UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقبەش گاس

بەش گاس

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر سوپى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۈچ جان بولۇپ، ھەممىسى گاس ئىكەن، بىر - بىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىكەن. بۇ ئائىلىنىڭ يىگىرمە تۇياق قوي - ئۆشكىسى بولۇپ، سوپى قوي - ئۆشكە بېقىش بىلەن مەشغۇل ئىكەن. سوپىنىڭ خوتۇنى بولسا، ئاش - تاماق ئېتىپ بېرىدىكەن، بىر قىزى ئولتۇرسا - قوپسا ئەر غېمىدە ئىكەن. بىر كۈنى سوپى ئادىتى بويىچە ناماز بامداتقا مېڭىشتىن ئىلگىرى، قوي - ئۆشكىلەرنى قوتاندىن چىقىرپ، ئوتلاققا ھەيدەپتۇ. ئۇ نامازدىن يېنىپ ئوتلاققا قارىسا، قوي - ئۆشكىلىرى كۆرۈنمەپتۇ. ئەتراپنى ھەر قانچە ئىزلەپمۇ تاپالماي، ئۆيىگە قايتىپ ئاچچىقى بىلەن خوتۇنىدىن سوراپتۇ: - قوي - ئۆشكىلەرنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئېرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىيالمىغان خوتۇن قىزىغا قاراپ: - قوپ قىزىم، داداڭنىڭ قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەن ئوخشايدۇ. نان - چاي تەييارلىغىن، - دەپتۇ. ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىيالمىغان قىزى قاپىقىنى تۈرۈپ: - كىم سىلەرگە ئەر تېپىپ بەر، دېدى؟ مەن ئەرگە تەگمەيمەن، - دەپتۇ. سوئالغا جاۋاب ئالالمىغان سوپى تېرىكىپ چىڭ ۋارقىراپتۇ: - قويلارنى كۆرۈشتىڭمۇ دەيمەن؟ - ئېرىنىڭ ئەلپازىنى كۆرگەن خوتۇنى قىزىغا قاراپ ئۇنىڭدىن بەكرەك ۋاقىراپتۇ: - قوپ دېدىم قوپ! داداڭنىڭ قورسىقى بەك ئېچىپ كېتىپتۇ. قىزى ئانىسىنىڭ تەلەتىدىن چۆچۈپ يىغلاشقا باشلاپتۇ ۋە: - ئەرگە تەگمەيمەن دېدىم، تەگمەيمەن، - دەپتۇ. خوتۇنى قول ئىشارىتى بىلەن ئېرىگە: - تېخى كۈن قىزارمىدى. چايغا نېمەنچە ئالدىرايلا؟ - دېگەننى ئۇقتۇرۇپتۇ. ئېرى بولسا كۈن كۆرسىتىلگەن ئىشارەتتىن قويلا كۈنچىقىش تەرەپكە كەتتى، دېگەن مەنانى چۈشىنىپ: - قوينىڭ شۇ تەرەپكە كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئادەم ئۇنى نېمىشقا توسمىدىڭ؟ - دەپ خوتۇنىغا بىر كاچات ساپتۇ - دە، قوينى ئىزلەش ئۈچۈن ئۆيدىن قۇيۇندەك چىقىپ كېتىپتۇ. - سەن مېنى تاياققا قويدۇڭ، زادى ئۆي ئىشىغا ياردەملىشەمسەن يوق؟- دەپ ئانىسى قىزىغا بىر كاچات ساپتۇ. قىز ئانىسىغا يالۋۇرۇپ: - جېنىم ئانا، كىمگە بەرسىڭىز شۇنىڭغا تېگەي، - دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئانا - بالا بىر - بىرىنىڭ گېپىنى ئۇقۇشالماي يىغلىشىپ ئۆينى بېشىغا كىيىپتۇ. ئەمدى گەپنى سوپىدىن ئاڭلايلى: ئەتىگەندىن تا كەچكىرگىچە قويلارنى ئىزلەپ ھېچيەردىن تاپالمىغان سوپى يولدا كېتىۋاتسا، يولدا بىر ئادەم ھارۋا ياساپ ئولتۇرغۇدەك. سوپى ئۇنىڭدىن: - ھەي بۇرادەر، بۇ يەردىن بىر توپ قوي - ئۆشكىنىڭ ئۆتكىنىنى كۆرلىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ھارۋا ياساۋاتقان كىشى سودىگەر بولۇپ، ئۇمۇ گاس ئىكەن، يولدا ئۇنىڭ ھارۋىسىنىڭ ئوقى سۇنۇپ كەتكەن ئىكەن. - ھە ھارۋامنىڭ ئوقى سۇنۇپ كەتتى، - دەپتۇ سودىگەر. سوپى ئۆزىنىڭ كاللا دېسە، ئۇنىڭ پاچاق دەۋاتقانلىقىدىن ئۇنىڭمۇ گاس ئىكەنلىكىنى بىلىپ، قول ئىشارىتى بىلەن: - بىر توي قوي - ئۆشكەم يوقاپ كەتتى. ئۇ يەرگە باردىم يوق، بۇ يەرگە باردىم يوق. سېلىدىن كۆردىلىمۇ دەپ سوراۋاتىمەن، - دەپتۇ. - ھە، بۇنداق ھارۋىدىن ئڭلىغانمەن، - دەپتۇ سودىگەر. - ئەگەر قويلىرىم بار جاينى كۆرسىتىپ قويسىلا بىر ئوغلاق بىرىمەن، - دەپتۇ سوپى. سودىگەر قول ھەرىكىتى بىلەن كۈننىڭ ئولتۇرۇشىنى كۆرسىتىپ: - ھارۋامنى ياسىۋالسام، ئۆيگە كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن يېتىپ بارىمەن، - دەپتۇ. سوپى قويلىرىم كەتكەن تەرەپنى كۆرسىتىپ بەردى، دەپ چۈشىنىپ خوش بولۇپ: - رەھمەت بۇرادەر، - دەپتۇ - دە، كۈنپېتىش تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. ئازراق مېڭىپ قارىسا قوي - ئۆشكىلىرى چوڭ بىر ئۆستەڭنىڭ بويىدا ئوتلاۋاتقىدەك. سوپى بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولۇپ، بىر توكۇر ئۆشكىنى بەرمەكچى بولۇپ سودىگەرنىڭ يېنىغا كەپتۇ. - سېلىگە رەھمەت! ئەگەر قويلىرىم بار جاينى كۆرسىتىپ بەرمىگەن بولسىلا، مۇنچىۋالا مېلىمنى تاپالمايتتىم. شۇ ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن مۇنۇ ئوغلاق سېلىگە ھەدىيە، - دەپتۇ سوپى. - توكۇر ئوغلاقنى كۆرۈپ سودىگەرنىڭ جان - ئىمانى چىقىپ سوپىغا قاراپ: - ھوي ئوغرى، ئوغلىغىڭنىڭ پۇتىنى مەن سۇندۇردۇممۇ؟ ھۇ، مۇتىھەم، يوقال كۆزۈمدىن، - دەپتۇ. سوپى ئۇنىڭدىن قاتتىقراق ۋاقىراپتۇ: - ئوغرى دېگەن سەن! بىر ئېغىز گېپىڭگە بىر ئوغلاق بەرسەم رازى بولمامسەن، ئىنساپسىز،چوڭ قوي بەرسەم بولامتى؟... سوپىنىڭ ئەلپازىنى كۆرگەن سودىگەر ماڭا تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ، سوپىنىڭ جاجىسىنى بەرمەكچى بولۇپتۇ. ئىككىيلەن جىدەللشىپ قاپتۇ: - ھۇ، تۆھمەتخور! - دەپتۇ سودىگەر. - ھۇ، نائەھلى ئىنساپسىز! - دەپتۇ سوپى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار غەزەپلىرىنى بېسىشالماي مۇشتلىشىپ كېتىپتۇ. بىردەمدە ھەر ئىككىسىنىڭ ئاغزى - بۇرنى قان بوپتۇ. ئۇلار دە - تالاش قىلىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە بەگ كېلىپ قاپتۇ. - ھە، نېمە تالىشىۋاتىسىلەر؟ - دەپتۇ بەگ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپ. - سودىگەر بىلەن سوپى ئەھۋالنى بىر - بىرلەپ بەگكە سۆزلەپ بېرىپتۇ. بەگ بۇ گاسلارنى ئەخمەق قىلىش ئۈچۈن: - سىلەرنىڭ دەۋايىڭلار دەۋايىتلار شەرىئەتكە ياتىدىغان دەۋا ئىكەن، قازىنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار، - دەپ كېتىپ قاپتۇ. گاسلار بەگنىڭ تازا ۋارقىراپ قۇلاقلىرىغا ئېيتقان بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپتۇ، ئۇلار سۆرىشىپ، قازىنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. دەۋاگەرلەر قازىغا دەردىنى ئېيتىتپۇ. بۇ قازىمۇ گاس ئىكەن، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماپتۇ. سودىگەر قىبلىنى كۆرسىتىپ: - ئاۋۇ يەردە ھارۋام قالدى، تېزراق بىر نېمە دېسىلە، - دەپتۇ. سوپىمۇ قويلىرىدىن ئەنسىرەپ ئىشارەت بىلەن: - ئەتىگەندىن بۇيان ھېچنىمە يىمىدىم، بۇ ئوغرىغا بېرىدىغان ئوغلۇقۇممۇ يوق، - دەپتۇ. بۇلارنىڭ ئىشارىتىدىن مەقسىدىنى بىلىۋالالمىغان قازى: - ھە، ئىككىڭلارنىڭ بۈگۈن ئاخشام ئاسماندا ئاي كۆرگىنىڭلار راستمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. سوپى بىلەن سودىگەر ئىشارەت قىلىپ، ئۆز سۆزىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىشىپتۇ. قازى: - شەرىئەت ھۆكىمىدە ئىككى مۇسۇلمان ئاي كۆردۇق، دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، روزى ھېيىت نامىزىنى ئوقۇسا بولىدۇ. قېنى ناغرا چېلىنسۇن، - دەپ رەئىسلىرىگە بۇيرۇق بېرىپتۇ. ناغرا ئاۋازىنى ئاڭلىغان كىشىلەر تەرەپ - تەرەپتىن كېلىپ قازىخانىغا يىغىلىپتۇ. ئۇلار ھەيران بولۇشۇپ: - قازاخۇنۇم، بۇ نېمە ناغرا؟ - دەپ سوراپتۇ. - بۇ ئىككىيلەن ئاسماندا ئاي كۆردۇق، دەپ گۇۋاھلىق ئېيتىپ كەپتۇ. ئەتە روزى ھېيىت نامىزىنى ئوقۇيمىز، - دەپتۇ قازى. روزى ھېيىت نامىزىغا تېخى ئۈچ كۈن بارلىقىنى ھەممە ئادەم بىلگەچكە، قازىنىڭ دۆتلىكىدىن شىكايەت قىلىشىپتۇ. ئاخىرى ئۇنى قازىلىق ئورنىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ سازايى قىپتۇ. سودىگەر بىلەن سوپى ئۆزىگە نۆۋەت كېلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئۇ بۇ تەرەپكە، بۇ ئۇ تەرەپكە قاراپ قېچىپتۇ. ئۇلارنىڭ دەۋاسى شۇنىڭ بىلەن تۈگەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
بەش گاس | UyghurWiki | UyghurWiki