UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقبۇلبۇلگويا

بۇلبۇلگويا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇ بېغىنى ئارىلاپ، ئۇنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن بەھرىلىنىپ سەيلە قىلىپتۇ ۋە ھارغاندىن كېيىن باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەتراپى رەڭمۇ رەڭ گۈللەر بىلەن قاپلانغان باراڭدا دەم ئېلىپ يېتىپتۇ، پادىشاھ ھەر خىل گۈللەرنىڭ خۇشپۇراقلىرى، تۈرلۈك تۈمەن قۇشلارنىڭ سايراشلىرىدىن مەست بولۇپ كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ ۋە مۇنداق بىر چۈش كۆرۈپتۇ: بۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق بىر باغ، باغدا خىلمۇ خىل مېۋىلەر پىشىپ، رەڭمۇ رەڭ گۈللەر ئېچىلىپ، تۈرلۈك - تۈمەن قۇشلار سايرىشىپ تۇرغۇدەك. قۇشلارنىڭ ئارىسىدا بەكمۇ چىرايلىق بىر قۇش ئالايىتەن بىر يېقىملىق ئاۋاز بىلەن ھەممە قۇشلاردىن چىرايلىق سايرىغۇدەك، ئۇنىڭ ھەر بىر سايرىشىدا ئاغزىدىن دەستە - دەستە گۈللەر ئېتىلىپ چۈشكۈدەك. بۇ قۇشنىڭ ئېتى - بۇلبۇلگويا ئىكەن. پادىشاھ >ئاھ بۇلبۇلگويا< دەپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. قارىسا ئۆز بېغى، ھەر قاچانكى مەنزىرە - گۈللەر ئېچىلىپ، قۇشلار سايرىشىپ تۇرغان. >شۇ مەنزىرىگە بىر بولبۇلگويا بولارمىدى؟!< دەپ ئويلاپتۇ پادىشاھ. ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ پادىشاھنىڭ ئىشقى پىراقى ھۈشىدە كۆرگەن بولبۇلگوياغا چۈشۈپ قاپتۇ.. پادىشاھ >ئاھ، شۇ بۇلبۇلگويانى بىر كۆرسەم، ئۇنىڭ سايراشلىرىنى بىر ئاڭلىسام!< دېگەن ئارزۇ - ئارمانلار بىلەن كۈندىن - كۈنگە خىيالغا چۆكۈپ، گېلىدىن تاماق ئۆتمەيدىغان، چىرايى سارغىيىپ، مەيدىسىنى زەي يەرگە يېىپ ياتىدىغان بولۇپتۇ. ئاتىسىنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرگەن بالىلىرى ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن: - ئاتا، سىزگە نېمە بولدى؟ نېمە بۇنچە خىيالغا چۆكۈپ، چىرايىڭىز سارغايدى؟ نېمە ئارزۇ - ئارمىنىڭىز بار؟ - دەپ سوراپتۇ. لېكىن پادىشاھ: - قويۇڭلار بالىلىرىم، مېنىڭ دەردىمنى سوراپ نېمە قىلىسىلەر، سىلەر سورىماڭلار، مەن ئېيتماي، - دەپ زادى ئېيتقىلى ئۇنىماپتۇ. لېكىن بالىلىرى ئاتىسىغا تىنچلىق بەرمەي ھەر كۈنى سوراۋېرىپتۇ. ئاخىر ئاتىسى ئۆزىنىڭ باغدا يېتىپ كۆرگەن چۈشىنى ۋە شۇ چۈشىدە كۆرگەن بۇلبۇلگوياغا ئىشقى - پىراقى چۈشكەنلىكىنى ئېيتىپ ئەنە شۇ بۇلبۇلگويانى كۆرۈش، ئۇنىڭ سايرىشىنى ئاڭلاش ئارزۇ - ئارمانىدا ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىپتۇ، شۇ ۋاقىتتا پادىشاھنىڭ تۇنجى ئوغلى: - بۇنىڭغىمۇ شۇنچىۋالا خىيال سۈرۈپ، ئۆزىڭىزنى ئاۋارە قىلامسىز، ئاتا، مەقسىدىڭىز شۇنداق ئىكەن، نېمىشقا شۇ چاققىچە بىزگە ئېيتمايسىز؟ مانا بىز - بالىلىرىڭىز، ئەلۋەتتە ئۇ بۇلبۇلگويانى تېپىپ كېلىپ، سىزنى مۇرادىڭىزغا يەتكۈزەلەيمىز، - دەپتۇ. ئوتتۇرانچى ئوغلىمۇ شۇنداق دەپتۇ. كېيىن بالىلىرى بۇلبۇلگويانى تېپىپ كېلىش ئۈچۈن ئاتلىنىشقا ئاتىسىدىن ئىجازەت سوراپتۇ. پادىشاھ >بۇلبۇلگويانىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس، ئۇنى تاپالامدۇ ياكى تاپالمامدۇ؟< دەپ ئويلاپتۇ. ئاخىرىدا: - مەيلى، ئىزدىسەڭلار ئىزدەپ كۆرۈڭلار، تېپىپ كەلسەڭلار ئەجەب ئەمەس. بالىلىرىم، ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن بىر كۆرۈپ، سايرىشىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن بىر ئاڭلاپ ئۆلسەم ئارمىنىم يوق، - دەپ ئىجازەت بېرىپتۇ. شۇ چاغدا پادىشاھنىڭ كۈنجى ئوغلىمۇ: - ئاتا، مەنمۇ باراي، - دەپ ئىجازەت سوراپتۇ. ئاكىلىرىنىڭ >قوي ئۇكام، يول ئۇزۇن ۋە قىيىن، سەن بولساڭ تېخى كىچىك، قىينىلىپ قالىسەن، ئۇنىڭدىن كۆرە ئاتا - ئانىمىزنىڭ ئالدىدا ئويناپ - كۈلۈپ يۈرۈۋەرگىن< دېگىنىگە، ئاتا - ئانىسىنىڭ >ياق بالام، سەن تېخى سەپەرگە چىىپ باقمىغانسەن، ئاكىلىرىڭ بارسۇن، سەن بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئويۇنۇڭنى ئويناپ يۈرۈۋەرگىن< دېگىنىگە كۆنمەي: - ياق بارىمەن دېدىم بارىمەن، - دەپ يىغلاپ تۇرۇۋاپتۇ. پادىشاھ: - نەسىھەتكە كۆنمىسەڭ، مەيلى بېرىۋە، بالام، كۆرگۈلۈكۈڭ بولسا كۆرەرسەن، - دەپ بۇنىڭغىمۇ رۇخسەت بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۈچ ئاكا - ئۇكا سەپەرگە تەييارلىنىشقا باشلاپتۇ. يول ئوزۇقى ئۈچۈن ياغلىق توقاچلارنى ياقتۇرۇپ، سۈر گۆشلەرنى پىشۇرۇپ، ئۈچ خۇرجۇنغا تولدۇرۇپ ساپتۇ. تاغدىكى يىلقىلارنىڭ ئارىسىدىن ئەڭ ياخشى ئۈچ ئاتنى تاللاپ ئاپتۇ، ئۇلارغا يولغا ئالغان ئوزۇق - تۈلۈكلىرىنى ئارتىپ ۋە ئاتا - ئانىسىدىن دۇئا ئېلىپ يولغا راۋان بولۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ كەينىدىن كۈنلەر، ھەپتىلەرنىڭ كەينىدىن ھەپتىلەر ئۆتۈپتۇ. كۆپ دەريالاردىن كېچىپ، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپتۇ، تاغلاردىن ئېشىپ، چۆل - باياۋانلارنى كېزىپتۇ. بىر يەرگە كەلگەندە ئۇلارغا ئۈچ ئاچا يول ئۇچراپتۇ. بۇ ئۈچ ئاچا يولنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا يوغان بىر تاش بولۇپ، ئۇنىڭغا خەت يېزىلغانىكەن. خەتتە ئوڭ تەرەپتىكى يول >بارسا كېلەر<، ئوتتۇرىسىدىكى يول >بارسا يا كېلەر، يا كەلمەس<، سول تەرەپتىكى يول >بارسا كەلمەس< دەپ يېزىلغانىكەن. ئەنە شۇ يەردە بۇ ئۈچ ئاكا - ئۇكا >ئەمدى ھەر قايسىمىز ئۆز ئالدىمىزغا باشقا - باشقا ماڭايلى، ئىزلىگەن بۇلبۇلگويانى بىرىمىز تاپالمىساق، يەنە بىرىمىز تاپارمىز< دېگەن پىكىر بىلەن ئۈچى ئۈچ يولغا چۈشۈپ ماڭماقچى بولۇشۇپتۇ، لېكىن ھېچقايسىسىنىڭ >بارسا كەلمەس< يولغا ماڭغۇسى كەلمەپتۇ. ئاكىلىرىنىڭ مۇشۇ ئوي بىلەن قىينىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: - مەيلى ئاكىلار، >بارسا كەلمەس< يولغا مەن چۈشەي، سىلەر باشقىلىرىغا چۈشۈڭلار، - دەپتۇ كەنجىسى. - مەن >بارسا يا كېلەر، يا كەلمەس< يولغا چۈشەي، - دەپتۇ ئوتتۇرانچىسى. - ئۇنداق بولسا مەن >بارسا كېلەر< يولغا چۈشەي، دپتۇ تۇنجىسى. ئۇلار قايسى بىرىنىڭ قايتقان، قايسى بىرىنىڭ تېخى قايتمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئەگەر كىم ئىلگىرى قايتقۇدەك بولسا، ئەنە شۇ تاشقا ئۆز ئىسمىنى ۋە قايتقان كۈنىنى يېزىپ كېتىشى ھەققىدە شەرتلىشىپتۇ - دە، ئۈچ ئاكا - ئۇكا ئۈچ يولغا چۈشۈپ، ئۈچ تەرەپكە راۋان بوپتۇ. بۇلارنى ئەڭ كىچىكى شۇ كېتىشى بىلەن كۆپ يول يۈرۈپ، چۆل باياۋانلارنى، تاغ - ئېدىرلارنى بېسىپ ئۆتۈپتۇ. يول ئوزۇقلىرى تۈگەپتۇ، ئېتىنىڭ تاقىلىرى ئۇپراپ چۈشۈپ، ئېتى تېشقاپ كېتىپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ يولنى داۋاملاشتۇرۇپ بىر بۈك بوستانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ. بۇ بالا >ئاشۇ يەردە ئادەم بولسا كېرەك< دەپ ئويلاپ توپ - توغرا شۇ بوستانلىققا قاراپ مېڭىپتۇ. يەنە خېلى ماڭغاندىن كېيىن بوستانلىققا يېتىپ كېلىپ ئېتىنى لاڭقاغا باغلاپتۇ - دە، ئۆزى باغقا كىرىپتۇ. قارىسا، سالقىن باغ، خىلمۇخىل مېۋىلەر پىشىپ، رەڭمۇ رەڭ گۈللەر ئېچىلىپ، تۈرلۈك - تۈمەن قۇشلار سايرىشىپ تۇرغۇدەك. باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر كۆل بولۇپ، ئۇنىڭدا بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرگۈدەك، لېكىن يا سۇنىڭ ئايىغى چىقمىغۇدەك، يا كۆل تاشمىغۇدەك. باغنى ئارىلاپ بىر يەرگە كەلسە، لىق بىر قازان تاماق پىشىپ تۇرغۇدەك. لېكىن، باغدا ئادىمىزاتنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەپتۇ. نەچچە كۈندىن بېرى ئاغزىغا بىر چىشلەم نان ئالماي قورسىقى ئېچىپ كەتكەن كەنجى بالا قازاندىكى تاماقتىن ئۇسۇپ ئىچمەكچى بولۇپ، قولىنى چۆمۈچكە ئۇزارتقانىكەن، چۆمۈچ >تاق< قىلىپ بالىنىڭ ماڭلىيىغا تېگىپتۇ؛ پىشىپ تۇرغان ئالمىلاردىن يېمەكچى بولۇپ، قولىنى شاخقا ئۇزارتقانىكەن، ئۇنىڭ يوپۇرمىقى >شاق< قىلىپ كاچىتىغا ئۇرۇلۇپتۇ. بۇنىڭغا ھەيران بولغان بالا ئېتىنى ئوتلاشقا قويۇۋېتىپ، ئۆزى كۆل بويىدىكى گۈللەرنىڭ ئارىسىدا دەم ئېلىپ يېتىپ كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ ۋە مۇنداق بىر چۈش كۆرۈپتۇ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئاپئاق كىيىنگەن، ئاق سەللە ئورىغان، ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي ھاسا تايىنىپ كېلىپ: - بالام، سەن خەتەرلىك جايغا - دىۋىلەرنىڭ ماكانىغا كېلىپ قالدىڭ. نېمە ئۈچۈن ۋە نېمە ئىزلەپ بۇ يەرگە كېلىپ يۈرىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. بالا بۇلبۇلگويانى ئىزلەپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. ھەي، بالام، - دەپتۇ بوۋاي، - قىيىن نەرسىنى ئىزلەپ كەپسەن، چۈنكى ئۇ دىۋىلەر پادىشاھنىڭ يان بېغىدا، سەن ھازىر ئۇنىڭ چەت بېغىدا تۇرىسەن. ئۇنى ئالماقچى بولۇپ كەلگەن ناھايىتى كۆپ ئادەملەر دىۋىلەرنىڭ قولىدائۆلۈپ كەتكەن. لېكىن سەن بىر ئىلاجىنى قىلىشىڭ مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق قىل: ھەر كۈنى كۈن قىزىغان ۋاقىتتا يېنىڭدىكى شۇ كۆلگە ئىككى كەپتەر ئۇچۇپ چۈشۈپ چۆمۈلۈپ ئوينايدۇ، بۇلار ئەنە شۇ دىۋىلەر پادىشاھىنىڭ قىزلىرى. سەن سەزدۈرمەي ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىۋال - دە، قولىدىكى ئۈزۈكلىرىنى سوراپ تۇرۇۋال. ئۈزۈكىنى ئالماي تۇرۇپ كىيمىنى قايتۇرۇپ بەرمىگىن. بولمىسا ئۈزۈڭ ھالاك بولىسەن. خوپ بالام، مەقسىتىڭگە يەتكىن، ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر. بوۋاي دۇئا قىلىپتۇ - دە، غايىپ بوپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن بالىنىڭ قۇلىقىغا بىرى >كۆزۈڭنى ئاچ!< دېگەندەك قىلىپتۇ، بالا چۆچۈپ ئويغانسا ھېچكىم يوق، پەقەت ئاسماندا ئىككى كەپتەر بىر - بىرىنى قوغلاپ ئوينىشىپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقۇدەك. بالا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ مۆكۈپ تۇرۇپتۇ. ھېلىقى كەپتەرلەر كۆلنىڭ بويىغا چۈشۈپ بىر قانات قاققانىكەن، ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس چىرايلىق قىزلارغا ئايلىنىپتۇ. كېيىن باغنى ئايلىنىپ سەيلە قىلىشىپتۇ، ئالمىلاردىن ئۈزۈپ يېيىشىپتۇ. قازاندىكى تاماقتىن قۇيۇپ ئىچىشىپتۇ. ئاندىن كۆلگە كەپتۇ - دە، كىيىملىرىنى يېشىپ قويۇپ چۆمۈلۈشكە، بىر - بىرىگە سۇ چېچىشقا باشلاپتۇ. شۇ چاغدا بالا سەزدۈرمەي ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ - دە، كۆلنىڭ بويىغا كېلىپ قىزلارنىڭ كىيىملىىرنى ئېلىۋاپتۇ. قىزلار يالىڭاچ بولغانلىقتىن ئىزا تارتىپ كۆلدىن چىقالماپتۇ ۋە كىيىملىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سوراپ يالۋۇرۇشۇپتۇ. لېكىن بالا قىزلارغا: - ئۈزۈكۈڭلارنى بەرسەڭلار قايتۇرۇپ بېرىمەن، - دەپتۇ. قىزلار يالۋۇرۇپ - يېلىنىپ كيىملىىرنى ئالالمىغاندىن كېيىن ھەر ئىككىسى قولىدىكى ئۈزۈكنى چىقىرىپ بېرىپتۇ. بالا ئۈزۈكنى ئاپتۇ - دە، ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۆزى گۈللەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ تۇرۇپتۇ. بالىمۇ قەددى - قامىتى كېلىشكەن، ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن. قىزلار كىيىملىرىنى كىيىپ، چاچلىرىنى تاراپ تۇرۇپ ھەر قايسىسى ئۆز ئىچىدە >بۇ يەرگە كەلگەن ھەر قانداق ئادەمىزات تىرىك كەتمەيتتى. لېكىن بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ قورقماسلىقى ۋە ئەقىللىكلىكى بىلەن بىزنىڭ قولىمىزغا چۈشمەستىن، بىزنى قولغا چۈشۈرۈۋالدى. دېمەك، بۇ يىگىتتىن ئايرىلماسلىق كېرەك< دەپ ئويلاپ، ھەر ئىككىسى بالىنىڭ جامالىغا زوقلىنىپ ئاشىق بولۇپتۇ، ئۇنىڭغا تاماق بېرىپ قورسىقىنى تويغۇزۇپتۇ. ئالما ئۈزۈپ بېرىپتۇ. باغنى سەيلە قىلدۇرۇپتۇ. ئېگىچە - سىڭىلنىڭ ھەر قايسىسى يىگىتنى ئۆزىگە قارىتىۋالماقچى بولۇپ، تالىشىپ قاپتۇ. ھەدىسى: - مەن سېنىڭدىن چوڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يىگىت مېنىڭ بولۇشى كېرەك. ئولجا دېگەن ئاۋۋال چوڭغا، كېيىن كىچىكىگە تېگىدۇ، - دەيدىكەن. سىڭلىسى بولسا: - ياق، ئۇنى سېنىڭدىن ئاۋۋال مەن كۆرگەن، ئولجىمۇ ئاۋۋال تاپقاننىڭ بولىدۇ، - دەپ تالىشىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، ئېگىچە - سىڭىل ئىككىسى تالىشا - تالىشا ئۆز ئارا كېلىشەلمىگەندىن كېيىن >بولمىسا قازىغا بارىمىز، قازى قايسىبىرىمىزگە بۇيرۇپ بەرسە يىگىت شۇنىڭ بولسۇن< دەپ دىۋىلەرنىڭ قازىسىغا بېرىپتۇ. قازنىڭ ئالدىغا ئاۋۋال ھەدىسى كىرىپ: - قازى بېگىم، بىز ئېگىچە - سىڭىل ئىككىمىز بىر ئولجا تېپىۋالغانىدۇق، لېكىن ئۇنى بۆلۈپ بولمايدۇ. سىڭلىم بولسا >مەن ئاۋۋال كۆرگەنمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئالىمەن< دەيدۇ. مەن بولسام >چوڭ بولغاندىن كېيىن مەن ئالىمەن< دەيمەن. شۇ سەۋەبتىن ئالدىلىرىغا كەلدۇق، شۇ ئولجىنى قايسىمىز ئېلىشىمىز كېرەك؟ - دەپتۇ. قازى بولسا قىزىنىڭ ھۆسنى - جامالىغا مەپتۇن بولۇپ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ - دە، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ: - توغرىسىنى ئېيتقاندا ئولجا ئاۋۋال كۆرگەننىڭ بولىدۇ. ئەگەر سىز ئولجىنى ئېلىشقا شۇنچە قىزىقىپ كەتكەن بولسىڭىز، ئاۋۋال مېنى بىر سۆيۈپ قويۇڭ، ئولجىنى سىزگە بۇيرۇپ بېرىمەن، - دەپ شەرت قويۇپتۇ. قىز يىگىتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن قازىنىڭ شەرتىگە ئىلاجىسىز رازى بولۇپتۇ، قازى قىزنى مەھكەم قۇچاقلىۋېلىپ سۆيۈشكە باشلاپتۇ. شۇ چاغدا ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن ماراپ تۇرغان سىڭلىسى بۇ ئىشنى كۆرۈپ قېلىپ دەررۇ يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ - دە: - ھەي شەرمەندىلەر، بۇ قانداق ئىش؟! سىلەرنى دادامغا ئېيتمىسام توختاڭلار! - دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ. ئەگەر بۇ گەپ پادىشاھقا يەتسە، كاللىسى كېسىلىدىغانلىقىدىن قورققان قازى: - ھاي قىزىم، ۋارقىرىماڭ، ئولجا سىزنىڭ، گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن! - دەپ يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ ۋە يىگىتنى كىچىكىگە بۇيرۇپ بېرىپتۇ. ئەگەر بۇ ئىشنى ئاتىسىغا ئېيتىپ قويسا، جېنى تېنىدىن جۇدا بولۇشتىن قورققان ھەدىسىمۇ: - جېنىم سىڭلىم، ئاغزىڭنى يۇم، مەيلى، يىگىت سېنىڭ بولسۇن! - دەپ يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ. يىگىتنى ئۆزىگە ھۆكۈم قىلدۇرۇپ ئالغان سىڭلىسى خۇشال بولۇپ: - مەيلى سىلەرنى مەن كۆرمىدىم، مېنى سىلەر كۆرمىدىڭلار، - دەپ يۈگۈرگىنىچە يىگىتنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بوينىدىن قۇچاقلاپتۇ ۋە يىگىتتىن بۇ يەرلەرگە نەدىن ۋە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى سوراپتۇ. يىگىت ئۆزىنىڭ نەدىن ۋە نېمە مەقسەتلەر بىلەن كەلگەنلىكىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. - ئاھ، يۇلۇڭ يىراق، مەقسىتىڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تەس ئىكەن. سەن ئىزلەپ كەلگەن بۇلبۇلگويا مېنىڭ دادامدا. ئاشۇ كۆرۈنگەن تاغنىڭ باغرىدا ناھايىتى چىرايلىق يان بېغىمىز بار، - دەپ قولىنى سۇزۇپ تاغنى كۆرسىتىپتۇ قىز، - بۇلبۇلگويا شۇ باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۈللەرنىڭ ئىچىدىكى ئالتۇن قەپەزدە تۇرىدۇ. ئۇ باغقا ئادەم بالىسى ئاياغ باسمايدۇ. ئەگەر بىر ئىلاجىنى تېپىپ كىرەلىگەن تەقدىردىمۇ تىرىك چىقالمايدۇ. بۇ يولدا تالاي - تالاي ئادەملەر ئۆلۈپ كەتكەن. لېكىن بۇلبۇلگويانى ئېلىش ئۈچۈن مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن. بۇ ئىشنى پپەقەت جۈمە كېچىسىلا ئورۇنداش مۇمكىن، چۈنكى جۈمە كۈنى دادام ئوۋغا چىقىپ، كەچ قايتىدۇ ۋە ئاخشىمى ھاراق - شاراب ئىچىپ، ئۇزاق ئويۇن - تاماشىلاردىن كېيىن ئۇخلاپ قالىدۇ، باغنىڭ ساقچىلىرىمۇ مەستلىكتە قاتتىق ئۇخلاپ قالىدۇ. ئەنە شۇ چاغدىلا باغقا كىرىش مۇمكىن. لېكىن باغنىڭ ئىچىدە يولۋاس ۋە شىرلار بار. ئۇلار ناھايىتى خەۋپلىك. قولۇڭدىكى مانا بۇ ئۈزۈكنى باغدىكى يولۋاس ۋە شىرلار تونۇيدۇ. ئۇلار بۇ ئۈزۈكنى كۆرۈشى بىلەنلا ساڭا ھېچقانداق زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ. بۇلبۇلگويانى پەقەت قەپىزى بىلەنلا ئالغىن، بىراق قەپەزنى ئېچىپ سالمىغىن، ئەگەر قەپەزنى ئاچساڭ، بۇلبۇلگويا قاقاقلاپ كۈلۈۋېتىدۇ - دە، لەشكەر ۋە ساقچىلار ئويغىنىپ كېتىدۇ. ئۇلار تېنىڭنى پارچە - پارچە قىلىپ يولۋاس، شىرلارغا تاشلاپ بېرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قىز يىگىتنى پىنھان بىر يەرگە جايلاشتۇرپتۇ ۋە ھەر كۈنى بىللە كۆڭۈل ئېچىپ يۈرۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ، كۈتكەن جۈمە كۈنىمۇ كەپتۇ، سەھەردە دىۋىلەر پادىشاھى تاغقا ئوۋغا كېتىپتۇ. كۈن بويى تاغمۇ تاغلارنى كېزىپ ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپ، ھېرىپ - چارچاپ كەلگەندە، ھاردۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن تاماشا ئويۇشتۇرۇپتۇ. تاماشىغا دىۋىلەرنىڭ ھەممىسى توپلىنىپتۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھېلىقى يىگىت بۇلبۇگويا تۇرغان باغقا قاراپ مېڭىپتۇ، باغقا يېقىن بىر يەرگە كېلىپ، دىۋىلەرنىڭ ئۇخلىشىنى كۈتۈپ يوشۇرۇنۇپ يېتىپتۇ. دىۋىلەرنىڭ ئويۇن - تاماشىسى يېرىم كېچىگىچە داۋام قىلىپتۇ، ھەممىسى مەستلىكتىن ئۆزلىرىنى بىلمەي ئۇخلىشىپ قاپتۇ. ۋاراڭ - چۇرۇڭ بېسىلغاندىن كېيىن يىگىت >دىۋىلەر ئۇخلاپ قالغان ئۇخشايدۇ، ۋاراڭ - چۇرۇڭ بېسىلدىغۇ، دەپ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ ۋە باغقا يېقىن كېلىپ ئۇياق - بۇياققا قاراپتۇ. ھېكىم كۆرۈنمىگەندىن كېيىن ئاستا شورىدىن باغقا كىرىپتۇ. باغنى ئايلىنىپ يۈرگەن يولۋاس ۋە شىرلار يىگىتكە قاراپ ئېتىلىپتۇ. لېكىن يىگىت قولىدىكى ئۈزۈكىنى شۇنداق كۆرسىتىشى بىلەنلا ئۇلار جىم بولۇشۇپتۇ ۋە تەزىم قىلغاندەك باشلىرىنى ئېگىشىپ تۇرۇپتۇ. يىگىت ئاستا گۈللەرنىڭ ئارىسىدىن بۇلبۇلگويانى تېپىپتۇ - دە، ھېلىقى قىزنىڭ جېكىلىگەن سۆزلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىپ >بۇلبۇلگويانىغۇ تاپتىم، ئەمدى قەپەزنى ئېچىپ بۇنى بىر كۈلدۈرەيچۇ< دەپ قەپەزنى ئېچىۋېتىپتۇ. شۇ چاغدا بۇلبۇلگويا قاقاقلاپ بىر كۈلۈۋەتكەنىكەن، بۇنىڭ كۈلكىسىدىن ئۇيقۇدىكى ھەممە دىۋىلەر ئويغىنىپ كېتىپ، باغقا قاراپ يۈگۈرۈشۈپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان قىزمۇ كۆڭلى ئەنسىرەپ باغقا ھەممىدىن ئىلگىرى ئۇچۇپ كەپتۇ ۋە دەررۇ كېلىپ يىگىتنى يوشۇرۇپ، قەپەزنى ئۆز قولىغا ئېلىپ تۇرۇپتۇ. كېيىن يۈگۈرۈشۈپ كەلگەن دىۋىلەرگە: - بۇ مەن، بۇلبۇلگويانى كۈلدۈرۈپ كۆڭۈل ئېچىۋاتىمەن، بۇ يەرگە مېنىڭدىن باشقا كىممۇ كىرەلەيتتى؟ خاتىرجەم بولۇپ، ئۇيقۇڭلارنى ئۇخلاۋېرىڭلار، - دپ قايتۇرۇپتۇ. دىۋىلەر قىزنىڭ بۇ سۆزىدىن خاتىرجەم بولۇپ، ئۆز جايلىرىغا كېتىشىپتۇ. قىز بولسا بۇلبۇلگويانى جايىغا قويۇپ، بۇ ئىشنى كېيىنكى جۈمەگە قالدۇرۇپتۇ. سەۋەبى، بۇ ھەپتىدە يىگىت بۇلبۇلگويانى ئېلىپ كەتسە ئۇنى قىزدىن كۆرۈشى تۇرغان گەپ. شۇنداق قىلىپ، يەنە كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. قىز بىلەن يىگىت كۆلگە چۆمۈلۈپ، باغدا ئوينىشىپ يۈرۈپ جۈمە كۈنىمۇ كەپتۇ. بۇ قېتىم قىز يىگىتكە راسا قاتتىق جېكىپ: - ئەگەر قەپەزنى يەنە ئاچىدىغان بولساڭ، ئەمدى ھەر ئىككىمىز ھالاك بولىمىز. قۇلىقىڭدا تۇتقىنكى، قەپەزنى زادى ئاچما! - دەپتۇ. دىۋىلەر پادىشاھى يەنە ئوۋغا كېتىپتۇ، كەچقۇرۇن ھېرىپ - ئېچىپ كېلىپ ئولتۇرۇش قىلىپتۇ. ئويۇن - تاماشا، ئىچىكلىك باشلىنىپتۇ، يەنە ھەممىسى مەست بولۇپ قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ئەنە شۇ چاغدا يىگىت ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ - دە، تونۇش يول بىلەن باغقا قاراپ كەپتۇ. ئۇياق - بۇياققا قاراپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن شورىدىن باغقا چۈشۈپتۇ. ئۆزىگە قاراپ ئېتىلغان يولۋاسلارغا يەنە ھېلىقى ئۈزۈكنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى تىنچلاندۇرۇپتۇ - دە، گۈللەرنى ئارىلاپ بېرىپ، بۇلبۇلگويانى ئاپتۇ. ئۆتكەن جۈمە كېچىسى قىلغان خاتاسىنى ۋە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ئەسكە ئېلىپ، قەپەزنى ئاچماستىن توپ - توغرا ئۆزى تۇرغان باغقا كەپتۇ. قىز يىگىتنى نۇرغۇن سوۋغا - سالاملار بىلەن ئۇزىتىپ تۇرۇپ: - ئەگەر بېشىڭغا بىرەر ئېغىر كۈن چۈشكۈدەك بولسا، مانا بۇ چاچنى كۆيدۈرىسەن، شۇ زامات مەن ھازىر بولىمەن، - دەپ بىر تال چېچىنى يۇلۇپ يىگىتكە بېرىپتۇ. بۇ ئىككى ئاشىق بىر - بىرىنى قۇچاقلىشىپ خوشلىشىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، يىگىت بىر تالاي دەريالاردىن ئۆتۈپتۇ؛ ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىگىت نۇرغۇن چۆل - باياۋانلارنى بېسىپ، ئاكىلىرى بىلەن ئايرىلىشقان ھېلىقى ئۈچ ئاچا يولغا يېتىپ كەپتۇ. يېتىپ كېلىپ تاشقا قارىسا، ھېچبىر خەت يېزىلمىغان. يىگىت >ئاكىلىرىم تېخىچىلا قايتماپتۇ، ئۇلارنى تاشلاپ كەتسەم بولماس، ئۇلارنى ئىزدەي، بولسا بىللە كېتەرمىز، بولمىسا بىر خەۋىرىنى ئېلىپ كېتەرمەن< دېگەن ئويغا كەپتۇ ۋە ھېلىقى تاشقا >مەن ئۇكاڭلار بۇلبۇلگويانى تېپىپ قايتقانىدىم، لېكىن سىلەر قايمىغىنىڭلار ئۈچۈ سىلەرنى ئىزدەپ كەتتىم. ئەگەر بىر - بىرىمىز بىلەن ئۇچرىشالماي قايتقۇدەك بولساق، مۇشۇ تاشقا يېزىپ كېتىڭلار، مەن كەينىڭلاردىن يېتىپ بارىمەن< دەپ يېزىپ قويۇپ، ئوتتۇرانچى ئاكىسى كەتكەن >يارسا كېلەر، يا كەلمەس< دېگەن يولغا راۋان بولۇپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى بۇ يىگىت چوڭ بىر شەھەرگە يېتىپ بېرىپتۇ. بىر كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارسا، ئوتتۇرانچى ئاكىسى بىر ئاشخانىنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالاپ، قاپقارا كۈيىگە مىلىنىپ ئولتۇرغان ئىكەن. سەپسېلىپ قارىسا، كىيىملىرى يىرتىلىپ جۇل - جۇل بولۇپ، ئۆزى جۈدەپ، كۆزلىرى ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇكىسى ئاكىسىنى كۆرۈش بىلەنلا دەررۇ تونۇسىمۇ، ئاكىسى ئۇكىسىنى تۇنۇماپتۇ. بۇ يىگىت ئۆزىنى تونۇتماستىن ئۆتۈپ بېرىپ بىر سارايغا چۈشۈپتۇ - دە، يۈز - كۆزلىرىنى يۇيۇپ، ئاستا ئاشخانىغا كەپتۇ ۋە ئاشپەزگە >مەن پالانى دەڭدە تۇرىمەن، ئاۋۇ ئوت ياقارىڭىزدىن مەن تۇرغان سارايغا مانتا ئەۋەتىپ بېرىڭ< دەپ پۇلىنى تۆلەپ كېتىپتۇ. ئاشپەز بىردەمدىن كېيىن بىر لىگەنگە مانتىنى سېلىپ، ياخشىلاپ ئوراپ، ھېلىقى ئوت ياقاردىن ئەۋەتىپتۇ. ئوت ياقار مانتىنى ئۇكىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قايتماقچى بولۇپ بۇرۇلۇپتۇ. شۇ چاغدا ئۇكىسى: - توختاڭ، بۇياققا كېلىڭ، مانتىنى گەپلىشىپ ئولتۇرۇپ بىللە يەيمىز، - دەپتۇ. ئوت ياقار خىجالەت بولۇپ: - ياق، ياق، رەھمەت، بۇ جۇل - جۇل كىيىملىرىم بىلەن سىزدەك بىر بايۋەچچە بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، بىر لىگەندە تاماق يېيىشىم كېلىشمىگەن بىر ئىش، - دەپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپتۇ. لېكىن ئۇكىسى ئۇنىماي: - ياق، بۇياققا كېلىڭ، مەن زادىلا تاماقنى يالغۇز يېيەلمەيمەن، ماڭا ھەمراھ بولمىسىڭىز بولمايدۇ، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ. كېيىن ئىككىسى بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىپتۇ. ئاكىسى بۇ يىگىتنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىپتۇ، لېكىن قەيەردە كۆرگەنلىكىنى يادىغا كەلتۈرەلمەپتۇ. ئۇكىسى ئۇياق - بۇياقتىن پاراڭ قىلىپ، ئاخىر ئۆزىنى تونۇتۇپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئاكا - ئۇكا ئىككىسى بىر - بىرىنى قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ، مۇڭدىشىپتۇ. ئاكىسى ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى، قانداق قىلىپ بۇ كۈنلەرگە دۇچار بولۇپ قالغانلىقىنى بىر - بىرىدىن سۆزلەپ بېرىپتۇ. كېيىن ئۇكىسى بازارغا بېرىپ يېڭى كىيىم - كېچەكلەرنى ئېلىپ كېلىپ ئاكىسىنى كىيىندۈرۈپتۇ ۋە ئاشخانىدىن چىقىرىۋاپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئىككىسى >ئەمدى چوڭ ئاكىمىزنى تاپايلى< دېيىشىپ يولغا راۋان بولۇپتۇ. بۇلار چوڭ ئاكىسىنى ئىزدەپ كۆپ يېزا ۋە شەھەرلەرنى كېزىپتۇ. كۆرۈنگەن كىشىلەردىن سوراپتۇ، ھېچ يەردىن خەۋىرىنى ئالالماي يەنە بىر چوڭ شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. بىر كۈنى بازارلارنى قاراپ يۈرۈپ، بىر يەردە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ توپلىنىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپتۇ - دە، ئاكا - ئۇكا ئىككىسى شۇ يەرگە بېرىپتۇ. قارىسا ئوتتۇرىدا جۇل - جۇل كىيىملىك، قولىدا ئۇزۇن ھاسا تۇتقان بىر قەلەندەر ساپايى سوقۇپ ناخشا ئېيتىۋاتقۇدەك. بۇلار ياخشىراق سەپسېلىپ قارىسا، ئۆزلىرى ئىزلەپ يۈرگەن چوڭ ئاكىسى ئىكەن. لېكىن ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا تونۇشلۇق بەرمەي، ئۆزلىرى چۈشكەن سارايغا بېرىپتۇ - دە، سارايۋەنگە ئىلتىماس قىلىپ: - بىز بۈگۈن بازاردا ساپايى سوقۇپ، ناخشا ئېيتىپ تۇرغان بىر قەلەندەرنى كۆردۇق. ئۆزىمىز مۇساپىر بولغىنىمىز ئۈچۈن شۇ قەلەندەرنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاشقا خۇشتار بولۇپ قالدۇق، سىز شۇ قەلەندەرنى چاقىرىپ ئەكىلىپ بەرسىڭىز، - دەپتۇ. سارايۋەن بازارغا بېرىپ قەلەندەرنى تېپىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا: - ھاي قەلەندەر، بۇياققا كەل، ئىككى كىشى سېنىڭ ناخشاڭغا خۇشتار بولۇپ قاپتۇ. ئۇلار سودىگەرلەرمۇ ياكى سەيلە قىلىپ يۈرگەن بايۋەچچىلەرمۇ بىلمەيمەن. ئۇلار بىزنىڭ سارايغا كېلىپ چۈشكەن، سېنى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. يۈر مەن بىلەن، - دەپ ئەگەشتۈرۈپ كەپتۇ. قەلەندەر سارايغا كېلىپ: - ھەر قايسىلىرىنىڭ ھۇزۇرلىرىغا نېمىكى خىزمەتلىرى بولسا بىجا كەلتۈرۈشكە كەلدىم، - دەپ تىز پۈكۈپ تەزىم قىلىپتۇ. - كېلىڭ، كېلىڭ! - دېيىشىپ ئاكا - ئۇكا ئىككىسى قەلەندەرگە جاي كۆرسىتىپتۇ ۋە، - بازاردا سىزنىڭ ناخشىڭىزنى ئاڭلاپ خۇشتار بولۇپ قالدۇق، بىر ناخشا ئېيتىپ بەرسىڭىز دەپ ئىلتىماس قىلىپ كىشى ئەۋەتكەنىدۇق. ئەگەر مۇمكىن بولسا، ناخشىڭىزنى بىر ئاڭلىساق، - دەپ قەلەندەرنى ئۆز يانلىرىغا ئولتۇرغۇزۇپتۇ. قەلەندەر: - ئەگەر مېنىڭ ناخشامغا خۇشتار بولساڭلار، سىلەردەك ياخشىلارنىڭ سادىغىسى بولۇپ كېتەي، - دەپ ئۆزىنىڭ قەددىنى رۇسلاپ ناختا ئېيتىشقا باشلاپتۇ، بىردىن خىيالى بۆلۈنۈپ >بۇ كىشىلەر كۆزۈمگە خوپمۇ ئىسسىق كۆرۈنىدىغۇ، قەيەردىدۇر كۆرگەندەك قىلىمەن< دەپ ئويلاپ يادىغا كەلتۈرەلمەپتۇ. كېيىن كەنجى ئۇكىسى ئۇياقتىن - بۇياقتىن پاراڭ قىلىپ، ئاستا - ئاستا ئۆزلىرىنى تۇنۇتۇپتۇ. بىر - بىرلىرىنى قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. ئاندىن كېيىن كەنجىسى بازارغا بېرىپ يېڭى كىيىملەرنى ئېلىپ كېلىپ، ئاكىسىنى كىيىندۈرۈپتۇ ۋە ئۇزاق مۇڭدىشىپ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ئېيتىشىپتۇ. بۇ ئۈچ ئاكا - ئۇكا بىر نەچچە كۈن دەم ئالغاندىن كېيىن ئۆز يۇرتىغا قاراپ يول ئاپتۇ، ئۇلار ئۇزاق يول مېڭىپ ئۆز شەھىرىگە يېتىشكە يەتتە كۈنلۈك يول قالغاندا، چوڭ ئاكىسى بىلەن ئوتتۇرانچىىسنىڭ نىيىتى بۇزۇۇپتۇ. ئۇلار بىر قۇدۇقنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلگەندە ھاردۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن توختاپتۇ. تاماقلىرىنى يەپ بولۇپ دەم ئېلىپ ياتقاندا ئىككى ئاكىسى يوشۇرۇنچە >بىز ئۆيگە بارغاندا، ئۇكىمىز بۇلبۇلگويانى مەن تاپتىم دېسە، دادىمىز ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېنىڭ ئاشخانىدا ئوت قالاپ، مېنىڭ قەلەندەرلىك قىلىپ يۈرگىنىمىزنى ئېيتىپ قويسا، بىز ئۈچۈن ئۆلۈمدىنمۇ يامانراق ئۇيات بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ بۇلبۇلگويانى ئۆزىمىز ئېلىپ بارايلى، ئەگەر ئۇكىمىزنى سورىغۇدەك بولسا، ئۇ بىزدىن ئايرىلىپ باشقا ياققا كەتكەن ئۇنى ئىزدەپ ھېچ يەردىن تاپالمىدۇق دەيلى< دەپ مەسلىھەتلىشىپتۇ. ئۇلار كەنجى ئۇكىسىنىڭ ئۇيقۇغا كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى قۇدۇققا تاشلاپتۇ. ئۆزلىرى بۇلبۇلگويانى ئېلىپ، يەتتە كۈندىن كېيىن ئۆيىگە يېتىپ بېرىپتۇ. بالىلىرنىڭ كەلگىنىنى كۆرگەن ئاتا - ئانا ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ، كېيىن كەنجى ئوغلىنى سوراپتۇ. ئۇلار كېلىشىۋالغان گېپى بويىچە: - بىز بۇ يەردىن چىقىش بىلەنلا ئۇ بىزدىن ئايرىلىپ باشقا ياققا كەتكەن، شۇنىڭدىن بېرى ئۇنى كۆرمىدۇق، بىز بۇلبۇلگويانى تاپقاندىن كېيىن ئۇنى كۆپ ئىزدىدۇق، بىراق ھېچ يەردىن تاپالمىدۇق... - دەپ جاۋاب بېرىشىپتۇ. كەنجى ئوغلىنىڭ دەردىدە ئاتا - ئانا كۆپ قايغۇ - ھەسرەت چېكىپتۇ، بۇلبۇلگويامۇ ھېچ سايرىماستىن مۇڭغا پېتىپ يېتىپتۇ. >ئاھ، - دەپتۇ ئاتىسى، - بۇلبۇلگويا تېپىلدى دەپ خۇشا بولسام، ئەمدى كۆز قارىچۇقۇم، كەنجەم يوق. ھەممىدىن كەنجى بالامنىڭ دەردى مېنى يوقاتتى< دەپ يەنە ھەسرەتكە چۆكۈپتۇ. كەنجى بالىسىنىڭ دەردىدە يغىلاپ يۈرۈپ ئاتىسىمۇ، ئانىسىمۇ كۆز نۇرلىرىدىن ئايرىلىپتۇ... پادىشاھنىڭ كەنجى ئوغلى ئاكىلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا تاشلانغاندىن كېيىن بىر نەچچە ۋاقىت ھوشسىز يېتىپتۇ، كېيىن ئاستا - ئاستا ھوشىغا كېلىپ قارىسا، قاراڭغۇ قۇدۇقنىڭ تېگىدە ياتقۇدەك. نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، قۇدۇقتىن چىقىشقا ھەرىكەت قىلىپ كۆرۈپتۇ، لېكىن چىقالماپتۇ. ھېلىقى قىز بەرگەن بىر تال چاچنى كۆيدۈرەي دەپ چاقمىقىنى چىقىرىپ كۆرسە پىلىكىسى ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكىدىن يانماپتۇ. تەلەيگە يارىشا شۇ ئارىدا قۇدۇق يېنىغا بىر نەچچە كارۋان كېلىپ چۈشۈپتۇ. ئاتلىرىنى سۇغىرىش ئۈچۈن ئۇلاردىن بىرى قۇدۇقتىن سۇ تارتىشقا چېلەك چۈشۈرۈپتۇ. شۇ ۋاقىتتا يىگىت چېلەككە ئېسىلىۋاپتۇ. كارۋان چېلەكنى تارتسا قولى يەتمەپتۇ. كېيىن ئىككى - ئۈچى بىر بولۇپ تەسلىكتە تارتىپ چىقارسا، بىر يىگىت چىقىۋاتقۇدەك. يىگىت قۇدۇقتىن چىقىپ ۋەقەنى كارۋانلارغا ئېيتىپ بېرىپتۇ. كېيىن ھېلىقى چاچنى كۆيدۈرۈپتۇ. شۇ چاغدا ئاسماندىن بىر كەپتەر ئۇچۇپ كېلىپ قۇدۇقنىڭ ئەتراپىغا قونۇپ، بر قانات قېقىپلا قىزغا ئايلىنىپتۇ - دە، يىگىتتىن: - بېشىڭغا نېمە كۈن چۈشتى؟ - دەپ سوراپتۇ. يىگىت بولغان ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بېرىپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن قىز قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئىككى قېتىم چاۋاك چالغانىكەن، توقۇملۇق ئىككى تۇلپار كىشنىگىنىچە يېتىپ كەپتۇ. ئاندىن ئىككىسى ئىككى تۇلپارغا مىنىپتۇ - دە، >چۇھ< دەپ يولغا چۈشۈپتۇ. ئۇلار يەتتە كۈنلۈك يولنى يېرىم كۈندە بېسىپ ئۆتۈپ، ئۆيىگە يېتىپ بېرىپتۇ. قىز بىلەن يىگىت ئىشىكتىن شۇنداق كىرىشى بىلەنلا، نەچچە كۈندىن بۇيان كۈلمەستىن غەمكىن بولۇپ ياتقان بۇلبۇلگويا قاقاقلاپ بىر كۈلۈۋەتكەنىكەن، ئۇنىڭ كۈلكىسى پۈتۈن ئۆينى چاڭ كەلتۈرۈپتۇ. ئۇكىسىنىڭ تۇيۇقسىز كىرىپ كېلىشىنى كۆرگەن ئاكىلىرى قورقۇپ كېتىپ، نېمە قىلىشىنى بىلمەي قاپتۇ. كۆز نۇرلىرىدىن ئايرىلغان ئاتا بىلەن ئانا بۇلبۇلگويانىڭ كۈلۈشىنى ئاڭلاپ خوشال بولسىمۇ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەپتۇ. كەنجى ئوغۇل ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - سالام مېھرىبانلىرىم، سالامەتمۇ سىلەر؟ مەن كىچىك ئوغلۇڭلار! - دەپ ئاتا - ئانىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئاتا - ئانا: - ۋاي جېنىم بالام، بارمۇ سەن؟ نەلەردە يۈرۈيسەن؟ ئاكاڭلار سېنى ئۆلۈپ كېتىپتۇ دەپ كەلگەنىدى، دەردىڭدە يىغلاپ يۈرۈپ كۆز نۇرلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق بالام، - دەپ يىغلاپ بالىسىنى باغرىغا بېسىپتۇ. خۇشاللىقلىرىدىن ئاتا - ئانىسىنىڭ كۆزلىرىمۇ ئاستا - ئاستا ئېچىلىپتۇ ۋە: - ۋاي بالام، سېنىمۇ كۆرىدىغان كۈن بارىكەنغۇ، - دەپ ئوغلىنى يېڭىباشتىن باغرىغا بېسىپ يىغلىشىپتۇ. كەنجى ئوغلى ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشۈپتۇ. بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى، ئاكىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ئاخىر ئۇلارنىڭ قىلغان قەستلىرىنى بىر - بىرلەپ ئاتا - ئانىسىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك دوستى بىلەن ئاتا - ئانىلىرىنى تونۇشتۇرۇپتۇ، بۇلبۇلگويا بۇلارنى ئالقىشلىغاندەك قاقاقلاپ كۈلۈپتۇ. ھەر كۈلگەندە ئۇنىڭ ئاغزىدىن دەستە - دەستە گۈللەر ئېسىلىپ چۈشۈپتۇ. كەنجى ئوغلىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، چوڭ ئوغۇللىرىنىڭ قىلمىشلىرىدىن غەزەپلەنگەن ئاتا: - نۆكەرلەرگە چوڭ ئوغلى بىلەن ئوتتۇرانچى ئوغلىنى ئاساۋ ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپ سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇلبۇلگويانى بىر كۆرۈشكە ئارمان قىلغان پادىشاھ ئۇنى ئۆز يېنىغا ئالايىتەن جايلاشتۇرۇپتۇ ۋە ھەر كۈنى ئۇنىڭ سايرىشىدىن زوقلىنىپ، مۇراد - مەقسىتىگە يەتكەنىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق