UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئىرادىلىك شاھزادە

ئىرادىلىك شاھزادە

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ ئەقىللىق بىرلا ئوغلى بار ئىكەن. شاھزادە تۇغۇلۇپ ياىشى تەربىيلىنىپ ئىرادىلىك چوڭ بوپتۇ. شاھزادە پادىشاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرىنىڭ ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس، ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزىغا ئاشىق بولۇپ ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن نىكاھلىنىپتۇ. پادىشاھ قىرىق كېچە - كۈندۈز توي - تاماشا بىلەن ئوغلىنىڭ توي مەرىكىسىنى ئۆتكۈزۈپتۇ. توي كۈنلىرىنىڭ بىر ئاخشىمى شاھزادە ھوجرىسىغا كىرىپ قارىسا خوتۇنى ئۆيدە يوقمىش، ئۇ >بۇ نېمە ئىش؟< دەپ ئوردا ئىچىنى ئىزدەپ خوتۇنىنى تاپالماپتۇ. بۇ خەۋەر تېزلا ئوردا ئىچىگە ئاڭلىنىپتۇ. تەرەپ - تەرەپكە ئادەم ئەۋەتىلىپتۇ. ئەمما كېلىننىڭ ئىز - دېرىكى بولماپتۇ. خوتۇنىنىڭ دەردىدە شاھزادىنىڭ گېلىدىن ھېچ نەرسە ئۆتمەي، ئىچى تىت - تىت بولۇپتۇ، ئۇ خوتۇنىنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىگە كەپتۇ ۋە پادىشاھتىن رازىلىق ئېلىپ، سەپەر كىيمىنى كىيىپ يولغا راۋان بوپتۇ. ئەسلى بۇ شەھەرنىڭ كۈنپېتىش تەرىپى چۆل - جەزىرە ۋە تاغلىق بولۇپ، بۇ جاي دىۋىنىڭ ماكانى ئىكەن. دىۋە يولدىن ئۆتكەن ئادەمزات، ھايۋانات، ھەتتا ئۇچار قاناتلارنىمۇ تۇتۇۋېلىپ ئۆزىنىڭ ئوزۇقى قىلىدىكەن. شۇ كۈنلەردە، دىۋە ئايلىنىپ يۈرۈپ ئادەمزاتنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەستىن پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىپتۇ. قارىسا ئوردا ئىچىدە توي قىزىپ كەتكەن، بىر ئۆيگە كىرسە، يېڭى تويلۇق كىيمى كىيگەن بىر ساھىبجامال قىز يالغۇز ئولتۇرغان. دىۋە دەرھال پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ قىزنى كۆتۈرۈپ كەتكەنىكەن. شاھزادە شۇ ماڭغىنىچە تاڭ ئاتقاندا ئاران شەھەرنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدىكى چۆلگە چىقىپتۇ. ئۇ بىر چىغىر يولدا كېتىۋاتقاندا بىر ئاپئاق ساقال بوۋايغا يولۇقۇپتۇ. شاھزادە بوۋايغا تازىم قىپتۇ. بوۋاي شاھزادىنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىپ: - ھەي يىگىت، نەگە ماڭدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. شاھزادە ئوردىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەنى ۋە ئۆزىنىڭ نېمە ئىش ئۈچۈن ماڭغانلىقىنى بايان قىپتۇ. - ھەي!... - دەپتۇ بوۋاي ساقىلىنى سىلاپ تۇرۇپ، - بالام، سەن خەتەرلىك يولغا كىرىپ قاپسەن، ئەنە قارا! ئاۋۇ كۆرۈنگەن تاغدا دىۋىلەرنىڭ ماكانى بار. خوتۇنۇڭنى شۇ دىۋىلەرنىڭ بىرسى ئېلىپ قاچقان بولۇشى مۇمكىن. >يىگىت سۆزىدىن، يولۋاس ئىزىدىن قايتماس< دېگەندەك سەنمۇ يولۇڭدىن قايتما، خەير - خۇش! لېكىن ئۆزۈڭگە پەخەس بولغىن، يولىڭدىكى ھەر قانداق توسالغۇلاردىن خۇدا ساقلىغاي! بوۋاي دۇئا قىلىپ بولۇپلا كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. شاھزادە يول يۈرۈپتۇ، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ. ئۇ شۇنداق كېتىۋاتقاندا پۇتىغا بىر نەرسە تېگىپ كەتكەندەك بوپتۇ. دەرھال قارىسا يەردە ئادەمنىڭ نۇرغۇن قۇرۇق كاللا ۋە ئۇستىخانلىرى تۇرغۇدەك. شاھزادە پۇتى تېگىپ كەتكەن ھېلىقى قۇرۇق كاللىدىن زۇۋان كېلىپ: - ھەي يىگىت، كۆزۈڭ يوقمۇ؟ نەگە ماڭدىڭ؟ نېمانچە تېز ماڭدىڭ؟ - دەپتۇ. شاھزادە ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ. بىر ئاز قورقۇپتۇ، خېلىدىن كېيىن ئەس - ھوشىنى يىغىپ بولغان ۋەقەنى بىرمۇ - بىر بايان قىپتۇ. - سېنىڭ خوتۇنۇڭنى ئالدىڭدىكى كۆرۈنگەن تاغدىكى دىۋە ئېلىپ قاچقان بولۇشى مۇمكىن. سەن بىر خوتۇننى دەپ خەتەرلىك يولغا كىرىپ قاپسەن، دىۋە بەزىلىرىمىزنى ئېلىپ قېچىپ، بەزىلىرىمىزنى تۇتۇپ كېلىپ ئۆزىنىڭ ئوزۇقى قىلدى، دىۋىلەر ناھايىتى ھىيلىگەر، مەنمۇ شۇ دىۋىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ ئاخىرى مۇشۇ ھالەتكە كېلىپ قالدىم، - دەپتۇ قۇرۇق كاللا. شاھزادە سەل ئىككىلىنىپتۇ، ئەمما ئاخىرى ئۆزىنىڭ مۇرات - مەقسىتىگە يەتمىگۈچە ئىرادىسىدىن قايتمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. - ئۇنداق بولسا، مەن ساڭا يول كۆرسىتەي: سەن مۇشۇ يول بىلەن مېڭىپ، تاغقا يېقىنلاشقاندا بىر غار كۆرۈنىدۇ. سەن ئۇدۇللا غارغا كىر. غارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يوغان بىر داش قازاندا ياغ قايناپ تۇرىدۇ. ئادەم سىياقىغا كىرگەن بىر دىۋە سېنى قارشى ئالىدۇ - دە، ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلىدۇ. بىر قارا مۈشۈك تۈڭلۈكتىن چۈشۈپ قۇيرۇقىدا دۇتار چالىدۇ. مۈشۈكنىڭ بوينىدا 41 ئاپقۇچى بولۇپ، مۇشۇ غاردىكى 41 ئۆينىڭ ئاچقۇچى . سەن ئۇسسۇلغا ھەر قانچە ئۇستا بولساڭمۇ ئۇسسۇل بىلمەيدىغانلىقىڭنى ئېيتىپ، دىۋىنىڭ ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشىنى سوراپ تۇرۇۋال. دىۋە سېنى كۆندۈرەلمىگەندىن كېيىن ئۆزى ئۇسسۇل ئوينايدۇ. ئۇ ئۇسسۇل ئويناپ سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەندە، سەن ناھايىتى چاققانلىق بىلەن ئۇنى قازانغا ئىتتىرىۋېتىپ، مۈشۈكنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپ، بوينىدىكى ئاچقۇچنى ئېلىۋالساڭ، مەقسىتىڭگە يېتىشىڭ مۇمكىن، - دەپ جىم بولۇپتۇ قۇرۇق كاللا. شاھزادە ئۇستىخانلارغا تازىم قىلىپ يەنە يولغا راۋان بوپتۇ. شۇنداق تېز مېڭىپ كۈن پېشىن بولغاندا تاغقا ئۇلىشىپتۇ. شاھزادە غارنىڭ ئىچىگە كىرىشىگىلا قۇيۇن چىقىپ، ھەيۋەتلىك جاراڭ - جۇرۇڭ پەيدا بوپتۇ. شاھزادىنى بىر ئاز تىترەك بېسىپتۇ. ئۇ قارا تەرگە چۆمۈپتۇ. بىر ۋاقىتتىن كېيىن قارىسا، غارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يوغان بىر داش قازاندا ياغ قايناپ تۇرغان. بىر دەمدىن كېيىن بىر سەت، قاپقارا ئادەم پەيدا بولۇپ، شاھزادىگە قاراپ ھېجىيىپ: - كېلىڭ يىگىت، بۇ يەرگە كېلىپ قاپسىز. قېنى مەرھەمەت، بىر پەردە ئۇسسۇل ئويناپ بېرىڭ، - دەپتۇ. - مەن زادىلا ئۇسسۇل بىلمەيتتىم، ئۆزلىرى ئويناپ بەرسىلە، مەن ئۆگىنىۋېلىپ ئاندىن ئويناپ بەرسەم، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ شاھزادە. ھېلىقى سەت ئادەم ھەر قانچە قىلىپمۇ شاھزادىنى كۆندۈرەلمەي، ئۆزى ئويناپ بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ، ئۇسسۇلغا چۈشكىلى تەمشەلگەندە، تۈكلىرى پاخپايغان، بوينىغا نۇرغۇن ئاچقۇچ ئېسىۋالغان بىر سەت قارا مۈشۈك غارنىڭ تۈڭلۈكىدىن چۈشۈپ، ئالدى پۇتىدا پەدە بېسىپ، قۇيرۇقىدا دۇتتار چاپتۇ. شاھزادە مۈشۈكنى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن مۈشۈككە يېقىن كېلىپ تۇرۇپتۇ. قارا ئادەم ئۇسسۇل ئويناپ شاھزادىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە شاھزادە ناھايىتى چاققانلىق بىلەن ئۇنى قازانغا ئىتتىرىپلا مۈشۈكنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، بوينىدىكى ئاچقۇچلارنى ئېلىۋاپتۇ. دىۋە قازاندا قاپقارا چۈچىلىگە ئايلىنىپ ئۆلۈپتۇ. شاھزادە ئاچقۇچنى ئېلىپ غاردىكى ئۆيلەرنىڭ ئىشىكىنى بىر - بىرلەپ ئېچىپتۇ. ئۇ بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچسا، نۇرغۇن ئۇچار - قاناتلار چىقىپ كېتىپتۇ. يەنە بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچسا، ئات، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلار چىقىپ كېتىپتۇ. يەنە بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچسا، بىر قانچە ئادەم:>مەن ئورۇق، ماۋۇ سېمىز< دەپ قورقۇشۇپ تۇرغۇدەك. شاھزادە: - سىلەر نېمە دەۋاتىسىلەر؟ قورقماڭلار مەن ئادەمزات دىۋىنى ئۆلتۈردۈم. ئىشەنمىسەڭلار قازانغا قاراپ بېقىڭلار، سىلەر ھازىردىن باشلاپ ئازاد بولدۇڭلار، - دەپ كۈلۈمسىرەپتۇ. دىۋىلەردىن قۇتۇلغان ئادەملەر خۇشاللىقىدا كۆزىگە ياش ئېلىپ شاھزادىنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ، مىڭ مەرتىۋە رەھمەت ئوقۇشۇپتۇ ۋە ئۆز ماكانلىرىغا قايتىشىپتۇ. شاھزادە ئەڭ ئاخىرقى 41 - ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قارىسا، بىر قىز ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا ئولتۇرغۇدەك، شاھزادە يېقىن كېلىشىگە قىز قورقۇپ كەينىگە داجىپتۇ. قىزنىڭ چىرايى سارغىيىپ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ. شاھزادە توي ئاخشىمى غايىپ بولۇپ كەتكەن خوتۇنىنى تەسلىكتە تۇنۇپتۇ. ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ ئېرى شاھزادە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. قىز بىر ھازاغىچە سەپسېلىپ قاراپ شاھزادىنى تونۇپ، ئۆزىنى شاھزادىگە ئېتىپ ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپتۇ. شاھزادە خوتۇنىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، ھوشىغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇزۇنغىچە بىر - بىرىگە باغرىنى يېقىشىپ، ئۆز بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى سۆزلىشىپتۇ ۋە ئوردىغا قايتىپتۇ. پادىشاھنىڭ خۇشاللىقى ئىچىگە پاتماي، پۈتۈن شەھەر خەلقىنى يىغىپ، قايتىدىن چوڭ توي تاماش قىلىپ بېرىپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: خوتەن توساللا يېزىسىدىن ئەمەت قارىم.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
ئىرادىلىك شاھزادە | UyghurWiki | UyghurWiki