UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئىككى ھورۇننىڭ ئۆلۈمى

ئىككى ھورۇننىڭ ئۆلۈمى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئىلگىرىكى زاماندا ھاسان دەۋلەك ۋە ساۋۇت قاپاق دېگەن ئىككى ھورۇن بولغانىكەن.ئۇلار ئاتىسىنىڭ تاپقىنىنى يەپ، ئۆزلىرى زادىلا ئىشلىمەيدىكەن، ئەتىدىن - كەچكىچە دۈمبىسىنى تامغا يۆلەپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئولتۇرۇپ باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىكەن. شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ، ئۇلار ئاتا - ئانىلىرىنىڭ كۆزىگىمۇ يامان كۆرۈنۈپ قاپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇلارنى ئاتا - ئانىلىرى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتپتۇ. ئۇلار قورسىقىغا بىر پارچە نانمۇ تېپىپ يېيەلمەي، بىر نەچچە كۈن ئاچ يۈرۈپتۇ. بىر كۈنى ئاخشىمى ئۇلار تۇنۇر بېشىدا ئولتۇرۇپ ئەمدى نېمە قېلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىپتۇ. _ ئىشلىمىسىمۇ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك تەييار بىر يەرگە كەتسەك بولاتتى - دە، قەيەردە شۇنداق ياخشى ياخشى يەرلەر بارىكىن؟ - دەپتۇ ھاسان دەۋلەك. _ كىم بىلىدۇ، يەر يۈزىدە ئۇنداق يەرلەر بارمۇ - يوقمۇ، لېكىن ئاسماندا بولسا كېرەك. چۈنكى ئاسماندا پەرىشتىلەر ۋە باشقا خاسىيەتلىك مەخلۇقلار ياشايدۇ دېيىشىدۇ، - دەپتۇ ساۋۇت قاپاق. _ ئۇنداق بولسا، بىزمۇ شۇ ئاسمانغا چىقىپ كېتەيلى، بۇ مېھنىتى كۆپ يەرلەردە خار بولۇپ نېمە قىلىمىز؟- دەپتۇ ھاسان دەۋلەك. _ مەيلى، چىقساق چىقىپ كېتەيلى، ئەمما قانداق چىقىمىز؟ ئاسمانغا يەتكۈدەك ئۇزۇن تېپىپ بولامدىكىن؟ - دەپتۇ ساۋۇت قاپاق. _ ئاسمانغا يەتكۈدەك ئۇنداق ئۇزۇن شوتىغۇ تېپىلماس ، لېكىن شوتىسىز چىقىشنىڭ يولى بار، - دەپتۇ ھاسان دەۋلەك. _ قانداق ؟ - دەپ سوراپتۇ ساۋۇت قاپاق. _ تاغدىكى ھاڭدا بىر سۇمرۇخ قۇشنىڭ ئۇۋىسى بار . مەن ئۇنى بىركۈنى ئاتامنى ئەگىشىپ تاغقا بارغاندا كۆرگەنمەن. بىر ئامال قىلىپ ئەنە شۇ قۇشنى تۇتۇۋالساق ئاسمانغا شۇ ئاچىقىپ قويىدۇ، - دەپتۇ ھاسان دەۋلەك. _ بۇ ياخشى پىكىر، مەيلى، بولمىسا، ئەتىلىككە شۇنداق قىلىلى، - دەپتۇ ساۋۇت قاپاق. ئىككى ھورۇن ئاخىر شۇ مەسلىھەتكە كەپتۇ - دە، ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ تاغقا قاراپ مېڭىپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن تاغقا يېتىپ كېلىپ ھاڭدىكى سۇمرۇغ قۇشنىڭ ئۇۋىسىنى تېپىپتۇ ۋە ئۇنىڭ يېنىغا يۇشۇرۇنۇپ يېتىۋاپتۇ. كۈن چۈشتىن ئېگىلگەن ۋاقىتتا سۇمرۇغ قۇش غۇيۇلداپ ئۇچۇپ كېلىپ ئۇۋىسىغا قونۇشى بىلەن ھاسان دەۋلەك قۇشنىڭ بىر پۇتىنى مەھكەم تۇتۇۋاپتۇ، - دە دوستىغا: _ مېنىڭ پۇتۇمنى تۇت! - دەپ ۋارقىراپتۇ. ساۋۇت قاپاق شۇ زامان دوستىنىڭ پۇتىنى تۇتۇۋاپتۇ. قۇش قورققىنىدىن يەنە ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ ئۇچۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ساۋۇت قاپاق ھەسەن دەۋلەكنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ، ھاسان دەۋلەك بولسا قۇشنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ پۇلاڭلىغىنىچە ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. قۇش بۇلارنى يەتتەقات بولۇتنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ ئەگىپ يۈرۈپتۇ. ئاسمانغا يېتەي دېدۇقمۇ؟ قوللىرىم تېلىپ كەتتىغۇ؟ - دەپتۇ ساۋۇت قاپاق. _ ھەئە، ئاز قالسا كېرەك، تۆشۈكى كۆرۈنۈپ قالدى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھاسان دەۋلەك ئۈستىدە بىر نەرسىنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ. ئاسماننىڭ تۆشۈكى قانچىلىك بارىكەن؟ بىز پاتىمىزمىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ ساۋۇت قاپاق. ھاسان دەۋلەك ئۈستىدىكى تۈشۈك دەپ ئويلىغان يوغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولۇپ: _ مانا مۇنچىلىك بارىكەن، - دەپ قۇشنىڭ پۇتىنى قويۇۋەتكەنىكەن، ھەر ئىكىكىسى يەرگە پۇلاڭلاپ چۈشۈپ، مىجىقىلىرى چىقىپ ئۆلۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق