ئەقىللىق بالا
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا تۇرسۇن ئاخۇن دېگەن بىردېھقان ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ مايسىخان ئىسملىك چىرايلىق خوتۇنى بار ئىكەن. بۇلار بىر - بىرىگە بەكمۇ ئامراق ئىكەن، بىراق مايسىخان تۇغماس ئىكەن. ئەر - خوتۇن ئىككىسى پەرزەنت كۆرۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدىكەن. ئاخىرى بىربالا بېقىۋېلىشنى مەسلىھەتلىشىپتۇ. مانا شۇ كۈنلەردە تۇرسۇن ئاخۇننىڭ ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئۈچ ياشلىق ئوغلى ئادىل يېتىم قاپتۇ. تۇرسۇن ئاخۇن >ئاكامنىڭ بالىسى ئۆزۈمنىڭ بالىسى ئەمەسمۇ؟< دەپ ئويلاپ، ئۇ بالىنى بېقىۋاپتۇ.
شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئۆيى جانلىنىشقا باشلاپتۇ. ئۇ بالا چېچەن، ئەقىللىق بالا ئىكەن. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. ئادىل خېلى چوڭ بوپتۇ. بىراق مايسىخان >ئۆز پۇشتۇمدىن بىر بالا تۇغسام نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى؟< دەپ ئويلاپتۇ. ئۇنىڭ تۇغۇش ھەۋىسى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىپتۇ. >باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ باقسام، تۇغۇپ قالسام ئەجەب ئەمەس< دەپ ئويلاپ، ئاخىرى رەمەت تاز ئاتلىق سەت، قاسماق بىر نېمىنى تېپىپتۇ. بۇ ئىشنى ئادىل سېزىپ قاپتۇ. ئەمما ئاتا - ئانىسىنى ئويلاپتۇ ھەم ئۇلارنى ئاياپ، بۇ ئىشنى يۈزىگە سالماپتۇ.
ئادىلنىڭ دادىسىمۇ ئاخشىمى ئۆيگە كەلمەيدىغان يامان ئادەتنى تېپىۋاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئائىلىدىكى ئىناقلىق ئاستا - ئاستا جېدەل - ماجراغا ئايلىنىپ، ئۆيدە غوۋغا تۈگىمەيدىغان بوپتۇ. ئادىل بۇ ئائىلىنى بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئىناق قىلىشقا بەل باغلاپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيدە ئۇن تۈگەپ، تۇرسۇن ئاخۇن تۈگمەنگە بارماقچى بوپتۇ. ئادىل دادىسىغا ئەگىشىپ تۇرۇۋاپتۇ. بىر چىرايلىق چوكان بىلەن ۋەدىلىشىپ قويغان تۇرسۇن ئاخۇن بالىسىنىڭ تەلىپىگە ئۇنىماپتۇ. ئاخىرى ھارۋىنى قېتىپ يولغا چىقىپتۇ. ئادىل چېچەن بولغاچقا دادىسىغا بىلىندۈرمەي ھارۋىغا چىقىپ، ھارۋىنىڭ ئارقىسىغا تېڭىلغان بىر تاغار ساماننىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇۋاپتۇ. تەڭ يولغا بارغاندا، تۇرسۇن ئاخۇن ئاتنىڭ پۇتىنى چۈشەپ، ھارۋىنى توختىتىپ قويۇپ، يولغا يېقىن بىر بوستانلىققا قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇنى بىر كېلىشكەن چوكان خۇشال كۈتۈۋاپتۇ.
ئادىل بۇ ئىشلارنى كۆڭلىگە سېلىپ قويۇپتۇ. ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي، ئۇنىڭ دادىسى ھېلىقى ئايال بىلەن خوشلىشىپ يېتىپ كەپتۇ - دە، ھارۋىنى ھەيدەپ يولغا چىقىپتۇ.
دادىسىنىڭ بۇ قىلىقىدىن ئادىل ناھايىتى رەنجىپتۇ. ھارۋا ئازراق مېڭىپ دۆڭدىن پەسكە چۈشكەندە، ھارۋىنىڭ ئوقى سۇنۇپ كېتىپتۇ. تۇرسۇن ئاخۇن نېمە قىلىشنى بىلمەپتۇ، بېشى تازا قېتىپتۇ. كەكە بولمىغاچقا ھارۋا ئوقىنى ياسىيالماپتۇ. ھارۋا بىلەن ئاشلىقنى يولدا تاشلاپ قويۇپ كەكە ئەكىلىشكە تېخى بولماپتۇ. >ۋاي ئېسىتەي، بالام ئادىلنى ئالغاچ كەلگەن بولسام بوپتىكەن< دېيىشىگە ئادىل يوشۇرۇنۇپ ياتقان يېرىدىن سەكرەپ قويۇپ:
- مانا مەن دادا! سىز غەم يېمەڭ. مەن ئۆيگە بېرىپ كەكىنى ئېلىپ كېلەي، - دەپ ئۆيگە قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپتۇ. دادىسى بولسا:>باياتىنقى ئىشلارنى بالام كۆرۈپ قالغانمىدۇ؟< دەپ قاتتىق ئىزا تارتىپتۇ ۋە:>بۇ ئىشلارنى ئانىسىغا ئېيتىپ قويارمۇ؟ ئېيتىپ قويسا قانداق قىلارمەن؟< دېگەن ئەندىشىگە چۈشۈپتۇ.
ئادىل تەرلەپ - تەپچىرەپ ھويلىسىغا كىرسە، ئۆينىڭ ئىچىدىن گۇدۇڭلاشقان ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. ئشىككە يېقىن بېرىپ، ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قارىسا، ئانىسى رەمەت تاز بىلەن قىزغىن مۇھەببەتلىشىپ ئولتۇرغۇدەك. تىت - تىت بولغان ئادىل:> قېنى يەنە قانداق ئىشلار بولاركىن؟< دەپ ماراپ ئولتۇرسا، ئانىسى رەمەت تازغا ئەركىلەپ:
- دېيىشمىگەن گەپ - سۆز قالمىدى، دېسىلە، ئەتە قەيەردە كۆرۈشىمىز؟- دەپتۇ. ئادىل:>گەپ مەيەردە ئىكەن تېخى! بۇلارنىڭ نېمىنى توختام قىلىشىدىغانلىقىنى بىلىۋالايچۇ!< دەپ تېخىمۇ دىققەت بىلەن تىڭشاپتۇ. رەمەت تاز ھاكاۋۇرلۇق بىلەن:
- ئەتە تۇمشۇق تاغدىكى بىر پارچە يېرىمنى شۈدىگەر قىلىش ئۈچۈن بارىمەن.... سىز بىر لېگەن مانتا ئېلىپ چۈشكە ئۈلگۈرۈپ، شۇ يەرگە بارىسىز، شۇ يەردە بەھۇزۇر مۇڭدىشىمىز، - دەپتۇ. مايسىخان:
- مانتا سىزدىن ئايلانسۇن، ئەمىسە گەپ شۇ. ئەتە مەن مانتا ئېلىپ شۇ يەرگە بارىمەن، - دەپتۇ.
بۇ ئىلتىپاتتىن خۇشال بولغان رەمەت تاز مايسىخاننىڭ قولىدىن تۇتۇپ، ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغاندا، ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن ماراپ تۇرغان ئادىل غەزەپلىنىپ، ئىشىكنى >جالاققىدە< ئېچىپلا ئۆيگە كىرىپتۇ.
مايسىخان بالىسىدىن ئىزا تارتىپ يەر بىلەن يەكسان بوپتۇ. رەمەت تاز نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي:
- مەن - مەن - مەن، بۇ - بۇ - بۇقا سوراپ كەلگەنىدىم، - دەپتۇ - دە، تالاغا چىقىپ تىكىۋېتىپتۇ. ئادىل ھېچمەرسە كۆرمىگەندەك چىرايىنى ئۆزگەرتمەي ئانىسىغا:
- مەن دادامغا ئەگىشىپ تۈگمەنگە بارغاندىم، تەڭ يولغا بارغاندا ھارۋىنىڭ ئوقى سۇنۇپ كەتتى. دادام ھارۋا ساقلاپ قالدى، مەن كەكىگە كەلدىم، - دەپتۇ - دە كەكىنى ئېلىپ يۈرگەن پېتى چىقىپ كېتىپتۇ. مايسىخان بۇ ئەھۋالنى بالىسىنىڭ دادىسىغا ئېيتىپ قويۇشىدىن قاتتىق ئەنسىرەپتۇ. ئادىل دادىسىنىڭ ۋە ئانىسىنىڭ ناچار قىلىقلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن بەك ئۇيۇلۇپتۇ. ئەمما ھېچقايسىسىغا بىر - بىرىنىڭ قىلىقلىرىنى ئېيتماپتۇ. يولدا كېتىۋېتىپ:>دادام بىلەن ئانامنى قانداق قىلىپ ياخشى يولغا باشلايمەن؟< دېگەن مەسىلىنى ئويلاپتۇ. ئادىل بۇلارنىڭ بېقىۋالغان بالىسى بولسىمۇ، بۇلارغا بەكلا ئامراق ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىنى خالىمايدىكەن. شۇڭا ئويلا - ئويلا ئاخىرى ئەپلىك ياخشى بىر چارە تېپىپتۇ. بۇ چارىنى قوللانسا خۇددى زەھەر بىلەن زەھەر قايتۇرغاندەك بولۇدىكەن.
ئادىل دادىسى بىلەن ھارۋىنى تۈزەپ، ئۇننى تارتىپ ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ. ئادىل ئانىسى بىلەن رەمەت تازنى كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشكەن ۋاقتىغا توغرىلاپ، ئەتىسى دادىسىنى تۇمشۇق تاغدىكى يەرنى شۈدىگەر قىلىش ئۈچۈن قوش قېتىپ بېرىشقا كۆندۈرۈپتۇ. ئەتىسى ئاتا - بالا ئىككىيلەن ئۆز يېرىنى ئاغدۇرۇشقا باشلاپتۇ. مايسىخان ئۆزىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ بىر لېگەن مانتا ئېلىپ رەمەت تازنى يۇقلاش ئۈچۈن كەپتۇ. بۇ ئىشنى كۆزىتىپ تۇرغان ئەقىللىق ئادىل پۈتۈن كۈچى بىلەن:
- ۋاي ئانا، بىز مەيەردە، ئىتتك كېلىڭ، قورسىقىمىز بەك ئېچىپ كەتتى، - دەپ ۋارقىراپتۇ. مايسىخان بىر لېگەن مانتا ئېلىپ ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىشكە مەجبۇر بوپتۇ. بۇ ئىشلارنى ماھىرلىق بىلەن قاملاشتۇرغان ئادىل ئانىسىنى ماختاپ:
- ئاپام نېمە دېگەن ياخشى! قاراڭ دادا، بىر لېگەن مانتا ئېلىپ كەپتۇ، كېلىڭ دادا، تازا مەززە قىلىپ يەۋېتەيلى، - دەپتۇ. مايسىخان دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ رەمەت تازنى كۆرسىتىپ:
- بالام ئاۋۇ ئاكىڭىزنىمۇ چاقىرىڭ، يەر قوشنىسى بولغاندىن كېيىن ئۇمۇ بىر ئىككىنى يېسىۇن، - دەپتۇ. تۇرسۇن ئاخۇنمۇ:
- تېز چاقىرىپ كەلگىن، تەڭ يەيلى، - دەپتۇ.
ئادىل >مانا ئەمدى پەيتى كەلدى< دەپ ئويلىغان ئەپلىك چارىنى مۇشۇ يەردىن باشلاپتۇ. ئادىل رەمەت تازنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ>مانتا يەڭ< دېگەننىڭ ئورنىغا:
- ھەي ئوغرى، ساڭا جان لازىم ئەمەسمۇ؟ قاچ دەيمەن، قاچ، جېنىڭنى قۇتقۇز! - دەپتۇ. بۇ سۆزدىن ھاڭ - تاڭ قالغان رەمەت تاز ھېچنەرسىنى چۈشەنمەپتۇ. ئادىل:
- ھەي ئوغرى، تۈنۈگۈن ئانام بىلەن نېمىش قىلدىڭ؟ دادام بۇ ئىشنى بېلىپ قاپتۇ. ھازىر سېنى ئۆلتۈرىمەن دەپ كەكىنى بىلەۋاتىدۇ. مېنىڭ ساڭا ئىچىم ئاغرىپ ئېيتىپ قوياي دەپ كەلدىم، - دەپتۇ.
رەمەت تاز دىلغۇلا بولۇپ قاپتۇ. ئادىل قايتىپ بېرىپ دادىسىغا:
- رەمىتكامنىڭ بۇقۇسسىنىڭ كەشكىنى بوشاپ قاپتۇ، >دادىڭىز كەكىنى ئېلىپ ياساپ بەرسۇن، ئاندىن بىللە بارساق< دەپ سىزگە قاراپ قالدى، - دەپتۇ. تۇرسۇن ئاخۇن كەكىنى ئېلىپ مېڭىپتۇ. ئادىل:
- ئۇنداق مېڭىپ قاچان بارىسىز، كەكىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈڭ! - دەپتىكەن، بالىسىنىڭ گېپىنى يىرمايدىغان تۇرسۇن ئاخۇن بولۇشىچە يۈگۈرۈپتۇ. تۇرسۇن ئاخۇننى باياتىن بېرى كۆزىتىپ تۇرغان رەمەت تاز، >مانا ئۇ مېنى چانىۋېتىدىغان بولدى< دەپ قورقۇپ، قوشنى تاشلاپ ئۆلە - تىرىلىشىگە قارىماي قېچىپتۇ. بۇ ئەھۋالدىن ھەيران بولغان تۇرسۇن ئاخۇن:
- نەگە بارىسەن؟ توختا! - دەپ ۋارقىراپتۇ.
رەمەت تاز قېچىۋېرىپتۇ. بۇ ئارىلىقتا سۇغا كەتكەن مايسىخان قايتىپ كەپتۇ. ئادىل ئانىسنى قورقۇتۇپ:
- ئانا، سىزگە جان كېرەك ئەمەسمۇ؟ دادام سىزنىڭ ئەسكى ئىشىڭىزنى بىلىپ قاپتۇ)قۇيۇندەك قېچىپ كېتىۋاتقان رەمەت تازنى كۆرسىتىپ( كۆردىڭىزمۇ؟ دادام رەمەت تازنى قىچقىرىپ كېلىشنىڭ ئورنىغا چانايمەن دەپ كەكىنى كۆتۈرۈپ قوغلاپ ماڭدى. رەمەت تاز قېچىپ قۇتۇلدى. سىز تۇرامسىز؟ .... قېچىڭ، تېز قېچىڭ! جېنىڭىزنى قۇتۇلدۇرۇڭ. بۈگۈن دادامنىڭ پەيلى بەڭ يامان. >بۈگۈن ئاناڭنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن< دەپ چالۋاقاپ كەتتى. دادام بۇ يەرگە كەلگىچە تېزدىن قېچىپ قۇتۇلۇڭ، - دەپتۇ.
بۇ گەپ بىلەن مايسىخان قورقۇپ، يېقىلىپ - قوپۇپ ئۆلە - تىرىلىشىگە قارىماي قېچىپتۇ. تۇرسۇن ئاخۇن ئۆز ئېتىزلىقىغا قايتىپ كەپتۇ. قارىسا خوتۇنى قېچىپ كېتىۋاتقۇدەك ھەيران بولغان تۇرسۇن ئاخۇن بالىسىغا قاراپ:
- بالام، ئاپاڭ نېمە بوپتۇ. يولدا بىرەر نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويۇپتىمۇ - يە؟ نېمە ئانچە يۈگۈرەيدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا ئوتنىڭ تېگىدىن بىر توشقان قېچىپ مايسىخان قېچىۋاتقان تەرەپكە يۈگۈرۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئادىل خۇش بولۇپ:
- دادا، ئاۋۇ توشقاننى تۇتۇپ بېرىڭ! - دەپتىكەن تۇرسۇن ئاخۇن توشقاننى قوغلاپتۇ. بۇنى كۆرگەن مايسىخان >تۇرسۇن مېنى قوغلاپ كىلىۋاتىدۇ< دەپ چۈشىنىپ دادىسىنىڭ ئۆيىگە قېچىپ كېتىپتۇ. توشقان تۇتۇق بەرمىگەندىن كېيىن تۇرسۇن ئاخۇن قايتىپ كېلىپ بالىسىغا<:
- بالام ئاناڭغا نېمە بوپتۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- نېمە بولاتتى، ئاپام سىزنىڭ تۈنۈگۈنكى ئەدەبسىزلىكىڭىزنى بىلىپ قاپتۇ. شۇڭا:>داداڭ ھېلىقى بوستانلىقتىكى خوتۇنى بىلەن ئۆتسۇن، مېنىڭ بۇنداق ئېرىم يوق، نەچچە يىلدىن بېرى ئىشەنگىنىم قېنى؟< دەپ ئۆزىنى - ئۆزى ئۇرۇپ دادىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتتى، - دەپتۇ. تۇرسۇن ئاخۇن بۇ ئىشتىن ناھايىتى پۇشايمان قىپتۇ. ھەم بالىسىدىن خىجىل بوپتۇ. مانتىمۇ گېلىدىن ئۆتمەپتۇ.
ئادىل ئۆزى قوللانغان تەدبىرنىڭ ناھايىتى جايىدا چىققانلىقىغا خۇرسەن بولۇپ مانتىنى راسا يەپتۇ. ئىشىنى تۈگىتىپ ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. شۇندىن باشلاپ، ئانىسىنىڭ ھەم دادىسىنىڭ ئۇنى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. غەم بېسىپتۇ. بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ھەر ئىككىيلىسىنىڭ قىلمىشلىرىدىن پۇشايمان قىلغانلىقمىنى كۆرگەن ئادىل ئانىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ:
- ئانا، دادام سىزنى كەچۈرەي، ئىككىنچى شۇنداق قىلىقنى قىلمىسا، توۋا قىلسا، گۇناھىدىن ئۆتىمەن دەپيدۇ. سىز نېمە دەيسىز؟ - دەپتۇ. مايسىخان ناھايىتى خۇش بولۇپ:
- ئىككىنچى شۇنداق ئەسكىلىكنى قىلمايمەن، توۋا قىلدىم، - دەپ ۋەدە بېرىپتۇ.
- ئەمىسە بۈگۈن بېرپ دادامغا يەنە بىر قېتىم يالۋۇراي، راستىن ماقۇل بولسا ئەتە ھارۋا ئېلىپ كېلىپ ئەكىتەي، بولامدۇ؟ - دەپ يېنىپتۇ. ئانىسى خۇشاللىق بىلەن:
- ماقۇل، - دەپتۇ. ئادىل ئانىسىنىڭ يېنىدىن قايتىپ كېلىپ دادىسىغا:
- ئانام سىزنى ئەپۇ قىلدى، ئىككىنچى شۇنداق سەت قىلىقنى قىلمىسا، قايتىپ بېرىپ ئىشىمنى قىلىمەن، دەيدۇ، نېمە دەيسىز؟ - دەپتۇ. دادىسى ناھايىتى خۇشال بولۇپ:
- بۇندىن كېيىن ھەرگىزمۇ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەيمەن. توۋا قىلدىم، بالام، - دەپتۇ.ئادىل دەرھال ھارۋىنى قېتىپ ئانىسىنى قايتۇرۇپ كەپتۇ. ئەر - خوتۇن ئىككىسى بىر - بىرسىنى كۆرۈپ خۇشال بوپتۇ ھەم خىجىل بوپتۇ. ئادىلنىڭ تەدبىرى بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنى بىر - بىرىنىڭ ئالدىدا ئەيىبلىك دەپ چۈشىنىدىكەن. ئادىل ئاتا - ئانىسىنى جەم قىلغاندىن كېيىن رەمەتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ:
- دادام سېنى ئەپۇ قىلدى. >ئىككىنچى ئەسكىلىك قىلمىسۇن. باشقىلارنىڭ ئائىلىسىنى بۇزمىسۇن. بىز يەنىلا ياخشى يەر قوشنىسى بولىمىز< دەيدۇ، - دەپتۇ.
- توۋا قىلدىم، ئەمدى ئەسكىلىك قىلمايمەن،ياخشى ئادەم بولىمەن، - دەپ ۋەدە بېرپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئادىل ئۆزى تاپقان چارە - تەدبىر ئارقىلىق ئاتا - ئانىسىنىڭ يارىماس قىلىقلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن ئۆزىگە تونۇتۇپتۇ. شۇندىن بۇيان بۇ ئائىلىدىكىلەر ئىناق بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بەختلىك ياشاپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: خوتەن ناھىيە بازار ئىچىدىن ھاشىم نىياز.