سەمەندەر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا زىمىنى كەڭ، بايلىقى مول، ئاھالىسى ئۆم بىر ماكان بولغان ئىكەن. بۇ ماكاننىڭ ھاكىملىرى ئادىل، پۇقرالىرى دادىل ئىكەن؛ مويسىپىتلىرى مەشرەپ ئوينايدىكەن، نەۋ قىرانلىرى ئوۋ ئوۋلايدىكەن. بۇ يۇتتا بىر كاسىپ بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرى ئوت ئالدىدا تۆمۈر تاۋلاش بىلەن ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىر ئوغلى بولۇپ، >ئاتا كەسىپىگە ۋارىسلىق قىلار< دېگەن نىيەتتە، ئۇنىڭغا سەمەندەر دەپ ئات قويغان ئىكەن، سەمەندەر ئاتىسىنىڭ ھۈنەر - كەسپىنى زېھىن قويۇپ ئۆگىنىپتۇ ۋە قوشنىسىنىڭ گۈلەمبەر ئىسىملىك قىزى بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولۇپتۇ. ئۇ، 18 ياشقا توشقىنىدا ئاتا - ئانىسىدىن يېتىم قاپتۇ. سەمەندەر ئاتىسىدىن ئۆگەنگەن كەسپى بويىچە تاغ كېزىپ، داۋان ئېشىپ مەدەن ئىزلەيدىكەن، مەدەننى ئوتتا قىزدۇرۇپ، مايدەك ئېرىتىپ، تۆمۈر تاۋلايدىكەن. تۆمۈردىن ئوۋ سايمانلىرى ياسايدىكەن.
بەدىنىگە قۇۋۋەت تولۇپ، ئېيىق بىلەن ئېلىشىپ، يولۋاس بىلەن چېلىشىپ يۈرگەن باتۇر يىگىت سەمەندەر بىر كۈنى يۇرت ئىچىدىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر يەردە قوڭۇر رەڭ توپا ئۆرلەپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى بىلەن بۇ يەردە تاش - مەدەن بارلىقىغا ھۆكۈم قىلىپتۇ - دە، كېچە - كۈندۈز بۇ يەرنى كولاشقا باشلاپتۇ، گۈلەمبەر كۈن ئارىلاپ ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاش - نان ئېلىپ كېلىپ ئۇنى يوقلاپ تۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ سۆيگۈ - مۇھەببىتىمۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپتۇ، سەمەندەرگە كۈندۈزى بۇلبۇل، تورغايلار ناخشا ئېيتىپ بەرسە، كېچىسى سانسىز يۇلتۇزلار نۇر چېچىپتۇ. قىرىق قېتىم كۈن ۋە قىرىق قېتىم ئاي ھەمرا بوپتۇ. قىرىق بىرىنچى كۈنى ئۇنىڭ كولىغا يېرى ئالتە غۇلاچقا يېتىپتۇ، ئەمما مەدەندىن تېىچە دېرەك بولماپتۇ. سەمەندەر ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ئىشتىن توختاپ قاپتۇ. دەل شۇ چاغدا گۈلەمبەر ئادىتى بويىچە ئۇنى يوقلاپ كەپتۇ، ئىككىسى مۇڭدىشىپتۇ، سىردىشىپتۇ، سۈبھى مەزگىلى بولغاندا، سەمەندەر گۈلەمبەرنىڭ تىزىغا بېشىنى قويۇپ تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.
سەمەندەر چۈشىدە ئادىمىزاتتىن خالى ئاجايىپ چىرايلىق بىر باغنى كۆرۈپتۇ. باغدا رەڭمۇ - رەڭ گۈللەر ئېچىلغان، خىلمۇ - خىل قۇشلار سايراپ تۇرغان، ھەر تۈرلۈك مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىپ تۇرغانمىش. زۇمرەتتەك سۈپ - سۈزۈك سۇغا تولغان كۆل ئىچىدە تۇرنا، ئۆردەك، غازلار، ئالتۇن بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرگۈدەك. سەمەندەر بۇ باغنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ، >ئەل - يۇرت ئۈچۈن شۇنداق بىر باغ بىنا قىلغان بولسام، كاشكى...< دەپ ئويلاپتۇ - دە، كۆل بويىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئوچۇملاپ سۇ ئىچكەن ئىكەن، تويۇقسىز كۆز ئالدىدا رەڭمۇ - رەڭ نۇرلار چاقناپ، قۇلىقىغا يېقىملىق بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ - دە، ئۇنىڭ ئالدىدا ئاپئاق ساقىلى كۆكسىگە چۈشكەن، قىپ - قىزىل مەڭزى ئوتقاشتەك جۇلالىنىپ، پىشانىسىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان بىر بوۋاي پەيدا بوپتۇ. سەمەندەر ئىززەت - ئېكرام بىلەن قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ:
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بوۋا، - دەپ ھۆرمەت بىجا كەلتۈرۈپتۇ. بوۋاينىڭ ئىللىق نەزىرى سەمەندەرگە چۈشۈشى بىلەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا غايىۋانە بىر كۈچ قوشۇلغاندەك بولۇپتۇ، يۈرەكلىرى ئويناپ كېتىپتۇ. بوۋاي مۇلايىملىق بىلەن سەمەندەرگە دەپتۇ.
- ۋەئەيكۇم ئەسسالام، ھەي، ئەل سۆيەر ئوغلۇم. سەن ئارزۇ باغنىڭ شارابىغا تەگدىڭ، ئۈمىدىڭنى ئۈزمەي كەتمىنىڭنى قۇلۇڭغا ئال، ئەجداتلىرىڭ ساڭا >ھېكمەتلىك كىتاب< سوۋغا قىلۇر. ھەر كۆكلەمنىڭ تۇنجى چولپانى كۆچكەندە، كىتابنى كۆكسۈڭگە قويۇپ مۇنۇ بېيىتنى ئېيتساڭ تەلىپىڭ ئورۇنلانغاي:
خاسىيەتلىك ئەي كىتاب،
ساڭا قىلغايمەن خىتاب.
ئەلگە شىرىن مېۋەڭنى،
ئاتا قىلغايسەن شۇتاپ!
بۇۋاي شۇ گەپنى دەپتۇ - دە، كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. سەمەندەر چۆچۈپ ئويغىنىپ، چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى گۈلەمبەرگە سۆزلەپو بېرىپتۇ، ئاندىن كولاپ چۈشكەن يېرىگە ئۈچ كەتمەن ئۇرغان ئىكەن، ئۇزۇنلۇقى ئۈچ غېرىچ، كەڭلىكى ئىككى غېرىچ، قېلىنلىقى بىر غېرىچ، كېلىدىغان بىر ئالتۇن ساندۇق چىقىپتۇ. ساندۇقنى ئاچقان ئىكەن، ئىچىدىن ئالتۇن ۋاراقلىق >ھېكمەتلىك كىتاب< چىقىپتۇ. ئۇ كىتابنى ئاۋايلاپ ئېلىپ كۆكسىگە تېڭىپ تۇرۇپ:
خاسىيەتلىك ئەي كىتاب،
ساڭا قىلغايمەن خىتاب.
ئەلگە شىرىن مېۋەڭنى،
ئاتا قىلغايسەن شۇتاپ!-
دەپ بېيت ئېيتىپتىكەن، ھېلىقى كولانغان يەردىن خۇددى ھەسەن - ھۈسەندەك رەڭگا - رەڭ نۇر چەمبىرىكى ھاسىل بولۇپ، ئاستا - ئاستا يۇقۇرى ئۆرلەپ بىر تۈپ شەمشات دەرىخىگە ئايلىنىپتۇ. شەمشاتنىڭ غۇلى ۋە شاخلىرى ئالتۇن بولۇپ، يوپۇرماقلىرى تىللا ئىكەن. ئۇنىڭ تىللالىرى مەيىن شامادا ھەيۋەتلىك جىرىڭلاپ پۈتۈن ئەلنى تاتلىق ئۇيقۇدىن ئويغىتىپتۇ. نومۇسچان گۈلەمبەر تاڭ يورۇغىدا ئەلدىن خىجىل بولۇپ ئۆيىگە كېتىپتۇ. خەلق ئاسماننى ۋال - ۋۇل قىلىپ يورۇتۇۋەتكەن بو ئاجايىپ مۆجىزىگە ھەيران بولۇپ سەمەندەرنىڭ ئەتراپىغا جەم بولۇپتۇ.
بۇ شۇنداق خاسىيەتلىك دەرەخ ئىكەنكى، ئۇنىڭ تىللالىرى ئۈزۈلگەن ھامان ئۇرنىغا يەنە يېڭى تىللالار پەيدا بولىدىكەن. سەمەندەر تىللالارنى ئاۋام خەلققە تارقىتىپ بېرىپتۇ. بالىلار شاتلىقىدىن چاپانلىرىغا تىللا تۈگمىلەر قادىشىپتۇ. قىز - جۇۋانلار قۇلاق، بويۇنلىرىغا، بارماق ۋە بىلەكلىرىگە ئالتۇن بىزەكلەر تاقاپتۇ. كۈز پەسلى بولغاندا، بۇ شەمشات دەرىخى تىللا بېرىشتىن توختاپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، سەمەندەرنىڭ كارامىتى ۋە ھېكمەتلىك كىتابنىڭ داڭقى پۈتۈن ئالەمگە پۇر كېتىپتۇ.
بۇ ئىشتىن ياقا يۇرتتىكى بىر قەللاپ )ساختىپەز، ھىيلىگەر( خەۋەر تېپىپتۇ. ئۇ، بايلىققا خورجۇنى تولمىسا بېشى ئاغرىيدىغان، ئادەم قېنىغا ئاغزى توشمىسا، چىشى ئاغرىيدىغان ھىيلىگەر ئىكەن. ئۇ، ھېكمەتلىك كىتابنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ كويىدا نەچچە كېچە تەييارلىق قىلىپ، شۇملۇق خالتىسىنى ئېلىپ، ھىيلە - نەيرەڭ قاپقىنىنى راسلاپ، سۈيقەست توزىقىنى قۇرۇپ، سەمەندەرنىڭ يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ.
قەللاپ كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ بىر مەنزىلگە كەلگەندە، يەر ئاستىدىن سانسىز تىكەنلەر ئۆسۈپ چىقىپ، ئۇنىڭ بەدىنىگە سانجىلىپ، يولنى توساپتۇ. شۇڭا ئۇ، شۇملۇق خالتىسىدىن جادۇ پەيلىرىنى چىقىرىپ ئۇچۇپ ئۆتۈپتۇ.
ھىيلىگەر قەللاپ يەنە بىر مەنزىلگە كەلگەندە، ئالدىنى تىك تاغلار توساپتۇ، ئۇ شۇملۇق خالتىسىدىن شۇتىسىنى چىقىرىپ يۇقۇرىغا ئۆرەپ، تاغدىن ئېشىپتۇ. يەنە بىر مەنزىل يول يۈرگەندىن كېيىن، ئالدىنى ئوت يالقۇنلار توساپتۇ، ھىيلىگەر قەللاپ شۇملۇق خالتىسىدىن قايغۇ بۇلۇتلىرىنى چىقىرىپ ئۈستىگە ئولتۇرۇپتۇ ۋە بۇلۇتلاردىن يامغۇر سۇلىرىنى تۆكۈپ، ئوتنى ئۆچۈرۈپ ئۆتۈپتۇ. يامغۇر سۈيى ئېقىپ بېرىپ چەكسىز كۆل پەيدا قىلىپ ئۇنىڭ ئالدىنى توساپتۇ. ئۇ، شۇملۇق خالتىسىدىن قېيىق چىقىرىپ سۇدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپتۇ. قىرغاققا يېقىنلاشقاندا، پىچاقتەك ئۆتكۈر قومۇشلۇققا دۇچ كەپتۇ. ھىيلىگەر قەللاپ شۇملۇق خالتىسىدىن بالايى - ئاپەت بورىنىنى چىقىرىپ قومۇشلارنى ۋەيران قىلىۋېتىپتۇ ۋە توزغاقلاردىن ئىڭىكىگە پەرداز بېرىپ، مويسىپىت قىياپەتكە كىرىۋېلىپ كۆلدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
ھىيلىگەر قەللاپ ئاخىرقى بىر مەنزىلگە كەلگەندە، ھېلىقى ئۆزى چىقارغان بالايى - ئاپەت بورىنى كەينىگە يېنىپ ئۇنى تاش - بوران ئەيلەپتۇ، قىزىق قۇملار ئۇنىڭ يۈزىگە چوقۇر ۋە سەپكۈندىن ئىز ساپتۇ. ئەتراپ پايانسىز چۆل - جەزىرىگە، يىراق - يېقىندىكى ئاۋات شەھەرلەر قۇم دۆۋىسىگە ئايلىنىپتۇ. قەللاپ ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ كېتىۋاتقىنىدا، تېنەپ قالغان بىر تۆگە ئۇچراپتۇ. ئادىمىزاتقا تەشنا بولغان نار تۆگە ئۇنىڭ يېنىغا كەپتۇ - دە، ئۈركۈپ كەينىگە بۇرۇلۇپ قېچىپتۇ. ھىيلىگەر قەللات ئۇنىڭ قۇيرۇقىغا مەھكەم ئېسىلىۋاپتۇ. نار تۆگە يەتتە كېچە - كۈندۈز يۈگۈرۈپ سەمەندەرنىڭ يۇرتىغا يېقىنلاشقاندا، قۇيرۇقىنىڭ يېرىمى ئۈزۈلۈپ قەللاپنىڭ قولىدا قاپتۇ، نار تۆگە بولسا قېچىپ كېتىپتۇ.
ھىيلىگەر قەللاپ ئىقلىمدا كۆرمىگەن ھەشەمەتلىك بۇ يۇرتنىڭ ئالتۇن قەسىر - راۋاقلىرىنى كۆرۈپ كىرىشكە پېتىنالماي، شۇملۇق خالتىسىدىن ھەسەت بۇلۇتلىرىنى چىقىرىپ ئاسمانغا چېچىپتۇ، بۇلۇتلار ئاينى ئۇياققا، كۈننى بۇياققا ھەيدەپ يۇرت ئاسمىنىغا گۇگۇم پەردىسىنى يېيىپتۇ. قەللاپ ئۇچىسىغا مويسىپىتلارچە تون كىيىپ، چىرايىدىن كۈلكە ياغدۇرۇپ، ئاغزىدىن شېكەر تامدۇرۇپ، سەمەندەرنىڭ ھوجرىسى ئالدىغا كېلىپ مۇساپىرلارچە نالە - زار قىلىپتۇ. مېھماندوست سەمەندەر ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ تۆرگە تەكلىپ قىلىپتۇ، مەېزىلىك تائاملار بىلەن مېھمان قىلىپتۇ. قەللاپ تىللالارغا كۆمۈلگەن بۇ يۇرتتىكى سەمەندەرنىڭ كۇلبىسىدە ئالتۇندىن ئەسەر يوقلۇقىغا ھەيران بولۇپ، مۇلايىملىق بىلەن بۇ سىرلارنى كوچىلاپ سوراپتۇ. ئاق كۆڭۈل سەمەندەر ھېكمەتلىك كىتابنىڭ تارىخىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە بۈگۈن سەمەندەر كىتاب ئۆزىنىڭ خاسىيىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپتۇ. ھىيلىگەر قەللاپ ھەممىنى ئاڭلاپ بولۇپ مەنىلىك كۈلۈپ قويۇپ سەمەندەرنىڭ بېشىنى سىيلاپتۇ
- ھەي ئوغلۇم، مەن ئارزۇ بېغىدىن سېنى يوقلاپ كەلدىم، بۈگۈن سەھەر سوۋغىلارنى ئىنئام قىلۇرمەن، - دەپتۇ. سەمەندەر مېھمان بوۋايغا تەكرار رەھمەت ئېيتىپ، تازىم بىجا كەلتۈرۈپتۇ.
تاڭ سەھەر چولپان كۆچەردىن ئىلگىرى ئۇلار شەمشات دەرىخىنىڭ يېنىغا جاندۇنۇپتۇ، سەمەندەر سەل توختاپ تۇرۇشنى، گۈلەمبەرنىڭمۇ بىللە بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مېھمان قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- ھەي ئوغلۇم، ھېكمەتلىك كىتابنىڭ خاسىيىتى شۇكى، خوتۇنلار تائىپىسى ئۇنىڭغا يېقىنلاشماسلىقى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، مەڭگۈلۈك تىللا دەرىخى ئۇزاق ئۆتمەي قۇرۇپ كېتىدۇ، - دەپتۇ. ئەزەلدىن ئەلگە ئىشەنچ باغلاپ ئادەتلەنگەن سەمەندەر قەللاپنىڭ بۇ پەتىۋاسىغا ئىشىنىپ، باشقا قارشىلىق قىلماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۈلەمبەرنى كۈتمەستىن شەمشات دەرىخىنىڭ يېنىغا يېتىپ بېرىپتۇ. ھېكمەتلىك كىتاب سېلىنغان ساندۇق دەرەخنىڭ يېنىغا قويۇلغان ئىكەن. سەمەندەر كىتابنى ئېلىپ چولپان كۆچۈشنى كۈتۈپ تۇرغاندا، قەللاپ ئۇنىڭغا بىھۇش قىلىدىغان دورا سېلىنغان مەي سۇنۇپتۇ، سەمەندەر مەينى ئېچىپلا ھوشسىزلىنىپ يېقىلىپتۇ. قەللاپ ئۇنى شەمشات دەرىخىنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ تاشلاپتۇ - دە، قولىغا ھېكمەتلىك كىتابنى ئېلىپ:
خاسىيەتلىك ئەي كىتاب،
ساڭا قىلغايمەن خىتاب.
ئەلگە شىرىن مېۋەڭنى،
ئاتا قىلغايسەن شۇتاپ!-
دەپتۇ. شەمشاتتىن قويۇق ئىس كۆتۈرۈلۈپ، ئارقىدىنلا قىپ - قىزىل جۇلالىنىپ تۇرغان بىر تۈپ دەرەخ پەيدا بوپتۇ. ئۇنىڭ مېۋىسى قوش مۇشتەك بولۇپ، تېشى سىرلاقلىق، ئىچى مىخلاقلىق ئىكەن، ئىچىدىن قىزىل قان تېمىپ تۇرىدىكەن. چۈنكى ئۇ سەمەندەرنىڭ قېنى بىلەن قوشۇلۇپ بىنا بولغان ئىكەن. ئاز ئۆتمەي، گۈلەمبەر جامائەت بىلەن بىللە يېتىپ كەپتۇ. ھەممىسى قەللاپتىن سەمەندەرنى سوراپتۇ. قەللاپ چىرايىنى ئۆزگەرتمەستىن:
- سەمەندەر ئوغلۇم ھېكمەتلىك كىتابنى ماڭا تاپشۇرۇپ، ئۆزى ئارزۇ باغقا سەيلىگە كەتتى. كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا قايتىپ كېلىدۇ، - دەپتۇ. كىشىلەر بۇ سۆزگە ۋە مېۋىگە ھەيران بولۇشۇپتۇ، كېيىن بۇ مېۋىگە ئانار دەپ ئات قويۇشۇپتۇ.
گۈلەمبەر ئۆز ئاشىقىنىڭ ھىدى پۇراپ تۇرغان بۇ يەردىن كېتىشكە كۆزى قىيماي، زار - زار يىغلاپ ئاھ ئۇرۇپتۇ. كەچ كىرگەندە، دوستلىرى ئۇنى يۆلەپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپتۇ. ئۇ، ھوجرىسىدا ياستۇقتىن بېشىنى كۆتەرمەي يىغلاۋېرىپ چىرايلىرى ساماندەك سارغىيىپ كېتىپتۇ، ئىشقى - پىراق ئوتى ئۇنىڭ يۈرىكىدە گۈلخاندەك يېنىپتۇ. ئۇ ئانىسىدىن قالغان نەقىشلىق ساتارىنى قولىغا ئېلىپ، مۇڭلۇم مۇقاملارغا چېلىپ، ھەسرەت بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان بوپتۇ. بىر كۈنى دوستلىرى ئۇنىڭغا ئاچ سېرىق رەڭدىكى بىر دانە ئانارنى ئەكىلىپ بېرىپتۇ ۋە ئۇنى قەللاپتىن بىر تىللاغا تېگىشكەنلىكىنى ئېيتىشىپتۇ. گۈلەمبەر ئانارنى پۇراپ خۇددى سەمەندەرنى كۆرگەندەك بولۇپتۇ - دە، ئىشقى - پىراقى تېخىمۇ كۈچىيىپ يىغلاشقا باشلاپتۇ.
ئەمدى گەپنى ھىيلىگەر قەللاپتىن ئاڭلايلى: بۇئانار دەرىخىمۇ شەمشات دەرىخىگە ئوخشاش خاسىيەتلىك ئىكەن، بىر تال ئۈزگەندىن كېيىن ئورنىغا يەنە بىر تال ئانار پەيدا بولىدىكەن. قەللاپ ھەر بىر تال ئانارنى بىر دانە تىللاغا تېگىشىدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ، سەمەندەرنى سېغىنغان خەلق ئۆيلىرىدىكى بارلىق تىللالارنى ئېلىپ كېلىپ ئانارغا تېگىشىپ كېتىپتۇ. كىشىلەر ئانارنى قولىغا ئالسىلا سەمەندەر كۆز ئالدىغا كېلىپ يېيىشكە ئاغزى بارماي تەكچىلىرىگە تىزىپ قويۇپتۇ، قۇرۇپ قالغان ئانارلارنىڭ ئۇرۇقىنى ساقلاپ قويۇشۇپتۇ. كۈز كۈنلىرى كەلگەندە، ئانار مېۋە بېرىشتىن توختاپتۇ. قەللاپ ھېساپسىز تىللاغا ئىگە بولۇۋاپتۇ، ئۆزىگە ھە - ھۇ دېيىشكەنلەرگە تىللا ئىنئام قىلىپتۇ. شۇندىن باشلاپ كىشىلەر تىللالىرىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە قاراپ باي ۋە يوقسۇل دەپ ئايرىلىپتۇ. تەڭسىزلىك كىشىلەر ئارىسىدا ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت ۋە ھەر خىل سۈيقەست، ھىيلىگەرلىكلەرنى پەيدا قىپتۇ، خەلق قەللاپقا غەزەپلىنىدىغان بوپتۇ. بۇنى سەزگەن قەللاپ ھېكمەتلىك كىتابنى بىر بايغا نۇرغۇن تىللاغا تېگىشىۋېتىپ، شۇملۇق خالتىسىدىكى پىتنە - پاسات ئۇرۇقلىرىنى يۇرتقا چېچىپتۇ. شۇ ھامان يەردىن شۇمبۇيا، تىكەن، زەھەرلىك چۆپلەر ئۈنۈپ چىقىپتۇ. ھىيلىگەر قەللاپ نەچچە ئونلىغان نار تۆگە سېتىۋېلىپ بارلىق تىللالىرىنى ئارتىپ يولغا راۋان بوپتۇ، مېڭىپ - مېڭىپ قۇم باسقان ھېلىقى چۆللۈك ئىچىدە كېتىۋاتقىنىدا، بوران چىقىپ قەللاپنى قۇم بېسىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ جەسىدى قۇم ئاستىدا چىرىپ، پارە - پارە بولۇپ چاشقان، چايانلارغا ئايلىنىپتۇ. ئۈستىگە تىللا ئارتىلىپ، قۇيرۇقلىرى بىر - بىرىگە چېتىلغان تۆگىلەر بوراندىن قېچىپ ھەر تەرەپكە يۈگۈرۈشكەن ئىكەن، ھەممىسىنىڭ قۇيرۇقلىرى ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ. شۇندىن تارتىپ تۆگىلەرنىڭ قۇيرۇقى كالتە بولۇپ قالغان ئىكەن. سانسىزلىغان تىللالار شۇ چۆل - جەزىرىدە قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ قاپتۇ. كېيىنكى زامانلاردا كىشىلەر بۇ تىللالارنى ئېلىش ئۈچۈن بارغىنىدا، چايانلار ئۇلارنى چېقىپ ئۆلتۈرۈپتۇ.
ئەمدى ئىككى ئېغىز سۆزنى ھېكمەتلىك كىتابنى ئېلىۋالغان بايدىن ئاڭلايلى: باي ئىككىنچى يىلى باش باھارنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپتۇ. تۇنجى چولپان كۆچىدىغان كۈنى سەھەردە ھېچكىمگە تۇيدۇرماي ئانا دەرىخىنىڭ يېنىغا كەپتۇ ۋە ھېكمەتلىك كىتابنى كۆكسىگە قويۇپ:
خاسىيەتلىك ئەي كىتاب،
ساڭا قىلغايمەن خىتاب.
ئەلگە شىرىن مېۋەڭنى،
ئاتا قىلغايسەن شۇتاپ!-
دەپ بېيت ئېيتىپتۇ. شۇ ھامان يەر - زىمىن لەرزىگە كەپتۇ، ئانار دەرىخى بىردىنلا سانسىز يوپۇرماق چىقىرىپتۇ، يوپۇرماقلار ئارىسىدا ھېساپسىز قۇرتلار پەيدا بولۇپ، شاخلارنى قاپلاپ كېتىپتۇ، قۇرتلار سۈرلۈك لۆمشۈپ بايغا خىرىس قىپتۇ. قورقۇپ كەتكەن باي ھېكمەتلىك كىتابنىمۇ ئۇنتۇپ، ئالدى - كەينىگە قارىماي بەدەر قېچىپ كېتىپتۇ.
دەل شۇ پەيتتە گۈلەمبەرنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا ئېلىنىپ چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە سەمەندەر شەمشاد دەرىخى ئۈستىدە كۈلۈپ تۇرۇپ دېگۈدەك:
- جېنىم گۈلەمبەر، تېز كېلىڭ! ئەنە ھېكمەتلىك كىتاب...
گۈلەمبەر سۆزنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىيالماي چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ - دە، يۈگۈرگىنىچە ھېلىقى دەرەخ تۈۋىگە يېتىپ كەپتۇ. قارىسا، بىر دەرەخ تۇرغۇدەك، دەرەخنىڭ شاخلىرى ئارىسىدا چىرايلىق قۇرتلار سىپايىلىق بىلەن ئۆمىلەپ يۈرگۈدەك، دەرەخنىڭ يېنىدا ھېكمەتلىك كىتاب پارقىراپ تۇرغۇدەك. گۈلەمبەر نېمە قىلارنى بىلمەي تۇرغاندا، تۇيۇقسىز بوران چىقىپ، قۇيۇنلار ئۇچۇشقا باشلاپتۇ. ئۇ ئالدىراپ دەرەخنىڭ ئاستىدىكى يەرنى ئىككى - ئۈچ غېرىچ كولاپ ھېكمەتلىك كىتابنى كۆمۈپ قويۇپتۇ. بوران دەرەخنىڭ يوپۇرماق ۋە قۇرۇتلىرىنى يەرگە قېقىپ چۈشۈرۈپتۇ. گۈلەمبەر سەمەندەر بىنا قىلغان بۇ دەرەخنىڭ قۇرتلىرىنى ئېتىكىگە يىغىپ ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. بوران بىر نەچچە كۈن داۋام قىلىپتۇ. ھېلىقى دەرەختىكى قۇرۇتلار يەرگە چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئاق ۋەقىزىل رەڭلىك بارماقتەك - بارماقتەك مېۋە پەيدا بولۇپ قاپتۇ. بوران بۇ مېۋىلەرنى قۇرۇتۇپ، ئۇچۇرۇپ پۈتۈن يۇرتقا تارقىتىۋېتىپتۇ.
گۈلەمبەر ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاشقىغا بولغان مۇھەببىتى بىلەن بۇ قۇرۇتلارنى ئاسراپ بېقىپتۇ. قۇرتلار چوڭىيىپ ئىنچكە يىپ غالتىكىنى تاشلاپ ئۇچۇپ كېتىشىپتۇ. گۈلەمبەر بۇ ئاشىقلىق رىشتىسىدىن بولغان يىپلاردىن ھەر خىل چىرايلىق ئەتلەس - شايىلارنى توقۇپتۇ. يىپەك ئەنە شۇنداق پەيدا بولغان ئىكەن. ھېلىقى بارماقتەك مېۋە چۈشكەن دەرەخكە كىشىلەر ئۈژمە دەرىخى دەپ ئات قويۇپتۇ. ئۇنىڭ مېۋىسىنى يىسە - يىسە تۈگىمەيدىكەن.
ئۈچىنچى يىل باھار پەسلىدە گۈلەمبەر يەنە چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە سەمەندەر ئۇنى يەنە چاقىرىپتۇ. گۈلەمبەر ئىشقى - پىراق ئوتىدا ئۆرتىنىپ، ئۈژمە دەرىخى يېنىغا كەپتۇ، شۇ ۋاقىت دەل چولپان كۆچەر چېغى ئىكەن. گۈلەمبەر كۆككە قاراپ:
خاسىيەتلىك ئەي كىتاب،
ساڭا قىلغايمەن خىتاب.
سەمەندەرنىڭ يېنىغا،
مېنى ئېلىپ بار شۇ تاپ!-
دەپ بېيت ئېيتقان ئىكەن، ھەسەن - ھۈسەندەك نۇرلار چاقناپتۇ ۋە بۇ نۇرلار گۈمبەزنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، گۈلەمبەر شۇ كۈنى ئارزۇ باغقا بېرىپ ئاشىقى سەمەندەر بىلەن دىدار كۆرۈشۈپ مۇرات - مەقسىدىگە يېتىپتۇ. شۇندىن تارتىپ بۇ يۇرتتىكى كىشىلەر باش يامغۇر ياغقاندا، گۈلەمبەرنىڭ كۆز يېشىنى ئەسلەپ، يامغۇر سۈيىگە ئېغىز تېگىدىغان بوپتۇ، ھەسەن - ھۈسەننى بولسا، ئاشىقلارنىڭ ۋىسال شاتلىقىدىن چاقنىغان نۇرنىڭ جىلۋسى، دەپ تاماشا قىلىدىغان بوپتۇ.
گۈلەمبەر ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن چاغدا ئۈژمە دەرىخىدە بىر كارامەت يۈز بېرىپتۇ. ئۈژمە دەرىخى ئورنىغا خۇددى شەمشاد دەرىخىدەك بىر تۈپ دەرەخ پەيدا بوپتۇ. شاخلىرىدا خۇددى تىللادەك مېۋە چۈشۈپتۇ. ئەپسۇسكى، كىشىلەر بۇ مېۋىسنىڭ چېچكىنى پەقەتلا كۆرەلمەپتۇ. ھېكمەتلىك كىتاب كىشىلەرگە بەختى چېچەكلىمىگە بىر جۈپ ئاشىقنىڭ شىرىن مۇھەببىتىنى ۋە سەمەندەرنىڭ يۇرتىغا بولغان كۆيۈمچانلىقىنى ئەسلىتىش ئۈچۈن مانا شۇ چەكسىز مېۋىنى ئاتا قىلغان ئىكەن. كىشىلەر بۇ مېۋىگە ئەنجۈر دەپ ئات قويۇشۇپتۇ.
گۈلەمبەر يوقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ دوستلىرى گۈلەمبەرنىڭ ھېكمەتلىك كىتابىنى نەگىدۇر ئىككى - ئۈچ غېرىچ كولاپ كۆمۈپ قويغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. كىشىلەر بۇ كىتابنى ئىزلەپ ھەممە يەرنى ئىككى - ئۈچ غېرىچ كولاپ چىقىپتۇ، بىراق كىتاب تېپىلماپتۇ. كولانغان بۇ يەرلەرگە ئانار، ئۈژمە، ئەنجۈر ئۇرۇقلىرىنى چېچىپتۇ، بۇ ئۇرۇقلار باھار پەسلىدە ئۈنۈپ چىقىپتۇ. يىللار ئۆتۈپ سەمەندەرنىڭ يۇرتى خۇددى ئارزۇ بېغىغا ئوخشاش مېۋىلەر مول، گۈزەل باغما ئايلىنىپ، كىشىلەر ئۆزىنىڭ بۇ يۇرتىغا >نەزەرباغ< دەپ ئات قويۇپتۇ. ئادەملەر ھەر يىلى باھار پەسلىدە ھېكمەتلىك كىتابنى ئەسلەپ يەر ھەيدەيدىغان بوپتۇ. سەمەندەرنىڭ يۇرتىدىكى بۇ ئاجايىپ ئىشلار پۈتۈن ئىقلىمغا ئاڭلىنىپتۇ. ئىنسانلار شۇندىن باشلاپ ھېكمەتلىك كىتابنى ئىزلىشىپ يەرلەرنى ئاغدۇرىدىغان، كېيىن ئۇرۇق چېچىپ زىرائەت تېرىيدىغان ۋە مېۋە كۆچەتلىرىنى تىكىدىغان بوپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا تېرىقچىلىق قىلىش ئەنە شۇنداق پەيدا بولغان ئىكەن.