ھېلىم بوۋاي
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا ئۆتكەن بىر پادىشاھنىڭ دەۋرىدە ئۇرۇش - جېدەل تولا بولۇپ، خەلققە ئاراملىق بولماپتۇ.
ئۇرۇش چىقىملىرىغا پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ بۇزۇپ - چېچىشلىرى قوشۇلۇپ خاننىڭ خەزىنىسىنى خورىتىپتۇ. خانلىق بوش قېلىۋاتقان خەزىنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ھالى قالمايۋاتقان پۇقرالىرى ئۈستىدىكى ھەر خىل سېلىقلارنى ئاشۇرۇپتۇ. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ھېلىم بوۋاي دېگەن ياشانغان بىر كىشىشى يالغۇز تۆگىسىگە ئىككى تاغار ئارتىپ، تاغ يولىنىڭ ئەگىم تولغۇم تارچۇقىدىن يېتىلەپ چىقىشىغا خاننىڭ باجگىرى جاپپارغا يولۇقۇپتۇ. ھېلىم بوۋاي جاپپار بەگكە سالام بېرىپ، ئۆز يولىغا مېڭىپتۇ. ئەمما جاپپار بەگنىڭ سوئالى بوۋاينى گاڭگىرىتىپ قويۇپتۇ.
- بۇ تۆگىنى باجلاتتىڭمۇ؟
- قوشنىلارنىڭ ئوزۇقىنى تۈگمەنگە ئېلىپ كېتىۋاتىمەن.
ھوي ھاڭۋاقتى قېرى! تۈگمەن بىلەن كارىم نېمە! بۇ تۆگىنى باجلاتقان باج خېتىڭ بارمۇ دەيمەن.
- خوش بېگىم، بۇ ئىشنى بىلمىدىم ۋە سۆزلىرىنى ئاڭقىرالمىدىم.
- ھە؟ سەن بۇ تۆگىنى قاچاندىن باجلاتماي كەلدىڭ؟
- بېگىم، مېنى ئەپۇ قىلسىلا، مەن قېرى ئادەم، ئوقۇمىغان.
- سېنىڭ يېشىڭ بىلەن كارىم يوق! زادى بۇ تۆگە كىمنىڭ؟
- خوش بېگىم، سۆزلىرىگە ئەمدى پەم قىلدىم، تۆگە ئۆزۈمنىڭ.
- بۇڭ تۆگە قاچاندىن تارتىپ سېنىڭ؟
- خوش بېگىم، مېنىڭ دۇنيالىقتا مۇشۇ تۆگەم، بىر ئېشىكىم، ئۈچ بالام بىلەن ئايالىم بار. مەن بۇ يالغۇز تۆگىنى قىرىق يىلدىن بۇيان ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىپ، تاغ - داۋانلاردا يېتىلەپ، قولۇم - قوشنىلىرىمنىڭ يۈك - تاقىلىرىنى يۆتكەپ، ئوتۇن - پوتۇنلىرىنى توشۇپ بېرىپ كۈن ئېلىپ كېلىۋاتىمەن.
- خوش، سەن شۇ قىرىق يىلدىن بۇيان خانلىققا بىرەر قېتىممۇ تۆگە ئۈچۈن باج تۆلىمىدىڭ؟
- يوقسۇ بېگىم، شۇ يېشىمغىچە ئارزۇ قىلىپمۇ پادىشاھىمىزنى بىرەر قېتىممۇ كۆرەلمىدىم.
بوۋايغا تىل ئۇقتۇرالمىغان باجگىرنىڭ تولىمۇ ئوغىسى قايناپ، دەرھال قىرىق يىللىق باجنى ھېسابلاشقا كىرىشىپتۇ. نەتىجە شۇ بوپتۇكى، ھېلىم بوۋاي تۆگىنى، ئېشىكىنى ۋە قالمىش نەرسە - كېرەكلىرىنى ساتىسىمۇ شۇ بىر تۆگىنىڭ قىرىق يىللىق بېجىنى تۆلىيەلمەيدىكەن!
جاپپار شۇ كۈنىلا بىچارە ھېلىم بوۋاينىڭ تۆگىسى بىلەن قوشۇپ قاماققا ئېلىپ قويۇپ، «قىرىق يىلدىن بۇيان خانلىقنىڭ بېجىغا خىيانەت قىلغان چوڭ بىر باج ئوغرىسىنى قولغا چۈشۈردۈم...» دەپ مەلۇم قىپتۇ.
بۇ شىكايەتنى ئاڭلىغان پادىشاھ ھېلىم بوۋاينى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىپتۇ.
ھېلىم بوۋاي خاننىڭ بۇ ھۆكۈمىنى ئېلان قىلغان ۋەزىرگە پادىشاھنىڭ ئۆزىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغىنىغا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بولۇپ:
- ئەگەر پادىشاھنى ئالەم رۇخسەت قىلسا، ئۆزۈم قىرىق يىل يېتىلىگەن، خۇدانىڭ جانىۋارى - تىلسىز بىچارە تۆگەمدىن رازىلىق ئېلىپ ۋىدالىشىۋالسام، - دەپتۇ.
بۇ تەلەپنى ئاڭلىغان شاھ ماقۇل كۆرۈپتۇ. بۇ ئارىدا قىرىق كۈن ئۆتۈپتۇ. ھېلىم بوۋاي بىلەن تەڭ قامالغان تۆگە قاراڭغۇ ئۆيدە ئۇسسۇزلۇق، ئاچلىق ئازابىدا ھالىدىن كېتىپتۇ. تۆگىنىڭ شۇ ھالىنى كۆرگەن ھېلىم بوۋاي تۆگىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ، ئەپۇ سوراپ مۇنداق دەپتۇ:
- ئى خۇدانىڭ تىلسىز مەخلۇقى، مەندىن رازى بولغىن، مۇڭدىشىم ئىدڭ، سىردىشىم ئىدىڭ. سېنى قىرىق يىل يېتىلەپ ئېگىز تاغلار، تىك داۋانلاردىن ئۆتتۈم. ئۇ چاغلاردا سەن تايلاق ئىدىڭ، مەن بولسام بىر نادان بالا ئىدىم، سېنى ئاچ - توقمۇ قويدۇم، ئۇزاق - ئۇزاق ئۇسسۇزمۇ قويدۇم. ئېغىر يۈكلەرنى ئارتتىم. سېنى كۆندۈرگىچە گاھى ئۇرۇپ، گاھى ھاقارەتلىدىم. ساڭا ئەمدى قارىيالمايدىغان بولدۇم. مەندىن رازى بول...
بوۋاي يىغلاپ تۇرۇپ تۆگىسىنى قۇچاقلاپ، تۆگىنىڭ بېقىنلىرىغا قولىنى نىقتاپتۇ. بېقىنلىرىنىڭ ئاغرىقىغا چىدىيالمىغان تۆگە بېشىنى ئېگىپ ۋارقىراپتۇ. تۆگىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ، نالىسىنى ئاڭلاپ تۇرغان پادىشاھ ئەمەلدارلىرى ھەيران بولۇشۇپ ھېلىم بوۋايدىن سوراپتۇ:
- بۇ نېمە گەپ؟ تۆگە نېمە دەيدۇ؟
- قىرىق كۈندىن بۇيان ئۇسساپ كەتتىم دەيدۇ، - دەپتۇ ھېلىم بوۋاي. قاراپ تۇرغان بەگلەر تۆگىگە دەرھال سۇ بېرىشنى بۇيرۇپتۇ.
ئىككى سوغا سۇنى سۈمۈرۈۋالغان بىچارە تۆگە ھۇزۇرلىنىپ بېشىنى ئۇيان - بۇيان تولغاپ «ھۈف...» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان بەگلەر:
- تۆگە ئەمدى نېمە دەۋاتىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ھېلىم بوۋاي:
- سۇغا تېخى قانمىدىم، دەۋاتىدۇ، - دەپتۇ. بەگلەر تۆگىنى قانغىچە سۇغىرىشنى بۇيرۇپتۇ. ھېلىم بوۋاي ئىككى سوغىنى قايتا سۇغا تولدۇرۇپ كېلىپ تۆگىنىڭ ئالدىغا قويغاندىن كېيىن ، سۇغا قانغان تۆگىنى قۇچاقلاپ بېقىنلىرىغا نوقۇپ، يەنە رازىلىق سوراپتۇ. تۆگە بېقىنلىرىغا سانجىلغان بېگىزنىڭ ئازابىدىن قاقشاپ، كۆزلىرىدىن مونچاق - مونچاق ياش تۆكۈشكلە باشلاپتۇ. سۇ ئىچكەندىن كېيىن تۆگىنىڭ كۆزىدىن سۇ تامچىسى تۆكىلىدىغانلىقىنى كۆرمىگەن بەگلەر ھەيران بولۇپ ھېلىم بوۋايدىن:
- بۇ تۆگە ئەمدى نېمە دەۋاتىدۇ؟ بېشىنى نېمىشقا چايقايدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ھېلىم بوۋاي:
- «سېنى ئۆلتۈرمىسۇن، پادىشاھ ئالىيلىرىغا ئېيتىڭلار پادىشاھ ئادىل، رەھىم قىلسۇن. سېنى ئۆلتۈرسە، ئۆيۈڭدە قالغان ئايالىڭ، ئۈچ بالاڭ ۋە قېرى ئېشىكىڭنى كىم باقىدۇ؟ سېنىڭ ئۈچۈن پادىشاھ ئالەم مېنى ئۆلتۈرسۇن» دەۋاتىدۇ، - دەپتۇ. قەھرى ئۇچقان باجگىر غەزىپىنى باسالماي ئوقتەك ئېتىلىپ كېلىپ تۆگىگە قول شىلىتىپ:
- يالغان، يالغان، يالغان، بۇ مۇتەھەم، نائىنساپ پادىشاھ ئالىيلىرىغا ھاقارەت كەلتۈرۈۋاتىدۇ، - دەپ ۋارقىراپتۇ. باجگىرنىڭ قول پۇلاڭشىتىشلىرىدىن ئۈركىگەن تۆگە تېخى ھازىرلا ئىچكەن سۇنى قاتتىق پۇرقۇپ، باجگىرنىڭ يۈر - كۆز، كىيىم - كېچەكلىرىنى رەسۋايى ئەزىم قىپتۇ. شۇ پۇرسەتتە ھېلىم بوۋاي تۆگىگە يېپىشىۋېلىپ يالۋۇرۇپ تۇرۇپ، تۆگىنىڭ بېقىنلىرىغا بېگىز سانجىپتۇ. تۆگە بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ زارلىنىشقا باشلاپتۇ. شۇ چاغقىچە تاقەت بىلەن قاراپ تۇرغان ئوردا بەگلىرى بوۋايدىن تۆگىنىڭ يەنە نېمە دېگەنلىكىنى سوراپتۇ.
ھېلىم بوۋاي:
- خان ھەزرەتلىرىنىڭ بۇ ئادىل ھۆكۈمىگە رازى بولساممۇ بولايلى، لېكىن سېنىڭ بىر گۇناھىڭنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن. قىيامەتتە خۇدا قازى بولۇپ سوئال سورىغان مەشھەر كۈنى مەن دەۋا قىلىمەن. ئادىل پادىشاھنىڭ بېجىنى تۆلىيەلمىگەن گۇناھىڭ ئۈچۈن سەن بۈگۈن ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇپسەن. بۈگۈن مەن سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭدىن رازى بولساممۇ، مۇنۇ بىر ئىشىڭنى كەچۈرمەيمەن، گۇناھىڭ شۇكى، ئەڭ قاتتىق سوغۇق كۈنلەردە سەن ئۆزۈڭدىكى بارلىق ھوقۇقنى ئېشەككە ئەمەس، ئېشەكنىڭ قويرۇقىغا تاپشۇردۇڭ، مېنى ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىغا چېتىپ قويدۇڭ. مانا ھازىر بولسا، باجگىرنىڭ تۆھمىتى تۈپەيلى دانا - ئاقىل ۋە ئالىي پادىشاھىم سېنى ئۆلۈمگە بۇيرۇدى. مانا بۇ خۇددى شۇ ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىغا بېرىلگەن ئالىي ھوقۇققا ئوخشاش، دەيدۇ، - دەپتۇ.
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئوردا بەگلىرى ھېلىم بوۋاينى «ھېكىمەت ئىگىسى، بىر زات ئىكەن» دەپ، پادىشاھقا دەرھال دادقا بېرىپتۇ. بەگلەر كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى خانغا دوكلات قىلىشىپ، ھېلىم بوۋاينىڭ تىلسىز ھايۋانلار بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان ئۇلۇقلۇقى بىلەن كارامەتلىرى ھەققىدە بەس - بەس بىلەن خانغا دوكلات قىلىشىپتۇ. پادىشاھ «كۆلنىڭ سۈيىنى بۇلغىغان ئۆردەكنىڭ كۆتىكەن» دەپ، باجگىر جاپپار بەگنى دەرھال ئۆلۈمگە بۇيرۇپتۇ.