UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقھېكىمەتلىك سۆز

ھېكىمەتلىك سۆز

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر ئادىل پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن، ئۇ يۇرتىنى ياخشى باشقۇرغاپقا خەلق ئۇنىڭدىن بەكمۇ رازى ئىكەن. پادىشاھنىڭ تولىمۇ ھەسەتخور. قارا نىيەت بىر ۋەزىرى بولۇپ، ھەر دائىم پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپ، ئورنىغا پادىشاھ بولۇشنى تاما قىلىپ يۈرۈدىكەن. بىر كۈنى پادىشاھ بېغىدا سەيلە قىلىۋاتسا «ھېكىمەتلىك سۆز ساتىمەن! ھېكىمەتلىك سۆز ساتىمەن!» دىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. پادىشاھ خىزمەتكارلارنى بۇيرۇپ، ھېكىمەتلىك سۆز ساتقۇچىنى چاقىرتىپتۇ. چاچ - ساقاللىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان يۈزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان بىر بوۋاي كىرىپ كەپتۇ. پادىشاھ بوۋاي بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن سوراپتۇ: - قانداق ھېكىمەتلىك سۆز ساتماقچىسىز؟ - ئاۋال مىڭ تىللا بەرسىلە، ئاندىن ئېيتىپ بېرىمەن، - دەپتۇ بوۋاي ھىچ تەپ تارتماي. پادىشاھ بوۋايغا مىڭ تىللا بېرىپتۇ. بوۋاي مىڭ تىللانى ئالغاندىن كېيىن پادىشاھغا: - يامان ئىشتىن قولۇڭنى تارت! - دەپتۇ - دە، چىقىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ: «بۇنى قانداقمۇ ھېكىمەتلىك سۆز دىگىلى بولسۇن ئادەتتىكى گەپقۇ؟» دەپ ئەجەپلىنىپ تۇرۇپ قاپتۇ. بىر ئازدىن كېىيىن: «شۇنچە ياشانغان كىشىنىڭ بېشىدىن بىر ئىش ئۆتمىسە بۇنى ھېكىمەتلىك سۆز دەپ ساتماس ئىدى» دىگەن يەرگە كەپتۇ - دە، بۇ سۆزنى ئالتۇن ئۈزىگىنىڭ ئۈستىگە ئويدۇرۇپ، قولىغا سېلىۋاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ چېچىنى ئالدۇرۇپتۇ، ساقال ياساشقا كەلگەندە ساتىراچنىڭ قولىدىكى ئۇستىرا چۈشۈپ كېتىپ، قولىرى دىرىلدەپ تىتىرەشكە باشلاپتۇ. پادىشاھ ساتىراچنىڭ ئۆڭۈپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ سوراپتۇ: - نېمە بولدۇڭ؟ ساتىراچ يەرگە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ: - بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچسىلە ئېيتاي، - دەپتۇ. - كەچتىم، قېنى ئېيىتە! - دەپتۇ پادىشاھ ئەجەپلىنىپ. ساتىراچ: - ۋەزىر،ماڭا «پادىشاھ چاچ ئالدۇرۇشقا كەلگەندە پادىشاھنىڭ گېلىغا ئۇستۇرا سېلىپ ئۆلتۈرگىن. ئۆلتۈرەلىسەڭ مەن پادىشاھ بولۇپ، سېنى ۋەزىر قىلىمەن. ئەگەر ئۆلتۈرەلمىسەڭ كاللاڭنى ئالىمەن» دېگەن ئىدى. ئۇستۇرىنى گاللىرىغا توغرىلىشىمغا كۆزۈم ئالتۇن ئۈزۈكلىرىدىكى «يامان ئىشتىن قولۇڭنى تارت!» دېگەن خەتكە چۈشتى، يامان ئىشتىن دەرھال ياندىم، - دەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. پادىشاھ بۇ ھېكىمەتلىك سۆزنىڭ ئۆزىنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالغانلىقىدىن سۆيۈنۈپتۇ، ۋەزىرنىڭ قارا نىيەتلىگىدىن غەزەپلىنىپ، ۋەزىرنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپتۇ. پادىشاھا ھېلىقى ھېكىمەتلىك سۆز ساتقان بوۋاينى تاپتۇرۇپ كەپتۇ - دە، ئۆزىگە باش ۋەزىر قىلىپ تەيىنلەپتۇ. ساتىراچقا نۇرغۇن ئىنئاملارنى بېرىپ، شۇ مەملىكەتنىڭ ھۈنەرۋەنلەر بېگى قىلىپ كۆتىرىپ، يۇرتنى تېخىمۇ ئادالەت بىلەن باشقۇرۇپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: چاۋار يۈسۈپ
← بارلىق تېمىلار چوچاق