UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپەرىزات قىز

پەرىزات قىز

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر شاھزادە ئۆتكەن ئىكەن. بۇ شاھزادە كۈنلەرنىڭ بىرىدە يۇرت كېزىپ بىر كاتتا شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ ئوي - چوڭقۇرىنى بىلىپ بولغۇچە بىر نەچچە زامان ئۆتۈپ كېتىپتۇ. شاھزادە بىر كۈنىسى كوچا ئايلىنىپ يۈرسە بىر تاكتاكچى: - ماڭا كىم بالا بولسا ئۇنىڭ ھەممە تەلەپلىرىنى قاندۇرىمەن. ماڭا بىر ئايدا بىر كۈن خىزمەت قىلىپ بەرسىلا بولۇۋېرىدۇ، - دەپ كوچىمۇ - كوچا جار سېلىپ يۈرگۈدەك. بۇنى ئاڭلىغان شاھزادە شۇ كىشىگە بالا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. تاكتاكچى شاھزادىنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ: - سەن ئۆزەڭگە بىر قىز تاپ، كىمنىڭ قىزى بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئېلىپ بېرىمەن، - دەپتۇ. شاھزادە ئىككى - ئۈچ كۈن ئارىلاپ بىر قىز تېپىپتۇ. تاكتاكچى شاھزادىگە ھەشەمەت بىلەن توي قىلىپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ ئۆيىنى پۇزۇر ياساپتۇ، ئۆينىڭ تاملىرىغا گىلەم، ئاستىغا پايانداز سېلىپ بېرىپتۇ. بۇلار ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئەر - خوتۇن بولۇپ، يىگىرمە توققۇز كۈننى ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۇلار توي قىلىپ ئوتتۇزىنچى كۈنى ئاخشىمى پادىشاھنىڭ ئىككى ئادىمى كېلىپ شاھزادىنى ئوردىغا ئېلىپ بېرىپتۇ - دە: - كېچىچە قوتاندىكى قوتازلاردىن ئالتىنى تۇلۇمچە سويىسەن. يەتتە ئاتنى ئىگەرلەپ توقۇيسەن، - دەپتۇ. شاھزادە بۇلارنى تەييارلاپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. - سەن ھازىر تەييارلان، يولغا چىقىمىز، - دەپتۇ پادىشاھ. شاھزادە نەگە بېرىشنى بىلەلمەيلا ئۇلار بىلەن بىللە قورقۇنچلۇق بىر تاغ ئارىسىغا باشلاپ كىرىپتۇ. شاھزادە قارىغۇدەك بولسا، بۇ جاي ئادەملەرنىڭ كېسىلگەن باشلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، تاغنىڭ ئۈستىدە ئالتۇن - كۈمۈشلەر كۆزنى چاقنىتىپ تۇرغۇدەك. پادىشاھ ئېلىپ كەلگەن ئادەملىرىدىن بىرسىگە: - قوتازنىڭ تۇلۇمچە سويۇلغان تېرىسىنىڭ ئىچىدىكى مەينەتچىلىكنى ئادالىۋەت، - دەپ بۇيرۇپتۇ. ئۇ كىشى تۇلۇمنىڭ ئىچىگە كىرىشى بىلەن پادىشاھنىڭ بىر نەچچە جاللىتى تۇلۇمنىڭ ئاغزىنى بوغۇپ ھېلىقى كىشىنى ئۆلتۈرۈپتۇ. بۇ يەردە بىر سۇمرۇغ قۇش بولۇپ، ھەر كۈنى بىر ئادەمنى ھېلىقى ئالتۇن - كۈمۈش بار تاققا كۆتىرىپ چىقىپ يەيدىكەن. پادىشاھ دائىم بۇ يەردە بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ پۇتىغا بىر ئادەمنى ئېسىلدۇرۇپ ئۆلگەن كىشىنى قۇشقا بېرىدىكەن ۋە ئۆلمىگەن كىشىگە تاغ ئۈستىدىكى ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى پەسكە تاشلىتىپ غەزىنىسىنى تولدۇرىدىكەن. شاھزادىنى ئۆيلەپ قويغان ھېلىقى تاكتاكچى پادىشاھقا ئۆلتۈرۈلىدىغان ئادەم تېپىپ بېرىدىغان ئالدامچى ئىكەن. شاھزادە بىر چوڭ تاشنىڭ كەينىدە بۇ پاجىئەنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. دەل شۇ چاغدا سۇمرۇغ قۇش غۇيۇلداپ چۈشكىنىچە شاھزادىنىڭ گەجگىسىدىن ئېلىپلا تاغ ئۈستىگە كۆتىرىپ چىقىپ كېتىپتۇ. شاھزادە تاغ ئۈستىدە قۇش بىلەن قاتتىق ئېلىشىپ، ئۇنىڭغا يەم بولماي ئامان قاپتۇ. ئۇ ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى دەسسەپ يۈرۈپتۇ. ئەمما ئۇنى يىگىلى بولمايدىكەن، شۇڭا قورسىقى ئاچ قاپتۇ. ئۇ ئوزۇن ئىزلەپ بىر گۈمبەزگە كىرگەن ئىكەن. گۈمبەز ئىچىدە ئاپپاق ساقاللىق بىر مويسىپىت ئادەم ئولتۇرغۇدەك. ئاقساقاللىق كىشى شاھزادە بىلەن ناھايىتى ئوچۇق چىراي كۆرۈشۈپتۇ. ئۇنىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىپ، >بىسمىللا< دەپتىكەن. داستىخاندا قىرىق خىل غىزا ھاسىل بولۇپتۇ. ئىككىيلەن قورسىقىنى تويغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن داستىخاننى يىغىشتۇرۇپ بىر ھازا مۇڭدىشىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، شاھزادە بۇ بوۋاي بىلەن بىر نەچچە يىل بىللە ياشاپتۇ. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بوۋاي پىرىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. سەپەرگە چىقىش ئالدىدا شاھزادىگە: - زېرىكسىڭىز بۇ ئۆيلەرنى ئېچىپ زىيارەت قىلىڭ. لېكىن قىرىق بىرىنچى ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچقۇچى بولماڭ، - دەپ، ئۆيلەرنىڭ ئاچقۇچىنى بېرىپ كېتىپتۇ. بوۋاي >يەتتە كۈندە كېلىمەن< دەپ ۋەدە قىلىپتۇ. بوۋاي كەتكەندىن كېيىن شاھزادە زېرىكىپتۇ ۋە بۇ ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە نىمە بارلىقىنى كۆرگۈسى كەپتۇ، ئۇ ئۆيلەرنى بىر - بىرلەپ ئېچىپ كۆرۈشكە باشلاپتۇ. بىرىنچى ئۆيدە شۇ زاماندىكى بارلىق باتۇرلارنىڭ رەسىملىرى بار ئىكەن. ئىككىنچى ئۆيدە باتۇرلارنىڭ جەڭ قوراللىرى بار ئىكەن. شاھزادە قىرىق ئۆينى كۆرۈپ بولۇپ، قىرق بىرىنچى ئۆينىمۇ كۆرگۈسى كەپتۇ. بۇ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قارىغۇدەك بولسا، كۆز ئالدىدا ئاجايىپ بىر باغ پەيدا بولۇپتۇ، باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر كۆل بار ئىكەن. يىگىت بۇ گۈزەل مەنزىرىگە زوقلىنىپ تۇرغاندا، بىر توپ كۆك كەپتەر ئەگىپ كېلىپ كۆلنىڭ بويىغا قونۇپتۇ - دە، ھەر بىرى بىردىن گۈزەل قىزغا ئايلىنىپتۇ. قىزلار يېشىنىپ سۇدا چۆمۈلۈشۈپتۇ. بىر بىرسىنى قوغلىشىپ ئويناپتۇ. شاھزادە دالدىدا تۇرۇپ بۇلارنى بىردەم تاماشا قىلغاندىن كېيىن بىرسىنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىۋاپتۇ. قىزلار دەرھاللا كىيىملىرىنى كىيىپ كەپتەرگە ئايلىنىپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. لېكىن، شاھزادە كىيىمىنى ئېلىۋالغان قىز كەپتەرگە ئايلىنالماي شاھزادىگە >كىيىملىرىمنى بېرىڭ< دەپ يالۋۇرۇپتۇ. شاھزادە خىجالەت بولۇپ قىزنىڭ كىيىمىنى بەرگەن ئىكەن، ئۇ قىز كەپتەرگە ئايلىنىپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. شاھزادىنىڭ ئېسى - يادى شۇ قىزدا قاپتۇ. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئاقساقال بوۋاي قايتىپ كەپتۇ. شاھزادە باغدا كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى بوۋايغا ئېيتىپ بېرىپتۇ. بوۋاي: - قىرىق بىرىنچى ئۆينى ئېچىپ قويۇپسىز، بولغۇلۇق بوپتۇ. ئەمدى كۈتۈپ تۇرۇڭ. چارشەنبە كۈنى ئۇلار يەنە كېلىدۇ. كەلگەن چاغدا كىيىمىنى يەنە ئېلىۋېلىڭ. قىز يالۋۇرۇغاندا سىز >ئۆزىڭىزنى قوبۇل قىلسىڭىز بېرىمەن< دىسىڭىز، كىيىمنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن >قوبۇل قىلدىم< دەيدۇ. لېكىن سىز كىيىمنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن >قوبۇل قىلدىم< دەيدۇ. لېكىن سىز كىيىمىنى بەرگەندىن كېيىنمۇ ئۇچۇپ كېتەلمەيدۇ، - دەپتۇ. دىگەندەك چارشەنبە كۈنى كەپتەرلەر يەنە كەپتۇ. شاھزادە يۈگۈرۈپ بېرىپ بىرسىنىڭ كىيىملىرىنى يەنە ئېلىۋاپتۇ. كىيىمسىز قالغان پەرىزات قىز شاھزادىگە يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ. شاھزادە بوۋاينىڭ دىگىنى بويىچە: - سىز ئۆزىڭىزنى ماڭا قوبۇل قىلسىڭىز، ئاندىن بېرىمەن، - دەپتۇ. پەرىزات قىز كىيىملىرىنى ئېلىۋېلىش قەستىدە: - مەن ئۆزەمنى سىزگە قوبۇل قىلدىم، - دەپتۇ. كىيىمىنى كىيگەندىن كېيىن نىمە ئۈچۈندۇر ئۇچۇپ كېتەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادىمىزاتلار ئارىسىدا ياشاشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. بوۋاي بۇ ئىككىيلەننىڭ نىكاھىنى ئوقۇپ قويۇپتۇ. ئۇلار كۆڭۈللۈك ئۆي تۇتۇپ قاپتۇ. ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپتۇ. ئۇلار ئىككى پەرزەنت كۆرۈپتۇ. چوڭ ئوغلى بەش ياشقا، كىچىك ئوغلى ئۈچ ياشقا كىرىپتۇ. بىر كۈنى پەرىزات قىز: - يۇرتۇمنى، ئاتا - ئانامنى بەك سېغىنىپ كەتتىم. بىر ئايلىق رۇخسەت بەرسىڭىز كۆرۈپ كەلسەم، - دەپ ئېرى شاھزادىگە يالۋۇرۇپتۇ. شاھزادە ئامراق خوتۇنىنىڭ كۆز ياشلىرىغا چىدىماي بىر ئايلىق رۇخسەت بېرىپتۇ. لېكىن قىز كېتىپ بىر ئاي ئۆتۈپتۇ، قىز كەلمەپتۇ. ئىككى ئاي ئۆتۈپتۇ، ھەتتا يىل ئۆتۈپتۇ، قىز كەلمەپتۇ. شاھزادە ئايالىنى سېغىنىپ كۈندىن - كۈنگە چۈشكىنلىشىپ كېتىپتۇ. ئاخىرى چىدىماي >بالىلىرىم بەك يىتىمسىراپ كەتتى. ئانىسىنى تېىپىپ كەلسەم< دەپ بوۋايدىن رۇخسەت سوراپتۇ. بوۋاي ئانىسىز قالغان ئىككى نارىسىدىنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ شاھزادىگە رۇخسەت بېرىپتۇ ۋە يەتتە كۈن ماڭغاندىن كېيىن ئۇچرايدىغان گۈمبەزدە تۇرۇشلۇق پىرى - ئۇستازىغا خەت يېزىپ بېرىپتۇ. شاھزادە يەتتە كۈن مېڭىپ ھېلىقى گۈمبەزگە كىرىپتۇ. بۇ گۈمبەزدە ماڭلىيىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بىر بوۋاي شاھزادىنى قارشى ئاپتۇ. بوۋاي شاھزادىگە بىر ھاسا، بىر كەش ۋە ئۇستىۋاش بېرىپ: - بۇ ھاسىنىڭ خاسىيىتى شۇكى، ئالدىڭغا تاغ كەلسە بۇ ھاسا شوتا بولالايدۇ. دەريا كەلسە كۆۋرۈك بولالايدۇ. يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۇچرىسا قورال بولالايدۇ. مانا بۇ كەشەڭنىڭ چەمى ئۇپراپ تۈگىگىچە ماڭساڭ كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىسەن، - دەپتۇ. شاھزادە نى ئىگىز تاغلاردىن، ھەيۋەتلىك دەريالاردىن ئۆتۈپ، ئاخىرى ئايالى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. سەپەر ئۈستىدىكى پۈتۈن توسالغۇلارنى خاسىيەتلىك ھاسا يېڭىپتۇ. ئايالى بىلەن قايتىشىدىمۇ خاسىيەتلىك ھاسا ئۆز ھۈنىرىنى كۆرسىتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شاھزادە پەرىزات ئايالى بىلەن كۆڭۈللۈك ئۆي تۇتۇپ جاھاندىن ئۆتۈپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: ياقا گۇڭشې ياقا دادۈيدىن: ئابدۇغېنى يۈسۈپ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق