UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقكەنجى ئوغۇل

كەنجى ئوغۇل

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا، ئاتا - بوۋاي تۇغۇلمىغان، ئىشەككە قۇلاق، قوشقارغا مۈڭگۈز چىقمىغان زامانلاردا بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ مال - مۈلكى ھەددى - ھېسابسىز ئىكەن. ئۇنىڭ خاس ئالتۇن - كۈمۈشلىرىلا بىر نەچچە ئېغىز ئۆينى ئىگىلىگەچكە ھېچنىمىدىن غېمى يوق ئىكەن. پادىشاھنىڭ چوڭ - كىچىك ئالتە خوتۇنى بولۇپ، خۇدايىم ئۇنىڭغا بىرمۇ قىز ئارىلاشتۇرماي يەتمىش ئوغۇل بېرىپتۇ. بۇ يەتمىش ئوغۇلنى ئىسمىدىنلا پەرق پەرق ئەتمىسە، قەددى - قامىتى، چىرايىدىن پەقەت ئايرىۋالغىلى بولمايدىكەن. بۇ پادىشاھ شەھەرنى ئادىللىق بىلەن باشقۇرىدىكەن، شەھەر خەلقىمۇ غەم - غۇسسىدىن خالى خۇشال - خۇرام ياشايدىكەن. ھەرقانداق پۇقرا بىرەر ئىش توغرىسىدا پادىشاھ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولسا، پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا ئەركىن كىرىپ - چىقىپ، پادىشاھ بىلەن بەھۇزۇر سۆزلىشىپ، ئۇنىڭ ئىلتىپاتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالايدىكەن. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پادىشاھنىڭ يەتمىش ئوغلى بىر - بىرىدىن قېلىشماي چوڭ بولۇشقا باشلاپتۇ ۋە ئۇلارنى ئۆيلۈك - ئوچاقلىق قىلىشنىڭ ۋاقتىمۇ يېقىنلاپ قاپتۇ. پادىشاھ ئوغۇللىرىنى ئۆيلەشنىڭ غېمىدە قاپتۇ. پادىشاھ تېخى بۇ غەمدىن خالاس بولۇشنىڭ چارىسىنى تاپالماي تۇرغاندا، پۈتۈن شەھەرگە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى تەھدىت سېلىشقا باشلاپتۇ، پادىشاھ بۇ ئىككى غەمدىن قانداق قۇتۇلۇشنى بىلمەي قايغۇغا چۆمۈپ، خىيال دېڭىزىغا غەرق بوپتۇ. پادىشاھ ئۆزىنىڭ يەتمىش ئوغلىنى ئۆيلەش ئۈچۈن يەتمىش ئائىلە بىلەن قۇدا بولۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئىش شۇنداق بولسا 70 ئائىلىلىك قۇدىسى بىلەن باردى - كەلدى كۆپىيىپ كېتىپ، دۆلەتنى باشقۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش يەتمىش قىزى بار بىرلا ئائىلە بىلەن قۇدا بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. شەھەردە يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنى تۈگىتەي دېسە، شەھەردىكى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى سۇ مەنبەلىرىنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ كەتكەن ئىكەن. يىراقتىن سۇ باشلاپ كېلەي دېسە ئەڭ يېقىن دېگەندىمۇ، بۇ شەھەردىن تۆت ئايلىق يىراقتىكى دەريالاردىن، دېڭىزلاردىن ئۆستەڭ چېپىپ، سۇ ئەكىلىشكە توغرا كېلىدىكەن. پادىشاھ ھەر تۈرلۈك چارىلەرنى ئويلاپ كۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئەپلەشمەپتۇ. شۇڭا، غەمگە پېتىپ كۈندىن - كۈنگە غىزادىن، ئۇيقۇدىن قېلىپ، بارا - بارا ئورۇقلاشقا، چىرايى ساماندەك سارغىيىشقا باشلاپتۇ. پادىشاھنىڭ يەتمىش ئوغلىنىڭ ئىچىدە كەنجى ئوغلى ناھايىتى زېرەك، چېچەن، ئەقىل - پاراسەتلىك ئىكەن. پادىشاھنىڭ يېقىندىن بۇيانقى روھىي ھالىتى، چىرايىدىكى غەمكىنلىك كەنجى ئوغۇلنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ. بىر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن كەنجى ئوغۇل دادىسىدىن زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان كېسەل كىشىدەك بولۇپ قالغانلىقىنى سوراپتۇ. پادىشاھ بۇ ئوغلىنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن، شۇڭا ئۆزىنىڭ بېشىغا چۈشكەن غەم - غۇسسىلىرىنى يوشۇرماي سۆزلەپ بېرىپتۇ. كەنجى ئوغۇل دادىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ سەپەرگە ئاتلىنىپ، بۇ ئىككى غەمدىن خالاس بولۇشنىڭ چارىسىنى تاپىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، دادىسىدىن ئىجازەت سوراپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭ پىكرىنى ئويلىنىپ كۆرۈپ، بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن پەقەت مۇشۇ ئوغلىنىڭلا چىقالايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپتۇ ۋە ئوغلىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا رۇخسەت قىپتۇ. كەنجى ئوغۇل ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن خوشلىشىپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ھېچبىر مەنزىلگە يېتەلمەي كېتىۋاتقان كۈنلەردە ئۇزۇق - تۈلۈكى ئاخىرلىشىپ، قورسىقى ناغرا چېلىشقا باشلاپتۇ. ئۇ ئىلاجىنىڭ يوقلۇقىدىن ئۆزى مىنىپ يۈرگەن ئېتىنىمۇ سويۇپ يەپتۇ. گۆش تۈگەپتۇ، يول تېخى تۈگۈمەپتۇ. كەنجى ئوغۇل بىر چۆل - باياۋاندا كېتىۋاتقاندا پۇت - قولىدا ماغدۇرى قالماي، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ھۇشسىزلىنىپ يىقىلىپتۇ ۋە بىر ئازدىن كېيىن ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ئۇ، ئۇخلاۋاتقاندا تۇيۇقسىزلا بىرسى ئۇنى چاقىرىپ: - ئادەم بالىسى بولساڭ تۇر ئورنۇڭدىن! بۇ يەردە ئۇخلاش خەتەرلىك! - دەپتۇ. كەنجى ئوغۇل كۆزىنى ئېچىپ قارىغۇدەك بولسا، ئالدىدا بويى تۆت گەز، ساقىلى بىر يېرىم گەز كەلگىدەك ئاق ساقاللىق بىر بوۋاي تۇرغىدەك. كەنجى ئوغۇل كۆزلىرىنى جامدەك ئېچىپ ھەيرانلىقتا بوۋايغا قاراپتۇ، چۈنكى ئۇ مۇشۇ سايغا قەدەم باسقان يەتمىش بەش كۈن ئىچىدە ئادەم سايىسىنىمۇ كۆرمەپتىكەن. - ئەي ئوغلۇم، سەن نېمە ۋەجىدىن بۇ يەرگە كېلىپ قالدىڭ. بۇ يەردە نېمىشقا ئۇخلاپ ياتتىڭ؟ - دەپتۇ. كەنجى ئوغۇل ئۆزىنىڭ سەپەرگە ئاتلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى ۋە ئۆيدىن ئايرىلغان يەتمىش بەش كۈن ئىچىدە بېشىدىن ئۆتكەن - كەچكەنلەرنى بوۋايغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. بوۋاي كەنجى ئوغۇلنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىپتۇ ۋە كەنجى ئوغۇلغا بىر دانە ئاق ناننى تەڭلەپ تۇرۇپ: - ئوغلۇم، سەن ئاتاڭنى رازى قىلىش يولىدا كۆپ جاپا چېكىپسەن، سېنىڭ يولۇڭ ئوچۇقتۇر، سەن ماۋۇ ناننى ئال، قورسىقىڭ ئاچقاندا پەقەت يېرىمىنى يەپ، يېرىمىنى ساقلاپ قوي، شۇنداق قىلساڭ ئاچ قالمايسەن، خۇدايىم سېنى مەقسىدىڭگە يەتكۈزەر. ئوغلۇم، بۇ يەر دىۋىلەر ماكانى، ھازىر دىۋە ئۇخلىغىلى ئوتتۇز سەككىز كۈن بولدى. يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن ئويغىنىدۇ. شۇڭا سەن بۇ يەردىن تېز مېڭىپ كەت، سەن كۈن پاتاغا قاراپ يەنە ئۈچ ئاي يول يۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن مەقسىدىڭگە يېتىسەن. خەير، ساڭا ئاق يول بولسۇن! - دەپ دۇئا قىپتۇ - دە، شۇ زامان كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. كەنجى ئوغۇلنىڭ ئالقىنىدا پەقەت بوۋاي قالدۇرۇپ كەتكەن تۈگىمەس نانلا قاپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ خېزىرغا يولۇققانلىقىنى ئويلاپ خۇش بوپتۇ ۋە يولنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. قورسىقى ئاچسا بوۋاي دېگەندەك ناننىڭ يېرىمىنى يەپ، قالغان يېرىمىنى قوينىغا سېلىپ ساقلاپتۇ. بوۋاي بەرگەن بۇ نان ئەسلى سۈيى بىلەن بىللە تۈگىمەس خاسىيەتلىك نان بولۇپ، ناننىڭ قالغان يېرىمى ئۆزلۈكىدىن پۈتۈن بولۇپ قالىدىكەن. شۇنداق قىلىپ كەنجى ئوغۇل ئاشۇ خاسىيەتلىك ناننىڭ كۈچى بىلەن بوۋاي دېگەندەك ئۈچ ئاي يول يۈرۈپ بىر شەھەرگە كەپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭمۇ بىرسى كەم يەتمىش قىزى بار بولۇپ، بۇ پادىشاھمۇ كەنجى ئوغۇلنىڭ دادىسىغا ئوخشاش غەمدە ئىكەن. كەنجى ئوغۇل پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆزى ئەلچى بولۇپ كىرىپ، پادىشاھنى غەمدىن خالاس قىپتۇ. پادىشاھ كەنجى ئوغۇلنى كاتتا زىياپەتلەر بىلەن كۈتۈۋاپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئاتمىش توققۇز نەپەر قىزىنى كەنجى ئوغۇلنىڭ دادىسىغا كېلىنلىككە بەرمەكچى بوپتۇ. كەنجى ئوغۇل دادىسىغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە شۇنچە ئالدىرىغان بولسىمۇ، لېكىن يول ئۈستىدىكى دېۋىنىڭ يەنە ئۇخلىشىنى كۈتۈشكە توغرا كەپتۇ ۋە يىگىرمە يەتتە كۈننى ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن پادىشاھ بەرگەن ئۇچار گىلەمگە چۈشۈپ ئۆز شەھرىگە راۋان بوپتۇ. ئۇچار گىلەمنىڭ شامالدەك تېز ئۇچۇشى بىلەن بەش ئايلىق يولنى يىگىرمە ئىككى كۈندە تۈگىتىپ، دادىسىغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ خۇشال بولۇپ، دەرھال ئون بەش كۈن تەييارلىق قىپتۇ - دە، شەھەرنى ئوڭ قول ۋەزىرگە تاپشۇرۇپ، ئۆزى يەتمىش ئوغۇل بىلەن قىرىق نەپەر نۆۋكەرنى ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ. ئۆزى بىلەن قۇدىلاشماقچى بولغان پادىشاھنىڭ شەھىرىگە ساق - سالامەت يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، دەرھاللا قىرىق كېچە - كۈندۈزلۈك تويىنى باشلىۋېتىپتۇ. كەنجى ئوغۇلنىڭ دادىسى قىرىق كۈنلۈك توينى تۈگەتكەندىن كېيىن، بۇ شەھەردە ئۇزاق تۇرمايلا ئاتمىش توققۇز جۈپنى ئاتمىش توققۇز مەپىگە سېلىپ ئۆز شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلارنىڭ يولغا چىققان ۋاقتى دىۋىنىڭ ئويغاق ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالغاچقا، يول ئۈستىدە دىۋىگە تۇتۇلۇپ قاپتۇ. ئۇلار كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىپ، دىۋىدىن ئۆزلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ. دېۋە بۇنىڭغا جاۋابەن ئۆزىنىڭ شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ئەسلى بۇ دىۋە ئۆزى تۇرۇشلۇق ماكاندىن ئالتە ئايلىق يىراقلىقتىكى بىر شەھەر پادىشاھىنىڭ پالۋانى بولۇپ، ئۇ پادىشاھنىڭ ئاي يۈزلۈك ساھىب جامال قىزىغا كۈيۈپ قېلىپ، ئۇنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىرمىشىپ باققان بولسىمۇ، مەقسىتىگە يېتەلمەي، بۇ يەردە پۇرسەت كۈتۈپ ياتقان ئىكەن. شۇڭا دىۋە ئاشۇ قىزنى ئەكىلىپ بەرسە ئاندىن ئۇلارنى ئۆتكۈزۈۋېتىدىغانلىقىنى، بولمىسا ئۇلارنى ئۆزىگە ئۇزۇق قىلىدىغانلىقىنى بايان قىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ كەنجى ئوغۇلنىڭ دادىسىنىڭ مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ دىۋىگە ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ئاتمىش توققۇز قىزدىن ئۆزى خالىغاننى تاللىۋېلىشىنى ئېيتقان بولسىمۇ، دىۋە بۇنىڭغا كۆنمەپتۇ. كەنجى ئوغۇل ئۇرۇشقان بىلەنمۇ دىۋىگە تەڭ كەلگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە بۇ ئىشنى ئورۇنلاشنى ئۆز ئۈستىگە ئاپتۇ. دىۋە كەنجى ئوغۇل كەلگۈچە ئۇنىڭ دادىسى ۋە باشقىلارنى تۇتۇپ تۇرماقچى بوپتۇ. كەنجى ئوغۇل دېۋە كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ يەنە يولغا چىقىپتۇ. كەنجى ئوغۇل دادىسىدىن ئايرىلىپ يىگىرمە يەتتە كۈن ئىچىدە بىر كىچىك شەھەرگە كەپتۇ. قارىسا، بۇ شەھەر مەخسۇس چاشقانلار دۇنياسى بولۇپ، بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى بولغان تۇلۇم چاشقان ئۇنىڭغا يول بەرمەپتۇ. كەنجى ئۆز ھالىنى ۋە مەقسىدىنى چاشقانلار پادىشاھىغا ئىزھار قىلغان ئىكەن، چاشقانلار پادىشاھى كەنجى ئوغۇلنىڭ چاشقانلاردىن بىرسىنىمۇ دەسسەپ قويماسلىق شەرتى بىلەن بۇ شەھەردىن ئۆتۈشكە قوشۇلۇپتۇ. كەنجى ئوغۇل خۇددى بوۋاق ئۆمىلىگەندەك ئۆمىلەپ، قولى بىلەن يولدىكى چاشقانلارنى ئىككى تەرەپكە سۈرۈپ يۈرۈپ يول ئېچىپ ئۈچ كۈندە ئاران ئۆتۈۋاپتۇ. ئۇ بۇ شەھەرسىن ئايرىلىش ۋاقتىدا چاشقانلار پادىشاھى ئۇنىڭغا بىر تال تۈكىنى يۇلۇپ بېرىپتۇ ۋە تۈكىنى كۆيدۈرگەن ھامان ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئەسكەرلىرى بىلەن ھازىر بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئوغۇلنى ئۇزىتىپ قويۇپتۇ. كەنجى ئوغۇل بوۋاي بەرگەن خاسىيەتلىك نان ۋە ئۆزى ئېلىۋالغان ئۇزۇق - تۈلۈكنىڭ ياردىمى بىلەن يەنە ئۇزۇن يول مېڭىپ، ئوتتۇز كۈن دېگەندە يەنە بىر كىچىك شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. بۇ شەھەر چۈمىلىلەر ياشايدىغان شەھەر بولۇپ، كەنجى ئوغۇل بۇ يەردىمۇ توسۇلۇپ قاپتۇ. كەنجى ئوغۇل ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى چۈمىلىلەر پادىشاھىسىغا ئېيتقان ئىكەن، ئۇمۇ كەنجى ئوغۇلغا شەھەردىكى چۈمۈلىلەرنىڭ بىرىنىمۇ ناكا قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا يولنى داۋام قىلىشقا ئىجازەت بېرىپتۇ. كەنجى ئوغۇل بۇ يەردىمۇ قىلچە بىخەستىلىك قىلماي ئون بەش كۈندە بۇ شەھەردىن ساق - سالامەت ئۆتۈپتۇ. ئۇ ئۆز يولىغا راۋان بولماقچى بولۇپ تۇرغاندا، چۈمىلىلەر پادىشاھىسىمۇ بېشىغا كۈن چۈشكەندە كۆيدۈرۈشىنى تاپىلاپ بىر تال تۈك يۇلۇپ بېرىپ ئۇزىتىپ قويۇپتۇ. كەنجى ئوغۇل يەنە ئۈچ ئاي يول يۈرۈپ دېۋە ئېيتقان ئاي يۈزلۈك قىز بار شەھەرگە تازا يېرىم كېچىدە كەپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى تۇغما ھىيلىگەر، مال - دۇنياغا ئۆزى تويسىمۇ كۆزى تويمايدىغان، زالىم ئادەم ئىكەن. بۇ زالىم پادىشاھنىڭ ئەقىللىق، زېرەك ۋە گۈزەللىك بابىدا داڭ چىقارغان بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇ قىز كەچ بولغاندا ئۆزىنىڭ بېغىدىكى راۋاققا چىقىپ ئولتۇرسا، ئاسماندىكى ئاي جۈپ كۆرۈنىدىكەن. شۇڭا بۇ قىز ئاي يۈزلۈك گۈزەل دەپ ئاتالغان ئىكەن. بۇ قىزنىڭ ئىشقى ئوتىدا كۆيۈپ، ئۇنىڭ ۋىسالىغا يېتەلمەي، جېنىدىن ئايرىلغان ياش يىگىتلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن. كەنجى ئوغۇل شەھەرگە كېلىپ ئاساسلىق ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قامال قىلىنغان ئوردىغا كىرىشكە چارە تاپالماي ئاخىرى چاشقانلار پادىشاھى بەرگەن بىر تال تۈكىنى كۆيدۈرۈپتۇ. تۈك تېخى تولۇق كۆيۈپ بولمايلا چاشقانلار پادىشاھى ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر بوپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مەقسىدىنى چاشقانلار پادىشاھىغا ئېيتىپتۇ. چاشقانلار پادىشاھى بىر چىقىرىغان ئىكەن، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا كەنجى ئوغۇلنىڭ ھۇجرىسىنى چاشقانلار قاپلاپ كېتىپتۇ. چاشقانلار پادىشاھىنىڭ پەرمانى بويىچە كەنجى ئوغۇلنىڭ ھۇجرىسىدىن ئاي يۈزلۈك پەرى تۇرغان ئۆيگە قاراپ لەخمە قېزىشقا باشلاپتۇ ۋە ئىككى كۈندە پۈتتۈرۈپتۇ. كەنجى ئوغۇل چاشقانلارغا تەشەككۇر ئىزھار قىلىپ، ئۆز جايىغا قايتۇرۇۋېتىپتۇ ۋە لەخمىگە كىرىپ پادىشاھنىڭ قىزى تۇرغان ئۆيگە قاراپ يول ئاپتۇ. بۇ لەخمىنىڭ چىقىش ئېغىزى دەل قىز ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان ئورۇندۇقنىڭ تېگىدە بولۇپ، شۇ تاپتا قىز يالغۇز ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقان ئىكەن. ئوغۇل بۇ خۇما كۆزلۈك پەرىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتالماي بىھۇش بولۇپ يىقىلىپتۇ. ئۇ بىر ھازادىن كېيىن ھۇشىغا كېلىپ، قىزنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ: - ئەي يىگىت، ئادەممۇ ياكى جىنمۇ سەن! بۇ يەرگە قانداق كىردىڭ؟ - دەپتۇ قىز. كەنجى ئوغۇل قىزغا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى، بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىدىنى، بۇ يەرگە قانداق كىرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئاندىن قىزغا ئۆزىنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتىنى ئىزھار قىپتۇ. ئاي يۈزلۈك ساھىبجامال قىز ئۆزىنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاشلا ئاشىق بىقارار بولغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ يولدا ئۆزىنىڭ ھەممىگە تەييار ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىپ مۇنداق دەپتۇ: - ئەي، كۆزۈمنىڭ قارىسى، يۈرىكىمنىڭ پارىسى بولغان باتۇر يىگىت! سىز ھەقىقەتەن چىۋەر، باتۇر ئىكەنسىز، بۇ ئوردىغا كىرىش يولىدا شۇنداق پاراسەت بىلەن ئىش كۆرگەن ئىكەنسىز، ئەلۋەتتە دادام ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ تۈرلۈك شەرتنىمۇ ئورۇنلاشقا قادىرسىز. بۇ ئىشقا خۇدا سىزگە مەدەتكار بولسۇن، مەنمۇ سىزگە ياردەملىشىمەن. دادامنىڭ مېنى ياتلىق قىلىشقا مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك شەرتى بار: بىرىنچى شەرت، ئوردىدا ئىككى ئادەمنىڭ غۇلىچى يەتمەيدىغان يوغان بىر دانە كۆتەك بار. ئۇنى بىر پالتا ئۇرۇش بىلەنلا يەتتە پارچە قىلىسىز، پالتىنى دادام كۆرسەتكەن يەتتە پالتىنىڭ ئارىسىدىن تاللاپ ئالىسىز. ئىككىنچى شەرت، مۇشۇ شەھەرنىڭ سول تەرىپىدىكى دېڭىزنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ ئوردىغا ئوخشاش بىر ئوردا سالىسىز، ئۈچىنچى شەرت، يەتتە تاغار قۇمغا يەتتە تاغار تېرىق ئارىلاشقان، بۇنى ئۈچ كۈندە ئايرىپ تاغارغا قاچىلايسىز. مۇشۇ ئۈچ شەرتنى تولۇق ئورۇنلىسىڭىز ئاندىن دادام مېنى سىزگە بېرىدۇ ۋە سىزمۇ ئامان قالىسىز. سىز ئالدى بىلەن مۇنداق قىلىڭ، - دەپتۇ ۋە يىگىتكە بەزى سىرلارنى ئېيتىپ بېرىپ، بۇ ئىشنى بالدۇرراق ئورۇنلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. كەنجى ئوغۇل تاڭ سۈزۈلمەستە ئۆز ھوجرىسىغا قايتىپ كەپتۇ. ئەتىسى كۈن كۆتۈرۈلۈشى بىلەنلا ئوردىغا قاراپ يول ئاپتۇ. دەرۋازا ئۈستىگە سانسىزلىغان ئادەم باشلىرى ئېسىلغان ئىكەن. ئۇ دەرۋازىۋەنگە ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە كېلىش مەقسىدىنى ئېيتىپتۇ. دەرۋازىۋەن ئۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپتۇ. پادىشاھ كەنجى ئوغۇلنىڭ كېلىشكەن قەددى - قامىتىنى، گۈزەل چىرايىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا: «ھەممىگە قادىر خۇدا، بىز ئەرلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ مۇشۇنداق گۈزەللەر بار ئىكەن - ھە!» دېگەننى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ. ئوغۇلنىڭ ھۆسنىنى بىر ئاز تاماشا قىلغاندىن كېيىن، كەنجى ئوغۇلنى ئۆز رايىدىن يېنىشقا، قاراپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەسلىككە دەۋەت قىپتۇ. پادىشاھ بۇ ئوغۇلنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ۋەدىسىدىن يېنىشنى خالىمايدىكەن، كەنجى ئوغۇلمۇ پادىشاھنىڭ سۆزىگە پەرۋا قىلماي ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرۇپتۇ. پادىشاھ: - ئەي ئەخمەق، ئۆز جېنىدىن تويغان نادان يىگىت! سەن ئوردىغا كىرىشتە دەرۋازا ئۈستىدىكى سانسىزلىغان باشلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلارمۇ ساڭا ئوخشاش تەلۋىلىك قىلىپ بۇ يەرگە كەلگەن ۋە مېنىڭ ئۈچ شەرتىمنىڭ بىرىنىمۇ ئورۇنلاپ بولماي تۇرۇپلا ئۆز جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى. شۇڭا سېنىڭ ئۆزەڭنى خاراپ قىلماي چىرايلىقچە چىقىپ كېتىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى مەن سېنىڭمۇ شۇلارغا ئوخشاش ئاقىۋەتكە قېلىشىڭنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن، - دەپتۇ. - ئەي كېرەملىك شاھ، كونىلارنىڭ: «يىگىت سۆزىدىن يانماس، يولۋاس ئىزىدىن قايتماس» دېگەن سۆزى بار. مەن بۇ بۇ يەرگە كېلىشتە ھەممىگە تەييارلىق قىلىپ قويغان ئىدىم. قېنى، ئاشۇ شەرتلەرنى مەن بىر ئورۇنلاپ كۆرسەم، ناۋادا ئورۇنلىيالماي قالسام، ئاتامسىز، چاپامسىز، كۆيدۈرەمسىز، ئىختىيار ئۆزىڭىزدە، - دەپتۇ كەنجى ئوغۇل. پادىشاھ كەنجى ئوغۇلنىڭ ئۆز سۆزىدىن يانمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن، ئۇنى بىر ئۆيگە باشلاپ كىرىپتۇ. بۇ ئۆيدە يەتتە پالتا قاتار تىزىلغان ئىكەن ۋە ھەممىسى دېگۈدەك ئوخشاش ئىكەن، لېكىن بۇ يەتتە پالتىنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرسىلا ھېلىقى كۆتەكنى بىر ئۇرۇش بىلەن يەتتە پارچە قىلالايدىكەن. بۇ پالتىنى پادىشاھنىڭ قىزىدىن باشقا ئادەم بىلمەيدىكەن. شۇڭا نۇرغۇن ياشلار پالتىنى خاتا تاللاپ، ئۆز جېنىدىن ئايرىلغان ئىكەن. كەنجى ئوغۇل پادىشاھنىڭ قىزى ئېيتىپ بەرگىنى بويىچە سولدىن ساناپ ئۈچىنچى پالتىنى تاللىۋاپتۇ ۋە كۆتەك بار سەيناغا كېلىپ پالتىنى كۆتەككە شۇنداق ئۇرغان ئىكەن، ياپىرا كۆتەك خۇددى ھەرىدە پارچىلىغاندەك توپ - توغرا يەتتە پارچە بوپتۇ. بۇ كارامەتنى كۆرگەن پادىشاھ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ ۋە كەنجى ئوغۇلنى ئىككىنچى شەرتنى ئورۇنلاشقا بۇيرۇپتۇ. بۇ شەرتنىڭ ۋاقتى ئۈچ كۈن ئىكەن. كەنجى ئوغۇل دەسلەپكى ئىككى كۈندە كۈندۈزى ئارام ئېلىپ، كېچىسى قىز بىلەن بىللە بوپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە ھېلىقى چۈمۈلىلەر پادىشاھى بەرگەن تۈكنى كۆيدۈرگەن ئىكەن، چۈمۈلىلەر پادىشاھى ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر بوپتۇ ۋە ئوغۇلنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە بارلىق لەشكەرلىرى بىلەن ئىشقا كىرىشىپ، يەتتە تاغار قۇم بىلەن يەتتە تاغار تېرىقنى بىردەمدىلا ئايرىپ بوپتۇ. كەنجى ئوغۇل تۆتىنچى كۈنى ئەتىگەندە پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئىككىنچى شەرتنىمۇ ئورۇنلاپ بولغانلىقىنى بايان قىپتۇ ۋە پادىشاھنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىپتۇ. پادىشاھ پاكىز ئايرىلغان قۇم بىلەن تېرىقنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران قاپتۇ ۋە ئۈچىنچى شەرتنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ئەسلى ئۈچىنچى شەرتنى ئورۇنلاشقا يىگىرمە كۈن ۋاقىت بەلگىلەنگەن ئىكەن. پادىشاھ ۋاقىتنى ئون كۈنگە قىسقارتىپ، ئوغۇلغا مۇشۇ ئون كۈن ئىچىدە دېڭىز ئۈستىگە ئۆزىنىڭ ئوردىسىغا ئوخشاش بىر ئوردا سېلىشنى ئەگەر بۇ شەرتىنى ئورۇنلىيالمىسا بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. كەنجى ئوغۇل كەچتە قىز بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. قىز ئۇنىڭغا بىر دانە خاسىيەتلىك ھاسا بېرىپتۇ. كەنجى ئوغۇل قىز بەرگەن ھاسىغا مىنىپ دادىسى بىلەن قېرىنداشلىرىنى تۇتۇپ تۇرغان دىۋىنىڭ ئالدىغا قاراپ ئۇچۇپتۇ. كەنجى ئوغۇل دىۋىنىڭ تۇرار جايىغا بېرىپ دادىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ، ئاندىن كېيىن دىۋىگە قاراپ: - ئەي دىۋىلەر پادىشاھى! مەن ھېلىقى ئاي يۈزلۈك جاناننى ئېلىپ كەلدىم، ئۇ ھازىر بىز تۇرغان مۇشۇ جايدىن قىرىق كۈنلۈك نېرىدا سېنىڭ بېرىپ ئېلىپ كېلىشىڭنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، تېز بول، - دەپتۇ ۋە قىز بەرگەن ئۈزۈكنى دىۋىگە كۆرسىتىپتۇ. دىۋە قىزنىڭ ئۈزۈكىنى كۆرۈپ كەنجى ئوغۇلنىڭ گېپىگە ئىشىنىپتۇ ۋە دەرھال يولغا راۋان بوپتۇ. كەنجى ئوغۇل قىزنىڭ دېگىنى بويىچە دىۋە ياتقان غارغا كىرىپ قەپەزدىكى كەپتەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ قورسىقىدىكى تۇخۇمنى ئاپتۇ. بۇ تۇخۇمغا ئاشۇ دىۋىنىڭ جېنى بەنت قىلىنغان بولۇپ، تۇخۇم مىجىلسىلا دىۋە ئۆلىدىكەن، شۇڭا ئوغۇل تۇخۇمنى قولىغا ئېلىپ، ئەمدى سىقاي تۇرۇشىغا دىۋە ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭدىن جېنىنى تىلەپتۇ. كەنجى ئوغۇل دىۋىگە پادىشاھنىڭ ئۈچىنچى شەرتىنى ئورۇنلاشنى، ئاندىن ئۆزىنىڭ شەھىرىدىكى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنى تۈگىتىشنى بۇيرۇپتۇ. دىۋە كەنجى ئوغۇلنى ئېلىپ، قىز بار شەھەرگە قاراپ يول ئاپتۇ، ئوغۇلنىڭ ئاتىسى ۋە باشقىلار ئۆز شەھىرىگە قايتىپتۇ. دىۋە كەنجى باتۇرنى قىزنىڭ شەھىرىگە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزى دېڭىزدا ئوردا سېلىش ئۈچۈن كېتىپتۇ. كەنجى باتۇر كۈندۈزى ئۆز ھۇجرىسىدا، كېچىسى قىزنىڭ قېشىدا تۇرۇپ ئون كۈننى ئۆتكۈزۈپتۇ. دىۋە دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا پادىشاھ دېگەندىنمۇ چىرايلىق قىلىپ ئوردىنى ياساپ پۈتكۈزۈپ بولۇپ ئاندىن كەنجى باتۇرنىڭ شەھىرىدىكى قۇرغاقچىلىقنى يوقىتىشقا ئاتلىنىپتۇ. قىزنىڭ ئاتىسى كەنجى ئوغۇلغا تاپشۇرغان ئۈچىنچى شەرتنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلمەكچى بولۇپ باغدىكى راۋاققا چىقىپ جاھاننامە ئەينىكىگە قارىغان ئىكەن، دىۋە سالغان ئوردىنىڭ سېپىللىرىدىن ئالتۇن نۇر چېچىلىپ تۇرغانمىش. پادىشاھ بۇ ئىشلارغا ھەيران بولۇپ تۇرغاندا، كەنجى ئوغۇل پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئۇنى ئۆزى سالغان ھەشەمەتلىك ئوردىنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىپتۇ. پادىشاھ ئۆزىنىڭ ۋەزىر ۋە نۆۋكەرلىرى بىلەن ئۇچار گىلەمگە چۈشۈپ، يېڭى ئوردىنى بىر كۈن تاماشا قىلغاندىن كېيىن، ئۆز ۋەدىسىدىن يانالماي، قىرىق كۈن توي 0 تاماشا قىلىپ، قىزىنى كەنجى ئوغۇلغا بېرىپتۇ. كەنجى ئوغۇل دىۋىنىڭ جېنى بەنت قىلىنغان تۇخۇمنى تۆمۈر قۇتىغا سېلىپ خوتۇنى بىلەن بىللە ئۆز شەھرىگە قايتىپ كەپتۇ ۋە دىۋىنىڭ قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنى يوقاتقانلىقىنى، شەھەرنىڭ خۇشاللىققا چۆمگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. ئاندىن كېيىن ئۆزى ئېلىپ كەلگەن مەلىكىنىڭ مەسلىھىتى بويىچە يەنە دىۋىنى چاقىرىپ، زالىم پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپ ئاشۇ شەھەرنىڭ خەلقىنى ئازابتىن قۇتقۇزۇشنى بۇيرۇپتۇ. كەنجى ئوغۇلنىڭ دادىسى ئۇلارنىڭ ساق - سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ شەرىپىگە يەتمىش كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ بېرىپتۇ ۋە كەنجى ئوغۇلنى ئۆز ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، چوڭ ئوغلىنى زالىم پادىشاھنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ ئەۋەتىپتۇ. ئۇلار شۇندىن باشلاپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق