سادات ۋە ئادات
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا خوجا جىڭ - جىڭ دىگەن بىر باي ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ پۇللىرى، مال - دۇنيالىرى ناھايىتى كۆپ، ئەل ئىچىدە ئىززەت - ئابرۇيلۇق ئادەم ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تاپقان پۇللىرى بىلەن ھەجگە بېرىپ ھاجى بولۇپ كېلىش ئۈچۈن جابدۇق قىلىپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇ باينىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى سادات، كىچىك ئوغلىنىڭ ئىسمى ئادات ئىكەن
ئۇ ئوغۇللار بىر كۈنىسى ئانىسىنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قاپتۇ - دە، ئانىسىنى يالغۇز باشقا شەھەرگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. كەچ بولغاندا بىر ئورمانلىققا كېلىپ بىر دەرەخنىڭ تۈۋىدە ئۇخلىشېپتۇ. چۈشىدە قېشىغا بىر قېرى ئادەم كېلىپ >باللىرىم سىلەر ياتقان ئورمانلىقنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر بۇلاق بار. بۇ بۇلاقتىن ھەپتىنىڭ ھەر ئازنە كۈنى بىر جۈپ ئەڭگۈشتەر چىقىدۇ. سىلەر بۇ ئەڭگۈشتەرنى ئېلىڭلار. نىمە ئارزۇيۇڭلار بولسا ئەڭگۈشتەر ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ... دەپتۇ.<
بالىلار ئويغانسا ھېلى كۆرگەنلىرى چۈش ئىكەن. لېكىن ئۇلار تەلەي سىناپ بۇلاق بېشىغا بېرىپتۇ. راست دىگەندەك ئازنە كۈنلۈكىدە ئىككى ئەڭگۈشتەر چىقىپتۇ. ئوغۇللار ئەڭگۈشتەرنى ئېلىپ ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بىر شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا شەھەرنىڭ ھەممە ئادەملىرى ھېيتلىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ پادىشاھ ئوردىسىغا قاراپ كېتىۋاتقۇدەك. بۇ ئىشنىڭ سىرىنى بىلىش ئۈچۈن سادات بىلەن ئاداتمۇ پادىشاھ ئوردىسىغا كىرىپتۇ. ئۇلار كىشىلەردىن سورىسا، ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەن: بۇ شەھەرنىڭ ئوتتۇز ياشلىق ئايال پادىشاھى ياتلىق بولۇش ئۈچۈن مۇنداق ئېغىر شەرت قويغان ئىكەن. يەنە پادىشاھنىڭ قىرىق مېتىرلىق راۋىقى بولۇپ، قىرىق بالداقلىق شوتىسى بار ئىكەن. ئەگەر كىم ئايال پادىشاھنى ئالماقچى بولسا شۇ قىرىق بالداقلىق شوتىدىن بىر يۈگۈرگىنىچە راۋاق ئۈستىگە چىقىش كېرەك ئىكەن. ھەر بىر بالداقتا بىردىن جاللات قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ تۇرىدىكەن. ئەگەر كىمدە - كىم كىشىنىڭ بېشىنى شۇ بالداققا تۇرغان جاللات شۇ يەدىلا كېسىپ تاشلايدىكەن. نى - نى يىگىتلەر تەلەي سىناپتۇ. لېكىن ھىچقانداق يىگىت راۋاققا چىقالماپتۇ. ئۇلارنىڭ بېشى شوتا ئاستىغا دۆۋىلىنىپتۇ.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان سادات ئەڭگۈشتەرگە ئۆز مەقسىدىنى ئېيتىپتۇ - دە، بىر يۈگۈرۈپلا راۋاقنىڭ ئۈستىگە چىقىپتۇ. پادىشاھ ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ شۇ كۈنىلا توي ئۆتكۈزۈپ ساداتنىڭ ئەمىرىگە ئۆتۈپتۇ. كېچىسى:
- ھىچكىم چىقالمىغان بۇ راۋاققا قانداق چىقالىدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ، كۆڭلى يۇمشاق سادات ئۆزىدە خاسىيەتلىك ئەڭگۈشتەر بارلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. تۈن تەڭدىن ئاشقاندا پادىشاھ ساداتنىڭ ئەڭگۈشتىرىنى ئېلىۋېلىپ ئۆزىنى راۋاقتىن تاشلىۋېتىپتۇ. سادات ئويغىنىپ قارىسا راۋاقنىڭ ئاستىدىكى قاتتىق يەردە ياتقۇدەك. ئەھۋالنى چۈشەنگەن سادات ئايالغا ئالدىنىپ قالغانلىقىغا ھەسرەت چېكىپ بىر چۆل دەشتكە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇ چۆلدە كېتىۋاتسا بىر چىنارنىڭ ئاستىدا ئۈچ ئاكا - ئۇكا ئاتىسىدىن قالغان مىراسنى بۆلۈشۈش ئۈچۈن قاتتىق ئۇرۇشۇپ تۇرغان ئىكەن. سادات بۇلارنىڭ پارىڭىنى بىر ھازا ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇلاردىن ئاتىسىدىن مىراس قالغان نەرسىلەرنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى:
- ئاتىمىزدىن بىر دانە داستىخان، بىر دانە گىلەم ۋە بىر دانە قالپاق قالغان ئىدى. ئەنە شۇلارنى بۆلۈشەلمەي تۇرىمىز، - دەپتۇ.
- ئۇ نەرسىلەرنىڭ قانداق خىسلىتى بار؟ - دەپتۇ سادات.
- داستىخاننىڭ خاسىيىتى شۇكى، - دەپتۇ ئوغۇللارنىڭ چوڭى، >ئېچىلىڭ< دىگەن ھامان ئېچىلىپ يەتمىش ئىككى ياڭزا تاماق تەييار بولىدۇ. گىلەم ئۇچالايدۇ. قالپاقنى كىيگەن كىشى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر قانداق مەخپى ئورۇنلارغا بىمالال كىرىپ چىقالايدۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان سادات كۆڭلىگە بىر نەرسىنى پۈكۈپتۇ - دە، ئۇلارغا شۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ:
- داستىخان بىرىنچى، گىلەم ئىككىنچى، قالپاق ئۈچىنچى بولسۇن. سىلەر ئاۋۇ كۆرۈنگەن چىناردىن بىر تالدىن ياپراق ئېلىپ كېلىڭلار. ئاۋال كەلگىنىڭلار گىلەمنى ئالىسىلەر. ئۈچىنچى قېتىم كەلگىنىڭلار قالپاقنى ئالىسىلەر. ئۈچ مىراسخور ھېلىقى چىنارغا قاراپ يۈرگۈزۈپتۇ. سادات ئۇلار ياپراق ئېلىپ كەلگىچە قالپاق، داستىخاننى ئېلىپ، گىلەمگە چۈشۈپ ئۇچۇپتۇ. ئۇچقانچە بېرىپ ئۇدۇل ئۆزىنى راۋاقتىن چۈشۈرۈۋەتكەن ئايالنىڭ يېنىغا چۈشۈپتۇ. شۇ كېچىسى ئايالى ساداتتىن يەنە راۋاققا قانداق چىققانلىقىنى سوراپتۇ. سادات يەنىلا نادانلىق قىلىپ كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. تۈن تەڭ بولغاندا ئايال ئېرىنىڭ ھېلىقى نەرسىلىرىنى ئېلىۋېلىپ راۋاقتىن چۈشۈرۈۋېتىپتۇ. سادات ئاللا دەپتۇ. كاللا دەپتۇ، نالە - پەريات قىلىپتۇ. ئاخىرى چارە قىلالماي يەنە چۆلگە قاراپ مېڭىپتۇ. كېتىۋاتسا بىر دۆڭنىڭ كەينىدە ئىككى تورغاي سۆزلىشىپ تۇرغۇدەك. سادات ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ تۇرغايلارنىڭ گېپىنى تىڭشاپتۇ.
- مېنىڭ ئىككى ئالمام بار. يەپ كېتەي دىسەم خىسلىتى ئاجايىپ، ئالمىلارنىڭ بىرسى قىزىل، بىرسى كۆك. قىزىلى قېرى ئادەمنى ياشارتىدۇ. ياش ئادەمنى قېرىتىدۇ. ئەرنى ئايال، ئايالنى ئەر قىلالايدۇ. كۆك ئالما بولسا، ئادەمنى ھايۋان، ھايۋاننى ئادەم قىلىپ قويىدۇ، شۇ كارامەتلەرنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئالمىنى ئادەمنىڭ بۇرنىغا پۇرۇتىش لازىم، - دەپتۇ تورغايلارنىڭ بىرى. يەنە بىر تورغاي:
- مېنىڭ ئىككى يامبام بار. خەجلەپ كېتەي دىسەم بالىلىرىم چوڭ بولۇپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ساقلاۋاتىمەن، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان سادات بىر چالما ئېلىپ تورغايلارغا ئاتقان ئىكەن، تورغايلار ئالمىلار بىلەن يامبۇلىرىنى ئالالماي ئۇچۇپ كېتىپتۇ. سادات كۆك ئالمىنى بىر پۇراپتىكەن شۇ ھامان ئاق قۇشقاچقا ئايلىنىپ قاپتۇ. ئۇچقان پېتى ھېلىقى ۋاپاسىز ئايالنىڭ ھىچكىم كىرەلمەيدىغان چار بېغىغا چۈشۈپتۇ. بۇ باغنى سەكسەن ياشلاردىكى بىر بوۋاي باقىدىكەن. سادات باغقا چۈشۈپلا شۇ بوۋايغا ئۇچراپتۇ. ئۇ بوۋايغا قىزىل ئالمىنى پۇراتقان ئىكەن، بوۋاي ئون سەككىز ياشلىق يىگىتكە ئايلىنىپتۇ. بوۋاي خوشاللىقىدىن پادىشاھقا باغدا كۆرگەنلىرىنى خەۋەر قىلىپتۇ.
- ھەي بوۋاي، ئادەم ياشارتالايدىغان شۇ يىگىتنى باشلاپ چىق، - دەپتۇ پادىشاھ. بوۋاي باغقا كىرىپ:
- سىلىنى ئايال پادىشاھ چاقىرىدۇ، - دەپتۇ ساداتقا.
- مېنىڭ ئۇ يەرگە چىققىلى ۋاقتىم يوق. پادىشاھنىڭ ماڭا ھاجىتى چۈشكەن بولسا ئالدىمغا ئۆزى چىقسۇن، - دەپتۇ سادات. ئايال پادىشاھ باققا چىقىپتۇ. لېكىن ئېرىنى تونۇيالماپتۇ.
- ئادەم ياشارتىدىغان يىگىت سىلىمۇ؟ - دەپتۇ ئايال پادىشاھ.
- ھەئە! - دەپتۇ سادات پادىشاھنى مەنسىتمەي.
- مەن ھازىر ئوتتۇز ياشقا كىردىم. مېنى ئون سەككىز ياشقا قايتۇرۇپ قويۇڭ، - دەپتۇ ئايال پادىشاھ ساداتقا.
- بولىدۇ، - دەپتۇ سادات ئايال پادىشاھقا. ئۇ يېنىدىن كۆك ئالمىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ بۇرنىغا پۇراتقان ئىكەن ۋاپاسىز ئايال شۇئان بىر قارا تەخەيگە ئايلىنىپ قاپتۇ. بۇنى كۆرۈپ باغۋەن بوۋاي ھەيران قاپتۇ. سادات ئىشەكنى ئارغامچىدا باغلاپ باغدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئوردا ئەھلى ئايال پادىشاھنى ئىزلەپتۇ. ئەمما باغۋەن سىرنى ھىچكمىگە ئېيتماپتۇ.
سادات ئەتىسىدىن باشلاپ ھېلىقى ئىشەككە ئايلانغان ئايال پادىشاھقا مۆلىمۇ توقىماي ھېلىقى ئىشەككە ئاپىرىپ سېتىشقا باشلاپتۇ. ئىشەكنىڭ بوينىدىن قويرۇقىغىچە يېغىر بولۇپ كېتىپتۇ.
