ئىككىدىن تۇخۇم
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئۆتكەن زاماندا جەرۇللا بىلەن خەيرۇللا دىگەن ئىككى يىگىت بىر باينىڭ ئۆيىدە يىللىقچى بولۇپ ئىشلەيدىكەن. ئۇلار كۈندۈزى ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىنى قىلسا، كېچىسى ئېغىلدا مال بىلەن بىرگە ياتىدىكەن.
جەرۇللا بىلەن خەيرۇللا ئەتىدىن كەچكىچە ئارام ئالماي ئىشلەيدىكەن، شۇنداق بولسىمۇ باينىڭ خوتۇنى رازى ئەمەس ئىكەن. ئۇ جەرۇللا بىلەن خەيرۇللانى ئالداپ - سالداپ كۆپرەك ئىشلىتىشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ.
بىر كۈنى يېرىم كېچىدە باينىڭ خوتۇنى ئېغىلغا كىرىپ، جەرۇللانى ئويغىتىپتۇ - دە:
- جەرۇللا پاققان تۇر، ئۆيگە كىر، مېنىڭ ساڭا سۆزۈم بار، - دەپتۇ.
جەرۇللا ئويغىنىپتۇ، ھاڭ - تاڭ بىلەن باينىڭ ئۆيگە كىرىپتۇ. باينىڭ خوتۇنى پىشۇرۇلغان ئىككى تۇخۇمنى ئۇنىڭغا بېرىپ:
- سەن نەچچە كۈندىن بېرى ھاردىڭ، چارچىدىڭ، بۇنى چاققان يەپ، تېزرەك ئىشڭغا ماڭ، ھە راسىت. بۇ سىرنى خەيرۇللاغا ئېيتما! - دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن جەرۇللا تاڭ ئاتماستىن ئۆي ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، ئېتىزغا بېرىپ، قوناق چاناشقا مەجبۇر بوپتۇ.
باينىڭ خۇتۇنى يەنە ئىككى تۇخۇم پىشۇرۇپ، ئېغىلغا كىرىپ خەيرۇللانى ئويغىتىپ:
- جەرۇللا ئىشقا كەتتى، سەن ياتامىسەن؟ - دەپتۇ ۋە ئۇنىمۇ شۇ تەقلىتتە ئىشقا كۆندۈرۈپتۇ.
- شۇندىن باشلاپ ئۇلار بايغا ئەنە شۇنداق ئىشلەۋېرىپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر كۈنى تۇخۇم يەۋاتقانلىقىنى سىر قىلىپ يۈرۈشۈپتۇ. بىر يىلمۇ ئۆتۈپتۇ.
بىر كۈنى جەرۇللا خەيرۇللاغا:
- خوجايىننىڭ خوتۇنى بىزگە يامان قىلمىدى جۇمۇ، جاپا تاتساقمۇ كۈندە ئىككىدىن تۇخۇم بېرىپ تۇردى، بۇ نىمە دىگەن ياخشىلىق؟ - دەپتۇ. خەيرۇللا بۇنى ئاڭلاپ ھەريران قاپتۇ ۋە:
- ئۇ ساڭىمۇ ئىككى تۇخۇم بېرىپ تۇرغانمىدى؟ قارا بۇنى! - دەپتۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇلار ئىشنىڭ تەكتىنى ئۇقۇپتۇ.
ئەتىسى باينىڭ خوتۇن جەرۇللا بىلەن خەيرۇللانىڭ ھېساب، كىتابىنى قىلىپتۇ. ئۇلارنىڭ ھەر - بىرىدىن ئوتتۇز بەش جىڭدىن بۇغداي تۇتۇۋېلىپ: «بۇنى تۇخۇم پۇلى ئۈچۈن تۇتۇۋلدىم» دەپتۇ.
بۇنىڭغا ئۇلار ناھايىتى خاپا بولۇشۇپتۇ.
نىجىس خوتۇننىڭ قۇرغان قاپقىنىغا چۈشكەنلىكىگە بەكمۇ ئېچىنىپتۇ ۋە ئاخىرى مۇنداق قوشاق توقۇپتۇ:
باينىڭ خوتۇنى،
زەھەردۇر دىلى،
بىزنى ئالدىدى.
جادىگەر قېرى.