بەختىيارنىڭ بەختى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
قەدىمكى زاماندا، يىراق ماكاندا چاۋار ئىسىملىك بىر يوقسۇل ياشىغانىكەن. بايلارنىڭ ئىشىكىدە يازنى قىشقا، كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ ئىشلىسىمۇ، قورسىقى تويغۇچە ئاش - نانغا، بەدىنى يېپىلغۇدەك كىيىم - كېچەككە ئىگە بولالماي ئۆتۈپتۇ. يىللارنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ خوتۇنى بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. چاۋار ئۆز ھالىغا يارىشا مەرىكە قىلىپ، ئوغلىنىڭ ئات تويىنى ئۆتكۈزۈپتۇ.
- ئۆمرۈمنىڭ غۇلىچى كېتىپ، غېرىچى قالدى. شۇ چاققىچە تۇرمۇشۇم غۇربەتچىلىكتە ئۆتتى. ئوغلۇمنىڭ پېشانىسى ئوڭدىن كېلىپ، بەختى ئېچىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. شۇڭا بالامنىڭ ئېتىنى >بەختىيار< قويساق، - دەپتۇ ئۇ جامائەتكە قاراپ. بۇ ئىسىم جامائەتكىمۇ بەكمۇ ياراپتۇ. ھەممەيلەن بىردەك:>ئاسماندىن چۈشكەن ئاتلىرى بەختىيار بولسۇن، بەختىيار ئاتلىرىغا مۇبارەك بولسۇن، بەخت - سائادەت يار بولسۇن< دېيىشىپ ئۈمىد بىلەن قويۇلغان بۇ مەنىلىك ئىسىمنى مۇبارەكلىشىپتۇ. چاۋار بەختىيارنى ھوشيار، خۇش خۇي، شېرىن سۆز، ئەدەبلىك چوڭ قپتۇ. يەتتە ياشقا كىرگەندە، ئۆز يۇرتىدىن ئىككى كۈنلۈك يىراقلىقتىكى بىر مەدرىسكە ئېلىپ بېرىپ، نەچچە يۈزلىگەن تالىپ تەربىيلەپ، پۈتۈن ئەلدە شۆھرەت قازانغان ئىگەمبەردى موللامنىڭ تەربىيىسىگە تاپشۇرۇپتۇ. ئىگەمبەردى موللام بۇ بالىنىڭ ئىسمىنى سوراپ، گەپ - سۆزلىرىنىڭ جايىدىلىقىغا، قەددى - قامىتىنىڭ كېلىشكەنلىكىگە قاراپ >تەربىيەت قىلسا ياراملىق بولىدىكەن< دېگەننى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ، ساۋاق بېرىپتۇ. بەختىيار زېھنىنى دەرسكىلا بېرىپ، بىر كۈنلۈك ساۋاقنى يېرىم كۈندە يادلاپ بولۇپ، يەنە ساۋاق ئالىدىكەن. شۇنداق تىرىشچانلىق قىلىپ، باشقا بالىلار بىر يىل ئوقۇغاننى يېرىم يىلدا، تۆت ىل ئوقۇغاننى ئىككى يىلدا ئوقۇپ بوپتۇ.قۇرئاننى تامالىغاندىن كېيىن، بىر مۇنچە كىتابلارنىمۇ ئوقۇپ تۈگىتىپتۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھۆسنىخەت يېزىشنى مەشق قىپتۇ. شۇ كۈنلەرە شاھ ئوردىسىغا بىر مىرزا لازىم بولۇپ قالغانىكەن. پادىشاھنىڭ مۇلازىملىرى تەرەپ - تەرەپتىن ئادەم ئېلىپ كېلىشىپتۇ. ئەمما ھېچقايسىسى پادىشاھقا ئەرزىمەپتۇ. ئاخىرى پادىشاھ مەدرىسىگە كېلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالىدىدا تۇرغان تالىپلارنىڭ ھەممىسىگە خەت يېزىپ تاپشۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ. بەختىيار بارلىق زېھمىي كۈچىنى خەتتاتچىلىقنىڭ ئەڭ كۆركەم نۇسىخىلىرىنىڭ بىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قەلەم تۇتقان ئىتائەتچان قولىنى قەغەز ئۈستىدە دۇلدۇلدەك چاپتۇرۇپ:>ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنىنى يە، كېچە - كۈندۈز غېمىنى يە< دېگەن تەمسىلنى يېزىپتۇ. پادىشاھ تالىپلارنىڭ يازغان خەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىر - بىرلەپ كۆرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا كۆزىنى بەختىيارنىڭ ھۆسنىخېتىگە تىكىپتۇ.
- مەن، - دەپتۇ پادىشاھ، - بۇ خەتنىڭ كۆركەم ھەم چىرايلىقلىقىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماستىن، مەزمۇندىنمۇ چوڭقۇر تەربىيە ئېلىۋاتىمەن. ئوردىغا مۇشۇ خەتنى يازغان بەختىيار ئىسىملىك بالا يارايدىكەن.
پادىشاھ بەختىيارنى ۋە ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ئوردىغا ئېلىپ كېلىپ، بەختىيارنى ئوردىنىڭ باش مىرزىلىقىغا قويۇپتۇ. بەختىيار ئىش ۋاقىتلىرىدا پادىشاھنىڭ ئەمرى - پەرمانلىرىنى يازىدىكەن، بەگلەردىن كەلگەن مەكتۇپلارنى، پۇقرالاردىن كەلگەن خەت - چەكلەرنى پادىشاھقا يوللاپ تۇرىدىكەن. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ھېكمەتلىك سۆزلەرنى تاللاپ ئوردا تاملىرىغا يازىدىكەن. ھۆسىنىخەت بىلەن يېزىلغان بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەر ئوردا ئىچىگە زىننەت پەيدا قىلىپلا قالماستىن، ئوردا ئەھلىلىرىگە ئەقىل - پاراسەتمۇ بېغىشلاپتۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بەختىيارنىڭ خىزمىتى پادىشاھنى قايىل قىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ يالغۇز قىزى ئايجامالنىڭ بۇ بەختىيارغا مايىل بولۇپ قالغانلىقىنى سېزىپ قاپتۇ. پادىشاھ بۇ ياراملىق يىگىتنى قولدىن چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن مەملىكىتىدىكى نەغمىچىلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، نەغمە - ناۋانى قىرىق كېچە - كۈندۈز قىزىتىپ توي قىلىپ، ئايجامال بىلەن بەختىيارنى بىر - بىرىگە چېتىپتۇ. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە پادىشاھ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىپتۇ. بۇ مەملىكەتنىڭ نىزامىدا:>پادىشاھ ئۆلسە ئورنىغا ئوغلى پادىشاھ بولىدۇ، ئوغلى بولمىسا قىزى ۋارىسلىق قىلسىمۇ بولىدۇ< دەپ بەلگىلەنگەنىكەن. پادىشاھنىڭ ئوغلى بولمىغاچقا، پادىشاھلىق تەختىگە ئايجامالنىڭ ئولتۇرۇشى كېرەك ئىكڭەن. بىر كۈنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇرغۇنلىغان پۇقرالار ئايجامالنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىگىلى كېلىشىپتۇ.
- خالايىق، - دەپ سۆز باشلاپتۇ ئايجامال، - قائىدە بويىچە مەن پادىشاھ بولغان بولسام بولاتتى. بىزدە >ئالىم بولساڭ ئالەم سېنىڭكى< دېگەن تەمسىل بار. مېنىڭ ئېرىم گەرچە ئالىملىق دەرىجىسىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، ئىلىم - بىلىمدىن خەۋىرى بار ئادەم. پادىشاھلىق تەختىگە ئېرىم ئولتۇرسا ئەل - يۇرت تېخىمۇ ئاۋات، پۇقرالار كۈندىن - كۈنگە پاراۋان بولارمىكىن دەيمەن.
ئايجامالنىڭ بۇ تەڭلىپى پۇقرالارغا بەكمۇ يېقىپتۇ. پۇقرالار ناغرا - كارناي چېلىپ بەختىيارنىڭ پادىشاھ بولغانلىقىنى مۇبارەكلىشىپتۇ. ئايجامال بەختىيارغا ئۆز قولى بىلەن دادىسىنىڭ پادىشاھلىق تاجىسىنى كىيگۈزۈپ، تەختتە ئولتۇرغۇزۇپتۇ. بەختىيار پادىشاھ بولغاندىن كېيىن دۆلەت ئىشلىرىنى تەمكىن، ئېھتىياتچان باشقۇرۇپتۇ. كۈندىلىك ئىشلارنى ئوردا ئەمەلدارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىپتۇ. پات - پات يېزا - سەھرالارغا چىقىپ، يەر تېرىغان، چارۋا باققانلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئەمرى - پەرمانلىرىنى پۇقرالارنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىغا لايىقلاشتۇرۇپ مېڭىپتۇ. بەختىيار پادىشاھ >ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنىنى يە، كېچە - كۈندۈز غېمىنى يە< دېگەن تەمسىلنى يادىدىن چىقارماي، ئېرىق - ئۆستەڭ چېپىپ، چۆل - جەزىرىلەرگە سۇ باشلاپتۇ. بىنام ئېچىپ قاقاسلىقنى ئىكىنزارلىققا ئايلاندۇرۇپ، دەل - دەرەخ تىكتۈرۈپ، زىرائەت تېرىپتۇ. ھۈنەر - كەسىپنى يولغا قويۇپ، پۇقرالارنى پۇل - پىچەككە ئىگە قىپتۇ. مەدرىسلەرنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن ئەلگە مەرىپەت ئۇرۇقىنى چېچىپتۇ. شۇڭا، پۇقرالار بەختىيار پادىشاھتىن رازى، بەختىيار پادىشاھ پۇقرالاردىن خاتىرجەم ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەختىيار پادىشاھ ئۆز ئادىتى بويىچە پۇقراچە كىيىنىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى بىر مەھەللىگە بېرىپتۇ. كېتىۋاتسا يول بويىدىكى بىر تۈپ سېرىق سۆگەتنىڭ سايىسىدا ئۈچ ئادەم مۇڭدىشىپ ئولتۇرغۇدەك، بەختىيار پادىشاھ ئۇلارنىڭ گېچىگە قۇلاق ساپتۇ:
- بىز، - دەپتۇ يېشى چوڭراق بىرى، ئۈلپەت بولۇشقىلى خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالدى. تا ھازىرغىچە قايسىمىزنىڭ نېمە ئىشلارنى ئويلاۋاتقانلىقىزنى بىلمەي يۈرۈۋاتىمىز. سىردىشىپ بىلۋالساقچۇ؟
- شۇنداق قىلايلى، - دەپتۇ ياندا ئولتۇرغان ئىككى ئادەم.
- مېنىڭ پادىشاھنىڭ ئارغىماق ئېتىغا مىنىپ قىلىچۋازلىق قىلىشنى ئۆگەنگىم بار، - دەپتۇ بىرىنچىسى.
- مېنىڭ پادىشاھنىڭ خوتۇنىغا ئاشنا بولغۇم بار، - دەپتۇ ئىككىنچىسى.
- مېنىڭ پادىشاھنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولغۇم بار، - دەپتۇ سىردىشىش تەكلىپىنى قويغىنى.
پادىشاھ بۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال ئوردىغا قايتىپ كېلىپ، ھېلىقى ئۈچ ئادەمنى چاقىرتىپ كەپتۇ. ئۇلار ئوردىغا كەلگۈچە راسا قورقۇپ>زىندانغا تاشلىنىدىغان بولدۇق< دېيىشكەنىكەن. ئۇنداق بولماپتۇ، پادىشاھ ئۇلارنى ئوچۇق چىراي قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دەپتۇ:
- مەن سىلەرنىڭ گەپ - سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىدىم. ئارزۇ - ئارمانلىرىڭلارغا تېگىشلىك جاۋاب بەرمىسەم، پۇقرالار ئالدىدا ئۈستۈمگە ئالغان مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلمىغان بولىمەن.
بەختىيار پادىشاھ ئاتخانىسىدىن جابدۇقلانغان ئارغىماقتىن بىرنى ئەپچىقتۇرۇپ، بىرىنچى كىشىنى مىندۈرۈپتۇ، ئىسكىلاتىدىن قىلىچ ئەپچىقتۇرۇپ تۇتقۇزۇپ:
- ئات ئۈستىدە قلىۋازلىق قىلىشنى ئوبدان ئۆگەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، لازىم بولۇپ قالارسەن، - دەپ يولغا ساپتۇ. ئاندىن كېيىن ئىككىنچى ئادەمنى ئىش بېجىرىش ئۆيلىرىنىڭ بىرسىگە باشلاپ كىرىپ، بىر لېگەن تۇخۇمنى ئالدىغا قويۇپ باھالىتىپتۇ. بۇ ئادەم >تۇخۇملارنىڭ ھەممىسى ئاق ئىكەن، چوڭ - كىچىكلىكى بىر - بىرىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىكەن< دەپتۇ. بەختىيار پادىشاھ بۇ بىر لېگەن تۇخۇمنى رەڭدار قىلىپ پىشۇرتقۇزۇپ، بۇ ئادەمنىڭ ئالدىغا يەنە بىر قېتىم قويۇپتۇ. بۇ تۇخۇملارنىڭ بىر قانچىسى قىزىل، بىر قانچىسى سېرىق، بىر قانچىسى سۆسۈن، بىر قانچىسى ھاۋارەڭ ئىكەن.
- تۇخۇملارنىڭ تېشىغا قارىماي ئىچىگە قاراڭ، تىشى رەڭگارەڭ بولغان بىلەن ئىچى ئوخشاش، - دەپتۇ بەختىيار پادىشاھ رەڭدار تۇخۇملارنى سويۇپ لېگەنگە تىزىۋېتىپ.
- شۇنداق ئىكەنلىكىنى مەنمۇ بىلەتتىم، - دەپتۇ بۇ ئادەم.
- بىلگەن بولسىڭىز، ئۆيىڭىزدە خوتۇنىڭىز تۇرۇقلۇق مېنىڭ خوتۇنۇمغا ھەۋەس قىلمىغان بولاتتىڭىز، - دەپتۇ. بەختىيار پادىشاھ. بۇ ئادەم خىجىللىقتىن ئۆزىنى يوشۇرۇشقا ئامال تاپالماي قاپتۇ. بەختىيار پادىشاھ بۇ ئادەمگە بولمىغۇر خام - خىياللاردا بولماسلىق توغرىسىدا نەسىھەتلەر قىلىپ قايتۇرۇپتۇ. ئاخىرىدا ھېلىقى پادىشاھ بولۇش ئارزۇسىدا يۈرگەن ئادەمنى مېھمانخانىسىغا باشلاپ كىرىپتۇ. تېگى ۋە تاملىرى زىلچا - گىلەملەر بىلەن بېزەلگەن مېھمانخانىسىنىڭ تورۇسىغا چوڭلۇقى شۇ ئۆينىڭ يېرىمىغا تەڭ كەلگۈدەك بىر تۈگمەن تېشى ئېسىپ قويۇلغانىكەن. بەختىيار پادىشاھ بۇ ئادەمنىڭ قولىنى يۇغۇزۇپ ئالدىغا پاقلان گۆشى بېسىلغان بىر لېگەن پولۇنى قويۇپ، يېيىشكە تەكلىپ قىپتۇ. بۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىپ ئاشقا تەككۈزمەيلا ئۆزىنى قاچۇرۇپتۇ. بۇ ھال بىر قانچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن، بەختىيار پادىشاھ سوراپتۇ:
- نېمە ئۈچۈن ئاشقا قولىڭىزنى تەككۈزمەي ئۆزىڭىزنى قاچۇرىسىز؟
- قورسىقىمنىڭ ئاچلىقىدىن يېگۈم كەلدى. ساڭگىلاپ تۇرغان تۈگمەن تېشىنىڭ ئۈستۈمگە چۈشۈپ كېتىپ، جېنىمنى تېنىمدىن جۇدا قىلىۋېتىشىدىن قورقۇپ ئاشقا قول تەككۈزەلمەي ئۆزۈمنى قاچۇردۇم، - دەپتۇ ھېلىقى ئادەم.
- مەن سىزگە ئېيتايكى، - دەپتۇ بەختىيار پادىشاھ، - مەملىكەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، پۇقرالار يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكلىرىنى مول قىلىش، تۇرار جاينى ياخشىلاش، ئىلىم - بىلىم ئېلىشنى تەمىن ئېتىش پادىشاھلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. بۇ مەسئۇلىيەت خۇددى مۇشۇ ئېسىپ قويۇلغان تۈگمەن تېشىغا ئوخشاش ئۈستىمىزدىلا ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. بىرىنچىدىن، تۈگمەن تېشىنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكىگە ئامال قىلالايدىغان، ئىككىنچىدىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاش چۈشۈپ كېتىپ، بېشى ئېزىلىپ، جېنى تېنىدىن جۇدا بولىدىغانلقىنى يادىدىن چىقارمايدىغان ھەم بۇنىڭدىن ئانچە قورقۇپ كەتمەيدىغان ئادەملا پادىشاھلىق قىلالايدۇ. ئەكسىچە بولسا، پادىشاھنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىر مەسئۇلىيەتنىڭ مىسالى بولغان تۈگمەن تېشىدىن قورقۇپ بىر كاپام ئاشمۇ يېيەلمىدىڭىز، سىزنى تۇرۇستا ئېسىقلىق تۇرغان تۈگمەن تېشىنىڭ تېگىدە پولۇ يېيىشكە تەكىلىپ قىلىش - سىزدىن ئېلىنغان بىر قېتىملىق ئىمتىھان ئىدى. ئۈستىڭىزدە ساڭگىلاپ تۇرغان تۈگمەن تېشىدىن قورقماي ئاشنى تۈگىتىپ يېۋەتكەن بولسىڭىز، ئىمتىھاندىن ئۆتەلىگەن بولاتتىڭىز. ئۇ چاغدا مەن پادىشاھلىقنى سىزگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولاتتىم. ئاشنى بىر كاپاممۇ يېيەلمەي ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىڭىز، ئەمدى مەندىن خاپا بولماي، ئۆز تىرىكچىلىكىڭىزنى قىلىڭ.
بەختىيار پادىشاھ مانا مۇشۇنداق ئادالەتلىك يول تۇتۇپ، ئۇزۇن يىل پادىشاھلىق قىپتۇ. چاۋار بوۋاي ئۈمىد قىلغان بەخت - سائادەت بوۋاينىڭ ئوغلى بەختىيارغىلا يار بولماستىن، چاۋار بوۋايغا ئوخشاش مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان يوقسۇللارغىمۇ يار بوپتۇ.
)>قەشقەر ئەدەبىياتى< نىڭ 1985 - يىللىق 1- سانىدىن ئېلىندى.(