ئالتە قارغۇ بىلەن سودىگەر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر سەھرادا ئالتە قارغۇ بار ئىكەن. ئۇلار كۈندۈزى بىرلىشىپ تىلەمچىلىك قىلىدىكەن. كېچىسى بىر گۈمبەزدە ياتىدىكەن.
بىر ئەتىگەنلىكى، بۇ قارىغۇلاردىن بىرى تىلەمچىلىك قىلىپ چوڭ يول ياقىسىدا ئولتۇرۇپتۇ. ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ كېلىۋاتقان ئاياق تاۋۇشىنى ئاڭلاپ يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ:
- مەن بىچارىگە ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، بىر تىللا بېرىڭلار. كۆزۈمگە بىر سۈرتۈۋېلىپلا قايتۇرۇپ بېرىمەن. كۆزۈمگە تىللا سۈرتسە ئېچىلاتتى.
يېتىپ كەلگىنى بىر سودىگەر ئىكەن. ئۇنىڭ قارغۇغا ئىچى ئاغرىپ، بىر تىللا بېرىپتۇ. ئۇ>قارغۇ تىللارنى سۈركەپ كۆزىنى ئېچىۋېلىپلا قايتۇرۇپ بېرىدۇ< دەپ ئويلاپ، قاراپ تۇرۇپتۇ. قارغۇ تللانى ئېلىپ:
- رەھمەت! رەھمەت! - دىگىنىچە كەينىچىلەپ مېڭىپ گۈمبەزگە كىرىۋاپتۇ. غەزەبلەنگەن سودىگەر >قارغۇ تىللانى گۈمبەزگە ئەكىرىپ چوقۇم بىر يەرگە قويىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئېلىۋالارمەن< دەپ ئويلاپ، تۇيدۇرماستىن گۈمبەزگە كىرىپ، قارغۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇۋاپتۇ. ھېلىقى قارغۇ كىرىپلا كۆرەڭلەپ سۆزلەشكە باشلاپتۇ:
- ھەي ئاغىنىلەر، قانداق، مەن يامانمىكەنمەن؟ بىر سودىگەرنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سالدىم.
- ۋاي ئاداش قانداق قىلىپ؟ - دەپ سوراپتۇ قارغۇلارنىڭ بىرى.
- >بىر تىللا بېرىپ تۇرسىلا، كۆزۈمگە سۈرتۈۋېلىپلا قايتۇرۇپ بېرىمەن< دەپ تىللانى ئېلىۋېتىپ، قېچىپ كىردىم، - دەپتۇ ھېلىقى قارغۇ.
- ئەكىلە قېنى، تىللانى كۆرۈپ باقايلى، - دەپ قارغۇلارنىڭ ھەممىسى قولىنى ئۇزىتىپتۇ. ھېلىقى قارغۇ تىللانى چىقىرىشىغىلا سودىگەر چاققانلىق بىلەن ئېلىۋاپتۇ.
- قېنى بەرمەيسەنغۇ؟ - قارغۇلار ۋارقىرراپتۇ.
- ھازىر بەردىمغۇ؟
- كىمگە بەردىك؟
- بىرسىڭ ئالدىڭغۇ؟
- كىم ئالدى؟
- ھىچقايسىمىز ئالمىدۇق! - دەپ توۋلاپتۇ قارغۇلار.
- سىلەر ئالمىغان بولساڭلار ئارىمىزغا كۆزى ساق بىرەسى كىرىۋالغان ئوخشايدۇ. بىز ئۇنى تۇتۇپ ئەدىۋىنى بېرەيلى. مەن ئىشىكتە چاترىقىمنى كېرىپ ئۆرە تۇرىمەن، ھەممىڭلار چاترىقىمدىن ئۆتىىسلەر. شۇ ئارقىلىق ئارىمىزغا كىرىۋالغان ئوغرىنى تۇتىمىز. بەشىڭلار چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئالتىنچى بولۇپ چىققىنى ئوغرىنىڭ دەل ئۆزى، - دەپتۇ. ھېلىقى قارغۇ. ئۇ چاتىرىقىنى كەڭ ئېچىپ ئىشىك ئالدىدا ئۆرە تۇرغان ئىكەن، بىرىنچى بولۇپ سودىگەر ئۆتۈپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئاجىزراق بىر قارغۇ قاپتۇ. ئۇ ئالتىنچى بولۇپ ئۆتۈپتۇ. ھەممە قارغۇ ئۇنى ئۇرۇشقا باشلاپتۇ. سودىگەر تىللاسىنى ئېلىپ يولىغا راۋان بولۇپتۇ. ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ھېلىقى قارغۇلارنىڭ ئۈچىسى تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرۈپ سودىگەرنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ. سودىگەر ئۇلارنى تونۇپ >مەن ئۇلارغا بەك جاپ سالغانتىم. بىر - بىرىنى ئۇرغۇزغانتىم. شۇ بىچارىلەرگە ئەمدى بولسىمۇ بىر ياخشىلىق قىلىپ قوياي< دەپ قارىغۇلارنى ئۆيگە باشلاپ كىرىپتۇ. بىر قوينى سويۇپ، ھەممىسىنى پىشۇرۇپ بېرىپتۇ. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تۈزۈك گۆش كۆرمىگەن قارغۇلار گۆشنىڭ ھەممىسىنى پاك - پاكىزە يەپ بوپتۇ. ئۇلار يىگەن گۆشنى سىڭدۈرەلمەي ئۆلۈپ قاپتۇ. سودىگەر كۈتۈلمىگەن بۇ بالادىن چوڭقۇر غەمگە پېتىپتۇ. كۆپ باش قاتۇرۇپ، ئاخىرى بىر مۇۋاپىق چارە ئويلاپ تېپىپتۇ. مەھەللىدە كەلسە - كەلمەس سۆزلەپ يۈرىدىغان بىر چالا ساراڭ بار ئىكەن. سودىگەر ئۇنى ئۆيىگە چاقىرىپ:
- مېنىڭ دادام ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. ۋاقتىم يەتمىدى. سەن زاراتكارلىققا ئاپىرىپ كۆمۈپ قويۇپ كەلگىن، - دەپتۇ
- ھەققىمگە قانچە بېرىسەن؟ - دەپتۇ چالا ساراڭ.
- بىر تەڭگە بېرەي.
چالا ساراڭ ماقۇل بولۇپتۇ. سودىگەر ئۆلۈكلەرنىڭ بىرىنى كارۋاتقا ياتقۇزۇپ قويغان ئىكەن. قالغىنى يوشۇرۇقلۇق ئىكەن. چالا ساراڭ كارۋاتتىكى ئۆلۈكنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئۆلۈكنى كۆمۈپ قويۇپ قايتىپ كەپتۇ. بۇ ۋاقىتقىچە سودىگەر يەنە بىر ئۆلۈكنى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ. چالا ساراڭ كەلگەن ھامان:
- ھەي، سەن نىمە ئىش قىلىپ يۈردۈڭ؟ نىمىشقا گۆرنى چوڭقۇر كولىمىدىڭ؟ سەن كۆمگەن دادام سەندىن بۇرۇن بۇ يەرگە كېلىۋالدى. ماڭ، تېز بول، ئوبدانراق كۆمۈپ كەل! - دەپتۇ. چالا ساراڭ ئۆلۈكنى ئېلىپ بېرىپ گۆرنى ناھايىتى چوڭقۇر كولاپ ئۆلۈكنى كۆمۈپ قويۇپ كەپتۇ. ئۇ كەلگىچە سودىگەر يەنە بىر ئۆلۈكنى كارۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ. ساراڭ كەلگەندە يەنە كايىشقا باشلاپتۇ:
- ھەي ئەخمەق مۇشۇنداقمۇ ئىش قىلامسەن؟ نىمىشقا يەنە ئوبدان كۆممۈدۈڭ؟ دادام سەندىن بۇرۇن كېلىۋالدى. بول، تېز ماڭ، گۆرنى تازا ئوبدان كولاپ كۆمۈۋېتىپ كەلگىن.
چالا ساراڭ >شۇنچە چوڭقۇر كولاپ كۆمۈپ قويسام يەنە قېچىپ كەپتۇ. نىمە دىگەن يامان ئادەم بۇ؟< دەپ غۇدۇڭشىغىنىچە ئۆلۈكنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. كېتىۋېتىپ ئۇنىڭ قورسىقىغا بىر جىن كىرىپتۇ. چالا ساراڭ >بۇ ئادەم قالتىس يامان ئادەم ئىكەن، بۈگۈن كەچكىچە كولاپ كۆمسەممۇ يەنە چىقىۋالىدىغان ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە ئاۋۇ ئورمانلىقتىكى كۆلگە تاشلىۋېتەي، ئۇ كۆل ناھايىتى چوڭقۇر، ئۇنىڭدىن چىقالماس< دەپ ئويلاپ، كۆل تەرەپكە مېڭىپتۇ. كۆلنىڭ ئەتراپى تام بىلەن ئورالغان بولۇپ، چالا ساراڭ كۆل بويىغا كېلىپلا ئۆلۈكنى تامدىن ھالقىتىپ ئېتىپتۇ. شۇ چاغدا بىر مەزىناخۇنۇم كۆل بويىدا تاھارەت ئېلىپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇ قورقۇپ كېتىپ:
- ۋايجان، ۋاي توۋا! - دەپ توۋلىغىنىچە قېچىپتۇ. چالا ساراڭ:
- ماۋۇ گۇينى قاراڭ، كۆلدىنمۇ قاچقىنىنى! - دەپ غەزەپلىنىپ مەزىننىڭ كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، كەتمەن بىلەن كاللىسىغا بىر سالغان ئىكەن، مەزىن ئۆلۈپ قاپتۇ. چالا ساراڭ ئۇنىمۇ كۆلگەن تاشلاپتۇ ۋە:
- يەنە قېچىپ باقە قېنى، مەن بىر كۆرۈپ باقاي! - دەپ كۆل بويىدا بىردەم قاراپ تۇرۇپتۇ. ئۆلۈك چىقمىغاندىن كېيىن قايتىپتۇ. سودىگەرنىڭ ئۆيىگە كېلىپلا كارۋاتقا قاراپتۇ. ئۆلۈكنىڭ كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ سودىگەرگە:
- قارىماملا، دادىلىرى راست يامان ئادەم ئىكەن. >كۆمسەم يەنە چىقىۋالمىسۇن< دەپ قورقۇپ ئورمانلىقتىكى كۆلگە تاشلىغانتىم. ۋارقىراپ قېچىپ كېتىۋاتىدۇ. كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ كەتمەن بىلەن كاللىسىغا كېلىشتۈرۈپ سېلىۋىدىم، جىمىپلا كەتتى. كۆلگە تاشلىۋېتىپ كەلدىم، - دەپتۇ.
سودىگەر چالا ساراڭنى بىر تىللا بېرىپ دەرھال يولغا ساپتۇ. ئەمما سودىگەرنىڭ بېشى قېتىپتۇ. >بۇ ساراڭ ئۈچ ئۆلۈكنى ئاز دەپ تۆت قىپتۇ. خەق بىلىپ قالسا قانداق قىلارمەن؟<
ئېيتىپ بەرگۈچى: توخسۇ ناھىيە پەيشەنبە بازار گۇڭشې ئارا مەھەللە دادۈي ئىككىنچى ئەترەتتىن: قاھار ساتتار.