UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقگۆھەر تۇغىدىغان توخۇ

گۆھەر تۇغىدىغان توخۇ

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن بۇرۇنسىدا بىر ئوتۇنچى ئۆتكەنىكەن، ئۇنىڭ خوتۇنى ۋە ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. ئوتۇنچى بىر كۈنى جاڭگالدا ئوتۇن كېسىۋاتسا ئالدىدىن بىر توخۇ چىقىپ قاقاقلاپ قېچىپ كېتىپتۇ. ئوتۇنچى ئالدىغا قارىسا، بىر توخۇنىڭ ئۇگىسى تۇرۇپتۇ. ئۇگىدا بىر تۇخۇم يالتىراپ تۇرغان، ئوتۇنچى ھېلىقى تۇخۇمنى ئېلىپ، قوينىغا ساپتۇ - دە، كېيىن ئوتۇنلىرىنى ئېشىكىگە ئارتىپ شەھەرگە كىرىپتۇ. ئوتۇننى سېتىپ، پۇلىغا تۆت نان ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىۋاتقىنىدا، كۆزى بىر دوكاننىڭ ئالدىدا ئېسىقلىق تۇرغان ئالتۇن قەپەسگە چۈشۈپتۇ. ئوتۇنچى ھېلىقى قەپەسگە زەڭ قويۇپ قارىغۇدەك بولسا، ئۇنىڭ ئىچىدە خۇددى ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاش بىر تۇخۇم يالتىراپ تۇرغىدەك. ئۇ ئىچىدە: >ئەجەپ مېنىڭ تۇخۇمۇمغا ئوخشايدىكىنا< دەپ، بىر قوينىدىكى تۇخۇمغا، بىر پەقەسدىكى تۇخۇمغا قاراپ تۇرۇپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن ھېلىقى قەپەسنىڭ ئىگىسى ئوتۇنچىغا: - ھە، نېمىشقا قەپەسنى بويلاپ قالدىڭ؟ - ئوغرىمۇ سەن؟ كەت نېرى! - دەپ ۋارقىراپتۇ. - يوغسۇ بايۋەچچە، - دەپتۇ ئوتۇنچى، - قەپەسنىڭ ئىچىدىكى تۇخۇم مېنىڭ تۇخۇمۇمغا ئوخشاپ تۇرىدۇ، سېلىشتۇرۇپ بېقىۋاتىمەن. بۇنى ئاڭلىغان بايۋەچچە ھەيران بولۇپ: - قېنى ئېلىپ باقە، مەن كۆرۈپ باقاي، - دەپتۇ. ئوتۇنچى كۆرسىتىپتۇ. بايۋەچچە شۇ يەردىلا ئوتۇنچىغا خۇشامەت قىلىپ، ئۆيىگە باشلاپ كىرىپتۇ. - بۇنى ماڭا سېتىپ بېرىڭ، - دەپ يېپىشىۋاپتۇ بايۋەچچە. - بوپتۇ ساتسام سايات، - دەپتۇ ئوتۇنچى. - قانچە بېرەي؟ - ئۆزىڭىز بىلىپ بېرىڭ. مىڭ تەڭگە بەرسەم قانداق؟ ئوتۇنچى ھەيران بولۇپ: - ئادەمنى زاڭلىق قىلماڭ، - دەپتۇ ئۇنىڭغا. بايۋەچچە ئۆز كۆڭلىدە >بەلكى بۇنى ئاز دەۋاتسا كېرەك< دەپ ئويلاپ: - بوپتۇ، بىر يېرىم مىڭ تەڭگە بېرەي، - دەپتۇ. - زاڭلىق قىلماڭ، دەپتۇ ئۇ تۇخۇمنىڭ سىرىنى بىلمىگەن ئوتۇنچى، - راست ئالىدىغان ئىشىڭىز بولسا، ئۆزىنىڭ باھاسىنىلا ئېيتىڭ. بايۋەچچە ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ، ئىككى مىڭ تەڭگىگە چىقىپتۇ. ھەيران بولغان ئوتۇنچى: - قېنى ئەكىلىڭ پۇلىڭىزنى، - دەپتۇ. بايۋەچچە دەرھال ئىككى مىڭ تەڭگىنى ساناپ بېرىپ، ئوتۇنچىنى يولغا ساپتۇ. بايۋەچچە ئىچى - ئىچىدىن خوشال بولۇپتۇ. سەۋەبى، بايا ئۇ تۇخۇم ئەمەس، بەلكى گۆھەر سېتىۋالغانىكەن. ئوتۇنچى ئۆيىگە بېرىپ، بولغان ئەھۋالنى خوتۇنىغا ئېيتىپ، ئىككى مىڭ تەڭگىنى يانچۇقىدىن چىقارغاندا، خوتۇنى ھەيران بولۇپ: - ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ئوتۇنچىلىقنى تاشلاپ، ھەر كۈنى شۇ تۇخۇمدىن ئەكىلىپ ساتسىلا، پات ئارىدا باي بولۇپ كېتىمىز، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. خوتۇنىنىڭ بۇ مەسلىھەتى بىلەن ئوتۇنچى ھەر كۈنى جاڭگالغا بېرىپ، ھېلىقى گۆھەر تۇخۇمدىن بىرنى ئەكىلىپ سېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ناھايىتى باي بولۇپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى خوتۇنى مۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ: - ئەمدى ھەر كۈنى گۆھەر تۇخۇم ئەكىلىمەن، دەپ ئاۋار بولغۇچە، شۇ توخۇنىڭ ئۆزىنىلا تۇتۇپ ئەكەلسىلە، ئۆيدە تۇغدۇرىلى. ئوتۇنچى خوتۇنىنىڭ بۇ مەسلىھەتىنى ماقۇل كۆرۈپ، جاڭگالدىن ھېلىقى توخۇنى تۇتۇپ ئۆيىگە ئەكەپتۇ. توخۇ ھەر كۈنى ئۆيدە بىردىن گۆھەر تۇغۇۋېرىپتۇ. ھەر كۈنى گۆھەرنى سېتىۋېلىپ تۇرغان بايۋەچچە ئوتۇنچىنىڭ بۇ سىرىنى بىلىشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ. ئاخىرى ئوتۇنچىنىڭ گۆھەر تۇغىدىغان توخۇسى بارلىقىنى بىلىپ، ئۇنى قولغا چۈشۈرۈش قەستىدە بوپتۇ. بايۋەچچە بىر كىتابتىن: >كىمىكى گۆھەر تۇغىدىغان توخۇنىڭ بېشىنى يېشە پادىشاھ، قانىتىنى يېسە ۋەزىر بولىدۇ< دېگەن گەپنى كۆرگەنىكەن. بايۋەچچە شۇ توخۇنى يېيىش ئۈچۈن ئوتۇنچىنىڭ خوتۇنىنى ئازدۇرۇشقا باشلاپتۇ. ئوتۇنچىنىڭ خوتۇنى ياش ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلى كۆپىيىپ، قېرى ئوتۇنچىدىن كۆرە ياش يىگىتلەر بىلەن كەيپ - ساپا قىلىش نىيتىگە كەلگەنىكەن. خوتۇننىڭ بۇ نىيىتى بايۋەچچىگە تازا ئەپ كەپتۇ. ئاخىر بايۋەچچە بۇ خوتۇن بىلەن ئاشنا بوپتۇ، لېكىن ئوتۇنچىنىڭ ئۆيدە بولۇشى بايۋەچچىنىڭ ھېلىقى توخۇنى يېيىش قەستىگە يار بەرمەپتۇ. بىر كۈنى ئوتۇنچىنىڭ خوتۇنى بايۋەچچىنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى بويىچە ئېرىگە: - ئەمدى، خۇدايىم شۇنچە كۆپ دۇنيا بەرگەندىن كېيىن شۇنىڭ شۈكرانىسىغا بىر ھەج قىلىپ كەلسىلە، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. ئوتۇنچى ئويلاپ قارىغۇدەك بولسا، خوتۇنىنىڭ بۇ مەسلىھەتى دۇرۇس. ئارتۇق ئىككىلەنمەي تەرەددۇتلىنىپ ھەرەمگە كېتىپتۇ. ھىيلىگەر بايۋەچچە ئاخىرى بۇ خوتۇننى ئۆزىگە رام قىلىۋالغاندىن كېيىن خوتۇننى نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىدىغان يەرگە يەتكۈزۈپتۇ. بايۋەچچە بىر كۈنى خوتۇنىغا: - ئەگەر مېنى رازى قىلىمەن، ئۆمۈرلۈك ئاشنا قىلىمەن دېسىڭىز توخۇيىڭىزنى سويۇپ، بېشى بىلەن قانىتىنى ماڭا يېگۈزۈڭ. ئەگەر ماقۇل بولمىسىڭىز، ماڭا قىلمايسىز، ئۆزىڭىزگە قىلىسىز، - دەپ قورقىتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان خوتۇن ئالدىدا غەمگە پېتىپتۇ: بۇ شەرتنى ئورۇنداش بىر قىيىن، ئورۇندىماسلىق ئاندىن قىيىن. ئاخىر بايۋەچچىنى ئاشنىدارچىلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، >مەيلى ئۆلتۈرسەم ئۆلتۈرەي، دۇنيامۇ كۆپىيىپ قالدىغۇ< دېگەن يەرگە كەپتۇ - دە، توخۇنى سويۇپ، بايۋەچچىنى ئۆيگە باشلاپ ئەكەپتۇ. ئوتۇنچىنىڭ خوتۇنى ئېرى ھەرەمگە كەتكەندىن كېيىن بىر قۇلمۇ سېتىۋالغانىكەن. ئۇ توخۇنى قازانغا سېلىپ، قۇلغا ئوت قالىغۇزۇپ، ئۆزى سارايدا بايۋەچچە بىلەن ئەيش - ئىشرەتكە چۈشۈپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن، ئىككى بالىسى مەكتەپتىن قايتىپ كەلسە، قازاندا بىر نەرسە قايناۋاتقان، قورسىقى ئېچىپ تۇرغان بالىلار تۇۋاقنى ئېچىپ قارىسا، قازاندا توخۇ گۆشى تۇرغان. دەررۇ توخۇنىڭ بېشىنى، قانىتىنى يەپتۇ، سول قانىتىنى بولسا قۇلغا بېرىپتۇ. بىر چاغدا خوتۇن چىقىپ قازاندا قالغان گۆشلەرنى تاۋاققا ئېلىپ، بايۋەچچىنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپتۇ. بايۋەچچە قارىسا توخۇنىڭ بېشى بىلەن قانىتى يوق. ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ: - قېنى بۇنىڭ بېشى بىلەن قانىتى؟! بېشى بىلەن قانىتى بولمىسا، نېمە قىلىمەن بۇنى؟! ئاچىقىپ ئىتقا تاشلاپ بېرىڭ! - دەپتۇ. ھەيران بولغان خوتۇن دەررۇ چىقىپ قۇلىدىن سوراپتۇ. ئۇ: - يېڭىراقتا ئىككى ئوغۇللىرى كېلىپ بېشى قانىتىنى يەپ كەتتى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنى ئۇققان بايۋەچچە بەك تېرىكىپتۇ. كېيىن ئۆز ئۆزىگە: >توختا، كىتابتا ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسا، شۇنىڭ بېشى بىلەن قانىتىنى يېگەن ئادەمنىڭ يۈرىكىنى يېسىمۇ بولىدۇ. دېگەنىكەن. ھېلىمۇ بولسا شۇنداق قىلاي< دەپتۇ - دە، خوتۇنغا: - ئۇنداق بولسا شۇ ئىككى بالىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ، يۈرىكىنى ماڭا يېگۈزۈڭ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسڭىز چاتاق، - دەپ شەرت قويۇپتۇ. ئىلاجىسىز خوتۇن ئاخىر بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپتۇ. دەررۇ قۇلىغا: - سەن بېرىپ، ئىككى بالامنى شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر چۆلگە ئېلىپ چىقىپ ئۆلتۈرۈپ، يۈرىكىنى ئېلىپ كەل. ئەگەر مۇشۇ ئىشنى ئورۇندىساڭ قۇللۇقتىن ئازاد قىلىمەن، بولمىسا ئۆزۈڭنى ئۆلتۈرىمەن! - دەپتۇ. قۇل >ماقۇل< دەپ، ئىككى بالىنى باشلاپ، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر چۆللۈككە ئاپىرىپتۇ، بالىلار ھەيران بولۇپ سوراپتۇ: - بىزنى نەگە ئاپىرىسەن؟ نېمە قىلىسەن؟ قۇل بالىلارغا ئانىسىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ - دە، ئۆزىنىڭ شۇ يەردە كۆڭلى بۇزۇلۇپتۇ. ئىچىدە: >بۇ بالىلاردا نېمە گۇناھ بار؟ مەيلى، قۇللۇقتىن ئازاد قىلمىسىمۇ قىلمىسۇن، ئۆلتۈرسىمۇ مېنى ئۆلتۈرسۇن، بۇ ياش بالىلار كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرسۇن< دەپ ئويلاپتۇ - دە، كۆڭلىدىكىنى بالىلارغا ئېيتىپتۇ. بالىلار: - ئانداق بولسا، سەنمۇ بىكاردىن - بىكار ئۆلۈپ كەتمە، ئىككى كۈچلۈك تاپايلى، شۇنى ئۆلتۈرۈپ يۈرىكىنى ئاپىرىپ بەرسەڭ، سەنمۇ قۇتۇلىسەن، - دەپتۇ. قۇلىمۇ ماقۇل بوپتۇ. ئۈچەيلەن ئىككى كۈچۈكنى تېپىپ ئۆلتۈرۈپتۇ، قۇل ئىككى كۈچۈكنىڭ يۈرىكىنى ئېلىپ قايتىپ كېتىپتۇ. ئىككى بالا: >بىز ئەمدى ئۆيىمىزنى ئۇنتايلى، مۇشۇ كۆرۈنگەن تاغقا قاراپ ماڭايلى، باشقا بىر يۇرتقا بېرىپ جېنىمىزنى جان ئېتىلى< دەپ يولغا راۋان بوپتۇ. ئاكا - ئۇكا ئىككىسى يول يۈرۈپ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ، چۆللۈكلەرنى بېسىپ نەچچە تاغلارنى ئېشىپ، بىر يەرگە - ئىككى ئاچا يولنىڭ ئاغزىغا كېلىپ توختاپتۇ. قارىسا بىر يولدا >بارسا كېلەر<، يەنە بىرسىدە >بارسا كەلمەس< دېگەن خەت يېزىلغان تاختاي تۇرغۇدەك. ھەر ئىككىسى بېشىمىزغا كەلگەننى كۆرەيلى دېيىشىپ، كىچىكى >بارسا كەلمەس<، چوڭى >بارسا كېلەر< دېگەن يولغا چۈشۈپ مېڭىپتۇ. ئاكىسى بىر قانچە ئاي جاپالىق يوللارنى بېسىپ، بىر شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، شەھەردە ئادەم دىدارى يوق، ھەممىلا ئادەم شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن بالىمۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپتۇ. ئەتراپقا نەزەر سالسا، كەڭ تۈزلەڭلىكتە مىغ - مىغ ئادەم ئاسمانغا قارىشىپ تۇرغان. بالا ئاسمانغا قارىسا، بىر قۇش ئادەملەرنىڭ بېشىدا ئايلىنىپ ئۇچۇپ يۈرگۈدەك. ئادەملەرنىڭ بەزىسى قوللىرىدا ئۆپكە، بېغىرغا ئوخشاش نەرسىلەرنى پۇلاڭلىتىپ، قۇشقا قاراپ >كەھ كەھ< دېيىشىۋاتقان. بالا ھەيران بولۇپ، سۈرۈشتۈرۈپ بۇ ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى چۈشىنىپتۇ: بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھسى يېقىندا ئۆلگەنىكەن، لېكىن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان بىرمۇ پەرزەنتى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن پادىشاھ ئۆلەر ۋاقتىدا: >سارىيىمدىكى بەخت قۇشىنى ئۇچۇرۇڭلار، قۇش كىمنىڭ بېشىغا قونسا، شۇ پادىشاھ بولسۇن< دەپ ۋەسىيەت قىلغانىكەن. بۈگۈن بولسا پادىشاھنىڭ شۇ ۋەسىيىتى بويىچە قۇشنى ئۇچۇرۇپ، ھەر كىم ئۆز بەختىنى سىناش ئۈچۈن بۇياققا چىققانىكەن. بالا بىر چاغدا ئاسمانغا قارىسا قۇش ئۇنىڭغا قاراپ شۇڭغۇپ كېلىۋاتقان. ئادەملەر قۇشنى نەگە قوناركىن دەپ، كۆزىنى ئۈزمەي قاراپتۇرۇپتۇ. قۇش شۇڭغۇپ كەلگەن پېتى بالىنىڭ بېشىغا قونۇپتۇ. بالا >پادىشاھلىقنى مەن قىلاي< دەپ قۇشنى بېشىدىن ئېلىپ ئۇچۇرۇۋېتىپتۇ. باشقىلار بالىغا ھەيران بوپتۇ. ھېلىقى قۇش ئايلىنىپ كېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا يەنە قۇنۇپتۇ. بالا يەنە ئۇچۇرۇۋېتىپتۇ. ئۈچىنچى قېتىم يەنە كېلىپ قونغاندا، كىشىلەر بالىنى مۇبارەكلەپ، ئۇنىمىغىنىغا قويماي پادىشاھلىققا ئولتۇرغۇزۇپتۇ. بۇ ئىش مۇشۇ يەردە تۇرۇپتۇرسۇن. بىز ئەمدى گەپنى ئۇنىڭ ئىنىسىدىن ئاڭلايلى: - ئىنىسى ھېلىقى >بارسا كەلمەس< يولغا مېڭىپ، ئاۋۋال قېلىن بىر جاڭگالنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ، ئۇنىڭدىن چىقىپ بىر قورقۇنچلۇق تاغنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ئۇنىڭ ئالدىدىلا بىر يەردىن قىپقىزىل ئوت كۆتۈرۈلۈپ، كېيىن شۇ ئوت چىققان يەردىن بىر نەرسە ئۇنى دەم تارتىپتۇ. بالا بوراندا ئۇچقان قامغاقتەك دومىلاپ بىر غارنىڭ ئاغزىغا كېلىپ قاپتۇ. ئۇ ئېسىنى يىغىپ شۇنداق قارىسا، ئالدىدا بېشى داش قازاندەك، يوغانلىقى قېرى توغراقتەك، ئۇزۇنلۇقى قىرىق غۇلاچ كېلىدىغان بىر ئەجدىھا تۇرغىدەك. ئەجدىھا شۇ زامان قوزغىلىپ، تاغ باغرىدىكى ئۆيدەك بىر تاشنى يۆتكىگەنىكەن، ئۇ يەردىن بىر غار ئېچىلىپتۇ، ئەجدىھا بالىنى ھەيدەپ غارنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپتۇ. بالا كىرىپ قارىسا، غارنىڭ ئىچى تۈرلۈك جان - جانىۋار ۋە ئادەملەر بىلەن تولغان ئەسلىدە بۇلار ئەجدىھانىڭ يەيدىغان ئوزۇقلىرى ئىكەن. ئەجدىھا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئوۋغا چىقىپ يۈزلەپ جان - جانىۋارلارنى ۋە ئالدىغا ئۇچرىغان ئادەملەرنى دەپ تارتىپ، مۇشۇ يەرگە ئەكىرىدىكەن. قورسىقى ئاچقاندا بولسا بىر چەتتىن كاۋاپ قىلىپ يەيدىكەن. بالا بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ قۇتۇلۇشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا خەنجىرى بارىكەن. ئۇ خەنجەر بىلەن غارنىڭ بىر چېتىنى تېشىشكە باشلاپتۇ. بىر چاغدا ئەجدىھا غارنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئون غۇلاچ كېلىدىغان تۆمۈر زىخنى غارنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ئىلىنغاننى زىخقا سانجىپ، كاۋاپ قىلىپ يېگىلى تۇرۇپتۇ. بالا ئادەملەر بىلەن بىللە غارنىڭ ئەڭ چەت بۇلۇڭىغا بېرىۋاپتۇ. ئەجدىھا بىر نۆۋەتتە بەش - ئالتە قېتىم شۇنداق قىلىپ كاۋاپقا تويغاندىن كېيىن غارنىڭ ئاغزىنى ھېلىقى يوغان تاش بىلەن يېپىپ قويۇپ، ئۆزى شۇ تاشقا بېشىنى قويۇپ ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ئەجدىھا بىر ئۇخلىغاندا ئۈچ كېچە - كۈندۈز ئۇخلايدىكەن. بالا ئەجدىھانىڭ ئۇخلىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، غارنى تېشىشنى داۋام قىلىپتۇ. ئىككى كېچە - كۈندۈز دېگەندە ئاران ئادەم پاتقۇدەك تۆشۈكنى تېشىپ، سىرتقا چىقىپ قارىسا، ئەجدىھا مەلەق ئۇيقۇغا كەتكەن. بىر تەرەپكە قارىسا، ئەجدىھانىڭ كاۋاپ پىشۇرىدىغان زىخى ئوتتا قىپقىزىل بولۇپ تاۋلىنىپ تۇرۇپتۇ. بالا چەبدەسلىك بىلەن ھېلىقى زىخنىڭ سېپىدىن تۇتۇپ، ئوتتىن كۆتۈرۈۋېلىپ، ئەجدىھانىڭ مېڭىسىگە تىققانىكەن، ئەجدىھانىڭ مېڭىسى ۋاژ - ۋۇژ قىلىپ كۆيۈشكە باشلاپتۇ. ئەجدىھا - جان ئاچچىقىدا بىر تولغىنىپتۇ - دە، ھايال قالماي ئۆلۈپتۇ. بالا ئاندىن غار ئىچىدىكى ئادەملەرنى ۋە جان - جانىۋارلارنى قۇتۇلدۇرۇپتۇ. بالا يەنە يولغا راۋان بولۇپتۇ. يولدا كېتىۋاتسا ئالدىغا ئۈچ قاراقچى ئۇچراپتۇ. ئۇلار بىر پادىشاھنىڭ كۈيى قاپتىن ئالدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۈچ ئېسىل نەرسىسىنى بۇلىغانىكەن. ئۇنىڭ بىرسى ئۇچىدىغان گىلەم، يەنە بىرسى مىنسە دۇلدۇل، دەرياغا قويسا كۆۋرۈك بولىدىغان ھاسا، يەنە بىرسى تۇماق، كىمىكى ئۇنى كىيىۋالسا ھېكىمگە كۆرۈنمەيدىكەن. ئۈچ قاراقچى بۇ نەرسىلەرنى بۆلۈشەلمەي دە تالاشتا تۇرغاننىڭ ئۈستىگە كېلىپ قالغان بالىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ھېلىقى نەرسىلەرنى بۆلۈپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. بالا رازىلىق بېرىپ مۇنداق دەپتۇ: - بىرسىڭلار ماڭا ئوقيارىڭلارنى بېرىڭلار، مەن ئۈچ تەرەپكە قارىتىپ ئۈچ ئوق ئۈزۈمەن، ھەر بىرىڭلار بىرىنى تېپىپ كېلىسىلەر، كىم بۇرۇن تېپىپ كەلسە، گىلەمنى شۇ ئالىدۇ. ئىككىنچى قېتىم تېپىپ كەلگىنى ھاسىنى، ئۈچىنچى قېتىم تېپىپ كەلگىنى تۇماقنى ئالسۇن، بولامدۇ؟ - بۇلىدۇ، - دەپتۇ قاراقچىلار. بالا ئوقيانى ئېلىپ ئۈچ تەرەپكە قارىتىپ ئۈچ ئوق ئۈزۈپتۇ. ئۈچ قاراقچى ئوققا قاراپ يۈگۈرەپ كېتىپتۇ. بالا شۇ زامان ھېلىقى تۇماقنى باشقا كىيىپ، ھاسىنى قولغا ئېلىپ، گىلەمگە چۈشۈپ >ئۇچ گىلەم< دەپتۇ. گىلەم ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، بالا كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپتۇ. ئۈچ قاراقچى لېۋىنى چىشلەپ قاپتۇ. بالا ئۇچۇپ بىر يەرگە كېلىپ تۆۋەنگە قارىغۇدەك بولسا، چىرايلىق بىر باغ كۆرۈنۈپتۇ. بالىنىڭ مۇشۇ باغدا ئولتۇرۇپ بىردەم ئارام ئالغۇسى كەپتۇ - دە، >چۈش گىلەم!< دەپتۇ، گىلەم باغ ئىچىدىكى بىر كۈكۈل مەيدان، چىمەنزارلىققا چۈشۈپتۇ. بۇ باغ مۇشۇ يۇرتتىكى پادىشاھنىڭ قىزىنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان جايى ئىكەن. شۇ كۈنى باغقا پادىشاھنىڭ قىزى سەيلىگە چىققانىكەن. بالىنىڭ گىلەم بىلەن بۇ يەرگە ئۇچۇپ چۈشۈشى مەلىكىنىڭ كېنىزەكلىرىنى مېۋە ئۈزۈپ كېلىشكە بۇيرۇۋېتىپ، ئۆزى ئارام ئېلىش ئۈچۈن ھېلىقى چىمەنزارلىققا كېلىپ تۇرۇشىغا توغرا كەپتۇ. مەلىكە بۇ گىلەمنىڭ كارامىتىگە ھەيران بوپتۇ. ئىش قىلىپ مۇشۇ گىلەمنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ - دە، دەررۇ ئۆزىنى بالىغا ئاشىق قىلىپ كۆرسىتىپتۇ. تۈرلۈك شېرىن سۆزلەر بىلەن بالىنى ئالداشقا باشلاپتۇ. ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس مەلىكىنىڭ تۈرلۈك شېرىن - شېكەر سۆزلىرىگە ئىشەنگەن بالا ئۇنى ئۆز يارى قىلىش قارارىغا كەپتۇ، بالىنى ئالدىيالىغىنىغا خوشال بولغان مەلىكە بۇ گىلەمنى قانداق قىلىپ قولغا چۈشۈرۈشنىڭ چارىسىنى ئىزلەپ: >گىلەمنى بۇ يەردىلا ئېلىۋالغىلى بولماس، بالا بىلەن گىلەمگە ئولتۇرۇپ بىر چۆللۈككە بارىلى، شۇ يەردە بالىنى قالدۇرۇپ، ئۆزۈم گىلەمگە ئولتۇراي - دە، ئۇچۇپ ئۆيۈمگە راۋان بولاي< دەپ ئويلاپتۇ. - ئۇنداق بولسا ئىككىمىز بىللە ئۇچۇپ چىقىپ، چەت ياقلارنى سەيلى قىلىپ كېلەيلى، - دەپتۇ قىز. مەلىكىنىڭ قورسىقىدىكى ھىيلىنى ئۇقمىغان بالا: - بوپتۇ ئولتۇرۇڭ، سىزنى ئوينىتىپ كېلەي - دەپ مەلىكىنى ئولتۇرغۇزۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. بۇلار ئۇچۇپ بىردەمدىلا بىر چۆل - جەزىرىگە بېرىپ قاپتۇ. بالا ئاۋۋال گىلەمدىن چۈشۈپتۇ، ئۇنىڭ ئىستراھەتكە ئولتۇرۇپ قالغىنىدىن پايدىلىنىپ، مەلىكە >ئۇچ گىلەم!< دەپلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ ئۆيىگە راۋان بوپتۇ. بۇنى كۆرگەن بالا دەررۇ ھېلىقى تۇمىقىنى كىيىپ، ھاسىنى دۇلدۇل قىلىپ مىنىپ ئارقىدىن قوغلاپتۇ. قىزمۇ ئۆيىگە يېتىپ بېرىپ گىلەمدىن چۈشەي دېيىشىگە بالا يېتىپ كېلىپ سەكرەپ گىلەمگە چىقىپتۇ - دە، >ئۇچ گىلەم!< دەپتىكەن، گىلەم يەنە كۆتۈرۈلۈپتۇ. چۈشۈشكە ئۇمتۇلۇپ تۇرغان قىز يەرگە تىك موللاق چۈشۈپتۇ. بالا ئۇچقان پېتى ئاكىسىنى ئىزلەپ ئاخىرى ئۇ تۇرغان يۇرتقا چۈشۈپتۇ. ئۇنىڭ بۇ شەھەرگە كەلگەن كۈنى ئاكىسىنىڭ يېڭى پادىشاھ بولغان ۋاقتىغا توغرا كەپتۇ. ئاكىسىنىڭ پادىشاھلىقى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتلاردىن بىر قانچىسىنىڭ ئۈستىدىكى پادىشاھلىق ئىكەن. ئاكىسى ئۇكىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھال - ئەھۋال سورۇشۇپ، شۇ يەردە ئۇنى ئۆزىگە ئوڭ قول ۋەزىر قىلىپ تەيىنلەپتۇ. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ، ئاكا - ئۇكا ئىككىسى ئۆز ئۆيىنى ئەسلىشىپتۇ. قارا كۆڭۈل ئانىسىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى، ساددا دادىسىنىڭ نېمە ھاللارنى كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، ئاخىرى ئۆزلىرى بىر بېرىپ كېلىش قارارىغا كەپتۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ ئۆي ئىچىدىن گەپ ئاڭلايلۇق: ئانىسى ھېلىقى قۇل ئاپىرىپ بەرگەن ئىككى كۈچۈكنىڭ يۈرىكىنى بايۋەچچىگە بېرىپتۇ. خوتۇن قۇلنى ئازاد قىلىۋېتىپتۇ. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ھېلىقى بايۋەچچە بىر چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە، ھېلىقى يېگەن يۈرەك ئادەمنىڭ ئەمەس، ئىتنىڭ يۈرىكى ئىكەنلىكى مەلۇم بوپتۇ، ئۇ تىت - تىت بولۇپ، ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك يەرگە كەپتۇ. ئۆزىنىڭ يامان ھەۋىسىدىن ياخشىلىق تاپالمىغان خوتۇنمۇ سەرسانلىقتا قاپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى ئېرى ھەرەمدىن قايتىپ كەپتۇ. خوتۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا يىغلاپ چىقىپ: - ... سىلى كەتكەندىن بېرى خۇدانىڭ تەقدىرى بىلەن، ئىككى بالام بىلەن گۆھەر تۇغىدىغان توخۇ ئۆلۈپ كەتتى، - دەپ ھازا ئېچىپتۇ. ئېرىمۇ يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ. ئاخىر: >قانداق قىلىمىز، خۇدادىن كەلگەن ئىشقا نېمە چارە، تەقدىرگە تەن بەرگۈلۈك< دەپ ئۆزىگە تەسەللى بېرىپتۇ. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا بىر گىلەم ئۇچۇپ چۈشۈپتۇ. قارىسا، ئۇنىڭ ئۈستىدىن پادىشاھلىق كىيىملىرى بىلەن بېزەلگەن ئۆزلىرىنىڭ ئىككى ئوغلى چۈشۈپ كېلىۋاتقۇدەك، بۇنى كۆرۈپ بوۋاي: - ۋاي بالىلىرىم! - دەپ قۇچاقلاپ يىغلاپ كۆرۈشۈپتۇ. ئانىسى بولسا نېمە قىلىشنى بىلمەي تەمتىرەپ قاپتۇ. بالىلار دادىسىغا بولغان ئەھۋاللارنى، ئانىسىنىڭ قارا كۆڭۈللۈك بىلەن قىلغان ئىشلىرىنى، ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، بوۋاي ئاچچىقىغا بەس كېلەلمەي خوتۇنىنى بوغۇزلىۋېتىپتۇ. بالىلار دادىسىنى پادىشاھلىققا تەكلىپ قىلغانىكەن، بوۋاي: - بۇ ئىش سىلەرگە لايىق. مەن قېرى ئادەمنىڭ قولىدىن بۇ ئىش كەلمەيدۇ، - دەپ پادىشاھ بولغىلى زادى ئۇنىماپتۇ. بالىلار ئاخىر ئاتىسىنى ئېلىپ قايتىپتۇ. ھېلىقى بايۋەچچىنى ئۆمۈرلۈك زىندانغا تاشلاپ، ئۆزلىرىنى ئۆلۈمدىن ئازاد قىلىۋەتكەن ھېلىقى قۇلنى سول قول ۋەزىر قىلىۋاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق