UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئىت بىلەن مۈشۈك

ئىت بىلەن مۈشۈك

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا بىر بوۋاي ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ يىراق بىر جاڭگالدا ياشايدىكەن. ئۇنىڭ بىر ئىتى ۋە بىر مۈشۈگىدىن باشقا ھىچنەرسىسى يوق ئىكەن. بۇلار ناھايىتى ئىناق ئۆتىدىكەن. بوۋاي كۈندە ئوۋغا چىقىدىكەن. كەچتە ئوۋدىن قايىتقاندا ئۇنى مۈشۈگى بىلەن ئىتى ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدىىكەن. بىر كۈنى بوۋاي ئۆزىنىڭ قۇرۇپ قويغان قاپقانلىرىنى يوقلاپ كەلسە مۈشۈگى بىلەن ئىتى ئالدىغا چىقماپتۇ. بوۋاي >بۈگۈن بۇ ئىككىسىگە نىمە بولغاندۇ؟ ھەر كۈنى ئالدىمغا چىقاتتى< دە ئويلاپ ھويلىغا كىرسە مۈشۈك بىلەن ئىت ئۇرۇشۇۋاتقان، ئۆيگە كىرسە نەرسە - كېرەكلەر چېچىلىپ ياتقان. بەزىلىرى سۇنغان. بوۋاي ھويلىغا چىقىپ مۈشۈكتىن سورپتۇ. - ھەي مۈشۈك، بۇ نىمە ئەھۋال؟ - ئىت >سېنى ئۇرىمەن، ھويلىغا چىق< دەپ ھەيۋە قىلدى - دەپتۇ مۈشۈك، - ئۇنداق قىلما دىسەم >سېنى ئۆلتۈرىمەن< دەپ قوغلىدى، ئاخىرى مانا مۇشۇنداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقتى. بوۋاي بۇ گەپنى ئىشتكەندىن كېيىن ئىتتىن: - ھەي ئىت، سەن نىمىشقا مۈشۈكنى بوزەك قىلىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. ئىت ئاچچىقلاپ: - مۈشۈك: >ماڭا ئىگەم ئاش بەرمەيدۇ، قورسىقىم ئاچ قالدى، دىدى< مەن: >سەن ئۆيدە تۇرساڭ، ئۆيدە تۇرغاندىمۇ داستىخان يېنىدا مېھمان بولۇپ ئولتۇرساڭ قورسىقىڭ نىمىشقا تويمايدۇ؟ مەن سەندىن چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تالادا تۇرىمەن، يەنە قورسىقىم تويىدۇ< دىدىم. دەل شۇ چاغدا ئۆيدە بىر چاشقان ۋىچىر - ۋىچىر قىلىۋىدى. مۈشۈك ئۆيگە كىرىپ چاشقاننى قوغلاپ يۈرۈپ نەرسە - كېرەكلىرىنى بۇزۇپ چېچىۋەتتى. بولغان ۋەقە ئەنە شۇ، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان مۈشۈك دەرغەزەپ بولۇپ، كۆزلىرىنى بىر يۇمۇپ، بىر ئېچىپ بوۋايغا قاراپ: - ئىت: >ئىگەم مېنى تالادا قويۇپ ئاشقان - تاشقان نەرسىلەرنى بېرىدۇ. كۈندە قورسىقىم ئاچ قالىدۇ< دەپ غەيۋىتىڭىزنى قىلدى، - دەپتۇ. بوۋاي مۈشۈكنىڭ گېپىنى راست دەپ ئىشىنىپ ئىتقا ئالىيىپ تۇرغاندا، ھويلىنىڭ بۇلۇڭىدىن ئىككى چاشقان سەكرەپ چىقىپتۇ. مۈشۈك شۇئانلا ئۇلارغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ. چاشقانلار چاققانلىق بىلەن ئۇۋىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ. بۇرادەرلىرىنىڭ ئالدىدا مەغلۇب بولغان مۈشۈك ئاچچىقىغا پايلىماي تامدىكى قاپاققا ئېسىلغان ئىكەن. قاپاق يەرگە چۈشۈپ سۇنۇپ كېتىپتۇ. - ھەممە گۇنا مۈشۈكتە! - دەپ چۇرقىراپتۇ ئۆز دۈشمىنىنىڭ مات بولغانلىقىدىن خوشاللانغان چاشقانلار. بوۋاي گۇناھنىڭ مۈشۈكتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ دەرغەزەپ بولۇپ: - يوقال كۆزۈمدىن! قولۇڭدىن ھىچ ئىش كەلمەيدىغان بەچچىغەر ئىكەنسەن، - دەپ كايىپ مۈشۈكنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىپتۇ. شۇندىن بېرى مۈشۈك بىلە ئىت بىر - بىرىگە ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ قالغان ئىكەن. ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ياقا گۇڭشېدىن: نىياز تۇردى.
← بارلىق تېمىلار چوچاق