UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقساۋۇت قاتتىق

ساۋۇت قاتتىق

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن ساۋۇت قاتتىق، سەۋرىخان ئاتلىق بىر ئەر - خوتۇن ئۆتكەنىكەن. ساۋۇت قاتتىق ئىنتايىن بېخىل ئىكەن. ئۇ ھېچقانداق كىشىگە نەپ بەرمەيدىكەن. ئىلاجى قىلىپ باشقىلاردىن يۇلۇۋېلىشنى كۆزلەيدىكەن. ئائىلىدە خوتۇن - بالىلىرى تويغۇدەك تاماقمۇ يېيەلمەيدىكەن. خوتۇنى تاماققا تۇتۇش قىلسا، >ئۇن كۆپ بولۇپ كەتتى. ماينى ئاز قۇي، ماي قۇيساڭ گۆش توغرىما، گۆش توغرىساڭ ماي قۇيما، بارىغا شۈكرى قىلساڭ نېمەت كۆپىيىدۇ< دەپ ئارىلىشىدىكەن. بارنىمۇ يېگۈزمەيدىكەن. نەرسىلەر كۆكىرىپ بۇزۇلۇپ قالسا:>بۇنى يېۋىتىڭلار، ساۋاب بولىدۇ. خۇدانىڭ نېمىتى ئىسراپ بولسا يامان بولىدۇ< دەپ تۆككۈزمەي خوتۇن - بالىلىرىنى يېيىشكە زورلايدىكەن. خوتۇنى ئۇنىڭدىن قورقۇپ تاماقنى ئاز ئېتىدىكەن. ئۇ تاماق ساۋۇت قاتتىقنىڭ قارنىدىن ئاشمايدىكەن. ئۇنىڭ بالا - چاقىلىرى نەزىر - چىراغدىن يىغىپ كەلگەن، ئۆيدە ئۇزاق تۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەن نان ۋە پوشكاللارنى سۇغا چىلاپ يېيىشىدىكەن ياكى قورسىقىنى بوران قېقىۋەتكەن ئالما، ئۆرۈكلەر بىلەن گوللاپ يۈرىشىدىكەن. شۇڭلاشقا ساۋۇت قاتتىقنىڭ قولىدا خوتۇن تۇرمايدىدكەن. ساۋۇت قاتتىققا ئۆز مەھەللىسى، ئۆز يۇرتىدىن تېگىدىغان خوتۇن چىقماپتۇ. ئاخىرى ئۇنىڭ قورسىقىغا جىن كىرىپتۇ. ئۇ يىراق بىر يېزىدىن لايىق تېپىپتۇ. ئۇ لايىقىغا لاپنى بولۇشىچە ئۇرۇپ، بار بىساتلىرىنى ئۇ ئايالغا بېغىشلاپتۇ. سەۋرىخان ئاتلىق بۇ ئايال ناھايىتى زېرەك، ساپ كۆڭۈل، ئېغىر بېسىق، نومۇسچان ئايال ئىكەن. تاماققا قالتىس ئۇستا ئىكەن. بىركۈنى سەۋرىخان راسا ئوخشىتىپ پوشكال قىپتۇ - دە، لېگەن بىلەن ئېرىنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. ئۇ چاينى ئەكەلگىچە ساۋۇت قاتتىق بىر لېگەن پوشكالنى پاك - پاكىز سوقۇۋېتىپتۇ. ئۆزى ئەتكەن بۇ تاماقنى تېخى تېتىپ باقمىغان سەۋرىخان دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپتۇ ۋە ئېرىدىن سوراپتۇ. - ساۋۇتۇم، پوشكال قانداقراق بوپتۇ؟ ساۋۇت قاتتىق چىنىدىكى چاينى سۈمۈرگەچ بۇرۇتىنى تولغاپ تۇرۇپ: - ناھايىتى ئوخشاپتۇ، مەززىلىك بوپتۇ، بىراق ئاز ئېتىپ قويۇپسەن، - دەپتۇ. سەۋرىخان بۇ ئىشنى كۆڭلىگە سېلىپ قويۇپتۇ. بۇنداق ئەھۋال دائىم بولىۋېرىپتۇ. بىر كۈنى ساۋۇت قاتتىق: - خوتۇن، ماي بۇزۇلامدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - ماي بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتسە ئەلۋەتتە بۇزۇلىدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ سەۋرىخان. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ساۋۇت قاتتىق تالاغا چىقىپ كېتىپتۇ. بىر ھازا ئۆتكەندىن كېيىن ئېغىلدىكى ساماننىڭ ئاستىغا باستۇرۇۋەتكەن يوغان بىر تۇڭ ماينى كۆتۈرۈپ كىرىپ: - خوتۇن، مەن شەھەردىن چىققىچە، ئوخشىتىپ، تويغۇدەك پوشكال سېلىپ قويغىنا، - دەپتۇ. سەۋرىخان ئېرى شەھەرگە مېڭىشىغا يوغان بىر تەڭلە خېمىر يۇغۇرۇپ، ھېلىقى بىر تۇڭ مايدا بولۇشىچە پوشكال ساپتۇ. بالىلىرىغا تويغۇدەك يىگۈزۈپ، ئۆزىمۇ بۇ ئۆيگە كەلگەندىن بېرى بىرىنچى قېتىم قورساق تويغۇزۇپتۇ. قوشنىلارغىمۇ سۇنۇپتۇ، قالغىنىنى تەڭلىگە بېسىپ قازناققا ئەكىرىپ قويۇپتۇ. ئون دانە پوشكالنى لېگەن بىلەن ئىسسىق ئوراپ ئېرىگە ئېلىپ قويۇپتۇ. كەچكىچە پوشكالغا ئىشتەي ساقلاپ، ئاچ قۇرساق يۈرۈپ چىرايىدىن توپا ئۆرلەپ كەتكەن ساۋۇت قاتتىق شەھەردىن چىقىپتۇ - دە، تۆرگە چىقىپ بەدەشقىنىنى قۇرۇپ: قېنى خوتۇن، تامىقىڭنى ئەپكەل! - دەپتۇ. سەۋرىخان داستىخان بىلەن ئورالغان تاماقنى ئەپكېلىپ ئالدىغا قويۇپتۇ. ساۋۇت قاتتىق ھەش - پەش دېگۈچە ھېلىقى ئون دانە پوشكالنى يەپ بوپتۇ. سەۋرىخان >بۇ دورەمغۇ تويار< دېگەننى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپ ئېرىگە گەپ قىلىشقا تەمشىلىپتىكەن، ئېرى ئالىيىپ تۇرۇپ: - سەن بۇ ئۆيگە كەلگەندىن بېرى قورسىقىم تويغۇدەك تاماق يەپ باقمىدىم، يەنە ئاز ئېتىپسەن! - دەپ ۋارقىراپتۇ. - ساۋۇتۇم خاپا بولمىسىلا، بۈگۈن ئەلۋەتتە تويارلا، - دېگىنىچە يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىپ، قازناقتىكى بىر تەڭلە پوشكالنى تەڭلە بىلەنلا ئەكىرىپ ئالدىغا قويۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن ساۋۇت قاتتىق كۆزلىرى چەكچەيگەن، چىرايى تاتارغان، ساقال - بۇرۇتى تىترىگەن ھالدا ئورنىدىن چاچراپ قويۇپ: - ۋاي ئېسىت مېيىم، ۋاي ئېسىت ئۇنۇم! مېنى خۇدا ئۇرۇپتۇ، يۈرەك - باغرىمنى يۇلۇپتۇ، سەن بەدىبەخ خوتۇن مېنى گادايلاشتۇرۇۋېتەي دەپسەن، ھازىر يوقال كۆزۈمدىن! - دەپ ۋارقىراپ - جارقىراپ، ئاچچىقىغا پايلىماي ھېلىقى پوشكاللارنى تەڭلە بىلەنلا كۆتۈرۈپ سەۋرىخاننىڭ بېشىغا ئېتىپتۇ. تەڭلە سەرىخاننىڭ بېشىدىن ھالقىپ ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپتۇ. پوشكاللار چېچىلىپ توپىغا مىلىنىپتۇ. ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تىمىسقىلاپ يۈرگەن ئالا قانجۇق بۇ >خۇدا بەرگەن< رىسقىنى كۆتۈرۈپ كۇچۇكلىرى بىلەن بىر - بىرىدىن كۆتۈرۈپ مېڭىپتۇ. ساۋۇت قاتتىق داد - پەرياد بىلەن توپىغا پوشكاللارنى پۈۋلەپ تىرىشكە باشلاپتۇ. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆيدىن بوپىسىنى قولتۇقلاپ چىققان سەۋرىخان: - بىچارە ئالىۋاي يېۋالغىن، بالىلىرىڭمۇ تويسۇن، ئالتە ئايدىن بېرى ساڭىمۇ تويغۇدەك بىر نەرسە بېرەلمىگەنتىم، بۈگۈن سەنمۇ توي، يۇندىدىن باشقا يېگۈدەك نەرسە كۆرمەي ئاھىڭ تۇتۇپتىكەن، بۇ رىسقى ساڭا نېسىپ بوپتۇ، - دەپ قاقاھلاپ كۈلگەن پېتى ھويلىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. ساۋۇت قاتتىق: - ۋاي خوتۇن، توختا، توختا دەيمەن، - دەپ سەۋرىخاننىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپتۇ. ئازراق مېڭىپ ھېلىقى يەردە چېچىلىپ ياتقان پوشكاللار ئېسىگە كېلىپ ئارقىسىغا يېنىپتۇ. ھويلىدا تۆت كۈچۈكى بىلەن پوشكال يەپ مەززە قىلىۋاتقان ئالا قانجۇق بىلەن ئۆزىنىڭ يالغۇز قالغانلىقىنى سەزگەن ساۋۇت قاتتىق: - ۋاي ئېسىت سەۋرىخان، مەن پوشكالغا تويدۇم، سەم ماڭا تويدۇڭ. بۇ تۆت تام ئىچىدە يەنە مېنى يالغۇز قويدۇڭ! - دېگىنىچە بېرىپ سۇپىدا بېشىنى چاڭگاللاپ قاپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: خوتەن لاسكوي يېزىسىدىن مەتكېرەم توختى.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
ساۋۇت قاتتىق | UyghurWiki | UyghurWiki