UyghurWiki
UyghurWikiچوچاققويچى بىلەن قاراقچى

قويچى بىلەن قاراقچى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن. بۇرۇنقى زاماندا بىر يۇۋاش، مۆمىن قويچى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ مەھەللىدىن يىراقراق بىر تاغ باغرىدا كەپە تىكىپ، شۇ يەردىكى يايلاقتا قوي بېقىپ تىرىكچىلىك قىلىدىكەن. ئۇ تۇرغان جايغا كىشىلەر ناھايىتى ئاز كېلىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قويچى ماللىرىنى يايلاققا قويۇۋېتىپ، نەي چېلىپ ئولتۇرسا، تاغ ئارىسىدىن بىر يولۇچى چىقىپ كەپتۇ. پادىچى ئۇنىڭ بىلەن سالام - سائەت قىلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ ۋە: - بۇ يەرگە قانداق قىلىپ كېلىپ قالدىلا، سەپەرلىرى قاياقتىكىن؟ - دەپ سوراپتۇ. - مەن تىجارەت بىلەن كۈن ئۆتكۈزىمەن، مال ئالغىلى چىقىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالدىم، - دەپتۇ يولۇچى. قويچى ئۇزۇن مۇددەت يالغۇز ئۆتكەچكە ئادەم سېغىنىپ قالغان ئىكەن، شۇڭا يولۇچى بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇنى - بۇنى سوراپتۇ. پاراڭدىن - پاراڭ چىقىپ گەپ ئۇزىراپ كېتىپ قاراڭغۇ چۈشۈپتۇ. يولۇچى قويچىدىن بىر كېچە قوندۇرۇپ قېلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. قويچى ماقۇل كەپتۇ. ئەمما، كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. يولۇچىنىڭ بۇ يەردىن ھېچ كەتكۈسى يوقمىش. يولۇچىنىڭ قاشاڭلىق قىلىپ تۇرۇۋېلىۋاتقانلىقىدىن غۇمدىغان قويچى يولۇچىغا بىر كۈنى يولنى پۈرۇتۇپ گەپ ئېچىپتۇ. - مەن سېنى مۇساپىركەن، دەپ ئىچ ئاغرىتىپ نەچچە ئايدىن بۇيان ئاش - تۇز بېرىپ باقسام، بۈگۈنزە ماڭا ئۆكتەملىك قىلماقچى بولۇۋاتامسەن؟ ماڭ، بۇ يەردىن يوقال، بولمىسا كۆرگۈلۈكىڭنى كۆرىسەن! - دەپ دوق قىلىپتۇ يولۇچى. شۇنچە قىلغان ياخشىلىقىغا يامانلىق كۆرگەن قويچى يولۇچىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بېشىدىن تۈتۈن چىققاندەك بولۇپتۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن زاكۇنلىشىپتۇ. جىدەل بارغانسېرى چوڭىيىپتۇ. ئاخىرى ئۇلار ياقا سىقىشىپ پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا دات ئېيتىشىپ كىرىشىپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرلىرىگە بۇلارنى ئايرىم - ئايرىم سوراق قىلىشقا ئەمىر قىلىپتۇ. سوراقتا ھەر ئىككىسى مال - دۇنيالىرىنىڭ سانىنى ئوخشاش مەلۇم قىلىپ بىر - بىرىنى ئەيىپلەپتۇ. مالنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلالمىغان ۋەزىرلەر ئەھۋالنى پادىشاھغا مەلۇم قىلىپتۇ. پادىشاھ بىر پەس ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، پادىچىنى چاقىرتىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن: - قوتىنىڭنىڭ ئىچىدىكى قىغنىڭ چوڭقۇرلۇقى قانچىلىق؟ كەپەڭنىڭ ئاستىغا نېمىلەر قويۇلغان؟ دەپ سوراپتۇ. - قىغنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن بىر غېرىچ ئۆچىلىك كېلىدۇ، كەپىنىڭ ئاستىغا ھېچنىمە قويۇلمىغان، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ پادىچى. پادىشاھ يولۇچىنى چاقىرتىپ ئۇنىڭدىمۇ قويچىدىن سورىغان سوئالنى سورىغان ئىكەن، يولۇچى: - قىغنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن تۆت ئىلىك كېلىدۇ، كەپىنىڭ ئاستىغا ياغاچ قويۇلغان، - دەپ جاۋاب بېرىتپۇ. ئىككىسىنىڭ جاۋابىنىڭ ئوخشاش چىقمىغانلىقىدىن گۇمانلانغان پادىشاھ دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، قويچىنىڭ قوتىنى ۋە كەپىسىنى تەكشۈرۈتۈپتۇ. نەتىجىدە، قويچىنىڭ جاۋابى توغرا بولۇپ چىقىپتۇ. پادىشاھ يولۇچىنىڭ ۋاپاغا جاپا قىلىپ قويچىنى ۋە ئۇنىڭ مۈلكىنى قەستلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى>مۇتىھەم قاراقچى دەپ قاراپ، چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇپتۇ. پادىچىنىڭ ئاق نىيەت، مېھماندۇستلۇقىنى ماختاپ، ئۇنى تارتۇقلاپتۇ. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، >مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك< دېگەن تەمسىل شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
قويچى بىلەن قاراقچى | UyghurWiki | UyghurWiki