پادىشاھ بىلەن يوھا
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
قەدىمكى زاماندا سەلتەنەتلىك بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. پادىشاھنىڭ ئەدلۇ - ئادالىتىدىن ئەل ئامان، يۇرت پاراۋان، پۇقرالار ئىناق بولۇپ، ئىشلىرى روناق تاپقانىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ مەمىلىكەتنىڭ بىر سەھراسىدا، تۇيۇقسىز ئادەملەر، چارۋىلار ئىز - دېرەكسىز يوقىلىپ كېتىشتەك غەلىتە ئەھۋال يۈز بېرىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي بىر كەنتنىڭ ئادەملىرى، چارۋىلىرى، ئۆي قۇشلىرى، ھەتتا مۈشۈكلىرىگىچە تۈگەپ، كەنتتە جانلىق مەۋجۇدات قالماپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يۈز بېشى مىڭبېشىغا، مىڭبېشى شەھەر ھاكىمىغا ۋەقە - ھاۋادىساتلارنى يەتكۈزۈپتۇ. ئارقىدىنلا ھاكىمغا بۇ ئاپەتنىڭ يەنە بىر كەنتكە ئۇلاشقانلىقى، >پىشانىمىزگە پۈتۈلگەننى كۆرەرمىز< دەپ تەقدىرنىڭ ھۆكۈمىنى كۈتۈپ تۇرغۇچىلار يۇرتىدا قېلىپ، قالغانلىرى بالا - چاقىلىرىنى ئېلىپ، مال - ۋارانلىرىنى ھەيدەپ باشقا ياقلارغا سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەر كەپتۇ. پايتەخت شەھىرىنىڭ ھاكىمى ئىنتايىن ئالاقزادىلىك ئىچىدە پادىشاھنى شىددەت بىلەن بېسىپ كېلىۋاتقان بۇ نامەلۇم بالا - قازادىن ۋاقىپلاندۇرۇپتۇ. پادىشاھ دەرھال ۋەزىر - ئەمىر ۋە سەركەردىلىرى بىلەن كېڭىشىپ، ئۇستا چەۋەنداز، مەرگەن، باتۇرلاردىن تاللانغان مىڭ كىشىلىك ئەزىمەتلەر قوشۇنى تەشكىللەپ، كۆزگە كۆرۈنمەس بۇ خىرىسچى بىلەن جانبازلىق قىلىش ئۈچۈن شىكارغا چىقىش نامى بىلەن ئادەمسىز قالغان كەنت تەرەپكە يۈرۈش قىلىپتۇ. بۇ كەنت پايانسىز دەشت - باياۋانغا تۇتاش بولۇپ، كەنتنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئادەم ئاياغ باسمىغان، بىر - بىرىدىن ئېگىز تۈگىمەس قۇم بارخانلىرى سوزۇلۇپ كەتكەنىكەن. پادىشاھ لەشكەرلىرى بىلەن كەنتنىڭ ئاخىرىغىچە كېلىپ، ھەممە ئەتراپنى قاتتىق كۆزىتىپتۇ. لېكىن سوقۇش قىلغۇدەك بىرەر دۈشمەننى كۆرمەپتۇ ياكى بىرەر شەپىنى سەزمەپتۇ. ئۇلار بوش قالغان ئۆيلەردە يېتىپ بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈپتۇ، ئادەملەرمۇ، ئاتلارمۇ ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىماپتۇ. ئەتىسى پادىشاھ قۇرۇقدىلىشقا يۈزلەنگەن يەنە بىر كەنتكە قاراپ ئاتلىنىشقا پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، توساتتىن بىر ئىدىرنىڭ يانباغرىدىن بىر كىيىك بالىسى غىل - پال كۆرۈنۈپتۇ - يۇ، بىر تاقلاپلا كۆزدىن غايىپ بوقپتۇ. پادىشاھ ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ قارىسا، كىيىك بالىسى ئىدىرنىڭ نېرىقى تەرىپىدىكى سايدا قېچىپ كېتىۋاتقۇدەك. پادىشاھ باشقىلارنىڭ ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويماسلىقى ئۈچۈن >كىيىكنى ھېچكىم قوغلىمىسۇن، ئۇنى ئۆزۈم تىرىك تۇتۇپ كېلىمەن< دەپتۇ - دە، كىيىك بالىسىنىڭ كەينىدىن ئېتىنى چاپتۇرۇپ كېتىپتۇ. كىيىك بالىسى دەم كۆرۈنۈپ، دەم كۆرۈنمەي پادىشاھنى خېلى يەرلەرگىچە قوغلاتقۇزۇپتۇ. بىر يەرگە بارغاندا، ئات چىپپىدە توختاپ مىخ قاققاندەك تۇرۇپ قاپتۇ. پادىشاھ ئاتنىڭ ماغزاپتەك ئاپئاق كۆۋرۈككە چىلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئات چارچىغان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتۇ. دەل شۇ چاغدا، پادىشاھنىڭ كۆزى ئون قەدەمچە نېرىدىلا خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەك پەيدا بولۇپ قالغان ۋە يەرگە قاراپ ئولتۇرغان ئۇزۇن چاچلىق بىر ئايالغا چۈشۈپتۇ - دە، كاللىسىغا چاقماق تېزلىكىدە >بۇ ئالۋاستىمۇ نېمە؟< دېگەن ئوي كېلىپ، يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ كېتىپتۇ. لېكىن دەرھال ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ:
- كىمسەن؟ تۇر ئورنىڭدىن! - دەپ ۋارقىراپتۇ. ئايال بېشىنى بىر كۆتۈرۈپ، پادىشاھقا لاپپىدە بىر قارىۋالغاندىن كېيىن، ئولتۇرغان جايىدا ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ، بېشىنى ئېگىپ پادىشاھقا سالام بەجا كەلتۈرۈپتۇ ۋە:
- ئەي زاتى شېرىپ، مەن سىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيمەن، ئەمما سىياقىڭىزدىن قارىغاندا، سەركەردىلەردىن ئوخشايسىز. مەن كېتىۋېتىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، پۇتۇمغا قۇيۇن ئۇچۇرتۇپ كەلگەن بىر چوڭ تاش تېگىپ ئوشۇقۇمنى زەخمىلەندۈرگەنىدى، شۇڭا ھۆرمىتىڭىز ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇرالمىدىم، كەچۈرگەيسىز، - دەپتۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرگەندە كۈن ئاشۇ جايدىن يەنە بىر قېتىم كۆتۈرۈلۈپ چىققاندەك، ئەتراپ پاللىدە يورۇپ كەتكەنىكەن، ئەمدى ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسىن - جامالىغا قوڭغۇراقتەك يېقىملىق ئاۋازى قوشۇلۇپ پادىشاھنى مەپتۇن قىلىۋاپتۇ. پادىشاھ ئىختىيارسىز ئاتتىن چۈشۈپ ئايالنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ئۇ ئەمدىلا ئون يەتتە - ئن سەككىز ياشقا كىرگەن بىر قىز ئىكەن. پادىشاھ: >مەن بىر ھۆر - پەرىگە يولۇقتۇممۇ نېمە؟< دەپ ئويلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ ۋە شۇئان ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا قىزغا بولغان ئىشتىياق ئوتى ئۇلۇغ بىر گۈلخاندەك لاۋىلداشقا باشلاپتۇ. كۆڭۈل تەختىنى بولسا بۇ سۆيگۈ سۇلتانى ئىستىلا قىپتۇ. قىز پادىشاھنىڭ سورىغانلىرىغا جاۋابەن:
- بىز ئاتا - ئانىمىزدىن بىر ئوغۇل، بىر قىز تۆرەلگەنمىز. ئاكامنىڭ ئىسمى خۇرشىد ئىدى، مېنىڭ ئىسمىم خۇرشىدە. ئاكام جان بېقىش تەھلىكىسىدە ئىش ئىزدەپ چىقىپ كەتكەنىدى، ئۇ قايتىپ كەلمىدى. يېقىندا قانداقتۇر بىر غايىب ۋابانىڭ كاساپىتىدىن ئاتا - ئانام بىر كېچىدىلا يوقالدى. مەن قورقۇپ يۇرتۇمنى تاشلاپ قېچىپ چىقىپ، نەگە بېرىشىمنى بىلمەي مۇشۇ يەرگە كېلىپ قالدىم، كۈتۈلمىگەندە پېشكەللىككە ئۇچراپ يارىلاندىم، بەختىمگە يارىشا خۇدايىتائالا ماڭا سىزنى يەتكۈزدى، - دەپ سۆزدىن توختاپتۇ. قىزنىڭ ئۇچىسىدىكى كىرلىشىپ كەتكەن ماتا كۆڭلەك، بېشىدىكى ئۆڭۈپ كەتكەن كونا دوپپا، پۇتىنىڭ يالىڭاياقلىقى ئۇنىڭ ئىنتايىن نامرات ئائىلىنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدىكەن. پادىشاھ قىزنى ئۆزى بىلەن بىللە ئەكەتمەكچى بوپتۇ. لېكىن ئېتىغا مىنگەشتۈرمەكچى بولغاندا، ئات زادىلا مىندۈرمەپتۇ پادىشاھ:
- بۇ ئات يات ئادەمنى مىندۈرمەيدىغان قىلىپ ئۆگىتىلگەنىدى، مەن سىزگە ئادەم ئەۋەتىمەن، - دەپ، ئېتىغا مېنىپ قايتىپ كېتىپتۇ ۋە ئادەم ئەۋەتىپ قىزنى ئالدۇرۇپ كېتىپتۇ. ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن قىزنى تېۋىپقا داۋالىتىپتۇ. پادىشاھ خۇرشىدە ئۈچۈن مەخسۇس قەسىرى ساراي بىنا قىلىشنى باش ۋەزىرگە تاپشۇرۇپتۇ ھەمدە قەسىر پۈتكەندىن كېيىن كاتتا توي قىلىپ قىزنى نىكاھىغا ئالىدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ. ئەمما پادىشاھ تاقەت قىلالماي توينى قەسىر پۈتكەندە ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، قىزنى نىكاھىغا ئېلىۋاپتۇ. شۇندىن كېيىن ئوردىدىكى ئېسىل ئاتلار، كالىلار، قويلاردىن كۈندە بىرەرى، توخۇ، ئۆردەك، غازلاردىن بىر نەچچىسى ئىز - دېرەكسىز يۈتۈپ كېتىشكە باشلاپتۇ. دەسلەپتە ئات باقارلارمۇ، پادىچى، چوپانلارمۇ، ئۆي قۇشلىرىغا قارايدىغانلارمۇ >يارىماسلار< دېيىلىپ ئەيىنلىنىپ بالاغا قېلىشتىن قورقۇپ ئەھۋالنى پادىشاھقا مەلۇم قىلىشقا پېتىنالماپتۇ. ئەمما بۇ ئىش تەكرارلىنىۋەرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئاخىر ۋەقەنى چارۋا ئىشلىرى ۋەزىرگە مەلۇم قىلىپ، ئۇ ئارقىلىق پادىشاھنى ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈرۈپتۇ. باش ۋەزىر بىر ئىشقا ئالاھىدە زەن قويۇپ كېلىۋاتقانىكەن. ئۇ پادىشاھقا:
- ئەي كەرەملىك شاھىم. ئۆمرىڭىز ئۇزۇن، دۆلىتىڭىز سەلتەنەت، تەختىڭىز مۇستەھكەم بولسۇن، ئېلىمىزنىڭ پادىشاھسىز، پۇقرالىرىمىزنىڭ ھاياتسىز قالماسلىقى ئۈچۈن بىر مۇھىم گەپنى ئېيتىشقا ئىجازەت قىلسىڭىز، - دەپ ئىلتىجا قىپتۇ.
- سۆزلەڭ، - دەپتۇ پادىشاھ. ۋەزىر ئەزەم پادىشاھنى چوڭ بىر تام ئەينەكنىڭ قېشىغا ئەكېلىپ:
- شاھىم، ئەينەككە قاراپ چىرايىڭىزنى كۆرۈپ بېقىڭ، - دەپتۇ. پادىشاھ ئەينەككە قاراپلا چىرايىنىڭ ساماندەك سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىپتۇ ۋە تاقەتسىزلىك بىلەن:
- ئەي ۋەزىرىم، بۇ نېمە ئالامەت؟ تېز بايان قىلىڭ، - دەپتۇ.
- ئۇلۇغ پادىشاھىم، مەن يېڭى مەلىكىمىز خۇرشىدەنىڭ ئادەمزات جىنسىدىن ئىكەنلىكىگە شەكلىنىمەن. بۇنىڭ بىرىنچى ئىسپاتى، سىزنىڭ چىرايىڭىزنىڭ مۇردا تۈسىنى ئالغانلىقى: يەنە بىرى، ئوردىدىكى ئات، كالا، قويلارنىڭ غايىب بولۇشى، - دەپتۇ باش ۋەزىر. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ قاپتۇ. ھەمدە ئىزتىراپ بىلەن ۋەزىرگە:
- ئەي ۋەزىر ئەزەم، سىزچە خۇرشىدە ئادەمىزات بولمىسا، ئۇ نېمە؟ - دەپ سوئال قويۇپتۇ.
- ئۇ يوھا، - دەپتۇ ۋەزىر، - يىلان قىرىق يىل ياشىغاندىن كېيىن ئەجدىھا بولارمىش، ئەجدىھا قىرىق يىل ئۆمۈر كۆرگەندىن كېيىن يوھا بولارمىش، يوھا قىرىق يىلدىن كېيىن ئادەمزاتقا، ھەر خىل ھايۋانلارغا ئۆزگىرەلەيدىغان خۇسۇسىيەتگە ئېگە بولارمىش. مەن ئوردىمىزدا يۈز بەرگەن ئالامەتلەرگە قاراپ، خۇرشىدەنى يوھالىق دەرىجىسىگە يەتكەن يىلان دەپ قەتئىي ھۆكۈم قىلشىقا يوللۇقمەن، ئادەمسىز قالغان ئىككى كەنتنىمۇ مانا مۇشۇلار قۇرۇقدىۋەتكەن.
- مۇشۇلار دېگىنىڭىز نېمىسى، بۇ يالغۇز ئەمەسمۇ؟ - دەپ دەرھال سوراپتۇ پادىشاھ تېخىمۇ ۋەھىمە ۋە ئەندىشە ئارىلاش.
- بۇلار بىر جۈپ ئەر - خوتۇن يوھا بولۇشى چۇقۇم. بىرى ئوردىغا كىرىۋالدى، يەنە بىرى سەھرادا قالدى. بىرى ئىچكىرىدىن، بىرى سىرتتىن بىزنى خاران قىلىشقا تۇتۇندى. ھازىر يەنە بىر كەنتىمىزنىڭ جانلىقسىز قالغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر كەلدى، - دەپتۇ باش ۋەزىر.
-قانداق قىلىش كېرەك؟ - دەپ ۋەزىرگە قاراپتۇ بالانى يوقىتىمەن دەپ چىقىپ قازانى ئۆزى بىلەن ھەمراھ قىلىپ كىرگەن پادىشاھ >خۇرشىدە< نىڭ >خۇرشىد< نىڭ خۇرشىد توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئەسلەپ.
- ئالدى بىلەن سىزنىڭ گۇمانىڭىزنى تۈگىتىش كېرەك، ئاندىن سىز بۇ بالايى - ئاپەتنى يوق قىلىشقا قەتئىي ئىرادە باغلايسىز، خۇرشىدەدىن مېھىرىڭىزنى ئۈزىسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز شاھلارغا خاس جەسۇرلۇق، زېرەكلىك ۋە تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن خۇرشىدەكنى كۆزىتىپ كۆرۈڭ. بۇنىڭ چارىسى ناھايىتى ئاددىي. بۈگۈن تۇزلۇقراق تاماق يەڭلار، ياتار چاغدا چىنە - چەينەكلەردە بىر يۇتۇممۇ سۇ قالمىسۇن. مەن ئېرىقلاردىكى سۇنىمۇ توختىتىۋېتىمەن، پەقەت ئوردا كۆلىنىڭ سۈيىگە تەگمەيمەن. قالغىنىنى ئۆزىڭىز كۆرۈپ بىلىۋالىسىز، - دەپتۇ باش ۋەزىر.
پادىشاھنىڭ بۇيرۇشى بىلەن كەچتە ئاشپەز مەخسۇس تۇزلانغان گۆش، تۇزلانغان بېلىق بىلەن تاماق ھازىرلاپتۇ. پادىشاھ خۇرشىدە بىلەن بىللە غىزالىنىپتۇ. كېچىسى مەلىكە ئۇسساپ كېتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇسسۇزلۇق ئىچمەكچى بوقپتۇ، ئەمما چەينەكلەردىن بىر يۇتۇممۇ سۇ تاپالماپتۇ. ئېرىقتىن سۇ ئىچىش ئۈچۈن ھويلىغا چىقسا ئېرىقمۇ قۇرۇق تۇرغۇدەك. ئىلاجىسىز يېنىپ كىرىپ ئورنىدا يېتىپتۇ. ئەمما ئۇسسۇزلۇققا چىدىيالماپتۇ. ئاخىرى يىلان سۈرىتىگە كىرىپ ئاستا سوزۇلۇپ بېشىنى تۈڭلۈكتىن چىقىرىپ كۆلدىن سۇ ئىچىپتۇ. ئۇنىڭ قۇيرۇقىنى قوچاقلاپ ياتقان پادىشاھ بەدىنىگە تەگكەن مۇدھىش سۇغۇق ئەتتىن شۈركىنىپ، جېنى قەپىسىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كەتكۈدەك بوپتۇ، پۈتۈن ئەزايىدىن مۇزدەك تەر چىقىپ كېتىپتۇ. يىلاننىڭ سۇنى غۇرتىلدىتىپ يۈتۈۋاتقانلىقى، سۇنىڭ ئۇنىڭ قارنىغا شارىلداپ ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقى پادىشاھقا ئاڭلىنىپ تۇرۇپتۇ. پادىشاھ بۇ بىر كېچىنى مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىپ ئاران تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ...
- دانا ۋەزىرىم، ئېيتقانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى دەلىللەندى. بۇ ۋەھشىنى تىزراق گۇم قىلىشقا ئەقىل كۆرسىتىڭ، - دەپتۇ پادىشاھ ۋەزىر ئەزەمگە.
- يېڭى مەلىكىمىز ئۈچۈن ياسىلىۋاتقان ھەرەمباغنى ئوتتۇز كۈن ئىچىدە پۈتتۈرىمەن. سىز بۈگۈنلا مەلىكىگە بىر ئايدىن كېيىن توي ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇڭ، مۇشۇ بىر مەزگىل ئىچىدە ئىشىڭىزنىڭ ئالدىراشلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولماڭ، - دەپتۇ ۋەزىر ئەزەم پادىشاھقا.
پادىشاھ بىر كۈنى كەچتە >خۇرشىدە< نىڭ ھۇجرىسىغا كىرسە >خۇرشىدە< ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا يىغلاپ ئولتۇرغۇدەك. پادىشاھ ئۇنىڭدىن يىغلاشنىڭ بانىسىنى سوراپتۇ. >مەلىكە<:
- خۇرشىد ئىسىملىك بىر ئاكامنىڭ بارلىقىنى سىزگە ئېيتقانىدىم، كاشكى ئۇ يېنىمىزدا بولغان بولسا، ئاتا - ئانامنىڭ يوقلۇقىمۇ ئانچە بىلىنمىگەن بولاتتى، مەن تەرەپتىنمۇ بۇ قۇتلۇق شاھانە مەرىكىمىزنىڭ بېشىدا تۇرۇپ بېرىدىغان بىر ئىگە بار بولاتتى دەپ كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ، كۆز يېشىمنى توختىتالمايۋاتىمەن، - دەپتۇ.
- خاتىرجەم بولۇڭ مەلىكەم، ئاكىڭىزنىڭ سىزنىڭ نامىڭىزنى ئىشتىپ، يېتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ مەن توي جاكاسىنى قەغەزگە نامە قىلىپ مەملىكىتىمىز تەۋەسىدىكى ۋە باشقا پادىشاھلىقلارغىچە ئەۋەتىپ ئېلان قىلدۇردۇم، - دەپتۇ پادىشاھ. مەلىكە پادىشاھقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپتۇ.
ۋەزىر ئەزەم قۇيمىچىلارنى يىغىپ پولاتتىن تۇخۇمسىمان بىر ئۆي قۇيدۇرۇپتۇ. بۇ ئۆينىڭ ئىشىك - دېرىزىلىرىنى ئېچىپ - يېپىشتا مەخسۇس ئەسۋاب بىلەن باشقۇرىدىغان قىپتۇ. ئىشىك - دېرىزىلىرى يېپىق تۇرغاندا، شۇنداق ھىم بولىدىكەنكى، يىڭنىنىڭ كۆزىدەك بىرەر يوچۇقمۇ قالمايدىكەن. باش ۋەزىر ھەرەمباغنىڭ مۇشۇ ئۆينى ئورۇنلاشتۇرىدىغان جايغا ناھايىتى چوڭ، چوڭقۇر بىر كۆل قازدۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئوتۇننى سەرجانلاپ تىزدۇرۇپتۇ. ئوتۇننىڭ ئۈستىگە پولات ئۆينى قوندۇرۇپ، ئاندىن ئوتۇننىڭ ئۈستىنى سۇۋاتقۇزۇپتۇ. مېۋىلىك، مېۋىسىز دەرەخلەرنى گۈل - گىياھلارنى يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ ئەكىلىپ كۆچۈرۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ بىر ئاي ئىچىدە پادىشاھنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدىنمۇ كۆركەم، ھەر قانداق پادىشاھلىقتا يوق، ھەممىگە مەنزۇر بولغۇدەك بىر ھەرەمباغ قەد كۆتۈرۈپ، پادىشاھ ئوردىسىنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپتۇ.
توي باشلىنىپتۇ. توينىڭ ئاخىرقى كەنى ئۇردا بېگى پادىشاھقا سىرتتا بىر يىگىتنىڭ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىپتۇ. پادىشاھ >ئېلىپ كىرىڭ< دەپتۇ. ئوردا بېگى يىگىرمە ياش ئەتراپىدىكى نەۋقىران بىر يىگىتنى باشلاپ كىرىپتۇ. بۇ يىگىت مەلىكە خۇرشىدەگە شۇنداق ئوخشايدىكەنكى، بىر قېلىپتا قۇيغاندەك ئىكەن. پادىشاھ ئۇنى كۆرۈپ: >مەلىكە ئەر سىياقىغا ئۆزگىرىۋالدىمۇ نېمە؟< دېگەننى كۆڭلىدىن كەچۈرمەيمۇ قالماپتۇ.
يىگىت سالام - سائەت بەجا كەلتۈرۈپ، پادىشاھقا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىگەندىن كېيىن، توينى مۇبارەكلەپتۇ ۋە بەخت تىلەپتۇ. ئاندىن ئۆزىنىڭ مەلىكە خۇرشىدەنىڭ ئاكىسى خۇرشىد ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىپ، پادىشاھقا تۇغقان بولۇۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىپتۇ. پادىشاھ ئىززەت - ئىكرام بىلەن خۇرشىدنى مەلىكە خۇرشىدە ئولتۇرغان تۇخۇمسىمان ئۆيگە باشلاپ كىرىپتۇ. >ئاكا - سىڭىل< قوچاقلىشىپ كۆرىشىپتۇ، كۆزلىرىدىن خۇشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈشۈپتۇ. پادىشاھ خۇرشىدىنى تۆرگە چىقىرىپ، ئالدىغا كاتتا داستىخان سېلىپ ئالاھىدە كۈتۈۋاپتۇ. سازلارنىڭ يېقىملىق ساداسى، ناخشىچىلارنىڭ بۇلبۇلدەك خۇش ناۋاسى ھەرەمباغنى چاڭ كەلتۈرۈپتۇ. رەققاسلارنىڭ نەپىس ئۇسۇللىرى بۇ يېڭى سارايغا جۇلا قوشۇپتۇ. ھەتتا خۇرشىدەمۇ: >بۇ قىزىل كىيگەن تامامى قىز كىنىزىكىمدۇر مېنىڭ، جىلۋە - جىلۋە ھەر تەرەپ سەدجامە گۈلگەندۇر بۈگۈن< دەپ غەزەلخانلىق قىلىپ كېتىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن پادىشاھ:
- ئەمدى ھەممىڭلار قايتىڭلار، بۇ ئاكا - سىڭىل بىردەم ئۆز ئارا ھال - ئەھۋال ئېيتىشىپ مۇڭدىشىۋالسۇن، - دەپتۇ. ئۆيدە >ئاكا - سىڭىل< ئىككىسىلا قاپتۇ.
ۋەزىر ئەزەم تۇخۇمسىمان ئۆينىڭ ئاستىدىكى ئوتۇنلارغا پاتمانلاپ ياغالارنى چېىپ، بىر نەچچە قايدىن ئوت ياقىدىغان قىلىپ پۇختا تەييارلىق كۆرگەنىكەن. باشقىلار ئۆيدىن چىقىپ بولۇشىغا ئىشىك - دېرىزىلەرنى مەخسۇس باشقۇرۇش ئەسۋابى بىلەن بېكىتىپ، ئوت يېقىشقا بۇيرۇق بېرىپتۇ. >خۇرشىد< بىلەن >خۇرشىدە< دىن ئىبارەت بىر جۈپ ئەر - خوتۇن يۇھا تېپىشىپ، ئۆز مەئىشەتلىرى ۋە مۇندىن كېيىنكى قىرغىنچىلىق پىلانلىرى ئۈستىدە بىخارامان سۆزلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. بىرەر سائەتتىن كېيىن ئۆي ئاستا - ئاستا ئىسسىشقا باشلاپتۇ، بولۇپمۇ ئۆينىڭ ئاستى تەرىپى بەك قىزىپ كېتىپتۇ. ئۇلار ئىشىكنى تاپالماپتۇ. تامنى ئۇرۇپ بېقىپتۇ، ھېچكىم جاۋاب بەرمەپتۇ. شۇ چاغدىلا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بەنت قىلىنغانلىقىنى بىلىپ، يىلان سۈرىتىگە كېلىپ ئۆينى تېشىپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئۆينىڭ تېمىغا ئۇرۇپتۇ. بىراق ئۆي ئۇياقتىن - بۇياققا دومىلاپ بارغانچە ئاستىغا چۆكۈپتۇ. ھەر قېتىم دومىلىغاندا ئۆينىڭ ھەممە تەرىپى تېخىمۇ تەكشى قىزىپ ئاتەشكە ئايلىنىپتۇ. بارا - بارا قېپقىزىل چوغ بولۇشقا باشلاپتۇ. يوھالار ئاخىرقى قېتىم بىرلىكتە بار كۈچى بىلەن ئۆينىڭ چوغ بولغان جايىغا ئۈسسۈپتۇ، بىر تۆشۈك ئېچىلىپ، ئىككى يوھانىڭ بېشى بوينىغىچە سىرتتا چىقىپتۇ. لېكىن ئاسمان پەلەك كۆيۈۋاتقان ئوت ئۇلار ئادەم ۋە باشقا جانلىقلارنى قانداق دەم تارتقان بولسا ئۇلارنىمۇ خۇددى شۇنداق ئۆز قەھرىگە يۇتۇۋېتىپتۇ. ئۇلا چارسىلداپ كۆيۈپ كۈل بولۇپ كېتىپتۇ.
شۇندىن كېيىن پادىشاھ: >شەرىئەت ئىزدىسەڭ ئۆلتۈر يىلاننى، تەرىقەت ئىزدىسەڭ ئاغرىتما جاننى< دېگەندىن ئالدىنقىسىنى تاللىۋېلىپ، تەرىقەتچىلەرنىڭ كۆز قارىشىدىن كاللىسىنى ئازاد قىپتۇ. چۈنكى پادىشاھنىڭ تاللىۋالغىنى ھاياتلىق يولى ئىكەن. يىلاننى ئۆلتۈرمىسەڭ سېنى چىقىپ ئۆلتۈرىدىكەن، بار يوقۇڭنى دەم تارتىپ تۈگىتىدىكەن