سادات بىر كۈنى ئىشەكنى يېتىلەپ بىر ئاغىينىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ - دە، ئىشەكنى ھويلىدىكى بىر تۈۋرۈككە باغلاپ قويۇپ ئۆيگە كىرىپتۇ. بىر چاغدا ئاغىينىسىنىڭ ئوغلى:
- ھوي ئاكا، ئىشەكلىرى قېچىپ كەتتى، - دەپ خەۋەر قىلىپتۇ. سادات شۇئان ئىشەكنى قوغلاپ مېڭىپتۇ. ئۇ ئىشەكنى قوغلاپ بىر شەھەرگە بېرىپتۇ. سادات ئىشەك قوغلاپ بارغان بۇ شەھەر ئۇنىڭ ئاكىسى ئادات پادىشاھ بولغان شەھەر ئىكەن. ئادات ساراينىڭ ئالدىدىكى يول بويىغا بىر خادا بېكىتىپ خادىغا بىر سىم ئۇلاپتۇ. شەھەردىكى دەردى - ئەرزى بار كىشىلەر سىمنى تارتقان ھامان سارايدىكى قوڭغۇراق جىرىڭشىيدىكەن - دە، پادىشاھ ئۇ كىشىنى چاقىرتىپ دەردىنى تىڭشايدىكەن. ھېلىقى قېچىپ كەتكەن ئىشەكمۇ بۇ خادىغا كېلىپ سۈركۈلۈپتىكەن سارايدىكى قوڭغۇراق جىرىڭشىپ كېتىپتۇ. ۋەزىرلەر چىقىپ قارىغۇدەك بولسا بىر ئىشەك تۇرغۇدەك، بۇ ئەھۋالنى پادىشاھقا خەۋەر قىلىپتىكەن، ئادات:
- ئادىللىقىمدىن ئىشەكمۇ ھال ئېيتىپ كەپتۇ، ئىشەكنى ئەكىرىڭلار، ئەكىرىپ قوناق تۆكۈپ بېرىڭلار. ھەر ھالدا ئاچ قالغان ئىشەك بولسا كېرەك، - دەپتۇ.
ئىشەك ئېلىپ كىرىلگەن ھامان سادات ئىشەكنى تونۇۋاپتۇ. ئادات ئاكىسىنىڭ نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر ئاۋارە ئىشەكنى شۇنچە ئۇزاقتىن ئىزلەپ كەلگەنلىكىنى سوراپتىكەن سادات ھەممە ئەھۋالنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ.
سادات بىلەن ئادات ئاتىسىنى سېغىنىپتۇ ۋە ئۇلارنى يوقلاپ بارماقچى بولۇپتۇ. ئىشەكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپتۇ. پادىشاھ ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ساداتقا مىڭ تۆۋە قىلىپ يالۋۇرۇپتۇ. ئۇلار ئەر - خوتۇن تۆت كىشى بولۇپ گىلەمگە ئولتۇرۇپ ئاتا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. بىر كۈنلۈك يول قالغاندا خوتۇن - بالىلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇپ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا ئۆزلىرى بېرىپتۇ. سەيناغا كىرسە ئۆيلەر بۇرۇنقىدەك ئەمەس. ئۆي ئىچىگە كىرىپتىكەن، ئاتىسى ئۆز بالىلىرىنى تونۇيالماي:
- سىلەرنى قوندۇرالمايمەن، - دەپتۇ.
ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى قەبرە بولۇپ، ئاتا شۇ ئىككى قەبرىنىڭ ئارىسىدا ياتىدىكەن. ئاكا - ئۇكا:
- بۇ نىمە قەبرىلەر؟ - دەپ سوراپتىكەن ئاتىسى:
- بىزنىڭ ئىككى ئوغلىمىز بار ئىدى. مەن ھەجگە بېرىپ كەلگۈچە ئىككى ئوغلۇم ئاغرىپ قېلىپ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىپتۇ. مانا بۇ قەبرىلەر شۇ ئوغۇللىرىمىزنىڭ قەبرىسى، - دەپتۇ. ئىككى ئوغۇل قەبرىلەرنى دەرھال بۇزۇن تاشلاپتۇ. ئاندىن ئۇلار ئاتىسىغا ئۆزلىرىنى تونۇتۇپتىكەن. ئوغۇللىرىنى سېغىنغان بوۋاي يىغا - زارە قىلىپتۇ. ئوغۇللار ئاتىسىغا يېڭى كىيىملەرنى كىيدۈرۈپتۇ. ئۆيلىرىنى چىرايلىق ياساپ قويۇپ خوتۇن - باللىرىنى ئېلىپ كەپتۇ. بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن ئۆز شەھەرلىرىگە قايتىپتۇ. سادات ئايالى پادىشاھ بولغان شەھەرگە پادىشاھ بولۇپتۇ. ئادات يەنىلا ئۆز پادىشاھلىقىدا ئولتۇرۇپتۇ ۋە خاتىرجەم كۈن ئۆتكۈزۈپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: ياقا گۇڭشې ياقا دادۈيدىن: نىياز ئابدۇللا