گاداي بىلەن شاھ
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بار ئىكەن، يوق ئىكەن بۇرۇنقى زاماندا بىر شەھەردە بىر شاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ھەمىشە كوچا ئارىلاپ، خەلقنىڭ ئىچىدىكى گەپ - سۆزلەرنى ئاڭلىماقچى بولىدىكەن. بىر كۈنى كېچىسى پادىشاھ شەھەر سىرتىغا چىقىپ، قەبرىستاننىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا، گۇمبەزنىڭ تۆشۈكىگە يېقىن كېلىپ قۇلاق سالسا، ئۇ يەردە ئۈچ ئادەم دەرت توكۈشۈۋېتىپتۇ. ئۇلاردىن بىرى ماغدۇرسىز ئاۋازى بىلەن سۆزگە كىرىشىپتۇ:
- بىزنى پۇلدارلار ئەبلەخ دەيدۇ. ئەمما بىزنىڭ كۈنىمىز دوزاختىكىدىنمۇ يامان، ئەگەر مەن 10 تىللا تاپالىسام، بۇ يەردە بىر كۈنمۇ تۇماي، ئۆز يۇرتۇمغا كېتەتتىم.
- ئەگەر پۇل تاپالسام، ھەرگىز يالىڭاچ قالمايتتىم، ئانامۇ ئاچ قالمايتتى، بىراق بۇ نەس باسقان شەھەردە قىلغىلى ئىش، يىگىلى ئاش يوق ئىكەن، - دەپتۇ ئىككىنچىسى.
- ئاغىنىلەر، - دەپتۇ ئۈچىنچىسى، - خورلۇقنىڭ دەستىدىن كىشىنىڭ ئېسىمۇ قالمىدى. بىزنى بۇنداق خورلۇققا قويغان قانخور پادىشاھنىڭ قىزىنى ئالسام قانداق يارىشار.
ئۇلار دىلىدىكى ئارزۇلىرى ھەل بولغاندەك قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ئۇلارغا جازا بەرمەكچى بولۇپ ئوردىغا قايتىپتۇ ۋە جاللاتلانى چاقىرىپ:
- دەرھال شەھەر سىرتىدىكى قەبرىستانلىققا بېرىڭلار! ئۇ يەردە سۆزلىشىپ تۇرغان ئۈچ ئادەمنى چەمبەرچەس قىلىپ باغلاپ، دەرگاھىمغا ئېلىپ كېلىڭلار! - دەپتۇ.
جاللاتلار بۇ يەرگە كېلىپ، ئۈچ بىچارىنى باغلاپ، يول بويى ئۇرۇپ - دۇمبالاپ، ئوردىغا ئېلىپ كەپتۇ. شاھ گۈمبەزدە كۈلگەن ئىككى بىچارىنى ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىپتۇ، «شاھنىڭ قىزىنى ئالسام» دەپ شاھنى ھاقارەتلىگەن كىشىنىڭ جېنىنى تېنىدىن جۇدا قىلماقچى بوپتۇ.
- رۇخسەت قىلسىلا، شاھىم، - دەپتۇ ۋەزىرى، - شاھزادىنىڭ ئاغرىپ ياتقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولدى، ئۇنىڭ قوسىغىدىكى يىلاننى يوقىتىش ئۈچۈن، تەرەپ - تەرەپكە چاپارلار ئەۋەتىپ، تىۋىپ ئىشلىدۇق. ھازىرغىچە شاھزادىنىڭ كېسىلىنى داۋالايدىغان ئادەم چىقمىدى. ھازىر كۈنىگە بىر قوينىڭ گۆشىنى ئالدىغا تاشلاپ بېرىۋاتىمىز. بۇ نائىنسابنى شاھزادىنىڭ يېنىغا ئەكىرىپ قويايلى، بۈگۈنچە بىر قوينى ئاياپ قالىمىز.
ئوردا ئەھلى ۋەزىرنىڭ سۆزىنى لايىق كۆرۈپتۇ. شاھمۇ بۇ مەسلىھەتكە قوشۇلۇپتۇ . بىچارە يوقسۇل نائىلاج شاھزادىنىڭ قېشىغا تاشلىنىپتۇ. يېرىم كېچىگىچە كىرپىك قاقماي ئازاپلىنىپتۇ. تۈن نىسبى بولغاندا شاھزادىنىڭ ئاغزىدىن بىر يىلان چىقىپتۇ - دە، كەمبەغەلگە نەزەرمۇ سالماي، ئۇدۇل ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇ يەردە ئۇنىڭ جورىسى بار ئىكەن. ئۇلار ھەر كۈنى كېچىسى مۇشۇ يەردە سۆھبەتلىشىدىكەن. ئۇلار ھال - ئەھۋال سورىشىپ سالاملىشىپتۇ. تىللىرىنى پۇرۇشۇپ ھوزۇرلىنىپتۇ. ھېلىقى كەمبەغەل يىلاننىڭ تىلىنى بىلىدىكەن. ئۇ يىلانلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سېلىپ تۇرۇپتۇ.
- قارا مېنى، - دەپتۇ ئەركىكى چىشىغا، - قانداق راھەتتە ياشاۋاتىمەن. شاھزادە ئىچىدە ياتىمەن، مېنى يوقاتماققا قەست قىلىپ كۆردى. بىراق چارىسىنى تاپالمىدى.
- مېنىڭ راھىتىم سېنىڭدىن ئارتۇق، - دەپتۇ چىشىسى - دائىم ئالتۇننىڭ ئۈستىدە ياتىمەن، مېنىڭ ياتقان يېرىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئىنسانلار سېنىڭ دوراڭنى بىلسە، ئەدبىڭنى ئوبدان بېرىدۇ. بەش يىل ئېچىتىلغان سىركىنى گۆش بىلەن شاھزادىغا بەرسە، سەن بۇنى يەپ مەس بولاتتىڭ، تونۇرغا قاقلسا، كۈلگە ئايلىناتتىڭ، تونۇرغا 10 يىللىق ئوتۇن قالسا، مىڭ جېنىڭدىن بىرسىمۇ قۇتۇلالمايتتى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ يىلاننىڭ ئەركىكى قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ.
- ھەي نىيىتى بۇزۇق، - دەپتۇ ئۇ، - سېنىڭ ئەدىبىڭ قوي مېيى سۈركەلگەن مىس لىگەن، مىس لىگەننى قىزىتىپ بۇرنۇڭغا پۇراتسا، ئۇۋاڭدىن دەرھال چىقىسەن، يامانلىقىڭدىن ئوتقا بېشىڭنى تىقىسەن.
ئىككى يىلان كۆڭۈلسىز ئۆز ئۇۋىلىرىغا قايتىپتۇ. بىچارە يۇقسۇل ئۇزاق ئويلاپ، ئازات بولماقنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ. ئەتىسى شاھ بۇ ئۆيگە كىرىپ، كەمبەغەلنىڭ ئامان قالغانلىقىغا ھەيران بوپتۇ.
- ساڭا نېمە ئۈچۈن قازا كەلمىدى؟ - دەپ سوراپتۇ. شاھ. - يا سەن بىرەر كارامەت كۆردۈڭمۇ؟
گاداي پادىشاھقا شاھزادىنىڭ قۇتۇلدۇرۇش نىيىتىنى ئېيتىپ، تۆت كۈنلۈك مۈھلەت سوراپتۇ.
- بوپتۇ ساڭا ئىجازەت بېرەي، - دەپتۇ. شاھ سەل ئويلىنىۋېلىپ، - بىراق، قېچىپ كېتىمەن دەپ خام - خىيال قىلما. قېچىشنى نىيەت قىلساڭ، ئاسمانغا چىقىساڭ تاپىنىڭدىن، يەرگە كىرسەڭ كوكۇلاڭدىن تارتىپ تۇتۇپ كېلىمەن! ئەگەر ئەقىل تېپىپ ئوغلۇمنى ساقايتالىساڭ، قىزىمنى بېرىپ، سېنى ئۆزەمگە كۈيئوغۇل قىلمەن.
بىچارە گاداي ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ، يول مېڭىپ ھېرىپ، بەش يىللىق كونا سىركە ۋە قۇرۇق ئوتۇننى ئىزلەپتۇ. ئۇ بۇ نەرسىلەرنى تېپىپ كەلگەندىن كېيىن ئوت يېقىپ، شاھزادىنىڭ ئىككى يىقىدىن يۆلەتكۈزۈپ ئاغزىنى ئوتقا قاقلاپتۇ. شاھزادە بىر پەستە زور بىلەن تازا قەي قىپتۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىن يىلان يېنىپتۇ - دە، پۇشۇلداپ تونۇرغا چۇشۇپ، چارسىلداپ ئېتىلىپ كېتىپتۇ.
شاھ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ چەكسىز خوشال بولۇپ، گاداينى ھۆرمەتلەپ چوڭ توي قىلىپ بېرىپتۇ. يىلان بار ئۆينى ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىپتۇ. ئەر - خوتۇن ئالتۇن بوشۇكتىكى يىلانغا چارە قىلماقچى بولۇپ، مىس لىگەنگە ياغ سۈركەپ قىزىتىپ، ئۆينى دۈت قىپتۇ. ئۇلار لېگەننى تۆشۈككە يېقىن ئاپىرىپ قويۇپ، تالاغا چىقشىغا، ئۆينىڭ ئىچىدىن چىقىرىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. ئۆيگە كىرسە يىلان لىگەنگە چاپلىشىپ قاپتۇ. گاداي پالتا بىلەن يىلاننى بىر نەچچە يېرىدىن چاناپتۇ ۋە توشۈكنى ئېچىپ، «ئالتۇن بۆشۈك» نى تېپىتۇ. شۇنىڭ بىلەن گاداي پادىشاھقا كۈيئوغۇل ھەم ۋەز بولۇپ باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. ئۇ قولىدىن كېلىشچە خەلققە ياخشىلىق قىلىپ، ھەممە ئادەمنى خوش قىپتۇ. قامالغانلارنى ئازات قىلىپ، زىنداندىكى دات - پەرياتنى تۈگىتىپتۇ.