىلىپ، ئۇنى مېنىڭغا يېنىمغا ئەۋەتىڭ. ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشسۇن. ئەگەر ئۇنى ئەۋەتىپ بەرمىسىڭىز، مەن سىزدىن ئۇ دۇنيا - بۇ دۇنيا رازى بولمايمەن. ئەگەر ۋەزىر ھەرخىل باھانە - سەۋەبلەر بىلەن كېلىشكە ئۇنىمىسا، ۋاپاغا جاپا قىلسا ئەزرائىل يېنىدا بولسۇن.» مەلىكە بۇ نامىنى يىگىتكە بېرىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپتۇ. ئوردىغا كېلىۋاتقان يىگىت بىلەن ئاتنى كۆرگەن پۈتكۈل ئەل - جامائەت ئۇنىڭ ئۇزۇن مەنزىللەرنى بېسىپ جۈدەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران بوپتۇ. يىگىت ئەل - جامائەت بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوردىغا كىرىپتۇ - دە، خەتنى پادىشاھقا سۇنۇپتۇ. پادىشاھ خەتكە قارىسا، خەتنىڭ ئىملاسى بەئەينى دادىسىنىڭ ئىملاسىغا ئوخشاپتۇ. پادىشاھ دادىسىدىن كەلگەن بۇ خەتنى كۆرۈپ، ئۇنى دەممۇ - دەم يۈز - كۆزىگە سۈرتۈپ، سۆيۈپ، ئوڭ قول ۋەزىرگە ئوقۇتۇپتۇ..... ئوڭ قول ۋەزىر پۈتكۈل سۈيقەست، ھېيلە - مىكىرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى سېزىپ، ھەرتەرەپتىن باھانە قىلىپ قىيامەتكە بېرىشقا ئۇنىماپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرنى تېزراق يولغا چىقىپ، دادىسى بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىشكە ئالدىرىتىپتۇ. ئەمما، ۋەزىر ئۇنىماي پادىشاھ بىلەن رىقابەتلىشىپ قاپتۇ. شۇ چاغدا دەرغەزەپكە كەلگەن پادىشاھ ۋەزىرنىڭ بېشىغا شۇنداق بىر قىلىچ ئۇرغانىكەن، ئۇنىڭ بېشى تېنىدىن جۇدا بوپتۇ. پادىشاھ يىگىتكە: «سىزنىڭ قولىڭىزدىن ئىش كېلىدىكەن، سىز ئورنۇمغا پادىشاھ بولۇڭ» دېگەن بولسىمۇ، يىگىت ئۇنى قوبۇل قىلماپتۇ. پادىشاھ ئاخىرى يىگىتنى ئۆزىنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەپتۇ. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ يىگىت بىلەن ساھىبجامال مەلىكە بارلىق غەم - قايغۇدىن خالاس بولۇپ، ئوردا ئىچىگە كۆچۈپ كېلىپ، توي قىلىپ، مۇراد - مەقسەتلىرىگە يېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق