UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئەرنى باي قىلىدىغانمۇ، گاداي قىلىدىغانمۇ خوتۇن

ئەرنى باي قىلىدىغانمۇ، گاداي قىلىدىغانمۇ خوتۇن

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بىر كۈنى پادىشاھ ۋەزىر - ئەمرالىرى بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇرغاندا، ئوردىغا تۇيۇقسىزدىن بىر قارلىغاچ ئۇچۇپ كىرىپ، >ۋىچىر - ۋىچىر، ۋىچ! ۋىچىر - ۋىچىر، ۋىچ!< دەپ سايراپ، ئىككى ئايلىنىپ ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرىدىن: - ھەي ۋەزىر، بۇ قارلىغاچ نېمە دەيدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - پادىشاھى ئالەم، بۇ قارلىغاچنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى بىلمىدىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋەزىر. - ساڭا ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بېرىمەن، قارلىغاچنىڭ زادى نېمە دېگەنلىكىنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بېرىسەن، چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىسەڭ كاللاڭنى ئالىمەن، - دەپتۇ پادىشاھ. ۋەزىر ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، قارلىغاچنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى زادىلا ئويلاپ تاپالماپتۇ. ئۈچ كۈن ئۆتۈپتۇ. ۋەزىر ئوي - خىيالغا پېتىپ، غەم - غۇسسىدا ئولتۇرۇپتۇ. ۋەزىرنىڭ بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ قىزى بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن. ئىككىسى ھەر كۈنى مەكتەپكە بىللە بارىدىكەن. بۇ كۈنى ۋەزىرنىڭ قىزى دادىسىنىڭ ئەھۋالى بىلەن بولۇپ قلېىپ، مەكتپەكە بارماپتۇ. پادىشاھنىڭ قىزى ساۋاقدىشىنى يوقلاپ، ۋەزىرنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. قارىغىدەك بولسا، ۋەزىر، ۋەزىرنىڭ خوتۇنى ۋە قىزى بىر - بىرى بىلەن ۋىدالىشىپ يىغلىشىۋاتقۇدەك. پادىشاھنىڭ قىزى بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ: - سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمە ئۈچۈن مۇنداق يىغلايسىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ. - نېمىگە يىغلىمايلى، ئەتە دادامنىڭ كاللىسى ئېلىنىدۇ. شۇڭا بىر ـ بىرىمىز بىلەن ۋىدالىشىپ يىغلىشىۋاتىمىز، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋەزىرنىڭ قىزى. پادىشاھنىڭ قىزى بۇ ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى سوراپتۇ. ۋەزىرنىڭ قىزى: - بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى، دادام ئۇخلىماي غەم - غۇسسە بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، - دەپ، ۋەقەنىڭ ئۆتمۈشىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. - بۇنىڭ قايغۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ سۇئالغا مەن جاۋاب بېرەي. شۇ كۈنى قارلىغاچ ۋىچىرلىغاندا ئوردىدا مەنمۇ ھازىر ئىدىم. بۇ قارلىغاچنىڭ ۋىچىر - ۋىچىر، ۋىچ، دېگىنى، - ئەر كىشىنى باي قىلىدىغانمۇ خوتۇن، گاداي قىلىدىغانمۇ خوتۇن، دېگىنى، ئوردىغا بېرىپ سوئالغا مۇشۇ جاۋابنى بەرسۇن، - دەپتۇ پادىشاھنىڭ قىزى. ۋەزىر بۇ قىزنىڭ ئەقلىگە ئاپىرىن ئەيلەپتۇ ۋە قىزدىن ناھايىتى مىننەتدار بولۇپتۇ. ۋەزىر بۇ كېچىنى ئوبدان ئۇخلاپ ئۆتكۈزۈپ ئەتىسى ئوردىغا بېرىپ پادىشاھقا كۆرۈنۈش قىلىپتۇ. - قارلىغاچنىڭ قىلغان سۆزىنى بىلىپ كەلدىڭمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ. - خۇش پادىشاھى ئالەم، بىلىپ كەلدىم. قارلىغاچنىڭ ۋىچىر - ۋىچىر ۋىچ، دېگىنى ئەرنى باي قىلىدىغانمۇ خوتۇن، گاداي قىلىدىغانمۇ خوتۇن دېگىنى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋەزىر. - بۇنى ساڭا كىم ئېيتىپ بەردى، راستىنى ئېيت؟ - دەپ سوراق قىلىپتۇ پادىشاھ. - ھېكىم ئېيتىپ بەرمىدى، ئۆزۈم ئويلاپ تاپتىم. - راستىڭنى ئېيت. سەن ئۆزۈڭ ئويلاپ تاپقان ئەمەس، ئەگەر راستىنى ئېيتمىساڭ كاللاڭنى ئالىمەن، - دەپ ھەيۋە قىلىپتۇ پادىشاھ. - ئۆزۈم ئويلاپ تاپتىم، - دەپ چىڭ تۇرۇپتۇ ۋەزىر. پادىشاھ بۇنىڭغا ئىشەنمەي >جاللات!< دەپ ۋارقىراپ، ۋەزىرنىڭ كاللىسىنى ئېلىشنى بۇيرۇپتۇ. ۋەزىر قورققىنىدىن ئىلاجىسىز راستىنى ئېيتىپتۇ: - گۇناھىمنى كەچۈرسىلە. ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇلۇق قىزلىرى دانىشمەن مەلىكەم ئېيتىپ بەردى، - دەپتۇ ۋەزىر. پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ، دەرھال قىزىنى چاقىرتىپ: قارلىغاچ نېمە دېدى؟ - دەپتۇ. - قارلىغاچنىڭ ۋىچىر - ۋىچىر - ۋىچ، دېگىنى ئەر كىشىنى باي قىلىدىغانمۇ، گاداي قىلىدىغانمۇ خوتۇن دېگىنى، دەپتۇ مەلىكە. پادىشاھ قىزىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ غەزىپىنى باسالماي، خىزمەتكارلىرىنى چاقىرتىپ: - ھازىر كوچىدىن بىر گاداينى تېپىپ كەل. ئەگەر ئەر كىشىنى باي قىلىدىغانمۇ خوتۇن كىشى بولىدىغان بولسا، شۇ گاداينى باي قىلىپ باقسۇن، - دەپ ئەمىر قىلىپتۇ. خىزمەتكارلار كوچىدىن بىر كەمبەغەلنى تېپىپ كەپتۇ. پادىشاھ قىزىنى كەمبەغەلگە قوشۇپ قويۇپ، >مۇشۇ كەمبەغەلنى باي قىل< دەپ ھەيدەپ چىقىرىپتۇ. قىز كەمبەغەل بىلەن چىقىپ كېتىپتۇ. كەمبەغەلنى مۇنچىدا پاكىر يۇيۇندۇرۇپ، كىيىم - كېچەك ئېلىپ كىيگۈزۈپتۇ. كەمبەغەلنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن قالغان بىر كونا تاملىق ئەسكى ئۆيىگە كېتىپ، كەمبەغەل بىلەن ئۆي تۇتۇپتۇ. بۇ، ئەسكى ئۆينى تۈزەشتۈرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. قىز قولىدىكى قىممەت باھالىق بىر گۆھەر مونچىقىنى كەمبەغەلگە بېرىپ: - سەن بۇ مۇنچاقنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ، يېمەك - ئىچمەك ۋە ئاق شايى، يەنە ئون خىل رەڭدار يىپ سېتىۋاپتۇ، يەنە قولىدا نۇرغۇن پۇل ئېشىپ قاپتۇ. بۇلارنى قىزنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەپتۇ. قىز يىپ - رەختلەردىن ھەر خىل سۈرەتلەر چېكىلگەن چىرايلىق كەشتىلىك ياغلىق تىكىپتۇ. كەمبەغەلننى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ ۋە ئۇنىڭغا: - بۇ ياغلىققا قانچە بېرىمەن دېسە، بازانىڭ باھاسىغا قاراپ ئۆزلىرى بىلىپ بەرسىلە دېگىن. قانچە پۇل بەرسە شۇنى ئال. ھۇشيار بولۇپ، ئالدى - ئارقاڭغا قارا ماڭغىن. بىرەرسى ئارقاڭغا ئادەم سېلىپ قويۇپ، بىزگە قەست قىلمىسۇن، - دەپ تاپىلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ قىز كېچىلەپ، كۈندۈزلەپ ھەر خىل چىرايلىق كەشتىلەرنى تىكىپتۇ. ھەر قېتىم بازارغا ئېلىپ كىرسە بۇنى كۆرگەن خېرىدارلار تالىشىپ سېتىۋاپتۇ. كۈن ئۆتۈپتۇ، ئاي ئۆتۈپتۇ، نۇرغۇن پۇل جۇغلىنىپتۇ. قىز بۇ پۇللارغا ناھايىتى چىرايلىق ئازادە ئىمارەت ياسىتىپتۇ. بۇ جاي كۈندىن - كۈنگە ئاۋات بولۇپ كېتىپتۇ. بۇ جاينىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ تەرەپ - تەرەپتىن ئادەملەر كېلىپ ئولتۇراقلىشىپتۇ. يىلدىن - يىل ئۆتۈپ بۇ جاي ئاۋات، گۈزەل بىر شەھەرگە ئايلىنىپتۇ. بۇ شەھەردە سودا - سېتىق قىزىپ كېتىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ شىكارغا چىقىپ، ئوۋ ئوۋلاپ بۇ يەرگە كېلىپ قاپتۇ. بۇ شەھەرنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ. >مەن بۇرۇن بۇ يەرگە كەلگەن ۋاقتىمدا بۇنداق ئالى ئىمارەتلەر، باغلار، ئۆي - قورولار يوق ئىدى. نېمىدىگەن سىر - ھېكمەت بۇ< - دەپتۇ. شەھەرگە كىرىپتۇ. بىر ئالى ئىمارەتنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. قارىغىدەك بولسا، بۇ ئىمارەت ئىچىدە بىر مۇنچە خىزمەتكارلار كىرىپ - چىقىپ خىزمەت قىلىپ تۇرغىدەك. پادىشاھ ئىمارەتكە قاراپ ھەيران بولۇپ تۇرۇشىغا، ئۆيدىن ھېلىقى گاداي چىقىپ پادىشاھنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپتۇ. پادىشاھ ئۆيگە كىرىپ قارىسا، ئۆي ئىچىنىڭ تۈزۈلۈشىمۇ خۇددى ئۆزىنىڭ قىزى تۇرىدىغان ئۆيگە ئوخشاپتۇ. ھايال ئۆتمەي پادىشاھنىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىنىپ، نازۇ - نېمەتلەر قويۇلۇپتۇ. ئاندىن پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان كۆڭۈلدىكى تامىقى نارىن چۆپ كەلتۈرۈلۈپتۇ. چۆپنى يەپ كۆرسە چۆپنىڭ تەمى بەئەينى ئۆز ئۆيىدە قىلغان چۆپكە ئوخشاپتۇ. پادىشاھ >ئەجەپمۇ كۆڭلۈمدىكى ياخشى كۆرىدىغان تامىقىمنى قىلىپتۇ< دەپ، قىزىنى ئەسلەپ كۆڭلى پەرىشان بولۇپتۇ. قىز ئۆزىنى دادىسىغا ئاشكارە قىلماپتۇ. پادىشاھ بۇ كۈنى شۇ يەردە قونۇپ قاپتۇ. ئەتىسى يەنە شۇنداق نارىن چۆپ ئېلىپ كىرىپتۇ. بۇنىمۇ يەپ، پادىشاھ >ئەجەپ كۆڭلۈمدىكى تاماقنى ئېتىپ ئەكىرىپتۇ. بۇنىڭدا بىر سىر - ئەسنا بارمۇ نېمە؟< دەپ بىر ئاز گۇمانغا چۈشۈپتۇ. قىزنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئارتۇقچە گەپ قىلماپتۇ. پادىشاھ ئۆيلەرنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىپتۇ. ئۆيلەرنىڭ ياسىلىشى خۇددى ئۆزىنىڭ ئوردىسىدەك، ئۆي ئىچىنىڭ تۈزۈلۈشىمۇ خۇددى پادىشاھنىڭ ئۆز ئۆيىدەكمىش. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ ئۆز قىزىنىڭ مۇشۇ يەردە بارلىقىنى پەملەپتۇ، بۇ ھال پادىشاھقا قىزىنى تېخىمۇ ئەسلىتىپتۇ. ئەمما قىزى توغرىلىق ئاشكارە گەپ - سۆز قىلىشقا پېتىنالماپتۇ. پادىشاھ پەرىشان ھالدا ئۆز ئۆيىگە قايتىپتۇ. دائىم قىزىنى ئەسلەپ، >قانداق قىلسام قىزىم بىلەن كۆرۈشەرمەن< دېگەن ئوي - غەمدە بوپتۇ. پادىشاھنىڭ بىر قانچە ۋاقىتتىن بېرى پەرىشان ھالدا تۇرغانلىقىنى بايقىغان ۋەزىرلىرى: - يېقىندىن بېرى كۆڭۈللىرى پەرىشان بولۇپ قالدى. ئۆزلىرىنىڭ مۇنداق پەرىشان ئەھۋاللىرىنى كۆرۈپ، بىزنىڭ كۆڭلىمىزمۇ پەرىشانلىققا قالدى. ئەھۋالنى بىزگە ئېيتىپ باقسىلا، ئەگەر قولىمىزدىن كەلسە، بۇنىڭ ئىلاجىسىنى قىلىپ كۆرسەك، - دەپ تەكلىپ بېرىپتۇ پادىشاھقا. - ئۆتكەن قېتىم شىكارغا چىققان ۋاقتىمدا ئۇچراتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئالدىغا كېلىۋېلىپ، قىزىم كۆز ئالدىمدىن كەتمەي، يېگىنىم ئاش، ئۇيقۇم ئۇيقا بولماي قالدى. بۇ ئەھۋاللارنى ئېيتىشقا پېتىنالمىدىم، - دەپتۇ پادىشاھ. - ئۇنداق بولسا، بۇ ئىشنىڭ ئامالىنى قىلىپ كۆرەيلى. ھېلىقى يېڭى شەھەرنىڭ بايۋەچچىسىنى مەلىكىسى بىلەن مېھمانغا چاقىرايلى، بەلكىم شۇ مەلىكە ئۆزلىرىنىڭ قىزلىرى بولۇشى مۇمكىن، - دەپ تەكلىپ بېرىپتۇ ۋەزىرلەر. پادىشاھ بۇ پىكىرلەرنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، نۇرغۇن خىزمەتكارلار بىلەن ۋەزىرنى ئەۋەتىپتۇ. بايۋەچچى بۇلارنى ناھايىتى ئوبدان مېھمان قىلىپتۇ. بارغانلار پادىشاھنىڭ تەكلىپىنى يەتكۈزۈپتۇ. بايۋەچچىنى مەلىكە ۋە پۈتۈن خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرلىكتە پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا تەكلىپ قىلىپتۇ. مەلىكە بىلەن بايۋەچچە پادىشاھنىڭ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، بۇلار بىلەن بىرلىكتە پادىشاھنىڭ خانىسىغا مېھمان بولۇپ كەپتۇ. پادىشاھ بۇلارنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئېلىپ ياخشى مېھمان قىلىپتۇ. پادىشاھ، قىز، بايۋەچچە، ۋەزىرلەر بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ مېھمان بولۇشۇپتۇ. پادىشاھنىڭ كۆزى قىزنىڭ قولىدىكى ئۈزۈككە چۈشۈپتۇ. ئۈزۈكنى پادىشاھ ئۆز قولى بىلەن قىزنىڭ قولىغا سېلىپ قويغان ئىكەن. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ ئۆز قىزى شۇ ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپتۇ: - قىزىم! ئۆزۈڭنى ئەمدى ئاشكارا قىلغىن. سېنىڭ ئالدىڭدا كۆپ خىجىلمەن. ئەپۇ قىلغىن. مەن سېنىڭ ئۆز ۋاقتىدا قىلغان سۆزلىرىڭگە ئەمدى قايىل بولدۇم، - دەپتۇ پادىاھ. قىز يۈزىدىكى نىقاپىنى ئېلىپ، دادىسىنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاپتۇ ۋە: - دادا، بۇ سىزنىڭ كەمبەغەل كۈيئوغلىڭىز بولىدۇ، - دەپتۇ پادىشاھقا. پادىشاھ قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىپتۇ. قىزىدىن ئەپۇ سوراپتۇ. دادا، بالا، كۈيئوغۇل باشقىدىن قۇچاقلىشىپ يىغا - زارە قىلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. بۇلارنى بىر قانچە كۈن مېھمان قىلىپتۇ. ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتۈپتۇ. قىزى بىلەن كۈيئوغلى ئۆز يۇرتىغا قايتىشنى ئىلتىجا قىلىپتۇ. پادىشاھ ئۇلارنى ئۆز يېنىدا قېلىشنى ئېيتىپتۇ. ئۇلار >ئۆز يۇرتىمىزغا قايتساق، بۇ يەرگىمۇ كېلىپ - بېرىپ تۇرساق< دەپ تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ. ئاخىرى پادىشاھ ماقۇل بولۇپتۇ. بۇلار پادىشاھ بىلەن خۇشلىشىپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىپ، ئاۋات - مەمۇرىچىلىق، تېنچ - خاتىرجەملىك بىلەن دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق