ھۇرۇن
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا شەدۇللا ئىسىملىك بىر ھۇرۇن ئۆتكەنىكەن. ئۇ ئەتىگەندىن كەچكىچە ئاچ يۈرۈيدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ خۇدادىن يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىلەپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ. بىر شورلۇققا كەلگەندە ئالدىغا بىر بۆرە ئۇچراپتۇ.
- ھەي شەيدۇللا، - دپتۇ بۆرە ئۇنىڭغا، - نەگە ماڭدىڭ؟
- خۇدادىن يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك تىلىگىلى ماڭدىم، - دەپتۇ شەدۇللا.
- ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ بۆرە، - يەتتە يىلدىن بۇيان قورسىقىم ئاغرىپ زادىلا ئارام بەرمەيۋاتىدۇ. شۇنىڭ داۋاسىنى سورىغاچ كەلسەڭ!
شەدۇللا بۆرىگە ۋەدە بېرىپ، يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. بىر يەرگە بارغاندا، بىر تۈپ ئالمىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ بىر ئاز دەم ئالماقچى بولۇپتۇ.
- شەدۇللا نەگە ماڭدىڭ؟ - دەپتۇ ئالما زۇۋانغا كېلىپ، شەدۇللا ئۇنىڭغا ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ.
- ھەر يىلى ئەتىيازدا چېچەكلەيمەنۇ، مېۋە بېرەلمەيۋاتىمەن، شۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاچ كېلىڭ.
شەدۇللا ئۇنىڭغىمۇ ۋەدە بېرىپ يولىنى داۋام قىلىپتۇ. ئۇ بىر كۆل بويىغا كەپتۇ.
- ھەي شەدۇللا، نەگە ماڭدىڭ؟ - دەپتۇ بىر بېلىق سۇدىن بېشىنى چىقىرىپ.
شەدۇللا ئۇنىڭغىمۇ ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ.
ئۇنداق بولسا ياخشى گەپكەن، - دەپتۇ بېلىق، - يەتتە يىلدىن بۇيان گېلىم ئاغرىۋاتىدۇ، داۋاسىنى سورىغاچ كەلسەڭ.
شەدۇللا ئۇنىڭغىمۇ ۋەدە بېرىپ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، بىر چاغدا ئالدىدا بىر تاغ كۆرۈنۈپتۇ، يېقىن بارسا، تاغ باغرىدىكى بىر غاردىن:
- توختا! نەگە بارىسەن؟ - دېگەن ئاۋاز كەپتۇ.
- خۇدادىن يېمەك - ئىچكەك، كىيىم - كېچەك تىلىگىلى.
- تىلىگىنىڭنى بەردىم، - دېگەن سادا كەپتۇ يەنە بىر غاردىن.
شەدۇللا >تىلىكىم ھەل بولدى< دەپ خۇشال بولۇپ، شۇ ھامان كەينىگە يېنىپتۇ.
- ھەي شەدۇللا، - دېگەن ئاۋاز كەپتۇ يەنە غاردىن، - سەن ۋەدەڭدە تۇرمىدىڭغۇ؟
- مەن، مەن... راستىنلا ئېسىمدىن چىقىرىپ قويۇپتىمەن! - دەپتۇ شەدۇللا دۇدۇقلاپ ۋە بۆرە، ئالما، بېلىقنىڭ تەلىپىنى ئېيتىپتۇ.
غاردىن بۇنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب كەپتۇ.
شەدۇللا يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكلەرنى ئالغىلى ئالدىراپ كېتىۋاتسا، بېلىق ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
- مېنىڭ كېسىلىمگە داۋا بارمىكىن؟
- باركەن، - دەپتۇ شەدۇللا خوشياقماسلىق بىلەن، - گېلىڭغا بىر گۆھەر تۇرۇپ قالغانىكەن، شۇنى ئېلىۋەتسەڭ دەرھال ساقىيىدىكەنسەن.
- شۇ گۆھەرنى سەن ئېلىپ، مېنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ قويساڭ.
- خۇدايىم مېنىڭ تىلىكىمنى بەردى، - دەپتۇ شەدۇللا، - سەن ئۇنىڭ چارىسىنى ئۆزۈڭ قىل، مەن ئالدىرايمەن.
ئالدىراش كېتىپ بارغان شەدۇللادىن ئالما سوراپتۇ:
- مېنىڭ ئىشىمنى سورىغاچ كەلگەنسەن؟
- تۈۋىڭگە كۆمۈلگەن بىر كوزا تىللانى ئېلىۋەتسەڭ چېچىكىڭ تۆكۈلۈپ كەتمەيدىكەن.
شەدۇللا ئالىمنىڭ >تىللانى سەن ئېلىۋال، مەنمۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئاز - تولا تۆھپە قوشاي< دەپ يالۋۇرۇشلىرىغا پىسەنتمۇ قىلماي كېتىۋېرىپتۇ. بىر يەردە ئۇنىڭغا بۆرە ئۇچرىشىپ سوراپتۇ:
- مېنىڭ كېسىلىمنىڭ داۋاسىنى سورىغاچ كەلدىڭمۇ؟
- سەن ھۇرۇن ئادەمنىڭ گۆشىنى يېسەڭ ساقىيىدىكەنسەن.
شەدۇللا بۆرىگە بېلىق، ئالىملار توغرىسىدىكى گەپنىمۇ ئەزمىلىك بىلەن دەپ بېرىپتۇ. بۆرە غەزەپلىنىپ:
- دۇنيادا سەندىنمۇ ھۇرۇن ئادەم بولمىسا كېرەك، - دەپتۇ ۋە بىر ئېتىلىپلا كېلىپ شەدۇللانى يېۋىتىپتۇ.