ئامەتلىك بايۋەچچە
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن ئاتىسىدىن نۇرغۇن مال - دۇنيا قالغان بىر بايۋەچچە بولغان ئىكەن. ئۇ كىچىكىدىنلا يەپ - ئىچىپ، خۇشال - خورام ئويناپ - كۈلۈپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئادەت قىلىۋالغاچقا، ئەيشى - ئىشرەتتىن باشقىنى ئويلىمايدىكەن. >قويۇڭ مىڭغا يەتكىچە، ئاغىنەڭ مىڭغا يەتسۇن< دەپ، ھەر كۈنى مېھمان چاقىرىپ، شەھەرنىڭ بىكار تەلەپلىرىنىڭ ۋاڭ - چۇڭلىرى ئىچىدە غەرق مەس بولۇپ، كۈن ئۆتكۈزىدىكەن، پۇل دېگەن سۇدەك ئاقىدىكەن.
>يەپ ياتساڭ تاغمۇ توشىمايدۇ< دېگەندەك، ھېچقاندا ئوقەتنىڭ پېشىنى تۇتۇپ باقمىغان بايۋەچچىنىڭ ئەيشى - ئىشرىتى ئاتىسىدىن قالغان مال - دۇنيانى تېزلا خورىتىۋېتىپتۇ، ئاغىنىلىرىمۇ بىر - بىرلەپ ئازىيىشقا باشلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ بىر كۈنلەرگە كەلگەندە ئۇنىڭ مال - دۇنياسى تەل - تۆكۈش تۈگەپتۇ. قالغان ئاغىنىلىرىمۇ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. بايۋەچچىنىڭ ئائىلىسىنى ئېغىر غۇربەتچىلىك بېسىپتۇ.
- ئاغىنىلىرىڭنى ئىزلەپ باقساڭ بوپتىكەن، - دەپتۇ ئايالى بايۋەچچىگە يالۋۇرۇپ، - شۇنچە كۆپ تۇز - تەمىمىزنى تېتىغاندىكىن بىرەر نانغا بولسىمۇ ياراپ قالار.
بايۋەچچە ئاغىنىلىرىنى ئىزلەپ كۆرۈپتۇ، بىراق ھەممە دۇنياسىنى يەپ تۈگەتكەن بۇ ئەخمەق بايۋەچچىنىڭ يەپ قاچار ئاغىنىلىرى ئۇنى قەستەن تونۇماسقا ساپتۇ، بايۋەچچە ئامالسىز ئۇيان - بۇيان ئايلىنىپ، بىرەر ئىش تېپىپ ئىشلىمەكچى بولۇپ، مەدىكارلار بازىرىغا بېرىپ تۇرۇپتۇ. مەدىكار ئالغۇچىلار كەلسىلا ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىپتۇ. مەدىكار ئالغۇچىلار ئۇنىڭ سايىدا ئۆسكەن چېچەكتەك نۇرسىز چىرايىغا ۋە پاختىدەك ئاق ھەم يۇمشاق ئالقانلىرىغا قاراپ:
- سەن بۇ قوللىرىڭ بىلەن دوپپىغا گۈل تىكىشنى ئۆگەنسەڭ بولغۇدەك، - دېيىشىپ، ئۇنى كۈلكىگە قويۇپتۇ.
ماي ئىچىدىكى بۆرەكتەك ئەركىن يايراپ ئۆسكەن بايۋەچچە ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىق بىلەن قىلغان بەتخەجلىكلىرى تۈپەيلىدىن خورلىنىۋاتقانلىقىغا قاتتىق ئۆكۈنۈپ، ئىچىدە ئۆزىنى تىللاپتۇ - دە، مەدىكارلار بازىرىدىن ئۈمىت ئۈزۈپ، ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ. يولدا ئۇنىڭغا بىر رەمچى ئۇچراپ قاپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ئۇ قېلىن كىتابنى ئېچىپ قويۇپ، رەم ئاچقۇزغۇچىلارغا خالىغانچە بىر نېمىلەرنى سۆزلەپ قويۇپلا، ئۇلاردىن جىرىڭلاپ تۇرغان تەڭگىلەرنى ئېلىۋاتقۇدەك. بۇ ئىش بايۋەچچىنى قاتتىق قىزىقتۇرۇپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە >بۇ ئىشمۇ بولغۇدەك، قېنى بىر قىلىپ كۆرەي< دەپتۇ - دە، ئۆيىگە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ.
بايۋەچچىنىڭ خىيالى خوتۇنىغىمۇ يېقىپ قاپتۇ. بىراق ئۇلاردا كىتاب ئالغۇدەك پۇلمۇ يوق ئىكەن. ئۇيان ئويلىنىپ، بۇيان ئويلىنىپ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ كۆزى ئەك ئاخىرقى مۈلۈكى بولغان بىر پارچە ئاق كىگىزگە چۈشۈپتۇ. ئايال ئۇنى سېتىۋېتىشكە قىيمىسىمۇ، ھەر ھالدا دەسمى سالماي ئىش باشلاشقا بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، قاتلاپ ئېلىپ بايۋەچچىگە تۇتقۇزۇپتۇ. بايۋەچچە ئۇنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ، بىردىنلا:
- توختا خوتۇن، بۇنى سېتىپ كىتاب ئالىمىز،دەپ ئاۋارە بولغىچە مۇشۇنىڭ ئۆزىنىلا كىتاب قىلىپ كۆرمەيمىزمۇ؟ - دەپتۇ - دە، ئۇنى قايچا بىلەن پارچىلاپ كىتاپ قىلىپ تىكىپتۇ، ئاندىن لاخشىگىرنى قىزىتىپ، ئۇنىڭ بەتلىرىگە خەتكە ئوخشايدىغان ئاللىقانداق شەكىللەرنى ئىمىر - چىمىر قىلىپ سىزىپ چىقىپتۇ، شۇنداق قىلىپ كىتابمۇ پۈتۈپتۇ. بىراق بايۋەچچە يەنە ئويلىنىپ قاپتۇ:
- مېنى شەھەر خەلقىنىڭ ھەممسى تونۇيدۇ، - دەپتۇ ئۇ خوتۇنىغا، - مۇشۇ ھالەتتە كوچىغا چىقسام، كىشىلەر مېنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، دېيىشەر.
- ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟
- باشقا شەھەرگە كۆچۈپ كېتەيلى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆي - جايلىرىنى ئېلىشىغا سېتىۋېتىپ، يىراق بىر شەھەرگە كۆچۈپ بېرىپتۇ - دە، ئورۇنلىشىۋېلىپ، ئۆز ھۈنىرىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن، ئايالنىڭ بىر پاي ھالقىسىنى ئۆينىڭ ئارقىسىغا بەلگە قويۇپ كۆمۈپ قويۇپتۇ. بۇلارنىڭ ئۆيىگە بىر قانچە ئايال مېھمان يىغىلغان كۈنى بايۋەچچىنىڭ ئايالى ئېرى بىلەن كېلىشىپ قويغىنى بويىچە، بىر پاي ھالقىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
- ياخشىراق ئىزدەپ باق، تېپىلىپ قالار، - دەپتۇ بايۋەچچە.
- ئىزلەپ ئاۋارە بولغىچە كىتابلىرىغا قاراپ باقسىلا بولمامدۇ؟ - دەپتۇ ئايالى، بايۋەچچە:
- ئۇنداق قىلساقمۇ بولىدۇ، بىراق بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈڭگە پۇختا بول، مېنى ئاۋارە قىلىدىغان ئىشنى ئىككىنچى قىلما، - دەپتۇ - دە، كىگىز كىتابىنى قولىغا ئاپتۇ. مېھمانلار ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا تىكىلىپتۇ. بايۋەچچە كىگىز كىتابىدىكى ئىمىر - چىمىر سىزىقلارغا سىنچىلاپ قارىغىنىچە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- مانا دېمىدىممۇ، سەن خوتۇن ئۇنى ئەخلەت بىلەن بىللە ئۆينىڭ ئارقىسىغا تۈكۈۋېتىپسەن، دەرھال ئەخلەت دۆۋىسىنى ئاختۇر، - دەپتۇ.
ئايالى ئۆينىڭ ئارقىسىغا يۈگۈرۈپتۇ، باشقا ئاياللارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ. ھالقا راست دېگەندەك ئەخلەت دۆۋىسى ئارىسىدىن چىقىپتۇ.
كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقىچىلا بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىش، خوتۇنلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق خۇددى شۇنداق تېزلىك بىلەن شەھەرنىڭ ھەممە يەرلىرىگە تارقاپ كېتىپتۇ. بىرسى:
- شەھىرىمىزگە يېڭى كۆچۈپ كەلگەن كىشى ئۇستا رەمچىكەن، - دېسە، يەنە بىرسى:
- ئۇنىڭدا ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان خاسىيەتلىك كىتاب بار ئىكەن، - دەيدىكەن.
ئەنە شۇ چاغلاردا ئېشىكىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ، ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپ تاپالماي يۈرگەن بىر كىشى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا دەرھال رەم سالدۇرۇشقا كەپتۇ. بايۋەچچە كىگىز كىتابىنىڭ داغلانغان بەتلىرىگە بىر ھازا تىكىلگەندىن كېيىن، ئېشەك يۈتتۈرگەن كىشىگە قاراپ:
- سىز سۈرگە دورىسى ئىچسىڭىز بولغۇدەك، - دەپتۇ.
تولۇمدىن توقماق چىققاندەك بۇ گەپ، ئېشەك يۈتتۈرگەن كىشىنى قاتتىق چۆچۈتىۋېتىپتۇ:
- سىز ساراڭمۇ، ئوڭمۇ؟ - دەپتۇ ئۇ كىشى تېرىكىپ، - مەن ئېشەك توغرىلىق رەم ئاچقۇزۇۋاتىمەن، سىز بولسىڭىز...
- كىتابتىن شۇنداق چىقىپ قالدى، - دەپتۇ بايۋەچچە دۇدۇقلاپ، - مەندە نېمە ئامال.
ئېشەك يۈتتۈرگەن كىشى:
- سىز ھەقىقەتەنمۇ ئېلىشىپ قالغان كىشى ئىكەنسىز، سىزنى ئىزلىگەن مەنمۇ ئەخمەق، - دەپتۇ - دە، ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كېتىپتۇ.
- مانا رەسۋاچىلىق، - دەپتۇ بايۋەچچىنىڭ خوتۇنى تېرىكىپ، - سىزنىڭ ساراڭلىقىڭنىزنى ئەتىلا ئۇ پۈتۈن شەھەرگە يېيىپ بولىدۇ. ئەمدىكى كىشىلەر سىزگە رەم ئاچقۇزۇش ئۈچۈن ئەمەس. بىزنى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىشقا كېلىدۇ. ئادەم دېگەن شۇنداقمۇ ئەخمەق بولغان بارمۇ؟
بايۋەچچىنىڭ ئايالى ئەلەمگە چىدىماي يىغلىۋېتىتپۇ. بايۋەچچە ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئويلىماي گەپ قىلىپ قويغانلىقىغا ئۆكۈنۈپ: >بۇ يەرنىڭ خەلقى راستىنلا بىزنى قوغلىۋېتەرمۇ؟< دېگەن دەككە - دۈككە ئىچىدە تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىيالماپتۇ. تاڭ ئېتىپتۇ، ئۇلار ئورۇنلىرىدىن يېڭىلا تۇرۇشىغا ئىشىكى قېقىلىپتۇ. بايۋەچچە: >مانا ئەمدى كۆرگۈلۈكىمىزنى كۆرىدىغان بولدۇق< دېگىنىچە ئالاقزادە بولۇپ ئىشىكنى ئېچىپتۇ - دە، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئېشەك يۈتتۈرگەن كىشىنى كۆرۈپ تېخىمۇ تەمتىرەپ كېتىپ، ئىشىكنى يېپىۋاپتۇ.
- رەمچى ئۇستام، - دەپتۇ ئېشەك يۈتتۈرگەن كىشى، - خاپا بولمىسىلا، سىلى ھەقىقەتەنمۇ ئەۋلىيا ئىكەنلا. مەن سىلىنى ئورۇنسىز رەنجىتكەنلىكىم ئۈچۈن ئەپۇ سوراپ كەلدىم، ئىشىكنى ئاچسىلا.
- يالغان ئېيتما، - دەپتۇ بايۋەچچە ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى قاتتىق تارتىپ تۇرۇپ، - سەن مېنىڭ تېرەمنى شىلماقچى.
ئىشىكنىڭ سىرتىدىن ئېشەك ساتقۇچىنىڭ قاقاقلاپ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ:
- سىلى بەكمۇ قىزىقچى ئىكەنلا، قىزىقچىلىقنى ھەممىلا ئىشقا ئارىلاشتۇرىدىكەنلا، ئېشىكىمنىمۇ شۇ يول بىلەن تېپىپ بەردىلە. مەن ئەخمەقلىق قىلىپ سۈرگە دورىسى ئىچمەي قويغان بولسام، ئەسىلا تاپالماسكەنمەن. رەھمەت سىلىگە. چاقچاق قىلماي، ئىشىكنى ئاچسىلا.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ بايۋەچچىنىڭ قوللىرى ئىشىك تۇتقۇچىدىن ئىختىيارسىز بوشاپ كېتىپتۇ. ئېشەك يۈتتۈرگەن كىشى ئۆيگە كىرىش بىلەنلا بايۋەچچىگە ئېگىلىپ تازىم قىلغىنىچە يانچۇقىدىن پارقىراپ تۇرغان كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئېلىپ، ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرغان بايۋەچچىنىڭ ئالقىنىغا تۇتقۇزۇپ، قايتا - قايتا رەھمەت ئېيتىپ، كەچكە ئۆز ئۆيىگە مېھمانغا چىللاپ قويۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. بايۋەچچە ھاڭ - تاڭ بولغىنىچە تۇرۇپلا قاپتۇ. ئەھۋال ئەسلى مۇنداق بولغان ئىكەن:
- ئېشەك يۈتتۈرگەن كىشى بايۋەچچىنىڭ كىتابقا قاراپ بەرگەن جاۋابىنى ئاڭلاپ قاتتىق تېرىكىپ كېتىۋاتقىنىدا، يولدا بىر دوستى بولۇپ ئۇچرىشىپ قاپتۇ، دوستى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ: >سۈرگە دورىسى ئىچ دېگەن بولسا، ئىچىپ باقمامسەن، ئېشىكىڭ تېپىلمىغان تەقدىردىمۇ، ساڭا ئوشۇقچە زىيىنى يوققۇ< دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ، ئېشەك يۈتتۈرگەن كىشى بۇنىڭغا كۆنۈپ، ئۆيىگە بېرىپ سۈرگە دورسى ئىچىپتۇ - دە، يەنە ئېشىكىنى ئىزلەشكە مېڭىپتۇ، ئۇ بىر ئەسكى تۆت تامنىڭ يېنىغا كەلگەندە قورسىقى تازا تولغاپ ئاغرىشقا باشلاپتۇ، ئۇ ئالدىراپ - تېنەپ ئەسكى تۆت تامنىڭ ئىچىگە كىرسە، ئېشىكى شۇ يەردە توپلىشىپ قالغان سۇلاردىن پەيدا بولغان كىچىككىنە لاي ئورىكىگە پېتىپ قېلىپ چىقالماي ياتقان ئىكەن...
ئېشەك يۈتتۈرگەن كىشىنىڭ بايۋەچچىگە: >سىلى قىزىقچىلىقنى ھەممىلا ئىشقا ئارىلاشتۇرىدىكەنلا< دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىمۇ ئەنە شۇ ئىكەن.
بايۋەچچە ئۆزىنىڭ ئويلىماي ئېيتقان سۆزىنىڭ ئويلىمىغان نەتىجىگە ئېرىشىپ قالغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ. ئايالىمۇ خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قاپتۇ.
بايۋەچچە شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئېشەك يۈتتۈرگەن كىشىنىڭ قايتا - قايتا تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بېرىپتۇ، بۇ چاغدا يۇرت كاتتىۋاشلىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە تولۇق يىغىلىپ: >ەمچى< گە تۆردىن ئورۇن قالدۇرۇپ، ئۇنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشقان ئىكەن، بايۋەچچە ئۆيگە كىرىشى بىلەن ھەممە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى تۆرگە تەكلىپ قىپتۇ. بايۋەچچە ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن قانداقتۇر بىر سىناش نەزىرىنى سەزگەندەك بولۇپ، بۇ يەرگە كەلگەنلىكىگە قاتتىق ئۆكۈنۈپتۇ ۋە: >تۆرگە چىقىپ سەتچىلىككە قالغاندىن كۆرەك، قېچىپ كېتىشكە ئاسان بولۇش ئۈچۈن، پەگادىلا ئولتۇرمايمەنمۇ< دەپ ئويلاپ:
- رەھمەت، >پاقا سەكرەپ، سەكرەپ ئورىغا چۈشەر< دەپتىكەن، تۆرگە چىققىنىمدىن كۆرە، پەگادا ئولتۇرغىنىم ياخشىدەك قىلىدۇ، دەپ ساپتۇ. شۇئان ھەممە: >ۋاي، تاپتى... تاپتى...< دەپ چۇقان كۆتۈرۈشۈپ >رەمچى< گە قالدۇرۇلغان تۆردىكى كىگىزنى قايرىپ ئاستىدىن يوغان بىر پاقىنى ئېلىپ، تالاغا ئەپچىقىپ تاشلىۋېتىپتۇ. ئەسلىدە ئۇلار شەھەرگە كېلەر - كەلمەي داڭ چىقارغان بۇ >ئەۋلىيا رەمچى< نى سىناپ كۆرمەكچى بولۇپ، ئەتەي شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن. >رەمچى< نىڭ ئۇنى دەرھال >تېپىۋېلىشى< ئۇلارنى ھەقىقەتەنمۇ قايىل قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ >رەمچى< نىڭ شۆھرىتى تېخىمۇ ئېشىپ، ئۇنىڭ داڭقى بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھسىغىمۇ بېرىپ يېتىپتۇ. شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر ئۈزۈكى يوقاپ كەتكەن ئىكەن. بۇ پادىشاھقا نىسبەتەن ئانچە چوڭ يوقىتىش ھېسابلانمىسىمۇ، بىراق پادىشاھ ئوردىدا ئوغرى پەيدا بولۇپ قالدىمىكىن، دەپ ئەنسىرەپ، بۇنى قاتتىق سۈرۈشتە قىپتۇ ۋە >تېپىپ ئالغۇچىلار ياكى ئوغرىلاپ ئالغۇچىلار بولسىمۇ، ئۈچ كۈن ئىچىدە تاپشۇرۇپ بەرسە، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، مۇبادا ئۈچ كۈن ئىچىدە تاپشۇرۇپ بەرمەي، كېيىن سېزىلىپ قالسا، كاللىسى ئېلىنىدۇ< دەپ ئېلان قىپتۇ. بىراق ئۇنى ئېلانى جاۋابسىز قاپتۇ. شۇڭا ئۇ رەمچى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ، خۇش بولۇپ كېتىپ، ئۇ ئارقىلىق ئۈزۈك ئوغرىلىغۇچىنى تېپىپ چىقىپ، باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قاتتىق جازالاشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ - دە، چاپارمەنلىرىگە رەمچىنى دەرھال چاقىرىپ كېلىشكە پەرمان بېرىپتۇ. چاپارمەنلەر >رەمچى< نى دەرھال ئېلىپ كەپتۇ. >ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك - پوك< دېگەندەك بۇ >رەمچى< ئۆزىنى تۇتۇشقا ھەر قانچە تىرىشسىمۇ، پۇت - قولى تىتىرەشكە باشلاپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا قاراپ:
- ئۈزۈك ئوردا ئىچىدە يۈتتى، ئەگەر سەن رەمچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئالدامچى بولمىساڭلا، دەرھال تاپالايسەن، تاپالمىساڭ، بۇ يەردىن تىرىك چىقىپ كېتىمەن دەپ خام خىيال قىلما، قانداق، پال سېلىپ كۆرۈپ باقامسەن، - دەپتۇ.
- بېشىم بىلەن، - دەپتۇ بايۋەچچە ئۆزىنى تەسلىكتە بېسىپ، - بىراق بۇ ئىش خېلى چىگىشتەك قىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا مېنىڭ كىتاب كۆرۈپ توغرا ھۆكۈم چىقىرىشىم ئۈچۈن ئۈچ كۈنلۈك سۈرۈك بېرىشكە بولامدىكىن؟
بايۋەچچە بۇ سۆزنى ئېيتىشتا،قاراپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەندىن كۆرە غىپلا قىلىپ باشقا شەھەرگە قېچىپ كېتىش پۇرسىتىنى يارىتىشنى كۆزدە تۇتقان ئىدى، پادىشاھ خۇددى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىۋالغاندەك:
- بولىدۇ، بىراق ئوردىدىن چىقىپ كەتمەيسەن، مەن سېنى مەخسۇس ئۆي، مەخسۇس تاماق بىلەن تەمىنلەيمەن، ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە كۆرۈشىمىز، - دەپ سۆزىنى تۈگىتىپتۇ، ئەمدى بايۋەچچىگە مەخسۇس ئۆيگە سولىنىۋېلىپ، ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىشتىن باشقا يول قالماپتۇ. بىر كۈن ئۆتۈپتۇ، ئىككى كۈن ئۆتۈپتۇ، ئەمدى تاڭ ئاتسىلا پادىشاھ ئۇنى ئالدىغا چاقىرتىدۇ، ئۇنىڭ رەمچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئالدامچى ئىكەنلىكى سېزىلىدۇ، پادىشاھ ئۇنى كەچۈرمەيدۇ، ياكى كاللىسىنى ئالىدۇ، ياكى دارغا ئاستۇرىدۇ.
بايۋەچچە ئويلىغانسېرى قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈپ، خۇدىنى يوقىتىشقا باشلاپتۇ، ئاخىرى ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىدا سوراققا تارتىلىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندىن كۆرە ئۆزىنى - ئۆزى ئۆلتۈرۈۋېلىش قارارىغا كەپتۇ - دە، قاراڭغۇ چۈشۈپ، ئەل ئايىقى بېسىلىشى بىلەن ئىشىك، تۈڭلۈكنى مەھكەم تاقاپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىگە سىرتماق ساپتۇ، بىراق ئۆزىنى بىراقلا تاشلاشقا جۈرئەت قىلالماي، ئارغامچىنى بوينىغا سېلىپ تۇرۇپ، ئۇنى قولى بىلەن ئاستا چىڭىتىپتۇ - دە، >چىق جان، چىق جان< دەپ ئىلتىجا قىلىشقا باشلاپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئىشىك قېقىلىپ، نالە قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. بايۋەچچە قۇلاق سالغۇدەك بولسا، ئىشىك ئالدىدا بىرسى: >مەن سىلىدىن ئۆتۈنەي، ئۇلۇغ ئەۋلىيا غوجام، بىر نۆۋەت ئەپۇ قىلىۋەتسىلە< دەۋاتقىدەك. بايۋەچچە ھەيران بولۇپ، ئارغامچىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ ئىشىكنى ئاچقان ئىكەن، بىر كىشى ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە بايۋەچچىنىڭ ئايىقىغا ئۆزىنى تاشلاپتۇ.
- سىز كىم بولىسىز؟ - دەپتۇ بايۋەچچە ئۆچكەن ئۈمىت شامىنىڭ قايتا پىلدىرلاپ يېنىشقا باشلىغانلىقىنى سېزىپ يۈرىكى ئوينىغان ھالدا.
- مەن پادىشاھنىڭ ساراي خىزمەتچىسى، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى پادىشاھقا سادىق بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىدىم، يېقىندا قايسى شەيتان ئازدۇردىكىن، سارايدا پادىشاھنىڭ ئۈزۈكىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، يوشۇرۇۋالدىم، كېيىن بېرىۋېتىشنىمۇ ئويلىغان ئىدىم. بىراق پادىشاھ داۋراڭ قىلىپ قالدى، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنى قايتۇرسام، پادىشاھ مېنىڭ سادىقلىقىمدىن گۇمانلىنىدۇ، ھەتتا دارغا بۇيرۇشتىنمۇ يالتايمايدۇ.
ساراي خادىمى شۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ بايۋەچچىنىڭ ئالدىدا يەنە تىزلىنىپتۇ. بايىلا ئۆلۈۋېلىش كويىدا ئەس - ھوشىنى يوقاتقان بايۋەچچە ئۆز تەقدىرىنىڭ شۇنچىلىك تېزلىكتە ئۆزگەرگەنلىكىگە ھەيران بولۇپ، ئاجايىپ سۆيۈنۈپ كېتىپتۇ ھەمدە ساراي خادىمىنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلىماقچى بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تولۇقراق ئۇقماقچى بوپتۇ.
- ئەمدى ئۆزىڭىزنى نېمە ئۈچۈن ئاقلىماقچى بولدىڭىز؟
- مەن سىلىنى ئىككى كۈندىن بۇيان كۆزىتىۋاتىمەن، بىراق سىلىدىن ھېچقانداق شەپە چىقمىدى، مەن كۆڭلۈمدە: >بۇمۇ چاغلىق رەمچى بولسا كېرەك، كىشىلەرنى قاقتى - سوقتى قىلىپ ئۆگىنىپ قالغان< دەپ ئويلىدىم، بىراق كۆڭلۈم زادىلا ئەمىن تاپمىدى، بۈگۈن يەنە كەلدىم، ئاڭلىغىدەك بولسام، مېنىڭ ئىسمىمنى ئۈزلۈكسىز تەكرارلاۋاتىدىلا، يەنىلا تىڭشىسام، يەنە شۇ >شەيخىجان... شەيخىجان...< ئاخىرى پۇت - قولۇمدا جان قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ پاناھلىرىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ كىردىم.
بايۋەچچە ئۆز تەقدىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك تېز ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىپتۇ. ئۇ، ئۇيان ئويلىنىپ، بۇيان ئويلىنىپ، قانداقلا بولمىسۇن ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇشقا سەۋەبچى بولغان بۇ كىشىنىمۇ قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ چارىسىنى ئىزلەشكە كىرىشىپتۇ. ئاخىرى چارىمۇ تېپىلىپتۇ. ساراي خادىمى بۇ چارىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىدىن كۆڭلى تىنىپ، ئۆزىگە تېگىشلىك ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا خۇشال - خورام چىقىپ كېتىپتۇ. بايۋەچچىمۇ ھەققى بايۋەچچىلەرگە خاس خاتىرجەملىك بىلەن ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.
تاڭ ئېتىپتۇ، بايۋەچچە تېزلىك بىلەن كېيىنىپ، ئەتىگەنلىك تاماقنى ئىشتىھا بىلەن يەپ، كىگىز كىتابىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ، مەغرۇر قەدەم تاشلاپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ.
- قۇدرەتلىك شاھىم، - دەپتۇ ئۇ سالام بېجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، - پېقىرلىرى تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ ئالدىلىرىغا كەلدى.
- ناھايىتى ياخشى، - دەپتۇ شاھ ئۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن نەزەر تاشلاپ، - قېنى بايان قىلىڭ.
- كىتابنىڭ ئىزھار قىلىشىچە ئۈزۈك ئوغرىلانمىغان، ياكى يۈتمىگەن.
- ھە، بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ - دەپتۇ شاھ قاشلىرىنى يىمىرىپ.
- ئۇنى غازلىرىڭىزدىن بىرى دانغا ئارىلاشتۇرۇپ يەۋالغان.
- مەيلى، شۇنداقمۇ دەيلى، - دەپتۇ پادىشاھ ئىشەنگۈسى كەلمەي، - سىز شۇ غازنى تاپالامسىز؟
- ئەلۋەتتە تاپقىلى بولىدۇ، - دەپتۇ >رەمچى< ئۆزىنى خاتىرجەم تۇتۇپ، - بۇنىڭ ئۈچۈن غازلارنى بىر - بىرلەپ كۆزدىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
- بولىدۇ، - دەپتۇ شاھ يەنىلا ئىشەنمىگەن قىياپەتتە خۇددى تەنە قىلغاندەك، - قېنى غازلار رەمچىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن.
غازلار كەلتۈرۈلۈپتۇ، >رەمچى< بىر كىتابقا، بىر غازنىڭ كۆزى ۋە قانات - قۇيرۇقلىرىغا قاراپ، ئالدىدىن بىر - بىرلەپ ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ. غازلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆتۈپ بوپتۇ، ئۈزۈكنى >يەۋالغان< غاز تېخىچە كۆرۈنمەپتۇ. پادىشاھنىڭ تاقىتى تاق بولۇشقا باشلاپتۇ. بايۋەچچىمۇ جىددىيلىشىپ قاپتۇ: >ئەگەر بۇ ئىش بېجىرىلمىگەن بولسا...< بايۋەچچىنىڭ دەر گۇمان بولغان كۆزلىرى كىشىلەر ئارىسىدىكى ساراي خادىمىغا تىكىلىپتۇ، ساراي خادىمى ناھايىتى خاتىرجەم كۆرۈنۈپتۇ، دېمەك ئىش بېجىرىلگەن. بايۋەچچە يەنە بىر قانچە غازنى ئالدىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئۈزۈك >يەۋالغان< غاز كۆرۈنمەپتۇ. شۇقداق قىلىپ ئۇ ئۆتكۈزە - ئۆتكۈزە ئەڭ ئاخىرقى غازغا كەلگەندە ئۇنىڭ نۇرسىزلىنىپ كەتكەن كۆزىگە قاراپلا ئۇنىڭ ئۈزۈك >يەۋالغان< غازنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىۋاپتۇ. دەر ھەقىقەت ساراي خادىمى بىلەن كېلىشكىنى بويىچە ئۇنىڭ قانىتىدىن بىر پەي پەلگە ئۈچۈن سۇندۇرۇلغان. بايۋەچچە ئۇنى پادىشاھقا شەرەت قىلىپ:
- بىز ئىزلىگەن غاز مانا مۇشۇ، - دەپتۇ. پادىشاھ غازنى سويۇشقا بۇيرۇپتۇ، غاز سويۇلۇپتۇ، ئۈزۈك ئۇنىڭ يەملىكىدىن چىقىپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھنىڭ چىرايى نۇرلىنىپ، >رەمچى< نىڭ ئەۋلىيالىقىغا ناھايىتى قايىل بوپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي، ئۇنى ئۆزىگە مەسلىھەتچى قىلىپ ئوردىدا ئېلىپ قاپتۇ.
بەتخەجلىكى تۈپەيلىدىن مال - دۇنياسىدىن ئايرىلىپ بىر پارچە نانغىمۇ زار بولۇپ قالغان بايۋەچچە ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ، بىراق غەم - ئەندىشىدىن خالى بولالماپتۇ، ئۇ، قاچاندۇ بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ساختا قىياپىتىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرۈيدىكەن. ھەتتا چۈشىدىمۇ مۈڭدەرەپ تۇرۇپ كېتىدىغان ھالەتكە كېلىپ قاپتۇ. ئەنە شۇ كۈنلەردە پادىشاھ ئۇنى تۇيۇقسىز ئالدىغا چاقىرىپتۇ. ئەسلىدە بۇرۇندىن تارتىپ، بۇ پادىشاھلىقنى بوزەك قىلىپ كېلىۋاتقان قوشنا پادىشاھلىق يەنىلا بوزەك قىلىش يۈزسىدىن بۇ پادىشاھلىققا لەشكەر تارتىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. بۇنىڭدىن قاتتىق ھودۇققان پادىشاھ >قارشى تۇرۇش كېرەكمۇ، ياكى تىز پۈكۈپ، ئۇلارنىڭ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ كېتىشىگە يول قويۇش كېرەكمۇ؟< دېگەن مەسىلە ئۈستىدە >رەمچى< دىن مەسلىھەت سورىماقچى ئىكەن، >رەمچى< ئەھۋالنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ بەرىبىر بىر كۈنى ئاشكارىلىنىپ رەسۋا بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ: >ئىككى تەرەپنى ئۇرۇشقا سېلىپ قويۇپ، پاتىپاراقچىلىقتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەتمەيمۇ< دېگەن خىيالدا، كىگىز كىتابىنى ۋاراقلاپ تۇرۇپ پادىشاھقا:
كىتابنىڭ ھۆكۈم قىلىشىچە، غەلبە بىز تەرەپتە تۇرۇپتۇ، ئەلۋەتتە قارشى جەڭ قىلىشىمىز كېرەك، - دەپتۇ.
- ئەمىسە جەڭگە سىز قوماندانلىق قىلىڭ، - دەپتۇ پادىشاھ >رەمچى< نىڭ سۆزىگە ماقۇل بولۇپ، - بىز ئارقا سەپتە تۇرۇ، سىزگە ياردەملىشىمىز.
بايۋەچچە پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىنى رەت قىلالماپتۇ. ئۇ دەرھال لەشكەر باشلىقلىرىنى يىغىپ، باستۇرۇپ كېلىۋاتقان دۈشمەنگە قارشى قايتۇرما جەڭ قىلغۇچى قوشۇننى تەقمۇ - تەق قىلىپ قويۇپ، ئالدىراپ ئۆيىگە كەپتۇ، ئەسلىدە ئۇ ئۆيدىن تالاغا چىقماي ئۆز ئۆمرىنى ئەيشى - ئىشرەت بىلەنلا ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئات مىنىشنىمۇ بىلمەيدىكەن، شۇڭا ئۇ ئايالىغا بىر قازان يار يىلىم قايناتقۇزۇپ، ئۇنى ئۆزىگە توقۇلغان ئاتنىڭ ئېگىرىگە راسا سۈركەپتۇ - دە، ئۈستىگە چىقىپ مىنىۋاپتۇ، يار يىلىم دەرھاللا قېتىپ، ئۇنى ئىگەر بىلەن مەھكەم بىرلەشتۈرۈۋاپتۇ. ئۇ قوشۇننىڭ ئالدىغا كېلىپ يۈرۈش باشلاشقا بۇيرۇق بېرىپتۇ. شۇئان ناغرا - كانايلار چېلىنىپ، نەچچە مىڭلىغان ئاتلار شىددەت بىلەن ئالغا ئاتلىنىپتۇ، بايۋەچچە مىنگەن ئات جەڭ ۋە بەيگە كۆرگەن، ئەڭ يۈگۈرۈڭ ئاتلاردىن بولغاچقا، باشقا ئاتلاردىن يول تالىشىپ، ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپتۇ - دە، كېلىۋاتقان دۈشمەن توپىغا قاراپ ئوقتەك ئېتىلىپتۇ. قورققىنىدىن ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن بايۋەچچە كەينىگە ياناي دېسە ئاتنىڭ تىزگىنىنى باشقۇرالماپتۇ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاي دېسە، ئىگەردىن ئاجرىيالماپتۇ. ئات بولسا، دۈشمەنگە قارشى چېپىۋېرىپتۇ. ئۆز قوماندانىنىڭ بۇ >قەھرىمان< لىقى قوشۇننى تېخىمۇ روھلاندۇرۇۋېتىپتۇ. ھەممە قوماندانغا ئەگىشىپ، قىقاس - چۇقان بىلەن ئالغا ئىلگىرلەۋېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بايۋەچچىنىڭ ئېتى دۈشمەن قوشۇنى بىلەن ئۇچرىشىشقا ئازلا قاپتۇ. ئۇ كۆز يۇمۇپ - ئاچقىچە يۈز بېرىدىغان قاتتىق توقۇنۇشتىن خۇدىنى يوقىتىپ كېتىۋاتقىنىدا، ئېتى بىر ياندا ئېگىلىپ ئۆسكەن بىر توغراقنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ. بايۋەچچە ئاتتىن ئاجرىۋېلىش ئۈچۈن تېزلىك بىلەن توغراقنى قۇچاقلاپتۇ، كىم بىلسۇن تېگى پورلىشىپ قالغان قاخشال بولۇپ قالغان بۇ توغراق شۇئان قاراسلاپ سۇنۇپ ئىگەرنىڭ ئالدىغا چۈشۈپتۇ، ئات بولسا، يۇلقۇنۇپ توغراقنى سۆرىگەن پېتى دۈشمەن لەشكەرلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ - دە، نەچچە ئونلىغان دۈشمەن لەشكەرلىرى توغراق پۇتاقلىرىغا ئۇرۇلۇپ ھالاك بوپتۇ، قالغانلىرى يوغان بىر تۈپ توغراقنى يۇلۇۋېلىپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن >باتۇر< غا دۇچكېلىشتىن قورقۇپ ئارقىسىغا يېنىپ قېچىپتۇ. بايۋەچچىنىڭ لەشكەرلىرى قاچقانلارنى قوغلاپ يۈرۈپ قىرىشقا باشلاپتۇ. شۇ ئەسنادا بايۋەچچىنىڭ ئېتى چوڭ بىر سۇغا دۇچ كېلىپ، ئېقىننى يېرىپ ئۈزۈپ ئۆتۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىگەرگە يېپىشتۇرۇلغان يار يىلىممۇ ئېرىپ، بايۋەچچىمۇ ئىگەردىن ئاجراپتۇ. ئۇ ئاتتىن چۈشۈپ كىيىملىرىنى يۇيۇپ قۇرۇتۇپتۇ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىرمۇ ئادەم چىقىم قىلماي دۈشمەن ئۈستىدىن تولۇق غەلىبە قىلغان قوشۇنى يېتىپ كېلىپ، ئۇنى چۆرىدىكەن ھالدا خۇشال - خورام شەھەرگە قايتىپتۇ. بۇنىڭدىن ىۇشاللانغان پادىشاھ بايۋەچچىگە ئۆز تەختىنىڭ يېنىدىن ئورۇن بېرىپ، ئۇنىڭ شەرىپىگە تۆت كېچە - كۈندۈز زىياپەت ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ ۋە ئۇنى >ئەۋلىيا رەمچى، چاقماق سەركەردە< دەپ ئاتاپتۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئاشۇ نامى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىنى بەكمۇ زىل - زىلىگە سېلىۋەتكەچكە، ئۇنىڭ قايتا كىتابنى قولغا ئېلىشقا ياكى جەڭ ئېتىغا مىنىپ سەركەردىلىك قىلىشىغا تېگىشلىك ھېچقانداق ۋەقە چىقمىغانمىش، شۇڭا ئۇ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئوردا ئىچىدە خۇشال - خورام ئۆتكۈزگەنمىش.