غەم دېگەن شۇنداق بولسا
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
تۇخۇ تۇرنا، بۆرە قاراقچى، تۈلكە ماراقچى، سېغىزخان يالاقچى نامىنى ئالغان ئول زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ، كۈنىگە بىر قىزغا ئۆيلىنىدىكەن، سۈبھى يۇرۇش بىلەنلا قىزنىڭ كاللىسىنى ئالدىكەن. كۈن ئۆتۈپ، ئاي ئۆتۈپ شەھەردە قىز تۈگەپ، نۆۋەت ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ يالغۇز قىزىغا كەپتۇ. ۋەزىر قىزىغا بەك ئامراق ئىكەن. يىغلاپتۇ - قاقشاپتۇ. شۇ ئارىدا قىز مەدرىستىن قايتىپ كېلىپ سوراپتۇ:
_ دادا، نېمە بولدىلا؟
_ سېنىڭ، غېمىڭ قىزىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋەزىر ۋە ئەھۋالنى يۇشۇرماي ئېيتىپ بېرىپتۇ. قىز پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ:
_ يىغلىمىسىلا دادا، پادىشاھنىڭ ئەدىۋىنى ئۆزەم بېرىمەن، - دەپتۇ ۋە ياسىنىپ - جابدۇنۇپ، تەخلىنىپ تۇرۇپتۇ.
كەچ كىرىپتۇ. ئىككى جاللات قىزنى ئالدىغا سېلىپ، ئېلىپ كېتىپتۇ. بۇندىن ئىلگىرى نۆۋىتى كەلگەن قىزلار داد - پەرياد ئەيلەپ، ئوردىنى كۆتىرۋېتىدىكەن. ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ قىزى ئۇنداق قىلماپتۇ. ئۇ تاتارماي، تەمتىرىمەي، ئوردىغا ئۇدۇللا كىرىۋېرىپتۇ. پادىشاھ ھەيران بولۇپ سوراپتۇ:
_ ھەي نادان قىز، مەندىن قورقمىدىڭمۇ؟
_ ھەزرىتى پادىشاھى ئالەم، ئۆزلىرى مەندىن قورقمىغان يەردە مەن سىلىدىن قورقاتتىممۇ؟! - دەپتۇ قىز.
بۇ سۆزدىن ئوردا ئەھلى كۈلۈشۈپتۇ. پادىشاھ كۆزىنى پارقىرىتىپ چالۋاقاپتۇ:
_ ئېيتە، بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
_ ئەي ئەزىز شاھىم، بىر سۇئالىم بار، ئاۋال شۇنىڭغا جاۋاب بەرسىلە، - دەپتۇ قىز.
_ قېنى، سورا! - دەپتۇ پادىشاھ كۆرەڭلەپ.
_ پېقىرنى ئوردىغا نېمىگە چاقىرتتىلىكىن؟
_ ئەمرىمگە بىر كېچىلىك ئېلىش ئۈچۈن.
_ مەنمۇ شۇنى كۈتۈپ تۇراتتىم، - دەپتۇ قىز،ئەمما، بىر شەرتىم بار. ئورۇنلىيالىسىلا ھەممىگە رازى مەن. ئورۇنليالمىسىلا ئۆلتۈرەمدىمەن، سازايى قىلامدىمەن، ئىختىيار ئۆزەمدە بولسۇن.
_ ھەرقانداق شەرتىڭ بولسا ئورۇنلايمەن، تىزرەك ئېيتقىن، - دەپتۇ پادىشاھ.
_ ئۇنداق بولسا، غەمسىز ئادەمدىن بىر نى تېپىپ كېلىلا، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرىمەن. ئۆز ئاغزىم بىلەن گەپ سورايمەن.
پادىشاھ:«ئەجەب ئاددىي شەرتكەن بۇ، غەمسىز ئادەم ئوردىنىڭ ئىچىدىلا كۆپقۇ.» دەپ ئويلاپ دەررۇ قۇبۇل قىپتۇ. قىز پادىشاھقا بىر ئايلىق مۆھلەت بېرىپتۇ. ئوردا ئەھلى گۇۋاھ بوپتۇ.
پادىشاھ ئوردىنى ئايلىنىپ سۈرۈشتۈرۈپ كۆرۈپتۇ. غەمسىز ئادەم تېپىلماپتۇ. پۇقراچە كىيىنىپ شەھەرگە چىقىپتۇ. شەھەر ئوردىندىنمۇ بەتتەر ئىكەن: پۇقرالار بەزىسى قورساق دەردىدە ۋايسىسا، بەزىسى يەر - ئۆيسىزلىك، بالا، كىيىم - كېچەك، سودا - مۇئامىلە، ئۈلۈم - يېتىم ئۈستىدە قايغۇرۇۋاتقۇدەك؛ قىز بالىسى بارلارنىڭ قايغۇسى ھەممىنى بېسىپ چۈشكۈدەك؛ جىدەل - ماجرامۇ ھەرقەدەمدە ئۇچراپ تۇرغۇدەك. پادىشاھ ئىلاجىسىز قولىدىكى تىزىملىككە قاراپ، ئۇششاق - چوڭ، پىششىق - توڭ ھەممە ئادەم بىلەن ئەسرالىشىپ، مەقسىتىگە يېتەلمەپتۇ. مۆھلەت ۋاقتى توشاي دەپ قاپتۇ. پادىشاھ قىز ئالدىدا مات بولۇپ، يۈزى كېتىش، جېنىدىن ئايرىلىشتىن ئەنسىرەپ ئوردىغا قايتالماپتۇ. قىزنى قولغا چۈشۈرۈش نىيىتىدىنمۇ كەچمەپتۇ. شۇ ئوي بىلەن بىر كۈنى ئۇ، شەھەر مەركىزىدىكى سارايغا بېرىپ، سودىگەرلەردىن ئۇقۇشۇپ كۆرۈپتۇ. سودىگەرلەر «ئالتۇنلىغىم شەھرىنىڭ تاجى دۆلەت ئىسىملىك بىر پادىشاھسى بار، بەلكىم شۇنىڭ غېمى بولمىسا كېرەك» دىيىشىپتۇ. پادىشاھ رەھمەت ئېيتىپ، تاجى دۆلەتنىڭ شەھرىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ.
ئالتۇنلىغىم شەھرىنىڭ ئارىلىغى يەتتە كېچە - كۈندۈزلۈك يول ئىكەن. پادىشاھ خوشلۇقتا ئۈچ - كېچە كۈندۈزدىلا يېتىپ بېرىپتۇ. تاجى دۆلەتنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، مەقسىتىنى ئېيتىپتۇ. تاجى دۆلەت شاھ ئالتە سۇلتانلىقنىڭ سولتانى بولۇپ، دەببى - دۇنيا، زىبى زىننەت، مال - مۈلۈكنىڭ ھېساۋىنى ئۇقمايدىكەن؛ قەدىمى تەككەن يېرىدە چارىبېغى، سەيلىگاھ تېغى بار ئىكەن؛ بىر ۋاقلىقىغا يۈز تىللالىق تاماق يەيدىكەن؛ قەسىرى ئالتۇندىن، قاچا - قۇشۇق، قازان قۇمۇچ، ئوردا جابدۇقلىرى كۆمۈشتىن ياسالغان ئىكەن. ئەمما، ئۇ بالا ۋاقتىدا، ئاتىسنىڭ پادىشاھلىق تەلىماتىنى، خەلپەتلىرىنىڭ دەرسىنى ئۈگىنىپ بولالماي زار قاقشاپتۇ. ئاتىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شەھەرنى قانداق باشقۇرۇش، پۇل - پۈچەكنى نەدە قۇيۇشنىڭ غېمىدە ئويقۇسىز تۈننى تاڭغا ئۇلاپتۇ. ساقىلى ئاقارغانسېرى ، بالىسىزلىقتىن كۆڭلى يېرىم بولۇپ، «ئۆلسەم شەھرىم، دۇنيالىرىم كىمگە قالار» دېگەن غەمدىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ غەمسىز ئۆتكەن بىر دەقىقە ۋاقتىمۇ يوق ئىكەن. پادىشاھ ئاڭلاپ بولۇپ:
_ پەقىرنىڭ غېمى ھەزرەتلىرىنىڭ غېمىگە ياماقمۇ بولالمايدىكەن، - دەپتۇ ۋە غەمسىز ئادەمدىن بىرنى يولۇقتۇرۇپ، بېشىنى ئوڭشاپ قويۇشنى ئۈتۈنۈپ تۇرىۋاپتۇ.
تاجى دۆلەت شاھ تۇرۇپ كېتىپ:
_ مەن بۇ ئىشنى سىناپ كۆرگەنىدىم ئاخىرى قىزىقارلىق بولۇپ چىقتى. بوپتۇ، نا ئۈمىتتە قالمىسىلا، بۇنىمۇ بىلىپ قالغانلىرى تۈزۈك، - دەپ، بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەنى مۇنداق بايان قىلىپ بېرىپتۇ، - غەم باسقانسىرى «ئالەمدە غەمسىز ئادەممۇ بارمىدۇ، غەمسىز ئادەم قانداق بولىدىغاندۇ؟ » دەيدىغان بولۇپ قالدىم. بۇنداق ئادەمنى كۆرۈشكە تەشنا بولۇپ، غەمسىز ئادەم ئۆزىنى مەلۇم قىلسا مىڭ تىللا ئىنئام قىلىدىغانلىقىم ھەققىدە ئالتە شەھەرگە پەرمان چىقاردىم. مەنمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش «غەمسىزلەر كۆپتۇ» دېگەن پەرىزدە ئىدىم. شۇڭا غەزنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتۇرۇپ، كۈتۈپ ئولتۇردۇم. قانداق بولدى، دېمەملا؟ بىرئاي كۈتتۈم. ئىككى ئاي كۈتتۈم، بىرەر ئادەم ئۆزىنى مەلۇم قىلمىدى. ئۈچىنچى ئېيىغا كەلگەندە، ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي «مانا مەن غەمسىز» دەپ كىرىپ كەلدى. مەن ئۇنىڭدىن «گېپىڭىز راستمۇ؟» دەپ سورىسام، ئۇ : «غەم، دېگەن قانداق نېمە؟ بىلمەيدىكەنمەن، سۆزلەپ بەرسىلە، بىلىۋالسام» دېدى. مېنىڭ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشىم ئاسان ئىدى. لېكىن مەن ئىشەنچىلىك يەكۈنگە مۇھتاج ئېدىم. شۇڭا، ئۇنىڭدىن «تۇرمۇشىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزىۋاتىسىز؟» دەپ ياندۇرۇپ سورىدىم. بوۋاي:
« سەككىز ئوغلۇم بار، نۆۋەت بىلەن ھەربىرىنىڭكىدە بىر ئايدىن تۇرىمەن. يەي - كېيەي دېسەم ئالدىمدا ئېشىپ - تېشىپ تۇرىدۇ، ياتاي دېسەم، يەتتە قات كۆرپە تەييار» دەپ ماقتىنىپ سۆزلەپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا«ئۈچ كۈندىن كېيىن سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىنى ئېلىپ كېتىڭ، تىللانى شۇ چاغدابېرەي» دېدىم. بوۋاي بىر كۈنى پەيدا بولدى. ئۇنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلگەن، چىرايى ساماندەك سارغايغان بولۇپ، تاۋى بوش ئىدى. ئۇ ئالدىمدا تىزلىنىپ«داد پادىشاھى ئالەم، ھۇزۇرلىرىدىن ئايرىلىپ، چوڭ ئوغلۇمنىڭكىگە بارسام، كېلىنىم ئارقىسىنى قىلىپ تۇرىۋالدى. نېمە ئىشكىن دەپتىمەن، ئۇقسام، بالىلىرىم ئۆزلىرى ئىنئام قىلماقچى بولغان مىڭ تىللانى ئۈلىشەلمەي جۇدا تېرىپتۇ. بىرسى دادمنى مەن ئوبدان باقتىم، تىللانىڭ يېرىمى مېنىڭ دېسە، يەنە بىرسى مېنىڭمۇ ئەجرىم ئاز ئەمەس، ئۈچتىن بىرسىنى ئالىمەن، دەپتۇ. باشقىسىمۇ بوش كەلمەي قان بولۇشۇپ كېتىپتۇ. ئۇلار قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەنلىكىمنى كۆرۈپ، ئۆيىگە سولاشمىدى، بىر كېچە تالادا ياتتىم. ئەزرائىلنى سېغىندىم، ئۇ كەلمىدى. ئەمدى نەدە يېتىپ - قوپۇشۇمنى، نېمە يەپ - نېمە كېيىشىمنى بىلمەيمەن. بولدى، غەم دېگەن شۇنداق بولسا، سورىمايلا قوياي، سوئالىمنى قايتۇرۇپ بەرسىلە »دېدى. شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ غەمكىن ئادەم بولۇپ چىقتى. غەمسىز ئادەم جەننەتتە بارمىكىن، ھېچ بىلمىدىم. ئاۋارە بولماي كېتىۋالسىلا بولارمىكىن!
پادىشاھ ئالتۇنلىغىم شەھرىدىن قايتىپتۇ. باراردا ئۈچ كېچە - كۈندۈزدە باسقان يولىنى ياناردا يېرىم ئايدا تۈگىتەلمەپتۇ. يول بويى جان قايغۇسىدا كانىيىدىن غىزامۇ ئۆتمەپتۇ. ياداپ قۇشۇقتەك بولۇپ قاپتۇ. ئۆلۈۋېلىشنىڭ ئورنى يوقكەن. بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ ئوردىغا كەپتۇ. قىزنىڭ قېشىغا كىرىپتۇ. قىز پادىشاھتىن:
_ قېنى غەمسىز ئادەم؟ - دەپ سوراپتۇ. پادىشاھ بېشىنى چايقاپ:
_ بۇنداق ئادەملەر يەر يۈزىدە يوقكەن خېنىم. غەم دېگەن شۇنداق بولسا، بىر قوشۇق قېنىمنى تىلەي، مۇندىن كېيىن ئۆزۈمنى بىلەي، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ.
قىز قىلىچىنى قېنىغا سېلىپ:
_ تۇنجى سۇئاللىرىنىڭ جاۋابىنى ئۆزلىرى تاپتىلا، غەمنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن بولسىلا، بوپتۇ، نامەرتلىك ئۆزلىرى بىلەن قۇرۇسۇن، مەن سىلى قىلغاننى قىلماي، - دەپ ئوردىدىن چىقىپ كېتىپتۇ.
پادىشاھ شۇندىن باشلاپ ئۆيلەنمەپتۇ. پۇقرالارنىڭ غېمىدە بوپتۇ. قىزلار چوڭ بولۇپ ئۆز جورىسىنى تېپىپتۇ.