UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقۋاپاسىز بالىلار

ۋاپاسىز بالىلار

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا بىر بوۋاي ئۆتكەنىكەن، ئۇلارنىڭ ئۈچ ئوغلى بارىكەن، مال - دۇنياسىمۇ خېلى كۆپ ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بوۋاي ئاغرىپ قاپتۇ، ئۇ: «ناۋادا ئۆلۈپ - تارتىپ قالسام، بالىلىرىم مىراسنى بۆلۈشەلمەي جېدەل - غوۋغا چىقىرىپ يۈرمىسۇن، ئۇنىڭدىن كۆرە كۆزۈمنىڭ ئوچۇق ۋاقىتىدا مىراسنى بۆلۈپ بېرىۋېتەي» دەپ، موماي بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئوغۇللىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، مال - مۈلۈكىنى بۆلۈپ بېرىپتۇ ھەم ئانىسىغا ئوبدان قاراشنى تاپىلاپتۇ. ئارىدىن بىر قانچە ۋاق ئۆتكەندىن كېيىن بوۋاينىڭ كېسىلى شىپاھلىق تېپىپ، يەنە بۇرۇنقى ھالىغا كېلىپ قاپتۇ. بىراق بالىلىرى ئۆزىگە تەگكەن مال - دۇنيا بىلەن بولۇپ كېتىپ ئاتا - ئانىسىغا قارىماپتۇ. بوۋاي بىلەن موماي تۇرمۇشتىن قىيلىنىپ، كۆپ ھەسرەت چېكىپتۇ، پۇشايمان قىپتۇ، لېكىن ئورنىغا كەلمەپتۇ. بوۋاي بىر كۈنى مومايغا: _ بالىلار بىزگە قارىمىغاندىن كېيىن ئەمدى ئۆزىمىز بىر ئىلاج قىلايلى، - دەپتۇ - دە، بىر ئۆچكە مۈڭگۈزىگە خەت يېزىپ، ئۇنى بىر كىچىك ساندۇقنىڭ ئىچىگە سېلىپ، ئاغزىنى مەھكەم بېكىتىپتۇ. بوۋاي ساندۇقنى نەگە بارسا ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىدىكەن . موماي ئېرىنىڭ بۇ قىلىقىغا ئەجەبلىنىپ: _ بۇ قۇرۇق ساندۇقنى نېمىشقا كۆتۈرۈپ يۈرىلا؟ - دەپت سوراپتۇ _ ھەي، خوتۇن، - دەپتۇ بوۋاي، - بالىلىرىمىز بىزنى مۇشۇ كۈنگە قويدى، ئەمدى بىزمۇ تىرىكچلىكىنىڭ ئامالىنى قىلمايمىزمۇ؟ بۇ ساندۇق سەن بىلەن مېنى ئۆلگۈچە باقىدۇ. بۇندىن كېيىن تالاغا چىقسام، قولۇمغا بەر، ئۆيگە كىرسەم قولۇمدىن ئال. مومايمۇ تېگى - تەكتىنى چۈشەنمەي« ماقۇل» دەپتۇ. بوۋاي ھەركۈنى ساندۇقنى كۆتۈرۈپ شەھەرنى ئايلىنىدىكەن. كىشىلەر بوۋايدىن: _ نېمىشقا بۇ ساندۇقنى كۆتۈرۈپلا يۈرۈلا؟ - دەپ سوراپتۇ. _ بۇ ساندۇقتا ھەم ئۇ دۇنيالىق ھەم بۇ دۇنيالىق راھىتىم بار. شۇڭا دائىم كۆتۈرۈپ يۈرىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ خەۋەر بوۋاينىڭ بالىلىرىغا يېتىپتۇ. ئۇلار ساندۇقتىكى بايلىققا ئېگە بولۇش ئۈچۈن بىر - بىرىدىن يوشۇرۇپ دادىسىغا سوۋغا تەييارلاپتۇ. ئاۋۋال چوڭ ئوغلى نۇرغۇن پۇل ، كىيىم، ئاشلىق ئېلىپ يوقلاپ كەپتۇ ۋە دادىسغا: _ ۋاي دادا، ئەھۋالڭىز قانداق؟ ئىشىمنىڭ تولىلىقىدىن ئۆز ۋاقتىدا يوقلىيالمىدىم، مېنى كەچۈرۈڭ، بۇندىن كېيىن ھەرگىز سىزنى خار قىلمايمەن ھەرگىز سىنى خار قىلمايمەن، تاپقىنىمنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ، - دەپتۇ. _ خۇداغا شۈكرى ، يامان ئەمەس تۇردۇم، ئوغلۇم. يوقلاپ كەلگىنىڭگە رەھمەت، بۇندىن كېيىنمۇ كېلىپ - كېتىپ تۇرغىن، - دەپتۇ بوۋاي. چوڭ ئوغلى كېتىپتۇ، ئەتىسى ئوتتۇرانچى ئوغلى ھال سوراپ كەپتۇ، بوۋاي ئۇنىڭغىمۇ يۇقىرىقى جاۋابمى بېرىپتۇ. ئاخىرىدا سودىگەرچىلىك بىلەن كۈندىن - كۈنگە تېخىمۇ بېيىپ كېتىۋاتقان كەنجى ئوغلى ھەممىسىدىن كۆپ سوۋغا - سالام ئېلىپ كەپتۇ. - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دادا، ئانا، ئەھۋالىڭلار قانداق؟ ئىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، كۆپتىن بېرى ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالالمىدىم، سودىگەرچىلىكنىڭ ئېتى قۇتۇسۇن، بۇنى سىز دەك ئەقلى كامىل ئادەم قىلمىسا، بىزگە بەك قىيىن ئىكەن، - دەپتۇ. _ ياق، - دەپتۇ بوۋاي، - سەنمۇ ياخشى ئوقەت قىلىۋاتىسەن ئوغلۇم، خۇدا بەرىكىتىنى بەرسۇن. ھال - سوراپ كەلگىنىڭگە رەھمەت ، بۇندىن كېيىمۇ كېلىپ - كېتىپ تۇرغىن. شۇندىن تارتىپ ئۈچ ئوغۇل دادىسىنىڭ ساندۇقىدىكى دۇنياغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ھەركۈنى بوۋاينىڭ قېشىدىن كەتمەيدىغان بوپتۇ. ئۇنى ناھايىتى ئىززەت - ئىكرام بىلەن بېقىپتۇ. ئارىدىن يەنە بىر نەچچە ۋاخ ئۆتۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۈچ ئوغۇل بوۋاي بىلەن موماينى ئۆز ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن تەڭلا كەپتۇ، بوۋاي - موماينى تالىشىپ مۇشتلىشىپ قېلىشقا تاسلا قاپتۇ. بوۋاي: - بالىلىرىم، بۇنچىلىك مېھرىبابلىقىڭلار ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ رەھمەت . مەن ئاۋۋال كەنجى ئوغلۇمنىڭكىگە باراي.، ئاندىن ئىككىڭلارنىڭكىگە بارسام قانداق؟ - دەپتۇ. چوڭ ئوغۇللىرى نائىلاج رازى بولۇشۇپتۇ. بوۋاي كەنجى ئوغلىنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. بىر نەچچە كۈن ناھايىتى ياخشى مېھمان بوپتۇ. بىر كۈنى تاماق يەۋېتىپ، كەنجى ئوغلى دادىسىدىن سوراپتۇ: _ سادا ساندۇقتا نېمە بار؟ بالام، مەن ئۆلگەندە سېنى تېنەتمەيدىغان دۇنيا بار، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئوغلى ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولۇپ، دادىسىنى تېخىمۇ ياخشى بېقىپتۇ. كەنجى ئوغلىنىڭ ئۆيىدە بىرھەپتە تۇرغاندىن كېيىن، ئوتتۇرانچى ئوغلىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ، ئوتتۇرانچى ئوغلىمۇ ناھايىتى ياخشى كۈتۈپ، ساندۇقتا نېمە بارلىقىنى سوراپتۇ. ئۇنىڭغىمۇ كەنجى ئوغلىغا بەرگەن جاۋابنى بېرىپتۇ. نۆۋەت چوڭ ئوغلىغا كەپتۇ. چوڭ ئوغلىمۇ ساندۇقتا نېمە بارلىقىنى بىلەلمەي ئىچى تىت - تىت بولۇپ يۈرىدىكەن. بىر كۈنى بوۋايدىن سوراپتۇ؛ _ دادا، ساندۇقتا نېمە بار؟ بوۋاي: _ ئوغلۇم، نېمە بولاتتى، سېنى باقىدىغان دۇنيا بار، سىلەر قېرىغاندا مەندەك كۈنگە قالمىسۇن دەپ غېمىڭلارنى يەپ، بۇنى يىغىپ قويدۇم. مەن ئۆلگەندە سىلەرگە قالىدۇ، شۇ چاغدا بۇ ساندۇقنى ياخشى ساقلاڭلار. بالىنىڭ چوڭى سەن، بۇنى قۇلاقتا مەھكەم تۇت، - دەپ نەسىھەت قىلىپ، ئۆيىگە كېتىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بوۋاي ئاغرىپ قاپتۇ. بۇ قېتىم ساقىيىشىغا كۆزى يەتمەي ئۈچ ئوغلىنى يېنىغا چاقىرتىپ: _ بالىلىرىم، مەن ئەمدى بۇ كېسەلدىن ساقىيالمايدىغان ئوخشايمەن. ئاناڭلارغا ياخشى قاراڭلار. مېنىڭ ساندۇقۇمدىكى دۇنيانى ئۇرۇش - تالاش قىلماي ئۈچىڭلار تەڭ بۆلۈۋېلىڭلار،- دەپ نەسىھەت قىلىپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئۈچ ئوغۇل ناھايىتى كۆپ پۇل خەجلەپ دادىسىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىپتىپتۇ. قىرقى نەزىرىدىن كېيىن ئۈچ ئوغۇل ساندۇقتىكى «دۇنيانى» بۆلۈش ئۈچۈن قازاخۇنۇمنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ: قازى ساندۇقنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر ئۆچكە مۈڭگۈزىنى ئاپتۇ. مىراسخورلار مۈڭگۈزنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ. قازاخۇنۇم: _ توختاڭلار، دۇنيا مۈڭگۈزنىڭ ئىچىدە ئوخشايدۇ، دەپ ئىچىگە قارىسا ھېچنېمە كۆرۈنمەپتۇ، ئۇياق - بۇياق ئايلاندۇرۇپ سىنچىلاپ قارىسا مۈڭگۈزگە «كىمكى مال - مۈلكىنى ۋاپاسىز بالىلىرىغا بۆلۈپ بەرسە ئۆزى خارلىقتا قالىدۇ»دەپ يېزىلغانىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ ئوغۇل دادىسىغا قىلغان ۋاپاسىزلىقلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، ئانىسىنى ناھايىتى ئوبدان باققانىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق