UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقشاتۇتىنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتى

شاتۇتىنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن، قەدىمكى زاماندا، كۈنچىقىش تاماندا، ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدىكى قويۇق ئورماندا بىر مەنمەنچى شاتۇتى ياشايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى شاتۇتنىڭ مەنمەنلىك قىلىدىغان كېسىلى قوزغىلىپ قاپتۇ - دە: «دانىشمەن، شۆھرەتلىك بولساممۇ ھازىرغىچە ئۆزەمنى كۆرسىتەلمەيۋاتىمەن، ئۆمرۈمنىڭ تەڭدىن تولىسى مەنىسىز ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئاخىرقى ئۆمرۈمدە بولسىمۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق ئۇچار - قۇشلارنى بىر يەرگە يىغىپ، ئۇلارغا ئۆزەمنىڭ ھەقىقەتەن دانىشمەن ئىكەنلىكىمنى بىر تۇنۇتۇپ قويايچۇ» دەپ ئويلاپ، قۇشلار ئوردىسى قۇرۇش قارارىغا كەپتۇ. لېكىن بۇ قارارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يالغۇز ئۆزىنىڭ قۇدرىتى يەتمەيدىغانلىقىنى پەملەپ، بۇ ئىشقا سەممىي ساداقەت بىلەن ياردەم بېرەلەيدىغان قابىلىيەتلىك ياردەمچى تېپىش توغرىلىق خېلى باش قاتۇرۇپتۇ، ئاقىۋەت كۆڭلىدە ھەممە ئىشقا يارايدىغان قۇشلار ئارىسىدا ئىناۋەت - ئابرۇيغا ئىگە بولۇپ كەلگەن بۇلبۇلنى ياردەم چىلىككە تەيىنلەپتۇ. دەرھال بۇلبۇلنى چاقىرىپ كەپتۇ، ئۇلار مەسلىھەتلىشىپتۇ. شاتۇتى قۇشلار ئوردىسىنىڭ پادىشاھى، بۇلبۇل باش ۋەزىرى بوپتۇ. ئەتىسىگىلا پادىشاھ شاتۇتنىڭ «تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق ئۇچار قۇشلار كۈنچىقىش تەرەپتىكى ئورمانلىققا يىغىلىسۇن» دېگەن بۇيرۇغى ئېلان قىلىنىپتۇ. تاغ باغلارىدا، گۈلزارلاردا، باغلاردا، قۇيۇق ئورمان چاتقانلىقلاردا، سەھرا يېزىلاردا، كەڭ دالا، چۆل - جەزىرلەردە ياشايدىغان ھەر خىل، ھەر ياڭزا ئۇچار قۇشلار بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ئۇچۇپ كېلىپ، باش ۋەزىر بۇلبۇلغا ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپتۇ. قۇشلار ئوردىسىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر مۇشۇ ئورمانلىقتىن خېلى يىراقلىقتىكى بىر ۋەيرانە سوقما تامنىڭ تۆشۈگىدە يېتىپ، قىشلىق ئۇيقۇسىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرغان ھۆپۈپ بالىسىغىمۇ ئاڭلىنىپتۇ. ئۇ چالا ئۇيقۇلۇق كۆزىنى ئاران ئېچىپ: «نېمە دېگەن بەلەن خۇش خەۋەر - ھە! جان ئارام تاپىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىدىكەن، بىر نەچچە ئايدىن بۇيان بۇ قاراڭغۇ، كىچىككىنە كاماردا قىستىلىپ يېتىپ جاندىن جاق تويغان ئىدىم. ئەجەپمۇ ئۇبدان گەپ بوپتىغۇ. بالىدۇرراق ئاڭلىسامچۇ كاشكى» دەپ پىچىرلاپ ئۆز - ئۆزىدىن روھلىنىپتۇ. ئاچ - زارلىق دەستىدىن مادارى قالمىغان ھۆپۈپ بالىسى پۇتلىرىنى ئاران - ئاران يۆتكەپ، شەرق تەرەپتىكى ئورمانلىققا قاراپ يولغا راۋان بوپتۇ. ئۇ يول ئۈستىدە كېتىۋېتىپ: «ئەگەر پادىشاھ مېنىڭ موللا ئەۋالادى ئىكەنلىكىمنى ئۇقسا تەخىرسىز قوبۇل قىلىشى، ئەتىۋارلاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن» دىگەن خىياللار بىلەن تېخىمۇ غەيرەتلىنىپ، ئاخىرى قۇشلار ئوردىسىغا كەپتۇ. ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن سوراپ قۇشلار ئوردىسىنىڭ باش ۋەزىرى بۇلبۇلنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ،ئۆزىنى ئوردىغا قوبۇل قىلىشىنى سوراپتۇ. باش ۋەزىر بۇلبۇل رۇيىخەت دەپتىرىنى ئېچىپ، تەمكىنلىك بىلەن: - ئالدى بىلەن تېگى - تەكتىڭنى بىلىۋالاي. سەن كىمنىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادى بولىسەن؟ ئىسمىڭ نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ. - ھەزرەتلىرىگە مەلۇم بولسا كېرەك. تەقسىر مەن ئەل ئىچىدە ئەتىۋار، مۆتىۋەر ئاتالغان ھۆپۈپ موللىنىڭ ئەۋلادىمەن. پەقىرنىڭ ئىسمى مەنپەئەت، - دەپتۇ بىچارە قىياپەتكە كىرىۋلغان ھۆپۈپ بالىسى. - مۇنداق دە، سەن قوسىغىدىكى بىلىملەرنى باشقىلارغا ئۆگەتمەي خۇدانىڭ قاغىشىغا ئۇچراپ ئۇ ئالەمگە كەتكەن ھېلىقى ھۆپۈپ موللامنىڭ بالىسى ئىكەنسەن - دە، دەپتۇ. بۇلبۇل، - بوپتۇ، ئاۋارە ئىكەنسەن، شۇ ھالىڭغا قاراپ قوبۇل قىلساق قىلايلى. لېكىن، ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭنى ئەملىيەتتە ئانچە - مۇنچە ئىشلىتىپ، باشقىلار ئۈچۈن ئازدۇر - كۆپتۇر مەنپەئەت يەتكۈزۈشۈڭ كېرەك. باش ۋەزىر بۇلبۇل ئۇنىڭ ئاچ - زارلىق دەستىدىن مۈكچىيىپ كەتكەن بەستىگە قاراپ ئىچىنى ئاغرىتىپتۇ. ھۆپۈپ بالىسىنى دەرھال غىزالاندۇرۇپ، تۇرمۇشىنى ئۇبدان ئوزۇنلاشتۇرۇش توغرىلىق ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلەرگە تاپىلاپ، ئۆزى پادىشاھ شاتۇتىنىڭ. ئالدىغا كىرىپتۇ، ھۆپۈپ بالىسىنىڭ ئەھۋالىنى خالىسانە يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ شاتۇتى ھۆپۈپ بالىسىنىڭ ئىسمىغا ناھايىتى قىزىقىپ، ئۇنى قۇشلار ئوردىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشقا تەستقلاپتۇ. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ھۆپۈپ بالىسى يىمەك - ئىچمەكتىن غەم قىلمايدىغان بەخىتلىك تۇرمۇشىنىڭ بۇسۇغىسىغا قەدەم قويۇپتۇ. كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتۈپتۇ. باش ۋەزىر بۇلبۇل پادىشاھ شاتۇتىغا سەمىمى - ساداقەت بىلەن ھەمكارلاشقاچقا قۇشلار ئوردىسى كۈنسايىن روناق تېپىپ باياشات ۋە خاتىرجەم بىر ماكانغا ئايلىنىپتۇ. بىراق كىچىگىدىن تارتىپ ئۆزىنى دانىشمەن چاغلاپ، مەنمەنلىك قىلىپ كەلگەن شاتۇتى تېخىمۇ كۆرەڭلەپ كېتىپتۇ - دە، «ئوردا ئىشلىرىنىڭ بۇنچىلىك تەرەققى قىلىشى پەقىرنىڭ دانىشمەنلىكىدىن بولغان، بۇ دۇنيادا دانىشمەن پادىشاھدىن ئىككى بولسا بىرى مەن. ئەگەر بىرى بولسا پەقىرنىڭ دەل ئۆزى» دەپ جار سېلىپ ئالەمگە سىغالماي قاپتۇ. ئۆزىگە سەمىمىي سادىق بولۇپ كەلگەن قابىلىيەتلىك ياردەمچىسى - باش ۋەزىر بۇلبۇلنىڭ پايدىلىق مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سالمايدىغان، ئۇنى ئوردا ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئەكسىچە ھۆپۈپ بالىسى پادىشاھ شاتۇتىنىڭ كۆزىگە ئىسىق كۆرۈنۈپ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولۇپتۇ. ئۇنى پادىشاھ شاتۇتى ئوردىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ۋەزىرى قىلىپ، تەيىنلەپ تۆمۈر دەرۋازىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى تۇتقۇزۇپتۇ. ئەمدى گەپنى تاغنىڭ كەينىدىكى چاتقاللىقتا ياشاۋاتقان قېرى تۈلكىگە يۆتكەيلى. بارلىق ئۇچار قۇشلارنىڭ قۇشلار ئوردىسىغا توپلىنىپ قېلىشى قېرى تۈلكە ئۈچۈن چىدىغۇسىز ئەلەم بوپتۇ قۇشلارنىڭ ھەممىسى ئوردىغا كىرىپ قالغانلىقتىن قېرى تۈلكە بىر كۈن ئاچ، بىركۈن توق دىگەندەك يۈرۈپ ھالىدىن كېتەيلا دەپ قاپتۇ. قوساقنىڭ ئاچلىقىغا چىدالمىغان قېرى تۈلكە دەرغەزەپ بولۇپ، ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماپتۇ. «خەپ ئالدىرىماي تۇرغىن. جاھاندىكى قۇشلارنىڭ ھەممىسىنى ئەتراپىڭغا يىغىۋېلىپ مېنىڭ رىسقىمغا زوق ئولتۇرغىنىڭ ئۈچۈن سەن شاتۇتىنىڭ ئەدىبىنى بەرمەيدىغان بولسام ئەۋلىيا ئېتىم قۇرۇپ كەتسۇن» دەپ قەسەم ئىچىپتۇ قېرى تۈلكە، ئۇ شاتۇتىنى ئۆلتۈرمەك ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ھۆپۈپ بالىسىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ۋزىرى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرىپتۇ، «ھىم... ياخشى گەپ، ھۆپۈپ موللىنى ئوبدان بىلىمەن، ئۇنىڭ دەرۋازا ساقلىشى ئىشىمنىڭ ئوڭىغا تارتىقىنى ئەمەسمۇ»دەپ خوشاللىغىدىن سەكرەپ كېتىپتۇ. تاقىتى تاق بولۇپ كەتكەن قېرى تۈلكە شۇ كۈنى گۇگۇم چۈشۈشى بىلەنلا قۇشلار ئوردىسىغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. تامگەرلىك بىلەن ئىشتەي نەغمىسى چېلىپ بىر ئاش پىشىم يول ماڭغاندىن كېيىن قۇشلار ئوردىسىغا يېتىپ كەپتۇ. قېرى تۈلكە ھىلىگەرلىكىنى ئىشقا سېلىپ مۇنداق بىيىت ئوقۇپتۇ: ئاچقىن ئۇكام ھۆپۈپ قارى دەرۋازاڭنى، تۈمەن - تۈمەن توقاچ، ياغ نان ئېلىپ كەلدىم. ئاچقىن ئۇكام ھۆپۈپ قارى دەرۋازاڭنى، لىگەن - لىگەن ئۇنچە مارجان ئېلىپ كەلدىم. كېچىلىك گۈزەتنى تەشۈرۈشكە چىققان ھۆپۈپ بالىسى دەرۋازىنىڭ يوچۇغىدىن ماراپ تۈلكىنىڭ قولىدا ھېچنەرسە يوقلۇغىنى كۆرۈپتۇ - دە، دەرۋازىنى ئاچماپتۇ، قېرى تۈلكە ياۋۇز نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرالماي ئۆز ئۇۋىسىغا قايتىپ كەپتۇ. ئىچى ئېچىشىپ، كۆڭلى زادى ئارام تاپماپتۇ. قېرى تۈلكە ئۇيان ئويلاپتۇ، بۇيان ئويلاپتۇ. ئاخىرى: « ئۇنىڭ ئىسىمىنىڭ مەنپەئەت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەندە! بۇ ئىسىم ئۇنىڭغا سەۋەپسىز قويۇلمىغان، ئازراق بىر نەرسىنىڭ مېھرىدىن كەچسەملا ئىش پۈتمەمدۇ! ؟ ئۆزۈم مۇشۇ جايدىكى ھەرقانداق ھايۋاننى قورقۇتالايدىغان بىر ئەۋلىيا، ھۆپۈپتەك بىرنىمىلەرنى ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمىسەم بۇ يۈزۈمنى قەيەردىمۇ كۆتۈرۈپ يۈرەلەيمەن؟ » دەپ بىلجىرلاپتۇ. قېرى تۈلكە ئۇيەر - بۇيەردىن قاقتى - سوقتى قىلىپ مىڭ بىر جاپادا ئازراق يىمەكلىك تېپىپتۇ - دە، شۆلگەيلىرى ئېقىپ تۇرسىمۇ نەپسىگە ھاي بېرىپ، ئۇنى كۆتۈرگەن ھالدا ئوردىغا كەپتۇ. سىلىق - سىپايىلىق بىلەن: ئېچىڭ ئۇكام دەرۋازىنى مەنپەئەت قارى، جېنىڭىزغا تۈمەنمىڭ جان تىلەپ كەلدىم. ئېچىڭ ئۇكام دەرۋازىنى مەنپەئەت قارى، جاھاندا يوق ئېسىل تائام ئېلىپ كەلدىم. دەپ بېيىت ئوقۇپتۇ. قېرى تۈلكىنىڭ بۇغۇق ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھۆپۈپ بالىسىنىڭ ئەرۋايى ئۇچۇپتۇ، بىراق، دەرۋازىنىڭ يوچۇغىدىن ماراپ تۈلكىنىڭ قولىدىكى يىمەكلىكلەرنى كۆرۈپتۇ - دە، كۆزىلىرى ئالاق - جالاق بولۇپ، تېنى سىماپتەك ئېرىپ كېتپتۇ. ھۆپۈپ بالىسى ھاپىلا - شاپىلا دەرۋازىنى ئېچىپ، «خوش كېلىپسىز تۈلكىجان ئاكا» دەپ قېرى تۈلكىنىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ. قېرى تۈلكە ھىلىگەرلىك بىلەن چوڭقۇر تازىم قىلىپ، «ياخشى كۆڭلۈمنى يەردە قالدۇرمىغانلىغىڭىز ئۈچۈن سىزگە رەھمەت» دىگىنىچە ئېلىپ كەلگەن يېمەكلىكلەرنى ھۆپۈپ بالىسىغا ئىككى قوللاپ سۇنۇپتۇ، قېرى تۈلكە ئىشنىڭ ئوڭغا تارتقانلىغىدىن مەمنۇ بولۇپ، خۇشاللىغىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي قاپتۇ. ھۆپۈپ بالىسى قولىدىكى يىمەكلىكلەرگە كۆرىنى يۈگۈرتۈپ، شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ: - تۈلكىجان ئاكا ، خاپا بولمىغىنىڭىزدا مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ بىردەم ساقلاپ تۇرسىڭىز، مەن سىزنىڭ ياخشى كۆڭلىڭىزنى شاھ ئاتىمىزغا يەتكۈزەي، - دەپتۇ ۋە قېرى تۈلكىگە ئوبدانراق جاي كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۆزى شاھ ھۇجۇرىسىغا قاراپ ئېلىپ كەلگەن بۇ سوغات ئارقىلىق بىر چالما بىلەن ئىككى پاختەكنى سوقىدىغان بولدۇم، بىرىنچىدىن: «تۈلكە پادىشاھ شاتۇتىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىپ، ئۇنىڭ ئالىدىدا بىر قېتىم خىزمەت كۆرسىتىدىغان بولدۇم، ئىككىنچىدىن، قولۇمدىن خېلى ئىش كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىدىغان بولدۇم» دەپ ئويلاپتۇ. ئۇ پادىشاھ شاتۇتىنىڭ ھۇجۇرىغا كىرىپتۇ، قولىدىكى سوغاتلارنى تەختى راۋاندا ئۈگدەپ ئولتۇرغان شاتۇتىنىڭ ئالدىغا قويۇپ ھۆرمەت بىلەن: - ئۇلۇغ، دانىشمەن پادىشاھىم، مانا بۇلار مۇشۇ تاغنىڭ كەينى تەرىپىدىكى چاتقاللىقتا تۇرىدىغان چوڭ ئەۋلىيا تۈلكىنىڭ ھەزرەتلىرىگە ياخشى كۆڭۈل بىلەن ئېلىپ كەلگەن ئىلتىپاتلىرى ئىكەن. ئىجازەتلىرىگە ئىنتىزار بولۇپ، دەرۋازا ئالدىدا ساقلاپ قالدى، - دەپتۇ. ئالدىدا تۇرغان ئىسىل نازى - نىمەتلەرنىڭ مەززىلىك پۇراقلىرى بىلەن شۇ ھامانلا ئەس - ھۇشىنق يوقىتىپ، ئىككى كۆزى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن شاتۇتى دەرھال تۈلكىنى چاقىرىپ كىرىشكە بۇيرۇپتۇ. ھۆپۈپ بالىسىنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشۈپتۇ - دە، خۇشاللىقىدىن ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپ، قېرى تۈلكىنى باشلاپ كىرىشىكە يۈگۈرۈپ ماڭغان ئىكەن، بىردىنلا باش ۋەزىر بۇلبۇلنىڭ «توختا» دېگەن جاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. باياتىن بېرى ھەممە گەپ - سۆزلەردىن خەۋەر تاپقان باش ۋازىر بۇلبۇل قەتئىلىك بىلەن: «تۈلكىنى ئوردا ئىچىگە باشلاپ كىرىشكە زادى بولمايدۇ. تۈكىنىڭ ئىككى قولى قانغا بويالغان، بۇ ياۋۇز مەخلۇقنىڭ ئۇچچىغا چىققان قىزىل كۆز ئالدامچى ئىكەنلىكىنى كىم بىلمەيدۇ؟ ئۇنىڭ قولىدىن قۇشلارغا زادى قانچىلىك ياخشىلىق كەلگەن ئىدى؟ ئازراق مەنپەئەتنى دەپ ئۇنىڭ ياۋۇزلۇق، ھىلىگەرلىكىنى ئۇنتۇپ قالغانلىق - ئۆزىمىزنىڭ جېنىنى قۇربان قىلغانلىق بىلەن بارۋەر» دەپ شاتۇتى بىلەن ھۆپۈپ بالىسنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپتۇ، ئەپسۇسكى، شاتۇتى بىلەن ھۆپۈپ بالىسى تەلۋىلەرچە قارشىلىق كۆرسىتىپ، بۇلبۇلنىڭ سەممىي ئاگاھلاندۇرۇشىغا پەرۋا قىلماپتۇ، تۈلكە توغرىلىق بەس - مۇنازىرە، تالاش - تارتىش باشلىنىپتۇ. شاتۇتى قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ: - تۈلكە قۇشلارغا ئەزەلدىن دۈشمەنلىك قىلىپ كەلگەن، لېكىن، ئۇنىڭ بۇنداق ئىسىل سوغاتلارنى ئېلىپ كېلىش ئۇنىڭ ياۋۇز نىيىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىگى، توغرا يولغا قەدەم قويغانلىقىنىڭ، بىزگە بولغان ياخشى كۆڭلىنىڭ بىشارىتى، ئەمدى ئۇنچىۋالا ئېھتىياتچان بولۇپ كەتمەڭ بۇلبۇل ۋەزىر، - دەپ بۇلبۇلغا رەددىيە بېرىپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان ھۆپۈپ بالىسى بۇلبۇلنى كۆزگە ئىلمىغان قىياپەتتە ھاكاۋۇرلۇق بىلەن: - ئەلۋەتتە شۇنداق، پادىشاھنىڭ سۆزى بۇيرۇق، شاھ ئاتىمىزنىڭ دانىشمەنلىگى ئالدىدا سىزنىڭ بۇنداق ئاقساقاللىق قىلىپ يۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، - دەپ بۇلبۇلغا تېخىمۇ ئەلەم قىپتۇ. ئاخىر شاھنىڭ قېرى تۈلكىنى ئوردا ئىچىگە باشلاپ كىرىش توغرىسىدىكى بۇيرۇق كۈچكە ئىگە قىلىنىپتۇ. قېرى تۈلكە شاتۇتىنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ، مەغەمبەرلىك بىلەن ئۇنىڭغا چوڭقۇر تازىم قىپتۇ. ئارقىدىنلا شاتۇتىنىڭ پۇتىنى سۆيۈپتۇ. - جاھاندا تەڭدىشى يوق پادىشاھ ئالىلىرى، مۇشۇ جاھاندىكى قۇشلارغا شاپائەت، ئاتىدارچىلىق قىلغانلىقىلىرىنى ئاڭلاپ پەقىرمۇ خىزمەتلىرىدە بولۇش