UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئاقىلنىڭ ئەقىل كۆرسىتىشى

ئاقىلنىڭ ئەقىل كۆرسىتىشى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا، بىر يۇرتتا بىر قېرى ئوۋچى بار ئىكەن. ئۇ تۇلىمۇ كەمبەغەل ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ھالسىزلىنىپ كەتكەنلىكىگە قارىماي، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئوۋغا چىقىپ، نېمە تۇتسا شۇنى سېتىپ ياكى يەپ - ئېچىپ كۈنىنى ئۆتكۈزىدىكەن. مۇشۇ يوسۇندا ئايلار، يىللار ئۆتۈپتۇ. ئىشى راۋاج تاپماپتۇ، كۈنى زادىلا ئوڭلانماپتۇ. بۇ يۇرتتا يەنە بىر ئاقىل بولۇپ، يېتىم - يېسىرلارغا، غېرىب - مۇساپىرلارغا، نامرات - گادايلارغا ئەقىل كۆرسىتىپ، ئىشنىڭ ئېپىنى ئۆگىتىدىكەن. بۇ ئادەم بىر كۈنى ھېلىقى قېرى ئوۋچى بىلەن ئۇچرىشىپ مۇڭدىشىپتۇ. قېرى ئوۋچى ئۆزىنىڭ ئىش ئوقىتىنى، ھال - ئەھۋالىنى ئۆز پېتى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئاقىل ئوۋچىنىڭ ئاق كۆڭۈل، ساددا ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغىرىتىپتۇ. ئۇ ئوۋچىغا ئەقىل كۆرسىتىپ، ئۇنى بىر ياخشى ئۈكە تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. قېرى ئوۋچى ئاقىلنىڭ ئېيتقىنىنى راۋا كۆرۈپتۇ - دە، دەرھال بېرىپ، پەيلىرى جۇلالىنىپ تۇرغان بىر ئۈكىنى تۇتۇپ كېلىپ، ئاقىلغا ئاتا قىپتۇ. ئاقىل بىر دوپپا تىككۈزۈپ، دۇپپىغا ئۈكە قاداپ، بىر كەمبەغەلنىڭ قىزىغا كىيدۈرۈپ قويۇپتۇ. دوپپا قىزغا شۇنداق يارىشىپتۇكى، كۆرگەن ھەر كىمنىڭ زوقى كەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يۇرتتىكى پۇلدارلارنىڭ قىزلىرى دوپپا تىككۈزۈپ، ئۈكە قاداش كويىغا چۈشۈپتۇ. ئاقىل بۇ ھالنى بايقاپ، >ئۈكە قېرى ئوۋچىدا بار< دەپ بىر پۈتۈك يېزىپ كىشىلەرنىڭ كۆزى چۈشۈپ تۇرىدىغان بىر جايغا چاپلاپ قويۇپتۇ. ئاندىن يەنە قېرى ئوۋچىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەھۋالنى ئىزھار قىلىپ، >مانا ئەمدى ئۈكە تۇتۇپ كېلىپ ئۈكىسىنى ئېلىپ سېتىۋەر< دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۈكە ئىزدىگۈچىلەر قېرى ئوۋچىنىڭ يېنىغا كېلىۋېرىپتۇ. ئۇۋچى تۇتقان ئۈكىسىنى ئۇدۇللۇق سېتىۋېرىپتۇ. كۆپ ئۆتمەيلا قېرى ئوۋچىنىڭ ھال - ئوقىتى ئوڭلىنىپ ھال - ئوقىتى ئوڭلىنىپ، تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ كېتىپتۇ. )>ئېلى گېزىتى< دىن ئېلىندى(
← بارلىق تېمىلار چوچاق