UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقباپكاخۇن

باپكاخۇن

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن، باپكاخۇن دېگەن بىر ئىشلەمچان ئادەم ئۆتكەن ئىكەن. بۇ ئادەمنىڭ قىلمىغان ئىشى، ئىشلىمىگەن يېرى قالماپتۇ. شۇنداق ئىشلىسىمۇ زادىلا چاپىنى تىزىدىن ئاشماپتۇ. نەچچەن -نەچچەن بايلار «قىزىمنى بېرىمەن » دەپ يىللاپ يىللاپ ئىشلىتىپ، ۋاقتى كەلگەندە قىزىنى بېرىش بۇياقتا تۇرسۇن، ساددا كەمبەغەلنى قەرزگە بوغۇپ، يەنە قىينايدىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى بۇ ئادەم ئەقىل ئىشلىتىپ، باينىڭ قىزىنى ئېلىش كويىغا چۈشۈپتۇ. شۇ كۈنلەردە قاپاقباينىڭ بالا يۈزى كۆرمەي، تۇل قالغىنىغا ئون يىل بولغان بىر قىزى بار ئىكەن. قاپاقباي دىنىي ئادەم بولغانلىقتىن، قىزى تولىمۇ ئىتائەتچان ئىكەن. بۇ قىزنىڭ ئېرى ئۆلەر ئالدىدا «مەن ئۆلگەندىن كېيىن، ئەرگە تەگمەيسەن ، ئەگەر سەن قاچان ئەرگە تېگىش تەرەددۇتىنى قىلغاندا، مەن گۆردە ئۆرە ئولتۇرىمەن» دەپتىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن قاپاقباينىڭ قىزى ئېرىنىڭ گۆرىدە ئۆرە ئولتۇرىدىغىنىدىن قورقۇپ، يىراق - يېقىندىن كەلگەن ئەلچىلەرگە زادى ئەرگە تەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى باپكاخۇن قاپاقباينىڭ قىزىنى ئېلىش ئۈچۈن ئادەم كىرگۈزۈپتۇ. قىز ھېلىقى گەپنى قىلىپ، كىرگەن ئەلچىنى چىقىرىۋېتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان باپكاخۇن بىر كۈنى ئۆزى ئايالچە ياسىنىپ، ئەلچى بولۇپ قىزنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ باپكاخۇنغا ئەلچى بولۇپ كىرگەنلىكىدىن ئۆزىرىخالىق ئېيتىپتۇ؛ قىز يەنە ئۆز گېپىدە تۇرۇۋاپتۇ. شۇ چاغدا «ئەلچى»: - قىزىم، سىز ئېرىڭىزدىن تۇل قالغىنىڭىزغا ئون يىل بوپتۇ، بۇمۇ ئاسان گەپ ئەمەس، ناۋادا ئېرىڭىز «سەن ئەرگە تېگىش رازىلىغىنى بىلدۈرگەندە، مەن گۆردە ئورە ئولتۇرىمەن» دېگەن بولسا، سوراپ كۆرەيلى، بەلكىم رازىلىق بېرىپ قالار، - دەپتۇ. - ۋىييەي، نېمە دەۋاتىلا، ئۆلگەن ئادەم قانداق جاۋاب بېرىدۇ، - دەپتۇ. قىز. - ئېرىڭىز سىز ئەرگە تېگىشكە رازىلىق بىلدۈرگەندە، ئەجەپ، گورىدە ئولتۇرىدىكەنغۇ، شۇڭا سىز ئاۋال باپكاخۇنغا رازىلىق بىلدۈڭ، بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئېرىڭىز گۆرىدە ئۆرە ئولتۇرىدۇ، شۇ چاغدا بىز بېرىپ، يىقىلىپ چۈشكىچە سورىۋالىمىز، - دەپتۇ. «ئەلچى». - باچكاخۇن قانداق ئادەم؟ - دەپ سوراپتۇ قىز. - قىزىم، ئۇنى سورىماڭ، ئۇ تېخى ئۆيلەنمىگەن بالا، سىزگە ئاشىق بولغىنىغا ئون يىل بوپتۇ. ئۆزى بولسا، ئوبدان ئادەمنىڭ بالا - چاقىسى، ئەگەر سىز ئۇنىڭغا تېگىۋالسىڭىز، بەختىڭىزنىڭ ئېچىلغىنى! - دەپتۇ. - ئۇنداق بولسا، شۇنداق قىلايلى، مەن ھازىر گۆرگە بېرىپ سوراي، - دەپتۇ. قىز. - ھازىر كەچ بولۇپ قالدى، ئەتە ئەتىگەندە بېرىڭ، - دەپتۇ «ئەلچى» . شۇ يەردىن چىققان باچكاخۇن توپ - توغرا گۆرىستانلىققا بېرىپتۇ. قىزنىڭ ئېرىنىڭ گۆرىنىڭ يېنىنى كولاپ كىرىپ يېتىپتۇ. تاڭ سۈزۈلۈپتۇ. بىر چاغدا ھېلىقى قاپاقباينىڭ قىزى يېتىپ كەپتۇ؛ ئالمان - تالمان ئايەت ئوقۇپ، دۇئا قىلىپ بولۇپ: - ئەسسالام، ئېرىم روزىباي! ... - دەپ ۋارقىراپتۇ. - ۋائەلەيكۈم ئەسسالام، بۇياققا كېپقاپسىزغۇ؟ ئەگەر تېگىشىگە رازىلىق سوراپ كەلدىڭىزمۇ؟ - دەپتۇ گۆرگە كىرىۋالغان باپكاخۇن. - ۋاي، شۇنداق بولۇپ قېلىۋېدى، سىلىدىن رازىلىق ئالاي دەپ كەلدىم. - كىمگە تېگشكە رازى بولدىڭىز؟ - باپكاخۇنغا تېگەيمىكىن دىۋىدىم.. شۇ ۋاقىتتا باپكاخۇن: - ۋاي خوتۇن، راستىنى ئېيتسام، سېنى مەن بىگۇناھ قىيناپتىمەن. ساڭا «گۆرۈمدە ئۆرە ئولتۇرىمەن» دەپ قويغانلىقىم ئۈچۈن مەن ئون يىل دوزاقتا كويدۇم؛ بۇرۇنراق نېمىشقا كەلمىدىڭ، سەن قاچان ئەرگە تەگسەڭ مەن شۇ كۈندىن باشلاپ جەننەتكە كىرىمەن. بىكارغا ئەرگە تەككەن خۇتۇن بۇ دۇنيادا جەننەتكە كىرىدىكەن، بۇ دۇنيانى ئويلىساڭ باپكاخۇنغا بىكارغا تەگ - دەپتۇ. - ۋاي ماقۇل، بولىدۇ، بىكارغا تېگىمەن، بۈگۈندىن قالماي تېگىمەن! - دەپ ۋەدە بېرىپ كېتىپتۇ. خۇتۇن. باپكاخۇن بولسا، گۆردىن چىقىپ، باش - كۆزىنى قېقىشتۇرۇپ،ئۆيىگە قاراپ تىكىۋېتىپتۇ. ئارىدىن بىر كۈنمۇ ئوتمەي، باپكاخۇن قاپاقباينىڭ قىزىغا پۇل خەجلىمەي ئۆيلىنىۋاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق