UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقمەلىكە گۈلچېھرە

مەلىكە گۈلچېھرە

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قەدىمقى زاماندا تىيانشان ئىتىگىدە بىر كىچىك پادىشاھلىق بار ئىكەن. ئۇنىڭغا قىدىر شاھ ئىسىملىك بىرسى شاھلىق قىلىدىكەن. قىدىر شاھنىڭ بىرلا ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى شاھزادە ئامان ئىكەن. ئامان كىنچىكىدىنلا شىكار قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك يىگىتلىرى بىلەن تاغ - دالىلارغا شىكارغا چىقىدىكەن. شاھزادە ئامان 18 ياشقا كىرگەندە، قىدىر شاھ كاتتا توي قىلىپ، ئىناۋەتلىك بىر ۋەزىرنىڭ مەلىكە گۈلچېھرە ئىسىملىك قىزىنى ئېلىپ بېرىپتۇ. مەلىكە گۈلچېھىر ھۆسۈن بابىدا تەڭداشسىز گۈزەل، ئەقىل - پاراسەت بابىدا تەڭدىشى يوق بىر قىز ئىكەن. شاھزادە ئامان مەلىكە گۈلچېھرەگە ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئۆز بەختى - پىشانىسىدىن مەمنۇن بوپتۇ. ئۇ، مەلىكە گۈلچېھرىنى يېنىدىن بىردەممۇ ئايرمايدىكەن. شىكارغا چىقسىمۇ بىللە ئېلىپ يۈرىدىكەن. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ، مەلىكە گۈلچېھرەنى ئېلىپ شىكار ئاتلىنىپتۇ. ئۇلار بىر نەچچە كۈن شىكار قىلىپ مېڭىپ، نەۋكەرلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، بىر گۈزەل جايغا يېتىپ كەپتۇ. ئۇلار ئات ئۈستىدە تۇرۇپ، تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە قاراپ ھوزۇرلىنىپ تاماشا قىلپتۇ. مەلىكە گۈلچېھرە شاھزادە ئامانغا كىشىنىڭ كۆڭلىگە ھوزۇر بېغىشلايدىغان بۇ جاينى چەكسىز قىزغىنلىق بىلەن ماختاپتۇ. شۇ چاغدا شاھزادە ئامان: - ئەي گۈلچېھرە، ئېيتقىنا، مۇشۇنداق گۈزەل يەردە تاماشا قىلىشىڭ كىمنىڭ دۆلىتىدۇر؟ - دەپ سوراپتۇ. - سىزچە، كىمنىڭ دۆلىتىدۇر؟ - دەپتۇ مەلىكە شاھزادىگە تەئەججۈپ بىلەن قاراپ. مەغرۇر شاھزادە: - بۇ مېنىڭ دۆلىتىم، - دەپتۇ. - بايلىقنى خەلق ئىشلەپ يارىتىدۇ، دۆلەتنى خەلق بېرىدۇ. خەلق بولمىسا، سىز بىر كۈنمۇ ياشىيالمىغان بولاتتىڭىز، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ مەلىكە. شاھزادە دەرغەزەپ بولۇپ: - ئۇنداق بولسا، ئاتتىن چۈشۈپ، مۇشۇ دالىدا قال، خەلقنىڭ ساڭا قانداق دۆلەت بەرگىنىنى مەن بىر كۆرۈپ باقاي، - دەپتۇ. مەلىكە: - >مىننەتلىك ئېشىڭدىن قارنىمنىڭ ئېچى ياخشى< دەپتىكەن، قالسام قالاي، - دەپتۇ - دە، ئاتتىن ئىرغىپ چۈشۈپ يىراققا يول ئاپتۇ. ئۇنى بۇنداق قىلار، دەپ ئويلىمىغان شاھزادە مەلىكە گۈلچېھرىنى توختىتىپ قالالماپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن، شاھزادە ئامان: - ھاي گۈلچېھرە! قايت، ئاتقا مىن! بۇ دالىدا سېنى يىرتقۇچلار يەپ قويمىسۇن! - دەپ ۋاقىراپتۇ. لېكىن مەلىكە ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي، يولىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىپتۇ. شاھزادە ئامان ئارقىسىغا يېنىپتۇ. مەلىكە گۈلچېھرە شاھزادە ئاماندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، كېچىچە توختىماي مېڭىپتۇ. ئەتىسى يەنە مېڭىپتۇ. قورسىقى ئېچىپ، ماغدۇرى قېچىپتۇ. چىڭقى چۈش ۋاقتىدا سۇلىرى سۈزۈك، دەل - دەخلىرى قويۇق بىر جايغا يېتىپ كەپتۇ، قارىسا، ھېچ ئىنسان كۆرۈنمەپتۇ، مەلىكە يىراق بىر جايدا چىقىۋاتقان ئىسنى كۆرۈپ، شۇ تەرەپكە قاراپ مېڭىتپۇ. بېرىپ قارىسا، ساقاللىرى ئۆسكەن، بەللىرى مۈكچەيگەن بىر بوۋاي كەپىدە ئوت قالاپ، چاي قاينىتىۋاتقان ئىكەن، مەلىكە بوۋايغا سالام قپتۇ. بوۋاي >بۇ دالىدا يالغۇز يۈرگەن قانداق پەرىزات بۇ؟< دەپ ھەيران قاپتۇ. مەلىكە بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى بىرمۇ - بىر بايان قىپتۇ. ئاندىن: - ئەي بوۋا! مەن سىزگە قىز بولاي، مېنى بالا قىلىۋېلىڭ، دەپ ئۆتۈنۈپتۇ. بوۋاي مەلىكىنىڭ يېقىملىق ۋە دانالىقىغا قايىل بولۇپ، بالا قىلىۋاپتۇ. بۇ بىر ئوتۇنچى بوۋاي بولۇپ، ئوتۇن سېتىپ كۈن كەچۈرىدىكەن؛ ئۇنىڭ بىر چۆگۈن، بىر پالتىسىدىن باشقا ھېچنەرسىسى يوق ئىكەن. بۈگۈن بۇ جاڭگالغا بارسا، ئەتىسى ئۇ جاڭگالغا بارىدىكەن. مەلىكە بىر نەچچە ۋاقىت بوۋايغا ئەگىشىپ ئوتۇنچىلىق قىپتۇ. بوۋاي بازارغا ئوتۇن ساتقىلى كەتسە، مەلىكە ئوتۇننى ۇيىغىپ تەييارلاپ، يېرىم يولغىچە ئاپىرىپ بېرىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بوۋاينىڭ ئىشى بىر ئاز ئىلگىرى بېسىپتۇ. بىر كۈنى مەلىكە بوۋايغا بازاردىن رەڭمۇ - رەڭ يىپلاردىن ئەكىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. بوۋاي مەلىكە دېگەندەك قىپتۇ. مەلىكە بۇ يىپلاردىن تۈرلۈك نەرسىلەرنى توقۇپتۇ. بوۋاي ئۇنى بازاردا سېتىپتۇ. كۆپ ئۆتمەي ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى خېلىلا ياخشىلىنىپتۇ. ئاڭغىچە گۈلچېھرەنىڭ ئاي - كۈنى تولۇپ، بىر قىز تۇغۇپتۇ، قىزنىڭ ئىسمىنى گۈلبەھرە قويۇپتۇ. بىر كۈنى مەلىكە؟>ئاتا، سىز باشقا ياقلارغا بارغاندا قولىدىن ئىش كېلىدىغان، ماكانسىز، ئىش - ئوقىتى يوق كىشىلەر بولسا باشلاپ كېلىڭ!< دەپتۇ. بوۋاي مەلىكىنىڭ ئېيتقىنىدەك قپتۇ. مەلىكە كەلگەنلەرنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئاياللارنى كەشتە تىكىشكە، ئەرلەرنى دېھقانچىلىق قىلىشقا بۇيرۇپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. بۇ يەر ئاۋاتلىشىپتۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى پاراۋانلىشىپتۇ. بۇ يەرنىڭ ئاۋات ۋە ياخشىلىقىنى ئاڭلاپ، تەرەپ - تەرەپتىن ھۈنەرۋەنلەر كەپتۇ. ھەممىسى تېگىشلىك ئىش ۋە ئورۇنغا ئىگە بوپتۇ. ئارىدىن يىللار ئۆتۈپتۇ، ئادەملەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، قورغان سوقۇپ، سارايلارنى سېلىپ گۈزەل بىر شەھەر بىنا قىپتۇ. شەھەرنىڭ ئىسمىنى >ھۆسىن ئاۋات< قويپتۇ. بوۋاينى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ سايلاپ، >ئادىل پادىشاھ< دەپ نام بېرىپتۇ. بوۋايمۇ ھەر بىر ئىشتا مەلىكە گۈلچېھرەدىن مەسلىھەت ئېلىپ، يۇرتنى ئادالەت بىلەن سوراپتۇ. كىشىلەر بۇ ئاۋات جايدا خاتىرجەم، باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ، مەلىكە گۈلچېھرە قىزنى ياخشى تەربىيە قىپتۇ، گۈلبەھرە ئانىسىغا ئوخشاش چىرايلىق ھەم ئەقىللىق بولۇپ ئۆسۈپتۇ. شاھزادە ئامان مەلىكە گۈلچېھرەدىن ئايرىلىپ، نەۋكەرلىرى بىلەن يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، ئاتىسى قىدىر شاھقا بولغان ۋەقەنى بايان قىپتۇ. قىدىر شاھ ھەر تەرەپكە كىشى ئەۋەتىپ، بىر يىلغىچە ئىزلىگەن بولسىمۇ، مەلىكە گۈلچېھرەنىڭ دېرىكىنى ئالالماپتۇ. ئاستا - ئاستا ئىزلەشنىمۇ قويۇپتۇ. كېيىن مەلىكە گۈلچېھرەنىمۇ ئۇنتۇپتۇ. ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتۈپتۇ. قىدىر شاھ ۋاپات بوپتۇ. شاھزادە ئامان ئاتىسىنىڭ ئورنىغا شاھ بوپتۇ. ئامان شاھ ئادىتى بويىچە بىر كۈنى چوڭ تەييارلىقلارنى قىلىپ، داغدۇغا بىلەن شىكارغا ئاتلىنىپتۇ. شىكاردا تاغ - ئېدىرلاردىن ئېشىپ، نەچچە يەرگە دەرۋازا ئورنىتىلغان، پۇختا ۋە چوڭ بىر قورغانغا كېلىپ قاپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، بۇ دەرۋازىلارغا ھەيۋەتلىك قاراۋۇللار قويۇلغان، كۆركەم بىر شەھەر ئىكەن، ئامان شاھ ھەيران بولۇپ: مەن بۇياقلارنى شۇنچە يىل ئارىلاپ يۈرۈپ مۇنداق بىر قورغاننى كۆرمىگەن ئىدىم دەپ ئەجەبلىنىپتۇ - دە، شەھەرگە كىرىشكە قىزىقىپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئادىل پادىشاھ ئامان شاھنىنڭ ئالدىغا چىقىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، شەھەرگە كىرىپ سەيلە قىلىشقا تەكلىپ قىپتۇ. ئامان شاھ قورغان ئىچىگە كىرىپ قارىسا، گۈزەل ساراي، باغلار سېلىنىپ كەتكەن، گۈل - گىياھلار ئادەمنىڭ كۆزىنى چاقناتقىدەك ئېچىلىپ كەتكەن ئىكەن. ئادىل پادىشاھ ئامان شاھىنى كاتتا بىر سارايغا باشلاپ، تۈرلۈك نازۇ - نېمەتلەر بىلەن كۈتۈۋاپتۇ. شاراپلار ئېچىلىپ، ئويۇن ئەۋجىگە چىققان بىر ۋاقىتتا، ئامان شاھنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر پەردە قايرىلىپ، يەنە بىر ساراي كۆرۈنۈپتۇ. سارايدا بىر گۈزەل قىز شۇنداق بىر ئۇسۇلغا چۈشۈپتىكى، ئامان شاھ بىرلا كۆرۈپ مەسخۇش بولۇپ، ئاشىق - بىقارار بوپتۇ - دە، يېنىدىكى ۋەزىرنى قىزنى دەرھال ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. ۋەزىرى تازىم بىجا كەلتۈرۈپ: - ئەي شاھ، بۇ قىز مۇشۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ قىزى ئىكەن، ئۇلار بىزنى شۇنچىۋالا ئىززەت - ئىكرام بىلەن كۈتۈۋاتقان يەردە، بىز بىئەدەپلىك قىلساق بولماس، ئۆز شەھىرىمىزگە قايتقاندىن كېيىن، ئەلچى ئەۋەتكۈلۈك، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. ئامان شاھ نائىلاج ۋەزىرنىڭ مەسلىھىتىگە كۆنۈپ، شۇ زامان ئۆز شەھىرىگە قايتىپتۇ. ئامان شاھ ئۆز شەھىرىگە قايتقاندىن كېيىن، دەرھال بىر نامە پۈتۈپ ئەلچىلەرگە تۇتقۇزۇپ يولغا ساپتۇ. نامىدە:>ياخشىلىقچە قىزنى ماڭا بەرسۇن، بولمىسا لەشكەر تارتىپ بېرىپ، شەھىرىنى تۈزلەپ، ئۆزلىرىنى باغلاپ كېلىمەن< دېيىلگەن ئىكەن. ئامان شاھنىڭ ئەلچىلىرى كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ، ئادىل پادىشاھنىڭ شەھىرىگە كەپتۇ. ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن خەتنى كۆرۈپ، ئادىل پادىشاھنىڭ بېشى قېتىپتۇ. مەلىكە گۈلچېھرەنىڭ ئالدىغا كىرىپ، مەسلىھەت سوراپتۇ. مەلىكە گۈلچېھرە: - ئاتا، ئۆزلىرىگە ئوغۇل بولغۇسى كەلگەن كىشى مۇنداق بىئەدەپلىك قىلامدۇ؟ قىزىمنى بەرمەيمەن، دەپ ئېيتسىلا، - دەپتۇ. ئادىل پادىشاھ مەلىكىگە: - قىزىم، ئۇنى ناھايىتى كۈچلۈك پادىشاھ دەيدۇ، ئەسكىرىمۇ قۇمدەك ئىكەن، يېڭىلىپ قالساق، قانداق بولار؟ - دەپتىكەن، مەلىكە: - قورقماڭ ئاتا، ئامان شاھ خوتۇن ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ، بىز بولساق، شەھەرنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىمىز، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئادىل پادىشاھ ئامان شاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ >قىزىمنى بەرمەيمەن< دەپ قايتۇرۇۋېتىپتۇ. ئامان شاھ بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ، قاتتىق غەزەبلىنىپتۇ، ئۆزىنىڭ خىل لەشكەرلىرىدىن نەچچە مىڭنى چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىپ، بوۋاي بىلەن قىزنى باغلاپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ. ئامان شاھنىنڭ لەشكەرلىرى ھۆسنى ئاۋاتقا يېتىپ كېلىشى بىلەن مەلىكە گۈلچېھرە لەشكەر تارتىپ چىقىپ، شەھەر سىرتىدا قاتتىق ئۇرۇش قىپتۇ. ئامان شاھ ئەسكەرلىرى يېڭىلىپتۇ. مەلىكە ئۇلارنى بىر كۈنلۈك يەرگىچە قوغلاپ بېرىپتۇ. ئامان شاھ ئەسكەرلىرىنىڭ يېڭىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ غەزەپلىنىپتۇ، پۈتۈن ئەسكەرلىرىنى يىغىپ، ئادىل شاھنىڭ شەھىرىگە ئۆزى يۈرۈش قىلىپتۇ. مەلىكە گۈلچېھرە بۇلارنىڭ كېلىشىگە تەييارلىنىپ تۇرغان ئىكەن، ئىككى تەرەپ ئۈچ كېچە - كۈندۈز قاتتىق جەڭ قىپتۇ. مەلىكە گۈلچېھرە ئامان شاھنىڭ لەشكەرلىرىنى تېرى - پېرەڭ قىلىۋېتىپتۇ. ئامان شاھنى بىر نەچچە ۋەزىرلىرى بىلەن ئەسىر ئېلىپ، شەھەرگە قايتىپتۇ. شەھەر ئىچى خوشالىققا چۆمۈپتۇ. ناغرا - سۇناي ياڭراپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى مەلىكە تەختكە چىقىپ ئولتۇرۇپ، ئەسىرلەرنى كەلتۈرۈشنى بۇيرۇپتۇ. ئامان شاھ باشلىق ئەسىرلەر كەلتۈرۈلۈپتۇ. مەلىكە گۈلچېھرە يۈزىدىكى نىقابنى ئېلىپ: - ھەي ئامان شاھ، بۇمۇ سېنىڭ ماڭا بەرگەن دۆلىتىڭمۇ؟ - دەپتۇ. ئامان شاھ قارىغۇدەك بولسا ئالدىدا مەلىكە گۈلچېھرە تۇرغىدەك. ئامان شاھ يۈز كېلەلمەي بېشىنى تۆۋەن ساپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىلغىنىغا پۇشايمان قىپتۇ. مەلىكە گۈلچېھرە ئادىل پادىشاھقا تازىم قىلىپ تۇرۇپ، ئامان شاھنىڭ ئۆزىنىڭ ئېرى ئىكەنلىكىنى، گۈلبەھرەنىڭ ئۇنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى ۋە ئوتتۇرىدا ئۆتكەن - كەچكەنلەرنى سۆزلەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان كىشىلەر مەلىكىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە، باتۇر - قەيسەرلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. مەلىكە گۈلچېھرەنىڭ تەرىپى ئېغىزدىن ئېغىزغا، ئاتىدىن - بالىغا كۆچۈپ، بىزگىچە يېتىپ كەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق