UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئەجدىھا يىگىت

ئەجدىھا يىگىت

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا ساماۋى ھاپىز دېگەن بىر ئادەم ئۆتكەن ئىكەن. پەرزەنت ئۈچۈن زار ئىكەن. تەلىۋىگە يارىشا خوتۇنى ھامىلدار بولۇپ، ۋاقتى - سائىتى يېتىپ، تەۋەللوپ قىپتۇ. بىراق تۇغۇلغىنى ئادىمزات بولماستىن، يوغان بىر ئىلان ئىمىش. بۇنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن ساماۋى ھاپىز ھەقەمسايىلىرىنى چاقىرىپ كىرىپتۇ. ھەقەمسايىلىرى كىرىپ قارىسا، چۈشەكتە بىر ساھىبجامال ئوغۇل بالا ياتقۇدەك. بۇنى كۆرۈپ ساماۋى ھاپىز ئىنتايىن خوشال بوپتۇ. ھەقەمسايىلىرى مۇبارەكلەپ، چىقىپ كېتىپتۇ. ساماۋى ھاپىز ھەقەمسايىلىرىنى ئۆيگە قايتىپ كىرسە، يەنە ئىلان ياتقۇدەك. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئاتا - ئانا ھەيران بولۇپ: «خۇدايىم بىزگە پەرزەنىت بەردىم دەپ، بىر ئىلان ئاتا قىپتۇ» دەپ يىغلىشىپتۇ. ئايدىن - ئاي، يىلدىن - يىل ئۆتۈپتۇ. بۇ ئىلان بالا چوڭ بوپتۇ. بىر كۈنى ئۇ دادىسىغا: _ دادا، مەن پادىشاھنىڭ قىزى بىلەن بىر كۈن ئىچىدە تۇغۇلغان. سەب بېرىپ پادىشاھقا دېسەڭ، پادىشاھ مېنى ئۆزىگە كۈيئوغۇل قىلىپ، شۇ قىزنى ماڭا بەرسە، - دەپتۇ. _ بىز ئاددىي پۇقرا تۇرساق، پادىشاھ قىزىغا قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ - دەپتۇ دادىسى. _ دادا،سەن ئاۋۋال بارغىن، ئۇنىڭ چارىسىنى ئۆزەم قىلىمەن، - دەپتۇ بالا. دادىسى ماقۇل بولۇپ ئۆيدىن چىقىپتۇ - دە، لېكىن پادىشاھنىڭ ئۆيىگە «قىزلىرىنى ئوغلۇمغا بەرسىلە» دەپ بېرىشقا جۈرئەت قىلالماي، كۈننى تالادا ئۆتكۈزۈپ كەچ كىرگەندە ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. _ دادا، باردىڭىزمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ ئىلان بالا. _ باردىم بالام. پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولۇپ مېنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغىلى تاس قالدى. ئاران تەسلىكتە جاننى ياقىغا ئېلىپ قېچىپ كەلدىم،- دەپتۇ دادىسى. _ دادا، يالغان سۆزلىدىڭىز، پادىشاھنىڭكىگە بارماي ئۆستەڭ بويىدا دەرەخ سايىسىدا يېتىپ كەچ بولغاندا قايتىپ كەلدىڭىز، - دەپتۇ ئىلان بالا. بۇ گەپنى ئاڭلاپ دادا ھەيران قاپتۇ. «بۇنىڭدا بىر سىر ھېكمەت بار ئوخشايدۇ» دەپ جەزىم قىپتۇ. ئەتىسى بالا دادىسىنى يەنە پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىشقا دەۋەت قىپتۇ. دادا غەمگە چۈشۈپ «خۇدايىم بىزگە بالا ئەمەس، ئالامەت بىر بالا بېرىپتۇ» دەپ ئويلاپ، نائىلاجلىقتا، پادىشاھ ئوردىسىغا بېرىپتۇ. دەرۋازىۋەنلەر ساماۋى ھاپىزنى ئوردىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلماپتۇ. «پادىشاھقا خەۋەر قىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش بار ئىدى» دەپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، پاسىبانلار پادىشاھقا خەۋەر قىپتۇ. پادىشاھ «كىرسۇن» دەپ ئىجازەت