UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئەقىللىق بالا

ئەقىللىق بالا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر يېتىم ئوغۇل بار ئىكەن. بۇ بالا بىر سودىگەرنىڭ ئۆيىدە ئىشلەيدىكەن. سودىگەر نۇرغۇن ئات، تۆگىدە مال ئېلىپ ھەرەمگە بېرىپتۇ. مال - مۈلۈكلىرىنى ئالتۇن، كۈمۈش، ئۈنچە - مەرۋايىتلارغا تېگىشىپ يۇرتىغا قايتىپتۇ. يېتىم بالا ئۆزىنىڭ شۇ يەرلەردە تاپقان ئازدۇر - كۆپتۇر پۇل - پۈچەكلىرىنى لاتا قەغەزگە چىگىپ، ھۆل تىزەك ئىچىگە سېلىپ، «قالايدىغان ئوتۇنۇم» دەپ تاغارغا ئەپلەپ ئاپتۇ. سودىگەر ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، ھەشەمەتلىك تۆگىلەرگە كولدۇرمىلارنى ئېسىپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپتۇ. ئۇلار ماڭا - ماڭا يولنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، بىر توپ قاراقچىغا دۈچكەپتۇ. قاراقچىلار كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقىچە سودىگەرنىڭ دەپى - دۇنيالىرىنى بۇلاپ كېتىپتۇ. لېكىن يېتىم بالىنىڭ پۇل - پۈچەكلىرى ساقلىنىپ قاپتۇ. سودىگەر مال - مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلىپ، ھەسرەت چېكىپ، يېتىم بالا بىلەن كارى بولماپتۇ. يېتىم بالا چۆلدىن ئامان - ئېسەن چىقىپ، ئۆز يۇرتىغا بېرىپ، ھېلىقى تاپقان پۇل - پۈچەكلىرى بىلەن ئوبدان كۈن ئۆتكۈزۈپتۇ. («شىنجاڭ ئەدەبىياتى» نىڭ 1980 - يىل 4 - ساندىن ئېلىندى.) رەتلىگۈچى: مۇتەللىپ پالتاجى
← بارلىق تېمىلار چوچاق