ئۈچۈن كەلدىم. ھەزرەتلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق بولمىسىمۇ ئەرزىمەيدىغان ئاددى سوغامنى قوبۇل قىلغايلا، - دەپ يىغلاپتۇ. شۇندىن ئېتىبارەت قېرى تۈلكە قەدەم باسقانلىكى يېرىدە «دانىشمەن پادىشاھ»، «ئۇلۇغ پادىشاھ» دىگەنلەرنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي شاتۇتىنىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قېرى تۈلكە ياۋۇز نەپسىگە زادى بەرداشلىق بېرەلمەي قاپتۇ. جىمجىت كېچىلەرنىڭ بىرىدە قېرى تۈلكىنىڭ سەۋرى قاچىسى يېرىلىپتۇ. ئۇ ئالدى بىلەن بىرلا چىشلەپ ئوردا ئىچىنى مۇھاپزەت قىلىۋاتقان ھۆپۈپ بالىسىنىڭ جېنىنى ئاپتۇ، ئاندىن پادىشاھ ھۇجرىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ تەختى راۋاندا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان شاتۇتىغا ئېتىلىپتۇ - دە، كاپ قىلىپ تۇتۇپ بىر چايناپلا يېرىم جان قىلىپ قويۇپتۇ. قېرى تۈلكە پۈتۈن ئوردا ئىچىدىكى قۇشلارنىڭ قېچىشقا ئۈلگىرەلمىگەنلىرىنى يەپ ھوزوز قىپتۇ. قېچىشقا ئۈلگۈگەنلىرى يىراق - يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتپتۇ. ئەقىللىق باش ۋەزىر بۇلبۇل خېلى بۇرۇنلا قېرى تۈلكىدىن ھەزەر ئەيلەپ تۇرغاچقا، جېنى ئامان قاپتۇ، ئۇ ئەتراپىدىكى قىيا - چىيالارنى ئاڭلاپ تالاغا چىقىپ قارىغۇدەك بولسا ئوردا ئىچىدە قۇشلارنىڭ ئۆلۈگىدىن باشقا ھېچنەرسە كۆرۈنمەپتۇ، ئىچى سېرىلىپ كەتكەن بۇلبۇل شۇئان شاتۇتىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىگەن ئىكەن، شاتۇتى ئاغزىنى ماك - ماك ئېچىپ سەكرات ئىچىدە جان تالىشىپ يېتىپتۇ. شاتۇتى بارلىق كۈچىنى يىغىپ بۇلبۇلغا: - ھۆرمەتلىك بۇلبۇل، سىزنىڭ سەمىمىي نەسىھىتىڭىزگە قۇلاق سالمىغانلىقىم ئۈچۈن مۇشۇنداق پاجىئەلىك ئاقىۋەتكە قالدىم. مېنى ئەيىبكە بۇيرۇماستىن دەرھال قۇتقۇزۇپ ئېلىڭ، - دەپ مۇراجىئەت قىپتۇ. بۇلبۇل شاتۇتىغا ئالىيىپ قاراپتۇ - دە، غەزەپ بىلەن: - ھەي ئۆزىنى دانىشمەن ئاتىۋالغان ئەقىلسىز شاتۇتى، مەن ھۆپۈپ بالىسىغا ئوخشاش مەنپەئەت ئۈچۈن ۋىجدانىنى سېتىپ ياخشى - ياماننى ئايرىمايدىغان، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق قىلىدىغان ۋاپاسىز، نامەرتلەرنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بۇ مەن ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئاچچىق ساۋاق «ياخشىلارنىڭ قەدرى ئۆتۈلمەس، بىر يامان بىلەن ئېلىشمىغۇنچە» دىگەندەك، بۇ ئاچچىق ساۋاق ئارقلىق ۋاپانىڭ قەدىر - قىممىتىنى چۈشەنمەيدىغان بۇ سەندەك نامەرتلەرنىڭ قىياپىتىنى روشەن كۆرۈۋالىدىم. بۇ سەندەك ۋاپاسىزلار ئۈچۈن لايىق جازا، خەير، - دەپتۇ - دە، قۇشلار ئودىسىدىن ئايرىلىپ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ماكانىغا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: ساۋۇت سەيدۇللا
← بارلىق تېمىلار چوچاق