باي بىلەن دېھقان
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بار ئىكەن، يوق ئىكەن، زامانلارنىڭ زامانىسىدا بىر چوڭ باي بولغان ئىكەن. ئۇ خودا يولىدا 360 كۈن بەش ۋاق نامازنى تاشلىمايدىكەن. خۇدادىن «ئەي خۇدا، ئاسان دۇنيا بەرگەيسەن، جاپا چېكىپ دۇنيا تېپشتىن ئىلاھىم ئۆزەك ساقلىغايسەن» دەپ تىلەيدىكەن. ئۇ شۇنداق تەقۋادار بولغىنى بىلەن ھەمىشە ئەيش - ئىشرەت، كەيپ - ساپا بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇ ئۆز كۆڭلىنى كوتىرىش ئۈچۈن، ئوۋ ئوۋلاشقا چىقىپتۇ. ئۇ سەپەر ئۈستىدە دەشتى - چولدە يەر ھەيدەۋايقان بىر دېھقانغا يولۇقۇپتۇ.
دېھقان باي كەلگىنىنى كۆرۈپ سالام بېرىپتۇ. باي ئۇنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالماستىن، دېھقاننىڭ قاۋۇل بەستىگە قاراپ قولغا چۈشۈرمەكچى بولۇپ، ئىچىدە بىر شۇملۇقنى ئويلاشقا كىرىشىپتۇ. دەل مۇشۇ چاغدا قوشنىڭ چىشى بىر نەرسىگە قاتتىق ئۇرۇلۇپتۇ. دېھقان شۇنداق قارىسا، قوشنىڭ ئىزىدا يوغان بىر كومزەك تۇرغىدەك. ئۇ كومىزەكنى ئېلىپ قارىسا، ئىچى لىپمۇ - لىپ تۇرغان ئالتۇن ئىكەن. بۇنى كۆرگەن باي كۆڭلىدە «تىلىگىم ئىجاۋەت بولدى» دەپ خوشاللىقتىن تېرىسىگە پاتماي قاپتۇ ۋە ھاڭ - تاڭ بولغان دېھقان:
- ھەي دېھقان، بۇ يەرلەر مېنىڭ ئاتامدىن قالغان مىراس، سېنى بۇ يەرلەرنى كىم ھەيدىسۇن دەپتۇ. سەن ئوغرى، بۇ يەرلەرنى ھەيدىگەن بولۇپ، كومۈپ قويغان ئالتۇنۇمنىمۇ ئوغرىلىماقچىدىڭ، - دەپ دېھقانغا ئېسىلىۋاپتۇ. بۇنى كۆرگەن دېھقان:
- «ئۆزەڭنى خار قىلغىچە، كۈچىڭنى خار قىل» دەپتىكەن، ھەر نېمە تاپسام ئۆز كۈچۈم بىلەن جان باقاي، - دەپ كومزەكنى ئالتۇن بىلەن باينىڭ خۇرجىنىغا سېلىپ بېرىپتۇ. خوشاللىقتىن باينىڭ ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپتۇ. دەرھال ئۆيىگە قايتىپتۇ - دە، ئىچكىرى قازناققا كىرىپ، ئىشىك - تۈڭلۈكنى مەھكەم ئېتىپتۇ. ئۇ خۇرجۇننىڭ ئاغزىنى يېشىپ، كومزەكنى شۇنداق ئېچىشىغا، ئۇنىڭ ئىچىدىن مىغىلداپ ھەرىلەر چىقىپ باينىڭ باش - كۆزىنى چېقىپ، قاپاقتەك ئىشىشىتىۋېتىپتۇ. باي ئاران ئۆيدىن قېچىپ چىقىپتۇ. ئۇ، دېھقاندىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، مالايلىرىغا كومزەكنى كوتەرگۈزۈپ، دېھقاننىڭ ئۆيىگە كەپتۇ ۋە تۈڭلۈكتىن توكۈپتۇ. ئۇ چاغدا دېھقان ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن ئىكەن. قارىسا، تۆڭلۈكتىن ئالتۇن - كۈمۈشلەر جاراڭلاپ چۈشۈپ ئۆينى لىق توشقۇزۇۋېتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن دېھقان ئومرىنىڭ ئاخىرىغىچە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. ھارام تاماق باي بولسا، ھەرە چاققان بەدىنىنىڭ ئاغرىشىدىن ساقىيالماي ئاخىرى ئۆلۈپتۇ.