قۇتلۇق بىلەن قارلىغاچ
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بار ئىكەنۇ، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەنۇ، توق ئىكەن، ئاچنىڭ ېغمى ئاچلىقتا، توقنىڭ غېمى يوق ئىكەن.
شۇ زامانلاردا بىر يەردە بىر بالا بولۇپتىكەن، ئۇنىڭ ئېتى قۇتلۇق ئىكەن، يۈرىكى ئوتلۇق ئىكەن.
كۈنلەردىن بىر كۈنى قۇتلۇقجان چۈش مەزگىلى ئېتىزدىن قايتىپ، يۈگۈرۈپ ئۆيگە كەلسە، دالان ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قارلىغاچنىڭ بالىسى پالاقلاپ ياتقۇدەك. ئاستا قولىغا ئېلىپ قارىسا، بىچارىنىڭ بىر پۇتى سۇنغان، ھالى بەك خاراب، زار - زار يىغلاپ تۇرغان...
قۇتلۇق بۇ قارلىغاچ بالىسىغا ئىچ ئاغرىتىپ، قاناتلىرىنى سىلاپتۇ، باشلىرىغا سۆيۈپ، كۆزلىرىگە سۇراپتۇ. >نېمە بولدى پۇتۇڭ...< دەپ ھالىنى سوراپتۇ. ئاڭغىچە تام - تورۇسلاردا ئۇچۇپ يۈرگەن ئانا قارلىغاچلار قۇتلۇققا قاراپ:
- ۋاي - ۋاي ئىسىت، ۋىچىر - ۋىچ،
بىلەلمىدۇق سىرنى ھېچ.
ئېيتىڭ بىزگە قۇتلۇقجان،
نېمە بوپتۇ، نېمە ئىش؟ - دەپ سايراپتۇ.
قۇتلۇق:
- ۋىچىر - ۋىچىر قارلىغاچ،
سىلەر يوقتا بۇ بەڭباش،
پېتىشماستىن ئۇۋىدا،
مېيىپ بوپتۇ يىقىلغاچ... - دەپ بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئانا قارلىغاچلار بۇنى ئاڭلاپ، بالىسىغا قاراپ:
- دېمىدۇقمۇ بىز ساڭا،
ئىناق بولۇپ تۇرغىن تىنچ.
ئەمدى قانداق قىلىمىز،
ئاڭلىمىساڭ گەپنى ھېچ، - دەپ چېچىلىپتۇ، ئېچىنىپتۇ ئاخىر قۇتلۇققا قاراپ:
- ئەمدى قانداق قىلىمىز،
ئۆلۈپ قالسا بالىمىز.
بۇنىڭ ئۈچۈن چارىنى،
ئىزلەپ نەگە بارىمىز! - دەپ مەسلىھەت سوراپتۇ.
قۇتۇق بىر ئاز ئايلىنىپ:
- ۋىچىر - ۋىچىر قارلىغاچ،
تاپتىم چارە ئويىغاچ.
بۇنىڭ ئىشى: بىر تال يىپ،
كىچىككىنە جۈپ ياغاچ... - دەپ ئانىسىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپتۇ. ئانىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ، بىر قېتىم يىپ، بىر چىمدىم پاختا سورىۋېلىپ، ئوتۇندىن ئىككى تال كىچىككىنە شىشىق چىقىرىپ، بۇلار بىلەن تېڭىقچىلىق قىلىپتۇ، بىردەمدىلا قارلىغاچنىڭ پۇتىنى ئوبدان تېڭىپ، ئاستا ئۆز ئۇۋىسىغا سېلىپ قويۇپتۇ.
ئانا قارلىغاچلار:
- ۋىچىر- ۋىچىر، ۋىچىر - ۋىچ،
ئەمدى بولدى كۆڭۈل تىنچ.
ياخشىلىققا - ياخشىلىق،
ئۇنۇتمايمىز بۇنى ھېچ - دەپ ناھايىتى خۇش بولۇپ، قۇتلۇققا رەھمەت ئېيتىپتۇ. ئاندىن كۆڭلى تىنىپ، بالىلىرىغا دان توشۇشقا يەنە ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپ كۈن كەپتۇ، قىلغان چارە ئوڭ كەپتۇ. ھېلىقى بالا قارلىغاچنىڭ سۇنغان پۇتى ئوڭشىلىپ، ئاتا - ئانىسىغا قوشۇلۇپ، كەچ كۈزگىچە تۈلەپتۇ. قىشقا قالماي قارلىغاچلار ئىسسىق جايغا جۆنەپتۇ.
كېلەر يىلى كۆكلەمدە، قۇتلۇق ئولتۇرسا بىر كەمدە قارلىغاچ كەپتۇ ھويلىسىغا، قاراپ تۇرسا ئاغزىدا دان، قونۇپتۇ ئۆينىڭ تورۇسىغا - بۇلتۇرقى كونا ئۇۋىسىغا.
قۇتلۇق تونۇغاندەك قىلىپ، قارلىغاچقا قاراپ كۈلۈپتۇ. قارلىغاچنىڭ ئاغزىدىكى >دان< ئاڭغىچە ئالدىغا >تۈك!< قىلىپ چۈشۈپتۇ. قۇتلۇق دەررۇ داننى قولىغا ئېلىپ قارىسا، تاۋۇزنىڭ بىر تال ئۇرۇقى. قۇتلۇق خۇش بولۇپ، كۆڭلىگە قانداقتۇر ئۈمىد تولۇپ، ئېتىزغا قاراپ يۈگۈرەپتۇ. ئېتىزغا بېرىپ يەر تاللاپ، ئۇرۇقنى ئوبدان تېرىپتۇ، ئۇرۇق پاتلا ئۈنۈپتۇ، قۇتلۇق يەنە توختىماي پەرۋىش قىلىپ بېرىپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپ، كۈن كەپتۇ، پېلەك يېيىلىپ ھەريانغا، چوڭ ئېتىزغا بىر كەپتۇ. قارىسا، ھەر تاۋۇز، ھەر تاۋۇز! ھەر بېغىشتا بىر تاۋۇز. قۇتلۇق يەنە قارىسا، تاۋۇزلارنىڭ ئارىسىدا كۆزنىڭ يېغىنى يېگۈدەك، يوغان بىر تاۋۇز تۇرغۇدەك! قۇتلۇق ئۇنى سىناپ، تاك - تاك قىلىپ چېكىپتۇ، پىشقانلىقىنى بىلىپتۇ، كۆتۈرەلمەسلىكىنى ئويلاپ ئۆيىگە قاراپ چېپىپتۇ...
- ۋاي دادا، ۋاي ئاپا!...
تەرگەن تاۋۇز چۈشۈپتۇ.
ئارىدا بىرى ئاجايىپ...،
چېكىپ باقسام پىشىپتۇ.
زەمبىل بىلەن كۆتۈرەيلى،
ئۆيگە چاپسان ئەكىلەيلى... - دەپتۇ، دادىسىغا يېلىنىپتۇ.
ئاخىرى دادىسى بىلەن بېرىپ، ھېلىقى تاۋۇزنى زەمبىلگە سېلىپ، يولدا نەچچە كىشى ھەمدەملىشىپ، ئانىسىمۇ ياردەملىشىپ، ئۆيگە ئاران ئەكىلىپتۇ. ئەكىلىپ ئولاش - چولاش پىچىشسا، تاۋۇزنىڭ ئىچىدىن ئۇرۇقلار ئالتۇن - كۈمۈش بولۇپ يەرگە جىرىڭلاپ چېچىلىپتۇ...
تاۋۇزنى ھەممەيلەن، قوشنا - قولۇم جىمەيلەن بىللە تۇرۇپ يەپتۇ، يەپ بولۇپ جامائەت خۇشال، مۇنداق دەيدۇ:
- مانا بۇ ئىش ئەسلىدە،
ياخشىلىقتىن بولغان ئىش.
بارىكاللا، قۇتلۇقجان،
قۇتلۇق بولسۇن قۇتلۇق ئىش!
قۇتلۇقنىڭ خۇشلۇقىدىن، ئاغزىنىڭ بوشلۇقىدىن، بۇ ئىشنى ئەتىسى باينىڭ باقى دېگەن بالىسى بايقاپ بىلىۋاپتۇ. ئالتۇن - كۈمۈشنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، ئارقىسىغا كىرىۋاپتۇ. بىراق ھېچنېمە قىلالماپتۇ، شۇنداقتىمۇ ئاچكۆز باقى قۇتلۇقنى كۆرەلمەپتۇ، تىت - تىت بولۇپ دائىما خاتىرجەم يۈرەلمەپتۇ، كۆرگەن يەردە >ئەقىللىق دېگەن سەنمۇ؟ سەن قىلغان ئىشنى مەن قىلالمايمەنمۇ!< دەپ قۇتلۇقنى سۆكۈپتۇ، ئەڭ ئاخىر كۆڭلىگە بىر ئىشنى پۈكۈپتۇ.
ئەتىياز بولغاندا، قارلىغاچ بالىسى چىققاندا، باقى چىقىپ تۇرۇسقا بىرىنى ئۇغرىلاپتۇ. پۇتىنى قەستەن سۇندۇرۇپ ياغاچ بىلەن تېڭىپ قويۇپ، ئۇۋىسىغا سېلىپ قويۇپ، ئىشنى توغرىلاپتۇ.
بىر ئاز ئۆتمەي، ئۇۋىسىغا كېلىپلا بولغان ئىشنى تۇيۇپتۇ:
- ۋىچىر - ۋىچىر، ۋىچىر- ۋىچ،
بالىلىرىم نېمە ئىش؟
- باينىڭ ئوغلى سىلەرنى،
قويماپتۇ، دە، ئاخىر تىنچ! - دەپ سۇئال قويۇپتۇ. ئاڭغىچىلىك بالىلىرى دەرد تۆكۈپتۇ، بولغان ئىشنى دەپ بېرىپتۇ. ئاندىن كېيىن ئانا قارلىغاچ:
- ۋىچىر - ۋىچىر، ۋىچىر- ۋىچ،
سىلەردە يوق گۇناھ ھېچ.
يامانلىققا يامانلىق،
ئۇنتۇماڭلار بۇنى ھېچ، - دەپ بالىلىرىنى قوچۇپتۇ. پۇتى سۇنغان بالىسىنى بەزلەپ، دان ۈچۈن ئېتىزغا يەنە ئۇچۇپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپ كۈن كەپتۇ، ھەپتە ئۆتۈپ ئاي كەپتۇ. بالا قارلىغاچ ئوڭشىلىپ، قاتارغا ئاران قوشۇلۇپ، كۈز كەلگىچە تۈلەپتۇ، ئاقساپ يۈرۈپ كەچ كۈزدە ئىسسىق جايغا جۈنەپتۇ.
ئاڭغىچىلىك قىش كەپتۇ. باقى ئالتۇن كويىدا قىشنى ئاران چىقىرىپتۇ. ئەتىيازلىقى ھەر كۈنى قارلىغاچ ئۇۋىسىغا قاراپتۇ، ئوغرى مۈشۈكتەك ماراپتۇ. بىر چاغلاردا قارلىغاچلار كەلگىلى باشلاپتۇ، بىرى كېلىپ باقىغا بىر نېمە تاشلاپتۇ. باقى دەررۇ ئېلىپ قارىسا، كۆزىگە سۇۋاپ يالىسا، تاۋۇزنىڭ بىر تال ئۇرۇقى! باقى خۇشاللىقىدىن پىرقىراپ، ئېتىزلىققا بېرىپ، يەرنى بىر ئاز تاتلاپ، ئۇرۇقنى كۆمۈپ قويۇپتۇ. ئۇرۇق ئۈنۈپ چىققۇچە، تاۋۇز چۈشۈپ پىشقۇچە، جاندىن نەچچە تويۇپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، بىر كۈنى باقى قارىسا، پېلەككە يوغان بىر تاۋۇز چۈشۈپتۇ، ئۇزاق ئۆتمەي پىشىپتۇ. باقى تاۋۇزنى ئۈزۈپ، ئۆزى يالغۇز پىچىپتۇ، پىچىشىغىلا تاۋۇزنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇقلار ھەرە بولۇپ غۇژۇلداپ، راسا قوغلاپ چېقىپتۇ. باقى: >ئاللا، ۋاي جان!< دەپ ئوقرۇق تەككەن موزايدەك، مەلىگە قاراپ قېچىپتۇ. يىغلاپ - قاقشاپ ۋارقىراپ يۇرتنى بېشىغا كىيىپتۇ.
تەرەپ - تەرەپ، تۇشمۇ تۇشتىن خالايىقلار ئولىشىپ:
- نېمە سىر بۇ، توختاڭلار!...
ئاجراتماڭلار، تىنچ! - دەپتۇ.
ھەممە قاراپ باقىغا:
- ساڭا لايىق ئىش، - دەپتۇ.
قارلىغاچلارمۇ ئولىشىپ:
- ۋىچىر - ۋىچىر، ۋىچىر - ۋىچ،
ساڭا لايىق شۇنداق ئىش.
يامانلىققا - يامانلىق،
جايىدا كەلسە ئوبدان ئىش! - دەپ توۋلىشىپتۇ.
ئۇششاق بالىلارمۇ:
- نەپسى يامان باقى باي،
ئەمدى قالدىڭ چاتاققا.
ئەقلىڭ بولسا ۋارقىرىماي،
كىرىۋالغىن پاتقاققا!... دەپ زاڭلىق قىلىشقا باشلاپتۇ.
شۇ چاغدا باقىنىڭ >ھەرە چاققان يەرلەرگە لاي سۇۋۇسا ساقىيىمىش< دېگەن سۆزلەر ئېسىگە كېلىپ، پاتقاققا ئۆزىنى بېشىچىلا تاشلاپتۇ.