بېرىپتۇ. ساماۋى ھاپىز پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېرىپ، سالام بېرىپ، يەرگە باش قويۇپ: _ ئەي ئەدەپسىز، سەن قايسى يۈزۈڭ بىلەن مېنىڭ دەرگاھىمغا مۇشۇنداق بىمەنە تەلەپنى كۆتۈرۈپ كەلدىڭ؟! جاللات! - دەپ چاقىرىپتۇ ۋە ساماۋى ھاپىزنىڭ كاللىسىنى ئېلىشنى بۇيرۇپتۇ. جاللاتلار دەرھال ھازىر بولۇپ، ساماۋى ھاپىزنى ئارىغا ئېلىپ تۇرىشىغا ، يىلان بالا پەيدا بوپتۇ ۋە : _ ساماۋى ھاپىزنىڭ ئوغلى ساماۋى ئەجدىھا دېگەن مانا مەن بولىمەن. ئەگەر پەيلىڭدىن يېنىپ قىزىڭنى بەرمەيدىغان بولساڭ، تەختى - بەختىڭنى ۋەيران، شەھرىڭنى خاراب قىلىۋېتىمەن، - دەپتۇ پادىشاھقا. پادىشاھ جاللاتلارغا ساماۋى ھاپىز بىلەن ئىلاننى قەتلى قىلىشنى بۇيرۇپتۇ. شۇ ئاندا ئىلان ئۆزىنى جاللاتلارغا ئۇرۇپتۇ. جاللاتلار ۋاي - داد سېلىپ جېنىنى ياقىغا ئاپتۇ. پادىشاھ بىلەن ۋەزىر - ئەمرالارمۇ قورققىنىدىن جان - ئىمانى چىقىپ، جېنىنى ياقىغا ئاپتۇ. ئىلان پادىشاھنىڭ تەختى - بەختىنى ۋەيران قىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ كارامەتنى كۆرگەن ۋەزىر - ئەمرالار: «ئەگەر بۇنىڭ تەلىۋىنى قۇبۇل قىلمىساق، پۈتۈن تەختى - بەختىمىز ۋەيران، ئۆزىمىز سەرسان بولۇپ كېتىدىكەنمىز. ئۇنىڭىدىن كۆرە، مەلىكەمنى ئىلانغا بەرسەك» دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. پادىشاھ نائىلاج ماقۇل بولۇپ، قىزىنى ساماۋى ئەجدىھاغا بېرىپتۇ. توي بولغان كۈنى بىر ساھىپجامال يىگىت پەيدا بولۇپ ئۇسسۇل ئويناپتۇ. قىز بۇ ساھىپجامال يىگىتنى كۆرۈپ، كۆزلىرىدىن ياش تۈكۈپ: « مەن ئاشۇنداق بىر يىگىت بىلەن توي قىلسام، نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى» دەپ ھەسرەت چېكىپتۇ. تويدىن كېيىن قىزنى يىلاننىڭ ئۆيىگە يۆتكەپتۇ. قىز يىغلىغان، پەرىشان ھالدا، ئىلاننىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. ئۆيگە كىرسە ناھايىتى ساھىبجامال يىگىت ئولتۇرغانمىش. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ قىزى ناھايىتى خوشال بولۇپ: _ سىز كىم بولىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ. _ مەن سىزنىڭ يېڭى توي قىلغان ئېرىڭىز ساماۋى ئەجدىھا دېگەن بولىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ يىگىت. قىز خۇشال بوپتۇ. ئۇ ئەتىسى ئورنىدىن تۇرۇپ قارىسا، ئۆيدە بىر ئىلان تۇرغۇدەك. قىز بۇنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپتۇ. _ قورقماڭ. مەن مۇشۇنداق ئىلان قىياپىتىدە تۇرمىسام بولمايدۇ، - دەپتۇ يىگىت. قىز بۇنىڭ سەۋەبىنى قايتا - قايتا سورىسىمۇ، بۇنىڭدىكى سىر - ئەسنانى ئېيتىپ بەرگىلى ئۇنىماپتۇ. گاھى ئىلان، گاھى ئادەم بولۇپ بىرقانچە زامان ئۆتۈپتۇ. پادىشاھنىڭ قىزى ئېرىنىڭ ئىلان پوسىتنى كۆيدۈرۈۋېتىشنىڭ كويىدا يۈرۈپتۇ. ئەمما ئىلان پوسىتنى ئېلىۋېتىپ، ئادەم قىياپىتىگە كەلگەندە، ئىلان پوستىنى قانداق جايغا يۇشۇرۇپ قويغانلىقىنى خوتۇنىغا كۆرسەتمەيدىكەن. بىر كۈنى ئىلان پوستىنى سېلىپ يۇشۇرۇپ قويغان جاينى ئۇنىڭ خوتۇنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئېرىنىڭ بىخەستە بولغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، تۇيدۇرمايلا، ئىلان پوستىنى كۆيدۈرۈۋېتىپتۇ. يىگىت دەرھاللا ھازىر بوپتۇ. ئەمما ئۈلگۈرەلمەپتۇ. ئۇ : _ ئەي بىئەقىل! خەير، ئۆزۈڭگىمۇ قىلىدىڭ، ماڭىمۇ قىلدىڭ. ئەمدى مەڭگۈلۈك ئايرىلدۇق. مېنى مۇندىن كېيىن ھەرگىزمۇ كۆرەلمەيسەن، - دەپلا بىر ئاق كەپتەرگە ئايلىنىپتۇ - دە، غايىپ بوپتۇ، قىز يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ. پۇشايمان قىپتۇ. بىراق ئورنىغا كەلمەپتۇ. ئەمدى گەپنى ساماۋى ئەجدىھادىن ئاڭلايلى. ساماۋى ئەجدىھا ناھايىتى ساھىبجامال بولغانتلىقتىن كوھىقاپنىڭ پىرى شاھنىڭ قىزلىرى ئۇنىڭغا ئاشىق ئىكەن. ئەمما ئۇلار ئىلان پوستىنىڭ خاسىيىتى بىلەن، ساماۋى ئەجدىھانى ئېلىپ قاچالماي، قەست قىلىپ يۈرگەن ئىكە. يىگىت ئىلان پوستىنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ، ئاق كەپتەرگە ئايلىنىپ يۇشۇرۇناي دېگۈچە ئۇلار دەرھال كېلىپ ساماۋى ئەجدىھانى ئالتۇن قەپەزگە سېلىپ كوھىقاپقا ئېلىپ قېچىپتۇ. مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ساماۋى ئەجدىھا ئەسلىگە قايتىشنى رەت قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرىزاتلار قەيەرگە بارسا ساماۋى ئەجدىھانى بىرگە ئېلىپ بېرىپ يېنىدىن ئاجراتمايدىكەن. بىر كۈنى پەرىزاتلار شۇغا چۈشۈش ئۈچۈن، ئورمانزارلىقتىكى بى بۇلاق يېنىغا كەپتۇ. ساماۋى ئەجدىھانى قەپەز بىلەن بىر دەرەخكە ئېسىپ قويۇپ، ئۆزلىرى بۇلاققا سۇغا چۈشۈپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئورمانزارلىقتىن يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كارۋانلارنىڭ كۆزى دەرەخ ئۈستىدىكى ئالتۇن قەپەزگە چۈشۈپ قاپتۇ. كارۋانلار قەپەزنىڭ قېشىغا كېلىپ قەپەزدىكى ئاق كەپتەرنى كۆرۈپتۇ. كەپتەر زۇۋانغا كېلىپ كارۋانلارغا قاراپ: _ ئەي كارۋانلار! مېنىڭ سىلەرگە بىر ئامانەت سۆزۈم بار. سىلەر مېنىڭ مەھبۇبەم تۇرۇشلۇق شەھەرگە كېتىپ بارىسىلەر. ئۇ شۇ شەھەرنىڭ پادىشاھنىڭ قىزى. سىلەر شۇنىڭغا ئېيتىپ قويساڭلار. ئۇ مېنى ئىزلىمەكچى بولسا، پۇتىنىڭ تۆمۇرىدىن كەشە كىيىپ ئىزلەپ ماڭسۇن. تۆمۇر كەشنىڭ تېگى ئۇپراپ تېشىلىپ پۇتى كۆرۈنگەندە، ئاندىن مېنى تاپىدۇ، - دەپتۇ. كارۋانلار بۇ ئىشقا ھەيران بولۇشۇپ تۇرغاندا، قەپەز بىردىنلا ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ غايىپ بوپتۇ. بۇلار تېخىمۇ ھەيران بولۇشۇپ ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ. ئۇزۇن كۈنلەر ئۆتۈپ، ئەجدىھا يىگىتنىڭ يۇرتىغا كەپتۇ. ئوردىغا كىرىپ، پادىشاھنىڭ قىزىغا، قەپەزدىكى كەپتەرنىڭ سۆزىنى بايان قىپتۇ. مەلىكە كارۋانلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ زار - زار يىغلاپتۇ. قىز دادىسىدىن تۆمۈر كەش قىلدۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. پادىشاھ قىزنىڭ ساماۋى ئەجدىھا ئىزلەپ بېرىشقا رۇخسەت قىلماپتۇ. قىز يىغلاپ چېچىنى چۇۋۇپ، ئۆزىنى يەرگە ئۇرۇپ يالۋۇرۇپتۇ. دادىسى نائىلاجلىقتىن ئاخىر ماقۇل بوپتۇ. مەلىكە ئاتا - ئانىسى بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىقىپتۇ. مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ. كۈن ئۆتۈپتۇ، ئاي ئۆتۈپتۇ، يىل ئۆتۈپتۇ، مەلىكە تاغ داۋانلاردىن ئېشىپتۇ. چۆل - جەزىرلەرنى كېزىپتۇ. ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز جەۋرى - جاپالارنى تارتىپتۇ. قاتمۇ - قات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپتۇ. ئاخىر تۆمۈر كەشنىڭ تىگى ئۇپراپ تېشىلىپتۇ، مەلىكە«ئەمدى ساماۋى ئەجدىھا باي يەرگە يېقىنلىشىپتىمەن» دەپ تېخىمۇ قاتتىق ئىرادىگە كېلىپ، ئالغا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئالدىدا بىر ئىمارەت كۆرۈنۈپتۇ. ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ قارىسا، بىر ئۆستەڭدە سۇ ئېقىپ تۇرغۇدەك. مەلىكە ئەمدى ئولتۇرۇپ ھاردۇق ئېلىپ ئۆستەڭدىن سۇ ئىچىپ تۇرۇشىغا ئىمارەت ئىچىدىن سۈرەتتەك بىر پەرىزات چىقىپ، ئۆستەڭدىن سۇ ئاپتۇ ۋە مەلىكىدىن: _ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسەن؟ قەيەردىن كەلدىڭ؟ بۇ يەرگە ئادىمزاتنىڭ قەدىمى يەتمەيتتى، سەن قانداق بولۇپ كېلىپ قالدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. _ مەن بۇ يەرگە يول ئېزىقىپ كېلىپ قالدىم. ھېرىپ - چارچاپ، مادارىم قالمىدى، مۇمكىن بولسا ئۆيلىرىدە بىرەر - يېرىم كۈن تۇرۇپ ئاندىن ماڭسام. خىزمەتلىرى بولسا خىزمەتلىرىنى قىلىشىپ بەرسەم، - دەپتۇ. مەلىكىگە پەرىزاتنىڭ ئىچى ئاغرىپ، رەھىمى كېلىپ مەلىكىنى ئىچىكىرىگە باشلاپ كىرىپتۇ. پەرىزاتنىڭ ئىككى ئاچىسى بار ئىكەن. چوڭ ئاچىسى مەلكىنىڭ باشتىن - ئايىغىغا قاراپ: _ بۇ ئادىمزاتنىڭ قەدىمى يەتمەيدىغان جاي، بۇ، ساماۋى ئەجدىھانى ئىزلەپ كەلگەن بولمىسۇن يەنە، - دەپتۇ. ئىككىنچى ئاچىسى: _ بۇ موماي قانداقمۇ ساماۋى ئەجدىھانى ئىزلىيەلىسۇن، - دەپتۇ. پەرىزات ئىككى ئاچىسىنىڭ سۆزىنى قۇۋەتلەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەلىكىنى بۇيەردە ئېلىپ قېلىشقا ماقۇل بوپتۇ. قەپەز پەرىزاتلارنىڭ ئالدىدا قويۇقلۇق ئىكەن. ساماۋى ئەجدىھا خوتۇنىنى كۆرۈپلا تۇنۇپتۇ. ئىچى ئاغرىپتۇ. ئەمما پەرىزاتلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، خوتۇنىغا ئۆزىنى بىلدۈرمەپتۇ. مەلىكە بۇ يەردە بىر قانچە ۋاقىتقىچە ئۇلارنىڭ ئاش - تامىقىنى ئىتىپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇماپتۇ. كەنجى پەرىزات مەلىكىنىڭ ساماۋى ئەجدىھانىڭ خوتۇنى ئىكەنلىكىنى سېزىپ قاپتۇ. مەلىكىنىڭ ئاشۇنداق كۈرمىڭلىغان جەۋرى - جاپا تارتىپ، يىراق يولدىن ساماۋى ئەجدىھانى دەپ، بۇ يەرگە كەلگەنلىكىگە كەنجى پەرىزاتنىڭ رەھىمى كېلىپ، ئىچى ئاغرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇ يەردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتىشىگە شەرت ھازىرلاش ئۈچۈن، مەلىكىگە سېھىر - ئەپسۇندىن تەلىم بېرىپتۇ. بىر كۈنى چوڭ پەرىزات: _ بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى بۇنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇمايۋاتىدۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇ ساماۋى ئەجىدىھانىڭ خوتۇنى ئوخشىمامدۇ؟ بۇنى سىناپ بېقىش كېرەك، - دەپ ھەمدە بىر يەلقازانغا سۈت تۇشقۇزۇپ مەلىكىگە: _ بىز ھازىر بىر يەرگە بارىمىز. بىز كەلگۈچە مۇشۇ قازاندىكى سۈتنى قاينىتىپ تۇرىسەن،- دەپ تاپىلاپ كەنجى پەرىزاتنىمۇ بىرگە ئېلىپ، سۇغا چۈشۈپ كېلىشكە مېڭىپتۇ. ئالتۇن قەپەزنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېتىپتۇ. مەلىكە يەل قازاننى ئۇچاققا ئېسىپ، ئوت يېقىشىغىلا، قازاندىكى سۈتنىڭ ھەممىسى تېشىپ كېتىپ، قازاندا ھېچ نەرسە قالماپتۇ. مەلىكە قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي: «ئەمدى بالاغا قالىدىغان بولدۇم» دەپ قورقۇپ، غەم - ئەندىشىدە ئولتۇرۇشىغا، كەنجى پەرىزات يېتىپ كەپتۇ، مەلىكىنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىچى ئاغرىپ، رەھىمى كەپتۇ: _ يىغلىما، بۇنىڭ ئىلاجىسىنى مەن قىلىپ بېرەي، - دەپتۇ ۋە دەرھال يەنە بىر يەل قازان تېپىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سۈت تولدۇرۇپتۇ، - سەن باشقا جايغا ئوت قالاپ چوغ چۈشۈرگىن. ئۇلار ئىشكىتىن كىرىشىگىلا چوغنى تېزلا ئوچاققا ئېلىپ كېلىپ، ئوت قالاۋاتقان بولۇپ تۇرغىن. پەرىزاتلار قايتىپ كەپتۇ. تۇنجى پەرىزات ئاشخانىغا كىرىپ: _ نېمىشقا ئوتنى ياخشى قالىماي ئولتۇرىسەن؟ - دەپتۇ. _ ئوتنى كۆپ قالىدىم، شۇنچىۋالا چوغ چۈشۈپ كەتتى ، كۆرمىدىڭىزمۇ، مانا، - دەپتۇ مەلىكە. چوڭ پەرىزات گەپ - سۆز قىلماي چىقىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى مەلىكىگە تاپشۇرۇپتۇ. ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىتى ئۆتۈپتۇ. شۇ جەرياندا كەنجى پەرىزات ئۇنىڭغا ھەرخىل سېھىر - ئەپسۇنلاردىن تەلىم بېرىپتۇ. مەلىكە ئەپسۇن ئوقۇپ بىر يۇمىلاپلا كەپتەرگە، سۇغا، ئوت - چۆپكە، دەل - دەرەككە ئۆزگىرىشنى، ھەتتا سېھىرنىڭ باشقا تۈرلىرىنىمۇ ئۆگىنىپ بوپتۇ. بىر كۈنى كەنجى پەرىزات مەلىكىگە: _ سىلەرگە ئىچىم ئاغرىپ رەھىمىم كېلىپ، بۇ يەردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ مۇرادىڭلارغا يېتىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن سېھىر - ئەپسۇنلارنى ئۆگىنىپ، تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرنىڭ شەكلىنى كۆرسىتىپ بەردىم. ئۆگىنىپ ھەممىگە كامىل بولدۇڭ. ئەمدى يۇرتۇڭلارغا قايتىپ كېتىشنىڭ ئىلاجىسىنى قىلىپ بېرىمەن، - دەپتۇ. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، پەرىزاتلارنىڭ ئۇخلايدىغان قارارى بوپتۇ. بۇلار ھەر قېتىم ئوخلىغاندا ئۈچ كېچە - كۈندۈز ئۇخلايدىكەن. پەرىزاتلار ئۇخلاشقا چۈشۈپتۇ. بۇلار قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەندە كىچىك پەرىزات ئاستاغىنە قەپەزنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كەپتەرنى چىقىرىپ، «تىزدىن كېتىۋېلىڭلار» دەپ، ئەر - خوتۇن ئىككىسىنى يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. بۇلار پەرىزاتتىن ئىنتايىن خوش بولۇپ، پەرىزاتنىڭ قىلغان ياخشىلىقنى ئۇدۇنيا - بۇ دۇنيا مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم ئىچىپتۇ ۋە پەرىزاتقا باش قويۇپ يىغلىشىپ خوشلىشىپتۇ. بۇلار ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ. كەنجى پەرىزاتمۇ ئۆز ئورنىغا بېرىپ يېتىپتۇ. پەرىزاتلار ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ قارىسا، قەپەزدە كەپتەرمۇ، ئاشخانىدا خىزمەتكارمۇ يوق تۇرغۇدەك. ئۇلار «كىچىك سىڭلىمىز قاچۇرۋەتكەن ئوخشايدۇ» دەپ گۇمان قىلىپ كەنجى پەرىزاتنى سوراققا تارتىپ، تىللاپتۇ، ئۇرۇپتۇ، ئەمما كىچىك پەرىزات راستىغا كەلمەپتۇ. ئۇلار مەلىكە بىلەن ئەجدىھا يىگىتنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. بۇلار ناھايىتى تىز ئۇچقانلىقتىن، ئۇلارغا يېتىشىۋاپتۇ. ئۇلار پەرىزاتلارنىڭ يېقىنلىشىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپلا «ئەمدى بۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدىغانلا بولساق، بىزنى ھەرگىزمۇ تىرىك قويمايدۇ» دەپ، دەرھال ئېتىزلىققا كىرىپ ئوت - چۆپكە ئايلىنىۋاپتۇ. پەرىزاتلار كالا سۈرىتىگە كىرىپ ئوت - چۆپلەرنى چالا قويماي يىگىلى تۇرۇپتۇ. ئۇلار قېچىپتۇ، پەرىزاتلار يەنە قوغلاپتۇ. ئۇلار باغنىڭ ئىچىگە كىرىپ گۈللۈكلەر ئارىسىدا گۈلگە ئايلىنىۋاپتۇ. پەرىزاتلار گۈللۈككە چۈشۈپ، گۈللەرنى ئۈزۈپ تاشلاشقا باشلاپتۇ. ئۇلار بۇ يەردىنمۇ قېچىپتۇ. ئالدىغا ئۆستەڭ ئۇچراپتۇ. ئۆستەڭگە ئۆزىنى تاشلاپ سۇ بولۇۋاپتۇ. پەرىزاتلار ئۆستەڭ بويىغا چۈشۈپ، سۇنى سۈمۈرۈشكە باشلاپتۇ. ئۇلار يەنە قېچىپتۇ. پەرىزاتلار ئارقىدىن دەممۇ - دەم قوغلاپتۇ. بۇلار قېچىپ ئورمانلىققا بېرىپ، دەرھال دەرەخ بولىۋاپتۇ. پەرىزاتلار دەرەخنى بىر - بىرلەپ كەسكىلى تۇرۇپتۇ. بۇلار دەرەخنىڭ ئەڭ تۈۋىدىن كۆكلەپ چىققان ئەڭ كىچىك نوتا بولۇۋاپتۇ. ھەممە دەرەخلەرنى كېسىپ بولۇپ قارىسا بۇلار يوق، دەرھال ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ ھەممە ياقنى ئىزلەپتۇ. ھېچ يەردىن تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرىزاتلار بۇلارنى «ئۆلگەن ئوخشايدۇ» دەپ ئارقىغا قايتىشىپتۇ. پەرىزاتلار قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، بۇلار بىر جۈپ كەپتەرگە ئۆزگىرىپ ئۇچۇپتۇ. ئۇچۇپتۇ - ئۇچۇپتۇ، نۇرغۇن، تاغ - داۋان، دېڭىز - دەريالاردىن ئۆتۈپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ. ئاتا - ئانىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. ئاتا - بالا، ئەر - خوتۇن قايتىدىن جەم بولۇشۇپ خوشال - خۇرام، خاتىرجەم، راھەت - پاراغەتتە ئۆتۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق