بېشىغا قۇش قونغان كالا
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن ناھايىتى باي بىر سودىگەر ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىر خوتۇنى، بىر ئوغلى بار ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرى سودىگەر ئالەمدىن ئۆتۈپ، ھەممە مال - دۇنياسى بالا - چاقىسىغا قاپتۇ. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مال - دۇنيانى دەپ ئايالغا ئەلچى كىرگۈزۈپتۇ. ئەمما ئايال ياتلىق بولۇشقا ئۇنىماپتۇ. بالىسىنى ياخشى تەربىيىلەپ، چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقاندىن كېيىن ئۆيلەپ قويۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بالىسىنىڭ ئايالى تۇغۇپ، پەرزەنت يۈزى كۆرۈپتۇ. ئانا بۇ چاغدا ئوغلىغا:
- ئوغلۇم، بىز ئەمدى تۆت جان بولۇپ قالدۇق، سەن تىجارەت قىلىشنىڭ كويىغا چۈشسەڭ، - دەپتۇ.
ئوغۇل بۇنىڭغا بىر نىمە دىمەستىن ئۇخلاپ قاپتۇ. ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا ئانا ئوغلىغا >تىجارەت قىل< دەپ مىڭ تىللا بېرىپتۇ. ئوغۇل ئانىسى بەرگەن مىڭ تىللانى ئېلىپ كوچىغا چىقىپتۇ. كوچىدا بىر مەدداھ >كىمكى مىڭ تىللا بەرسە ئىككى ئېغىز ياخشى گەپ قىلىپ بېرىمەن< دەپ توۋلاۋاتقۇدەك ئوغۇلنىڭ دەرھاللا مەدداھنىڭ ياخشى گېپىنى ئاڭلىغۇسى كەپتۇ. ئۇ مەدداھقا مىڭ تىللانى بېرىپتۇ. مەدداھ مىڭ تىللانى ئېلىپ >ئەجەل بىردۇر، ئىككى بولماس< دەپلا ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ. ئوغۇل ئۆيىگە قايتىپتۇ. ئوغلىنىڭ قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئانا دەرھال ئوغلىدىن:
- ئېلىپ كەلگەن نەرسە - كېرەكلىرىنىڭ قېنى؟ دەپ سوراپتۇ.
- مالنى ئالغانتىم، پۇلۇم يېتىشمەي يېنىپ كەلدىم، - دەپتۇ ئوغۇل.
ئەتىسى ئوغۇل يەنە مىڭ تىللا ئېلىپ كوچىغا چىقىپتۇ. ئۇ يەنە مەدداھنىڭ يېنىغا كەپتۇ. بۇ كۈنى مەدداھ >ھەر كىمنىڭ سۆيگىنى ئۆزىگە چىرايلىق< دەپتۇ. ئوغۇل ئۆگۈنى يەنە مىڭ تىللا ئېلىپ بارسا مەدداھ >ئاچچىققا سەۋرى قىلىش كېرەك< دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوغۇل ئۈچ مىڭ تىللاغا ئۈچ ئېغىز گەپ سېتىۋېلىپ >ئەمدى ئىش بولمىدى، بىر كەسىپ تاپاي< دەپ ئانىسى بىلەن خوشلاشمايلا قاڭقىپ چىقىپ كېتىپتۇ. بىر يەرگە كەلسە قىرىق سودىگەر قىرىق تۆگىگە مال ئارتىپ كېتىپ بارغۇدەك. ئۇلار:
- ھەي، سەن نىمە ئادەم؟ - دەپ سورىغان ئىكەن. ئوغۇل:
- مەن ئىش ئىزلەپ كېتىپ بارىمەن، - دەپتۇ.
- ئۇنداق بولسا بىزگە قوشۇل، - دەپتۇ سودىگەرلەر ۋە بالىنى ئۆزلىرىگە قوشۇۋاپتۇ. ئۇلار مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ. بىر يەرگە كەلسە بىر قۇدۇق تۇرغۇدەك. سودىگەرلەر تۆگىلىرىنى سۇغىرىۋېلىش ئۈچۈن قۇدۇق بېشىغا كېلىپ قارىسا قۇدۇقتا سۇ كۆرۈنمەپتۇ. ئۇلار بىر ئادەمنى قۇدۇقنىڭ ئىچىگە چۈشۈرۈپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن ئۇ ئادەم ئۆلۈك چىقىپتۇ. ئوغۇل:
- مەن چۈشۈپ باقاي، >ئەجەل بىر كېلۇر، ئىككىنچى كەلمەس< دەپتىكەن. يا ئۆلەرمەن، يا ساق چىقارمەن، - دەپ قۇدۇققا كىرىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، قۇدۇقنىڭ بىر چېتىدە بىر دىۋە، ئۇنىڭ يېنىدا بىر پاقا چوكان تۇرغۇدەك. ئۇلار ئوغۇلدىن: - پەرىزات چىرايلىقمۇ، پاقا چوكانمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئوغۇل نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قاپتۇ. بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن ھېلىقى مىڭ تىللاغا سېتىۋالغان سۆز يادىغا كەپتۇ - دە:
- ھەر كىمنىڭ سۆيگىنى ئۆزىگە چىرايلىق، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ جىن بىلەن دىۋە ناھايىتى خوش بولۇپ، ئۇنىڭغانۇرغۇن مال - دۇنيا ۋە سۇ بېرىپتۇ. سودىگەرلەر يەنە يول مېڭىپ بىر شەھەرگە كەلسە ھەممە كىشىلەر ئاسمانغا قاراپ تۇرغۇدەك. ئەسلى بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى ئۆلۈپ كېتىپ شەھەرگە پادىشاھ سايلاش ئۈچۈن بىر قۇش قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن. شۇ قۇش كىمنىڭ بېشىغا قونۇپتۇ. ئوغۇل پادىشاھ بولۇپتۇ. يىگىرمە يىلدىن كېيىن ئۇ ئۆيىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن ئۆز ئۆيىگە كېچىدە يېتىپ كەپتۇ. ئوغۇل ئىشىكتىن مارىسا بىر ئايال بىلەن بىر ئەر ئۇخلاۋاتقۇدەك. ئۇ >خوتۇنۇم باشقا بىرسى بىلەن ئۇخلاپتۇ< دەپ ئويلاپ غەزەپ بىلەن خەنجەرنى ئېلىپ ئۆيگە بېسىپ كىرىپتۇ. ئەمما >توختاپ تۇر، >ئاچچىققا سەۋر قىل< دەپتىكەن< دەپ ئويلاپ ئايالىنى ئويغىتىپ:
- بۇ نىمە گەپ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئايالى كۈلۈپ كېتىپ:
- سىلى كەتكىلى يىگىرمە يىل بولدى. سىلى كېتىدىغان چاغدا مەن ھامىلدار ئىدىم. يىگىرمە يىلدىن بۇيان ئۇ بالا چوڭ بولۇپ، بىر ئۆينىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدى، - دەپتۇ. پادىشاھ >مېنىڭمۇ نەۋرەم بولىدىغان بوپتۇ< دەپ خوشال بولۇپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ياقا گۇڭشېدىن: قارى ماخمۇت